查看完整版本: [-- «تارىخى رەشىدىي» توغرىسىدا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> «تارىخى رەشىدىي» توغرىسىدا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-03-03 21:35

«تارىخى رەشىدىي» توغرىسىدا

O` R@6KG   
6tBL?'pG  
«تارىخى رەشىدىي» توغرىسىدا Hy~kHBIL  
  gB,~Y511  
=NxT9$V  
ئەسەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش r=l hYn  
gSS2)Sd}  
  M:i;;)cq  
0w[#`  
«تارىخى رەشىدىي» ناملىق ئەسەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا «قۇتادغۇ بىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە ئەلىشىر نەۋائىينىڭ بەدىئىي مىراسلىرىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن يەنە بىر مۇھىم ناماياندە. بۇ ئەسەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەڭ رايونلارنىڭ  14_ 16- ئەسىرلەردىكى تارىخىي ئەھۋالى، ئىجتىمائىي قىياپىتى، مەدەنىي ھاياتى ناھايىتى ئىشەنچلىك مول تارىخىي ماتېرىياللار ئاساسىدا ئەينەن يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەسەر باشتىن - ئاخىر گۈزەل تىل، يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت ۋە ئىلمىي سەۋىيە بىلەن يېزىلغان بولغاچقا، خەلقئارادا تارىخشۇناسلىق ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق ساھەسىدە زور شۆھرەت قازانغان داڭلىق ئەسەر سۈپىتىدە داۋاملىق ئۆگىنىلىپ كەلمەكتە.
ea!_/Y  
I[u%k ir  
بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى قەشقەردىن بولۇپ، ئۇلار ئۆز دەۋرىدىكى موڭغۇل ھاكىمىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقان تارىخىي شەخسلەر ئىدى. ئۇلار چىڭگىزخان دەۋرىدىن باشلاپ قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەننى مەركەز قىلغان كەڭ رايونلاردا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ئۇلۇغ بوۋىلىرىدىن ئەمىر بولاجى ۋە ئەمىر خۇدايداد قاتارلىقلار چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىدىن تۇغلۇق تېمۈرخان، سۇلتان ئۇۋەيسخان ۋە يۇنۇسخانلارنىڭ ئوردىسىدا «ئۇلۇس بېگى» (باش ۋەزىر) بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرقى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزىي ئاسىيا رايونىنى ئىدارە قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. ئەمىر خۇدايدادنىڭ نەۋرىسى ئەمىر سەييىدئەلى قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەڭ رايونلىرىغا ئۇزاق مەزگىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن سانىز مىرزا (بەزى مەنبەلەردە: «سانسىز مىرزا» دېيىلىدۇ)، مۇھەممەد ھەيدەر مىرزا قاتارلىقلارمۇ ئاتىسىنىڭ ھاكىمىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغان. مۇھەممەد ھەيدەر مىرزا ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە سانىز مىرزىنىڭ ئوغلى مىرزا ئەبابەكر بىلەن مۇھەممەد ھەيدەر مىرزا ئوتتۇرىسىدا ھاكىمىيەت تالىشىش يۈز بېرىپ، نەتىجىدە مۇھەممەد ھەيدەر مىرزا خوتەن ۋە قەشقەر رايونىدىن سىقىپ چىقىرىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد ھەيدەر مىرزا يۇنۇسخان بىلەن بىللە ئاقسۇدا تۇرغان. يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى مەھمۇدخان بىلەن مۇھەممەد ھەيدەر مىرزىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ھۈسەيىن مىرزا يېقىن دوست بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇھەممەد ھۈسەيىن مىرزا تاشكەنتكە، مەھمۇدخاننىڭ يېنىغا بارغان ۋە مەھمۇدخاننىڭ تەيىن ئېتىشى بىلەن ھازىرقى تاشكەنتنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆرىتۆپىنى باشقۇرغان. شۇ مەزگىلدە سۇلتان مەھمۇدخان ئۆزىنىڭ قېرىندىشى خۇبنىگار خانىمنى مۇھەممەد ھۈسەيىن مىرزىغا نىكاھلاپ بەرگەن. مۇھەممەد ھۈسەيىن مىرزا يۇنۇسخاننىڭ قىزى، مەھمۇدخاننىڭ قېرىندىشى خۇبنىگار خانىمغا ئۆيلەنگەندىن كېيىن، «كۆرەگان» (خاننىڭ كۈيئوغلى) دېگەن مەرتىۋە بىلەن مۇھەممەد ھۈسەيىن كۆرەگان دەپ ئاتالغان. شۇ مەزگىلدە، مۇھەممەد ھۈسەيىن كۆرەگان بىلەن خۇبنىگار خانىمدىن «تارىخى رەشىدىي»نىڭ ئاپتورى، ئۇلۇغ ئالىم مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان ۋۇجۇدقا كېلىپ، مىلادىيە 1499 - يىلى تاشكەنتتە دۇنياغا كۆز ئاچقان.
2 )oT\m  
>;I$&  
بۇ مەزگىلدە تۇغلۇق تېمۈرخان ئەۋلادلىرىدىن يۇنۇسخان ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى، ئەمىر تېمۈر ئەۋلادلىرىدىن سۇلتان ئەھمەد مىرزا، سۇلتان مەھمۇد مىرزا، ئۆمەر شەيخ مىرزا، ئەبۇلخەيرخان ئەۋلادلىرىدىن مۇھەممەد شەيبانىخان، جانىبېكخان، سەفەۋىيلەر ئەلاۋدلىرىدىن شاھ ئىسمائىل سەفەۋىي قاتارلىق خانلار ئارىسىدا ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشى ئەۋج ئالغانىدى. سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى كۈرەشمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم كەسكىن ئىدى. مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدا مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان نۇرغۇن ئەگرى - توقاي كەچۈرمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاخىر يۇنۇسخان ئەۋلادلىرىدىن سۇلتان سەئىدخان بىلەن بىرلىكتە قەشقەرگە يۈرۈش قىلىپ، مىرزا ئەبابەكر ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇشقا ئىشتىراك قىلغان ۋە بۇ خانلىق ئىچىدە مۇھىم ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن. بۇ خانلىقنىڭ نۇرغۇن ھەربىي يۈرۈشلىرىگە قاتناشقان ۋە باشچىلىق قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەرگە ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان بولغاچقا، ئىشەنچلىك ماتېرىياللارنى توپلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان.
BVAxeXO  
BWRM gN'.  
مىلادىيە 1533 - يىلى سۇلتان سەئىدخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئوردىدىكى پىتنە - پاساتچىلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى تۈپەيلىدىن سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئوغلى ئەبدۇرەشىدخان مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ۋە ئۇنىڭ تاغىسى سەييدمۇھەممەد مىرزا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر يېقىن كىشىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا تىبەت ئارقىلىق بەدەخشانغا چىقىپ كەتكەن. ئۇ يەردىن ئافغانىستان ۋە ھىندىستانغا بارغان. ھىندىستاندىن كەشمىرگە يۈرۈش قىلىپ، مىلادىيە 1541 - يىلى كەشمىرنى ئىشغال قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان «تارىخى رەشىدىي»نى يېزىشقا كىرىشكەن ۋە بۇ ئەسەرنى مىلادىيە 1541 - يىلىدىن 1546 - يىلىغىچە كەشمىر پايتەختى سېرىناگاردا يېزىپ پۈتكۈزگەن. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان مىلادىيە 1551 - يىلى تاغلىق قەبىلە كىشىلىرىدىن بىرىنىڭ ئاتقان ئوقىدا يارىلىنىپ ئالەمدىن ئۆتكەن.
j?a^fcXB  
O2z{>\  
«تارىخى رەشىدىي» يېزىلىپ پۈتكەندىن كېيىن، مەملىكىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا، جۈملىدىن خەلقئارادا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ھەم ناھايىتى يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە بولغان. بۇ ئەسەرنىڭ تۈرلۈك قوليازمىلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نوپۇزلۇق كۇتۇپخانىلاردا قىممەتلىك يادىكارلىق سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، «تارىخى رەشىدىي» كېيىنكى دەۋرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ تارىخشۇناسلىق، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات - سەنئەت جەھەتتىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە مۇھىم مەنبە بولغان ھەم مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن.
prJ]u H,  
U tb"6_   
«تارىخى رەشىدىي» ئىككى توملۇق ئەسەر بولۇپ، ئەسلىي پارس تىلىدا يېزىلغان. كىتاب يېزىلغاندىن كېيىن، خەلقىمىز ئىچىدە ئۇنىڭ ھەر خىل قوليازمىلىرى كەڭ تارقىلىش بىلەن بىللە، يەنە تۈرلۈك تەرجىمە نۇسخىلىرىمۇ بارلىققا كەلگەن. بۇ تەرجىمە نۇسخىلار ئىچىدە مۇھەممەد سادىق كاشغەرى تەرجىمىسى، موللا مۇھەممەتنىياز بىننى ئەبدۇلغەفۇر تەرجىمىسى ۋە مىلادىيە 1839 - يىللىرى ئەتراپىدا كاشغەردە زوھۇرىددىن ھاكىمبەگنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئىشلەنگەن تەرجىمە نۇسخىسى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. بۇ ئەسەر موللا مۇھەممەدنىياز بىننى ئەبدۇلغەفۇرنىڭ تەرجىمىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئۇنىڭ باشقا پارسچە قوليازمىلىرى ۋە تەرجىمە نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا يەشمە قىلىپ نەشرگە تەييارلاندى. بۇ نۇسخا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2007 - يىل 7 - ئايدا نەشر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
tb#9TF  
-|Z[G N:  
  5%`fh%  
<]{$XcNm  
ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
k9]M=eO  
c*fMWtPp  
بىرىنچى توم:    تۇغلۇق تېمۈرخان چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىدىن ئىسان بۇغاخاننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئىسان بۇغاخان داۋاچى خاننىڭ ئوغلى، داۋاچى خان بەراقخاننىڭ ئوغلى، بەراقخان قارا سۇبۇخاننىڭ ئوغلى، قارا سۇبۇخان مامقانخاننىڭ ئوغلى، مامقانخان چاغاتايخاننىڭ ئوغلى، چاغاتايخان چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى ئىدى.
)Q:.1 Hgl  
1#]0\Y(  
تۇغلۇق تېمۈرخان ئىسان بۇغاخاننىڭ كىچىك خوتۇنى مەڭلىك خوتۇندىن بولغان ئوغلى ئىدى. مەڭلىك خوتۇن تۇغلۇق تېمۈرگە ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە، ئىسان بۇغاخاننىڭ چوڭ خوتۇنى ساتىلمىش خوتۇن ئۇنىڭ ئانىسى مەڭلىك خوتۇننى باشقا بىر كىشىگە بېرىۋېتىپ، يىراققا كەتكۈزۈۋېتىدۇ. بۇ چاغدا ئىسان بۇغاخان لەشكىرىي يۈرۈش ئىشلىرى بىلەن ئوردىدىن يىراقتا ئىدى. شۇنداق قىلىپ تۇغلۇق تېمۈرخان ئاتىسىنىڭ ئوردىسىدىن يىراقتا، يەنى ئاددىي خەلق ئارىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولىدۇ. ئىسان بۇغاخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خانلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ ئوغلى تۇغلۇق تېمۈرخاننى ئىزدەپ تېپىپ ئوردىغا ئېلىپ كېلىدۇ ۋە خانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزىدۇ. تۇغلۇق تېمۈرخان تەختكە چىققاندىن كېيىن مەۋلانا جەلالىدىن كېتىكىي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مەۋلانا ئەرشىدىن قاتارلىقلارنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىدۇ. تۇغلۇق تېمۈرخان شۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام دىنىنى تەشەببۇس قىلىپ، موڭغۇللارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. تۇغلۇق تېمۈرخان يەنە ماۋەرائۇننەھر (ھازىرقى ئۆزبېكىستان تەۋەسى)گە ئىككى نۆۋەت يۈرۈش قىلىپ، ئۇ يەرنى ئىشغال قىلغان ۋە ئۇ يەرگە ئوغلى ئىلياس خاجەنى خانلىققا، ئەمىر تېمۈرنى بولسا ئەمىرلىككە تەيىنلىگەن. تۇغلۇق تېمۈرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئورنىغا ئىلياس خاجەخان ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئىلياس خاجەخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تاغىسى قەمەرىددىن بەگ ئىسيان كۆتۈرۈپ خانلىق تەختىنى ئىگىلىۋالىدۇ. بۇمەزگىلدە ئەمىر تېمۈر ماۋەرائۇننەھردىن بىرقانچە قېتىم يۈرۈش قىلىپ كېلىپ، قەمەرىددىن بەگ بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. نەتىجىدە، قەمەرىددىن بەگ مەغلۇپ بولۇپ، ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغلۇق تېمۈرنىڭ يەنە بىر ئوغلى خىزىر خاجە خان بولىدۇ. خىزىر خاجەخاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەدخان تەختكە چىقىدۇ. مۇھەممەدخاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى شىرمۇھەممەدخان تەختكە چىقىدۇ. شىرمۇھەممەدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئۇۋەيسخان تەختكە چىقىدۇ. ئۇۋەيسخاننىڭ ھۇزۇرىدا مىرزا ھەيدەرنىڭ بوۋىلىرىدىن ئەمىر خۇدايداد ئۇلۇس بېگى ئىدى. ئۇنىڭ نەۋرىسى ئەمىر سەيد ئەلى ئەمىر ئىدى. ئۇۋەيسخان بىر قېتىملىق جەڭدە يارىلىنىپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى ئىسان بۇغاخان تەختكە چىقىدۇ. ئىسان بۇغاخاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى دوستمۇھەممەدخان تەختكە چىقىدۇ. دوستمۇھەممەدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تاغىسى، يەنى ئۇۋەيسخاننىڭ يەنە بىر ئوغلى يۇنۇسخان تەختكە ئولتۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە كاشغەر (قەشقەر)دە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئەمىر سەييىدئەلى ۋاپات بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئوغلى سانىز (سانسىز) مىرزىغا قالىدۇ. سانىز مىرزا بىر قېتىملىق ئوۋ جەريانىدا ئاتتىن يىقىلىپ ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنى قېرىندىشى مۇھەممەد ھەيدەر مىرزا ئۆتكۈزۈۋېلىپ، كاشغەرنى مەركەز قىلغان يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارنى باشقۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە سانىز مىرزىنىڭ ئوغلى مىرزا ئەبابەكر مۇھەممەد ھەيدەر مىرزىنىڭ ساددىلىقى ۋە بىپەرۋالىقىدىن پايدىلىنىپ، ياركەندنى ئىگىلەيدۇ. ئاندىن كېيىن خوتەنگە يۈرۈش قىلىپ، خوتەننى باشقۇرۇۋاتقان ئاكا - ئۇكا ھەقنەزەر مىرزا ۋە قۇلنەزەر مىرزىلارنى ھىيلە - نەيرەڭ بىلەن ئەسىرگە ئالىدۇ. مىرزا ئەبابەكر خوتەننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ھەيدەر مىرزىغا تۈرلۈك ھىيلە - مىكىرلىك ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، كاشغەرنى ئىگىلەشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. مۇھەممەد ھەيدەر مىرزا كېيىنكى ۋاقىتتا مىرزا ئەبابەكرنىڭ نەيرەڭلىرىنى سېزىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لەشكەر تارتقان بولسىمۇ، مەغلۇپ بولىدۇ. يۇنۇسخان مۇھەممەد ھەيدەر مىرزا بىلەن بىرلىكتە مىرزا ئەبابەكر ئۈستىگە لەشكەر تارتىپ يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك جەڭ قىلىدۇ. لېكىن، ئاخىرىدا يەنىلا مىرزا ئەبابەكر غەلىبە قىلىدۇ. يۇنۇسخان مۇھەممەد ھەيدەر مىرزىغا ياردەم بېرىپ، مىرزا ئەبابەكرنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن، ئىككىنچى يىلى يەنە نۇرغۇن لەشكەر توپلاپ، مۇھەممەد ھەيدەر مىرزا بىلەن بىللە ياركەندكە ھۇجۇم قىلىدۇ. لېكىن، بۇ نۆۋەتمۇ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ئارقىسىغا قايتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد ھەيدەر مىرزا كاشغەردە تۇرالماي، پۈتۈن ئادەملىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا يۇنۇسخانغا ئەگىشىپ، ئاقسۇغا كېلىدۇ (بۇ مەزگىلدە يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى سۇلتان مەھمۇدخان مۇغۇلىستاندا ئىدى. ئۇنىڭ تەلىپىگە بىنائەن مۇھەممەد ھەيدەر مىرزىنىڭ ئون ئىككى ياشلىق ئوغلى مۇھەممەدھۈسەيىننى مۇغۇلىستانغا، مەھمۇدخاننىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىدۇ، ئۇلار يېقىن دوست بولۇپ ئۆتىدۇ). ئاقسۇغا كېلىپ ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي يۇنۇسخان بىلەن مۇھەممەد ھەيدەر مىرزا ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان ئەرزىمەس نىزالار تۈپەيلىدىن ئۇرۇش يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد ھەيدەر مىرزا كاشغەرگە، مىرزا ئەبابەكرنىڭ يېنىغا بارىدۇ، مىرزا ئەبابەكر ئۇنى دەرھال تۇتۇپ قاماققا ئالىدۇ. ئاندىن كېيىن يۇنۇسخان پۈتكۈل ئادەملىرىنى باشلاپ تاشكەنتكە بارىدۇ. بۇ چاغدا ماۋەرائۇننەھردە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئەمىر تېمۈر ئەۋلادلىرىدىن سۇلتان ئەھمەد مىرزا، ئۆمەرشەيخ مىرزىلار بىلەن يۇنۇسخان ئوتتۇرىسىدا سۈلھى تۈزۈلىدۇ. يۇنۇسخان ھىجرىيە 892 - يىلى (مىلادىيە 1486 − 1487 - يىللارغا توغرا كېلىدۇ) تاشكەنتتە ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى مەھمۇدخان تەختكە ئولتۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان مەھمۇدخان مۇھەممەد ھەيدەر مىرزىنىڭ ئوغلى مۇھەممەدھۈسەيىنگە ئۆزىنىڭ قېرىندىشى خۇبنىگار خانىمنى نىكاھلاپ بېرىدۇ. مۇھەممەدھۈسەيىن مىرزا شۇنىڭدىن كېيىن كۆرەگانلىق مەرتىۋىسىگە ئىگە بولۇپ، «مۇھەممەدھۈسەيىن كۆرەگان» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇھەممەدھۈسەيىن كۆرەگان بىلەن خۇبنىگار خانىمنىڭ نىكاھىدىن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان («تارىخى رەشىدىي»نىڭ مۇئەللىپى) ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان مىلادىيە 1499 - يىلى تاشكەنتتە دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ.
0#$<2   
#ZzFAt  
سۇلتان مەھمۇدخان تاشكەنتتە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئىچكى پىتنە - پاساتلار تۈپەيلىدىن ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا بۇزۇلۇش، چېكىنىش يۈز بېرىدۇ. مەھمۇدخان بىلەن مۇھەممەدشەيبانىخان ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولىدۇ. سۇلتان مەھمۇدخاننىڭ ئىنىسى سۇلتان ئەھمەدخان ئاكىسىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاقسۇدىن تاشكەنتكە بارىدۇ. ئاقسۇدا سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ ئورنىدا ئوغلى مەنسۇرخان خانلىقنى ئىدارە قىلىدۇ. سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ يەنە بىر ئوغلى سۇلتان سەئىدخان ئاتىسى بىلەن بىللە تاشكەنتكە بارىدۇ. سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئوغلى سۇلتان ئەبدۇرەشىدخانمۇ تاشكەنتتە دۇنياغا كېلىدۇ.
`=}w(V8pc  
>VnBWa<j3  
  9V]{q  
utH/E7^8  
ئىككىنچى توم:   ھىجرىيە 914 - يىلى (مىلادىيە 1508 − 1509 - يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ) شاھىبېكخان خوجەنت دەرياسى بويىدا سۇلتان مەھمۇدخاننى بەش ئوغلى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرىدۇ. مەھمۇدخاننىڭ ئالتە ئوغلىدىن پەقەت سۇلتان مۇھەممەدخانلا ھايات قالىدۇ (ئۈچ ئايدىن كېيىن شاھىبېكخان ئۇنىمۇ قەتل قىلىدۇ). بۇ مەزگىلدە مىرزا ھەيدەرنىڭ ئاتىسى مۇھەممەدھۈسەيىن كۆرەگان ھىراتقا بارىدۇ. سۇلتان سەئىدخاننى شاھىبېكخاننىڭ ئادەملىرى ئەندىجاندا قاماققا ئالىدۇ. كېيىن سەئىدخان ئۇ يەردىن قېچىپ بەدەخشانغا، ئۇ يەردىن كابۇلغا − بابۇر پادىشاھنىڭ يېنىغا بارىدۇ. شاھىبېكخان مىرزا ھەيدەرنىڭ ئاتىسى مۇھەممەدھۈسەيىن كۆرەگاننى ھىراتتا ئۆلتۈرىدۇ. مىرزا ھەيدەر بۇ ۋاقىتتا تېخى كىچىك بالا بولۇپ، ئۇنى مۇھەممەدھۈسەيىن كۆرەگاننىڭ يېقىن كىشىلىرى بۇخارادا يوشۇرۇپ ساقلايدۇ. كېيىن ئۇ يەردىن قاچۇرۇپ بەدەخشانغا، ئۇ يەردىن كابۇلغا − بابۇر پادىشاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارىدۇ.
"W"2 Y(  
XWuHH;~*L  
ھىجرىيە 915 - يىلىنىڭ قىش پەسلى (مىلادىيە 1509 - يىلىنىڭ 11 - ئايلىرىدىن، 1510 - يىلىنىڭ 2 - ئايلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ) دە شاھىبېكخان قازاقلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە شاھىبېكخان مەغلۇپ بولۇپ سەمەرقەنتكە چېكىنىدۇ. ئاندىن خۇراسانغا بېرىپ، باھارنى خۇراساندا ئۆتكۈزىدۇ. كۈزدە ھازارىلەر ئۈستىگە لەشكەر تارتىدۇ، بۇ قېتىمقى لەشكىرىي يۈرۈشتە شاھىبېكخاننىڭ لەشكەرلىرى كۆپ تالاپەتكە ئۇچرايدۇ. شاھىبېكخان لەشكەرلىرىنى قىشتا يۇرتلىرىغا قايتىپ، دەم ئېلىشقا قويۇۋېتىدۇ. لەشكەرلەر ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېتىدۇ. شۇ ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقاندا، سەفەۋىيلەر خانلىقىنىڭ پادىشاھى شاھ ئىسمائىل سەفەۋىي خۇراسانغا قاراپ ھۇجۇم قىلىدۇ. شاھىبېكخان بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھىراتتىن مەرۋىگە كېلىدۇ. شاھ ئىسمائىلمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا مەرۋىگە يېتىپ كېلىدۇ. ھىجرىيە 916 - يىلى (مىلادىيە 1510 - يىلىغا توغرا كېلىدۇ) رامىزان ئېيىنىڭ شەك كۈنى مەرۋىگە يېقىن يەردە شاھىبېكخان شاھ ئىسمائىل سەفەۋىي قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلىدۇ. جەڭدە شاھىبېكخان قوشۇنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، شاھىبېكخان نۇرغۇن ئەمىرلىرى بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلىدۇ. شاھىبېكخاننىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بابۇر پادىشاھ كابۇلدىن قۇندۇزغا يۈرۈش قىلىدۇ. مىرزا ھەيدەرنىڭ تاغىسى سەييىدمۇھەممەد مىرزا بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ پەرغانىنى ئىگىلەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان سەئىدخان بابۇر پادىشاھنىڭ يېنىدىن پەرغانىگە كېلىدۇ. مىرزا ھەيدەرمۇ پەرغانە مەركىزى ئەندىجانغا، سۇلتان سەئىدخاننىڭ يېنىغا كېلىدۇ. سۇلتان سەئىدخان ھىجرىيە 919 - يىلى (مىلادىيە 1513 - 1514 - يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ) ئۆزىنىڭ سىڭلىسىنى مىرزا مۇھەممەدھەيدەرگە نىكاھلاپ بېرىپ، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرگە كۆرەگانلىق مەرتىۋىسىنى بېرىدۇ.
W`vgH/lSnZ  
sYMgi D  
ھىجرىيە 920 - يىلى (مىلادىيە 1514 - يىل 3 -، 4 - ئايلارغا توغرا كېلىدۇ) باھار پەسلىدە شەيبانىي سۇلتانلىرى ئەندىجانغا ھۇجۇم قىلىدۇ. سۇلتان سەئىدخان سەييىدمۇھەممەد مىرزا قاتارلىق چوڭلار بىلەن بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ. ئۇلار ئەندىجاندا پۇت تىرەپ تۇرۇشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، پەرغانىنى تاشلاپ كاشغەرگە يۈرۈش قىلىدۇ. مىرزا ئەبابەكر كاشغەرگە كېلىپ سېپىل سوقۇپ مۇداپىئەگە ئۆتىدۇ. سەئىدخان قوشۇنلىرى كاشغەرگە كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن كاشغەر سېپىلىنى قامال قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ياڭىھىسار (ھازىرقى يېڭىسار)غا ھۇجۇم قىلىدۇ. ھىجرىيە 920 - يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى (مىلادىيە 1514 - يىل 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنىگە توغرا كېلىدۇ) ياڭىھىسار قەلئەسى مۇھاسىرىگە ئېلىنىدۇ. نەتىجىدە، بەش كېچە - كۈندۈز جەڭ قىلىش ئارقىلىق ياڭىھىسار قەلئەسى ئىشغال قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كاشغەر ۋە ياركەنتمۇ سۇلتان سەئىدخان قوشۇنلىرىنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتىدۇ.
$;k2b4u  
&/\Q6$a  
مىرزا ئەبابەكر خوتەنگە قېچىپ، ئۇ يەردىن تىبەتكە ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا ئۆز ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئىنىسى ئەمىن خاجە سۇلتان تۇرپاندىن كېلىپ، ئاكىسىنىڭ خىزمىتىگە كىرىدۇ. ھىجرىيە 922 - يىلى مۇھەررەم ئېيى (مىلادىيە 1516 - يىل 2 - ئايغا توغرا كېلىدۇ) دا سۇلتان سەئىدخان ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئاقسۇغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككىيلەن سۈلھى تۈزىدۇ. سۇلتان سەئىدخان ھىجرىيە 923 - يىلى (مىلادىيە 1517 - يىلىغا توغرا كېلىدۇ) بەدەخشانغا يۈرۈش قىلىدۇ.
m-wK8]t9  
.%x1%TN  
سۇلتان سەئىدخان ھىجرىيە 931 - يىلى (مىلادىيە 1524 - 1525 - يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ) ئەندىجانغا يۈرۈش قىلىدۇ. ھىجرىيە 938 - يىلى زۇلھەججە ئېيىدا (مىلادىيە 1532 - يىل 7 - ئايغا توغرا كېلىدۇ) سۇلتان سەئىدخان مىرزا ھەيدەر بىلەن بىرلىكتە تىبەتكە (ھازىرقى شىزاڭغا) يۈرۈش قىلىدۇ. ئۇلار تىبەتنىڭ بىرقانچە ۋىلايەتلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، سۇلتان سەئىدخان ئۆزى تىبەتتە قېلىپ، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنى كەشمىرگە يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر شۇ يىلى قىشتا كەشمىرگە يۈرۈش قىلىپ ئۇ يەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا تىبەتكە قايتىپ، تىبەتنىڭ مارىيۇل دېگەن يېرىدە سۇلتان سەئىدخانغا قوشۇلىدۇ. سەئىدخان مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنى قوشۇنلىرى بىلەن مارىيۇلدا قالدۇرۇپ، ئۆزى ياركەنتكە قايتىدۇ. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر داۋاملىق ھالدا تىبەتنىڭ باشقا ۋىلايەتلىرىگە يۈرۈش قىلىدۇ. سۇلتان سەئىدخان ياركەنتكە قايتىش سەپىرىدە تاغدا ئىسلاپ كېتىپ (ئوكسىگېن يېتىشمىگەنلىكى سەۋەبلىك)، ھىجرىيە 939 - يىلى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 16 - كۈنى (مىلادىيە  1533- يىل 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى) ۋاپات بولىدۇ. سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يېنىدىكى ۋەزىرلەردىن مىرزا ئەلى تاغاي، مۇھەممەدىي بارلاس قاتارلىق كىشىلەر مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىلەن ئۇنىڭ تاغىسى سەييىدمۇھەممەد مىرزىنى قارىلاپ، سەئىدخاننىڭ نامىدىن ۋەسىيەتنامە يازىدۇ ھەم ئۇنى ئاقسۇدا تۇرۇۋاتقان سۇلتان ئەبدۇرەشىدخانغا ئەۋەتىدۇ. سۇلتان ئەبدۇرەشىدخان بۇ خەتتىكى پىتنە - پاساتلارغا ئىشىنىپ، ئاقسۇدىن كاشغەرگە كېلىپلا سەييىدمۇھەممەد مىرزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ ۋە مىرزا ھەيدەرنىڭ تىبەتتىن قايتىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. تىبەتتىكى يۈرۈشتە مىرزا ھەيدەرنىڭ قوشۇنلىرى كۆپ تالاپەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇللا مىرزا ۋە تاغىسىنىڭ ئوغلى سۇلتان مەھمۇد مىرزا قاتارلىقلار جەڭدە قازا تاپىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر تىبەتتىن بەدەخشانغا بارىدۇ، ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن كابۇلغا كېلىدۇ. كابۇلدا بىر مەزگىل تۇرۇپ، بابۇر پادىشاھنىڭ ئوغلى كامران مىرزىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ھەمكارلىشىدۇ. كېيىن بابۇر پادىشاھنىڭ يەنە بىر ئوغلى ھۇمايۇن مىرزىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ ئەگرە شەھىرىگە بارىدۇ. ئۇ يەردە ھۇمايۇن پادىشاھقا ياردەملىشىپ شىرخان ئىسىملىك پادىشاھقا قارشى جەڭ قىلىدۇ. لېكىن، بۇ جەڭدە ھۇمايۇننىڭ قوشۇنلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ لاھورغا چېكىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان كەشمىرگە يۈرۈش قىلىپ، ھىجرىيە 947 - يىلى رەجەپ ئېيىدا (مىلادىيە 1540 - يىل 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى) كەشمىرنى ئىشغال قىلىدۇ. كەشمىر ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان «تارىخى رەشىدىي» ناملىق كىتابىنى يېزىشقا كىرىشىدۇ. بۇ ئەسەر مىلادىيە 1541 - يىلىدىن 1546 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا كەشمىرنىڭ پايتەختى سىرىناگار شەھىرىدە يېزىپ تاماملىنىدۇ.
(X{o =co,  
A0A]#=S  
«تارىخى رەشىدىي»دە 14 -، 15 -، 16 - ئەسىردىكى جەمئىيەت ئەھۋالى، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ۋەقەلەر مەركەزلىك بايان قىلىنغاندىن سىرت يەنە تېمۈرىيلەر پادىشاھلىرى، شەيبانىي سۇلتانلىرى، سەفەۋىيلەر پادىشاھلىرى، ئوسمانىيلار سۇلتانلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمران گۇرۇھلار ھەققىدىمۇ مۇھىم مەلۇماتلار بېرىلگەن. مەزكۇر ئەسەردە يەنە ھۆكۈمران گۇرۇھلاردىن باشقا ئۆز دەۋرىنىڭ مەدەنىيەت ئەھۋالىغىمۇ خېلى كەڭ سەھىپە ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئەينى دەۋردىكى مەدەنىيەت ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن.
DwNEqHi  
57S!X|CE  
مىرزا ھەيدەر «تارىخى رەشىدىي»دە مۇرەككەپ تارىخىي ۋەقەلەرنى ئۆزگىچە بەدىئىي قۇرۇلما بىلەن ئىدىتلىق، ئىخچام، چۈشىنىشلىك بايان قىلىپ ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئىلمىي سەۋىيىسىنى، يۈكسەك دەرىجىدىكى بەدىئىي ماھارىتىنى ۋە كۈچلۈك قەلەم قۇۋۋىتىنى نامايان قىلغان.
)8_ x  
%b1N lzB+  
  ^C|N  
m\DI6O"u'  
  5 A2u|UU  
[AA*B  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق:
U=vh_NHj  
ETMF.-P  
1. «تارىخى رەشىدىي» دە 14 -، 15 -، 16 - ئەسىرلەردىكىتەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا يۈز بەرگەن قانداق ۋەقەلەرنىڭ بايان قىلىنغانلىقىنى ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش ئاساسىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ بىلىۋېلىڭ. fgW>~m .W  
U(~d^9/#  
2. «تېمۈرىيلەر پادىشاھلىرى، شەيبانى سۇلتانلىرى، سەفاۋىيلەر پادىشاھلىرى، ئوسمانىيلار سۇلتانلىرى» نىڭ قىسقىچە تارىخىنى ماتېرىيالدىن ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇپ بىلىۋېلىڭ.
P:QSr8K  
_9 B ^@~  
3. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ نەسەبنامىسىنى ئېيتىپ بېرىڭ.
Q^@z]Sc[  
 
4. ئوتتۇرا ئاسىيادا 13 - ئەسىردىن كېيىنكى پادىشاھلارنىڭكۆپىنچىسىنىڭ يىلتىزى چىڭگىزخان بىلەن باغلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئەينى دەۋر ھوقۇق چۈشەنچىسىنىڭ دەسلەپكى ھۆكۈمرانىنىڭ نەسەبى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنىبىلىۋالغىلى بولىدۇ؟
XR@C^d  
NU/:jr.W#  
  ;+NU;f/WM  
LmjzH@3  
(مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 5- كىتاب «مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا كۆرسەتمە» بۆلىكىدىن ئېلىندى. 2012-3-3    )    ;%V)lP"o  
tO8 
  L>>Cx`ASi  
72akOx   

natiwan 2012-03-04 11:00
قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن خۇدايىم . رەخمەت.......

sabahat 2012-03-18 12:43
رەھمەت سىزگە، مېنى كۆپ بىلىملەر بىلەن تەمىن ئەتتىڭىز.

تىلسىن 2013-09-15 22:19
ئەجرىڭىزگە رەخمەت


查看完整版本: [-- «تارىخى رەشىدىي» توغرىسىدا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled