查看完整版本: [-- ئۈزۈلمەس دىيالوگلار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> ئۈزۈلمەس دىيالوگلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-03-12 14:54

ئۈزۈلمەس دىيالوگلار

ئۈزۈلمەس دىيالوگلار
ئاپتورى:پاتىگۇل نىياز
l3.HL> o  
{@({po  
,%D \   
(1) >/-<,,<\C  
ـــ ئاپا، سۇ!... eB5; wH  
ـــ مانا سۇ بالام! ix6j=5{  
ـــ ئاپا، نان... ax,%07hJ  
ـــ مانا يۇمشاق نان... He~) i)co  
ـــ ئاپا،ئاپا، ئاپا... 3)p#}_u{  
ـــ نېمە دەيسەن قوزام؟! نېمە دېسەڭ شۇنى بېرەي، جېنىم سەندە! يۈرىكىم سەندە... / 9^:*,  
  R~PD[.\u  
MB%yC]w8  
(2) sWa`-gc  
ـــ ئاپا، مەن ئوينايمەن... Rm>AU=  
ـــ ئوينا بالام، ئوينا كۆزۈم سەندە،  _xjw:  
ـــ ئاپا، ماڭا چۆچەك ئېيتىپ بەرمىسەڭ ئۇخلىمايمەن. 0go{gUI  
ـــ ماقۇل، قوزام «چىنتۆمۈر باتۇر، تۆمۈر بېلىق...، ياغاچ ئات...» قايسىنى ئېيتىپ بېرىمەن قوزام؟ lkl+o&D9  
ـــ ھەممىسىنى، ھەممىسىنى.... <A@}C+  
ـــ ياغاچ ئات ئۇچۇپتۇ، ئۇچۇپتۇ، ئۇ-چۇپ-تۇ... y=.`:EB9b  
ــ ئاپا، ئۇخلاپ قالدىڭغۇ؟، ياغاچ ئات ئۇچىۋېرەمدۇ؟ ئۇ يەرگە قونمامدۇ؟ z{$2bV  
ـــ ياق بالام، مەن ئۇخلىمىدىم، چۆچەكنى ئېيتىپ قەيەرگە كەلدىم؟! *62Cf[a  
ـــ ياغاچ ئۇچۇپ يەتتە قات ئاسماننىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقىپتۇ... [A\DuJx  
ـــ ئاڭلىدىڭمۇ بالام، ياغاچ ئات ئۇچالامدىكەن؟ ئۇچۇرالىساڭ ئۇچىدۇ بالام! سەنمۇ ئۇچىسەن بىر كۈنى ئاشۇ ساماۋىي يۇلتۇزلارغا سەپ بولۇپ! c`,'[Q5(O  
ـــ...  
ـــ ئۇخلا قوزام، چۈشلىرىڭدە چۆچەكلىرىڭگە سىڭىپ كەت. qzk!'J3*r<  
 (3) -sqd?L.p  
ـــ ئاپا مەن مەكتەپتە ئوقۇيمەن. GD-L0kw5  
ـــ سەن تېخى كىچىك قوزام، >Py :9~ g,  
ـــ ياق مەن چوڭ بولدۇم، قارا ئايىقىمنى ئوڭ كىيدىم، يۈزۈمنى يۇدۇم، يەنە تېخى ئاشنى چاچماي يىدىم... قانداق مەن چوڭ بوپتىمەنمۇــ ئاپا! &v)/mc7D  
ـــ ئوغلۇم راستلا چوڭ بولۇپسەن...يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن چوقۇم مەكتەپكە بارىسەن قوزام!... 8hV>Q  
ـــ ئاپا، قاچان ئىككى يىل بولىدۇ؟... تاۋۇز پىشقاندا-ھە! {zIcEN$ ~  
ـــ ياق بالام، ئىككى قىش، ئىككى باھار ئۆتكەندە... ئىككى قېتىم تاۋۇز پىشىپ،مەي باغلىغاندا... >PYc57S1c  
ـــ ئاپا قاچان تاۋۇز پىشىدۇ؟!.. ntxa FVD  
ـــ پىشىدۇ بالام، تاۋۇز پىشىدۇ. ھەر يىلى تاۋۇز پىشقانچە سەنمۇ ھەم پىشىپ بارىسەن تۇيمايلا!... kO/YO)g  
8b"vXNB.f  
1* ?XI  
;w;+< Rd  
(4) :z`L)  
ـــ ئاپا، مەكتەپكە ماشىنامنى، سۇ تاپانچامنى ئاپىرىپ ئوينىسام بولامدۇ؟ =d$m@rc0r  
ـــ ياق، بالام بولمايدۇ. ئەمدى سەن ئامراق ئويۇنچۇقلىرىڭغا خوش دېگىن. مەكتەپتىن ساڭا نۇرغۇن يېڭى ئويۇنچۇقلارنى بېرىدۇ. چىرايلىق رەسىملىك كىتابلارنى، ماڭسا ئىزى قالىدىغان قەلەملەرنى، كۆڭۈل بېتىڭدەك ئاق دەپتەرلەرنى بېرىدۇ، بالام. ئەمدى ئۆيدىمۇ، مەكتەپتىمۇ ئاشۇ ئويۇنچۇقلارنى ئوينايسەن قوزام... 19bqz )  
