قەلبىمدە تۇغۇلدى ئانام بۈگۈندە
قەلبىمدە تۇغۇلدى ئانام بۈگۈندە
ئانا-دەپ تۇغقاندا ئانام سېنتەبىر،
ئانا-دەپ تولغاقتا قىلدىممەن زىكىر.
سېنىڭسىز نە جەننەت؟نىدا ئەيلىسەم-
كەپىلەركۈلىدۇ ،يىغلايدۇ قەسىر.
يىگىرمە ئالتە ياش، يىگىرمە باھار،
باغاشلاپ بىر تىنىق سۆيىدۇ تىنماي
سۆيگۈنىڭ باغرىدا ئەركىلسە يىللار
ئانىنىڭ باغرىدا يۈرىمەن قانماي
ئىزلەيدۇ نىدايىم تونۇش ھىدىنى
پەلەكمۇ ياش تۆكەر يىتسە بىرقەدەم
بەختىمگە،كۈلكەمگە ياشىسا ئەبەد
كۆرمىسەم ھېچ ماتەم،تارتمىسام ئەلەم
پەرىشتە قەيەردە؟ ئانا –پەرىشتە، ئاز كېلۇر نەزمىلەر كۈيلىسەم يانا قەلبىمدە تۇغۇلسا ئانام بۈگۈندە تۇغۇلدى ئەجىبا ئانىدىن ئانا
ئائىشە سۇبۇرە.
2011-يىل 26-ئاپرېل،
|