9-يىللىق2-«قوش مەسچىت»دەرىس لاھىسى(2سائەت)
9 .قوش مەسچىت
- سائەتلىك ئۆتۆلگەن ۋاقىت: يىلى ئاينىڭ كۈنى دەرس تىپى: يېڭى دەرس. ئوقۇتۇش نىشانى:
1›بىلىم ۋە ئىقتىدار- ئاپتور بىلەن تونوشۇش، چۈشۈنىكسىز سۆزلەر، ھېكايىدىكى ئاساسىي ۋەقە، «ئايكوچا»نىڭ «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىىشىدىكى سەۋەب. 2›ئۇسۇل ۋە جەريان- تېكىست ئاساسىدا مەسىلە ھەل قىلىشقا يېتەكلەش. 3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- بىرلىك، ئىتىپاقلىق روھىنى يېتىلدۈرۈشكە، ئىتىپاقلىقنى قوغداشقا ئۈندەش. مۇھىم نۇقتا: چۈشۈنىكسىز سۆزلەر، ھېكايىدىكى ئاساسىي ۋەقە، «ئايكوچا»نىڭ «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىىشىدىكى سەۋەب. قىيىن نۇقتا: چۈشۈنىكسىز سۆزلەر، «ئايكوچا»نىڭ «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىىشىدىكى سەۋەب. ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك، ئاپتورنىڭ سۈرىتى. ئۇسۇل: ئوقۇتقۇچى يېتەكچىلىك قىلىش ۋە قوزغۇتۇش، بىرلىكتە مەسىلە ھەل قىلىش. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: سىلەر مەسچىتنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. يېڭى دەرس ئوقۇتۇش جەريانى: 1›بۇ تېكىستنىڭ ژانېرى نېمە؟ ئاپتورى كىم؟ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئوتتۇرغا قويۇڭ؟ تېكىستنىڭ ژانېرى ھېكايە. ئاپتورى مۇھەممەتئەلى زۇنۇن. مۇھەممەتئەلى زۇنۇن 1939-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان.يازغۇچى، شائىر ۋە دراماتورگ. ئۇنىڭ «گۈلمېھرى» ناملىق داستانى، «ۋىسال سەھىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «كارۋان ناخشىسى» ناملىق ناخشا تېكىستلىرى توپلىمى، «قوش مەسچىت» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «جەنۇبتىكى جەڭ مارشى» ناملىق دىراما توپلىمى نەشر قىلىنغان. 2› تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاڭ ھەم ئۆزىڭىز چۈشەنمىگەن سۆز-جۈملىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇڭ؟ ھەپىسىگە ئېلىش- تۇتقۇن قىلىش، قەتلى قىلىش- ئۆلتۈرۈش، مەزلۇم- ئايال(بالىلىق بوپبولغان ئايال)، دۇئا گۇي- دۇئا-تىلاۋەت قىلغۇچى، خۇشپېئىل- خۇشخۇي، باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغان، راۋا كۆرمەك- مۇۋاپىق كۆرمەك، كۆز تېگىش- پىشكەللىككە ئۇچىراش، بالا-قازاغا ئۇچىراش، ھەقەمسايە- دوست-بۇرادىرى، ئەل-ئاغىنىسى. بۇ ئارقىلىق تېكستتىكى مەنىسى چۈشۈنىكسىز ياكى نائېنىق سۆزلەرنىڭ مەنىسى توغرا ئىزاھلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېكستنى توغرا چۈشۈنىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ. 3› ھېكايىدە قايسى ئىش بايان قىلىنغان؟ ئوقۇتقۇچى مەسىلى قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېكىست ئاساسىدا، ھېكايىدە، مەلۇم بىر يۇرتقا جايلاشقان «ئاي كوچا»دىكى ئاياللارنىڭ پىسخىكىسىدىكى تۆر تالىشىشتىن ئىبارەت ناچار ئىللەت سەۋەبىدىن، ئاكا-ئۇكىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك قوزغالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىك تالىشىپ، بىر-بىرى بىلەن دۈشمەنلەشكەنلىكى، بۇنىڭدىن پايدىلانغان ياڭ زىڭشىننىڭ ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىپ، ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشى نەتىجىسىدە، «ئاي كوچا»نىڭ «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىپ قالغانلىقى ھەم بۇنىڭ شۇ جايدىكى كىشىلەرگە ئېغىر-بالايى ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. 4› سىلەرچە ھېكايىدىكى ئاچا-سىڭىل ئاكا-ئۇكىغا ئالمىشىپ نىكاھلانمىغان بولسا «ئايكوچا» يەنىلا «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىپ قالامتى؟ «ئايكوچا»نىڭ «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب نېمە؟ ئوقۇتقۇچى مەسىلى قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېكىست ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا، ھېكايىدىكى ئاچا-سىڭىلنىڭ ئاكا-ئۇكىغا ئالمىشىپ نىكاھلىنىشىنىڭ «ئايكوچا»نىڭ «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ئەمەسلىكىنى، ئاچا-سىڭىل ئاكا-ئۇكىغا ئالمىشىپ نىكاھلانغان تەقدىردىمۇ تۆر تالىشىپ، ئاكا-ئۇكىلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت تېرىمىغان ۋە شۇ ئارقىلىق ياڭ زىڭشىنغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمىگەن بولسا «ئايكوچا» «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى؛ «ئايكوچا»نىڭ «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب، ئاياللارنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن تۆر تالىشىشتىن ئىبارەت ناچار پىسخىك كېسەللىك ۋە ئەرلەردىكى دەرىجە-ئەمەل تالىشىش كېسەللىكى ھەم ياڭ زېڭشىنغا ئوخشاش ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ باشقا مىللەتلەرنى پارچىلاپ يوقۇتۇش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. «مەشق»قوللانمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك جايلىرى ئىشلىنىدۇ. تەكشۈرۈلۈپ، دەرسخانىدا ئومۇملاشتۇرىلىدۇ. دوسكا لايىھەسى: 9.قوش مەسچىت 1› ئاپتور بىلەن تونوشۇش. 2› چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنى ھەل قىلىش. 3› ھېكايىدىكى ئاساسىي ۋەقە. 4› «ئايكوچا»نىڭ «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىىشىدىكى سەۋەب. دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:
دەرس تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى:
دەرس تەستىقلىغان ۋاقىت: 201-يىل -ئاينىڭ -كۈنى.
9.قوش مەسچىت -سائەتلىك ئۆتۆلگەن ۋاقىت: يىلى ئاينىڭ كۈنى ئوقۇتۇش نىشانى: 1›بىلىم ۋە ئىقتىدار- ياڭ زېڭشىننىڭ مەقسەد-مۇددىئاسىنى چۈشۈنىش، جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق مۇناسىۋىتى يوق سۆزلەر توغرىسىدا مەشق. 2›ئۇسۇل ۋە جەريان- تېكىست ۋە ئۇيغۇر تىلىغا دائىر بىلىملەر ئاساسىدا بىرلىكتە مەسىلە ھەل قىلىش. 3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- ئاكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ ھىيلە-نەيرىڭىدىن ھۇشيار بولۇشقا ئۈندەش. مۇھىم نۇقتا: ياڭ زېڭشىننىڭ مەقسەد-مۇددىئاسىنى چۈشۈنىش، جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق مۇناسىۋىتى يوق سۆزلەر توغرىسىدا مەشق. قىيىن نۇقتا: ياڭ زېڭشىننىڭ مەقسەد-مۇددىئاسىنى چۈشۈنىش، جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق مۇناسىۋىتى يوق سۆزلەر توغرىسىدا مەشق. ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك ۋە ئاپتورنىڭ سۈرىتى. ئۇسۇل: ئوقۇتقۇچىنىڭ بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلەپ، يول كۆرسىتىشى بىلەن مەسىلە ھەل قىلىش. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: ئالدىنقى دەرس ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. يېڭى دەرس ئوقۇتۇش جەريانى: 1› ياڭ جاڭجۈن نېمە ئۈچۈن سېلىنماقچى بولغان مەسچىتنى «بىر قەدەم كەڭ-تار، بىر غېرىچ ئېگىز-پەس بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. گۈل-نەقىشلىرىدىن تارتىپ، سىر-بوياقلىرىغىچە كونا مەسچىت بىلەن ئوپئوخشاش بولۇشى كېرەك!...» دەپ جاكارلايدۇ؟ بۇنىڭدىن ياڭ زىڭشىننىڭ قانداق غەرىزىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ؟ ئوقۇتقۇچى مەسىلى قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېكىست ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا، ياڭ جاڭجۈننىڭ «بىر قەدەم كەڭ-تار، بىر غېرىچ ئېگىز-پەس بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. گۈل-نەقىشلىرىدىن تارتىپ، سىر-بوياقلىرىغىچە كونا مەسچىت بىلەن ئوپئوخشاش بولۇشى كېرەك!...» دەپ جاكارلىشىدىكى سەۋەبنىڭ، بىر كوچىنىڭ ئادەملىرىنى دەرىجىسى ئوخشاش بولغان ئىككى مەسچىت بويىچە ئىككى گۇرۇھقا ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىش، بىر پۈتۈن خەلقنى پاچىلاپ، ئۆزئارا ساتقىنلىققا ئۈندەش، ئۇرۇشقا سېلىپ قويۇش، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسان باشقۇرۇش مەقسىدىگە يېتىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن، ياڭ زىڭشىننىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى پارچىلاپ باشقۇرۇش، ئۇلارنى ئۆزئارا ئۇرۇشقا سېلىپ قويۇپ، ئارىدىن نەپ ئېلىش، ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش غەرىزىنى بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. 2› تېكىستتىن جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەرنىڭ ھەر بىرىگە ئىككىدىن مىسال تېپىڭ ۋە ئۇلارنىڭ جۈملىدىكى رولىنى چۈشەندۈرۈڭ؟ ئوقۇتقۇچى مەسىلى قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېكىست ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويىدۇ. مەسىلەن: بوۋا، ئوبدان بوۋا، كوچا-مەھەللىمىزنىڭ بىر ئەسىرلىك تارىخى ساڭا بەش قولدەك ئايان (62-بەت). ئاستى سىزىلغىنى قاراتما سۆز. ھازىر «قوش مەسچىت» دېمىسە ھېچكىم بىلمەيدىغان بۇ كوچىمىزنىڭ ئەسلىي نامى «ئايكوچا» ئىكەن. شۇنداقمۇ، بوۋا(60-بەت). ئاستى سىزىلغىنى قاراتما سۆز. دۇرۇس، كوچىمىزنىڭ ئەسلى نامى «ئايكوچا» ئىدى... (62-بەت). ئاستى سىزىلغىنى قىستۇرما سۆز. ئاڭلىسام، ئىككى ياقتىكىلەرنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان تارتقان دەرت-مۇشەققەت، ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى بىر-بىرىدىن قېلىشمايدىكەن (61-بەت) ئاستى سىزىلغىنى قىستۇرما سۆز. خوتۇنلىرىمىزنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇلار چۆچەكلەردە تەسۋىرلىنىدىغان ھەرقانداق ساھىبجاماللاردىن گۈزەل، جەننەت ھۆرلىرىدىنمۇ چىرايلىق ئىكەن (61-بەت). ئاستى سىزىلغىنى قىستۇرما سۆز. -ھۇ، خوتۇنىنىڭ تامبىلىغا سەجدە قىلىدىغان مۇناپىق! (66-بەت). ئاستى سىزىلغىنى ئىملىق سۆز. -تۇر ئورنىڭدىن!...-ھۇ بىنۇمۇس ئالۋاستى! (65-بەت). ئاستى سىزىلغىنى ئىملىق سۆز. ياسىن داموللا ھاجىم ھەزىرەتلىرى ئاخىرەتكە سەپەر قىلغاندىن كېيىن (ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن، ئىلاھا ئامىن) ئارىمىز بۇزۇلدى... (63-بەت). ئاستى سىزىلغىنى ئىزاھلىغۇچى سۆز. بۇ-نىقابلىق يالماۋۇز ياڭ جاڭجۈننىڭ قۇمۇل خەلق قوزغىلىڭىنىڭ مەشھۇر سەركەردىسى تۆمۈر خەلىپىنى قەتل قىلغان كۈننىڭ ئەتىسى ئىكەن(69-بەت). ئاستى سىزىلغىنى ئىزاھلىغۇچى سۆز. دەرستىن كېيىنكى مەشق: تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى يېشىپ، چۈشەندۈرۈڭ؟ ‹1› «ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بولۇشىغا سەۋەب نېمىدۇر؟» «ئىككى نەرسىدۇر: بىرى، جاھىللىق ۋە نادانلىق؛ ئىككىنچىسى، تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر» ‹2› «ئىززەت-ئابروي، قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولۇر؟» «بىلىم-مەرىپەت، ئىتتىپاقلىق بىلەن بولۇر» ئوقۇغۇچىلار ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ، ئوقۇتقۇچى چۈشەنچە بېرىپ، بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. دەرستىن كېيىنكى تاپشۇرۇق: «مەشق»قوللانمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك جايلىرى ئىشلىنىدۇ. تەكشۈرۈلۈپ، دەرسخانىدا ئومۇملاشتۇرىلىدۇ. دوسكا لايىھەسى: 9.قوش مەسچىت 1› ياڭ زېڭشىننىڭ مەقسەد-مۇددىئاسىنى چۈشۈنىش. 2› جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق مۇناسىۋىتى يوق سۆزلەر توغرىسىدا مەشق. دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:
دەرس تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى:
دەرس تەستىقلىغان ۋاقىت: 201-يىل -ئاينىڭ -كۈنى.
|