ـــ ھەجەپ قىزىقكەن-ھە! ئاپا، ئاپئاق قەغەزلەردىن ئايروپىلان ياساپ ئۇچۇرسام-ھە! ئاپا، ئىزى قالىدىغان قەلەمنى نېمە قىلىمەن؟! xB_7 8X1  
ــ بالام، ئىزى قالىدىغان قەلەمدە ئۆزۈڭ باسقان ئىزلارنى خاتىرلەيسەن... ئاق قەغەزلەرگە ھايات ھېكمەتلىرىڭنى يېزىپ چىقىپ، كەلگۈسىدە تۇرمۇش قايناملىرىدا ئۈزۈپ ماڭىدىغان كېمىلەرنى ياسايسەن... يەنە تېخى ئارمانلىرىڭنى ئايروپىلان قىلىپ ئۇچۇرىسەن... K_Kz8qV.?  
ـــ بىلدىم ئاپا، ئەمىسە چىرايلىق رەسىملىك كىتابلارغا سېنى، دادامنى، ئۆزۈمنى سىزىپ قويسام بولامدۇ ـــ ئاپا؟ ]4Q~x  
ـــ بولىدۇ ئوغلۇم، مۇمكىن بولسا بىزنىڭ ۋە ئۆزۈڭنىڭ سۈرىتىنى كىتابقا ئەمەس يۈرۈكىڭگە سىزىپ چىققىن. ئۈمىدىم سەندە... C_ W%]8u  
(5) 2E.D0E Cu  
ـــ مەن مەكتەپكە بارمايمەن ئاپا، بالىلار مېنى بوزەك قىلدى،... |H %,>r`9S  
ـــ ياق بالام ئۇنداق دېمە، سەن دوستلىرىڭنى چۈشەنمەپسەن... ئەسلى ئۇلارنىڭ سەن بىلەن دوست بولغىسى بار ئىكەن. شۇڭا ئۇلار سەن بىلەن ئېيتىشىپ قالغان گەپ. ?^U1~5ff)  
ـــ ئاپا، مەن ئۇلارغا چېقىلمىساممۇ، ئۇلار ماڭا چېقىلدى. AQs_(LR  
ـــ بۇ بولماپتۇ بالام، سەنمۇ ئۇلارغا يېقىنلاش. شۇندىلا سەن ئۇلار بىلەن دوست بولۇپ قالىسەن...  s-S|#5  
ـــ ياق، ئاپا مېنىڭ سەن بىلەنلا دوست بولغۇم بار. مەن ئۇلارغا ئۆچ! (X|lK.W y  
ـــ بۇ دېگىنىڭ توغرا بولمىدى، قوزام. «ئۆچ» دېگەن سۆزنى تىلغا ئالغۇچى بولما بۇ بەك ئەسكى سۆز...سەن دېمىسەڭمۇ ئىككىمىز دوست. لېكىن سېنىڭ يەنە داداڭ ئىككىمىزدىن باشقا جىق دوستلىرىڭ بولۇشى كېرەك... چۈنكى سەن يالغۇزلىقىڭ بىلەن ئادەم بولالمايسەن...ئادەم ئادەم بىلەنلا ئادەم بولىدۇ... بىلدىڭمۇ قوزام!؟ !I Byv%m&\  
(6)  KRh?{  
ـــ ئاپا، مەن ھەممە ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپتىمەن. I z)~h>-F  
ـــ ياخشى بوپتۇ بالام، سەندىن ئېلىنىدىغان ھايات ئىمتىھانلىرى تېخى ئەمدى باشلاندى. ئاي-كۈنلەر سېنى تۈرلۈك ئىمتىھانلارغا يۈزلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. گەرچە ئىمتىھان بىر سىناق بولسىمۇ، ئۇ سېنىڭ ئىرادەڭنى تاۋلايدۇ. سەن پەقەت ئىمتىھانلارغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە تىرىشساڭلا ئەجرىڭگە لايىق نەتىجىگە ئېرىشەلەيسەن. مۇمكىن بولسا سەن ھەممە ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈشكە تىرىشقىن. _UUp+Hz  
X -5&c$hv  
E" b" VB  
.8Gmy07  
(7) e[J0+ x#;r  
ـــ ئاپا، ماڭا ياخشىراق كەسپ تاللىشىپ بېرەمسەن؟! R6 dD17  
ـــ، ماقۇل، بالام. لېكىن ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈڭنىڭ ئارزۇسى بويىچە تاللىغىن. ئىشەنچەڭ بولسۇن ئۆزۈڭگە... ;PhX[y^*  
ـــ بىلسەڭ ئوغلۇم! مېنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇلىرىمنىڭ كۈلرەڭ شولىسى چىرايلىق ئارمانلىرىڭغا سوغۇق سايە تاشلاپ قالمىسۇن دەيمەن، چۈشەندىڭمۇ؟!... oj~0zJI  
ـــ چۈشەندىم ئاپا، ئەمىسە ئۆزۈم تاللاپ بولغاندا كۆرۈپ باققىن بولامدۇ؟! (eJYv: ^  
ـــ بولىدۇ ئوغلۇم، ئۇنىڭسىزمۇ ھەردەم ئوي-پىكرىم سەندىلا... >L>t$1hXM  
}w8:`g'T0/  
 (8) ^gD%#3>X  
ـــ ئوغلۇم، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرۇپتۇ، سەن يىراق سەھرالارغا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەكلا قىلىسەن مېنىڭ سەندىن زادىلا ئايرىلغۇم يوق. بۇ قېتىم شەھەردىكى نۇرغۇن ئىدارىلەرگە ئادەم ئالىدىكەن، لېكىن كەسىپ چەكلەنمەيدىكەن ئىمتىھان بېرىپ باققىن بولامدۇ؟! RAW(lZ(  
ـ ئاپا، مېنىڭمۇ سەندىن پەقەتلا ئايرىلغۇم يوق. لېكىن مېنىڭ يىراق ۋە جاپالىق بولسىمۇ، ئۆز كەسپىمنى قىلغۇم بار. مېنى توسۇمىغىن!...  R)?zL;,x  
ـــ جاپا تارتىپ قالارسەنمۇ؟! سەن ئوغۇل بالا، تاماق ۋە تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالارسەنمىكىن دەيمەن!... yPqZ ,  
ـــ ياق ئاپا، مەن ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ، ۋايسىمايمەن. چۈنكى، مەن ئوغۇل بالا! جاپاغا چىداشنى سەندىن ئۆگەنگەن مەن. XABI2Ex  
6{r^ 3Hz  
oG)JH)!  
0?",dTf3i  
(9) D$RQD{*  
ـــ ئوغلۇم، ئەمدى چوڭ بولدۇڭ، كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا تويىڭنى قىلىپ، بېشىڭنى ئوڭشىۋەتسەم بولاتتى... bS+by'Ea1W  
ـــ ئاپا، ئادەمنى خىجىل قىلمىغىنا، تېخى ۋاقتى ئەمەس! مېنى چوڭ بولدۇڭ دېدىڭغۇ؟! شۇڭا مېنىڭ تۇرمۇش ئىشىمدىن غەم قىلمىغىن!... ':fq  
ـــ ئوغلۇم، مەن ياشىنىپ قالدىم قاچان ۋاقتى كېلىدۇ؟ ئېيتقىنا قېنى؟!... `R]9+_"N  
ـــ ئاپا، سەن شۇنداق چىڭ تۇرىۋالساڭ مەن نېمە دېيەلەيتتىم ئەمدى؟!... تەييارلىقىڭ بولسا، مېھمىنىڭنى باشلاپ كېلەي! dE+xU(\, w  
ــ جېنىم بىلەن، ئوغلۇم! قېنى باشلاپ كەلگىن. قۇرغۇيۇڭ سېنى ۋە كەسپىڭنى قوللامدۇ؟! `um#} ify#  
ـ جېنىم ئاپا، ئارتۇقچە ۋاھىم يېمە! ئۇ مېنى چۈشىنىپلا قالماي، سېنىمۇ چۈشىنىدۇ... كەسپ ئۈچۈن، ئاشۇ گۈزەل چۈشىنىش ئۈچۈن تاغ-دەريالارنى ئاتلاپ كېلىپ كەسپتە تايانچىم، تۇرمۇشىمدا يۆلەك بولۇپ كېلىۋاتىدۇ... pC2r{-  
ـــ بەختىڭنى بەرسۇن، بالام! ئۈمىدىم يەردە قالمىغۇدەك... H[guJ)4#@  
ــ ئاپا، سەن مېنىڭ سانسىز ئۈمىدلىرىمنى يەردە قويماي مېنىڭ بۈگۈنىمنى ياراتتىڭ... سېنىڭ ئەجرىڭنىڭ ئالدىدا مېنىڭ قىلغانلىرىم نېمە ئىدى دەيسەن!؟ 3y%B&W,sm  
ـــ ئوغلۇم، مەن ساڭا پەقەت بىر ئانا بېرىشكە تېگىشلىك مۇھەببىتىمنىلا بېرەلىدىم خالاس! مەنمۇ ئاپامنىڭ يۈرەك بېغى ئىدىم، سەنمۇ مېنىڭ يۈرەك يىلتىزىم ئەمەسمۇ!.. ئاپام مېنى قانداق تەربىيەلىگەن بولسا، مەنمۇ سېنى شۇنداق تەربىيەلىدىم... سەنمۇ ھەم بالاڭنى شۇنداق تەربىيەلىگىن!... FrO)3 1z  
ــ چۈشەندىم ئاپا، يىلتىز قۇرىمىسىلا بىزدە شۇنداق پەرۋىش ئۈزۈلمەيدىكەن... *r)/.rK_  
q28i9$Yqj\  

maxal 2012-03-12 18:18
        نېمە دېگەن ئالىجانابلىق،نېمە دېگەن پىداكارانە روھ بۇ ... -9PJ4"H  
  ئەجداد  __  مەن  __  ئەۋلاد   rgo#mTQ_  
ھەقىقەتەن كىشى قەلبىنى ئېرىتىدىغان ،بالىلىق ھېس تۇيغۇلارنى قايتىدىن ئويغىتىدىغان دېئالوگلار ئىكەن . ;- 0 d2Z  
   يوللىغۇچىغا كۆپتىن- كۆپ تەشەككۈر ... I8x,8}o>V  
    ئانا ،ئانا ،ئانا... W( 4Mvd  
    ئانىلار بىلەن ئوتكەن ئەشۇ كۈنلەر نېمە دېگەن تاتلىق -ھە ! V><,.p8  
    ھەي ئانىلار .... :QoW*Gs1  
    بالاڭلار سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ ،سۆيىنىدۇ ،سىلەرنىڭ ئەشۇ چۆچەكلىرىڭلارنى ھەر داۋام سېغىنىدۇ ،ئاغزىڭلارغا تەلمۈرىدۇ ،خۇددى سىلەرمۇ ئانىلىرىڭلارنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرگەندەك ...

gulhan 2012-03-15 01:01
تېما ئاپتۇماتىك چەكلەندى.  نىمە ئۈچۈن؟

gulhan 2012-03-15 23:53
ئەمدى ئۇقالىدىم ،بۇ لېرىكىنى. ^? V9  
ئانامنىڭ ھازىرمۇ ۋايسىماي بىز ئۈچۈن پاي_ پىتەك بولىشلىرى ئالدىدا ئۇيۇلۇپ قالىمەن. B"Ma<"HU  
ھەي ... بەزىدە  خىزمەت، تۇرمۇش بىسىمى ئاستىدا ئالدىراشلىقىمنى باھانە قىلىپ ئۇنى يۇقلىيالمىغىنىمدىن، بالىلىرىمغا سالماقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالمىغىنىمدىن... 12VSzIm  
.....

مىېھرىما 2014-03-13 13:05
ئەجەپمۇ ياخشىكەن. تازا ھوزۇرلاندىم رەھمەت .


查看完整版本: [-- ئۈزۈلمەس دىيالوگلار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled