查看完整版本: [-- ئاناجان --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدە -> ئاناجان [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

sebure 2012-03-05 00:16

ئاناجان

ئاناجان
 
       سۆيۈشلەرنى ئۆگەندىم سەندىن،
    سۆيۈشكۈسىز قالغان شۇ ھامان.
ياشلىقىڭنى پىدا ئەيلىدىڭ،
 پەرزەتىڭچۈن بولۇپ ناتىۋان.
 
   جۈپ قولۇڭدىن كېلەر كۈلكىلەر،
    جۈپ كۆزۈڭدە سۆيگۈ ناخشىسى.
      يىغلىغاي ئالەم  سۆيگۈڭ مۇڭىدىن،
            چىن سۆيگۈ بېرەلمەس سەندىن باشقىسى.
 
            قەددىڭنى پۈكمىدىڭ- ئەگمىدىڭ بەلنى،
يۈرىكىڭ قېتىدا ئويۇلدۇم قاندەك.
        تار ئالەم كەڭ بولدى ئاتام سەن ئانام،
      ئارمىنىم:مەن قۇلۇڭ، ياشىساڭ خاندەك.
 
     ئەجرىڭدىن ياشاردى ئالەمنىڭ يېشى،
    سېنىڭسىز نە كۈلكە ،تويلارنىڭ ئىشى.
     بەختىمگە ياشاۋەر، سەن مېنىڭ بەختىم،
ئانىسىزغا ئانا بول قاتمىسۇن بېشى.
 
ئاقارغان چېچىڭغا سالامىم بولسۇن،
   دۇئايىڭ،دۇئايىم،ماغدۇرۇڭ بولسۇن.
نۇسرىتىم،غەيرىتىم ھېممىتىم ئانا،
   تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!!!
 
ئائىشە سۇبۇرە
2011-يىل 5-فېۋرال،
 


توغراق 2014-06-24 11:30
ئانا ھەققىدىكى ئېسىل نەزمە بوپتۇ، ئاپىرىن!


查看完整版本: [-- ئاناجان --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled