查看完整版本: [-- 9-يىللىق2-م«ئەدەبىيات»‹ناخشىلار›دەرىس لاھىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> 9-يىللىق2-م«ئەدەبىيات»‹ناخشىلار›دەرىس لاھىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tutya 2012-03-12 12:21

9-يىللىق2-م«ئەدەبىيات»‹ناخشىلار›دەرىس لاھىسى

9-يىللىقنىڭ  201-يىلى -ئاينىڭ  -كۈنىدىكى  -سائەتلىك ئەدەبىيات دەرس لايىھەسى
دەرس تېمىسى:
5.ناخشىلار
1. دولقۇن ناخشىسى      2. يامغۇر ناخشىسى
جىبران خېلىل جىبران
دەرس تىپى: يېڭى دەرس.
ئوقۇتۇش نىشانى: 1›بىلىم ۋە ئىقتىدار- ئاپتور ھېسسىياتى، نەسىر، شېئېر ۋە نەسىرىي شېئېرنىڭ پەرقى، مۇرەككەپ جۈملە توغرىسىدا ئەمەلىي مەشق.
2›ئۇسۇل ۋە جەريان- تېكىست ۋە نەزىريە ئاساسىدا، نۇقتىلار بويىچە يېتەكلەپ مەسىلە ھەل قىلىش.
3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- ھاياتلىق توغرىسىدا يېڭىچە تونۇش شەكىللەندۈرۈش.
مۇھىم نۇقتا: ئاپتور ھېسسىياتى، نەسىر، شېئېر ۋە نەسىرىي شېئېرنىڭ پەرقى، مۇرەككەپ جۈملە توغرىسىدا ئەمەلىي مەشق.
قىيىن نۇقتا: ئاپتور ھېسسىياتى،
  نەسىر، شېئېر ۋە نەسىرىي شېئېرنىڭ پەرقى،  مۇرەككەپ جۈملە توغرىسىدا ئەمەلىي مەشق.  
ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك، ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرى.
ئۇسۇل: ئوقۇتقۇچى يېتەكچىلىك قىلىش، بىرلىكتە مەسىلە ھەل قىلىش.
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
ئالدىنقى نەزىريەنى ئەسلىتىش ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
يېڭى دەرس ئوقۇتۇش جەريانى:
1›بۇ تېكىستنىڭ ژانېرى نېمە؟ ئاپتورى كىم؟ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئوتتۇرغا قويۇڭ؟
تېكىستنىڭ ژانېرى نەسىرىي شېئېر. ئاپتورى جىبران خېلىل جىبران.
جىبران خېلىل جىبران (1883-1931)- لىۋانلىق شائىر، رەسسام. خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئەرەب. «ياش ۋە كۈلكە»، «دانىشمەن»، «قۇم ۋە بۇژغۇن»، «ياش ۋېرتېرنىڭ دەردى»، «سۇنغان قانات» ناملىق ئەسەرلىرى بار.
2› چۈشەنمىگەن سۆز-جۈملىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇڭ؟
بۇ ئارقىلىق تېكستتىكى مەنىسى چۈشۈنىكسىز ياكى نائېنىق سۆزلەرنىڭ مەنىسى توغرا ئىزاھلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېكستنى توغرا چۈشۈنىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ.
3› بۇ ئىككى پارچە نەسىردە ئىپادىلەنگەن ئاپتور ھېسسىياتىنى ئوتتۇرغا قويۇڭ؟
ئوقۇتقۇچى مەسىلى قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېكىست ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا، «دولقۇن ناخشىسى» دا دولقۇن بىلەن ساھىل ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلار ۋاستە قىلىنىش ئارقىلىق، «ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتى- تىنىم-تاپماسلىقتىن ئىبارەت» دېگەن ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى؛ «يامغۇر ناخشىسى»دا يامغۇرنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ ئۆزى گۈزەللىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بارلىق مەۋجۇداتلارغا، بارلىق ماكان ۋە زامانغا سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
4› بۇ بىر نەسىرىي شېئېر. سىز ئۆگەنگەن بىلىمىڭىز ۋە ئوقۇغان ئەسەرلەر، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا نەسىر، شېئېر ۋە نەسىرىي شېئېرنىڭ پەرقىنى ئايرىپ بېرىڭ؟
ئوقۇتقۇچى مەسىلى قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنگەن بىلىمى ۋە ئوقۇغان ئەسەرلەر، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا نەسىر، شېئېر ۋە نەسىرىي شېئېرنىڭ پەرقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
نەسىر مەزمۇنى، شەكلى، تىلى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئەركىن، ئەڭ ئىخچام ۋە ئەڭ ئاز چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان ئەدەبىي ژانېر.
شېئېر- ئىجتىمائىي رېئاللىقنى باي تەسەۋۋۇر، كۈچلۈك ھېسسىيات ياردىمى بىلەن ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئىخچام، ئەڭ مەركەزلىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، چوڭقۇر مەزمۇن، ئوبرازلىق تىل، يېقىملىق ئاھاڭغا ئىگە بولغان ئەدەبىي شەكىل.
نەسىرىي شېئېر- نەسىر بىلەن شېئېرنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان بىر خىل بەدىئىي شەكىل بولۇپ، ئۇنىڭدىكى لىرىك مەزمۇن نەسىرىي شەكىل، شېئېرىي تىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ ۋەزىنلىك شېئېرلارغا قويۇلىدىغان ھەرقانداق ئۆلچەم بىلەن چەكلەنمەيدۇ.
5›
  تېكىستتىن مۇرەككەپ جۈملىدىن ئۈچنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ تۈسىنى ۋە مۇناسىۋىتىنى ئايرىڭ؟
ئوقۇتقۇچى مەسىلى قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلىغا دائىر بىلىملەر ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا، تېكىستتىن تېپىپ ئوتتۇرغا قويىدۇ.
مەسىلەن: دېڭىز تاشقىنلىسا مەن ئاشىقىمنى قۇچاقلايمەن، پەسەيسە ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئايىغىغا تاشلايمەن. (39-بەت)
تاڭ سەھەردە ئاشىقىمنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ قەسەم قىلسام، ئۇ مېنى باغرىغا چىڭ بېسىپ قۇچاقلايدۇ. (39-بەت)
مەن دېڭىزنىڭ خۇرسىنىشى، ئاسماننىڭ كۆز يېشى، ئېتىز-دالىلارنىڭ كۆز-يېشى. (41-بەت)
دەرستىن كېيىنكى تاپشۇرۇق:
«مەشق»قوللانمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك جايلىرى ئىشلىنىدۇ. تەكشۈرۈلۈپ، دەرسخانىدا ئومۇملاشتۇرىلىدۇ.
دوسكا لايىھەسى:
5.ناخشىلار
1. دولقۇن ناخشىسى
      2. يامغۇر ناخشىسى
1› ئاپتور ھېسسىياتى.
                   2› نەسىر، شېئېر ۋە نەسىرىي شېئېرنىڭ پەرقى.
  3› مۇرەككەپ جۈملە توغرىسىدا ئەمەلىي مەشق.
دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:



دەرس تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى:

دەرس تەستىقلىغان ۋاقىت:
  201-يىل  -ئاينىڭ   -كۈنى.

tutya 2012-03-12 12:24
«تەۋپېق مۇنبىرى»كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمگاھى...سىزمۇ،مەنمۇ تىرىشايلى!

ماھى 2012-03-12 16:21
دەرسنى ناھايىتى ياخشى تەييارلاپسىز،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
بۇ دەرستە يەنە تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك دەپ قارايمەن.
«دولقۇن ناخشىسى»دا :
1.«سۆيگۈ بىزنى يېقىنلاشتۇرىدۇ،ھاۋا يىراقلاشتۇرىدۇ»دېگەن جۈملىدىكى «ھاۋا يىراقلاشتۇرىدۇ»دېگەن جۈملىنىڭ مەنىسى نېمە؟
2.ئاپتور ساھىلنى «قەيسەر،سەۋر-تاقەتلىك»دەپ ئاتىغان.ساھىلنىڭ قايسى ئالاھىدىلىكى قەيسەر،سەۋر-تاقەتلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ؟يەنى ئاپتورنىڭ ساھىلنى قەيسەر،سەۋر-تاقەتلىك تەسۋىرلىشىنىڭ ئاساسى نېمە؟
3.«مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتى سەگەك بولۇشتۇر»دېگەن مۇئەييەنلەشمە پىكىردىكى «سەگەك»لىك ھەرگىز كېچىلىرى ئۇخلىماسلىققا قارىتىلمىغان،
ئۇنداقتا ئۇ قايسى سەگەكلىككە قارىتىلغان؟
  «يامغۇر ناخشىسى»دا:
1.بۇ نەسىرىي شېئىردىكى «دېڭىزنىڭ خۇرسىنىشى»نى سىز قانداق مەنىدە چۈشەندىڭىز؟نېمە ئۈچۈن ئاپتور ئۆزىنى دېڭىزنىڭ خۇرسىنىشى
دەيدۇ؟

2.ئاپتور پىكىرى بويىچە ئېيتقاندا ئوي قانداق ئالاھىدىلىكى بىلەن پىكىر ئاسمىنىنىڭ كۆز-يېشى بولالايدۇ؟بۇ يەردىكى ياشنى نېمىدەپ
چۈشىنىش كېرەك؟

ئاتىكاچىلىق قىلغان بولسام كەچۈرۈڭ.

بابۇر0725 2014-03-05 00:45
سەگەكلىك  مۇھەببەتنى ھېس قىلىش،سېزىش،ھاياتقا مۇھەببەت بىلەن قاراشقا قارىتىلغان دەپ ئويلايمەن


查看完整版本: [-- 9-يىللىق2-م«ئەدەبىيات»‹ناخشىلار›دەرىس لاھىسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled