17-سائەتلىك ئۆتۆلگەن ۋاقىت: يىل ئاي كۈن
دەرس تىپى: يېڭى دەرس.
تەييارلىق سىنىقى:
1. نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ ھاياتى پائالىيتىنى تونوشتۇرۇڭ.
2. ‹‹چىم››دىگەن ئەسەردە ئىپادىلەنگەن ئىدىيۋى مەزمۇننى ئوتورغا قويوڭ.
3. كىشلىك ھايات ھەققىدىكى قارشىڭىزنى ئوتورغا قويوڭ.
ئوقۇتۇش نىشانى:
1›بىلىم ۋە ئىقتىدار- ئەسەرنىڭ مەزمۇنى،ئاپتۇرى،يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى
2›ئۇسۇل ۋە جەريان- ھايات توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھاكىمىگە يېتەكلەش،
3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- ھاياتلىق توغرىسىدا يېڭىچە تونۇش شەكىللەندۈرۈش.
مۇھىم نۇقتا:
ئاپتورنىڭ ھاياتنى مۇنارغا ئوخشىتىشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە تەھلىل،
قىيىن نۇقتا:
ھاياتنى سىمىۋوللاشتۇرۇپ ئىپادىلەش ئۈستىدە ئىجابىي مۇھاكىمە
ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى:
دەرسلىك، بور، دوسكا.
ئۇسۇل:
يېتەكلەپ قوزغىتىش ۋە ھەمكەرلىشىپ خۇلاسە چىقىرىش، بىرلىكتە قول سېلىپ ئىشلەش.
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
سىلەرنىڭ ھايات توغرىسىدىكى قارىشىڭلار قانداق؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھايات توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
يېڭى دەرس ئوقۇتۇش جەريانى:
بۇ سائەتتە ئاپتۇر تۇنۇشتۇرلۇپ تىكىسىت ئوقولوپ سۆزلەرگە ئىزاھات بىرلىدۇ.
1›بۇ تېكىستنىڭ ژانېرى نېمە؟ ئاپتورى كىم؟ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئوتتۇرغا قويۇڭ؟
تېكىستنىڭ ژانېرى مۇھاكىمىلىق نەسىر. ئاپتورى براندېس.
براندېس (1842-1927)- دانىيەلىك ئەدەبىيات ئوبزورچىسى.
2› چۈشەنمىگەن سۆز-جۈملىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇڭ؟
بۇ ئارقىلىق تېكستتىكى مەنىسى چۈشۈنىكسىز ياكى نائېنىق سۆزلەرنىڭ مەنىسى توغرا ئىزاھلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېكستنى توغرا چۈشۈنىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ.
يىڭى سۆزلەر:
‹1›ناھايەت—ئىنتايىن ،بەك ،ناھايتى.
ئاخىرى،ئاخىرى بىرىپ،ئاقىۋەتتە.
‹2›كاۋاك—چىقىرىش،ئۇپراش سەۋەبىدىن نەرسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ھاسىل بولغان بوشلۇق.
‹3›لەخمە—يەر ئاستى يولى.
‹4›تىلسىمات—سىھىر-جادۇ قىلىش،سىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان،سىرلىق.
سىرى ئىچىلمىغان
‹5›ئەزرائىل—ئادەمنىڭ جىنىنى ئالىدىغان ئەجەل پەرىشتىسى.
‹6›تەۋەككۇلچىلىك—تەۋەككۇلگە ئىش قىلىش.
‹7›پىر—بىر كەسىپنىڭ ئاساسچىسى ۋە ۋۇجۇتقا چىقارغۇچى.
‹8›ئوبراز—ئوبىكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئادەم مىڭىسىدىكى كوپىيسى.
يازغۇچىنىڭ تۈزىتىشى،تاللىشىدىن چىققان تۇرمۇش مەنزىرسى.
3›ئەسەردە ئوتورغا قويولغان ئاساسى ئىدىيەنى ئوتورغا قويوڭ.
(ئوقوغۇچىلار ئۆز ككز قاراشلىرىنى ئوتورغا قويوپ باقىدۇ،ئاخىردا ئوموملاشتۇرۇپ بىرىمەن)
ئاپتۇر بۇ نەسىردە ھاياتنى مۇنارغا يامىشىشقا ئوخشىتىش ئارقىلىق كىشىلەرگە كىشىلىك تۇرمۇشتا قانداق ياشاش،قايسى خىل ئۇسۇل بىلەن ياشاشنىڭ ئەھمىيتىنى تونوپ كىشىلەرنى ھاياتلىقتا مەنىلىك ياشاشقا دەۋەت قىلغان.
دەرستىن كېيىنكى تاپشۇرۇق:
1.ئاپتۇر توغرىسىدا نىمىلەرنى بىلىسىز؟
2.ھايات ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىزنى يىزىپ كىلىڭ.
3«مەشق»قوللانمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك جايلىرى ئىشلىنىدۇ. تەكشۈرۈلۈپ، دەرسخانىدا ئومۇملاشتۇرىلىدۇ.
دوسكا لايىھەسى:
8. ھايات
1›ئاپتۇر توغرىسىدا
2› ئاپتورنىڭ ھاياتنى مۇنارغا ئوخشىتىشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە تەھلىل.
3›يىڭى سۆزلەرگە ئىزاھات
دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:
دەرس تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى:
دەرس تەستىقلىغان ۋاقىت: 201-يىل -ئاينىڭ -كۈنى.
8. ھايات
18-سائەتلىك ئۆتۆلگەن ۋاقىت: يىل ئاي كۈن
دەرس تىپى: 2-سائەتلىك
تەييارلىق سىنىقى:
1. بىراندىس توغرىسىدا نىمىلەرنى بىلىسىز؟
2. ئاپتۇر تىكىسىتتە ھاياتنى نىمىلەرگە ئوخشاتقان؟
ئوقۇتۇش نىشانى:
1›بىلىم ۋە ئىقتىدار- ئاپتورنىڭ ھاياتنى مۇنارغا ئوخشىتىشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە تەھلىل، ھاياتنى سىمىۋوللاشتۇرۇپ ئىپادىلەش ئۈستىدە ئىجابىي مۇھاكىمە
2›ئۇسۇل ۋە جەريان- ھايات توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھاكىمىگە يېتەكلەش، جۈملە ئۈستىدە بىرلىكتە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش.
3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- ھاياتلىق توغرىسىدا يېڭىچە تونۇش شەكىللەندۈرۈش.
مۇھىم نۇقتا:
ئاپتورنىڭ ھاياتنى مۇنارغا ئوخشىتىشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە تەھلىل، ھاياتنى سىمىۋوللاشتۇرۇپ ئىپادىلەش ئۈستىدە ئىجابىي مۇھاكىمە
قىيىن نۇقتا:
ئاپتورنىڭ ھاياتنى مۇنارغا ئوخشىتىشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە تەھلىل، ھاياتنى سىمىۋوللاشتۇرۇپ ئىپادىلەش ئۈستىدە ئىجابىي مۇھاكىمە
ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى:
دەرسلىك، بور، دوسكا.
ئۇسۇل:
يېتەكلەپ قوزغىتىش ۋە ھەمكەرلىشىپ خۇلاسە چىقىرىش، بىرلىكتە قول سېلىپ ئىشلەش.
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
تىكىسىت مەزمۇنىنى ئەسلىتىش ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
يېڭى دەرس ئوقۇتۇش جەريانى:
1› ئەسەردە ئاپتور ھاياتنى مۇنارغا يامىشىشقا ئوخشاتقان. سىزنىڭچە بۇ ئوخشۇتۇش مۇۋاپىقمۇ-يوق؟ نېمە ئۈچۈن؟
ئوقۇتقۇچى مەسىلە قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېكىست ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا، بۇ ئوخشىتىشنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى، چۈنكى ئادەم ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئالىي نىشانىغا، مۇنارغا ياماشقان كىشى مۇنارنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسىغا بىر باسقۇچتىن، بىر باسقۇچتىن بېسىپ چىققىنىدەك، بىر قەدەمدىن، بىر قەدەمدىن بېسىپ يېتەلەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھاياتلىقتىن ئىبارەت بۇ مۇنارنىڭ ئەڭ چوققىسىغا چىقىش-چىقالماسلىقى، ئۇنىڭدىن يىقىلىپ چۈشۈش-يىقىلىپ چۈشمەسلىكى، يۇقىرى چوققىسىغا چىقىپ، پارلاق قۇياش نۇرىنى كۆرۈش ياكى كۆرەلمەسلىكىنىڭ تامامەن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، چىدام-غەيرىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
4› نۇرمۇھەممەت توختى ھاياتنى چىمغا ئوخشاتقان، براندېس ھاياتنى ئېگىز مۇنارغا يامىشىشقا، لەخمە قېزىشقا ئوخشاتقان. سىز ھاياتنى ياكى كىشىلىك تۇرمۇشنى نېمىگە ئوخشىتىسىز؟
ئوقۇتقۇچى مەسىلە قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېكىست ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل قارىشىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئوقۇتقۇچىمۇ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. مەسىلەن: ھاياتنى ئېقىپ تۇرغان ئېقىنغا، كۆيۈپ تۈگەۋاتقان شامغا، بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان بۇلاققا ئوخشىتىشقا ئوخشاش.
5› «ئۇلار تۇغما ئىقتىدارغا تايىنىدۇ، سەگەك كاللىسى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشىنىدۇ، كاللىسىنىڭ ئۆزلىرىنى دۇرۇس يولغا سالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، چۈنكى تۇغما ئىقتىدار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ» دېگەن پارچىدىكى مۇرەككەپ جۈملىنىڭ تۈسىنى ۋە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ قانداق ئاددىي جۈملە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ؟
ئوقۇتقۇچى مەسىلى قويىدۇ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنگەن بىلىمى ۋە تېكىست ئاساسىدادوسكىدا بىرلىكتە ئوتتۇرغا قويىدۇ.
مەسىلەن: ئۇلار تۇغما ئىقتىدارغا تايىنىدۇ، سەگەك كاللىسى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشىنىدۇ، كاللىسىنىڭ ئۆزلىرىنى دۇرۇس يولغا سالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، چۈنكى تۇغما ئىقتىدار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ.
بۇ ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ جۈملە تەڭداش بولغان باش جۈملە، ئاخىرقى بىرسى بېقىندى جۈملە بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ جۈملىگە بېقىنىپ، ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملىنى شەكىللەندۈرگەن.
تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ھەممىسى بايان جۈملە.
دەرستىن كېيىنكى تاپشۇرۇق:
«مەشق»قوللانمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك جايلىرى ئىشلىنىدۇ. تەكشۈرۈلۈپ، دەرسخانىدا ئومۇملاشتۇرىلىدۇ.
دوسكا لايىھەسى:
8. ھايات
1› ئاپتورنىڭ ھاياتنى مۇنارغا ئوخشىتىشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە تەھلىل.
2› ھاياتنى سىمىۋوللاشتۇرۇپ ئىپادىلەش ئۈستىدە ئىجابىي مۇھاكىمە.
3› مۇرەككەپ جۈملە ۋە ئاددىي جۈملىنىڭ تۈرلىرى ئۈستىدە تەھلىل.
دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:
دەرس تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى: