查看完整版本: [-- ۋەھىمە    (ھېكايە) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> ۋەھىمە    (ھېكايە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-03-12 14:52

ۋەھىمە    (ھېكايە)

ۋەھىمە )3EY;  
  2FJ*f/  
(ھېكايە) &V/Mmm T  
  %* }(}~  
تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار 83#mB:^R  
  jNk%OrP]  
 پۇت-قوللىرىم ئىسسىق، ئۆزەم راھەتتە، توك تېجەيدىغان لامپىنىڭ ئۆيۈمنىڭ بۇلۇڭ -پۇشقاقلىرىغىچە كۈندۈزدىنمۇ يورۇق يۇرۇتۇپ تۇرغىنىغا قارىماي، ۋەھىمىلىك بىر تىترەك ئىچ-ئىچىمدىن تېپىۋاتىدۇ.نېمىشقىدۇر تېلىۋېزورنى ئاچقۇم كەلمەيدۇ، تۇرۇستىكى لەمپىنىڭ ئارىسىدا،ئىشكاپلاردىكى ئىسىل كىيىملەرنىڭ ئارىسىدا، ئايالىم قەن-ناۋات، شېكەر، گېزەكلەرنى ساقلايدىغان ئەينەك ئىشكاپلارنىڭ ئىچىدە، توك مەنبەسىدىن ئۈزۈۋېتىلمىگەن توڭلاتقۇ نىڭ ئاستىدا ئادەمگە زادى ئارام بەرمەيدىغان چاشقانلارنىڭ كۈندەكىدەك كىتىرلاشلىرىنى شۇنداق سېغىندىم.گەرچە ئۆزەڭنىڭ ئۆيى بولسىمۇ، ئىشىك، دەرىزىلىرى شۇقەدەر ھىم ئېتىلگەن ئۆيۈڭ بولسىمۇ، تىرىق قىلغان بىرەر ئاۋاز بولمىسا بولمايدىكەن.شۇڭا ئايالىمنىڭ بازاردىن بىرنى ئەمەس، ئىككى تاختامۈشۈكنى ئەكىلىپ، شۇنداق بودەك، ئاپئاق ياڭاق مېغىزىنى مەشنىڭ ئاستىغا سېلىپ سارغايىتىپ، ياغلىرىنى تەپچىرىتىپ، تاختامۈشۈكنىڭ داچۇكىغا ئىلدۈرۈپ ئۆيۈمدىكى چاشقانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ تۈگىتىۋەتكىنىگە شۇنداق ئاچچىغىم كەلدى. fNFY$:4X  
P&LsVR{#  
 چوڭلار بەزىدە«بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار»دېسە، «كۆتۈر ئۇنداق گېپىڭنى»دەپتىكەنمەن ئىچىمدە.مۇشۇنداق توغرا گەپنىڭ ھەممىسىنى چوڭلارنىڭ قىلىپ بولغانلىقىغا مانا ئەمدى ئىشەنمىدىم.ئەسلى،تېخى ئاشۇ يەسلىدە،«ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ» سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان مۇشتەك قىزىمنىڭ كۈندۈزلىرى ئىشتىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلگىنىمىدە توختىماي ۋىچىرلاپ، گاھىدا ئانىسى بىلەن مەنمۇ بىلمەيدىغان گەپلەرنى سوراپ قۇلاق-مېڭەمنى، ئاشۇ رەھمىتى چاشقانلار ساراغايتىلغان ياڭاق مېغىزىنى يىگەندەك غاجاپ يىيىشلىرىلا ئەمەس، كېچىدىكى ئۇيقۇنىڭ تازا شېرىن يېرىگە كەلگەندە ئۈنلۈك-ئۈنلۈك جۆيلۈشلىرىمۇ شۇنداق سۈيۈملۈك ئىكەندۇق.