-سائەتلىك ئۆتۆلگەن ۋاقىت: يىلى ئاينىڭ كۈنى
دەرس تىپى: يېڭى دەرس.
تەييارلىق سىنىقى:
1.‹‹ھاياتلىق بىلەن تىنىچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق››ناملىق ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيسى نىمە؟
2.سىز ھاياتقا قانداق قارايسىز؟
ئوقۇتۇش نىشانى:
1›بىلىم ۋە ئىقتىدار- ژانېرى، چۈشۈنىكسىز سۆزلەر، ئەسەرنىڭ ئومومىي ۋەقەلىكى.
2›ئۇسۇل ۋە جەريان- ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تەسۋىر ۋە ھايات-مامات ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرەشكە دىققەت قىلغان ئاساستا تېكىست تولوق ئوقۇلۇپ چىقىلىدۇ، بىرلىكتە چۈشۈنۈكسىز سۆزلەر ھەل قىلىنىدۇ، ئەسەرنىڭ ئومومىي ۋەقەلىكى خۇلاسە شەكلىدە بايان قىلىنىدۇ.
3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تەربىيسى بېرىلىدۇ.
مۇھىم نۇقتا: ژانېرى، چۈشۈنىكسىز سۆزلەر، ئەسەرنىڭ ئومومىي ۋەقەلىكى.
قىيىن نۇقتا: ژانېرى، ئەسەرنىڭ ئومومىي ۋەقەلىكى.
ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك، ئاپتورنىڭ ئەسەرلەر توپلىمى ۋە تەرجىمىھالى، رەسىمى.
ئۇسۇل: قوزغۇتۇش ۋە يېتەكلەش.
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
سىلەر ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى ئاساسىدا خۇلاسىلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
يېڭى دەرس ئوقۇتۇش جەريانى:
1›بۇ تېكىستنىڭ ژانېرى نېمە؟ ئاپتورى كىم؟ ئاپتور توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟
تېكىستنىڭ ژانېرى ھېكايە. ئاپتورى جېك لوندون.
جېك لوندون(1876-1916)- ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تەنقىدىي رېئالىزم يازغۇچىيسى. ئۇ 1876-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئاتا-ئانىسى ئۇ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئايرىلىپ كەتكەن. ئائىلىس ناھايتى نامرات بولغاچقا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بالا ئىشچى بولغان. 17 يېشىدا يېزىقچىلىق تالانتىنى نامايەن قىلغان. جېك لوندون ئون توققۇز يېشىدا جىسمانىي كۈچكە تايىنىپ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئەقلىي كۈچكە تايىنىش كېرەكلىكىنى چۈشۈنۈپ، ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ بىر يىل ئوقىغان. كېيىن ئالى مەكتەپكە كىرگەن بولسىمۇ ئىقتىسادىي سەۋەبتىن ئاران يېرىم يىل ئوقۇيالىغان. 1896-يىلى ئۇ ئالتۇن قېزىش ئەتىرىتىگە قاتناشقان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئالتۇغا ئېرىشەلمىگەن. ئەمما، بۇ تۇرمۇش ئۇنىڭ ئىجادىيتى ئۈچۈن مول ماتېرىيال مەنبەسى بولۇپ قالغان. شۇ ئاساستا 1900-يىلدىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان ئېسىل ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. ئۆمرىنى جاپا-مۇشەققەت ھەم يوقسۇزلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن جېك لوندون ھاياتىدا 150 پارچە ھېكايىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىرىق توققۇز توملۇق ئەسەر يېزىپ، 1876-يىلى كېسەللىك ۋە قەرز بېسىمى سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان.
2› چۈشەنمىگەن سۆز-جۈملىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇڭ؟
بۇ ئارقىلىق تېكستتىكى مەنىسى چۈشۈنىكسىز ياكى نائېنىق سۆزلەرنىڭ مەنىسى توغرا ئىزاھلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېكستنى توغرا چۈشۈنىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ.
1›تەھلىكە—تەھدىت،ۋەھىمە.
2›خارامۇش—شۈك،جىم بولوپ قىلىش،كەم سۆز.
3› تېكىستتە قايسى ۋەقەلىك بايان قىلىنغان؟
ئوقۇتقۇچى مەسىلى قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېكىست ئاساسىدا، «مەن» بىلەن بېلدىن ئىبارەت ئىككى كىشىنىڭ جەنۇبىي كالىفورنىيەدىن ئالتۇن كولاش ئۈچۈن ئالياسكىغا بېرىپ، ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان كېپەك ئالتۇنغا ئېرىشكەندىن كېيىن قايتىش سەپىرىدە «مەن»نىڭ پۇتىنى قايرىۋالغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن بېلنىڭ ئادىمىزاتسىز ماكاندا ئۇنى يالغۇز تاشلاپ كېتىپ قالغانلىقى، «مەن»نىڭ ئۆزى يالغۇز پۇتىنى سۆرەپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا يولدىن ئېزىپ قالغانلىقى، ئاچلىق، قاتتىق سوغۇق، كىشىنىڭ قورققىسى كەلگۈدەك ناچار مۇھىت، يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە پۇتىنىڭ ئاغرىقى ئۇنى قاتتىق قىينىغانلىقى، ئۆلۈم ۋەھىمىسىنىڭ بارغانچە يېقىنلاپ كەلگەنلىكى، شۇڭا «مەن» ھاياتقا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىش ئىلكىدە، مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئېرىشكەن كېپەك ئالتۇنلىرىنى تاشلىۋېتىپ، سەپىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى، شۇنداقتىمى ئۆلۈم ۋەھىمىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچۈيۈپ، ئۇنى ھەر تەرەپتىن ئىسكەنجىگە ئالغانلىقى، بىر كېسەل بۆرىنىڭ «مەن»نىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ، ئۇنى يىمەكچى بولغانلىقى، ئەمما، ھاياتلىققا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىش سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ جىسىمىدا شەكىللەنگەن يوشۇرۇن كۈچ ئاخىرى ئۇنى ساقلاپ قالغانلىقى بايان قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
تاپشۇرۇق:
«مەشق»قوللانمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك جايلىرى ئىشلىنىدۇ. تەكشۈرۈلۈپ، دەرسخانىدا ئومۇملاشتۇرىلىدۇ.
دوسكا لايىھەسى:
11.ھاياتقا مۇھەببەت
1› ژانېرى ۋە ئاپتور تەرجىمىھالى. 2› چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنى ھەل قىلىش.
3› ئەسەرنىڭ ئومومىي ۋەقەلىكى.
دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:
دەرس تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى:
دەرس تەستىقلىغان ۋاقىت: 201-يىل -ئاينىڭ -كۈنى.