ھاياتلىق بىلەن تىنىچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق(2)
9-يىللىق2-ماۋسۇم«ئەدەبىيات»دەرىس تەييارلىقى
10.ھاياتلىق بىلەن تىنچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق -سائەتلىك ئۆتۆلگەن ۋاقىت: يىلى ئاينىڭ كۈنى دەرس تىپى: يېڭى دەرس. ئوقۇتۇش نىشانى:
1›بىلىم ۋە ئىقتىدار- ژانېرى، چۈشۈنىكسىز سۆزلەر، يەھۇدىيلارنىڭ تارىخى ھەققىدە. 2›ئۇسۇل ۋە جەريان- ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە چۈشۈنۈكسىز سۆزلەرنى ھەل قىلىش، يەھۇدىيلارنىڭ تارىخى ھەققىدە ئۇقۇتقۇچى بىۋاستە مەلۇمات بېرىش. 3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- ئىلىم-مەرىپەت ئىگىلەپ، ئۆزىنى قۇدىرەت تاپقۇزۇش، ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، تېنچلىقنى سۆيۈش قارىشىنى شەكىللەندۈرۈش. مۇھىم نۇقتا: ژانېرى، چۈشۈنىكسىز سۆزلەر، يەھۇدىيلارنىڭ تارىخى ھەققىدە. قىيىن نۇقتا: ژانېرى، چۈشۈنىكسىز سۆزلەر، يەھۇدىيلارنىڭ تارىخى ھەققىدە. ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك. ئۇسۇل: يېتەكلەش. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: سىلەر يەھۇدىيلار توغرىسىدا ئاڭلىغانمۇ؟ ئۇلارنىڭ دۆلىتى قايسى ؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. يېڭى دەرس ئوقۇتۇش جەريانى: 1›بۇ تېكىستنىڭ ژانېرى نېمە؟ ئاپتورى كىم؟ تېكىستنىڭ ژانېرى مۇھاكىمىلىق نەسىر. ئاپتورى تيې نىڭ. تيې نىڭ ئېلېمىزنىڭ داڭلىق ئايال يازغۇچىسى. 2› تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاڭ ھەم ئۆزىڭىز چۈشەنمىگەن سۆز-جۈملىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇڭ؟ ‹1› تىنىچلىق- ئۇرۇش-جېدەلسىز، ئۆزئارا ئىناقلىق ھۆكۈم سۈرۈش. ‹2› ھاياتلىق- جانلىقلارنىڭ ياشاش جەريانى. ‹3› ئاشىق- بىر-بىرىگە تەقاززا بولۇش. ‹4› پاجىئە- مەۋجۇتلۇقنىڭ يوقۇلىشى ياكى بەربات بولۇشى. بۇ ئارقىلىق تېكستتىكى مەنىسى چۈشۈنىكسىز ياكى نائېنىق سۆزلەرنىڭ مەنىسى توغرا ئىزاھلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېكستنى توغرا چۈشۈنىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ. 3› سىلەر يەھۇدىيلار ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىلەر؟ ئوقۇتقۇچى مەسىلى قويىدۇ ھەم ئوقۇغۇچىلارغا يەھۇدىيلار توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىدۇ. يەھۇدىيلار- قەدىمكى زاماندا ھازىرقى ئىسرائىليە ۋە پەلەستىن زېمىنى ھەم ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى رايونلاردا ياشىغان قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەت. ئۇلار تارىختا «بەنى ئىسرائىل قەۋمى» دەپ ئاتالغان ھەم يەھۇدىي دىنىنى ۋە ئۇنىڭ مۇققەدەس كىتابلىرىدىن بولغان تەۋرات، زەبۇر قاتارلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھازىرقى زاماندىكى دۇنياۋى چوڭ دىنلاردىن بولغان خىرىستىيان دىنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابى-«ئىنجىل» بىلەن ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان كەرىم»نىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالغان؛ ئىسرائىل ۋە يەھۇدىي خانلىقىنى قۇرىغان. مىلادى 1-ئەسىردە رىم ئىمپېريىسى تەرىپىدىن يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قوغلىنىپ، يوقۇلۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. كۆپلىگەن مىللەت ۋە دۆلەتلەر ئۇلارغا مىللىي كەمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىك قارىشى بويىچە مۇئامىلە قىلغان. ئۇلارنى «دۇنيادىكى بارلىق يامانلىق ۋە رەزىللىكنىڭ مەنبەسى» دەپ قاراپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت ئەسەرلىرىدە سەلبىي تىپ سۈپىتىدە كۆككە كۆتەرگەن، زوراۋانلىق ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ زىيانكەشلىك قىلغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدە ناتسىست گېرمانىيسى 6مىليۇندىن ئارتۇق يەھۇدىينى ۋەھشىلەرچە قىرغىن قىلغان. يەھۇدىيلار ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە سودا-سانائەت ئىشلىرىغا ماھىر خەلق، شۇنداقلا، خىرىستىيان مەدەنىيەت تىپىدىكى خەلق بولغاچقا، ئامېرىكا ۋە ئەنگىليە بۇرژۇئازىيسى ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسەت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەم ئوتتۇرا شەرق رايونىنى مەدەنىيەت، ئىقتىساد، ئىستىراتىگىيە ۋە بايلىق جەھەتتىن كونتۇرۇل قىلىش ئۈچۈن 1860-يىللاردىن باشلاپ ئۇلارنى ئەسلى زېمىنىغا كۆچۈرۈش پىلانىنى تۈزىگەن. نەتىجىدە، 1948-يىلى پەلەستىن زېمىنىدا تۆت مىليۇن نوپۇسقا ئىگە ئىسرائىليىدىن ئىبارەت يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇلۇپ، ئەتىراپىدىكى 200مىليۇن نوپۇسقا ئىگە ئەرەپ دۆلەتلىرى زېمىنىغا قارىتىلغان كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى- بەش قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى قوزغاپ، ئۈستۈن پەن-تېخنىكىسى، يەنى، ئەقىل كۈچى بايلىقى بىلەن ھەممىسىدە غەلىبە قىلغان. يەھۇدىيلاردىن تارىختا ماركىس، ئېينېشتېيىن، فىروئىد، كافكاغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر شەخسلەر بارلىققا كەلگەن ھەم ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئامېركىنىڭ ئاساسلىق ئەقلىي كۈچ بايلىقى ۋە ئىقتىسادى يەھۇدىيلارنىڭ قولىدا بولۇپ، ئامېرىكىدىكى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ %40 تىدىن كۆپرەكىنى، پىروفېسسورلارنىڭ %47 تىنى ئامېرىكا نوپوسىنىڭ %1 كىمۇ يەتمەيدىغان يەھۇدىيلار ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ %40 تى يەھۇدىيلارنىڭ قولىدا بولۇپ، يەھۇدىيلار دۇنيا ئىقتىسىدى سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقسا پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادى ۋەيران بولىدۇ. «مەشق»قوللانمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك جايلىرى ئىشلىنىدۇ. تەكشۈرۈلۈپ، دەرسخانىدا ئومۇملاشتۇرىلىدۇ. دوسكا لايىھەسى: 10.ھاياتلىق بىلەن تىنچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق 1› ژانېرى. 2› چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنى ھەل قىلىش. 3› يەھۇدىيلارنىڭ تارىخى ھەققىدە. دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:
دەرس تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى:
دەرس تەستىقلىغان ۋاقىت: 201-يىل -ئاينىڭ -كۈنى.
10.ھاياتلىق بىلەن تىنچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق -سائەتلىك ئۆتۆلگەن ۋاقىت: يىلى ئاينىڭ كۈنى
ئوقۇتۇش نىشانى: 1›بىلىم ۋە ئىقتىدار- ئاساسىي شەخسنىڭ ئوي-پىكىرى، داۋىدنىڭ يېڭى شەيئىلەرگە قىزىقىشىنىڭ سەۋەبى 2›ئۇسۇل ۋە جەريان- تېكىست ئاساسىدا مەسىلە ھەل قىلىشقا يېتەكلەش، بىرلىكتە خۇلاسىلەش. 3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، تېنچلىقنى سۆيۈش قارىشىنى شەكىللەندۈرۈش. مۇھىم نۇقتا: ئەڭ تەسىر قىلغان تەرەپ، «كېيىن ھەممىسى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ» دېگەننى خاتىمىدە يېزىشنىڭ ئەھمىيتى، ماۋزونىڭ مەنىسى. قىيىن نۇقتا: داۋىدنىڭ يېڭى شەيئىلەرگە قىزىقىشىنىڭ سەۋەبى، ئەڭ تەسىر قىلغان تەرەپ، ماۋزونىڭ مەنىسى. ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك، يەھۇدىيلارغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار. ئۇسۇل: ئوقۇتقۇچى يېتەكچىلىك قىلىش ۋە قوزغۇتۇش، بىرلىكتە مەسىلە ھەل قىلىپ خۇلاسىلەش. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: ئالدىنقى دەرس ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. يېڭى دەرس ئوقۇتۇش جەريانى: 1› ئەسەردە كىمنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى نۇقتىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؟ ئۇ نېمە ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ؟ نېمە دېمەكچى؟ ئوقۇتقۇچى مەسىلى قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېكىست ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا، ئەسەردە داۋىدنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى نۇقتىلىق ئوتتۇرغا قويۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە قەيسەرلىكى، قەتتىئىي بەل قويىۋەتمەيدىغان جاسارىتى، ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن ئىلىم ئىگىلەش يولىدا ئىزدەنگەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق بىزنى ھەر بىر مىنۇتنى، ھاياتنى قەدىرلەپ، مەنىلىك ئىشلار يولىدا سەرپ قىلىشقا، ئۆزىنى قۇدىرات تاپقۇزۇش ئارقىلىق ھەقىقىي تېنچلىققا يېتىشكە، چاقىرغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. 2› ئەسەردە ئاپتۇر داۋىدنىڭ «بارلىق يېڭى شەيئىلەرگە بەك قىزىقىدىغانلىقى» غا دىققەت قىلغان، ئۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ تېكىستنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ مۇلاھىزە قىلىڭ. ئوقۇتقۇچى مەسىلى قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېكىست ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئاپتورنىڭ، داۋىدنىڭ «بارلىق يېڭى شەيئىلەرگە بەك قىزىقىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرغا قويۇشتىنىڭ سەۋەبىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ يېڭىلىققا، ئىلىم-مەرىپەتكە ئىنتىلىدىغان روھىنى ئېچىپ بېرىش ئارقىلىق، بىزنى يېڭىلىق يارىتىشقا، بىلىم ئىگىلەشكە چاقىرىش ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلەپ بېرىدۇ. 3› ئەسەردە ئاپتور داۋىدنىڭ تىل تالانتى؛ ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈل مىجەزى، «كېيىن ھەممىسى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ»غانلىقىغا ئىشىنىشى؛ يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتنى يەتكۈدەك تارتقان بولسىمۇ، بىراق تىنچلىقنى ناھايتى قىزغىن سۆيىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇلار ئىچىدە سىلەرگە ئەڭ تەسىر قالدۇرغىنى نېمە؟ ئاپتور بىزگە نېمە دېمەكچى؟ ئوقۇتقۇچى مەسىلى قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېكىست ئاساسىدا ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە خۇلاسىلاپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. داۋىدنىڭ تىل تالانتى- بۇ داۋىدنىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتى ۋە ۋۇجىدىدىكى بوشاشماي ئالغا ئىلگىرلەش روھىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاق كۆڭۈل مىجەزى- ئۇنىڭ ساپ، ئاددىي-ساددا كىشىلىك پەزىلىتى ۋە ئىنسانىي مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «كېيىن ھەممىسى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ» غانلىقىغا ئىشىنىشى- ئۇنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمۈد بىلەن قارايدىغان روھىنى ۋە ھاياتقا بولغان تەۋرەنمەس ئېتىقادىنى كۆرسىتىدۇ. يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتنى يەتكۈدەك تارتقان بولسىمۇ، بىراق تىنىچلىقنى ناھايتى قىزغىن سۆيىدىغانلىقى- 2000 يىللىق ئازاب-ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن بى مىللەتنىڭ كۈلپەتلىك تارىخقا خاتىمە بېرىپ، يەر شارىدا باشقا مىللەتلەر بىلەن باراۋەر ھالدا بىرگە ياشاشقا بولغان قىزغىن تەلپۈنىشىنى كۆرسىتىدۇ. 4› «كېيىن ھەممىسى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ» دېگەن سۆزنى داۋىد بالىلىق دەۋرىدە يازغان، ئاپتور ئۇنى بۇ تېكىستنىڭ خاتىمىسى قىلىپ ئىشلەتكەن. بۇنداق يېزىشنىڭ ئەھمىيتى نەدە؟ ئوقۇتقۇچى مەسىلى قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېكىست ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا، بۇ سۆزنى ئاپتورنىڭ ئەسەرنىڭ خاتىمىسى قىلىپ ئىشلىتىشى ئەسەرگە، جۈملىدىن كىتابخانلارنىڭ قەلبىدە ھاياتقا ئۈمۈدۋارلىق كەيپىيات بېغىشلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. 5› سىز «ھاياتلىق بىلەن تىنچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق» دېگەننى قانداق چۈشەندىڭىز؟ ئوقۇتقۇچى مەسىلى قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېكىست ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا، «ھاياتلىق بىلەن تىنچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق» دېگەننىڭ مەنىسى، ھاياتلىق بىلەن تىنچلىق بىر-بىرىنى تەقاززا قىلىدۇ، ھاياتلىق تىنچلىققا ئىنتىلىدۇ، تىنچلىق بولغاندا ئاندىن ھاياتلىق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. «مەشق»قوللانمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك جايلىرى ئىشلىنىدۇ. تەكشۈرۈلۈپ، دەرسخانىدا ئومۇملاشتۇرىلىدۇ. دوسكا لايىھەسى: 10.ھاياتلىق بىلەن تىنچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق 1› ئاساسىي شەخسنىڭ ئوي-پىكىرى. 2› داۋىدنىڭ يېڭى شەيئىلەرگە قىزىقىشىنىڭ سەۋەبى. 3› ئەڭ تەسىر قىلغان تەرەپ. 4› «كېيىن ھەممىسى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ» دېگەننى خاتىمىدە يېزىشنىڭ ئەھمىيتى. 5› ماۋزونىڭ مەنىسى. دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:
دەرس تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى:
دەرس تەستىقلىغان ۋاقىت: 201-يىل -ئاينىڭ -كۈنى. |