gulhan |
2012-03-03 01:19 |
رەسۋا ئۈلۈم
رەسۋا ئۈلۈم p?v. 42R:z
(ھىكايە) .*Mp+Q}^
ئۇ بۈگۈن كۈن ئۇلتۇرىشى بىلەن تەڭ يەنە ماشىنىغا چۈشۈپ ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان ھىلىقى جايغا قاراپ ماڭدى. 3Hd~mfO\ N a$eeM ئۇ ماشىنىدىن كۇچا بىشىدىلا چۈشۈپ قالدى_دە، ھاياجان بىلەن بۇ كۇچىغا قەدەم قويدى.ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەم ئۇنىڭدەكلەر ئۈچۈن جەننەت ھۇزورى بېرىدىغان بۇ جاي دەل بۇ گۇگۇم ۋاقتىدا قىزىپ كىتەتتى. قىنىق گىرىم قىلىپ ، يېرىم_ يالىڭاچ كىيىنگەن سەتەڭلەر خېرە قىزىل چىراغ يىقىلغان خانىلەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ مىڭ خىل ناز_ كەرەشمە بىلەن خىرىدارلىرىنى جەلىپ قىلاتتى . ئەگەر كونا چۈپقەتلىرى كىلىپ قالغۇدەك بولسا بوينىغا گىرە سىلىپ « ئوتلۇق » مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلاتتى . لىكىن ئۇ ھەر بىر چىققىنىدا« يىڭى تەم» تىتىشقا ئامراق ئىدى. «ھاياتنىڭ پەيزىسى بۇيەردە ،ئەرنى ياشارتىدىغىنى دەل شۇنداق نازى بار ، ئۇتى بار ئاياللار ، < تۇلا يىگەن ھالۋىمۇ ئەمەن تىتىيدۇ> دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ» دەيتتى ئۇ ھەمىشە ئۆز_ئۆزىگە . شۇڭىمۇ ئۇ ئۆيىدىكى قۇرۇق قاقشالدەك بولۇپ قالغان 25 يىللىق خۇتىنىنى تاشلاپ ، پات_پات بۇيەرگە چىقىپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ. nUy. gAb S ئۇ يىراقتىنلا تىللا سەتەڭنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئالدىراپ ئۆزىنى دەرەخ دالدىسىغا ئالدى. ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئوۋا مەيدانى بولسا يىڭى ئىچىلغان « پەرىلەر ئارامگاھى» ئىدى. ئۇ ئۈتكەندىلا چىقىپ بۇ جايدا يايراپ كەتكەن ئىدى. ئەمدىلا 19-18ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان زىلۋا بوي ، قاشتىشىدەك سۈزۈك گۈزەللەر بۈگۈنگىچە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەي ،ئۇنى ھاياجانغا سىلىپ تۇراتتى. `i:DmIoz 6Lb(oY}\3 ئۇ دالدىدا تۇرۇپلا يانچۇ قىدىن بۇيەرگە چىققاندا ئايرىمايدىغان « ئابى ھايات» دورىسىنى ئىلىپ تىلىنىڭ ئاستىغا باستى. ھەي ، ئۇ ياش، شاش قىزلارنىڭ ئلدىدا دورا ئىچىشكە نۇمۇس قىلدى .دىمىسىمۇ ئۇ 60 ياشنىڭ قارىسىنى ئىلىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرنى تىپىۋالغان 7-8يىلدىن بۇيان كۈندىن كۈنگە ئۆزىنىڭ ھەۋەسكە چۇشلۇق دەرمانى قالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسىمۇ ، ئۇشبۇ خاسىيەتلىك دورىنىڭ كۈچىدە قىران ۋاقتىدىكىدەك ئۇيناپ ، يۈرىكىنى ياشارتىپ كىتۋاتمامدۇ. ئۇنىڭچە بولغاندا « جەننەت ھۇزورى » شۇ ئىدى. ئەتراپىدا پەرۋانە بۇلۋاتقان گۈزەللەرنىڭ نازلىرى ئۇنى ئەرشى ئالاغا چىقىراتتى. بۇنداق كۈنلەر ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنى ئاتىغان، بالا، نىكاھ، ئەقىدە، ۋىجدان، دىگەنلەرنى ئۇنۇپ قالغان ئىدى. /f}!G Db`SNk= ئۇ پەرىلەر ئارامگاھىغا كىرىپلا كۈلۈپ قارىشى ئالغان ، ئاق يۈزلۈك قىزنىڭ قۇلىغا ئىسىلدى . ئۇنىڭغا « ئابى ھايات » ئۇبدانلا تەسىر قىلغان ئىدى . ئۇ قىزغا ئەگىشىپ خاس خانىگە كىرىپ ، ناز بىلەن ياتقان يېرىم –يالىڭاچ قىزنىڭ يىنىغا ئەمدىلا كىلىشىگە ھاياجاندىن يۈرىكى بوغوزىغا كەپلىشىپ قىلىپ تىنالماي قالدىدە، ئەمدىلا كۈتۈرۈلگەن قوللىرى بۇشۇشۇپ، كۆزلىرى چەكچىيىپ،تېزەك قاچىلانغان ئەسكى تاغاردەك گۇپلا قىلىپ قىزنىڭ ئۈستىگە يىقىلىپ ، بىر _ئىككى خارتىلداپ ، جىمىپ قالدى. |W#(+m ..... |
|