查看完整版本: [-- ئانا تۇپراق − گۆھەر زېمىن (دەرس تېكىستى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> ئانا تۇپراق − گۆھەر زېمىن (دەرس تېكىستى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-03-11 21:26

ئانا تۇپراق − گۆھەر زېمىن (دەرس تېكىستى)

ئانا تۇپراق − گۆھەر زېمىن \6o\+OQk  
  Q8q@Y R#  
ئەنەيتۇللا قۇربان ='}#`',  
  8O7Yv<  
[}-3Pp F  
مىليونلىغان قەلبنىڭ مۇقەددەس سۆيگۈسى ساڭاباغلانغان، ساڭا بېغىشلانغان. بىلمىدىم، ئاشۇ قەلبلەر قەسرىدە مۇھەببەت كۈيىنىئاپىرىدە قىلغان گۈزەللىكىڭمىدۇ، بۈيۈكلۈكۈڭ ھەم قەدىمىيلىكىڭمىدۇ، كىشىلەر ئۇنى، ئاشۇ مۇھەببەت ناخشىسىنى قەلبىدىن قوينۇڭغا تۆكۈۋاتىدۇ، ئوتلۇق تىنىقلىرى بىلەن كۆكسۈڭگە سېپىۋاتىدۇ، تەشنالىق تەلپۈنۈشىدە ساڭا سىڭدۈرۈۋاتىدۇ. بەلكى پۇرىقىڭدا شۇ ناخشىنىڭ ھىدى، ئۈستۈڭدە شۇ ناخشىنىڭ گۈللەردەك ئىزى. پەخىرلىك تۇيغۇ بىلەن تېپىچەكلىگەن يۈرەكتە ئاققان ئىسسىق قاندا، ھەغدالىق ئىستىكىدە بېسىلغان قەدەمدىنتۇغۇلغان ئىزلاردا شۇ ناخشىنىڭ ئانىنىڭ ئەللىيىدەك مۇڭلۇقلۇقى، بالىنىڭ ئاچچىقيىغىسىدەك ئۇلۇغلۇقى بار. KxIyc7.  
;JT(3yK4>p  
مەن قوينۇڭغا شۇنداق تۇغۇلدۇم. كۆكسۈمنى باغرىڭغايېقىپ ئۆمىلىدىم، سەندە تايتاڭلاپ چوڭ بولدۇم. ئەي ئانا يەر، سەن ماڭا ئانامدەك قاراپ، سەن مېنى ئانامدەك پۇراپ، قەلبىمدە مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغاتتىڭ. شۇنداق، سەن بۈيۈك ئانا! قامىتىنى، چېھرىنى، ئەتلىرىنى، ياق! ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ھالال مېھنىتى ھەم مېھرى ئارقىلىق پەرزەنتلىرىگە بېغىشلىغان ئانىلاردەك پىداكار ئانا! گۈزەللىكىڭنى چىمەنلەرگە بەردىڭ، ھەيۋىتىڭنى دەريالارغا، قامىتىڭنى تاغلارغابېغىشلىدىڭ. گۈللەردىن رەڭگىڭنى كۆرۈۋاتىمەن، ئۇنىڭ پـورەكلىرىدىن بالقىغان ئىپاردىن سېنىڭ پۇرىقىڭنى سېزىۋاتىمەن. دەريالار چوڭقۇر تىنىقىڭنى ھەم ئاچچىقھەسرىتىڭنى نامايان قىلسا، بورانلار غەزىپىڭ ھەم نەپرىتىڭ بولۇپ گۈرۈلدەيدۇ، گۈرۈلدەيدۇ! جىرالارنى غىدىقلاپ، تاغلارنى ئويغاتقان سۇلار تۈگىمەس ناخشىلىرىڭدەك شىلدىرلايدۇ. ئاڭلىغىنا ئانا تۇپراق، يۈرىكىم شۇ چاغ ساڭا يېڭى بىر رىۋايەتنىشىۋىرلايدۇ: يىراقلاردا بىر تاقىر چوققا، شامال ئاڭا ئارام بەرمەيدۇ. قاردا شۈمشىيىپ، تۈنلەردە ئەسنەپ، گۇگۇم كۈيىگە ئۇسسۇل ئوينايدۇ. سامادا چېقىن، جىرادا ئېقىن، تاغلار يېتىمدەك ئاچچىق يىغلايدۇ. قىيالارنى يامغۇرلار يۇيۇپ - يۇيۇپ قانمايدۇ. تاقىر چوققىدا بۈركۈت ئۇخلايدۇ، جىرا - جىرادىن بىر چۈش ھۇۋلايدۇ... l +'F_a  
})Yv9],6  
ئېھ، ئانا يەر! مۇقەددەس زېمىن، شامال بولۇپ سېنىسۆيگۈم كېلىدۇ، بوراندەك سېنى ۋاراقلاپ، قات - قېتىڭنى كۆرگۈم كېلىدۇ. كەڭ كۆكسۈڭگە، تىپتىنچ ئاشۇ كۆكسۈڭگە نېمىلەر مۇجەسسەمكىن!؟ گۈل - چېچەكلەر بىلەن گۈزەللەشكەن، مەخمەلدەك يايلاقنى يېپىنچاقلىغان، ئاپئاق قارلارنى رومال قىلىپئارتىپ، تاغلاردىن، چوققىلاردىن تىنىمسىز تامغان تامچىلارنى ھالال تەر ھەم ئاچچىقياش قىلغان ۋۇجۇدۇڭغا زادى نېمىلەر جۇغلانغاندۇ ... ساڭا شۇڭغۇغۇم كېلىدۇ، باغرىڭغا سىڭىپ، بايلىقلىرىڭ ئارىسىدا ئارىلىغۇم، ئۇلارنى باغاشلاپ، ئەنە شۇلار بىلەن بىللە قوشۇلۇپ ئاققۇم كېلىدۇ. تەشنالىقىم ئۇلاردىن بىر بۈيۈك ناخشىنى، مۇقەددەس بىر ئىزنانى ئىزدەيدۇ. گويا چىمەندوپپىغا، رەڭدار گىلەمگە ئەندىزە بولغان باغرىڭدىكى بايلىقلاردىن بالقىغاندەك ... ھەر تامچىدا ئۆزگەرمەس سۆيگۈ، ھەر گىياھتا مۇقەددەس تىنىق، ھەر چىمدىم تۇپراقتىن ئۇلۇغ بىر ناخشا تۇغۇلغاندەك، تۇغۇلىدىغاندەك سېنى مۇشۇنداق كۆرگۈم كېلىدۇ، سۆيگۈم كېلىدۇ. L(G92,.  
8 lT{1ro  
پۇرىسام، مومامنىڭ پۇرىقى، بوۋامنىڭ تىنىقى گۈپۈلدەر سەندىن. بىلمىدىم، ئۇلار سېنىڭ پورەكلىرىڭگە ئىپار بولۇپ سىڭگەنمىكىن. ئەي ئانايەر، ئۇلارنىڭ پۇرىقى بىلەن ئاۋازىنى ياڭراتقىنا، تەشنالىقىم قېنىۋالسۇن. يۈرىكىمئىڭرىغان سادالارنى، تەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ياڭرىغان ئەمگەك ئاھاڭلىرىنىئاڭلىۋالسۇن، چۈنكى ئۇ كۈلكىگە كۆنۈپ قېلىۋاتىدۇ. 0N;%2=2_E  
*if`/N-q(m  
پۇرىسام، دادامنىڭ پۇشۇلداشلىرى، ئانامنىڭمۇڭلىنىشلىرى ئاڭلىنار سەندىن. بەلكىم ئۇلارمۇ شۇ چاغدا ساڭا يانپاشلاپ ھاياتىنىئەسلەشكەندۇ، ئەجدادلىرىنى ئەسكە ئالغاندۇ. چۈنكى، ئىنساننىڭ ئوي - پىكرى ساڭابېقىپ قاناتلىنىدۇ، ساڭا بېقىپ يېڭى تۇيغۇلار تۇغۇلىدۇ. h8{(KRa6  
k N7B d}  
پۇرىسام مىليون يۈرەكلەرنىڭ ساڭا سىڭگەن سېغىنىشىگۈپۈلدەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھالال تەرى ساڭا تامغاچ، ئۇلارنىڭ ئوتلۇق تىنىقى ساڭاسىڭگەچ، كىندىك قېنى قوينۇڭدا بولغاچ، كۆك كۆكسىنى تىلىپ ئۇچقاندىمۇ سېنىئەسلەيدۇ، چەكسىز دېڭىز چۈش بولۇپ چىرمىغاندىمۇ ئېسىدىن سېنى چىقارمايدۇ؛ لىفتلار ئۇنىبۇلۇتتەك كۆتۈرسىمۇ، جەننەتتەك رەڭدار ھايات ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا گىرە سالسىمۇ، شېرىن پىچىرلاشلار ئۇلارنى ئالدىسىمۇ ... بوز تۇپرىقىڭ ھامان كۆز ئالدىدىنكەتمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار سەن بىلەن دادىسىنىڭ تاغدەك قامىتىنى، ئانىسىنىڭ دېڭىزدەك مېھرىنى ئەسكە ئالىدۇ. بالىلىق ھاياتتىكى ئۆمىلەشلەر، تايتاڭلاشلار ھەم غەمسىز، غۇبارسىز ھالدا توپىلارغا مىلىنىپ، سۇلارغا چۆمۈلۈپ ئەركىن ئويناشلار؛ ياشلىقتىكىگۈزەل ئارزۇلار، تاتلىق تۇيغۇ ھەم شېرىن ھايات پەقەت سەن بىلەن ھەر ئىنسان ۋۇجۇدىدا لۆمۈلدەپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە يېلىنجايدۇ. شۇنداق، سەن ئۇلارنىڭ يۈرەك قاتلاملىرىغا سىڭىپ كەتكەن بىر ناخشا. !t#F/C  
A7Po 3n%Q  
تىڭشىسام، تۇياق تىۋىشلىرى، ئاياغ ئاۋازلىرى ئاڭلىنار سەندىن. «ھۇررا» غا جور بولغان ئاتلارنىڭ تۇياق تىۋىشى، جەڭ بىلەن ئازادلىق يولىئېچىپ، زەپەر داستانلىرىنى يازغان ئىنسانلارنىڭ ئاياغ ئاۋازى، ئۇلۇغۋار يۈرۈشكەقاراپ قەدەم تاشلىغان مىليون يۈرەكلەرنىڭ ئورتاق ساداسى جەڭ سىمفونىيىسى بولۇپ باغرىڭغا سىڭگەن. $IQw=w7 p  
W?woNt'n  
تىڭشىسام، سېنىڭ باغرىڭدىكى ماگمىغا قاراپ سىرغىۋاتقان قان تامچىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمەن، ئۇلار ئاشۇ ماگما قايناملىرىغاقۇيۇلۇشنى، ئۇ يەردە كۆيۈشنى ئىستەمدىكىن!؟ ئەي ئانا يەر − مۇقەددەس زېمىن، سېنىڭئوبرازىڭ ساڭا ھەقدار قەلبلەر قەسرىگە قان بىلەن سىڭگەن، سېنىڭ نامىڭ ساڭابېغىشلانغان مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ناخشىلىرىدا يېزىلغان، سەن ئانىلار نامىدا، بالىلار باغرىدا گۈزەل ئاتىلىسەن، يېقىملىق چاقىرىلىسەن، بەكمۇ يېقىملىق.   ^teq[l$;  
80OtO#1y  
  /]^#b  
+0Q,vK#j^  
ئىزاھات:  ]`g@UtD9`  
ia@'%8  
ئەنەيتۇللا قۇربان 1958 - يىلى توقسۇن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، نەسرچى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى. ئۇنىڭ «ئىككى تامچە ياش»، (بىرلەشمە) «ئۇ، ئۇخلىغانمىكىن»، «ئويغانغان چۈش» قاتارلىقنەسر توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. بۇ نەسىر ئۇنىڭ «ئويغانغان چۈش» ناملىق توپلىمىدىنئېلىندى. (2011- يىلى 7- ئايدا ئالەمدىن ئۆتتى.) FzQTDu9  
i:]*P  
  {76c%<`WaP  
<7SpEVQ  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق: a8k;(/  
GPz(j'jU  
1. بۇلىرىك نەسرنى ھېسسىياتلىق ئوقۇڭ ۋە شائىرنىڭ ئانا تۇپراققا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىخچام، جانلىق قىلىپ سۆزلەپ بېرىڭ. H,fZ!8(A_)  
4fk8*{Y  
2. بۇلىرىك نەسردە قىزغىن ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان شېئىرىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە جۈملىلەر ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، «پۇرىقىڭدا شۇ ناخشىنىڭ ھىدى، ئۈستۈڭدە شۇ ناخشىنىڭ گۈللەردەك ئىزى ...»، «پۇرىسام دادامنىڭ پۇشۇلداشلىرى، ئانامنىڭ مۇڭلىنىشلىرى ئاڭلىنار سەندىن ...» دېگەندەك. سىزمۇ ئەسەردىن يەنە ئاشۇنداق شېئىرىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە سۆز - جۈملىلەرنى تېپىپ چىقىڭ ۋە لىرىك نەسرنىڭ قانداق يېزىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپبېرىڭ. [qUN4x5b  
wI]"U2L5  
3. تۆۋەندىكى جۈملىلەردە ئاپتورنىڭ قانداق ھېسسىياتىنىڭ ئىپادىلەنگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىڭ. R'EUV0KX>Y  
c0B|F  
1) «ئېھئانا يەر! مۇقەددەس زېمىن، شامال بولۇپ سېنى سۆيگۈم كېلىدۇ، بوراندەك سېنى ۋاراقلاپ، قات - قېتىڭنى كۆرگۈم كېلىدۇ.» {"oxJ`z4  
u H/w\v_I  
2) «ئەي ئانا يەر ... تەشنالىقىم قېنىۋالسۇن. يۈرىكىم ئىڭرىغان سادالارنى، تەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ياڭرىغان ئەمگەك ئاھاڭلىرىنى ئاڭلىۋالسۇن، چۈنكى ئۇ كۈلكىگە كۆنۈپ قېلىۋاتىدۇ.» \%PaceH  
f$NMM >z  
△4. سىزمۇ بىرەر تېمىنى تۇتۇپ بىر پارچە لىرىك نەسر يېزىپ بېقىڭ. `jwa<N4e@  
76u&EG%  
  9K9DF1SOa  
=JJL[}a|  
(مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا تىل- ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 1- كىتابتىن ئېلىندى. 2012-3-11    )  s8}@=]aA  
mauI42  
y-1 pR  

koksangun 2012-03-11 22:31
بۇ تېكىست يوللانماپتىكەن - دە، رەھمەت ئەجرىڭىزگە !

tunyukuk 2012-03-11 22:40
ئەنەيتۇللا قۇرباننىڭ تەرجىمىھالىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ.  HBMhtfWW  
|g//g\dd  
/bbs/read.php?tid=5146&page=1&toread=1#tpc  

erpan0992 2012-03-12 22:20
  مەن  بۇتېكىستكە  بەكمۇ  ھمراق

sabahat 2012-04-07 15:39
ئەجرىڭىزگە ھەشقاللا، تېنىڭىز سالامەت بولسۇن.

tawpek 2012-04-07 16:33
تىكىسىتلەر تولوق سۇنۇلۇپ بولدىمىكىن دەيمەن.شۇنداقمۇ تۇنيۇقۇقجان؟

tunyukuk 2012-04-07 16:44
引用第5楼tawpek于2012-04-07 16:33发表的 : تىكىسىتلەر تولوق سۇنۇلۇپ بولدىمىكىن دەيمەن.شۇنداقمۇ تۇنيۇقۇقجان؟
  hTEx]# (  
  (&P9+Tl  
زۆرۈر دەرلىكنىڭ تۈگەپ  بولدىغۇ دەيمەن.

tawpek 2012-04-07 16:48
سىتاتىستىكىلاپ باقتىڭىزمۇ؟ نەچچە تىكىسىت باركەن؟ نەچچىسىنى يوللاپ بوپسىز.

tunyukuk 2012-04-07 20:05
تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك  بەش كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىگە قارىسام قىسمەن قوشۇمچە مەزمۇنلادىن باشقا نومۇر قويۇلغان تېكىستلەر ئاساسەن يوللىنىپ تۈگەپتۇ. خېلى كۆپ قىسمىنى باشقا يولداشلارمۇ يوللىدى.

ماھى 2012-04-08 19:17
سىزنىڭ مۇنبىرىمىزدىكى ماتىرىيال ئامبىرىنى موللاشتۇرۇش ئۈچۈن كونوپكا تاختىسى ئۈستىدە توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتقان قوللىرىڭىزغا دەدر كەلمىگەي.

tawpek 2012-08-06 12:18
تۇنيۇقۇق مۇئەللىمنىڭ ئەجرىدىن پۈتۈن تەۋپىقداش سۆيۆنمەي تۇرالمايدۇ.

murasileli 2012-10-12 21:45
ئەجرىڭىزگە ھەشقاللا، تېنىڭىز سالامەت بولسۇن.         

نازۇك701 2013-06-27 13:51
ھەر قايسىڭلارنىڭ ئەجرىگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت.

tawpek 2013-08-01 18:59
ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئاكىمىز ئاۋازلىق ئوقىۋەتمىسىمۇ بولدىكەنتۇق بۇنى.


查看完整版本: [-- ئانا تۇپراق − گۆھەر زېمىن (دەرس تېكىستى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled