ئۇيغۇر ئوغلى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوۋ
تۇرسۇن ئەرشىدىن ئۇيغۇر ئوغلى —— نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوۋ (پوۋېست) مۇندەرىجە p{QKj3ov 1. «نەزەر خوجىكام ئەمدى كەلمەيدۇ» 8o!^ZOmU< 2. «غۇلجا» ئىسىمنى ئىككى قېتىم ئاڭلاش FnU;n 3. دادىسىدىن ئۆگەنگەن يوللار G#M]\)f% 4. «قۇرۇق پاراڭ» *wx^mB9 5. پەننى مەكتەپكە كىرىش =!Cvu.~}, 6. ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق جەمئىيەتكە تونۇلۇش a"N_zGf2$ 7. كىيىملىرى بىلەن ياتقان يەنە بىر كۈن {.)D)8` 8. ئۆزەمدىن باشلايمەن #&gy@!a~ 9. ئۆگىنىشتىن چىقىرىلغان خۇلاسە [K QZHIe 10. ئائىلىۋى سۆھبەت k}gs;|_ 11. يەتتە سۇ تارانچىلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى YiMecu 12. كاللىغا كىرىۋالغان خىيال tx-bzLo\ 13. ئۈچ چىكىم ناسۋال 4'*K\Ul).H 14. قەشقەرىيە ئەھلىگە قىلىنغان سۆز fba3aId[ 15. تېڭىرقاپ قېلىش r8$TT\?~ 16. يەتتە سۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشى I'hQbLlG 17. يەتتە سۇدىكى شۆھرەتلىك قەلەمكەش
`Ea3z~<7M 18. «تارانچى» ، «ئۇيغۇر» ھەققىدە مۇنازىرە .
}wir, 19. ھۆكۈمەتنىڭ قۇدرىتى، ھاكىمىيەتنىڭ قۇدرىتى، ھوقۇقنىڭ قۇدرىتى d8I/7
;F X 20. ھارۋىكەش u a-p^X`w 21. مۆكۈنۈپ ياشاش :C5N(x 22. ئۈستىدە گۈل ئېچىلغان ئىككى قەبرە $6N.ykJ 23. «قەلەمنى توختاتماڭ!» "d'@IN 24. ئۇستاز '@FKgy;B)- 25. خاتىمە @({65 gJ* eL.S=" fqi5
84
«نەزەر خوجىكام ئەمدى كەلمەيدۇ" }.#C9<"} 1952 - يىلى ئاخىرقى كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئەتىگەندىلا پارقىراپ چىققان قۇياش ئىلى دەرياسىنىڭ شاۋقۇنلۇق دولقۇنلىرىنى جىمىرلىتىشقا باشلىغانىدى. بۇنداق ئوچۇق ھاۋادا كېمىچىنىڭ ئوقىتىمۇ ياخشى بولاتتى. شۇڭا ئەتىگەندىلا كېمىنىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە ئات ھارۋا چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە قۇرۇغان بېدە، بەزىلىرىگە بۇغداي، بەزىلىرىگە قوناق، بەزىلىرىگە بولسا قوراي بېسىلغانىدى. ئۇلاردىن باشقا يەنە بىر توپ كالا - قويلارنى ھەيدەپ كەلگەن بىر نەچچەيلەنمۇ بار ئىدى. ?w.Yx$Z" يەنە نېمىگە ساقلايمىز، ھەيدىمەمسەن كېمەڭنى، - ئالدىراتتى كېمىگە ئەڭ باشتا چىققان، مال بازىرىغا ئېلىپ ماڭغان قويلارنىڭ ئېگىسى، - بازار تارقاپ كەتسە بۇلارنى دەڭگە ھەيدەپ يۈرمەي يەنە. بازارغا كېچىكىپ زىيان تارتسام ئۇ زىياننى سەن تۆلەپ بەرمەيدىغانسەن؟ \(Iy>L. - راست، ئەمدى بولدى، ھەيدە، - دېدى يەنە بىرىمۇ، - ئادەممۇ، ئات ھارۋىلىرىمۇ توشۇپ كەتتىغۇ كېمەڭگە. نىمانداق دەريا كۆرمىگەندەك سۇدىن كۆزۈڭنى ئۈزەلمەيسەن، بول تېز ھەيدە! .gB#g{5+J - ئالدىرىماڭلار، - دېدى ئېڭىكىنى كېمە پالىقىنىڭ دەستىگە قويۇپ، ئىككى پۇتىنى ئالماپ، شارىلداپ ئېقىۋاتقان سۇغا قاراپ تۇرغان كېمىچى سۇ يۈزىدىن كۆزىنى ئېلىپ، - ئاۋۇ ھارۋا يېتىپ كەلسۇن، - ئۇ شۇنداق دېگەچ يەنە ئېڭىكىنى بىلەن ئەگرى - بۈگرى توپىلىق ھارۋا يولىنى ئىشارە قىلدى. ھەممەيلەن كېمىچىنىڭ ئېڭىكى بىلەن ئىشارە قىلغان تەرەپكە قاراشتى. راست دېگەندەك سېرىق توپىلىق ھارۋا يولىدا قويۇق توپا - چاڭ كۆتۈرۈپ بىر ئاتلىق كۆتەك ھارۋا كېلىۋاتاتتى. ئۇ ھارۋىنىڭ ئۈستى بورا بىلەن ئايلاندۇرۇپ يېپىلغان بولۇپ، يىراقتىن خۇددى ساغۇچ بۆشۈكتەك كۆرۈنەتتى. (:-=XR9
A` - ۋاي - ۋۇي ئۇ ھارۋا قاچان كېلىپ بولىدۇ، بۇنداق شار - شار توپىدا، - غودۇرىدى بىرى قولىنى سايىۋەن قىلىپ، يىراقتا چايقىلىپ - چايقىلىپ، ناھايىتى ئاستا كېلىۋاتقان ھارۋىغا قاراپ. Lr_+)l - شۇ ئەمەسمۇ، دەۋاتقان گېپىنى قاراڭلار بۇنىڭ ! ئۇ بۇ يەرگە كەلگۈچە كۈن چۈش بولمامدۇ، بىزنى بىكارچى دەپ ئويلاۋاتامسەن - يە؟! ئىشىمىز چېچىمىزدىن تولا جۇمۇ بىزنىڭ ... سودىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈپ نېمە قىلماقچىدىڭ... ZI-)' - كېمىچى بولغاندىكىن، ھەممىنى بىراقلا ئۆتكۈزىمەن دېمەي، يېنىك - يېنىك ماڭمامسەن، كۆردۈڭمۇ، ئەنە ئاۋۇ سىم ئارقىنىڭمۇ لەگلەكنىڭ تارازىسىدەك تىرىسسىدە بولۇپ كەتكىنىنى ... ئەگەر دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغاندا «تارس» قىلسا ئىشنى ئوخشىتىدۇ. /\(0@To - ھوي، ئەتىگەندىلا ئېغىزىڭنى ئۈششۈتمىسەڭچۇ، ئېغىزىڭدىن سائەت چىقىپ كەتمىسۇن - يەنە، - دېدى بىرى دەريا ئۈستىدە كېمىنى تۇتۇپ تۇرغان بېلەكتەك توملۇقتىكى سىم ئارقانغا قاراپ. ئۇنىڭغا يوغان تۆمۈر غالتەك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ تۆمۈر غالتەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرمەك قىلىپ باغلانغان يەنە شۇنداق بېلەكتەك توم سىم ئارقاننىڭ يەنە بىر ئۇچى كېمىنىڭ گىرۋىگىدىكى يوغان تۆمۈر قوزۇققا باغلانغانىدى. بۇ كېمە ئىككى يوغان قولۋاقنى كەڭ ئارىلىق قالدۇرۇپ، ئۈستىگە بىر غىرىچتەك كەڭلىكتىكى تاختايلار بىر - بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇپ ياتقۇزۇلۇپ ياسالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستى ناھايىتى كەڭ ھەم مەزمۇت بولۇپ، بىر نەچچە ھارۋا، قىرىق - ئەللىك ئادەم بەھوزۇر پاتاتتى. بىراق شۇنچىلا يوغان مەخلۇق، شۇنچىلا ئات - ھارۋىلار، مال - ۋارانلار بىلەن ئادەملەر چۈشكەن بۇ كېمە دەريانىڭ ئۇ قىرغىقى بىلەن بۇ قىرغىقىنى تۇتاشتۇرۇپ تارتىلغان ئەشۇ سىم ئارقان ئارقىلىق ئىككى قىرغاق ئارىلىقىدا قاتناپ تۇراتتى. بىر تەرىپى قىرغاققا چىڭ چاپلىشىپ تۇرغان بولسىمۇ، كۈچلۈك دەريا دولقۇنىدا توختىماي چايقىلىپ تۇرغان كېمىگە چۈشكەن ئادەملەر ھېلىقى كىشىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ۋەھىمىگە چۈشتى. بىرلىرى ئىچىدە دۇرۇد ئوقۇشقا باشلىدى. بىرلىرى قاچاندۇر بىر ۋاقىتلاردا ئەشۇ توغرا تارتىلغان سىم ئارقان ئۈزۈلۈپ كېتىپ كېمىدىكى ئات - كالا، ئادەم - بالىلارنىڭ دەرياغا غەرق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ، كۆزلىرى ئالا - چەكمەن بولۇپ كەتتى. ma?$@]`k - بوپتۇ، بىر ئاز تەخىر قىلايلى، - دېدى بىرى كېمىدىكىلەرنىڭ كەيپىياتىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرۈتۈپ چىققاندىن كېيىن، - «ئالدىراقسانلىق شەيتاننىڭ ئىشى» دېگەن گەپ بار، بۇ ئالەمدە رىسقىڭلار بولسا بازارغىمۇ ئۇلىشىسىلەر، ئاۋۇ ھارۋا يېتىپ كەلسۇن، قارىغاندا ئۇمۇ بىزنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى پەملىگەن ئوخشايدۇ. قاراڭلار ئەمدى ئۇ ھارۋىكەش ئاتنى بولۇشىچە قامچىلاۋاتىدۇ، - قوشۇپ قويدى. دوغلاق كەلگەن - بۇرتىنى پاكىز ئالغان بىر ئادەم، چىپەرقۇت چاپىنىنىڭ مەيدە يانچۇقىغا قىستۇرۇۋالغان قەلىمىنىڭ پارقىراق توپچىسىنى سىيلاپ قويۇپ. fOF02WP^ كېمىدىكى ئادەملەر بىردىنلا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بازارغا ئالدىرىغان ھارۋىكەشلەر، مالچىلار قەلەم قىستۇرۇۋالغان ئادەمنڭ گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئەۋزەيلەشكە باشلىدى. P
BpjE}[Q
- ئەپەندى بولسا كېرەك - بۇ؟! ئەپەندى دېگەنلەرنىڭ كۈنى ئۆتسىلا بولدى، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتۈۋېرىدۇ، شۇڭا ئالدىرىمايدۇ! 4hr;k0sD - بىز دېگەن ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ جاھاندارچىلىق قىلىدىغان تۇرساق، بالا - ۋاقىلىرىمىز بىزنىڭ مۇشۇ قوراي - چارۋىلىرىمىزغا، بۇغداي، قوناقلىرىمىزغا، كالا، قويلىرىمىزغا قاراشلىق تۇرسا، «بېگىمنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق" دېگەن شۇ - دە!... uL1e? - بولدى، بولدى، غەلۋە قىلماڭلار، ئۇ ھارۋا ئەنە يېتىپ كەلدى! - ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ كېمىدىكىلەرگە قول شىلتىدى بىرى. ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىشىپلا دېگۈدەك ھېلىقى بورا مەپىلىك ھارۋا جالداقلاپ كېمىگە چىقتى. ئۇنىڭ كېمىگە چىقىشى بىلەن كېمە تېخىمۇ چايقالدى، ئېگىز - پەس داۋالغۇدى. بىراق بۇنىڭغا ھېچكىم پەرۋا قىلىپمۇ قويمىدى. شۇنداقلا قارا تەرگە چۈمگەن ئاتنىڭ ھالسىراپ، ئېغىزىدىن كۆپۈك چىقىرىپ، پۇشقۇرۇپ شالىنى چېچىشلىرىغىمۇ ئېرەن قىلمىدى. ئۇلار پەقەت ھېلىقى ھارۋىنىڭ ئاخىرى كېمىگە چىققانلىقى ھەم ھارۋا شوتىسىدا ئىككى پۇتىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغان ياش ھارۋىكەشنىڭ مەپە ئىچىگە تېز كۆز يۈگۈرتۈپ قويۇپ، ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشكەنلىكى ھەم ھاسىراپ پىشانىسىدىكى تەرلەرنى قامچا تۇتۇپ قاسماقلىشىپ كەتكەن قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن سۈرتكىنىچە، خۇددى ئۆزىنىڭ ئېتىغا ئوخشاش چىلىق - چىلىق تەرگە چىلانغان يۈزىنى كېمىچىگە بۇراپ: :w_Zr
5H] - ئۇستام، چاپسان، چاپسان، - دېگىنىگىلا دىققەت قىلدى. ئۇنىڭ كېمىچىگە كېمىنى نېرىقى قىرغاققا تېز ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قىلغان ئۆتۈنۈشى ناھايىتى جىددىي ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇ ئۆتۈنۈشى كېمىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولغانىدى، شۇڭا ھەممەيلەن ئىچىدە خۇشال بولۇشتى. ئۇنىڭ جىددىي ئەلپازىنى كۆرگەن كېمىچىمۇ جىددىيلەشتى. ئۇ ئىتتىك ھەرىكەتكە كەلدى. ئۇنىڭ بايقى بوشاڭلىقى، ھورۇن قىياپىتى ئاللىقاياقلارغا غايىب بولغانىدى. ئۇ پالاق دەستىسىگە يۆگەلگەن ئارغامچىنى تېز بوشىتىپ، يوغان لىمنى يالپاقداپ ياسالغان ئېغىر پالاقنى كۈچ بىلەن ئىتتىردى. بەش - ئالتە يۈكلۈك ھارۋا، ئون نەچچە قوي، تۆت - بەش كالا، يىگىرمىگە يېقىن ئادەمنى باسقان بۇ غايەت زور كېمە ئەشۇ بىر كېمىچىنىڭ پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇش بىلەن قىرغاققا «گۆلدۈر» قىلىپ تېگىپ تىتىرەپ كەتتى - دە، ئېغىر دەم ئالغاندەك رۇسلىنىپ قىرغاقتىن ناھايىتى تەستە ئايرىلدى. توغرىسىغا تارتىلغان سىم ئارغامچىغا چېتىلغان تۆمۈر غالتەكمۇ يېنىك غىرىلداپ كېمە بىلەن تەڭ قىرغاقتىن ئايرىلىپ غىرقىراپ كەتتى. I3uaEv7OZc - پاھ، شۇنچىۋالا ھەشەم - دەرەمنى ھەيدەپ كېتىۋاتقىنىنى قارا، ئاجايىپ - ھە؟! - دېدى بىر ياش بالا. بۇ ئۇنىڭ بۇنداق كېمىگە تۇنجى قېتىم چىقىشى بولسا كېرەك. ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ ھەيران بولغان ھالدا، - ئەشۇ بىرلا ئادەم شۇنچە كۆپ يۈكنى پەي ياستۇقنى يۆتكىگەندەك ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ! ... iW(HOsA - بۇلار قانچىلىك ئىش ئىدى؟ - دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى يەنە بىرى، - بۇ كېمە بارغۇ، كوڭكىلارنىمۇ توشۇيدۇ، كوڭكىلارنى! مۇشۇ كېمىچى ئەخمەت ئەپەندىملەر بىلەن چۈشكەن كوڭكىكلارنىمۇ ئۇ قىرغاقتىن بۇ قىرغاققا، بۇ قىرغاقتىن ئۇ قىرغاققا ئۆتكۈزگەن راست، شۇنداق قىلغان ... بۇ. گەپ - سۆزلەرنىڭ ئۆزى توغرىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەن كېمىچى قولىنى پالاقتىن سەل بوشىتىپ، گىدەيگەندەك گەۋدىسىنى ئازراق كۆتۈرۈپ قويدى. )l[<3<@s كېمە نېرىقى قىرغاققا قاراپ تېز سۈرئەتتە غۇيۇلداپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. ئەمدى ھەممىنىڭ كۆزى بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان، ئۆزلىرى تەشنا ھەم تەقەززا بولۇۋاتقان قىرغاققا تىكىلگەنىدى. توساتتىن ھەممىنى پاراكەندە قىلغان بىر ئىش يۈز بەردى. ئۈستى بورا بىلەن مەپە قىلىنغان ھارۋىدىن يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. ھارۋىكەش ھارۋىسىنىڭ شوتىسىغا ئىرغىپ چىقتى - دە، مەپىنىڭ ئىچىگە قارىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە چىت ياغلىقىنى كۆزىگىچە چۈشۈرۈپ چىگىۋالغان ئايال يوتقانغا ئوراپ قويۇلغان كالتە ساقاللىق ئادەمنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ بۇقۇلداپ يىغلاپ ئولتۇراتتى. E{[c8l2B - نېمە؟ بولالمىدى؟ جان ئۈزدى؟ .... - ئارقا - ئارقىدىن سورىدى ھارۋىكەش. 7L|w~l7R~ - كىم ... كىم جان ئۈزدى؟ - پەقەت شۇ چاغدىلا بورا مەپىلىك ھارۋىغا دىققەت قىلغان كۆپچىلىك تۇشمۇ تۇشتىن سوراپ، سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار شۇنداق دېيىشكىنىچە ھارۋىنىڭ ئالدى - ئارقىسىدىن بويۇنداپ، مەپە ئىچىگە قارىشاتتى. p+SFeUp نەزەر خوجا؟ نەزەر خوجىكام؟ ^W5rL@h_ - «بىرلىك مەكتەپ» نى قۇرغان نەزەر خوجىكاممۇ؟ - ھېلىقى قەلەم قىستۇرۇۋالغان ئادەم چايان چېقىۋالغاندەك چۆچۈگەن ھالدا ئالدىراپ سورىدى. ئاندىن ئۇ ھارۋىنىڭ شوتىسىغا ئېسىلىپ چىقىپ، مەپىنىڭ ئىچىگە كىردى، - ھوي مەن تۆنۈگۈنلا كۆرگەن ئىدىمغۇ؟! - ئۇ تېخىچە نەزەر خوجىنىڭ بۇ يەردە، كېمىنىڭ ئۈستىدە، يەنە كېلىپ بورا مەپىلىك كۆتەك ھارۋىنىڭ ئىچىدە ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغانلىقىغا ھېچ ئىشىنەلمەيۋاتاتتى. 7(rTGd0 - تۆنۈگۈن بىر ئوبدان تۇراتتى. كېچە بۇرنى قاناپ زادى توختىمىدى، ئاخىر بولالماي تاڭ سەھەردىلا شەھەرگە دوختۇرغا ئېلىپ مېڭىۋېدۇق ... D|/Azy.[ نەزەر خوجىكام، ئەخمەت ئەپەندىملەر ئالايىتەن چىقىپ يوقلىغان ھېلىقى ئادەم ئەشۇ ھارۋىدا ئىكەن، ئاغرىقكەن ... ھازىر جان ئۈزۈپتۇ ... - بېدە باسقان باشقا بىر ھارۋىكەش مالچى دوستىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى. >d!w&0z> - نېمە دەيسەنوي، راستما؟ - مالچى قويلىرىنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ، ھارۋا ئارقىسىدىكى بويۇندىشىپ تۇرغان ئادەملەرنىڭ توپىنى يېرىپ ئۆتۈپ ھارۋىغا چىقتى - دە، چىرايى داكىدەك ئاقىرىپ كەتكەن، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان ھالدا ياتقان نەزەر خوجىنىڭ چىرايىغا بىر پەس تىكىلىپ تۇردى - دە، ئاندىن ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشۈپ كېمىچىگە قاراپ ئاچچىق ۋارقىرىدى: &Y%Kr`.h - ھوي، ئاڭلىمىدىڭمۇ، نەزەر خوجىكام تېخى بايىلا مۇشۇ ھارۋىدا جان ئۈزۈپتۇ ... ھە، تېخى بايىلا، بولۇمسىزلىقىمىزنى قارا، نەزەر خوجىكام ھېلىلا ھاياتكەن، يېنىمىزدا تۇرسىمۇ سەزمەپتىمىز، كېمەڭنى توختات، ئارقىمىزغا يانىمىز. .\= GfF' كېمىچى ھېلىلا «بازارغا ئالدىرايمىز» دەپ قاخشىغان بۇ ئادەمنڭ ئەمدى «كېمىنى كەينىگە قايتۇر!» دەپ ۋارقىراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ كېمە پالاقلىرىنى تۇتقىنىچە تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. چۈنكى كېمە يېڭى قىرغاققا يېقىنلىشىشقا ئازلا قالغان ئىدى. Y$uXBTR`y/ - بولدى، كەينىگە قايتۇر، بازار دېگەندىن كەچتىم، نەزەر خوجىكامنى تېزدىن يەرلىككە قويمىساق بولمايدۇ! d|k6#f-E - بولدى، كەينىگە قايتۇر، شەھەر قېچىپ كەتمەيدۇ. ئەمما نەزەر خوجىكام ئەمدى كەلمەيدۇ، تېز بول، كەينىگە قايتۇر! $'btfo4H - ھە، قايتايلى. 1,=U^W.G - ھەممىمىز قايتىمىز، نەزەر خوجىكامنى ئۇزىتىمىز! {LYA?w^GT كېمىچى كۆپچىلىكنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپلا، ئۇلارنىڭ بىردەمدىلا مىسكىنلىك، ھەسرەتلىك، ئالاقىزادىلىك ئەكس ئېتىپ تۇرغان چىرايلىرىغا، تۈرۈلگەن قوشۇمىلىرىغا، ھەيرانلىقتا چوڭ ئېچىلغان مەيۈس ھەم ياشلىق كۆزلىرىگە قارىدى، ھېچكىمدە شەھەرگە كىرىش خىيالىنىڭ قالمىغانلىقىنى چۈشەندى - دە، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، پالاقلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇپ، كېمىنى بايا كەلگەن قىرغاققا توغرىلىدى - دە شۇ ياققا يۈرۈپ كەتتى. كېمىچىنىڭ چىڭقىلىپ قىزىرىپ كەتكەن چىرايى، تىرەجەپ تۇرغان پۇتلىرى، كۆپۈپ چىققان گۈرەن تومۇرلىرىغا قاراپ ئۇلۇغ ئېقىندا ئۇنىڭ كېمىنى قايتۇرۇشقا چامى يەتمەيۋاتقانلىقىنى دەرھال بايقىغان مالچى بىلەن ئوتۇنچى يۈگۈرۈپ كېلىپ پالاققا چىڭ يېپىشتى. ئۇنىڭغىچە باشقىلارمۇ ياردەم قىلىشقا باشلىدى. Iz,a
Hrq ئۈستىگە ئېغىر يۈك ئارتىلغان كېمە، ئۆزىنىڭ كېلەڭسىز گەۋدىسىنىڭ قاتتىق سېلكىنىپ دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ قالغىنىغا نارازى بولغاندەك خېلىغىچە چايقىلىپ بىر ئىزىدا تۇرۇپ قالدى، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ قىقاس - چۇقانلىرىنى ھەم كۈچىشى بىلەن يەنە كەلگەن قىرغاققا قاراپ خېلى كۈچىگەندىن كېيىنلا قىرغاق تامان سىلجىپ تېز - تېز يۈرۈپ كەتتى. ~j}di^<{ PeEf=3 « غۇلجا » ئىسمىنى ئىككى قېتىم ئاڭلاش شاۋغۇن - سۈرەنلىك ئىلى دەرياسىنىڭ ئۈستىدە ۋاپات بولغان ئەشۇ ئادەم ئەسلىدە 1887 - يىلى چاررۇسىيە تەۋەلىكىدىكى يەتتە سۇ گوبېرناتورلىقىغا قاراشلىق غالجات يېزىسىدا تۇغۇلغانىدى. بۇ شۇ چاغدا بەشيۈز تۈتۈنلۈك كىچىككىنە بىر يېزا ئىدى. بىراق ئاشۇ كىچىككىنە يېزىدا بىر يىلى چوڭ چاتاق چىققانىدى. بىر كۈنى پۈتۈن يېزىنىڭ يېرىمىدىن كۆپ ئاھالىسى قولىغا تاياق - توقماقلارنى، ئارا - گۈرجەكلەرنى، ھەتتا پالتا - نەيزىلەرنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقتى. يېزىنىڭ تار كوچىلىرىغا خۇددى قىياندەك يامراپ كېلىۋاتقان خەلق توپى شۇ قېتىم پۈتۈن يېزىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بەئەينى توختام سۇدەك جىمجىت تۇرغان تىپ - تىنچ يېزا بىردىنلا «ئۇر، چاق، ۋەيران قىل» دېگەن دەھشەتلىك ئاۋازلارغا تولدى. ھەممىنى دەھشەت باستى، ھەممەيلەن ۋەھىمىگە ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالدى. <^6|ZgR بۇ نەزەر خوجىنىڭ تېخى ئەمدىلا يەتتە - سەككىز ياشلارغا كىرگەن، بالىلىقىنىڭ مەسۇم مەزگىلىدە تۇرغان ۋاقتى ئىدى. |0:<Z(
- پاھ، پاھ، نېمە دېگەن جىق ئادەم بۇ؟ - نەزەر خوجا يېزا ئاسمىنىنى خۇددى گۆلدۈرمامىدەك تىتىرىپ ۋارقىرىشىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تەييار بولغان چېيىغىمۇ قارىماي يۈگۈرگەن پېتى تالاغا چىقتى - دە، ئىشىك ئالدىدا ھەيرانلىقتا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. F?&n5 |