sebure |
2012-03-03 02:28 |
مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن !
قىسقىغىنە تۆت ئايدا ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم مۇسىبەت قاينىمىنىڭ قىيامەتلىرىگە دۇچار بولۇپ مۇسىبەت ئىكەكلىرىنىڭ ئازابلىرىدا قالغاندا ئازابنى مۇشۇ كىتابنى بىر-بىرلەپ ئۇرۇپ چىقىشقا بەل باغلىدىم ، بۇ كىتابنىڭ تور دۇنياسىدىكى نۇسخىسىنى 75 ياشىدا ھەق رەھمىتىگە كەتكەن ئاتام بىلەن 34 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە ھەق رەھمىتىگە كەتكەن ئىنىمنىڭ روھىغا بېغىشلايمەن! تور دۇنياسىدا مۇشۇ مۇنبەردىن ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ خاھلىغانچە تارقىتىلسا بولىدۇ!
مىر ئەلىشىر نەۋائىي «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» ئەلھەمدۇلىللاھى ئەمتازەل ئىنسانە ئەلە مائىرىل مەخلۇقاتى بىشەرەفىن نۇتقى ۋەللىسان ۋە ئەزھەرە مىن ئۇزۇبەتى لىسانىھى ۋە ھەلاۋەتى بەيانىھى سۇككەرەش شۈكرى ۋە شەھىدەش شۇھۇدى ۋەلئىمتىنان. رۇبائىي ئەي سۆز بىلە قىلغان ئافەرىنىش ئاغاز ئىنساننى ئارادا ئەيلەگەن مەھرەمى راز چۈن كۈن فەيكۇن سەفھەسىغە بولدى تىراز قىلغان ئانى نۇتق ئىلە بارىدىن مۇمتاز سۇبھاناللاھ نى قۇدرەتى كامىلەدۇركىم، ئىنساننى «خەممەرتۇتىينەتە ئادەمىن بىيەدى ئەربەئىنە سەباھان» كەرىمەسى مەزمۇنى بىرلە «ئەلەمۇل ئەسما’ كۇللەھە» قابىلىييەتى بەردى ۋە ئانى «ئەلمۇتەكەللىم» ئىسمى مەزھەرى قىلدى تا ئۆل بۇ مەزھەرىييەت شەرەفىدىن جەمئىي’ مەخلۇقاتقا سەرەفراز بولدى ۋە بۇ تەشرىف بىلە بارسىدىن ئىمتىياز تاپتى. رۇبائىي يەئىنكى چۇ ئالەمنى ياراتتى مەبۇد ئالەم ئېلىگە قۇدرەت ئىلە بەردى ۋۇجۇد ئىنسان ئېردى مەقسۇد كى بولدى مەۋجۇت ئىنساندىن ھەم ھەبىبى ئېردى مەقسۇد مۇتەكەللىمكى ئەرەب فۇسەھاسى بەلاغەت گۇلباڭىن سىپىھر گۈلشەنىدىن ئاشۇرغاندا...» دەپ ھەزرەتى مىر ئەلىشىر نەۋائىينىڭ مەتنىنى مەنكى مۇنبەرگە يەتكۈزگۈچى ئەركمان بۇنى زامانىمىز تىلى بىرلە قويدۇم! ناھايىتى شەفقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن! ئىنساننى بارچە مەخلۇقاتتىن تىل شەرىفى بىلەن ئۈستۈن ۋە سۆزلىشىش لەززەتى بىلەن يۈكسەك قىلغان ئاللاتائالاغا سانسىز تەشەككۈر ۋە تۈگىمەس ھەمدۇسەنالار بولسۇن! رۇبائىي ئەي سۆز بىلە قىلغان ئافەرىنىش ئاغاز، ئىنساننى ئارادا ئەيلەگەن مەھرەمى راز. چۈن كۈن فەيەكۇن سەفھەسىغە بولدى تىراز، قىلغان ئانى نۇتقىلە بارىدىن مۇمتاز.① سۇبھانى ئاللاھ، بۇ نېمە دېگەن ئۇلۇغ قۇدرەت: ئۇ ئىنسانغا «ئادەمنىڭ لېيىنى قىرىق سەھەر ئۆز قولۇم بىلەن يۇغۇردۇم» سۆزىنىڭ مەزمۇنى بويىچە «ھەممە سۆزنى ئۆگىنىۋېلىش» قابىلىيەتىنى بەردى ۋە ئۇنى «سۆزلىگۈچى» نامىغا ئىگە قىلدى. ئىنسان بۇ ئۇتۇق شارافەتىدىن بارچە مەخلۇقاتتىن ئۈستۈن تۇردى ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىدىن ئىمتىيازلىق بولدى. رۇبائىي يەئىنكى چۇ ئالەمنى ياراتتى مەبۇد، ئالەم ئېلىگە قۇدرەت ئىلە بېردى ۋۇجۇد. ئىنسان ئىدى مەقسۇد بولدى مەۋجۇت، ئىنساندىن ھەم ھەبىبى ئېردى مەقسۇد.② شۇنداق بىر سۆزلىگۈچى بولغانكى، ئەرەب خۇش تىللىرى③ يېتىكلىك ساداسىنى دۇنيا گۈلشەنىدىن ئاشۇرغاندا، ئۇنىڭ بۇلبۇلۋار تىلى «مەن ھەممىڭلاردىن خۇش تىل» دېگەن كۈينى ياڭرىتىپ ئۇلارنى تىلدىن قالدۇرۇپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭىنى باستى. رۇبائىي ئۆل ۋەقتكى نى ئالەم ئىدى نى ئادەم، قىلمايدۇر ئىدى بۇلارنى سۇنى’ ئىلكى رەقەم. چۈن ئۆل ئۆزىنىڭ خىلقەتىدىن ئۇردى دەم، مەنتۇقى ئىدى «كۈنتۇ نەبىييەن» فەفھەم④ ئاللاھ بۇ ياخشىلارنىڭ ياخشىسى، پاكلارنىڭ دوستىغا بەخت ئاتا قىلسۇن، ئۇنى ئامان-ئېسەن قىلسۇن، ئۇنىڭغا چەكسىز سالام ۋە ئېھتىرام. سۆز ئەھلى ئورمىسىنىڭ باش تەرگۈچىسى، سۆز ئۈنچىلىرى خەزىنىسىنىڭ ئىشەنچلىك قوغدىغۇچىسى، نەزم گۈلىستانىنىڭ خۇشناۋا بۇلبۇلى يەنى نەۋائىي تەخەللۇسلۇق ئەلىشىر (ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسۇن يېتىشسىزلىكلىرىنى تولۇقلىسۇن) مۇنداق دەيدۇ: سۆز ئۈنچەدۇر، ئانىڭ دېڭىزى كۆڭۈلدۇر. كۆڭۈل پۈتۈن مەنالارنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغۇچىدۇر. گەۋھەر دېڭىزدىن غەۋۋاس ۋاسىتىسى بىلەن چىقىپ ئۆز جىلۋىسىنى نامايىش قىلىدۇ گەۋھەرشۇناسلار ئىچىدە ئۆز قىممەتىنى تاپىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، كۆڭۈلدىكى سۆز ئۈنچىلىرىمۇ نۇتۇق شەرىفىگە شۇ ئىشنىڭ ماھىرلىرى ۋاسىتىسى بىلەن ئېرىشىپ ئۆز كۆركىنى تاپىدۇ ۋە ئۆز قىممەتى ھەم مەرتىۋىسىگە قاراپ يېيىلىدۇ ۋە شۆھرەت قازىنىدۇ. گەۋھەرنىڭ قىممەت دەرىجىسى بەك كۆپتۇر، ھەتتا بىر تەڭگىدىن يۈز تۈمەن تەڭگىگىچە دېسىمۇ بولىدۇ. قىتئە ئىنجۇنى ئالسەلەر مۇفەررىھ ئۈچۈن، مىڭ بولۇر بىر دەرھەمگە بىر مىسقال. بىر بولۇر ھەمكى شاھ قۇلاققا سالۇر، قىممەتى مۈلك ئەبرەسى ئەمۋال⑤ سۆز ئۈنچىلىرىنىڭ دەرىجە پەرقى بۇنىڭدىنمۇ زور بولىدۇ. بۇ پەرق شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى، ياخشىلىرىنىڭ شارافەتىدىن ئۆلۈك تەنگە جان كىرىدۇ، يامانلىرىنىڭ كاساپىتىدىن تىرىك تەنگە ھالاكەت زەھىرى يېتىدۇ. قىتئە سۆز گەۋھەرىدۇركى، رۇتبەسىنىڭ شەرھىدەدۇر ئەھلى نۇتق ئاجىز. ئاندىنكى ئېرۇر خەسىس مۇھلىك، كۆرگۈزگىچەدۇر مەسىھى مۆجىز⑥. سۆزنىڭ تۈرلىرىنى چۈشىنىش ۋە تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ تەس. مۇبالىغە قىلماي قىسقىچە بايان قىلغاندىمۇ يەتمىش ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ ۋە ھەر قىسمى يەتمىش ئىككى پىرقىنىڭ تىلىدىن دالالەت بېرىدۇ. پەقەت شۇنىلا ئېيتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، دۇنيانىڭ يەتتە ئىقلىمىنىڭ ھەر ئىقلىمىدا قانچىلىغان مەملىكەتلەر بار ۋە ھەر مەملىكەتتە قانچىلىغان شەھەرلەر، قەسەبەلەر (شەھەرچىلەر)، كەنتلەر بار ۋە ھەر دالادا قانچىلىغان سەھرالىق خەلقلەر، ھەر تاغدا قانچىلىغان قەبىلىلەەر بار، ھەر جامائەتنىڭ تىلى ئۆزگىلەرنىڭكىدىن، ھەر گۇرۇھنىڭ گېپى باشقىلارنىڭكىدىن باشقىچە بولىدۇ ۋە ھەر بىرى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلەر بىلەن ئۆزگىلەردىن پەرقلىنىدۇ، خۇددى قۇشلارنىڭ، ھايۋاناتلارنىڭ ۋە يىرتقۇچلارنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ۋارقىراش، ئۈندەش، سايراشلىرى بولغىنىغا ئوخشاش. بىراق، تىلدىن كۈتۈلگىنى مەنادىر. شۇڭا مەخلۇقات ئىچىدە مەنالار مەنبەسى بولغان ئىنسان كۆزدە تۇتۇلۇپ، سۆز ئۇنىڭ سۆزى ئۈستىدە، گەپ ئۇنىڭ گېپى توغرىلىق بولىدۇ. ئەمدى سۆز بايانىغا ۋە گەپ داستانىغا كېلەيلى: يۇقىرىدا ئېيتىلغان خىلمۇخىل شەھەر، يېزا، تاغ، سەھرا، ئورمان ۋە ئاراللاردا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ بارچىسى مەنانى سۆز بىلەن ئىپادىلەيدۇ، تىل ئارقىلىق پىكىرلىشىدۇ. ئەرەب تىلى گۈزەللىك يېتىكلىك جەھەتتە بارچە تىللاردىن ئىلگىرى تۇرىدۇ. بۇ نۇقتىدا سۆز ئەھلىدىن ھېچقايسىسىنىڭ دەۋاسى يوق، ھەممىسى بۇنى توغرا دەيدۇ ھەم ئۇنىڭغا قايىل بولىدۇ، چۈنكى ئاللانىڭ كەلامى بۇ تىلدا نازىل بولغان، پەيغەمبەرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىمۇ بۇ تىل بىلەن سۆزلەنگەن. كاتتا ئەۋلىيالار ۋە ئالىي مەرتىبەلىك ماشايىخلار ئىلگىرى سۈرگەن ھەقىقەت، تەلىماتلار ۋە قىممەتلىك چۈشەنچىلەرمۇ شۇ قۇتلۇق سۆز، شۇ مۇبارەك تىل بىلەن مەيدانغا كەلگەن. ئاللاھ، ئاللاھ، ئۇ ھاياتبەخش باغدا شۇنداق گۈزەللىكلەر، ئۇ ئارامبەخش گۈلشەندە شۇنداق نازاكەتلەر باركى، ئۇنىڭ باغۋەنى «گىياھلارنى، زىرائەتلەرنى ئۆستۈرمەك ۋە قات-قات جەننەتلەر بىنا قىلماق ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن ئۇلۇغ سۇلارنى چۈشۈردۇق» دېگەن ئايەت بىلەن بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ خۇشنەۋا بۇلبۇلى نەبىلىك بايانى ۋە پەيغەمبەرلىك نەغمىسىنى ياڭرىتىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان قۇشلارنىڭ بەزىلىرى «يوپۇقلار ئېچىۋېتىلگەن ھالەتتىمۇ ئىشەنچىم مۇندىن ئاشمايدۇ» دەپ سايرايدۇ، باشقىلىرى يېقىملىق كۈيلىرى بىلەن توغرىلىق، ھەققانىيەت، يېتىلىش، تولۇش يوللىرىنى كۆرسىتىدۇ. بېيىت كى تا بولغاي جەھان باغى بۇ گۈلشەن مېۋىدار ئۆلسۇن، ھەرەمىدە بۇ بۇلبۇللارغە بۇ گۈلباغ بار ئۆلسۇن⑦. ئىزاھات ① ئەي تىلى بىلەن يارىلىشقا باشلىغان ئىنساننى بىر-بىرىگە سىرداش قىلغان ئاللاھ، ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن يارالمىشنىڭ زىننىتى بولدىكى، سەن ئۇنى نۇتقى بىلەن ھەممىسىدىن سەرخىل قىلدىڭ! ② ئاللاھ بۇ ئالەمنى ياراتقاندا ئۆز قۇدرىتى بىلەن ھەممىگە گەۋدە بەردى، كۆزلەنگىنى ئىنسان ئىدى، ئۇ پەيدا بولدى. ئىنساندىن ھەم پەيغەمبىرى كۈتۈلگەن ئىدى. ③ بۇ يەردىكى «خۇش تىل» ئاتالغۇسى «سۆز ئۇستىسى» دېگەن مەنادا ئەرەب تىلىدىكى «فۇسەھا» سۆزىگە تەڭكەش قىلىندى. ④ ئۇ چاغدا ئالەممۇ، ئادەممۇ يوق ئىدى، قۇدرەت قولى ئۇلارنى تېخى بارلىققا كەلتۈرمىگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يارالغانلىقىنى جاكارلاپ «مەن پەيغەمبەرمەن» دېدى، بۇنى چۈشەن. ⑤ ئۈنچىنى دورىلىق ئۈچۈن ئالسا، مىسقالى بىر دەرھەمدىن مىڭلاپ بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى شاھ قۇلاققا ئاسسا بىرلا بولىدۇكى، ئۇنىڭ قىممەتى مەملىكەت مۈلكى بىلەن باراۋەر بولىدۇ. ⑥ سۆز گەۋھەرلىرىنىڭ دەرىجە پەرقىنى شەرھلەشكە نۇتۇق ئىگىلىرى ئاجىزلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭ يامىنىدىن ھالاكەت كەلسە، ياخشىسى ئەيسا مۆجىزىسىنى كۆرسىتىدۇ(ئۆلۈككە جان كىرگۈزۈدۇ). ⑦ جاھان بېغى مۇشۇنداق مېۋىلىك گۈلشەن بولۇپ تۇرۇۋەرسۇن، ئۇنىڭ قوينىدا بۇلبۇللار مۇشۇنداق سايراۋەرسۇن. بۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدىغان ئۈچ خىل مۇھىم تىل بار، بۇلارنىڭ شاخلىرى ۋە تارماقلىرى ئىنتايىن كۆپ.ئاساسلىق تىللارنىڭ مەنبەسى مۇشۇ ئۈچ خىل تىل يەنى تۈرك، فارس ۋە ھىندى تىللىرىدۇر. بۇ تىللارنىڭ مەنبەسى نوھ ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئوغۇللىرىدىن بولمىش يافەس، سام ۋە ھاملارغا بېرىپ تاقىلىدۇ، بۇنىڭ قىسقىچە بايانى مۇنداق:
نوھ ئەلەيھىسسەلام توپان ئاپىتىدىن نىجات تېپىپ قۇرۇقلۇققا چىققاندا، بۇ ئالەمدە ئىنسان جىنسىدىن ئەسەر قالمىغان ئىدى. نوھ ئەلەيھىسسەلام تارىخچىلار تەرىپىدىن «ئەبۇتتۈرك» دەپ ئاتالغان يافەسنى خەتا مەملىكىتىگە ئەۋەتتى، «ئەبۇلفارس» دەپ ئاتالغان سامنى ئىران ۋە تۇران مەملىكەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھاكىم قىلدى، «ئەبۇلھىند» دەپ ئاتالغان ھامنى بولسا ھىند يۇرتىغا ئەۋەتتى. بۇ ئۈچ پەيغەمبەرزادەنىڭ بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرى شۇ يەرلەردە ئاينىپ كۆپەيدى. يافەسنىڭ ئوغلى تۈركلەرنىڭ بوۋىسىدۇر، ئۇنى تارىخچىلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىك تاجى بىلەن ھەممىدىن يۈكسەك بولدى، رىسالەت مەنسەبى بىلەن قېرىنداشلىرىدىن ئۈستۈن تۇردى، دەيدۇ. دېمەك تۈرك، فارس ۋە ھىندى تىللىرى يافەسنىڭ، سامنىڭ ۋە ھامنىڭ بالىلىرى، نەۋرىلىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ نەۋرىلىرى ئارىسىدا مانا شۇ يوسۇندا يېيىلدى... بۇ يەردە ئەرەب تىلى بەك يۇقىرى شەرەف ۋە ئالىي مەرتىۋىگە ئىگە بولغانلىقى، ھىندى تىلى بولسا تولىمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك بولغانلىقى سەۋەبلىك ئارىدىن چىقىرىلىپ، پەقەت تۈركىي تىل بىلەن فارس تىلىلا مۇھاكىمىگە قويۇلىدۇ.
شۇ نەرسە مەلۇمكى، تۈركلەر سارتلارغا① قارىغاندا ئۆتكۈر ۋە ئىدراكلىق، يارىتىلىش جەھەتتىن ساپ خەلقتۇر. سارتلار بولسا، چۈشەنچە، ئىلىم ۋە پىكىر قىلىشتا تۈركلەرگە قارىغاندا مۇپەسسەل ۋە چوڭقۇردۇر. بۇ ھال تۈركلەرنىڭ تۈركلەرنىڭ توغرىلىقى ۋە تۈز كۆڭۈللۈكىدىن، سارتلارنىڭ ئىلىم ۋە ھۈنەرلىرىدىن ئېنىق كۆرۈنىدۇ. ئەمما تىللىرىدا ئۈستۈنلۈك ۋە ئۆكسۈكلۈك جەھەتتىن پەرق بەك چوڭ. سۆز-ئىبارە يارىتىشتا تۈركلەر سارتلاردىن ئىلگىرى تۇرىدۇ، ئۇلار ئۆز تىلىدا مەنالارنى پەرقلەندۈرۈدىغان سۆزلەر جەھەتتىن شۇ قەدەر ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغانكى، خۇدا خاھلىسا، ئۆز مۆرىتىدە بايان قىلىنىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇنلىشىش ئىقتىدارىنىڭ سارتلارنىڭكىدىن ئارتۇقلۇقىغا دەلىل-ئىسپات بۇنىڭدىن لايىق بولمايدۇكى، تۈركلەر بىلەن سارتلاردا ياشلارنىڭ، قېرىلارنىڭ، چوڭلارنىڭ، كىچىكلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ئوخشاش دەرىجىدە بولۇپ، ئۇلار ئۆزئارا ئالاقىلىشىدۇ، گەپلىشىدۇ، يەنە كېلىپ سارتلاردا بىلىم ۋە زېھىن ئەھلى كۆپرەك، تۈركلەردە بولسا بىلىمسىز ۋە ساددا كىشىلەر سارتلارغا قارىغاندا كۆپرەك. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي تۈركلەرنىڭ چوڭىدىن كىچىكىگىچە، پۇقراسىدىن بېگىگىچە دېگۈدەك فارس تىلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ھەممىسى ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا سۆزلىيەلەيدۇ، بەزىلىرى ئىنتايىن كېلىشتۈرۈپ سۆزلەيدۇ، ھەتتا تۈرك شائىرلىرى فارس تىلىدا گۈزەل شېئىر ۋە شېرىن ماقالىلەرنىمۇ يازالايدۇ. لېكىن سارت ئۇلۇسىنىڭ ئەڭ تۆۋىنىدىن ئەڭ يۇقىرىسىغىچە، ئاممىسىدىن دانىشمىنىگىچە ھېچقايسىسى تۈركچە سۆزلىيەلمەيدۇ ھەم تۈركچە سۆزنى چۈشىنەلمەيدۇ. يۈزدىن بەلكى مىڭدىن بىرى تۈركچە ئۆگىنىپ سۆزلىسىمۇ ئاڭلىغان ئادەم ئۇنىڭ سارت ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ، نەتىجىدە، سۆزلىگۈچى ئۆز سۆزى بىلەن ئۆزىنى مەسخىرە قىلغاندەك بولىدۇ. تۈركلەرنىڭ سارتلارغا قارىغاندا ماسلىشىشچان ئىكەنلىكىگە بۇنىڭدىن كۈچلۈك دەلىل يوقكى، سارتلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇنى ئىنكار قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. تۈركىي تىلدا پىكىرنى مۇبالىغە يولى بىلەن ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بىرمۇنچە نازۇك ئۇقۇملۇق سۆزلەر يارىتىلغانكى، بۇنى شۇ تىلنىڭ ئالىملىرى چۈشەندۈرۈپ بەرمىگۈچە باشقىلار ئۇنىڭ تېگىگە يېتەلمەيدۇ. مەسىلەن:
ئەسلىي تەلەپپۇزى، تىرناق ئىچىدە ھازىرقى تەلەپپۇزى ۋە مەناسى [ ئەركمان ]
قورۇقشاماق
(قۇرۇشماق)
ئۆڭدەيمەك
(ئوڭلانماق)
چېكرىمەك
(ئۇيقۇسىزلانماق)
دومسايماق
ئۇمۇنماق
(ئۈمتەلمەك، تەمە قىلماق)
ئوسانماق
(بەزمەك)
ئىگىرمەك
ئىگەرمەك
ئۆخرەنمەك
(باتۇر بولۇۋالماق)
تارىقماق
(سىقىلماق)
ئالداماق
ئارغاداماق
(ھىيلە بىلەن يەڭمەك)
ئىشەنمەك
ئىگلەنمەك
(يارالانماق)
ئايلانماق
ئىگرەنمەك
(ئىڭرىماق)
ئاۋۇنماق
قىستاماق
(قىستىماق)
قىيناماق
(ئەيىبلىمەك)
قوزغالماق
ساۋرۇلماق
(سورۇلماق)
چايقالماق
قىزغانماق
نىكەمەك
(تەڭلىمەك)
سىيلانماق
(ئىززەتلەنمەك)
تانلاماق
(تاللىماق)
قىمىرداماق
(قىمىرلىماق)
سېرپمەك
(سەپمەك، چاچماق)
سىرمەمەك
(سيرىپ ئالماق، يۇلۇپ ئالماق)
سىغرىقماق
(سىغماق)
سىغىنماق
(پاناھ قىلماق)
قىلىماق (قىلماق)
يالىنماق (يېلىنماق، يېلىنجىماق)
مۇڭلانماق
ئىندەمەك (ئۈندىمەك)
تېرگەمەك (تەرگىمەك، سۈرۈشتۈرمەك)
تېۋرەمەك (سانجىماق، تىكمەك)
قىڭغايماق
سىڭرەمەك (يۇمۇلداپ يىغلىماق)
ياشقاماق (ياشىماق)
ئېسقارماق (خىيال قىلماق)
كۆڭرەنمەك (ئۆزىچە غەزەبلىنىپ سۆزلىمەك)
سىپاماق (سىپىماق)
قارالاماق (قارىلىماق)
سۈركەنمەك
كۆيمەنمەك (باھانە قىلماق)
ئىڭرانماق (ئىڭرىماق)
تۆشەلمەك (يېيىلماق)
مۇنغايماق (مۇڭلانماق)
كۆرۈكسەمەك (كۆرگۈسى كەلمەك، سېغىنماق)
بۇشۇرغانماق (ئىچى پۇشماق، ئازابلانماق)
بۇخساماق (نالە قىلماق، بوغۇلماق)
كىركىنمەك (چايقالماق، پۇلاڭلىماق)
بۇسماق (مۆكمەك)
بۈرمەك (پۈرمەك)
تۈرمەك
تامشىماق
سىپقارماق (شورىماق، سۈمۈرمەك)
چۆركەنمەك (كۆيمەك)
ئۆرتەنمەك
سىزغۇرماق
(سىزدۇرماق، سىزغۇزماق)
چوپرۇتماق
(تۈزلىمەك)
جىرغاماق
(زوقلانماق)
بىچىماق (پىچماق، كەسمەك)
سىڭۈرمەك (سىڭىرمەك)
كۆندەلەتمەك (ئەگمەك)
كۆمۈرمەك (غاجىماق)
بېكىرمەك (چىڭىتماق)
گۆڭۈردەمەك (گۇدۇڭلىماق، كۇسۇلدىماق، پەس ئاۋازدا سۆزلىمەك)
كېنەرگەمەك (كېڭەيمەك، يېيىلماق)
گېزەرمەك (ئۆڭمەك)
دوپتولماق (توپلانماق)
چىداماق (چىدىماق)
تۈزمەك
قازغانماق (قازانماق)
قىچىغلاماق (قىچىغلىماق)
كەڭىرەمەك (كېڭەيمەك)
ياداماق (يادىماق، جۈدىمەك، ئورۇقلىماق)
قاداماق (قادىماق)
چىقانماق (يانماق، چاپچىماق، شوخشىماق)
كۆندۈرمەك
سۆندۈرمەك (ئۆچۈرمەك)
سۇقلاتماق (شەيدا قىلماق)
بۇ يۈز سۆزنىڭ② ھېچقايسىسىغا فارس تىلىدىن لايىق سۆز تېپىلمايدۇ. سارتلار ھەتتا بۇ سۆزلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ مەناسىنى چۈشىنەلمەيدۇ. ئۇلار بۇ ئۇقۇملارنىڭ بەزىلىرىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا بىرنەچچە سۆزدىن تەركىب تاپقان ئىبارىلەرنى تۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، شۇنىڭدىمۇ ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ. تۈركىي تىلدا بۇ خىلدىكى سۆزلەر ناھايىتى كۆپ، بىز قارىشى پىكىردە بولغۇچىلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن يۇقىرىدا ئېيتىلغان يۈز سكزدىن بىرنەچچىسىنىڭ قانداق ئىشلىنىشىنى مىسال تەرىقىسىدە كۆرسىتىپ ئۆتەيلى:
كاتتا شائىرلارنىڭ مەي تەسۋىرىدە مۇبالىغە قىلىشىنى بىر ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان دېسىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدا مەي ئىچىشنىڭ ئۇسۇلىنى نازۇك جەھەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ قوللىنىلغان. بۇ سۆزلەرنىڭ بىرى «سىپقارماق» بولۇپ، بۇنىڭدىن ئارتۇق مۇبالىغىنى تېپىش تەس. تۈركىي شېئىردا مۇنداق بىر باشلانما بېيىت بار:
بېيىت
ساقىيا تۇت بادە كىم بىرلەھزە ئۆزۈمدىن باراي،
شەرت بۇكىم، ھەر نېچە تۇتساڭ لەبالەب سىپقاراي③.
بۇ «سىپقاراي» سۆزى ئىپادىلىگەن ئۇقۇمنى فارسچە شېئىردا ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە، نېمە ئىلاج قىلغىلى بولسۇن؟ تۈركىي تىلدىكى شۇ خىل سۆزلەرنىڭ يەنە بىرى «تامشىماق» بولۇپ، بۇ سۆز مەينى بىراقلا ئىچىۋەتمەي ئاز-ئازدىن ئىچىپ لەززەتلىنىش مەناسىنى بىلدۈرۈدۇ. بۇ نازۇك ئۇقۇمنىڭ تۈركىي شېئىردا قانداق ئىپادىلەنگەنلىكىنى مۇنۇ باشلانما بېيىتتىن كۆرۈشكە بولىدۇ:
بېيىت
ساقى چۇ ئىچىپ ماڭا تۇتار قوش،
تامشى-تامشى ئانى قىلاي نوش④. ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ① بۇ ئەسەردە تۈركىي تىللىق خەلقلەر «تۈرك»، فارسىي تىللىق خەلقلەر «سارت» دەپ ئاتالغان. ② بىز ئاساسلانغان مەتندە توقسان سەككىز سۆز بېرىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنى ھازىرچە ئېنىقلاپ چىقالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ يەرگە كىرگۈزمىدۇق. ③ ئەي ساقى، ماڭا مەي تۇت، مەن ئۇنى ئىچىپ بىردەم ئۆز خۇدۇمنى يوقىتاي.شۇنى شەرت قىلىمەنكى، ھەرقانچە تولدۇرۇپ قۇيساڭمۇ بىراقلا سۈمۈرمەيمەن. ④ ساقى ئۆزى ئىچىپ، ماڭا قوش قەدەھ تۇتتى، مەن ئۇنى تامشىپ-تامشىپ ئىچىمەن. ئەرباب بىلەن ئېتىشقان بىنائىي !
(نەۋائىي ھەققىدە ھېكايەت) ئۇيغۇر جامائەتىگە شائىر بىنائىينىڭ ئۇچۇرى ئۇيغۇر بۈيۈكلىرىدىن زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ قىممىتى جەھەتتە« ئەۋلىيا ئاۇگۇستىنو ۋە رۇسسونىڭ كەشپىياتلىرى ، گىببون ۋە نيۇتوننىڭ ئەسەرلىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرالايدىغان » شاھانە ئەسىرى «بابۇرنامە »دىن كېلىدۇ . زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ ئۆز ئەسىرىدە يېزىشىچە بىنائىي ھېراتتىكى بىر سەربەننا ( ئارخىتېكتور ، باش بىناكار ) نىڭ ئوغلى بولغاچقا ، «بىنائىي » تەخەللۇسىنى قوللانغان .غەزەللىرى يامان ئەمەس يېزىلغان بولۇپ ،ئۆزگىچە ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدىكەن . ھېرات ھۈسەيىن بايقارا سەلتەنەت سۈرگەن ، ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى مىر ئەلىشىر نەۋائىي ھەزرەتلىرى دىۋان بېگى ( ۋەزىرى ) بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە ، مەشھۇر ئىلىم ئەھلىلىرى توپلانغان ئىلمۇ - ئېرفان ، مەدەنىيەت ،مائارىپ مەركىزى بولغان . ئىلىمنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ تۇراتتى . زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ يېزىشىچە ، بىنائى مۇزىكا ئىلمىدىن خەۋەرسىز بولسىمۇ ، بەك ھەۋەس قىلىدىكەن ، ئەمما ئەلىشىربەگ مۇشۇ جەھەتتىن بىنائىينى تەنە قىلار ئىكەن . بىر يىلى ھۈسەيىن بايقارا مەرۋىگە قىشلىغىلى بارغاندا كۆكەلدىشى ، دوستى ھەم ۋەزىرى ئەلىشىربەگنى بىللە ئېلىپ كېتىپتۇ ، بۇ چاغدا بىنائىي ھىراتتا قالغان ئىكەن . بىنائىي شۇ قىش ئۆتكۈچە پۈتۈن زېھنى بىلەن مۇزىكا مەشىق قىلىپ ، ياز كەلگۈچە كۈي ئىجاد قىلىش دەرىجىسىگە يېتىپتۇ . ياز كېلىشى بىلەنلا ھۈسەيىن بايقارا ھىراتقا قايتىپ كەلگەندە ، بىنائى سازنى راسا چېلىپ ناخشا ئېيتىپ بېرىپتۇ ، ئەلىشىربەگ بىنائىينىڭ بۇ كارامىتىگە ھەيران قېلىپ چىن كۆڭلىدىن ئاپىرىن ئوقۇپ ئالقىشلاپتۇ . بىنائىي شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن مىسلىسىز گۈزەل كۈيلەرنى ئىجاد قىپتۇ . بىنائىي بىر چاغدا« نوھرەڭ »ناملىق بىر كۈي ئىجاد قىلىپ ، ناخشىسىدا ئەلىشىربەگنى مەسخىرە قىلىپ ،ئۇ زادقا ھۇجۇم قىپتۇ . شۇ سەۋەبتىن ئەلىشىربەگنى ھىمايە قىلىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىلىم - ئېرفان ئەھلىلىرىنىڭ تەنە - ھۇجۇملىرى بىنائىيغا يېغىپ ، بىنائىي كۆپ جاپالار چېكىپ ، ھىراتتا تۇرالماي ئىراق ۋە ئەزەربەيجان تەرەپلەرگە مۇساپىر بولۇپ كېتىپتۇ . ئۇ ئىراق ، ئەزەربەيجانلاردا سەرسان بولۇپ يۈرۈپ ياقۇببەگكە ئۈلپەتچىلىك قىلىپ ياخشى ئېتىبارغا ئېرىشكەن ئىكەن . ياقۇببەگ ئۆلگەندىن كېيىن يەنە ھىراتقا قايتىپ كەپتۇ . ئۇ ئەلىشىربەگدەك بىر دۆلەت ئەربابى ، جامائەت ئەربابى بىلەن ئېتىشىشىنى زادىلا تاشلىيالماپتۇ . دائىم ئەلىشىربەگكە ھۇجۇملار باشلايدىكەن . زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر ئۆز ئەسىرىدە يۇقىرىقىلارنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ مۇنداق مىساللارنى كەلتۈرىدۇ : بىرمۇنچە شائىرلار بىر كۈنى شاھماد ئولتۇرۇشى ياساپتۇ . شاھماد ئولتۇرۇشىدا ئەلىشىربەگ يىغىپ ئولتۇرۇپ ئۇيۇشۇپ قالغان پۇتىنى سۇنغان ئىكەن ،پۇتى ئېھتىياتسىزلىقتىن بىنائىنىڭ قوڭىغا تېگىپ كېتىپتۇ . ئەلىشىربەگ چاقچاق قىلىپ : « بۇ نېمە بالا ئەمدى ، ھىراتتا پۇتۇڭنى سۇنساڭلا چوقۇم بىر شائىرنىڭ ئارقىسىغا تېگىدىغان بولدى » دەپتۇ . ھازىر جاۋاب بىنائىي دەرھال :« ئەگەر يىغساڭ يەنە بىر شائىرنىڭ ئارقىسىغا تېگىدۇ »دەپتۇ . بىنائىي مۇشۇنداق تەنىلەرنى كۆپ قىلىۋەرگەچكە ، ئاخىر يەنە ھىراتتا تۇرالماي سەمەرقەندكە كەتكەن ئىكەن . زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر «بابۇرنامە»دە يەنە مۇنداق مىساللارنى يازىدۇ : ئەلىشىربەگ نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرنى ئىجاد قىلغان ئىدى . ھىراتتا ناۋادا بىرى ھەرقانداق بىر نەرسىنى ۋۇجۇدقا چىقارسا ، ئۇنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن ئۇ نەرسىنى « ئەلىشىرى » دەيتتى . بېزىلەر ، جۈملىدىن بىنائىي كەبى كىشىلەر بۇنى ئەلىشىربەگكە باغلاپ تەنە قىلاتتى . بىر قېتىم ئەلىشىربەگ قۇلىقى ئاغرىپ قېلىپ قۇلىقىنى ياغلىق بىلەن باغلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ، خوتۇنلارنىڭ كۆك ياغلىقنى قىيسىق قىلىپ چىگىشىگە «نازى ئەلىشىرى » دەپ ئات قويۇپتۇ . شۇ سەۋەبلىك ئەلىشىربەگ تەرەپدار كۆپچىلىكنىڭ ھۇجۇمىغا چىدىمىغان بىنائىي يەنە ھىراتتىن كېتىدىغان چېغىدا ئېشىكىگە غەيرىلا بىر ئۇچىلىق ( توقۇم ) تىكتۈرۈپ ، ئۇنىڭغا « ئەلىشىرى » دەپ ئات قويۇپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ « ئەلىشىر پالانى » ( ئەلىشىر ئۇچىلىقى ) ، دەپ ئاتىلىپتۇ . دېمەك ، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان شۆھرىتىگە ھۇجۇم قىلغان بىنائىي ئادەتتە شېئىر يازسىمۇ قەستەن نەۋائىي بىلەن قېرىشىپ پارسچە يازار ئىكەن . ئۆمرىدە نەۋائى بىلەن چېقىشىپ ئۆتكەن بۇ شائىر يۇرتى ھىراتتىمۇ تۈزۈكرەك تۇرالمىغان ئىكەن .
بىنائىي پازىل كىشىدۇر ۋە كامىل شائىردۇر. ئۇ زات بىلەن ئەمىر ئەلىشىرنىڭ ئارىسىدا دائىم چاقچاق-جاقجاقلار بولۇپ تۇراتتى. ئۇلار ئارىسىدا ئۆتكەن چاقچاقلار ناھايىتى مەشھۇردۇر. بىرى شۇدۇركى :
مەۋلانا بىنائىي ئەمىر ئەلىشىرگە تولا چاقچاقلار قىلاتتى . ئەمىر ئەلىشىرمۇ چاقچاق قىلىپ : « مەۋلانا بىنائىي ساراڭ بوپتۇ ، شىپاخانىغا ئاپىرىپ تاپىنىغا نوقۇت قايناتمىسى قويۇپ داۋالاڭلار !» دېدى. مەۋلانا بىنائىي ئەمىر ئەلىشىرنىڭ بۇ يارلىقىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ ھىراتنى تەرك ئېتىپ ئىراق زېمىنىغا باردى. ئۇ يەردە سۇلتان يەئىقۇبنىڭ ھامىيسىغا ئېرىشىپ بىر مەھەل تۇرۇپ نەچچە مۇددەتلەردىن كېيىن يەنە ھىراتقا قايتىپ كەلدى. ئەمىر بۇنى ئىشتىپ ئادەم ئەۋەتىپ بىنائىينى دىۋانغا چاقىرتتى ھەم ناھايىتى مۇلايىملىق ۋە مۇھەببەتلەر بىلەن ئىززەت-ئېكرام كۆرسىتىپ كۆرۈشتى ۋە ھەم ئىنئام ۋە ئېھتراملار بەخش ئەتتى، ئۆتكەنكى رەنجىشلەر ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتتى. مەالانا بىنائىيمۇ ئۆزىنىڭ قىلغان چاقچىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى ، ئۇلار ئارىسىدا ئىنتايىن يېقىن دوستلۇق يوسۇنلىرى بەجا كەلتۈرۈلدى. ئەمىر ئەلىشىر مەۋلانا بىنائىيدىن ئەھۋال سوراپ بولغاندىن كېيىن سۆز ئارىسىدا : « ئېيتىڭچۇ بىنائىي ، ئىراق زېمىنى قانداق ۋىلايەت ئىكەن ؟ ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ مىجەز - خۇلقى ، ئۆرپ - ئادەتلىرى قانداق ئىكەن ؟ » دەپ سورىدى. مەۋلانا بىنائىي :« ياخشى ۋىلايەت ئىكەن ، خەلقىنىڭ مىجەز - خۇلقى ، ئۆرپ-ئادەتلىرى ماختاشقا لايىق ۋە يېقىملىق ئىكەن . خۇسۇسەن ئۇلارنىڭ تولىمۇ ئوبدان بىر خىسلىتى بار ئىكەن » دەپ جاۋاب بەردى. «قانداق خىسلىتى بار ئىكەن »دەپ سورىدى ئەمىر ئەلىشىر . مەۋلانا بىنائىي :«ئىراق خەلقى تۈركىي شېئىرغا پەقەت ئېتىبار قىلمايدىكەن ، تۈركىي تىلدا شېئىر يازىدىغان ۋە ئوقۇيدىغانلار ئەسلا يوق ئىكەن ، ئۇلارنىڭ بۇ ئادىتىنى تولىمۇ ياخشى كۆردۈم » دەپ جاۋاب بەردى. « تېىخى ھوشۇڭنى تاپماپسەن ، ئەمدى بۇنداق دەخلى - تەرۈزلىرىڭنى تاشلاپ راستلىق ۋە توغرىلىق بىلەن ئېيتقىن ! مېنىڭ دىۋانىمدىكى شېئىرلىرىمدىن ئىراق خەلقى قايسىسىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ ؟ قايسى نەزمىنى ياقتۇرىدۇ ؟ » دېدى ئەمىر ئەلىشىر چېچىلىپ. « سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزدىن مۇنۇ مەتلەئىنى ياقتۇرىدىكەن » دەپ جاۋاب بەردى بىنائىي ، مەتلەئى:
كۆكرەكىمدۇر سۈبھىنىڭ پىراھەنىدىن چاكرەك ،
كىرپىكىم شەبنەم تۆكۈلگەن سەبزەدىن نەمناكرەك .
ئەمما بۇ مەتلەئىنى مەۋلانا ساھىبى ئېيتقان بولۇپ، ئەمىر ئەلىشىر ساھىبىغا ئىلتىماس قىلىپ بۇ مەتلەئىنى داۋاملاشتۇرۇپ غەزەل قىلغان ۋە دىۋانىغا كىرگۈزگەنىدى. ئەمىر ئەلىشىر مەۋلانا بىنائىيدىن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ چېھرىنى ئۆزگەرتىپ : « سەن ئاجايىپ جېدەلخور ئادەمسەن ، بۇ مەتلەئىي مېنىڭ ئەمەس بەلكى مەۋلانا ساھىبىنىڭ ئەمەسمۇ ؟ سەن مەن بىلەن قەستەن قارشىلىشىش ئۈچۈن مۇشۇنداق دەۋاتىسەن » دېدى. مەۋلانا بىنائىي : « مېنىڭ سىزگە چېقىلىشقا ھەددىم بارمۇ ؟ بۇ مەتلەئىنىڭ سىزنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلمەپتىمەن . ئىراق خەلقى ياقتۇرۇپ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بۇنىڭدىن باشقا مەتلەئىڭىزمۇ بار » دېدى. ئەمىر ئەلىشىر : «ئۇ قايسى مەتلەئىي » دەپ سورىدى. مەۋلانا بىنائىي ئېيتتىكى ، مەتلەئىي :
باشىمىزدىن سايەئى سەرۋىي قەددىڭ كەم بولماسۇن ،
زاتى پاكىڭ بولماسا ئالەمدە ئادەم بولماسۇن .
لېكىن ، بۇ مەتلەئىيمۇ ئەمىر ئەلىشىرنىڭ ئەمەس ئىدى . ئۇنى مەۋلانا لۇتفىي ئېيتقان بولۇپ ، ئەمىر ئەلىشىر ئۇنى غەزەل قىلىپ دىۋانىغا قوشقانىدى. شۇڭا ئەمىر ئەلىشىر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز غەزەبلەندى : « بۇ مەتلەئىي مەۋلانا لۇتفىي ھەزرەتلىرىنىڭ ئەمەسمۇ ؟ سەن بىلىپ تۇرۇپ قەستەن مەن بىلەن قارشىلىشىۋاتىسەن. ئادەمگە چېقىلىشنى زادىلا تاشلىمايسەن ! » دەپ غەزەپ بىلەن كايىپ قوبۇل دىدارنى تاماملىدى.ئەلىشىر نەۋائىينىڭ نەسەبى
(ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ھەزرەتنىڭ«نەۋائىي ھەققىدە» كىتابىدىن ئېلىندى) نەۋائىي پۈتۈن دۇنيا پەن-سەنئەت ئەھلىگە مەلۇم بولغان ئۇلۇغ شائىر. نەۋائىينىڭ ئەدەبىي-ئىلمىي ئىجادىيەتلىرى، سىياسىي-ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىپ، ھەر جەھەتتىن ئېنىقلاپ يورۇتۇپ بەردى. لېكىن بىزدە بۇ جاھانشۇمۇل ئەدىبنىڭ ئەسلىي نەسەبى، خۇسۇسىي ھاياتى، ئەسەرلىرىنىڭ تىلى توغرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر تېخى يېشىلمىدى. ئەنە شۇ مەسىلىلەرنى يېشىشكە دائىر ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتنى چوڭقۇرراق ۋە كەڭرەك ئېلىپ بېرىش ئەدەبىياتشۇناس، تارىخشۇناس ۋە تىلشۇناسلارنىڭ بۇرچلىرىدىن، دەپ ھېسابلايمەن. ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئاتىسى توغرىسىدا ئىلگىرى بەزى تەتقىقاتچىلار(جۈملىدىن مەنمۇ) نەۋائىينىڭ ئاتىسىنى ئەمىر تۆمۈر(ئاقساق تۆمۈر __ تۆمۈرلەڭ) ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا خىزمەت قىلغىنى ئۈچۈن ھەم يېقىنلىق مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ بارلاس جەمەتىدىن، دەيدىغان خاتا چۈشەنچىنى بايان قىلىشقانىدۇق. تارىخىي مەنبەلەر بۇ چۈشەنچىنى ئىنكار قىلىپ ئەينى پاكىتلار بىلەن تەمىن ئەتتى. 1. «تەزكىرەتۇش-شۇەرا»(«شائىرلار تەزكىرىسى») بۇ، نەۋائىينىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئەدەبىياتشۇناس دەۋلەتشاھ سەمەرقەندى مىلادى 1486-يىلى يېزىپ چىققان پارسچە ئەسەر. مۇئەللىپ بۇ كىتابىدا ئىراق، ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا 10-يۈزيىلدىن15-يۈزيىلغىچە ياشىغان 150 نەچچە مەشھۇر شائىرنى ۋە ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەرنى تونۇشتۇرغان. مەزكۇر كىتابنىڭ«ئۆمۈرلىرى ئۇزۇن بولسۇن، ئەمىرلەر پادىشاھى، فازىللار مەدەتكارى ئۇلۇغ ئەمىر نىزامىددىن ئەلىشىر زىكرىدە» دېگەن بابىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: «…بۇ مەشھۇر ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئەمىرنىڭ بۈيۈك ئاتىسى زامانەسىنىڭ مەشھۇر كىشىلىرىدىن ۋە چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ ئۇلۇغلىرىدىن ۋە سۇلتان ئەبۇلقاسىم بابۇر باھادىر ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە سۇلتاننىڭ يېقىن كىشىسى بولۇپ، مەملەكەتنى ئىدارە قىلىش ۋە دەۋلەتكە كېپىللىك قىلىش ئۇنىڭ ئىنان-ئىختىيارىدا ئەردى، ئىنتايىن فازىللىقىدىن ھەر ۋاقىت ئۆز ئوغلىغا فەزىلەت ئۆگەتتى؛ بارلىق ھىممىتىنى سائادەتمەن فەرزەندىنى ئىلىم-ھۈنەر بېزەكلىرى بىلەن زىننەتلەشكە ۋە ھىدايەت نۇرلىرى بىلەن يورۇتۇشقا سەرپ قىلدى… بۇ بۈزرۈكۋارنىڭ تىرىشىپ قىلغان ھەرىكىتى بىھۇدە كەتمىدى. ئاتىسىدىن كېيىن (ئەلىشىر) نادىرى دەۋرانلىق، ئىززەتى تەمكىنلىك كۇرسىسىدا قارار تاپتى…» 2.«رەۋزەتۇس-سەفافى سىيرەتۇل ئەنبىيا ۋەل-مۈلۈك ۋەل-خۇلەفا»(«ئەيغەمبەرلەر، پادىشاھلار ۋە خەلىفەلەر تەرجىمىھاللىرى توغرىسىدىكى پاكلىق بېغى») مۇئەللىپى«مىرخاند» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان تارىخچى مۇھەممەد ئىبنى خاۋەندشاھ(1433—1498) ھىراتتا نەۋائىينىڭ ھامىيلىقىدا ياشىغان. يەتتە جىلدلىق بۇ مەشھۇر تارىخ كىتابىنى مىلادى 1494-،1496-يىللىرى يازغان(بۇ كىتابنىڭ 7-جىلدىنى ئۇنىڭ تۈزگەن تېزىسى بويىچە نەۋرىسى خاندەمىر مىلادى 1521-يىلى پۈتتۈرگەن). بۇ كىتابنىڭ «ئۇلۇغ ۋە ساھىب تەدبىر ئەمىر ئەلىشىرنىڭ سۇلتان ئەھمەد مىرزا ئوردىسىدىن جاھانگىر خاقان ھۈسەيىن مىرزا مۇلازىمىتىگە كېلىشىنىڭ بايانىدا مۇشكىن رەقەم قەلەمنىڭ نۇكتەتىرازلىقى ۋە ئۇنىڭ ھال-ئەھۋالىنى بايان قىلىشتا كۆرسەتكەن سېھىر پەردازلىقى» دېگەن بابىدا، نەۋائىينىڭ ئاتىسى ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان: «…ئۇ ئاپتاپ دىللىق ئەمىرنىڭ ئۇلۇغ ۋە ساخاۋەتلىك ئاتىسى ئەۋۋال زامان تەقەززاسى بىلەن ئەمىر تۆمۈر كوراگاننىڭ ئوغلى مىرزا ئۆمەر باھادىرنىڭ خاس مۇلازىملىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئېتىبارلىق قەلىمى ئۇنىڭ بىسات لەۋھىگە كوكەلداشلىق دەرىجىسىنى يازغان ئەردى…» 3.«ھەبىبۇس-سىيەر فى ئەخبار ۋە ئەفرادۇلبەشەر»(« ئىنسانلارنىڭ ھەربىرى توغرىسىدا خەۋەرلەر ۋە دوستانە بايانلار») مۇئەللىپى «خاندەمىر» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان غىياسىددىن ئىبنى ھۇمادۇددىن مۇھەممەد ئىبنى خوجا جەلالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى خوجا بۇرھانىددىن(مىلادى 1475-1534-يىللار)، بۇ زاد نەۋائىينىڭ زاماندىشى، ياشلىقىدىن تاكى نەۋائىينىڭ ۋافاتىغىچە نەۋائىينىڭ كۇتۇبخانىسىدا ئىشلىگەن. نەۋائىينىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئونلىغان تارىخىي ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى مىلادى 1515-1523-يىللاردا يېزىلغان. مەزكۇر كىتابنىڭ«ئەمىرلەر، ۋەزىرلەر ۋە سەدرلەر گۇرۇھىنىڭ خاقانى مەنسۇر سۇلتان ھۈسەيىن مۇلازىمىتىگە يېتىشكىنى ۋە بەزى مۇھىم دەۋلەت ئىشلىرىنىڭ سەرەنجام ئېتىلگەنى بايانىدا» دېگەن بابىدا مىرخاندنىڭ «رەۋتۇس-سەفا»كىتابىدا يېزىلغان مەزمۇن قەيت قىلىنغان:«ئەمىرنىڭ بۈيۈك ئاتا-بابالىرى قەدىمدىن ئۆمەر شەيخ باھادىر ئىبنى ئەمىر تۆمۈر كوراگان خانىدانىنىڭ خاس كىشىلىرى جۈملىسىدىن ئەردى ۋە كوكەلداشلىق مەنسىبى ئېتىبار قەلىمى بىلەن ئۇنىڭ خاتىر لەۋھىگە بىتىلگەن ئەردى». 4.«ۋەقفىيە»ياكى«ۋەقفىنامە»__ نەۋائىي مىلادى 1481-يىلى يازغان ۋەقفە بەلگىلىمىلىرى توپلىمى بۇ قىممەتلىك ھۆججەتلىك ئەسىرىدە نەۋائىي«چۇن زەماننىڭ ئەزىمۇش شان سادات ۋە فۇزۇلاسى» دەپ يۇرت كاتتىلىرىنى سۆزلەپ كېلىپ، سەلتەنەت ۋە جەمئىيەتتە مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئەربابلار قاتارىدا«ئۇيغۇرى سىفات باخشىلار ۋە ئۇيغۇر جىركەلىك ياخشىلار» نى تەرپلەپ، «ھەر بىرسىنى بىر مۇۋافىق ئەمەلغە شۇغىل پەيۋەندە قىلدى»’دەپ يازغان؛ تۆمۈرىيلەر ئېلىدە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئەركانلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى تەبەقىسى ھېسابلانمىش بارلاس، ئارلات، تارخان، قۇبات، قوڭرات قەبىلىلىرىدىن ئايرىمچە ئۇيغۇرلاردىن چىققان دۆلەت ئەربابلىرىنى ئالاھىدە كۆرسەتكەن. نەۋائىي يەنە بۇ ئەسىرىدە:«ئەگەرچە بۇ خاكسارنىڭ ئاتا ۋە ئەبۇكام ئۆل ھەزرەتنىڭ(ھۈسەيىن بايقارانىڭ) ئابا ۋە ئەجدادى خىزمەتلىرىدەكىم، ھەربىرى سەلتەنەت كانىنىڭ گەۋھىرى ۋە شەجائەت بىيشەسىنىڭ غەزەنفەرى ئەردىلەر، ئۆل نەۋىمەراتىبغە سەزاۋەر، بىيىك مەنسەبغە كامكار بولغان ئەردىلەر» دەپ يازغان. 5.«تارىخىي رەشىدى»__ ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىككىنچى پادىشاھى ئابدۇلرەشىدخان نامىغا بېغىشلانغان مۆتىۋەر تارىخىي كىتاب مۇئەللىپى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر دوغلات ئىبنى مۇھەممەد ھۈسەيىن كوراگان. تەخمىنەن مىلادى 1545-يىلى يېزىلغان. مىرزا ھەيدەر ياشلىق چېغىدا ھىراتتا ئوقۇغان؛ ئەلىشىرنىڭ ھەمسۆھبەتلىرىنى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى ئوبدان بىلىدىغان زات ئىدى. مەزكۇر ئەسەرنىڭ«زىكرى مىر ئەلىشىر» دېگەن ماۋزۇسىدا مۇنداق دەپ يازغان: «مىر ئەلىشىرنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن تۇرۇر، ئاتاسىنى كىچىككىنە باخشى ئاتار ئەردىلەر.» بۇ كىتابتا نەۋائىي توغرىسىدىكى زىكىر« مەۋلانە سەئىدىددىن كاشىغەرى ئەلەبھىررەھمە…زىكرى ھافىز مەھمۇد زىيارەتگاھى» قاتارلىق توققۇز زاتنىڭ زىكرىدىن كېيىن بېرىلگەن. زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر«بابۇرنامە» سىدە، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر دوغلات توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلغان:«يۇنۇسخاننىڭ ئۈچىنچى قىزى خۇب نىگار خانىم ئەردى. مۇھەممەد ھۈسەيىن كوراگان دوغلاتقا بېرىب ئەردى. (مۇھەممەد ھۈسەيىن كوراگاننىڭ) بىر قىزى، بىر ئوغلى بولۇپ ئەردى…ئوغلى ھەيدەر مىرزا ئەردى. ئاتاسىنى ئۆزبېك ئۆلتۈرگەندىن سوڭ كېلىپ مېنىڭ مۇلازىمىتىمدە ئۈچ-تۆرت يىل تۇرۇپ، سوڭرە ئىجازەت تىلەپ كاشىغەرگە، خان (سۇلتان سەئىدخان) قاشىغە باردى». مەنبە:يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى
|
|