sebure |
2012-03-03 02:13 |
.. 1949 - يىلىغىچە .. رەئىس بولغانلار تىزىملىكى
1884 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە شىنجاڭغا رەئىس بولغانلار تىزىملىكى
مىلادى 1878- يىلى ياقۇپبەگ ( بەدۆلەت )نىڭ << يەتتە شەھەر >> ھاكىمىيىتى تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، زوزۇڭتاڭنىڭتەكلىپى بويىچە چىڭسۇلالىسى ھۆكۈمىتى 1884- يىلى ( گۇاڭشۈينىڭ 10- يىلى ) شىنجاڭنىرەسمىييوسۇندا <<شىنجاڭ ئۆلكىسى >> قىلىپ قۇرۇپ چىقتى . شۇنىڭدىنئېتىبارەن 1949- يىلى شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغانغا قەدەر 65 يىلئارىلىقتاشىنجاڭ ئۆلكىسىگە سەييارە سىلاۋچى ۋە رەئىس بولغانلارنىڭ ئىسىملىكىۋەيىلنامىسى تۆۋەندىكىچە :
1884- يىلى (گۇاڭشۈينىڭ 10- يىلى ) شىنجاڭ رەسمىي ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندا، چىڭ سۇلالىسىھۆكۈمىتى ليۇجىڭتاڭنى شىنجاڭ ئۆلكىسىگە تۇنجى سەييارەسىلاۋچىلىققا تەيىنلىدى. 1889- يىلى ( گۇاڭشۈينىڭ 14- يىلى ) ليۇجىڭتاڭ رۇخسەت سوراپ ئىچكىرىگەقايتقاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋېي گۇاڭتاۋ مۇۋەققەت سەييارەسىلاۋچىلىققا تەيىنلەندى .
1891- يىلى ( گۇاڭشۈينىڭ 17- يىلى ) چىڭھۆكۈمىتى شەنشى ۋالىسى تاۋمۇنى شىنجاڭ ئۆلكىسىگە سەييارە سىلاۋچىلىققا تەيىنلەپئەۋەتتى .
1895- يىلى ( گۇاڭشۈينىڭ 21- يىلى ) شىنجاڭنىڭمەمۇرىي ۋالىسى رۇيىنجى ئۆستۈرۈلۈپ تاۋمۇنىڭ ئورنىغا سەييارە سىلاۋچى بولدى .
1902- يىلى ( گۇاڭشۈينىڭ 28- يىلى ) شىنجاڭنىڭپەرمانچىسى فەن شاۋسۇئۆستۈرۈلۈپ رۇيىنجىنىڭ ئورنىغا شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسىبولۇپتەيىنلەندى .
1905- يىلى ( گۇاڭشۈينىڭ 31- يىلى ) چىڭھۆكۈمىتى ئەنخۇينىڭ سەييارەسىلاۋچىسى لەنكۇينى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ سەييارەسىلاۋچىلىقىغا تەيىنلىدى .
1910- يىلى ( شۈەنتوڭنىڭ 2- يىلى ) سەندۇڭئۆلكىسىنىڭ سەييارە سىلاۋچىسىيۈەن داخۇانى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ سەييارە سىلاۋچىلىغىغاتەيىنلىدى .
1912- يىلى ( مىنگۇنىڭ 1- يىلى ) يۈەن داخۇارۇخسەت سوراپ ئىچكىرىگەقايتقاندىن كېيىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى ۋالىسى ، قوشۇمچەمۇپەتتىش ياڭزېڭشىننى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇتۇقى قىلىپ تەيىنلىدى .
1928- يىلى ( مىنگۇنىڭ 17- يىلى ) ياڭ زېڭشىنفەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئېتىپئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، ئىچكى ئىشلار نازىرى جىن شۇرىنفەن ياۋنەننىيوقىتىپ ،ياڭ زېڭشىننىڭ ئورنىغا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ شىنجاڭئۆلكىسىنىڭرەئىسى بولدى .
1933- يىلى ( مىنگونىڭ22- يىلى ) << 12- ئاپرىل سىياسى ئۆزگۈرۈشى >>دە جىن شۇرىن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ ، ئۇنىڭئورنىغا شېڭ شىسەيھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ ، << دوبەن > نامى بىلەن ئىشيۈرگۈزدى . بۇ چاغدا ئۆلكە رەئىسى لى روڭ ، مۇئاۋىن رەئىس خوجىنىياز ھاجى بولدى . 1938- يىلىغا كەلگەندە شېڭ شىسەي رەئىس ، مۇئاۋىن رەئىسلەرنى بىراقلا قولغائېلىپيوقىتىپ ، ئۆزى ھەم دوبەن ھەم رەئىس بولۇپ ، پۈتۈن ھوقۇقنى قولىغائېلىۋالدى .
1944- يىلى ( مىنگونىڭ 34 - يىلى ) 9 - ئايداشېڭ شىسەي شىنجاڭدىن كېتىشكەمەجبۇر بولۇپ ، ۋەزىپىسىنى جۇشياۋلياڭغا ۋاقىتلىقتاپشۇرغاندىن كېيىن ، قورچاق نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ۋۇ جوڭشىننى ئۆلكە رەئىسى قىلىپئەۋەتتى .
1946- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرەپ بىلەن ئۈچ ۋىلايەتئىنقىلاۋىھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىم ئىمزالانغاندىنكېيىن ، دېموكراتىكبىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى ، ئۆلكە رەئىسلىكىگە جاڭجىجوڭ(قوشۇمچە)، مۇئاۋىنرەئىسلىككە ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بۇرھانشەھىدى سايلاندى .
1947- يىلى 5- ئايدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى <<11بىتىم >>گە خىلاپھالدا بىر تەرەپلىمىلىك قارار ماقۇللاپ ، ئۆلكەرەئىسلىكىگە مەسۇت سەبىرىنىتەيىنلىدى . شۇنىڭ بىلەن <<11بىتىم >> بۇزۇلۇپ ، بىرلەشمەھۆكۈمەت پارچىلاندى .
1949- يىلى 1- ئايدا مەسۇت سەبىرى رەئىسلىكتىنقالدۇرۇلۇپ ، بۇرھان شەھىدىئۆلكە رەئىسى ، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا مۇئاۋىن رەئىسبولۇپ تەيىنلەندى . شۇيىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى گۇاڭجۇقورچاق گومىنداڭھۆكۈمىتىدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ ، شەرەپلىك ھالدا تىنىچ ھەقىقەتكەئۆتۈپ ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلدى .
ئىزاھات : يۇقارقىلار شېرىپ خۇشتارنىڭ << شىنجاڭ يېقىنقى زامانتارىخىدىكى مەشھۇركىشىلەر >> ناملىق كىتابىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىنئېلىنغان
|
|