بۇنداق تىمتاسلىقتىن، بۇنداق ۋەھىيمىلىك راھەتتىن، ئاۋۇ ئوغلۇمنىڭ سىڭلىسىنى قىقىتىپ، ئوينىشىمەن دەپ، قوغلۇشۇپ شىرەدىكى تاماق قاچىلىرىنى ئۆرۈپ، ئىستاكان، پىيالىلەرنى جاراڭ-جۇرۇڭ قىلىپ چېقىشلىرى شۇنداق يېقىملىق ئىكەن، يۈرىكىڭ پات-پات ئاقسىپ تۇرسا، پات-پات چۆچۈپ تۇرساڭ ، ئاندىن قورقۇمايدىغان بولىدىغان ئوخشايسەن، بىر ئۆي دېگەندە،ئۆي ئۆزەڭنىڭ بولغاندىكىن، ئۇنىڭ قىشلىرىنى پۇلغا ئېلىپ، ئىشك-دېرىزىلەرنى بېكىتىپ، تېخى بىخەتەر قۇلۇپنىڭ ئەڭ ئىشىەنچىلىكىنى تاللاپ ئېلىپ بىكىتكەندىكىن، ئۇنى پۇختا تاقاپ ياتقاندىكىن قورۇقمىسام بولاتتى. ZJiG!+-j  
pEA:L$&  
راسىت گەپنى دېگەندە، بىز ئەرلەرنىڭ كۆپۈنچىسى خوتۇنىمىزنىڭ كوتۇلداشلىرىدىن بىزار، راسىت شۇ كوتۇلداشلاردىن بەكمۇ بىزار بولىمىز، بولۇپمۇ مائاش چىقىدىغانغا ئاز قالغان كۈنلەردە بۇ خوتۇن دېگەننى بوغۇپلا ئۆلتۈرۋەتكىمىز كېلىدۇ. ئەسلى مۇشۇنداق خىيال ئەڭ قورقۇنۇشلۇق بولسا بولاتتى. ئەمما خوتۇنسىز، قىزىڭ، ئوغلۇڭىسىز، چاشقانلىرىمۇ ئۆلتۈرۋېتىلگەن ئۆي بەك قورقۇنۇشلۇق بولىدكەن.تىرىق قىلغان ئاۋازمۇ يوق، تىمتاسلىق،تىمتاسلىقتىكى گۈزەل خىياللىرىڭمۇ قورقۇنۇچلۇق بولدىكەن. G' 1'/  
5[0?g@aO  
جىن دېگەن قورقۇنۇشلۇق نەرسىمىدۇ؟ مەن دېمەكچى،ئۆيۈمدە جىن بارمىدۇ؟ ئۆيۈمدە جىن بولسا، ئۇ مېنى قانداق قىلار، مەن ئۇنى قانداق قىلارمەن؟ ئەسلى ئۆيدىن قورۇققاندا تالاغا چىقىپ كېتىش كېرەك.ئەمما مۇشۇ كىچىككىنە ئۆي شۇ دەرىجىدە دەھشەتلىك قورقۇنۇچلۇق تۇرسا، تالادىكى پايانى يوق جىملىق بۇنىڭدىنمۇ قورقۇنۇشلۇق ئەمەسمىدۇ؟!ئىچىمدىكى تىترەك، سوغۇق، مۇدھىش تىترەك مانا ئەمدى سىرتقا تەپتى.جالاقلاپ تىرەپ كەتكە ندىمەنمۇ؟ مەن بۇ ئۆيۈمدە يالغۇز قالسام بولمايدىكەن.بۇنى بىلىپ قويدۇم.ئەمما تەرلەپ كەتتىم ھەرقاچان،قۇلىقىمنىڭ تۈۋىگە سۇ ئېقىۋاتىدۇ.ھەي، كىچىگىمدە ئانام«يالغۇز ئۇخلىغان ۋاقتىڭدا بېشىڭغا پىچاق قويۇپ ياتقىن»دېگەن.شۇنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن قورقىۋاتقان ئوخشايمەن.بولمىسا ئۆيۈمنىڭ چىرىقى ئۆچۈرۈلمىگەن،كۆزۈم يۇرۇقلىقنى كۆرىدۇ.ئەمما قورقىمەن.مەن تاملاردىن تىرىق قىلغانچىلىك بىر ئاۋازنىڭ، يىڭنىنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكىنىچىلىك بولسىمۇ بىر ئاۋازنىڭ چىقىشىنى شۇنداق ئارزۇ قىلىپ كەتتم.بىراق ، تاملاردىن ئاۋاز ئەمەس، شۇنداق ۋەھىمىلىك قۇرقۇنۇشلار قوللىر ىنى سوزۇپ چىقىپ كېلىشىۋاتاتتى.ئۆزۈمنىڭ ئالىيىپ، چانىقىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتكەن كۆزلىرىمنى ئۆزۈم كۆردۈم.شۇنچە قاتتىق قەھرىتان سوغۇقمۇ كىرەكمەيدىغان ئىشىك،دەرىزىلەرنىڭ قىلدەك يوچۇقلىرىدىن شۇنداق يوغان، بەھەيۋەت، دېۋىدەك چوڭ قورقۇ نۇشلار ئۇسۇل ئويناپ كىرىپ كېلىشمەكتە ئىدى.مەن بۇنداق گۈزەل، ئاجايىپ گۆزەل چىرايلارنىڭ بۇ قەدەر قورقۇنۇچلۇق بولىدىغانلىقىنى بۇ ئۆمرۈمدە بىر قېتىممۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. ئۇلار كېلىپ مېنى بېسىۋالدى. پۇت-قوللىرىمنى خۇددى تۈگمەن تېشىدەك ئېغىر گەۋدىسى بىلەن چىڭ بېسىۋالدى. قورقۇنۇشلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بار كۈچۈم بىلەن بۇدۇڭشىيىمەن، يۇلقۇنىمەن، ئەمما بېشىمدىكى چېچىمنىڭ ئۇچىمۇ تەۋرىمەيدۇ.ئەگەر ئىگىزرەك يەرگە چىقىپ ۋاقىرىسام، نە-نەلەرگىچە كېتىدىغان راڭراق ئاۋازىم بىلەن ۋاقىرايمەن، ئەمما ئاۋازىمنى ئۆزەمنىڭ قولىقىمۇ ئاڭلىمايدۇ. ئەمدى قورقۇنۇچ نەق گېلىمغا ئېسىلغان ئىدى، تىنالماي قېلىۋاتاتتىم.تېنىق بولمىسا ئۆلىدغان گەپ.مېنې قورقۇتىۋاتقىنى مۇشۇ ئۆلۈممۇ يا؟ مۇشۇ تىمتاسلىق، جىملىق، قاراڭغۇلۇق، يۇرۇقلۇق، ئاۋاز، سادا...ھەممىسى مۇشۇ ئۆلۈم قورقۇنۇشىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان بولغىيمىدى...تىنمىغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى.خۇددى بۇ ئۆمرۈمدە كۆكسۈمنى تولدۇرۇپ بىر قېتىم تىنىپ باقمىغاندەك چىڭقىلىپ كەتتىم.ئەمدى ئېتىلىمەن، پارتلايمەن... BTxrp  
%a7$QF]  
چىلىق-چىلىق تەرلەپ ئويغىنىپ كەتتىم.ئانام بىلەن ئايالىم مېنى ئويغۇنۇپ كەتمىسۇن دېگەندەك،بوش پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ چۆچۈرە تۈگىۋېتىپتۇ، قىزىم، ئوغلۇم قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنى باشلاپ كىرىپ ھويلىدا ئويناۋېتىپتۇ، مەن پىشانەمدىكى چىلىق-چىلىق تەرلەرنى سۈرتۈپ، ئۆيۈمنىڭ ئاپئاق ئاقارتىلغان تاملىرىغا، قىيا ئوچۇق تۇرغان ئىشىككە قارىدىم. ھەممىسى جايىدا، لېكىن ئۆيۈم نېمىشقىدۇر سوغۇق كۆرندى... 7xR\kL.,  
h2QmQ>y"  
  T u'{ &  
!'I8:v&D  
                                2012-يىل 13-فىئورال % l%HHT  
Fj!U|l\_9  
  mp3s-YfRc  
D/' dTrR  
   ئاپتۇر:قاراقاش ناھىيلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن d d;T-wa}  
i@'dH3-kO  


查看完整版本: [-- ۋەھىمە    (ھېكايە) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled