查看完整版本: [-- 2400 يىل بۇرۇنقى لەغمەن(ناتىۋان) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> 2400 يىل بۇرۇنقى لەغمەن(ناتىۋان) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

natiwan 2012-03-06 20:08

2400 يىل بۇرۇنقى لەغمەن(ناتىۋان)

ئەجداتلىرىمىز 2400 يىل بۇرۇنلا لەڭمەن يىگەنمۇ ][p>Y>:b-  
{C N~S*m  
بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئامېرىكا << ئارخېئولۇگىيە ئىلىمى >> ژورنىلىغا بېسىلغان << 2011-يىللىق دۇنيادىكى ئون چوڭ ئارخېئولوگىيىلىك بايقاش >> دىگەن ماقالىسىگە پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزا سۇ بېشى 3-نومۇرلۇق قەدىمىي قەبرە توپىدىن بايقالغان 2400 يىللىق تارىخقا ئىگە تېرىق ئۇنىدىن تەييارلانغان چۆپمۇ كىرگۈزۈلدى. مۇخبىر مۇناسىۋەت بىلەن 12-يانۋار تۇرپارنغا بېرىپ، سۇ بېشى 3-نومۇرلۇق قەدىمى قەبرە توپىنى قىزىشقا قاتناشقان پىشقەدەم ئارخېئولوگ لو ئىنگو ۋە باشقا ئالاقىدار خادىملارنى زىيارەت قىلدى. BdH-9n~,  
j~jV'f.:H  
شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ پېنسىيىگە چىققان تەتقىقاتچىسى لو ئىنگو موخبىرغا سۇ بېشى 3-نومۇرلۇق قەبرە توپىنىڭ بايقىلىشى توغرىسىدىكى ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى. Ni-xx9)=  
قەبرىستانلىقتا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يادىكارلىقلار بايقالدى. ئارخېئولوگلار قايتا-قايتا ئۆلچەش، ھىساپلاش ئارقىلىق قەدىمى قەبرىستانلىقنىڭ 700 كۋادرات مېتىر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. 3-نومۇرلۇق قەبرە توپىدىن ناھايىتى كۆپ مىقتاردا ساپال، تۆمۈر، تاشتىن ياسالغان تېپىلمىلارنى تاپقان. بۇنىڭىدىن باشقا نۇرغۇن ئاشلىق، ئۇرۇق بايقالغان. ئۇلارنى ھەممىدىن بەك ھاياجانغا سالغىنى مۇكەممەل ساقلانغان 10 نەچچە قۇرۇق جەسەتنىڭ بايقىلىشى ئىدى. جەسەتلەرنىڭ ئۇچىسىدىكى كېيىم-كىچىكى ناھايىتى ياخشى ساقلانغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى خەلقنىڭ كېيىنىش، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى توغرىسىدا نۇرغۇن يېڭى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەنگەن ئىدى. سۇ بېشى 3-نومۇرلۇق قەدىمكى قەبرە توپىدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياۋرۇپا ئىرىقىدىن ئىكەن. 4-نومۇرلۇق لەھەتتە بىر دانە ئوقيا بايقالغان بولۇپ، بۇ رايۇنىمىز ئارخىئولۇگىيە ساھەسىدە ئاز كۆرۈلىدىغان بايقاش ئىكەن. sg3OL/"  
b)qoh^  
2400 يىل بۇرۇنقى تېرىق ئۇنىدىن تەييارلانغان چۆپ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نامايەن بولدى DN-+osPi  
قېزىش خىزمىتى داۋاملىشىپ 20 نەچچە كۈندىن كېيىن 27-نومۇرلۇق ئەر-خوتۇن بىللە كۆمۈلگەن لەھەتنى تەكشۈرىۋىتىپ، لو ئىنگونىڭ ئېيتىشىچە ئەر جەسەت 40 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، 2400 يىل ئىلگىرىكى دەۋردە ياشىغان چارۋىچى ئىكەن. ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى ئۇچىسىغا قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن كىيىم، بېشىغا ئۇچلۇق باش كىيىمى كېيىۋالغان ئىكەن. لەھەتتىن يەنە جەسەت بىلەن بىللە دەپنە قىلىنغان سېغىز قاچا، ساپال ئىدىش قاتارلىق بويۇملار بايقالغان. بۇ قاچىلارنىڭ ئىچىدە تېرىق، پىشلاق قاتارلىق يىمەكلىكلەر بار ئىكەن. لو ئىنگو قاتارلىقلار بىللە دەپنە قىلىنغان تېپىلمىلارنى تازىلاش جەريانىدا ئارىسىدىكى بىر قاچىدا چۆپكە ئوخشايدىغان بويۇمنى بايقاپ قالغان، تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسەن بۇ بايقالغان نەرسىنىڭ بۇغداي، تېرىق ئۇنىدا ئېتىلگەن يىمەكلىك ئىكەنلىكى بېكىتىلدى. 2q=AEv/  
:* Z4yx  
ئۇلار كېيىنكى تەكشۈرۈش، قىزىش خىزمىتىدە تۈگۈر، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى بايقىدى، بىراق چۆپ تۈرىدىكى يىمەكلىكنىڭ بايقىلىشى تۇنجى قېتىم ئىدى. ئارخېئولۇگلار ئەينى ۋاقىتتا بۇنى لەڭمەن چۆپى دەپ قارىغان ئىدى. لەڭمەن چۆپىنىڭ بايقىلىشى ئارخېئولوگىيە نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئەينى چاغدىكى تۇرپان پىچاندىكى ئاھالىلەرنىڭ يىمەكلىك ئادىتىنى تەكشۈرۈشتە ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، شۇ يەردىكى ئاھالىنىڭ ئاللىقاچان بۇغداي، تېرىقنىڭ ئۇنىدىن پايدىلىنىپ چۆپ ئېتىش تېخنىكىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قاچىدىن قوناق نېنى بايقالغان بولۇپ، بۇ بەلكىم بىز ھازىر يەۋاتقان نېنىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسى بولۇشى مۇمكىنكەن. $0>60 
>> t@}F)  
لو ئىنگو موخبىرغا: j 
-سۇ بېشى قەدىمكى قەبرە توپىنىڭ بايقىلىشى رايۇنىمىز ئارخېئولۇگىيە تەتقىقاتىدىكى زور بۆسۈش ھىساپلىنىدۇ. شۇنداقلا بىزگە تۇرپاننىڭ تارختىن بويانقى مەدەنىيىتىنىڭ قىسقىچە كارتىسىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىللە، قەدىمكى << سۇ بېشى مەدەنىيتى >> نى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى،-دىدى. e,vvzs o  
`.~N4+SP  
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 2012-يىل 18-قەھرىتان سانىدىن ئېلىندى ([T>.s  
ئاپتۇرى: ئەزھەر قادىر، ئابدۇرىھىم ئىسمائىل DCIxRPw  

koksangun 2012-03-06 22:30
بۇ ئۇچۇردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇندىن 2400 يىللار ئىلگىرىلا يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە خېلى زور مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكەن . بۇنداق تېپىلمىلارنىڭ كۆپلەپ تېپىلىپ مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمكى چېكىنى بىلىۋېلىشىمىزغائاساس بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن .

r.muhemmet 2012-03-07 14:46
مەزكۈر تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن مەدەنىيەتشۇناسلارنىڭ رايونىمىزدىن تاشقا ئايلانغان لەغمەن تاپقانلىقى ھەققىدە ئىشلەنگەن پروگرامما ئېسىمگە كېلىپ، ئىزدەپ زادىلا تاپالمىدىم. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىزدىنىش ۋە بايقاش پروگرامما سەھىپىسىدە يىل بېشىدا بەرگەن ئىدى. بۇ فېلىمنى كۆرۈپ شۇنداق ھاياجانلانغان ئىدىم...

latapatlik 2012-03-07 21:23
ماڭا نىسپەتەن يېڭى بىلىمكەن بۇ!

gulhan 2012-03-08 00:34
ناتىۋاننىڭ يوللىغان بو ماتىريالىدىن مىللىتىمىز ۋە رايونىمىزنىڭ يىمەك -ئىچمەك مەدىنيەت تارىخىدىن يەنە بىر مۇھىم بىلىمنى بىلۋالدىم. `>gd&u  
-MW_| MG  
مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن مىللىتىمدىن!!!

qaydan 2012-03-08 09:55
مەدەنىيىتىمىزنىڭ قەدىمىيلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ.

ak-kaptar 2012-03-08 11:36
ناتىۋاننىڭ يوللىغان بو ماتىريالىدىن مىللىتىمىز ۋە رايونىمىزنىڭ يىمەك -ئىچمەك مەدىنيەت تارىخىدىن يەنە بىر مۇھىم بىلىمنى بىلۋالدىم. ;'?l$ ._  
{HL3<2=o  
مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن مىللىتىمدىن!!!

tutya 2012-03-09 11:32
ماڭا نىسبەتەن يىڭى بىلىم بۇلدىغۇ.  ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

tunyukuk 2012-03-09 18:51
ھەقىقەتەن زور بايقىلىش ئىكەن. مۇھىم ئۇچۇردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر! jy giG&H  

artuq520 2012-03-10 16:42
لەغمەن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇمۇ؟

t.elqut 2012-03-10 22:15
شۇنداق ، قەدىمىي مەدەنىيەتلىك بىز ئۇيغۇر لار يىمەك - ئىچمەك مەدەنىيەتتە 56 مىللەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىمىز.

danix 2012-04-10 19:09
   ناتىۋان  تۇرپان مېنىڭ ئانا يۇرتۇم . شۇ ئانا يۇرتۇمدىن قېزىۋىلىنغان A |3tI  
دۇنيادىكى ئون چوڭ بايقاشنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان لەغمەن چۆپى s/7 A7![  
توغرىسىدىكى   بۇ يوللانمىڭىزنى كۆرۈپ ،شۇنداق شاتلاندىم . شۇ شاتلىنىش "=6 v&G]U4  
ئىلكىدە ، ئىختىيارسىز ھالدا ئاللادىن تېنىڭىزگە سالامەتلىك ، WdZ:K,  
تۇرمۇشىڭىزغا بەخت تىلەپ كەتتىم . ناتىۋان ، بارلىق يۇتداشلىرىم نامىدىن سىزگە >[ Ye  
رەھمەت ئېيتىمەن ! سىزگە سالامەتلىك ۋە بەخت مەڭگۈ يار بولسۇن !

akbarmuallim 2012-04-12 19:15
ياخشى ماتىريال ئىكەن تەشىۋىق قىلىپ قويسا بولغىدەك .ئەجداتلىرمىزنىڭ لەغمەندەك ئىسىل تاماقنى بىزگە مىراس قالدۇرغىنىغا رەخمەت .

zulmakan 2012-04-13 10:58
مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن مىللىتىمدىن!!!

tursungul 2012-12-12 03:23
<<لەڭمەن>>مۇ ياكى <<لەغمەن>>مۇ؟

tursungul 2012-12-12 03:34
   بۇمۇ باشقىلار يوپۇرماقنى ئالدىغا تارتىپ ۋارۋارلىق  باسقۇچىدا ياشاۋاتقاندا ،ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ  كولدۇرما قوڭغۇراقلىق ئاتلىرى بىلەن شىرىن ئۇيقۇدىكى غەرپنى ئويغاتقانلىقىنىڭ  كىچىك بىر مىسالىدۇر بەلكىم!

ئەكبەرنىياز 2012-12-12 09:12
ھەقىقەتەن ياخشى ماتىريال ئىكەن ، مەدەنىيەت تارىخىمىزدىن پەخىرلىنىمىز . تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت !!! ھارمىغايسىز !!!

مەرىپەت0999 2012-12-12 12:31
مىللىتىمدىن پەخرلىنىمەن!!يوللانمىڭىزغا ئالەمچە تەشەككۈر!!قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولغاي       

ئىلتىماس 2012-12-13 14:30
ئەجەپ ياخشى ماتىرىيال ئىكەن. مەن <تۇرپان كاىرىزلىرى> دېگەن دەرىسنى ئۆتۋاتاتىم.ماڭا بىر پايدىلىنىش ماتىرىيال بۇلدى.رەھمەت ناتۋان سىزىگە.

توغراق 2012-12-13 17:05
بەك ھاياجانلاندىم، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز نېمىدىگەن مەدەنىيەتلىك -ھە!،بىراق بىز مۇشۇ مەدەنىيەتكە يۈز كېلەلىگۈدەك ئىش قىلالارمىزمۇ؟!!!

ataxkiz 2014-02-19 15:33
بەك ياخشى ماتىرىيال ئىكەن ، ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچىگە كۆپ رەھمەت .


查看完整版本: [-- 2400 يىل بۇرۇنقى لەغمەن(ناتىۋان) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled