查看完整版本: [-- 12مۇقام ناملىرىنىڭ مەنىسى ۋە تارىخى .. --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدە -> 12مۇقام ناملىرىنىڭ مەنىسى ۋە تارىخى .. [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

sebure 2012-03-03 01:18

12مۇقام ناملىرىنىڭ مەنىسى ۋە تارىخى ..

12مۇقام ناملىرىنىڭ مەنىسى ۋە تارىخى ..

      ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئۇنىڭ تۈپتىن بىر - بىرىگە زادىلا ئوخشىمايدىغانمىلودىيىسى ، مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى ، ئۆزگىچە كۈي شەكلى ، ئاﻫاڭ شىۋىسىنىڭ ئالاﻫىدىلىكى ۋە ئاۋاز تىزىسىدىن قارىغاندا، ئۇنى چوڭ بەش تۈرگە بۆلۈش مۇۋاپىق :  

بىرىنچى تۈرى : ئۇيغۇرخەلق كىلاسسىك مۇزىكا قامۇسى -- ئون ئىككى مۇقام
ئىككىنچى تۈرى : ئالاﻫىدە تۈسكە ئىگە يەرلىك مۇقام -- قۇمۇل مەشرەپ مۇقامى
ئۈچىنچى تۈرى : ئالاﻫىدە تۈسكە ئىگە يەرلىك مۇقام -- دولان مەشرەپ مۇقامى
تۆتىنچى تۈرى : ئالاﻫىدە تۈسكە ئىگە يەرلىك مۇقام -- تۇرپان مەشرەپ مۇقامى
بەشىنچى تۈرى : ئالاﻫىدە تۈسكە ئىگە يەرلىك مۇقام -- كۇچا چوڭ نەغمىلىرى

     تۆۋەندە بىز ئون ئىككىمۇقام بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى :
1. راك مۇقامى 24 نەغمە
چوو نەغمىسى 13 ، داستانقىسمى 8 ، مەشرىپى 3
راك -- بۇ ئۇيغۇرمۇقاملىرىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ نامى . ئۇ ئەسلىدە سانسىىكرىتچە سۆز بولۇپ ، ئۇنىڭمەنىسى "ئاﻫاڭ" ، "كۈي" دېگەندىن ئىبارەت . بۇ سۆز ﻫازىرمۇ سېرىلانكىلىق بۇددىستلارنىڭ تىلىدا "كۈي" ، "ئاﻫاڭ" دېگەن مەنىنىئىپادىلەيدىكەن .
بۇ ئاتالغۇنىڭ تىلىمىزگەسىڭىپ كىرىشى ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك كۈيلىرىنىڭ نامى بولۇپ قېلىشى ﻫەممىدىن ئاۋۋال قەدىمىي خوتەن (ئۇدۇن) تىلى ۋە بۇددادىنىنىڭ تەسىرى بىلەن باغلىق بولۇپ ، ۋاقتى مىلادى II ئەسىرلەرگەتوغرا كېلىشى مۈمكىن . ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ "راك" سۆزى ﻫازىرقى شىنجاڭدا ياشىغۇچى ﻫەر قايسى خەلقلەرنىڭ تىلىدا ﻫەم "ئاﻫاڭ" ، "كۈي" دېگەن مەنىگە ئىگە بولغانلىقىنى ﻫەم ئۇدۇن ۋە كۈسەن كۈيلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ﻫازىرقى مۇقام تىپىدىكى بىرەر كۈينىڭ نامى بولۇپقالغانلىقىنى پەرەز قىلىش تامامەن مۈمكىن .
چۈنكى ، ئۇيغۇر مۇقاملىرى قايتا رەتلەنگەن ، ئەرەب - پارستەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان XVI ئەسىردە ، "راك" دېگەن سانسىكرىتچە سۆزنىڭ ئەينى پېتى بىر مۇقام نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغانلىقىيۇقۇرقى ئەﻫۋالنى ئىسپاتلايدۇ . بۇئۇيغۇر مۇقاملىرى شەكىللىنىشنىڭ ئەڭ قەدىمكى تارىخىي دەۋرنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشنىڭتىل جەﻫەتتىكى بىر دەلىلى بولالايدۇ .

2. چەپبايات مۇقامى 24 نەغمە
چوڭ نەغمىسى 12 ، داستانقىسمى 8 ، مەشرىپى 3
چەپبايات -- "چەپبايات" ، " بايات" دېگەن ناملار سانسىكرىتچىمۇ ، پارىسچىمۇئەمەس بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدۇر . ئۇيغۇرچە سۆز بولغاندىمۇ ، باشقىلار ئۆزماقالىسىدە بايان قىلغىنىدەك ، قەبىلە ۋە قەبىلە تارماقلىرىنىڭ نامىمۇ ئەمەس .
"بايات" -- قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا "خۇدا" ، "تەڭرى" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . "چەپبايات" ئاتالغۇسى "بايات" بىلەن باغلىق ، بۇ ئەسلىدە "چاپ" -- قۇدرەتلىك ، ئالىي دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن "بايات" دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ﻫاسىل بولغان . يەنى "چاپ" + "بايات" = چاپبايات" -- ئۇلۇغ خۇدا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
بۇ توغرىلىق ئۇيغۇرتارىخىدىكى بەزى ئىشلار مۇناسىۋەتلىك يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى بىلەن باغلىقئىكەن ~ ئەسلى بۇ توغرىلىق تەپسىلىي يېزىپ يوللىغۇم بار ئىدى ، ئەپسۇس ۋاقتىم قىسبولۇپ قالدى . كېيىنچە تولۇقلاپ يوللاش ئۈچۈن تىرىشىمەن .

3. مۇشاۋرەك مۇقامى 31 نەغمە
چوڭ نەغمىسى 17 ، داستانقىسمى 8 ، مەشرىپى 6
"مۇشاۋىرەك" مۇقامىنىڭ نامى بىرئاز مۇرەككەپ ، بۇنداق نام پارس ۋە ئوتتۇرائاسىيا خەلقلىرىنىڭ مۇقاملىرى ، كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامىدا يوق . بۇمۇ شىنجاڭغا ، ئۇيغۇرلارغا خاس ئىسىمدۇر . "مۇشاۋرەك" سۆزىنى "مۇش + ئاب + راك " دېگەن قىسىملارغا بۆلۈشكەبولىدۇ . بۇ تەركىبلەر ئىچىدىكى "مۇش" سۆزى پارسچىدىكى "نۇش" (ئىچىش) نىڭ ئېغىز تىلىدىكى ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇشى ئېﻬتىمالغا ئىنتايىن يېقىن . "رەك" -- "راك" سۆزى بولۇپ يۇقۇرقى سانسىكرىتچە "كۈي " دېگەنلەردىنئىبارەت . ئەگەر شۇنداق بولسا "مۇشاۋرەك" ئاتالغۇسى "نۇش+ئاب+راك" تەركىبلىرىدىن تەشكىل تاپقان <<شاراپئىچىش كۈيى>> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

4. چارىگاﻫ مۇقامى 29 نەغمە
چوڭ نەغمىسى 9 ، داستانقىسمى 6 ، مەشرىپى 3
ئۇيغۇر مۇقاملىرى نامىدىكى "گاﻫ" بىلەن ياسالغانسۆزلەر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ . "گاﻫ" سۆزىنىڭ پارسچە سانلار بىلەن بىرىكىپ كەلگىنىگە قاراپ ، بۇ ، مۇقاملارنىڭ رەت - نومۇرىنى بىلدۈرسە كېرەك ~ دېگەنپەرەزلەرمۇ بولغانىكەن . شۇڭا "چارگاﻫ" 4 - ئورۇن مەنىسىنى بىلدۈرۈپ تۆتىنچى رەتكە تىزىلغان ، "پەنجىگاﻫ" 5 - ئورۇن مەنىسىنى بىلدۈرۈپ مۇقاملار ئىچىدە بەشىنچى قىلىپ رەتكە تىزىلغان . لېكىن "سىگاﻫ" مۇقامىغا كەلگەندەبولسا ، بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىنمىغان . "سىگاﻫ" 3 - ئورۇن مەنىسىدە بولۇپ ، مۇقاملار ئىچىدە ئۈچىنچىئورۇننى بەلگىلىسىمۇ ئەمىلىيەتتە 11 - ئورۇنغا تىزىلغان .
پارسچىدىكى "گاﻫ" سۆزى "ئورۇن ، جاي ، ۋاقىت ، دەرىجە " دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەندىن باشقا يەنە مۇزىكىغا خاس بولغان ئاۋاز ئورنى 音调 نىمۇ بىلدۈرىدىكەن . بۇ ﻫەقتە " تەۋارىخىيمۇسقىيۇن" ناملىق ئەسەردە ئازراق توختالغان .

5. پەنجىگاﻫ مۇقامى 28 نەغمە
چوڭ نەغمىسى 17 ، داستانقىسمى 6 ، مەشرىپى 6
يۇقۇرىدا ئېيتىلغىنىدەك "پەنجىگاﻫ" مۇقامىدىكى "پەنىج -- بەش" دېگەن پارسچە سانلارنىڭ مۇقاملارنىڭ رەت نومۇرىنىبىلدۈرىدىغانلىقىنىدىن بىشارەت بېرىدۇ . يەنى پارسچىدىكى پەنج -- سۆزى بەش دېگەننىبىلدۈرىدىكەن . شۇڭا "پەنجىگاﻫ" مۇقامى مۇقاملار ئىچىدە بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغانىكەن .

6. ئۆزﻫالمۇقامى 28 نەغمە
چوڭ نەغمىسى 16 ، داستانقىسمى 6 ، مەشرىپى 6
"ئۆزﻫال" مۇقام نامىقەدىمكى نام بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ . بۇ مۇقامنىڭ نامىنى ئىككى خىل چۈشىنىش مۈمكىنكەن . بۇ نام مۇقام تېكىستلىرىدە "ئۆزخال" دەپ بېرىلگەن .تەپسىلاتى "تەۋارىخىي مۇسىقىيۇن" دا "ئاوزخال" سۆزىنى "ئۆزﻫال" دەپ تىرانسىكىپىسىيە قىلغان . ﻫازىرقى تەلەپپۇزدىكى "ئۆزﻫال"، "ئۇزﻫال" دەپ ئېيتىلىۋاتىدۇ . ئىككى خىل ئەﻫۋالدا بۇ ئاتالغۇنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسىمۇ ئوخشىمايدۇ . لېكىن ئېتمولوگىيەجەﻫەتتە ئۇيغۇرچە "ئۇز" ياكى "ئۆز" سۆزى بىلەن ئەرەب - پارسچىدىكى "خال - ﻫال" سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن ﻫاسىل بولغان . "ئۆز" بولغاندا - "ئۆز ئەﻫۋالى ، شەخسىي ﻫال - مۇڭى " مەنىلىرىنى بىلدۈرسە ، ئىككىنچى ئەﻫۋالدا يەنى "ئۇزﻫال" بولغاندا "گۈزەل ﻫالەتلەر" ، "ئۇزكەيپىياتلار" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
يەنە بىر تەرەپتىن ، تىلىمىز تارىخىدىن قارىساقمۇ ~ "ﻫال" دېگەن سۆز چىڭگىزخان ﻫەربىي يۈرۈشلىرىدىن كېيىن پەيدا بولغان "چاغىتاي" تىلى بىلەنباغلىق بولمىغان ﻫالدا ، ئونىنچى ، ئونبىرىنچى ئەسىرلەردىلا ، تىلىمىزغا سىڭىپ كىرگەنىكەن .

7. ئەجەم مۇقامى 17 نەغمە
چوڭ نەغمىسى 6 ، داستانقىسمى 8 ، مەشرىپى 3
" ﻫەرقايسى خەلقلەرنىڭ يۈرۈشلەشكەن مۇقاملىرىنىڭ نامى بەزىمۇزىكا قائىدىلىرى ۋە ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە قويۇلۇپ قالغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ بىرخىل مۇزىكا - كۈيلەرنى ئىپادىلىمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ."ئەجەم" (پارس ، ئەرەبلەردىن باشقا خەلقلەر) "ئىراق" دېگەن ناملارمۇ يۇقۇرىغا ئوخشاش . جاي ناملىرى ۋە شۇ جايغا بېغىشلانغان ياكى شۇ جايغا ئائىت كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامىبولۇپ ، كېيىنچە ، ئەنئەنىۋى تىل بويىچە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ نامى سۈپىتىدەئۆزلىشىپ قالغانلىقى مۇزىكا - كۈي ئەنئەنىسىنىڭ ۋە تىل تەرەققىياتىنىڭباسقۇچلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ .


9. بايات مۇقامى 19 نەغمە
چوڭ نەغمىسى 10 ، داستانقىسمى 8 ، مەشرىپى 3
"بايات" -- قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا "خۇدا ، تەڭرى" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .

10. ناۋا مۇقامى 21 نەغمە
چوڭ نەغمىسى 12 ، داستانقىسمى 6 ، مەشرىپى 3
"ناۋا"، "ئوششاق" دېگەن ناملار ئەسلىدە XV , XII ئەسىرلەردە ئوتتۇرائاسىيادا ياشىغۇچى خەلقلەر تىلىدا ئاۋۋال پارس تىلىدا ، كېيىن چاغىتاي تىلىدامەلۇم لىرىك كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامى بولغان ؛ چۈنكى ئەينى دەۋردە كىلاسسىك كۈيلەرمۇ "مۇقام" نامى بىلەن ئاتالغان . كېيىنچە ﻫەرقايسى خەلقلەرنىڭ مۇزىكا تەرەققىياتىدا يۈرۈشلەشكەن مۇقاملار بارلىققاكەلگەندە ، بەزى خەلقلەر بۇنى يۈرۈشلەشكەن مۇقام نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان ، بەزىلىرى بولسا يۈرۈشلەشكەن مۇقام تەركىبىدىكى مەلۇم كۈي - مۇزىكىنىڭ نامىسۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان . بەزى ماتىرىياللاردا "ناۋا " مۇقامىنى نەۋايى ئىجاد قىلغان دېيىلىدىكەن .بۇنىڭدىكى سەۋەب بۇ مۇقامدا نەۋايىنىڭشېئىرلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بولۇشىمۇ مۈمكىن يا بولمىسا باشقىچە سەۋەبلىرى بولۇشىمۈمكىن ، بۇنى يەنىلا بىلىدىغانلار ئېيتىپ باقسۇن .

11. سىگاﻫ مۇقامى 17 نەغمە
چوڭ نەغمىسى 12 ، داستانقىسمى 6 ، مەشرىپى 3
سىگاﻫ مۇقامى توغرىلىق يۇقۇرىدا ئازراق توختالغان .

12. ئىراق مۇقامى 8 نەغمە
چوڭ نەغمىسى 6 ، داستانقىسمى 6 ، مەشرىپى3

ئەسكەرتىش:تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىن ئېلىندى.
8. ئوششاقمۇقامى 23 نەغمە
چوڭ نەغمىسى 14 ، داستانقىسمى 6 ، مەشرىپى 3
"ناۋا"، "ئوششاق" دېگەن ناملار ئەسلىدە XV , XII ئەسىرلەردەئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى خەلقلەر تىلىدا ئاۋۋال پارس تىلىدا ، كېيىن چاغىتايتىلىدا مەلۇم لىرىك كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامى بولغان ؛ چۈنكى ئەينى دەۋردە كىلاسسىككۈيلەرمۇ "مۇقام" نامى بىلەن ئاتالغان . كېيىنچە ﻫەرقايسى خەلقلەرنىڭ مۇزىكا تەرەققىياتىدا يۈرۈشلەشكەنمۇقاملار بارلىققا كەلگەندە ، بەزى خەلقلەر بۇنى يۈرۈشلەشكەن مۇقام نامى سۈپىتىدەقوبۇل قىلغان ، بەزىلىرى بولسا يۈرۈشلەشكەن مۇقام تەركىبىدىكى مەلۇم كۈي - مۇزىكىنىڭ نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان .

sebure 2012-03-03 01:23
«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» دىن «كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار»غىچە




ي.م.ئىلقۇت




ھېلىمۇ ئىسىمدە، 2007-يىلى تور ئارىلاۋېتىپ مۇنداق بىر ماقالە«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»نى ئوقۇغان ئىدىم. قايسى توردىن كۆرگەنلىكىم ۋە ئاپتۇر تازا ئىسىمدە قالماپتۇ، قارىغاندا «ئادەمنىڭ ئۆگىنىشى ئۇنتۇش ئۈچۈن» دېگەن بۇ سۆز ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان ئوخشايدۇ، مانا ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۈمگە خېلى تەسىر قىلغان ماقالە «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» ۋە ئۇنىڭ ئاپتۇرىنى ئۇنتۇپلا قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟
ئەينى ۋاقىتتا «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»نى ئوقۇپ، ئاپتۇرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تۇرمۇشىمىزدىكى ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن، ئۇيغۇرلاردىكى كىتابقا نىسبەتەن پەرۋاسىزلىق، كىتابنىڭ قەدىرىگە يەتمەسلىك، نادانلىق ھالىتىدىن ھەقىقەتەنمۇ ئەنسىرىگەن ئىدىم.
كىتاب ئادەم دىلىنى يۇرۇتقۇچى ماياكتۇر! بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز كىتاب بىلەن گۈزەلدۇر! كىتاب بىزنى بىپايان بىلىم دېڭىزىغا باشلاپ بارغۇسى!!
«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» ناملىق ماقالىدە ئاپتۇر ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب كۆرمەسلىكىدىكى سەۋەبنى جانلىق پاكىتلار بىلەن شەرھىيلەپ چىققان بۇلۇپ، ئاساسەن مۇنداق بىر قانچە نوقتىغا يېغىنچاقلىغان(شەخسىي كۆز قارىشىمنى قۇشۇپ رەتلەپ چىقتىم):
بىرىنچىدىن، ئۇيغۇرلار كىتابقا نىسبەتەن پەرۋاسىز ھالەتتە. يەنى، ئۇيغۇرلار كىتابقا قىزىقمايدۇ(كۆپ ساندىكى). ئۇلار كىتابنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتمىگەن. كۈنلىرى دېگۈدەك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى(يېيىش، ئىچىش، كىيىش) بىلەنلا ئۆتۈپ كەتكەن.
ئىككىنچى، ئۇيغۇرلاردا پۇل يوق. كىتاب تىلغا ئېلىنسا ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ پەرۋاسىزلىق قىلىشى ناتايىن. كىتاب كۆرىدىغانلار(بىر قىسىم)مۇ بار. ئۇلار كىتاب كۆرۈشكە شۇنچىلىك ھەۋەس قىلىدۇ، لېكىن ئۇلاردا كىتاب سېتىۋالغۇدەك پۇل يوق(شەخسەن ئۆزۈم مۇشۇ تۈرگە تەۋە). شۇڭا ئۇلار كىتاب سېتىۋېلىشقا پۇلى بولمىغاچقا كىتابخانىلارغا تىزىقلىق كىتابلارغا ھەۋەس بىلەن قارايدۇ لېكىن سېتىۋالالمايدۇ.
ئۈچىنچى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوقۇغىلى كىتاب يوق. كىتابخانىلاردا تىزىقلىق كىتابلارنىڭ تۈرى ئاز، مەزمۇنى يېتەرسىز، سانى چەكلىك. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابقا بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىغان. ئۇلارنىڭ باشقا تىللار(مەسىلەن خەنزۇ تىلى)دىن خەۋىرى بولمىغاچقا پەقەت ئۇيغۇرچە كىتابلارغىلا قاراشلىق بولۇپ قالغان. باشقا تىللاردىكى نادىر كىتابلاردىن پايدىلىنالمىغان. شۇڭا ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ، مول مەزمۇنلۇق كىتابلارنى يېزىپ چىقىشىنى ياكى باشقىلارنىڭ باشقا تىللاردىكى نادىر كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تەلمۈرۈپلا ئۆتىدۇ خالاس («ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى» يۇقىرىقى سەۋەب تۈپەيلى تەشكىللەنگەن) ۋە باشقىلار.........
«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»نىڭ ئاپتۇرىنىڭ «ئۇيغۇرلار كىتاب كۆرمەيدۇ.»دېگەن قاراشقا كېلىشى دەل يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولغان.
بۈگۈن مېنىڭ «كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار» ھەققىدە ئازراق توختالغۇم كېلىۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»دا تىلغا ئېلىنغاندەك ئۇنچىۋالا ئۇمىدسىزمۇ ئەمەس. بىزنىڭ ئارىمىزدا كىتابقا ھېرىسمەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. بۈگۈن مەن ئۇيغۇرلاردىمۇ كىتابخۇمارلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۇم ھەم تۇلىمۇ شادلاندىم.



بۈگۈن پۈتۈن بىر كۈن ۋاختىم ئاساسەن دېگۈدەك كىتابخانىدا ئۆتتى. مەن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن شىنخۇا كىتابخانىسىنى ئارىلاپتىمەن، كىتانخانىدا كىتاب كۆرىۋاتقان ۋە كىتاب سېتىۋېلىۋاتقانلارنىڭ سانىغا ھەقىقەتەن سەل قاراشقا بولمايتتى(ھېچ بولمىغاندا، «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»دىكىدەك ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەس ئىدى.) مەن چۈشتىن كېيىن ئۇدۇن كىتابخانىسىغا بېرىپ كىتابخانىنى ئارىلىدىم. بۇ يەردە كىتابخانىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەم ئۇيان-بۇيان قىمىرلاشمۇ قىيىن ئىدى.
مەنمۇ «ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس.» دېگەن تەمسىل بويىچە ئاشۇ كىتابخۇمارلارنىڭ قېتىلىپ ئۇلاردىن «قېلىشماي» كىتاب كۆرۈپ، ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ تۈرلىرىگە قاراپ چىقتىم. مەن بەزى ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان كىتابلارنىڭ كىرىش سۆز ۋە چۈشەندۇرۈشلىرىنى ئوقۇپ چىقىپ، بەزى كىتابلارنى شۇ ھامان سېتىۋېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن يانچۇقتا پۇل يوق، پەقەت ئۇ كىتابلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قويدۇم خالاس ۋە ئۆز-ئۆزۈمگە مۇنداق ۋەدە بەردىم: مەن پۇل تاپقان كۈننىڭ ئەتىسى چۇقۇم بۇ كىتابلارنى سېتىۋالىمەن.
مەن كىتاب كۆرىۋېتىپ مۇنۇ ئىشقا دىققەت قىلىپ قالدىم: ئىككى نەپەت ئوتتۇرا ياشلار چامىسىدىكى ئاكاشلار مىللەتلەر نەشىرىياتى يېقىندا نەشىردىن چىقارغا «تۆت خەلىپە» ناملىق كىتابتىن 11 پارچە سېتىۋالدى. مەن بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ھەقىقەتەنمۇ خۇرسەن بولدۇم. گەرچە ئۆزۈم بۇ كىتابنى سېتىۋالالمىغان بولساممۇ لېكىن ئىككى ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا 11 پارچە كىتاب سېتىۋېلىشى مېنى ھەقىقەتەن شادلاندۇردى.
بۈگۈن مەن «تۆت خەلىپە» ناملىق كىتابنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەنلىكىگىمۇ دىققەت قىلىپ يەتتىم. ئۇلار ھەرگىزمۇ «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»غا ئوخشىمايتتى. مەن يېنىمدا پۇلۇمنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى بايقاپ، كىتابخانا ئالدىغا دۆۋىلەپ قۇيۇلغان «كونا» كىتابلاردىن سېتىۋالماقچى بولدۇم(بۇ كىتابلار بىر قەدەر ئەرزان) شۇڭا مەن «يېزىقچىلىق بىلىملىرى»، «مۇھەببەت، مۇھەببەت، مۇھەببەت....»(ئەدەبىي خاتىرە) ۋە ماكسىم گوركىينىڭ ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى نۇسخىسىدىكى «بالىلىق چاغلىرىم» قاتارلىق بىر نەچچە كىتابلارنى ئەرزان باھادا سېتىۋالدىم ھەم مۇنۇ كۆرۈنۈشكە دىققەت قىلىپ قالدىم: ئوتتۇرا ياشلار چامىسىدىكى ئۈچ كىشى كېلىپ كىتابخانا خۇجايىنىدىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىنىڭ 90-يىللاردىكى بارلىق سانلىرىنى سېتىۋالدى(ئۇدۇن كىتابخانىسىنىڭ خوجايىنى ھەقىقىي كىتابخۇمار چېغى، ئۇ «كونا» كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئاساسەن ساقلاپ كەلگەن ئادەم ئىكەن.) ۋە كىتابخانا خوجايىنىغا ئۇلارغا ياردەملىشىپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 85-يىلىدىن بۇرۇنقى بارلىق سانلىرىنى ئىلاج بار تېپىپ قۇيۇشىنى، ئۇلارنىڭ كېلەر ھەپتە يەنە كېلىپ سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قېلىشتى. مانا بۇلار «كىتابخۇمار ئويغۇرلار» ئەمەسمۇ؟ ئۇلارنى قانداقمۇ «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» دېگىلى بولسۇن؟
مەن بۈگۈن «كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار»نى كۆرۈپ ھەقىقەتەن خوشال بولدۇم.........

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى                               خوتەن
---------------------------
مەنبە: ئىلقۇت بلوگى

sebure 2012-03-03 01:33
كۆمەچ ھەققىدە ھەقىقىي رىۋايەت


   كۆمەچ بىر خىل ئەنئەنىۋىي، قەدىمىي ئۇسۇل بويىچە قاقلاپ پىشۇرۇلىدىغان نان تۈرلىرىنىڭ بىرى. يەرلىكتىكى كىشىلەر بۇ خىل  ناننى قىسقارتىپ «كۆمەچ» دەپ ئاتايدۇ. كۆمەچ ئۇيغۇر تىلىدا قاقلاپ پىشۇرۇلىدىغان نان دېگەن مەنىدە، چۈنكى پىشۇرۇش ئۇسۇلى ئۆزگىچە، يىيىشلىك بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ھەقىقىي كۆمەچنى يىيىش ئۈچۈن، چىرا ناھىيە بازىرىدىن 20 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۇلاخما يېزىسىغا بېرىشىمىز كېرەك. ئۆتمۈشتە بىر جۈپ قىز- يىگىت ئۆز- ئارا ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان، يىگىت دادىللىق بىلەن قىزنىڭ ئاتا- ئانىسىغا توي قىلىش تەلىۋىنى ئېيتقاندا، يىگىتنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى سىناش ئۈچۈن قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا بىر قىيىن مەسىلىنى يەنى ئائىلىگە يۈز مېھمان چاقىرىپ بىر قوي گۆشى ئارقىلىق سۆڭەكسىز تاماق، ھەم سەي تەييارلاپ ، مېھمانلارنى رازى قىلىشىنى، ئەگەردە بۇ تەلەپ ئىشقا ئاشۇرۇلسا توي ئىشىغا ماقۇل بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىگىت ئۆيگە قايتىپ نۇرغۇن كىشىلەردىن سورىغان بولسىمۇ جاۋاپقا ئېرىشەلمىگەن. كېيىن نەچچە كېچە- كۈندۈز ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى بىر ئامالنى ئويلاپ چىققان. قىزنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلگەن شۇ كۈنى، يىگىت ئەتتىگەن تۇرۇپ سېتىۋالغان قوينى سويۇپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، گۆشنى  يۇيۇپ پاكىزىلاپتۇ. ئارقىدىن بىر قوينىڭ پۈتۈن گۆشىنى شىلىپ توغراپ، ئۇنىڭغا پىياز، زىرە، قارمۇچ، تۇز قاتارلىق تەم- تەڭشىگۈچلەرنى قۇشۇپ قىيما قىلىپتۇ ھەم 20 نەچچە جىڭ ئاق ئۇننى خېمىر قىلىپ دىئامېتىرى بىر مېتىردىن چوڭراق بولغان شەكىلدە تەييارلاپ، ئىچىگە قىيمىنى سېلىپ ئەتراپىنى گۈل شەكىلىدە تۈگۈپتۇ. ئەمما پاتقۇدەك چوڭ قازان ياكى چوڭ تۇنۇر بولمىغاچقا قانداق پىشۇرۇشنى بىلەلمەپتۇ. كېيىن ئۇ مۇنداق بىر ئامال ئويلاپ چىقىپتۇ، ئوتۇننى بىر يەرگە دۆۋىلەپ كۆيدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، چۇغىغا تەييار قىلغان خېمىرنى كۆمۈپتۇ. ئىككى چەينەك سۇ قاينۇغۇدەك ۋاقىتتىن كېيىن نان پىشىپتۇ. ئارقىدىن بۇ چوڭ ناننى كۆتۈرۈپ قىزچاقنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئىچى پۇشۇپ تۇرغان قىزچاقنىڭ ئاتا- ئانىسى ناننىڭ چوڭلىقىنى، ئىچىدىكى قوي گۆشىنىڭ سۈڭەكسىز ئىكەنلىكىنى، تەمىنىڭ مىزىلىك بولۇپ، 100 مېھمانغا يېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يىگىتنىڭ ئەقىل- پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ توي ئىشىغا قوشۇلۇپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەر بۇ خىل ناننى «كۆمەچ» دەپ ئاتاپ، ھازىرغا قەدەر تارقىلىپ كەپتۇ. كۆمەچكە ئالاقىدار يەنە بىر رىۋايەت بولۇپ، بۇ رىۋايەت گۈلخۇمار ئىسىملىك بىر ئايالغا مۇناسىۋەتلىك. گۇلاخما كۆمىچىنىڭ تۈرى بىرلا خىل بولماستىن ئۇلار ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، «پېتىر قىيما كۆمىچى»، «بولاق قىيما كۆمىچى»، «پېتىر كۆمەچ»، «بولاق كۆمەچ»، «قىيمىلىق قوناق كۆمىچى»، «قىيمىسىز قوناق كۆمىچى» ۋە «ياڭاق، شېكەر، پىياز، كۆكمۇچ، شوخلا قاتارلىقلار قىيما قىلىنغان كۆمەچ» قاتارلىق يەتتە خىلغا ئايرىلغان.
مەنبە:تەڭرىتاغ مۇنبىرى

sebure 2012-03-03 01:35
30 يىل بۇرۇنقى قەشقەر كوچىلىرى





2011-9-27 16:26:51 چىقىرىشچۈشۈرۈش (170.45 KB)





2011-9-27 16:26:51 چىقىرىشچۈشۈرۈش (189.77 KB)





2011-9-27 16:26:51 چىقىرىشچۈشۈرۈش (136.5 KB)





2011-9-27 16:26:51 چىقىرىشچۈشۈرۈش (154.58 KB)





2011-9-27 16:26:51 چىقىرىشچۈشۈرۈش (158.49 KB)

sebure 2012-03-03 01:38
ئۇسسۇللۇق تىياتىر — غەربىي لياڭ رەققاسلىرى ھەققىدە


ئابلىز مۇھەممەت سايرامى


     تارىخىي ماتېرىياللارغا ۋە يېقىنقى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، غەربىي لياڭ رەققاسلىرى ناملىق چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن. ھەر بىر قسىمدا (ھەر بىر كۆرۈنىشىدە) بىر مەزمۇن (بىر ۋەقەلىك) بايان قىلىنغان، ئەينى زاماندا ئاۋال لياڭجۇدا، ئاندىن لوياڭ، چاڭئەن قاتارلىق مەشھۇر پايتەخت شەھەرلىرىدە داڭق چىقارغان ئىدى. تەتقىقاتچى لاڭ يىڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «‹غەربىي لىياڭ رەققاسلىرى› ئۇيغۇر قاينىما ئۇسسۇلى بىلەن شىر ئۇسسۇلىدىن تۈزۈلگەن ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر بولۇپ، ئۇنىڭدا پەقەت ناخشا-ئۇسسۇل، ۋەقەلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى تىياتىردىكى رولچىلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە سۆزى (科白 ناخشا-ئۇسسۇل باشلانغاندا ئارتىسلار تەبرىك سۆزى سۆلەيدۇ، ئاندىن تاماشىبىنلارغا تىياتىرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرىدۇ) ىمۇ بولغان. ئاكتىيور ئارتىسلار كۈسەندىن كەلگەن بولۇپ ئۇلارنىڭ ئوبرازى ‹قىزغۇچ ساقال، ئورا كۆز، قاڭشالىق›، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى كۈسەن نەغمىسىگە ئوينايدىغان ئارتىسلارنىڭ كىيىم-گىرىمى ئادەتتە «نىقاپ تاقاپ، ئالتۇن-كۈمۈش بېزەكلەر ئاسقان، ياقۇت ۋەقاشتېشى زىبۇ-زىننەت تاقىغان»، غەربىي يۇرتنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىرى ‹غەربىي لياڭ رەققاسلىرى› تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىرلاردىكى ئىنتايىن مۇھىم تىياتىر نومۇرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان» دەپ يازىدۇ.
    لاڭ يىڭ يەنە بىر مەشھۇر تىياتىرنىڭ راۋاجى ھەققىدە توختىلىپ: «غەربىي يۇرتنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىرلىرى ئىچىدە ‹غەربىي لياڭ رەققاسلىرى›ىمۇ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە تىياتىر نومۇرى بولۇپ، ئۇ سۈي، تاڭ سۇلالىلىرىدىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىلارنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. بۇ تىياتىرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تىياتىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ خېلى زور. بۇ تىياتىر تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلىنىپ سۇڭ، يۈەن سۇلالىلىرىدن ھالقىپ تاكى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە تارقىلىپ، ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلگەن» دەپ يازىدۇ.
    «سۈينامە. مۇزىكا تەزكىرىسى»، «كونا تاڭنامە.مۇزىكا تەزكىرىسى»، رىڭ بەنتاڭ ئەپەندى يازغان «تاڭ دەۋرىدىكى ئويۇن-تىياتىرلار»، شاڭ دا ئەپەندى يازغان «تاڭ دەۋرىدىكى چاڭئەن ۋە غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى»، «يىپەك يولى مۇزىكا-ئۇسسۇل سەنئىتى» قاتارلىقلادىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، غەربىي لياڭ رەققاسلىرى ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق بۇ تىياتىر ئەسلىدە كۈسەن خانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئەينى چاغدا «ئېرگىنۇل» دەپ ئاتىغان لياڭجۇدا (يەنى بۈگۈنكى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇۋېي شەھىرىدە) بارلىققا كەلگەن ۋە ئۇنىڭ تارىخي ئارقا كۆرۈنۈشى مۇنداق بولغان:
    16 پادىشاھلىق دەۋرىدكى (317-420) ئالدىنقى چىن خانلىقنىڭ سەركەردىسى، كېيىنكى لياڭ خانلىقنىڭ قۇرغۇچىسى لۈي گۇاڭ (337-399) مىلادىيە 382-يىلى 75 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن بىلەن بۇددا ئالىمى كومىراجىۋانى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كۈسەن خانلىقىغا باستۇرۇپ كەلگەن. ئۇ 38 ياشلىق كومىراجىۋا بىلەن بىللە 20 مىڭ ئۇلاغدا كۈسەن خانلىق خەزىنىسى، بۇددا نوم، سۇترالىرىنى، نەچچە يۈز مۇزىكا-ئۇسسۇل تىياتىرچىلارنى ئېلىپ لياڭجۇغا قايتقان. نەتىجىدە شەرق-غەربكە مەشھۇر كۈسەن سەنئىتى ۋە سەنئەتكارلىرى لياڭجۇدا ماكانلىشىپ بۇ جايدا يىلتىز تارتتى. بۇجايدا ئىلگىرىكى كېيىن قۇرۇلغان كېيىنكى لياڭ خانلىقى (385-403) ۋە ھونلارنىڭ پۇشتىدىن تامغان جۇجىمۇنسۇن-جۇجىمۇجىيەن، جۇجىۋۇدى، جۇجىئەنجۇ قاتارلىقلار تىكىلىگەن شىمالىي لياڭ خانلىقى (401-447) ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى غەربىي لياڭ ھاكىمىيىتى دەۋرلىرىدە كۈسەن سەنئىتى ئاۋال كۈسەن سەنئەتكارلىرى تەرىپىدىن، ئاندىن قالسا يەرلىك سەنئەتچىلەر تەرىپىدىن تەدرىجى ئومۇملاشتۇرۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ جايدا يىلتىز تارتىپ راۋاجلانغان كۈسەن سەنئىتى تارىختا «غەربىي لياڭ مۇزىكا-ئۇسسۇللىرى» («西凉歌舞») دەپ ئاتالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە غەربىي يۇرتتىن لوياڭ، چاڭئەنلەرگە بارىدىغان يىپەك يولى دەل لياڭجۇدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا،بۇ جايدا ئۇيغۇر سودىگەرلىرى، ھۈنەر-كاسىپلىرى، بۇددا راھىبلىرى، سەنئەتچىلىرى توپلىنىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان جايغا ئايلاندى. بۇ ھال  ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ھالەك بولغاندىن كېيىن بۇ يەردە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەيدانغا  كېلىشىگە شارائىت پەيدا قىلغانىدى،
    «سۈينامە.مۇزىكا تەزكىرىسى»، «ئوقۇتۇش يۇرتى خاتىرىلىرى»، «نەغمە-ناۋا مەھكىمىسى خاتىرىلرى»، «بىجى خاتىرىلىرى» بىلەن ۋاڭ گوۋېينىڭ «سۇڭ. يۈەن دەۋرلىرىدىكى تىياتىر تارىخى. قەدىمكى زاماندىن بەش دەۋرگىچە ئارىلىقتىكى تىياتىرلار» ناملىق ئەسىرىگە ئاساسلانغاندا، كۈسەن مۇزىكا-ئۇسسۇللىرى ۋەكىلىدىكى غەربىي يۇرت مۇزىكا-ئۇسسۇللىرىدىن «ئۇيغۇر پىرقىرىما ئۇسسۇلى»، «ئۇيغۇر قاينىما ئۇسسۇلى»، «باھاردىكى بۇلبۇل ناۋاسى» ئۇسسۇلى، «رومال ئۇسسۇلى»، «ئەتلەس ئۇسسۇلى»، «شەش ئۇسسۇلى»، «تۇنكى مۇناجات ئۇسسۇلى»، «ئاھمۇ ئۇسسۇلى»، «ئەرەن» (阿连) ئۇسسۇلى، «بورناخ ئۇسسۇلى» قاتارلىقلار ۋە «ئوت ئۇسسۇلى»، «توخۇ ئۇسسۇلى»، «شىر ئۇسسۇلى»، «باتۇر»، «سۇمۇز» قاتارلىق مۇزىكا-ئۇسسۇللۇق تىياتىرلار غەربىي لياڭدا يىلتىز تارتقان. غەربىي ۋېي خانلىقى (535-556) دەۋرگە كەلگەندە بۇ جايغا ماكانلاشقان كۈسەن سەنئەتكارلىرى يۇقىرىدىكى ئۇسسۇللار ۋە تىياتىرلاردىن پايدىلىنىپ «غەربىي لياڭ رەققاسلىرى» (西凉伎) ناملىق چوڭ تىپتىكى بەش قىسىملىق (كۆرۈنۈشلۈك) مۇزىكا-ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى روياپقا چىقارغان. بۇ تىياتىر «پىرقىرىما ئۇسسۇلچى قىز»، «ئۇسسۇلچى يىگىت»، «ئۈزۈم ئۇسسۇلى»، «شىر ئويۇنى»، «نىقابلىق ئويۇن» قاتارلىق بەش خىل كۆرۈنۈش مەزمۇنىدىن تەركىپ تاپقان. مەسىلەن، بىرىنچى كۆرۈرنۈشتىكى پېرقىرىما ئۇسسۇلى، تۆت كىشىلىك ئايالچە كونسىرىت شەكلىدە بولۇپ، ئۇسسۇلچىلار زەرباب يەڭىلىك قىزىل نىمچا، يېشىل تاۋار ئىشتان، قىزىل ئۆتۈك، مارجان تىزغان دوپپا كىيىپ، ھەر خىل يارىشىملىق ئېسىل زىبۇ-زىننەت تاقاپ سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىدىكەن. تىياتىردىكى قاينىما ئۇسسۇلى بولسا ھازىرقىدەكلا ئەرلەرنىڭ تاقلاپ ئوينايدىغان شوخ ئۇسسۇلى بولۇپ، ئۇسسۇلچىلار بۇ ئۇسسۇلنى دوپپا ۋە ئۆتۈك كىيىپ، بېلىگە پوتا  باغلاپ، كۆڭلەك پېشىنى قايرىپ، يەڭ شىمايلاپ، تىز قويۇپ ئوينايدىكەن. يەنە شىر ئويۇنى ئوينايدىغانلار بىلەن نىقابلىق ئويۇن كۆرسىتىدىغانلار رولنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ نىقاب تاقاپ، قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق، كومېدىيىلىك ھەرىكەت قىلىقلار بىلەن ماھارەت كۆرسىتىپ تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرىدىكەن.
    «سۈينامە. مۇزكا تەزكىرىسى»  بىلەن «كونا تاڭنامە. مۇزىكا تەزكىرىسى» گە ئاساسلانغاندا، شىمالىي چى خانلىقى (550-577) دەۋرلىرىدە «غەربىي لياڭ رەققاسلىرى» ناملىق بۇ چوڭ تىپتىكى تىياتىر ئەڭ دەسلەپ چى خانلىقىغا تارقالغان ۋە ناھايىتى قىزغىن قارشى ئېلىنغانلىقى مەلۇم. «شىمالىي چىننامە. ۋېنشۈەن پادىشاھ خاتىرىلىرى» (北齐书.文宣纪) دە خاتىرىلىنىشىچە، سىيامپىلار قۇرغان شىمالىي چى خانلىقىنىڭ پادىشاھى ۋېن شۈەن (550-550) نىڭ سالاھىيىتى پادىشاھ  بولسىمۇ، لېكىن ئوغۇزچە (ئۇيغۇرچە) كىيىنىدىغان، ئاتلىق ئوقيا ئېتىشقا ماھىر، ئۇيغۇرچە مۇزىكا-ئۇسسۇلغا مەستانە. دومباق چېلىشقا ئۇستا ئادەم  بولغاچقا، كۈسەن مۇزىكا-ئۇسسۇلىنىڭ ئوردىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل خانلىقىدا ئوينىلىشىغا پەرمان جاكارلاپ، قىزغىن قوللىغان. پادىشاھ گاۋۋېي (565-577) مۇ كۈسەن سەنئىتىگە مەپتۇقلۇقتا پادىشاھلىقنى تاشلاپ قويۇش دەرىجىسىگە يەتكەن. پادىشاھ ۋېن شۈەندى زاماندا غەربىي يۇرتلۇق توققۇز جاۋۇپ ئۇيغۇرلىرىدىن ساۋ پولومىن ئەۋلادلىرىدىن ساۋمىياۋدا چالغان بەربابقا تەڭكەش قىلىپ داپ چالاتتى③، گاۋۋېي بولسا ساۋمىياۋدا، ئەن مورۇ، ئەن ماجۇلەرنى ئۇستاز تۇتۇپ كۈسەن مۇزىكىسىنى ئۈگەنگەن، «غەمسىز نەغمىسى» نى ئۆزى كۈسەن ئۇسلۇبى بويىچە ئىجاد قىلغان④. دېمەك، «غەربىي لياڭ رەققاسلىرى» ناملىق تىياتىر شىمالىي چى خانلىقىغا تارقىلىپ ئۆزىگە يارىشا ئىززەت-ئىكرامغا ئېرىشكەن.
    مىلادىيە 581- يىلى سۈي سۇلالىسى (581-618) شىمالىي جۇ سۇلالىسى ئاساسىدا مەملىكەتنى  بىرلىككە كەلتۈردى. شىمالىي جۇ سۇلالىسىدىكى غەربىي دىيارلىق سەنئەتكارلار پايتەخت چاڭئەنگە قايتا جەم بولدى. كۈنسەنلىك مۇزىكا ئۇستازى سۇجۇپ، بەي جىتوڭ، بەيمىندا، بەي فۇجىيەنلەر،ئاسىنا مەلىكە قاتارلىق يۈزدىن كۆپ غەربىي دىيارلىق سەنئەتكارلار سۈي سۇلالىسى ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكا ۋە تىياتىر سەنئىتىنى داۋاملىق راۋاجالاندۇردى. شۇ قاتاردا «غەربىي لياڭ رەققاسلىرى» ناملىق چوڭ تىپتىكى تىياتىر سۈي سۇلالىسىدە قايتا ئوينىلىپ، پايتەخت ئىچى-سىرتىدا زور ئالقىشقا ئېرىشتى.
    مىلادىيە 618- يىلى سۈي سۇلالىسى مۇنقەرز بولۇپ، ئورنىغا تاڭ سۇلالىسى (618-907) مەيدانغا كەلدى. ئۈچ ئەسىرگە يېقىن دەۋرران سۈرگەن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگو ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكا سەنئىتى ئەڭ گۈللەنگەن، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئىدى. رېڭ بەنتاڭ ئەپەندىنىڭ «تاڭ دەۋرىدىكى ئويۇن-تىياتىرلار» ناملىق ئەسىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تاڭ دەۋرىدە پايتەخت چاڭئەن بىلەن لوياڭدا ئوينالغان تىياتىرلادىن «غەربىي لياڭ رەققاسلىرى»، «سۇمۇز»، «باتۇر»، بۇددا تىياتىرى «سارىپۇترا»، براھمان دىنى تىياتىرى «براھماننى ئوينىتىش» قاتارلىقلار ئەڭ مەشھۇر بولغان⑤. بۇ تىياتىرلارنىڭ ھەممىسى كۈسەندە ئاپىرىدە بولۇپ يىپەك يول بويلاپ شەرققە تارقىلىپ كەلگەن. لياڭجۇدا ئاپىرىدە بولۇپ كېيىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە شۆھرەت قازانغان «غەربىي لياڭ رەققاسلىرى» ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق بەش كۆرۈنۈشلۈك بۇ تىياتىر لوياڭ،چاڭئەن قاتارلىق پايتەخت شەھەرلىرىدە،ئوردا-قەسىرلەردە، ھەر خىل بايرام ۋە كوللېكتىپ ئاممىۋى پائالىيەتلەردە،ئايەم ۋە كەچكى بەزمىلىك ئولتۇرۇشلاردا ئوينىلىپ پايتەخت جامائەتچىلىكىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ھەر قايسى ئايماق-ۋىلايەتلەردىمۇ كۆپلەپ ئولينالغان. تاڭ دەۋرى شائىرلىرى بۇ تىياتىرنى مەدھىيىلەپ نۇرغۇن گۈزەل مىسرالارنى تىزىشقان.
مەسىلەن، داڭلىق شائىر بەي جۈيى بۇ تىياتىرنىڭ بىرىنچى (كۆرۈنۈشى) بولغان پېرقىرىما ئۇسۇلىنى تەسۋىرلەپ:


«پىرقىرىما ئۇسسۇلچى قىز،پىرقىرىما ئۇسسۇلچى قىز،

دىلى تەڭكەش پەيتارىغا، قولى چۈشكەن داپتىنمۇ تېز.

چېچەك چېچىپ ئۇچقان قاردەك پىرقىرايدۇ تاپماي تىنىم،

داپ-تارىنىڭ ناۋاسىدا كۆتۈرۈلۈپ قولى ئېگىز.

..............

يەتمەس ئاڭا ئالەم ئارا ھېچ مۆجىزە كارامىتى،

ئۇچقۇر چاقمۇ ياكى قۇيۇن تەڭ كېلەلمەس ئۇڭا ھەرگىز»


دەپ يازسا، يۈەن جىن ئوخشاش ماۋزۇدىكى شېئىرىدا:


«پىرقىرىما ئۇسسۇلىنىڭ مەنىسىنى بىلمەس كىشى،

سىياقىنى تەسۋىر قىلىپ بېرەلەيمەن سىزگە بىراق،

ئۆز ئىزىدا بوران بولۇپ پىرقىرىغان نىلۇپەرنىڭ،

يالتىرىشى چۆگىلىگەن تەخسە ياكى پانۇس چىراغ.

نۇر چاقناتسا ھەسەن-ھۈسەن رەڭگىدىكى بېزەك ئېگىن،

يالت-يۇلت قىلىپ ئۈنچە-مارجان چاچار ئۇچقان يۇلتۇز سىياق،

كەڭ بوشلۇقتا قۇيۇن بولۇپ، دولقۇن ياساپ ئوينار ئۇسسۇل،

تەھتى دېڭىز ئۇپقۇنلىرى قوزغىغاندەك ئۇپقۇن شۇ چاغ»


دەپ يازغان.
«قامۇسنامە» دە كۆرسىلىتىشىچە، بۇ ئۇسۇلنى ئوينىغۇچى ئۇسسۇلچى قىز زەرباب يەڭلىك قىزىل نىمچا، يېىشل تاۋار ئىشتان، قىزىل ئۆتۈك، مارجان تىزغان دوپپا كىيىپ، زىبۇ-زىنەت تاقاپ ئۇسۇلغا چۈشەتتى.
شائىر ليۇيەنشى بۇ تىياتىرنىڭ ئىككىنچى كۆرۈنۈشى بولغان ئەرلەرنىڭ شوخ ئۇسۇلنى تەسىۋىرلەپ:


«يەرگە قويۇپ قولىدىكى ئۈزۈم تولغان سېۋىتىنى،

كۈن پېتىشقا بىردىن قاراپ ياتقا ئالدى ئۆز يۇرتىنى،

زەرباپ چەككەن، يۇمشاق رەڭدار ئۆتۈكىدە تېپىپ سەكرەپ،

يالتىراتتى زەر كەمەرنىڭ ئۈستىدىكى ياقۇتىنى.

جىمجىت ھەريان، ھەممە كىشى كۆڭۈل قويۇپ نەزەر سالغان،

بەرباب بىلەن مۇڭلۇق نەيمۇ كۆرسەتكەچكە قۇدرىتىنى،

ئاق ھەم قىزىل گۈللۈك زىلچا تۆپىسىدە قايناپ ئۇسسۇل،

تەسۋىر قىلدى چىمەنلىكتە كەچتە يانغان شام ئوتىنى.

مەيلەر تۈگەپ، ساز توختىدى، ئاياغلاشتى ئۇسسۇلمۇ ھەم،

توزغاق كۆلى غەربىدە ئاي كۆتۈرگەندە ئوغىقىنى»


دەپ يازسا، شائىر لى رۈي لياڭجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىياتىردا ئوينىغان قاش ئېىتپ، كۆز تاشلاپ كومېدىيىلىك ھەرىكەتلەر بىلەن قىزىقچىلىق قىلىدىغان ئۇسسۇلىنى تەسۋىرلەپ:


«لياڭجۇنىڭ ئۇيغۇرلىرى قايناپ ئۇسسۇل ئوينىغان،

قاڭشا بۇرۇن، ئەتلىرى ئاپئاق قاش تېشىسىمان.

يەرگە تېگىپ سوزۇلۇپ تۇرسا شۇڭدەك پوتىسى،

كاناپ كۆڭلەك پەشلىرى قايرىلىپتۇ ئىككى يان.

چېدىرىزنىڭ ئالدىدا ئۇ ئۆز تىلىدا شىۋىرلاپ،

كۆكرەك سىلاپ، يەپ شۇمۇپ، چۈشتى ئۇسسۇلغا شۇئان.

....

قاش ئۇچۇرۇپ كۆز ئېتىپ شىرداق كىگىز ئۈستىدە،

مارجان بۆكى يېنىدىن ئاقتى تەرلىرى راۋان.

يالتىرىدى ئۆتۈكى يورۇق چىراغ ئالدىدا،

مەس كىشىدەك ئۆزىنى تاشلىغاندا ھەر تامان.

پىرقىرىسا، تىز قويسا چۈشەر چالغان پەدىگە،

بەلگە قويسا قولىنى، خۇددى ئايغا ئوخشىغان»


دەپ يازغان.
    مەشھۇر شائىر بەي جۇيى كۈسەن سەنئەتكارلىرى ئوينىغان «غەربىي لياڭ رەققاسلىرى» ناملىق چوڭ تىپتىكى مۇزىكا-ئۇسسۇللۇق تىياتىرىنىڭ ئاخىرقى كۆرۈنىشى بولغان شىر ئويۇننى كۆرگەندە يازغان «غەربىي لياڭ ئويۇنلىرى»(西凉伎) ناملىق شېئىرىدا:


غەربىي لياڭ ئويۇنلىرى، غەربىي لياڭ ئويۇنلىرى،

ئوينايدۇ يالغان شىرنى ئۇيغۇرلار تارتىپ نىقاب.

ئالتۇن يالاتقان كۆزى، كۆمۈش يالاتقان چىشى،

ياغاچ بىلەن باش ياساپ، يىپ-يىپەك قۇيرۇق تاقاپ.

چۇلغىپ تۈكلۈك كىيىم-ئەگسە بىر جۈپ بەللىرىنى،

تۈكۈلگەندەك تاغىل قۇم خۇددى ئون مىڭ يول قاپساپ،

مەللە ساقال چوڭقۇر كۆز ئىككى ئۇيغۇر سەھنىگە،

سەكرەپ كېلىپ سۆزلىرى تۇتۇپ قوللىرىدا داپ.


دەپ يېزىش ئارقىلىق، تىياتىر نىقابلىرى، كىيىم-گىرىملىرى ۋە تىياتىرچى ئاكتىيورلارنىڭ چىراي ئىپادىسىنى ئەينەن تەسۋىرلىگەن.
    لاڭ  يىڭنىڭ «غەربىي دىيار ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىرلىرىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تىياتىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى» ناملىق ماقالىسى بىلەن لى گېنۋەننىڭ «نەپىس غەربىي لياڭ مۇزىكا-ئۇسسۇللىرى» ناملىق ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، «غەربىي لياڭ رەققاسلىرى» ناملىق چوڭ تىپتىكى بۇ تىياتىر جەمئىي بەش قىسىم (كۆرۈنۈش) تىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەر بىر قىسىمدا بىر خىل مەزمۇن بولغان. مەسىلەن، ئالدىنقى ئۈچ قىسمى «پىرقىرىما ئۇسسۇلچى قىز»، «شوخ ئۇسسۇلچى يىگىت»، «ئۈزۈم ئۇسسۇلى» قاتارلىق نەپىس، ئەۋرىشىم ئۇسسۇلچىلار بىلەن ئەرلەرنىڭ كومېدىيىلىك، ساتىرىك، قىزىقچىلىق قىلىدىغان شوخ ئۇسسۇللىرىدىن ھەمدە ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشقى-مۇھەببەت تەسۋىرلىنىدىغان مەزمۇن ئاساس قىلىنسا، كېيىنكى ئىككى قسىمنىڭ بىرى قىزىقارلىق شىر ئويۇنىدىن، ئاخىرىدىكى بەشىنچى قىسمى بولسا كومېدىيىلىك نىقابلىق ئويۇننى ئاساس قىلىدىكەن⑥. ئاخىرىدىكى ئىككى قىسىمنىڭ بىرىدە شىر سىياقىدا نىقابلانغان ئاكتىيورلار ھەر خىل قىزىقارلىق، قورقۇنچلۇق ماھارەت كۆرسەتسە، ئاخىرقى كۆرۈنۈشى بولغان نىقابلىق ئويۇنچىلار قىسمىدا كۈسەننىڭ سۇمۇز تىياتىرىدىكى ئويۇن شەكلى ئاساس قىلىنىدىكەن. تىياتىر سازەندىلىرى غۇڭقا، راۋاپ، بەرباب، بالىمان، نەي، يان دۇمبىقى، مىس جەللا قاتارلىق كۈسەن چالغۇلىرى بىلەن زىڭ-سىڭ (ھىم نەي)، شىياۋ قاتارلىق خەنزۇ چالغۇلىرىنى چالىدىكەن.
    «غەربىي لىياڭ رەققاسلىرى» ناملىق بۇ چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئاپىرىدە بولغان لياڭجۇ ئايمىقىدىمۇ زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ۋە ھۆكۈمرانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. مەسىلەن، پادىشاھ تاڭ شۈەنزۇڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللەردە تۆھپىكار مەشھۇر ئۇيغۇر سانغۇن قوشۇخان لياڭجۇ ئايمىقىنىڭ ھېراۋۇلى ئىدى. «كونا تاڭنامە. قۇشۇخان تەزكىرىسى» دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇ ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇلىنىڭ پىركامىلى بولغاچقا، لياڭجۇ ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتىنى ناھايىتى قوللىغان. «غەربىي لياڭ رەققاسلىرى» ناملىق تىياتىرنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ چىقارغان ئىكەن⑦. قوشۇخاننىڭ يېقىن دوستى، شېئىرى ھەمسۆھبەتدىشى بولغان تاڭ شائىرى يۈەن جىن لياڭجۇغا سەيلى-ساياھەتكە بارغاندا قوشۇخاننىڭ بىر قېتىملىق كاتتا زىياپىتىگە داخىل بولغان. بۇ چاغدا دەل «لياڭجۇ رەققاسلىرى» ناملىق قىزىقارلىق تىياتىر ئوينالغان. يۈەن جىن شۇ چاغدا يازغان «غەربىي لياڭ ئويۇنلىرى» دېگەن شېئىرىدا زىياپەت ۋە ئويۇننىڭ ئومۇمىي تەسۋىر مەنزىرىسىنى كۆرسىتىپ مۇنداق يازغان:


«قوشۇخان سالدى بۈگۈن ئېسىل زىياپەت-داستىخان،

نازۇ-نېمەت، مەي-شاراپ تۈگەل تەييار ئەيلابان.

ئالدىدا ئويناپ تۇرار بەس-بەستە يۈز خىل ئويۇن،

قىلىچۋازلار تاقىلىشار كۆرسىتىپ ھەر خىل ماھارەت.

شىر ئوينايدۇ ئېغاڭلاپ قۇيرۇقىنى يالتىرىتىپ،

تاقىلىما ئۇسۇلچى ئۇيغۇرلار ئوينار ئەۋرىشىم ھەر يان».⑧


    دېمەك، بۇ تىياتىر ئەسلىدىكىگە ئوخشاشلا ئالدىنقى ئۈچ قىسمى(كۆرۈنۈشى) ئۇسسۇل، تۆتىنچى قىسمى شىر ئويۇنى، بەشىنچى قىسمى (كۆرۈنۈشى) نىقابلىق قىلىچۋازلىق ئويۇنلار بىلەن داۋام قىلغان. بۇ، بۇ تىياتىرىنىڭ ئوتتۇرا تاڭ دەۋرىدىمۇ ئەسلىدىكى كۆرۈنۈش ۋە ئويۇن شەكلىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
مەشھۇر تاڭ شائىرى بەي جۈيىمۇ «غەربىي لياڭ رەققاسلىرى» ناملىق مەشھۇر تىياتىر ھەققىدە كۆپلىگەن گۈزەل مىسرالارنى تىزغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى بىر شېئىرىدا:


«مىڭ غەزەل، يۈز خىل ئۇسسۇل سانىنى بىلمەك شۇنچە تەس،

ھەممىدىن لياڭجۇ ئويۇنى قوزغىدى زوقى-ھەۋەس.

سوغ تائام ئايام كۈنى ئوينالسا كەلگەي نەۋ باھار.

ئېسىل ئىلمە پەردىلىك ئىسرىق شىرەسى ئالدىغا دەس.

ئىسرىق شىرە ئالدىدىكى ئۇسسۇلچى رەڭگى قاشتېشى،

ئەلئارا كىيگەن كىيىملەر بۇنچىلىك زىبا ئەمەس.

قىلسا گەر قىزىل لىباس شەپەق يېپىنىپ تاجى جۇلا،

بوينىدا قات-قات ۋىلىلدار ئېىسل مارجان بەسمۇ بەس.

نىم تاناپ گۈللۈك داراپنى سۈلىتىكى باسقان ئۇنىڭ،

قايتا كۆرمەكنى پۈكۈپ قەلبىمگە ئالدىم چوڭ نەپەس.»


دەپ يېزىش ئارقىلىق تىياتىرنىڭ ئالدىنقى كۆرۈنۈشلىرىدىكى ئۇسسۇللار ھەم ئۇسسۇلچىلار كىيگەن ئېسىل، نەپىس كىيىملەرنى ناھايىتى ئەينەن تەسۋىرلىگەن.
لاڭ يىڭ بۇ تىياتىر ھەققىدە توختىلىپ: «‹غەربىي لىياڭ رەققاسلىرى› ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تىياتىر بولۇپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ تىياتىرلىغا خېلى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ تىياتىر تاڭ دەۋرىدىن باشلىنىپ تاكى سۇڭ، يۈەن دەۋرلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ تاكى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە تارقىلىپ، ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلگەن» دەپ يازسا، رىڭ بەنتاڭ ئەپەندى: «‹غەربىي لياڭ رەققاسلىرى› ناملىق داڭلىق قەدىمكى تىياتىر تاڭ، سۇڭ، يۈەن تىياتىرلىرىغا نۇرغۇن جەھەتتىن تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئىزنالىرىنى تاڭ دەۋرىدىكى ئوتتۇرا دىيار تىياتىرلىدىلا ئەمەس، بەلكى يۈەن سۇلالىسى ۋە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تىياتىرلاردىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ» دەپ يازىدۇ.
    قىسقىسى، مىلادىيە 5-ئەسىردە غەربىي لياڭ خانلىقىدا كۈسەن سەنئەتكارلىرى تەرىپىدىن قەدىمكى كۈسەن مۇزىكا-ئۇسسۇللىرى ۋە تىياتىرلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىجاد قىلغان «غەربىي لىياڭ رەققاسلىرى» ناملىق بەش كۆرۈنۈشلۈك، چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق بۇ تىياتىر تاكى مىڭ سۇلالىسى (1368-1644) دەۋرىگىچە مەۋجۈت بولۇپ، جاي-جايلاردا ئوينىلىپ كەلگەن. جۇڭگو تىياتىر تارىخىدامىڭ يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ داڭلىق تىياتىر شىمالىي چى سۇلالىسى ئوردىسىدا،سۈي سۇلالىسى ئوردىسىدا، تاڭ سۇلالىسى ئوردىسىدا ۋە سۇڭ، يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى ئوردا-قەسىرلىرىدە ئوينىلىپلا قالماي، بەلكى ھەر قايسى ئايماق-ۋىلايەتلەردىمۇ ئوينىلىپ قىزغىن ئالقىشلانغان. يەنە بىر جەھەتتىن ئىلىمىز تىياتىرلىرىنىڭ بەزى تارماقلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرققى قىلىشىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ، كۆپ مىللەتلىك جۇڭگو قەدىكى زامان تىياتىرلىرىنىڭ باي، رەڭدار، خىلمۇ-خل مەزمۇن ۋە شەكىللەر بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا مۇھىم تارىخى تۆھپىلەرنى قوشقان.

ئىزاھاتلار:
①②⑥⑨ لاڭ يىڭ: «غەربىي دىيار ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىرلىرىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تىياتىرلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى»، «غەربىي يۇرت تەتقىقاتى»، خەنزۇچە، 2003- يىل 1-سان، 55-61-بەتلەر.
③ ئابلىز مۇھەممەت سايرامى: «سۈي.تاڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى»، 4-بەت، 1994-يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى بىرىنچى نەشرى.
④ لى گېنۋەن: «نەپىس غەربىي لياڭ مۇزىكا-ئۇسسۇللىرى»، «يىپەك يولى مۇزىكا-ئۇسسۇل سەنئىتى»، 257-262- بەتلەر، 1985- يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇچە نەشرى.
⑤⑩ رېڭ بەنتاڭ: «تاڭ دەۋرىدىكى ئويۇن-تىياتىرلار»، 1- قىسىم، 80-81-168-169-بەتلەر. 1958-يىلى يازغۇچى نەشرىياتى خەنزۇچە نەشرى.
⑦⑧ ئابلىز مۇھەممەت سايرامىنىڭ: «سۈي، تاڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى» (1994- يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى) ناملىق كىتابىنىڭ 288-293- بەتلىرىدىكى قوشۇخان تونۇشتۇرۇلغان ماقالىسىگە قاراڭ.
مەنبە:تەڭرىتاغ مۇنبىرى

sebure 2012-03-03 01:43
  بەشكېرەمنىڭ تارىخ ـــ جۇغراپىيىسى

                           مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق

بەشكېرەم قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، يېزا مەركىزىنىڭ قەشقەر شەھىرى مەركىزى بىلەن بولغان ئارلىقى 15 كىلومېتر كېلىدۇ. شەرقتە ئاققاش يېزىسى بىلەن، غەرپتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئايرودۇرۇم بىلەن، جەنۇب تەرەپتە ئاۋات يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالدا قۇمالتاغ تىزمىسى ئارقىلىق قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنڭ ئاتۇش ناھىيسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي تەرىپى ئېگىز، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 1298 مېتىر ، يەرقاتلىمى ئاساسەن لاتقا تۇپراق، سۈپتى ئوتتۇرا  ئەت تۇپراق، ئومۇىي يەر مەيدانى 242.93 كۇۋادىرات كىلومېتىر (364394مو)، ھاۋا كىلىماتى مۆتىدىل، تۆت پەسىل ئېنىق، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 13، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃ 42.3، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن℃ 25.3، قۇياش نۇرى يېتەرلىك، ھۆل يېغىن مىقدارى 50-60 مىللىلىتىر ،كۈننىڭ يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2800-2900 سائەت  ئەتراپىدا بولۇپ، قىراۋسىز مەزگىلى 220-240 كۈنگىچە بولىدۇ. بۈگۈنكى بەشكېرەمنىڭ ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 55 مىڭ مودىن ئارتۇقراق بولۇپ، ئاساسلىق سۇ مەنبەسى چاقماق دەرياسى ۋە قىزىل دەرياسىدىن ئىبارەت. قەھرىمان، باتۇر بەشكېرەم خەلقى ناھايتى قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى چاقماق دەرياسىنىڭ تاشتىن –تاشقا ئۇرۇلۇپ تاۋلانغان، ئىللىق قۇياش نۇرلىرىدا پاكلانغان «ئەركەك سۇ»لىرىنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئەۋلادمۇ ئەۋلات كۈرەش قىلىش نەتىجىسدە ئۆزلىرىنىڭ ھالال ئەجرى بىلەن چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمىي ماكان –بەشكېرەمنى بەرپا قىلغان.

2

بەشكېرەمنىڭ قاچان بىنا بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق تارىخىي مەلۇمات يوق. ئەمما بەشكېرەمگە دائىر رىۋايەتلەر، جۈملىدىن «چاقماق دەرياسى ھەققىدە رىۋايەت»، «ئاپراسىياپ ھەققىدە رىۋايەت»، «خانئۆي ھەققىدە رىۋايەت»، «خانئۆي مەلىكىسى ھەققىدە رىۋايەت»، «توققۇز ھۇجرا ھەققىدە رىۋايەت»  ۋە «بەشكېرەم سەيلىسى ھەققىدە رىۋايەت» قاتارلىق جانلىق تارىخىي ماتېرىياللاردىكى  تارىخىي ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا  قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى بەشكىېرەمنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى  Ⅴ، Ⅵ ئەسىرلەر ئارلىقىدا، ئوردو كەنت –خانئۆيگە يانداش ھالدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى،  چاقماق دەريا ۋادىسىدا بۇددىزم راسا ئەۋجىگە چىققان مەزگىللەردە بەلگىلىك تەرەققىيات دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى، قارخانىيلار دەۋرىگە كەلگەندە ناھايىتى گۈللىنىپ خاقانلارنىڭ باغ سەيلىسى قىلدىغان بېھىشتەك سەيلىگاھىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۋېلىش تەس ئەمەس.

3

ئەڭ قەدىمكى يۇرت ناملىرىدىن بىرى «بەشكېرەم» ئاتالغۇسى كەڭ ھەم تار مەنىدە قوللىنىلىپ كېلىنگەن تارىخىي ئاتالغۇ بولۇپ، كەڭ مەنىدە غەربىي شىمالدا چاقماق دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى قىيالىققا جايلاشقان ئۈچ بۇرھان مىڭئۆيى ئالدىدىكى تۈتۈرگىدىن شەرقتە ئاققاش، پەيزاۋاتقىچە، شىمالدا قۇمال تاغ تىزمىسىدىن تارتىپ جەنۇبتا تۈمەن دەرياسى بىلەن قىزىل دەرياسىنىڭ بويلىرىغىچە بولغان قەدىمكى دەۋرلەردە چاقماق دەريا سۈيى بىلەن ياشنىغان بوستانلىقنىڭ؛ مۇنداقچە ئېيتقاندا ھازىرقى بەشكېرەم، ئاۋات، قوغان، يېڭىئۆستەڭ، دۆلەتباغ، نەزەرباغ، خاڭدى، ئاققاش قاتارلىق يېزىلارنىڭ دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەدىمكى «بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكى»نىڭ، تار مەنىدە بۈگۈنكى بەشكېرەم يېزىسىنىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نام مەيلى كەڭ مەنىدە ياكى تار مەنىدە قوللىنىلىشتىن قەتئىنەزەر قەدىمدىن ھازىرغىچە تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرلۈپ كەلدى.

1. «بەشكېرەم» ئەسلى «بىھىشكەرەم» بولۇپ، «جەننەت» مەنسىدىكى پارىسچە سۆز «بېھىشت»[1] بىلەن «باغ، تال، تەك» مەنىسىدىكى ئەرەبچە سۆز «كەرەم»[2]نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇ «جەننەت بېغى» ياكى «بېھىشباغ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

2. «بەشكېرەم» ئەسلى «بېھىشكېرەم» ياكى «بېھىشكىرام» بولۇپ جەننەت مەنىسىدىكى پارىسچە سۆز «بىھىشت» بىلەن «ئۇلۇغ، كاتتا، سىخى، مەرد» مەنىسىدىكى ئەرەبچە سۆز «كەرەم» ياكى «كىرام»[3]نىڭ بىركىشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇ «ئۇلۇغ بېھىشت» ياكى «كاتتا جەننەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

3. «بەشكېرەم» ئەسلىي «بېھىشكۆرەم» ياكى(«بېھشكۆرۈم») بولۇپ، «جەننەت» مەنىسىدىكى پارىسچە سۆز «بېھىشت» بىلەن «كۆرۈنۈش» مەنىسىدىكى ئۇيغۇرچە سۆز «كۆرەم» («كۆرۈم»)[4]نىڭ بىركىشىدن تۈزۈلگەن. ئۇ «بېھىشتەك كۆرۈندىغان ماكان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

4. «بەشكېرەم» ئەسلى «بىيىشكەرەم» بولۇپ «تال باراڭ، باراڭ ياغىچى» مەنىسىدىكى پارىسچە سۆز «بېدىش»[5] بىلەن «باغ، تال، تەك(ئۈزۈم)» مەنسىدىكى ئەرەبچە سۆز «كەرەم»نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ «د»تاۋۇشى «ي» تاۋۇشىغا ئالمىشىپ، «بىيشكەرەم» بولغان. (بۇنداق «د» تاۋۇشى بىلەن «ي» تاۋۇشىنىڭ ئالمىشىشى قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئورتاق ھادىسە. مەسلەن، ئاداققىچە –ئاياققىچە ...) بۇ «بېدىشلىك باغ»، «تال باراڭلىق جاي»، «ئۈزۈمزار ماكان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەردىن باشقا بەزى تەتقىقات ماتىرياللىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا[6]، «بەشكېرەم» دىگەن سۆزنى «بەش» سانى بىلەن «باغ ۋە بېدىشكە  ئارتىلغان ئۈزۈم» مەنىسىدىكى «كەرەم» سۆزنىڭ بىركىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يۇرۇتتا «بەشلا باغ بارلىققا كەلگەندىن كېيىن قويۇلغان» دەپ چۈشەندۈرۈگەنلەرمۇ بار ئىكەن.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشىتىش، سۈپەتلەش مەنىسىدە بولۇپ، ئۇلار خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەرگە ۋە باشقا كىشلەرنىڭ ئىلمىي پەرىزىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشقا، بۇ چۈشەندۈرۈشلەردە بەشكېرەمنىڭ «ھەممىلا يېرى باغ بىلەن قاپلانغان مېۋە –چىۋە ماكانى» بولۇشتەك ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى مەركىزى ئورونغا قويۇلغان. شۇڭا، خېلى نوپۇزلۇق تەزكىرىلەردىمۇ يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەر ئوموملاشتۇرۇلغان ھالدا «بەشكېرەم ئەسلىدە ‹بېھىشكېرەم› دېگەن سۆز بولۇپ، ‹جەننەتكە ئوخشاش  مېۋە–چىۋىلەر مول جاي› دېگەن بولىدۇ. بەشكېرەم خەلقى ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ مېۋىلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈپ، باغ بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگۈچىگە، بۇ جايدىكى مېۋىلەرنىڭ تۈرى كۆپ، سۈپىتى ياخشى، ھۆل ھەم قۇرۇق مېۋىگە ئىش قوشىدۇ. بۇ جاينىڭ مەنزىرسىمۇ ناھايىتى گۈزەل، ئۇزاق تارىختىن بېرى كىشلەر بۇ جاينى ‹مېۋە-چىۋە ماكانى› دەپ ئاتاپ كەلگەن. تىل يېزىقىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ‹بېھىشكېرەم› دېگەن بۇ سۆز ‹بەشكېرەم›گە ئۆزگىرىپ، شۇ بويىچە ئاتىلىپ كەلمەكتە، دەپ خاتىرىلەنگەن»[7].

بىراق، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك موھىم مەسىلە شۇكى ، يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى بىر ئۇيغۇر يېزىسىنىڭ نامى «شالغۇت بىرىكمە» سۈپىتىدە شەرھىلەنگەن. بۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىننى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى چاغلاردىكى ئومۇميۈزلۈك «ئىسلاملىشش» تەشەببۇسنىڭ نەتىجىسى. ئۇنداق ئىكەن، بۇ قەدىمكى يۇرۇت نامىنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئلگىرىكى تەلەپپۇزى، تىل تەۋەلىكى ۋە مەنىسى قانداق؟

تارىخىي خاتىرىلەر ۋە بەزى تەتقىقات نەتجىلىرىگە ئاساسلانغاندا «بەشكېرەم» ھەرگىزمۇ ئەرەبچە، پارىسچە سۆزلەردىن بىرىككەن سۆز بولماستىن، بەلكى قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئەجدادلىرىمىز «بەشكېرەم» دەپ تەلەپپۇز قىلىپ كەلگەن ئېنىق ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ ھىسابلىنىدۇ[8]. كونكرېت ئېيىتقاندا «بەشكېرەم»نىڭ ئەسلى «بەشكەرەم» بولۇپ، ئۇ «بەش» بىلەن «كەرەم»دىن ئىبارەت ئىككى سۆزنىڭ بىركىشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقىرى ئۆزنىڭ شاھانە ئەسرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «بەش» دېگەن سۆزنى «ساناقتىكى بەش سانى»[9] دەپ ئىزاھلىسا، «كەرەم» دېگەن سۆزنى «گەمە» دەپ ئىزاھلىغان[10]. شۇنىڭدەك «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لوغىتى»دە «كەرەم» دېگەن سۆز «گېرەم»،  «گەمە»[11] دەپ ئىزاھلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى شاھ مەھمۇد جوراسىنىڭ «تارىخى رەشىدى زەيلى»(«سەئىدىە خاندانلىق  تارىخىغا دائىر ماتىرياللار »دېگەن نامدا نەشىر قىلىنغان) ناملىق ئەسىرىدە[12]، موللا مىرسالىھ قەشقەرىنىڭ «چىڭگىزنامە» دېگەن ئەسىرىدە[13] ھەم ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك ناماياندىلىرىدىن مۇھەممەد سىدىق  زەلىلىنىڭ «سەپەرنامە» داستانىدا[14] ۋە ئابدۇرېھىم نىزارى داستانلىرىنىڭ «دىباچە» قىسىمدا[15] بۇ ئەزىز يۇرتنىڭ نامى «بەشكەرەم» شەكلىدە خاتىرىلەنگەن. مانا بۇ تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، «بەشكېرەم» (بەشكەرەم) ھازىرقى تىلىمىزدا «بەش گەمە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مەنە يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بەشكېرەم خەلقىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى دەۋرلەردىكى ئولتۇراق ئۆي مەدەنىيىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ.

ئەمدى «بەشكېرەم»دىن ئىبارەت قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ خەلق چۈشەنچىسىدە ئەرەب، پارىس تىللىرىغا مەنسۇپ دەپ قاراپ كېلىنگەنلىكىگە كەلسەك، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئەرەب، پارىس تىللىرىنى بىر تەرەپلىمە  ھالدا كۈچەپ تەشەببۇس قىلشى بىلەن نۇرغۇن ئەرەب، پارىسچە ئاتالغۇلار ئانا تىلمىزغا ئېقىپ كىرگەن. كىشلەر ئېڭىدىكى دىنغا بولغان ئىېتقاد ۋە ھۆرمەت تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىنى تەدرىجى يوسۇندا ئەرەب، پارىسچە ئاتالغۇلار ئىگىلگەن ياكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز ئاتالغۇلار زورلاپ ئەرەب، پارىس تىللىرىغا تەدبىق قىلنىپ شەرھلەنگەن. يەنە كېلپ تارىخىي ماتېرياللاردا ئىيتىلىشچە، سۇتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بولۇپ، ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغان مەزگىللەردە  قارخانىيلار خاندانلىقىنىڭ پايتەختى بەشكېرەم خانئۆيىدە[16] بولغاچقا ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى بۇ يۇرۇتتا تېخمۇ قويۇق ئىدى. شۇڭا ئىسلام ئەقىدىسى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان بىر قىسىم ئۆلىمالار «بەشكېرەم» سۆزىنى خۇداغا تېخىمۇ يېقىن قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەرەب، پارىس لۇغەتلىرىدىن جاۋاپ ئىزدىگەن. تاكى ⅩⅨ ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي ۋە ئەدەبىي خاتىرىلەردە «بەشكەرەم» تەلەپپۇزى بىلەن خاتىرىلەنگەن «بەشكېرەم» سۆزىنىڭ «بېھىشكەرەم»، «بېھىشكۆرەم»، «بېھشكۆرۈم»، «بېدىشكەرەم» ياكى «بېھىشكېرەم» قاتارلىق شالغۇت بىرىكمىلەرگە ئاھاڭ جەھەتتىن يېقىن كېلدىغانلىقى يۇقىرىدىكى «ئىزدىنىش»لەرگە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «يول» ئېچىپ بەرگەن. ئوندىن باشقا مېھنەتكەش ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھالال ئەجرى بىلەن بۇ يۇرۇتتا مەيدانغا كەلگەن ئۇزاق تارىخقا ئىگە باغۋەنچىلىك ئىگىلىكى «بەشكىرەم» سۆزىگە ئەرەب، پارىس تىل تەۋەلىكى بويىچە بېرىلگەن «باغ ۋە باغۋەنچىلىككە دائىر مەنە ۋە شەرھىي»لەرنى نىسبىي تارىخىي ئۇيغۇنلۇققا ئىگە قىلغان. شۇڭا، جەمئىيەت ۋە تىل تەرەقىقياتىي نوقتىسىدىن كىشلەرنىڭ ئىدىيە–ئتىقادىنىڭ يېڭىلىنىشى نەتىجىسىدە «بەشكېرەم» سۆزنىڭ تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى  ئەكس ئەتتۈرگەن ھالدا يۇقىرىدىكىدەك يېڭى مەنە ۋە شەرھلەرگە ئىگە بولغانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.

يۇقىرىدىكى بايان ۋە مۇھاكىملەردىن، بۇ ئەزىز يۇرتنىڭ دەۋرلەردىن بۇيانقى تارىخىي قىسمەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلىرى داۋامىدا «بەشكېرەم» ئاتالغۇسىنىڭ «بەشگەمە» دېگەندىن ئىبارەت ئېتنوگراپىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قەدىمكى مەنىسىدىن باشقا ھازىرقىدەك، كۆپ ئەسىرلىك باغۋەنچىلىك ئىگىلىكى تارىخىغا ماس كېلدىغان «بېھىش باغلىرىدەك گۈزەل ماكان» دېگەن ئوخىشىتىش ۋە سۈپەتلەش خاركتېرىدىكى يېڭى مەنىگە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

4

بەشكېرەم قەشقەر دىيارىدىكى ئەڭ قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە ئۆزىگە خاس تارىخى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە نۇرغۇن قەدىمكى يادىكارلىقلارنى بۈگۈنكى دەۋرگە يەتكۈزۈپ بەرگەن. بۈگۈنكى بەشكېرەم دائىرىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يىل دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىردىن 3-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغان لايلىقتىكى تاش دۆۋىلەنگەن قەبرىلەر، يىل دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىردىن مىلادى 13-ئەسىرلەر ئارىلىقىدىكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغان ھەم 1957-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئاپتونوم رايو دەرىجىلىك نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى» دەپ ئېلان قىلىنغان خانئۆي قەدىمكى شەھەر خارابىسى، يىل دەۋرى مىلادى 2-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە بولغان  ھەم 2001-يىلى «دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان يادىكارلىق ئورنى» دەپ ئېلان قىلىنغان مورا بۇددا مۇنارى خارابىسى، يىل دەۋرى مىلادى 3-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغان كەپتەرخانا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، يىل دەۋرى مىلادى 6-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە توغرا كېلىدىغان تاك-تاك تىم خارابىسى ۋە بۇدخانا خارابىسى، يىل دەۋرى مىلادى 3-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغان جاڭگال ئىزى، كارىز ئىزى، قاراخانىيلار دەۋرىگە ئائىت بۈۋى مەريەم خېنىم مازىرى، قىزىلجى خېنىم مازىرى، سۇلتان مەجىد خوجام مازىرى، بۇئانام مازىرى، تار ھەم ئۇزۇنلۇقتا يىراق-يېقىنغا مەشھۇر تاغ يولى ــ ئىت يولى بىلەن يىپەك يولىنىڭ قالدۇقى بولغان ئۇلۇغ يول قاتارلىق تارىخىي يادىكارلىقلارنى ساناشقا بولىدۇ. شۇنىڭدەك، قەدىمكى بەشكېرەم دائىرىسىدىن ئېيتقاندا، يەنە ئۇلارغا قوشۇپ، يىل دەۋرى تەخمىنەن مىلادى 3-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغان دەقىيانۇس شەھىرى ئىبادەتخانىسى ۋە دەقىيانۇس شەھىرى تاش دۆۋىلەنگەن قەبرىلىرى، ئۈچ بۇرھان مىڭ ئۆيى، تۈگمەن خارابىسى، ياۋىلىق ئىزى، قاراخانىيلار دەۋرىگە توغرا كېلىدىغان ئوسمان بۇغراخان مازىرى، قىلىچ بۇغراخان مازىرى، ئابدۇللا بۇغراخان مازىرى، قاراخان پادىشاھىم مازىرى، سىدىق بۇغراخان مازىرى، ھۈسەيىن پەيزۇللا خوجام مازىرى، شام پادىشاھ مازىرى، قارا ساقال ئاتام مازىرى، سۇلتان سسۈزۈك ۋەلىيۇللا مازىرى، خوجىلار دەۋرىگە توغرا كېلىدىغان زىلەيخا بېگىم مازىرى، ئاپاق خوجا مازىرى، تۆت ئوغۇل ئاتام مازىرى، يېقىنقى دەۋرلەرگە توغرا كېلىدىغان ياۋىلىق ئۆتەڭ ئىزى قاتارلىق مەدەنىيەت ئىزلىرىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ[17].

5

تارىخىي ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندا، سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدە سۇلتانلارنىڭ قول ئاستىدا ھاكىم بەگلەر تەيىلەنگەن[18]. «قورىغار رايونىنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرسىى»دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ دەۋردە يېڭسار، بارچۇق(مارالبېشى )، پەيزاۋات، قاغىلىق، ئاتۇش، يورۇڭقاش، قارقاش،  چىرىيە، كىرىيە قاتارلىق جايلار بىلەن بىر قاتاردا بەشكىرەمگىمۇ ھاكىم بەگ قويغان[19]. بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكنىڭ مەركىزى قازىرقتا بولۇپ، ھاكىم بەگ شۇ يەردە تۇرغان. بۇ دەۋردە بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكىنىڭ زېمىن دائىرىسى ئارا ياڭاق، تاغ بويى، پايناپ، ئاۋات، قوغان قاتارلىق بەش چوڭ رايوندىن تەشكىل تاپقان. ئارا ياڭاق مەركىزى رايون بولۇپ، ئۇ قازىرىقنى مەركەز قىلغان ھالدا قازىرىق، بۇچى، چۇمبۇس، شامپادىشاھ، قارا ساقال، كىچىك ئېرىق، سوزاق(باش سوزاق، ئاياغ سوزاق، تىل سوزاق)، تۆۋەنكى ھويلا، توقاي قاتارلىق كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. پايناپ رايونى چاكسا، قۇمپېتىق، يىڭىچىكە، يالاڭ، چىتلىق، يامانلا ــ ئامانلا، بويلا، قارلۇق ــ قالۇق، گۇلكەنت ــ كۇكاڭ، يىچا، سىدىر، بەش توغراق، خانئۆي، مىرابلىق قاتارلىق كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تاغ بويى رايونى چۈگۈر، ساپئېرىق، ئۈچتالا ــ ئىشچانلا، سايباغ، قۇمباغ، لەڭگەر، بايلا، بەگئېرىق ــ بېغىرىق، ئەسكە ــ يېڭىئاۋات قاتارلىق كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاۋات رايونى كۆكچى، باغھويلا، تۈگمەن بېشى، قاتار قىشلاق، غەزنە بويى، چاگاھ، مازار ئالدى، يار بېشى، بوغاش، خاپانلا قاتارلىق كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قوغان رايونى قاسساپ مەھللىسى، قۇتۇبىدىن مازار، موللازادە، موللاخېنىم، قوش كۆل، ياغدۇ ــ ھەزرەت، تاربوغۇز، ئارسلانخان، قەدىم جاي قاتارلىق كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ھاكىم بەگلىك مەركىزى قازىرىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزىي رايون تاغ بويى، پايناپ، ئاۋات، قوغان رايونىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ــ ئارىسىغا جايلاشقانلىقتىن «ئارا ياڭاق» دەپ ئاتالغان. سەئىدە خاندانلىقى دەۋردىكى ھاكىم بەگلەرنىڭ قول ئاستىدا يەنە ھەر بىر رايۇننىڭ مەمەۇرىي ئەمەلدارى، بەگلەر تۇراتتى[20]. شۇنداق بولغاچقا بەشكېرەم بەگلىكنىڭ ئاراياڭاق، قوغان، ئاۋات، پايناپ، تاغ بويى رايۇنلىرىغىمۇ ھاكم بەگنىڭ قول ئاستىدا ئايرىم-ئايرىم بەگلەر قويۇلغان. بەگلەرنىڭ قول ئاستىدا ھەر بىر كەنتكە بىردىن يۈز بېشى، ھەر بىر مەھەللىگە ئون بېشى قويۇلغان. سۇ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مىراب بەگ، ئۇنىڭ قول ئاشتىدا ھەر قايسى رايۇنلارغا كۆك بېشى، مەھەللىلەرگە داققال قويۇلغان. ھاكىم بەگلىكتە ھاكىم بەگدىن باشقا ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىنى ئىجرا قىلغۇچى بەگ ـــ پاششاپ بەگلەرمۇ قويۇلغان. پاششاپ بەگ قانۇنىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغان. ھاكىم بەگلىكتە يەنە مەھكىمەشەرئى تەسىس قىلنغان بولۇپ، مۇپتى ئاخۇنۇم، ئەلەم ئاخۇنۇم، قازى، رەئىس ئاخۇنۇملار شەرىئەتكە دائىر مەسىلىلەرنى باشقۇرغان. ھاكىم بەگدىن باشقا ئەمەلدارلارنىڭ مەخسۇس ھۆكۈمەت تامغىسى يوق بولۇپ، پەقەت قولىدىكى ئۈزۈكىگە ئويۇلغان شەخسي مۆھۈرى بولغان ...

بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكىدىكى كەنتلەرنىڭ دائىرىسى سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىن كېيىن ئزلۈكسىز كېڭەيگەن ۋە كۆپەيگەن. خوجىلار دەۋرىدىكى ئاۋات ئۆستىڭىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك رىمۇنىت قىلىنىپ، كېڭەيتىپ چېپىلىشى، زوھۇرىدىن ھاكىم قەشقەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى كېيىنكى چارىكىدىكى تۈمەن دەريا سۈيىنى بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىنام يەرلەرگە باشلاپ تۈمەن بۈگۈنكى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ بىنا قىلىنىشى[21]، قوغان رايونى قۇتۇبىدىن مازار كەنتىنىڭ غەربىدىكى بوزلۇقتا يەر ئېچىلىشى(شۇ چاغدىن باشلاپ بۇ يەرنىڭ نامى «بوز يەر» دېگەن مەنىدە ‹‹荒地›› ــ خاڭدى دەپ ئاتىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە بىر كىچىك يېزىنىڭ نامى بولۇپ قالغان) ۋە خانئۆي قاتارلىق جايلاردا يەر ئېچىشى[22]، شۇنىڭدەك، زوھۇرىدىن ھاكىم بەگنىڭ بەشكېرەمنىڭ قوغان رايونى دۆلەتباغ تەۋەسىگە بىر قىسىم تۇرپانلىقلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇشى (بۈگۈنكى دۆلەتباغ تەۋەسىدىكى «تۇرپان كوچىسى» كەنتى شۇ چاغدا پەيدا بولغان[23]) ۋە بىر قىسىم ئاھالىلەرنى يېڭىئۆستەڭگە ھەم ئۇنىڭ ئايىغىدىكى ئاققاشقىچە ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىق بىر قاتار ئىش-پائالىيەتلەر نەتىجىسىدە بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كېڭەيگەن. ئەمما زوھۇرىدىن ھاكىم بەگە دەۋرىدىن كېيىنكى ئاخىرقى قېتىملىق خوجىلار ۋەقەسىدىن كېيىن بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكى بۆلۈۋېتىگەن. شۇڭا ياقۇپ بەگ قورچاق ھاكىمىيىتى دەۋرىگە دائىر تارىخى ماتېرىياللاردا بولسا ئاۋات، قوغان قاتارلىق رايونلارنىڭ بەشكېرەمدىن مۇستەسنا ھالدا تاناپ بېجى تاپشۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان[24].

بەشكىرەم ھاكىم بەگلىكى تاكى يۇرتىمىز ئازاد بولغانغا قەدەر داۋاملاشقان ھەم ئىگىرىكىدەكلا كوناشەھەر ناھىيىسىگە تەۋە بولغان. 1954-يىلى كۇكاڭ، يىچا، سىدىر، مىرابلىق، بويلا، بەشتوغراق، خانئۆي، ساپئېرىق، ئۈچتالا (ئىشچانلا)، چۇگۇر، سايباغ، لەڭگەر، قومباغ، بايلا، بېىغرىق، ئەسكە(يېڭى ئاۋات) قاتارلىق 16 كەنت بەشكىرەمگە قالدۇرۇلۇپ، چاكسا، قۇمپېتىق، يالاڭ، يېڭىچىكە، چىتلىق، يامانلا، قالۇق قاتارلىق يەتتە كەنت ئاۋات يېزىسىغا؛ بۇچا، قازىرىق، چۈمبۇس، شامپادىشاھ، قاراساقال، كىچىك ئېرىق، باش سوزاق، ئاياغ سوزاق، تىل سوزاق، توقاي، تۆەنكى ھويلا، چۆجەباش، ئاچچىق ئوي قاتارلىق 13 كەنت قوغان يېزىسىغا قوشۇۋېتىلىپ، بەشكىرەم بەگلىكى بەشكىرەم يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن[25] ھەم يېزا مەركىزى قازىرىقتىن  سىدىر كەنتتىگە يۆتكەلگەن. 1960-يىلى سىدىر كەنتىدىن ھازىرىقى ئورنى بېغىرىق كەنتىنىڭ توقاي مەھەللىسىگە يۆتكەلگەن. 1976-يىلى قەشقەر شەھىرىگە تەۋە بولغان. 1982-يىلى يەنە كوناشەھەر ناھىيىسىگە تەۋە بولغان. سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىرىش قۇرۇلۇش جەريانىدا، نۇپۇسنىڭ كۆپىيىشى، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە كۆلىمىنىڭ ئۇزلۇكسىز كىڭىيشىگە ئەگىشىپ، 15 كەنتنىڭ بەزىلىرى بۆلۇنگەن ۋە بەزى يېڭى كەنت، مەيدانلار بارلىققا كەلگەن. 1998-يىلىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، پۇتۇن يېزا بويىچە 26 كەنت، 196 مەھەلە (تەبىئى كەنت) بولۇپ، ئۇمۇمى ئائىلە 8800 گە، نۇپۇس 43892 نەپەرگە يەتكەن.

1998-يىلنىڭ ئاخىرىدا بەشكېرەم يېزىسىنىڭ كۇكاڭ، ساي(يۇقىرىقى ساپئېرىق)، ساپئېرىق، ئىشچان، چۈگۈر قاتارلىق بەش كەنتى قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بەشكېرەم باش سېدىر، ئاياغ سىدىر، بويلا، يىچا، قاتارلىق 21-كەنت، مەھەللە، ئائىلە، نوپۇسقا ئىگە يېزىغا ئايلانغان.

2010-يىلىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، پۇتۇن يېزا بويىچە 21 كەنت، 145 مەھەلە (تەبىئى كەنت) بولۇپ، ئۇمۇمى ئائىلە 8800 گە، نۇپۇس 43892 نەپەرگە يەتكەن.

6

بەشكىرەملىكلەر ئېتنىك تەركىب جەھەتتىن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياغما قەبىلىسى بىلەن قارلۇق قەبىلىسىگە ۋە ئوغۇز قەبىلىسىگە مەنسۇپ. چۇنكى قەدىمكى قەشقەر خانئۆي شەھىرىنى ئوردۇكەنت قىلغان قاراخانىلار خاندانلىقىنى ئۇيغۇر ياغمىلىرى قۇرغان بولۇپ، ئوردۇكەنت-خانئۆيدە ۋە ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى بەشكىرەم بوستانلىقىدا ياشىغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدە ياغمىلار بىلەن قارلۇقلارنىڭ ئورنى ۋەسالمىقى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان. «ھۇدۇدۇلئالەم» دىكى «قەدىمكى قەشقەرنىڭ سەردارلىرى قارلۇقلار ۋە ياغمىلار ئىدى»[26] دېگەن تارىخىي مەلۇماتتىن، قەدىمكى قەشقەر شەھىرىدە ياغمىلار بىلەن قارلۇقلارنىڭ تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۇۋېلىشقا بولىدۇ. چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمكى يۇرت ـــ بەشكىرەمدە قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىللىرىدىن بولغان «قارلۇق»لارنىڭ نامىدىن كەلگەن، جانلىق تىلدىكى ئۆزگىرىش ئاساسىدا «قالۇق» ئاتىلىپ كىلىۋاتقان[27] يەر نامىنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ «ھۇدۇدۇلئالەم» دىكى مەلۇماتلارنى تارىخىي ئەمەلىيەت ئاساسىغا ئىگە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى تەتقىقات ماتىرياللىرىدا: «قارلۇقلار سابەگ، تاشلى، بويلا قاتارلىق ئۈچ ئۇرۇققا بۆلۇنەتتى»[28] دەپ يېزىلغان بولۇپ، بەشكىرەمدە  يەنە قارلۇق قەبىلىسىنىڭ ئۇرۇقلىرىدىن بىرى «بويلا» نامى بىلەن ئاتالغان كەنىتنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقى ۋە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك «قارلۇق» قەبىلە نامىدىن كەلگەن «قالۇق» دەپ ئاتىلىدىغان كەنت بىلەن تۇتاش(قوشنا) ئىكەنلىكدىن ئىبارەت ئەمەلى پاكىت چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى بەشكېرەم بوستانلىقىدا ئۇيغۇر قارلۇق قابىلىسىنىڭمۇ ئولتۇراقلىشىپ ياشاپ كەنگەنلىكىنى چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چاقماق دەريا ۋادىسىدا «ياۋىلىق» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر يەر نامى بولۇپ، بۇ ناممۇ ھەم قەبىلە نامىدۇر. چۈنكى ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى»دا «yawa» بىلەن «yava» سۆزىگە ئوخشاشلا «ئوغۇز قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى»[29] دەپ ئىزاھ بەرگەن. شۇڭا، بىز يۇقىرىدىكى تارىخىي–ئېتنوگرافىيىلىك پاكىتلار ئاساسىدا بەشكېرەم خەلقىنى قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن ياغمىلار، قارلۇقلار ۋە ئوغۇزلارنىڭ ئەۋلادى دەيمىز.

7

بەشكېرەم خەلقى ئىلىم-مەرىپەتنى سۆيىدۇ. بىلىم ئەھلىنى ھۆرمەتلەپ قەدرىنى قىلىدۇ، چوڭ-كىچىك سورۇنلاردا تۆرگە تەكلىپ قىلىدۇ. پەرزەنتلىرىنى ئىلاجى بار ھۈنەر-كەسىپ ئەھلى قىلىشقا تىرشىدۇ. ئېلىم-بېرىم، سودا-سېتىق ئىشلىرىدا توغرا، ئادىل بولۇشنى ياقتۇرىدۇ ۋە تەكىتلەيدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئەقىدە-ئېتىقادنى ئۆلچەم، سەمىمىيلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. دوستلۇقنى قەدىرلەپ، ۋاپادارلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. مۇستەقىل ئىش قىلىشنى ياخشى كورىدۇ. كۆڭلىگە پۈككەن ئىشنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنچ قىلالىسا، قانچىلىك جاپالىق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تىرشىدۇ. تۈرلۇك ۋەقە-ھادىسلەرگە ئۆزىگە لايىق تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ خۇلاسە چىقىرىش، پۇرسەت تاپسىلا مەلۇم باھانە-سەۋەبلەر بىلەن يىراق-يېقىننى ئايلىنىپ «شەھەر كۆرۇش»، سودا-سېتىق ئىشلىرىغا ماھىر بولۇش بەشكېرەملىكلەرنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۆزلىرى يولۇقتۇرغان شەيئى-ھادىسىلەرگە خېلى ئەقىلگە مۇۋاپىق باھا بېرەلەيدۇ. ئۆز ئىشىغا پۇختا بولۇپ، سىنىقىدىن ئۆتمىگەن كىشىگە مەيلى  ئۇ كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، كۆڭلىدىكىنى ئېيتمايدۇ. كۆرگەنلا كىشىگە دەرد تۆكمەيدۇ. ھەقىقەت ئالدىدا راستچىل، دوستلار ئالدىدا سەمىمىي، دۈشمەن ئالدىدا شەپقەتسىز ۋە قەتئى بولۇپ، ئاغزى چىڭ، سىر ساقلايدۇ. شۇڭا، «بەشكېرەملىكنىڭ بەش تىلى بار، تىلىنىڭ تېگىدە يەنە تىلى بار» دېگەن ئىدىيۇم يىراق-يېقىنغا كەڭ تارقالغان.



***

بەشكېرەملىكلەر ناھايىتى مېھماندوسىت، مېھمان قىچقىرىش(«چاقىرىش»دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئومۇمىيۇزلۇك «قىچقىرىش» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ)تىن ئاۋۋال ئۆي ۋە ھۆيلا-ئارامنى مەھەلىلەرگىچە چىنىدەك تازىلاپ، ئۆزىگە يارىشا تەييارلىق قىلىپ ئاندىن قىچقىرىدۇ. مېھمان باشلاشتا ئەر مېھمان بولسا ئۆيدىن ئەر چىقىپ، ئەر-ئايال مېھمان بولسا ئەر-ئايال چىقىپ مەھەلىدە قىزغىن قارشى ئالىدۇ. ئۇلاقلىرىنى(ئات، ئېشەك ھارۋىلىرىنى) قوللىرىدىن ئېلىپ ئوبدان جايلاشتۇرىدۇ.

ئۆيگە ئەرلەرئالدىدا، ئاياللار ئارقىدا كىرىدۇ. مېھمانلار بىر ئائىلە كىشىلىرى ياكى ئۇرۇق-تۇغقان بولسا بىرئۆيگە باشلىنىپ، ئەرلەر باشتا، ئاياللار ئەرلەردىن كىيىن ئولتۇرىدۇ، بولمىسا ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئايرىم-ئايرىم  ئۆيلەرگە باشلىنىپ ياش تەرتىپى بويىچە چوڭلار تۆردە، ئاندىن كىچىكلەر ئولتۇرىدۇ. مېھمانلار فاتىھە ئوقۇپ دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن  ئۆي ئىگىلىرى پەگادا قول باغلاپ تۇرۇپ «تېنىچ كىلىشلىمۇ(كەلدىڭىزمۇ؟)» دەپ ئەھۋال سورايدۇ. مېھمانمۇ يېرىم ئۆرە بولۇپ «تېنچ تۇرۇشۇپلا!(تىنىچ تۇرۇپسىز!)» دەيدۇ ۋە ئىككى تەرەپ قايتىدىن تېنچ-ئامانلىق سورىشىدۇ. چوڭلاردىن باشلاپ (ئەر-ئايال بىر ئۆيدە ئولتۇرغان بولسا ئەرلەردىن باشلاپ) قولىغا ئۈچ قېتىم سۇ بېرىلگەندىن كىيىن داستىخان سېلىنىدۇ. داستىخان ئاۋۋال ئەر مېھمانلارغا، ئاندىن ئايال مېھمانلارغا سېلىنىپ، ئالدى بىلەن خون نان (دەستىلەنگەن چوڭ نان)، ساڭزا-قۇيماق، بوغۇرساق، پىچىنە-باقالى قاتارلىق ئۇن يىمەكلىكلىرى، ھەرخىل مۇراببالار ۋە قېتىق-قايماق، تۈرلۇك مېۋە-چىۋىلەر، قوغۇن-تاۋۇزلار، ئاخىرىدا قەن-گېزەكلەر تەرتىپ بىلەن تىزىلىدۇ. تەييارلانغان نازۇ-نېئىمەتلەر تەرتىپ بىلەن ئەكىرىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن ساھىپخان: «خوش، قېنى مەزەگە بېقىشسىلا(بېقىڭلار!)» دەپ مېھمانلارنى داستىخانخا تەكلىپ قىلىدۇ. بەشكېرەملىكلەرنىڭ داستىخاندىكى ئەدەب-ئەخلاق قارىشى نىسبەتەن مۇقىم، تەلىپى قاتتىق بولۇپ، ساھىپخان  تەكلىپ قىلىشتىن بورۇن ھېچكىم داستىخانغا قول سۇنمايدۇ. تەكلىپتىن كېيىن تۆردىن ـــ چوڭلاردىن باشلاپ داستىخانخا قول سۇنۇش باشلىنىدۇ. «مەزە»دىن كېيىن تاماق تارتىلىدۇ. ئاۋۋال «سۇيۇق»(شورپا، ئۈگرە ياكى چۆچۈرە...)، ئاندىن «قويۇق››(پولۇ،مانتا...) ئاش تارتىلغاندىن كېيىن داستىخان ئاخىرىلىشىدۇ. بەشكېرەمدە مېھمان قىچقىرغاندا ئومۇمەن تاماق قويۇق-سۇيۇق ئېتىلىدۇ.بىرخىل تاماق ئېتىپ مېھمان چاقىرىش كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. دوست-بورادەرلەر، ئەل-ئاغىنىلەرنىڭ مېھماندارچىلىق پائالىيىتىدە بولسا مېھمانلارنىڭ تاۋىغا يارىشا خىلمۇ-خىل تائاملارنى ئېتىپ كۆڭلىنى ئالىدۇ. تاماق تارتىش تەرتىپى ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنىپ كەتمەيدۇ. لېكىن بۇ ئايرىم ئەھۋال. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن مېھمانلارنىڭ قولىغا يەنە سۇ بېرىپ ئۇزىتىش بەشكىرەملىكلەرنىڭ ئورتاق ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، پاكىزلىكنى سۆيۈش ۋە قەدىرلەش روھىنىڭ مېھماندارچلىق پائالىيەتلىرىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئىپادىسىدۇر.

بەشكرەملىكلەر قولۇم –قوشنىلار بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىدا بىر-بىرىگە سەمىمىي ياردەم قىلىپ، «يىراقنى يىقىن، مۇشكۈلنى ئاسان» قىلىشىدۇ. توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىدا ھەرقانچە مۇھىم ئىشلىرى بولغان تەقدىردىمۇ قويۇپ تۇرۇپ كېچە-كۈندۈز، ئىسسىق-سوغۇق دېمەستىن بىجانىدىل ياردەم بىرىدۇ. ئۆز ئارا تاماق سۇنۇشۇپ قوشنىدارچىلىقنى كۈچەيتىدۇ. بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلسە، «بارنى ئايىماي، يوققا كايىماي» ئۆزىگە يارىشا تەييارلىق قىلىپ قىچقىرۋېلىشىدۇ. ئۆي-جاي ئىشلىرىغا ئوخشاش چوڭ ئىشلاردا قولۇم-قوشنىلار ئورتاق ھەمكارلىشىدۇ. يەنى تام ئىتىلگەن كۈندە مەھەللىدىكى ئەرلەر تولۇق دېگۈدەك قاتنىشىپ ئەمگەك قىلىشىپ بەرسە، ئاياللار چۈشلۈك تاماققا ئۈلگۈرتۈپ داستىخان راسلاپ (بىرەر لىگەن پولو، مانتا-سامسا، قۇيماق...) كېلىپ ھال سورايدۇ. ياغاچچى، تامچى ئۇستىلارنى سېلىپ ئۆي ياپتۇرۇش، تام سوقۇش ھەم سۇۋاش قاتارلىق ئىشلارغا چۈشكەن كۈنلەردىمۇ قولۇم- قوشنىلار يەنە «لىگەن» ئېتىپ يوقلايدۇ ياكى ئۆي ئىگىلىرى بىلەن ئۇستىلارنى قوشۇپ  بىرەر ۋاق تاماققا قىچقىرىۋالىدۇ. بەزى تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىنى، ئۇلاغ-ئۈلمەك(ئات، قېچىر، ئېشەك،...) لىرىنى، قاتناش قۇراللىرىنى (ۋېلسىپىت، ھارۋا....) «سېنىڭ»، «مېنىڭ» دېمەي ئورتاق ئىشلىتىدۇ. پۇل-پۈچەك، ئوزۇق-تۈلۈك لازىم بولسا ئۆتنە-يېرىم قىلىشىدۇ. قىسقىسى، بەشكېرەم خەلقى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش «يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا» دەپ قاراپ، قولۇم- قوشنىلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ.

بەشكېرەمدە ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەرگە، ھېيت-ئايەملەرگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ. بەشكېرەملىكلەر ئىسلام كالىندارى بويىچە ھەر يىلى شەئىبان (8-ئاي )نىڭ 15-كۈنى كەچتە ئايەملىك ياغ پۇرىتىدۇ. ياشلار، بالىلار قاپاق كۆيدۈرۈپ «ئايەم كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ؟پىتىرقۇيماق قۇيدىڭلارمۇ؟...» دەپ ۋەششەمسى توۋلايدۇ. كېچىسى بىر بۆلۈك ئىخلاسمەنلەر ئۆلىمالار ۋە بۈۋىلەرنىڭ باشچىلىقىدا بىرەر يەرگە جەم بولۇپ زىكرى-سۆھبەت قۇرۇپ ئىبادەت بىلەن تاڭ ئاتقۇزىدۇ. بۇ «تۈنەك» دەپ ئاتىلىدۇ .ئەتىسى ئەتىگەندە ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلايدۇ. رامىزان كىرگەندىن كىېيىن ئۇرۇق-تۇغقانلار، ئەھلى مەھەللە ئۆزىگە يارىشا تەييارلىق قىلىشىپ، بىر-بىرنىڭ ئۆيىدە «ئېغىز ئېچىشىدۇ»(ئىپتار قىلىشىدۇ). ئۇششاق بالىلار ياش قۇرامى بويىچە ئۇيەر-بۇ يەرگە يىغىلىشىپ ئۆز مەھەللىسىدە «رامىزان ئىيتىش» پائالىيىتى قىلىشىدۇ. قول ئىلكىدە بارلار يۇرتتىكى ئىگە چاقىسى يوق، غېرىپ-غۇرۋالارنى پۇل-پۈچەك، ئوزۇق-تۈلۈك، كىيىم-كىچەك، ئوتۇن-كۆمۈر دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن يوقلايدۇ. ھەر بىر ئۇرۇق- جەمەتتىكىلەرمۇ ئۆزئىچىدىكى ئىقتىسادى ئەھۋالى تۆۋەن تۇغقانلىرىنى ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا يوقلاپ ئەھۋال سورايدۇ. رامىزان ئاخىرىلىشىدىغان ئاخشىمى ھەممە ئائىلىدە دىگۈدەك ياغ پۇرىتىلىدۇ. ساڭزا، قۇيماق، بوغۇرساق...سېلىنىپ، روزا ھېيت تەييارلىقى قىلىنىدۇ. بۇ كۈنى ھەرقانداق ئادەم ئۆز ئۆيىدە ئائىلە ئەھۋالىغا يارىشا كاتتا داستىخان تەييارلاپ «تۇز بىلەن ئېغىز ئېچىپ» رامىزاننى ئۇزۇتۇپ قويىدۇ. روزا ھېيت كۈنى قېرى-ياش، ئەر-ئاياللار ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇپراق بېشىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ قايتىدۇ. ئاياللار سۈبھى يورۇش بىلەن تەڭ قەبرىستانلىققا چىقىپ ئەرلەر ناماز بامداتتىن قايتقۇچە يېنىپ بولۇشىدۇ. ئەرلەر بولسا مەھەللە ئىمامى ۋە مەزىنلىرىنىڭ باشچىلىقىدا جامائەت بولۇپ چىقىشىدۇ. روزا ھېيت نامىزىدىن كېيىن ياشلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە، يەنى كىچىك ئائىلىدىكىلەر چوڭ ئائىلىگە يىغىلىپ، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ۋە باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى قۇتلۇقلايدۇ. ئاندىن ئۇرۇق-تۇغقانلار ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ۋە قولۇم-قوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىگە پەتىلەپ بېرىشىدۇ. قۇربان ھېيىتتا بولسا ھەر بىر ئائىلە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا يارىشا «قۇربانلىق» قىلىدۇ. قۇربانلىق قىلىشقا قۇدرىتى يەتمىگەن تۇغقانلار  قۇربانلىق قىلغان تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ھېيىتلايدۇ. قۇربان ھېيىتنىڭ تەييارلىقى ۋە باشقا پائالىيەتلىرى ئومومەن روزا ھېيتنىڭ تەييارلىقى ۋە پائالىيەتلىرى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ھېيت كۈنلىرى يىراق يىقىندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلار بىر يەرگە جەم بولغاچقا، پۈتۈن يۇرت شادلىققا چۆمگەن بولىدۇ.

بەشكېرەمدە يەنە ھەريىلى مەۋلۇت ئېيى (ھىجىرىيە كالىندارى بويىچە رەبىئۇل ئەۋۋەل 3-ئاي)دا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياد ئېتىپ «مەۋلۇت ئوقۇش» ئادىتى بار.

ئۇنىڭدىن باشقا، بەشكېرەملىكلەر ھەريىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ، ھەر قايسى كەنت، مەھەللە ياكى يېزا بويىچە بىر يەرگە جەم بولۇپ چېلىشىش، ئوغلاق تارتىشىش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. كەچلىكى ھەممە ئۆيدە يىڭى تەرگەن كۆك (بېدە كۆكى) بىلەن «كۆك ئېشى» ئېتىپ ئىچىشىدۇ. قىزلار كۆك چۆچۈرىسى ئېتىپ ئاتا-ئانىلىرىغا ۋە يېقىن ھامما-تاغىلىرىغا «يېڭىلىق» تۇتىدۇ. نورۇز بايرىمىدىن كېيىن ئەھلى يۇرت باغ-ۋاران ئىشلىرىغا بىراقلا ئاتلىنىدۇ.

بەشكېرەمدە قىز-يىگىتلەر توي قىلىش يىشىغا يەتكەندە ئاتا-ئانىلار ئوغۇل-قىزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە «بېشىنى ئوڭلاپ» قويىدۇ. نىكاھ ئىشلىرىدا ئادەمگەرچىلىكنى ئاساس، ئەخلاق -پەزىلەتنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ئۇلار: «ئادەمگەرچىلىكى بولسىلا قالغان نەرسىلەر تېپىلىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئوغۇل چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىلار ئوغلىنى ئۆيلەشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىغا ياكى مەھەللە-كويغا «دىققەت قىلىپ» ئۆزلىرىگە مۇناسىپ كىشى ئىزدەيدۇ. بۇ «لايىق ئىزدەش»دەپ ئاتىلىدۇ. بىرەر «لايىق»نى كۆڭۈلگە پۈككەندىن كېيىن ئوغلىغا كىشى قويۇپ «پىكىرى»نى ئالىدۇ. ئاندىن قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ياكى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تۇغقانلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ قۇدا بولۇش ئارزۇسىنى بىلدۇرىدۇ ۋە ياكى ئۆزلىرىنىڭ بىرەر تۇغقىنىنى ياكى شۇ يۇرتتىكى بىرەر «ئىش قاملاشتۇرىدىغان» ئادەمنى قىزنىڭ ئائىلىسىگە ئەۋەتىدۇ. بۇ «ئەلچى قويۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. قىزنىڭ ئانىسى ئەلچىگە قىزنىڭ پىكىرىنى ئالغان ئاساستا جاۋاب بىرىدۇ. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن مەلۇم بىر كۈنى ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسى قىز تەرەپنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرۋەتكەندىن كېيىن ئەڭ يىقىن قىرىنداشلىرىدىن ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئىككى-ئۈچ كىشىنى ئېلىپ، ئۆزىگە يارىشا داستىخان تەييارلاپ قىزنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئەڭ يىقىن تۇغقانلىرىدىن بىر-ئىككى كىشىنى قوشۇپ چاقىرىپ ئەھۋالغا مۇناسىپ تەييارلىق بىلەن قىزغىن كۈتىۋالىدۇ. بۇ ئارىدا يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، قول باغلاپ «پالانچى گۈل(قىز)نى بالا قىلىۋالايلى، دەپ سوراپ كەپتۇق» دەپ كۆڭۈل قويىدۇ. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ «ئوبدان بوپتۇ، بالا سىلىدىن ئايلانسۇن! رەھمەت» دېگەندەك گەپلەر بىلەن كۆڭۈل قايتۇرىدۇ. بۇ «قىز سوراش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈنى ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇرۇق-تۇغقانلار، قۇلۇم-قوشنىلار ۋە يۇرت ئاقساقاللىرىدىن بولۇپ 15-20 ئەرنى ۋە 10-15ئايالنى ئېلىپ قىزنىڭ ئۆيىگە كىلىدۇ. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ يېقىنلىرىدىن سەككىز-ئون ئەر-ئايال مېھماننى قوشۇپ چاقىرىپ «قويۇق-سۇيۇق » ئېتىپ قىزغىن كۈتىۋالىدۇ. مۇشۇ سورۇندا ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاساسلىق تۇغقانلىرىدىن بىرى ئورۇندىن تۇرۇپ «جامائەت ھەربىرلىرىگە پالانچى ئاكامنىڭ XXX قىزىنى پۇستانىچى ئاكاملارغا (بالا قىلىۋالساق)، ئۆزئارا ئۇرۇق-تۇغقان بولۇپ ئۆتۈشسەك دەيدىغان مەسلىھەتىمىز بار ئىدى›› دېگەندىن كېيىن، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ «كۆڭۈل سىناپ ئادەم ئېتىپ كېلىشكەنلىرىگە رەھمەت، ئالدىلىرىغا ئۆز لايىقىدا چىقالمىدۇق» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ. جامائەتمۇ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ «ئىككى تەرەپ توغرا تىپىشقان، بالىلار رازى بولۇشقان بولسا بىزنىڭ باشقا پىكىرىمىز يوق›› دېيىشىدۇ. قىز تەرەپمۇ يەنە «بالىلىرىمىنىڭ رىسقى  پۈتۈلگەن بولسا، ئەھلى جامائەتمۇ توغرا تاپقان بولسا بىزمۇ قوشۇلدۇق» دەپ رازىلىق بېرىدۇ. بۇچاغدا ئوغۇل تەرەپنىڭ تۇغقانلىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ قول باغلاپ «ھەشقاللا» دەيدۇ. ئاخىرىدا جامائەت ئىككى تەرەپنىڭ بەزى تەييارلىقلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلگەندىن كىيىن، ھەر ئىككى تەرەپنى كۆپ چىقىمدار قىلدۇرماسلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئۇزۇننى كېسىپ، قىسقىسىغا ئۇلاپ»، «كۆپى كېتىدۇ، ئېزى يېتىدۇ» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئوغۇل تەرەپنىڭ ئېقتىسادى ئەھۋالىغا يارىشا تويغا كېتەرلىك ئاش-سۇ، كىيىم- كېچەك ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى بەلگىلەپ بېرىپ قايتىشىدۇ. بۇ «مەسلەھەت چېيى» دەپ ئاتىلىدۇ. توي كۇنى بېكىتىلگەندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپ ۋە قىز تەرەپنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا توي بولغان ئۆيگە كېلىپ تەييارلىق قىلىشىپ بېرىدۇ. تويدىن ئىككى كۇن بۇرۇن بولغۇسى توي  ئىگىلىرى  بامدات نامازدىن يانغان مەھەللە جامائەتلىرىگە «ئىنشائاللاھ، پالانچى كۇنى تويغا قوپۇۋاتىمىز، خەۋەر تېپىپ قىلىشسىلا!» دەپ ئومۇميۇزلۇك خەۋەرلەندۇرىدۇ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيگە ئادەم ئەۋەتىدۇ (باغاق ئەۋەتىدۇ)، قولۇم-قوشنىلار ۋە مەھەللە جامائەتلىرى توي بولىدىغان ئائىلىگە ئىلگىرى ئاخىرى كىرىشىپ «تويغا قوپۇشۇپلا، مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ئەھۋال سورىشىدۇ ۋە تەييارلىق ئىشلىرىغا  ياردەملىشىپ بىرىدۇ. «ئەتە توي بولىدۇ» دېگەن كۇنى ئوغۇل تەرەپ ئۈچ-تۆت ئادەمنى بەلگىلەپ بەلگىلىك مىقداردا گۈرۇچ، ياغ، سەۋزە، قوي(كالا) قاتارلىق نەرسلەرنى قىز تەرەپكە ئەۋەتىدۇ. بۇ «ئاش سۇيى» دەپ ئاتىلىدۇ. (بەزى كەنتلەردە «ئاش سۇيى» ئېلىپ بىرىلمايدۇ). قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى «ئاش سۇيى»ئېلىپ بارغانلارنى لايىقىدا كۇتۈۋالغاندىن كېيىن، شۇ ئاساستا «قازان قاينىتىش»نىڭ تەييارلىقىنى پۇتتۇرىدۇ. توي كۇنى ھەرئىككى تەرەپتە ئۆزلىرىنىڭ مېھمانلىرىغا يارىشا قازان ئېسىلىپ مېھمان كۇتۈلىدۇ. ئەھلى جامائەت ناماز بامداتتىن كېيىنلا تويغا كېلىشكە باشلايدۇ. جامەئەت ئۇزاپ بولغاندىن كېيىن ئەھلى ئاياللار كىېلىشگە باشلايدۇ، بۇ كۇنى ئەتتىگەندىن باشلاپ يىگىتنىڭ دوستلىرى ئوغۇلنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، ناخشا مۇزىكا ساداسى ئىچىدە توي نەغمىسى قىلىشىدۇ. چۇشتىن كېيىن توي بولغان يىگىت دوستلىرى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ناخشا-مۇزىكا ساداسى ئىچىدە شادلىق ساماسى بىلەن قىزنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارىدۇ. قىزنىڭ ئۆيىدە بىرنەچچە مەيدان ئۇسۇل، مەشرەپ قىلغاندىن كېيىن داستىخان سېلىنىپ قىزغىن كۈتىۋېلىنىدۇ. ئۇزاش ئالدىدا فاتىھە(نىكاھ) ئوقۇلىدۇ ۋە چىرايلىق ئۇزىتىپ قويۇلىدۇ. (بەشكىرەمنىڭ بىرنەچچە كەنىتتە قىزلىق تەرەپنىڭ ئۆيىگە «ئاش سۇيى» ئېلىپ بارمايدىغان، قىزنىڭ ئۆيىدە قازان ئېسىلمايدىغان، تويى بولغان يىگىت دوسلىرى بىلەن قىزنىڭ ئۆيىگە بارمايدىغان، قىز كۆچۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن ئوغۇلنىڭ ئۆيىدە نىكاھ ئوقۇلىدىغان ئادەتمۇ بار. لېكىن بۇ ئايرىم ئەھۋال). يىگىت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يىگىتنىڭ ئانىسى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئەھلى مەھەلە ئاياللىرىنى ئېلىپ قىزنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. كۆڭۈلدىكىدەك كۈتۈۋېلىنغاندىن كېيىن «كېلىنچەك»نى ئېلىپ قايتىدۇ. قىزنىڭ ئانىسى ئۇرۇق –تۇغقان، ئەھلى مەللە ئاياللىرى ۋە قىزنىڭ دوستلرىدىن بولۇپ 40 قىز يەڭگىسى(ساق 40 بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ )نى قوشۇپ، شادلىق يىغىسى بىلەن ئۇزىتىپ قويىدۇ. بۇ «قىزيۆتكەش »(قىز كۆچۈرۈش) دەپ ئاتىلىدۇ. قىز يۆتكگۈچىلەر ئوغۇل تەرەپنىڭ مەھەللىسىگە  كەلگەندە قۇلۇم –قوشنىلار يولغا تانا تارتىدىغان، گۈلخان ياقىدىغان، ئوغۇلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانىلىرى يەنە كۆۋرۈككە گۈلخان يېقىپ، دەرۋازىنى تاقىۋېلىپ، قىز يەڭگىسى سۆيۈنچە بەرمىگۈچە يول –كۆۋرۈكتىن ئۆتكۈزمەيدىغان ۋە دەرۋازىدىن كىرگۈزمەيدىغان ئادەت بار. يىگىت دوستلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا شادلق ساماسى بىلەن قىز كۆچۆرگۈچىلەرنى، جۈملىدىن، جورىسىنى قارشى ئالىدۇ. ئۆيگە كىرش ئالدىدا پايانداز سېلىنىدۇ، بېشىغا چاچقۇ چېچىلدۇ. قىز كۆچۈرگۈچىلەر «كېلىنچەك»نى ئارىغا ئېلپ مېھمانخانا ئۆيگە جايلىشىپ بولغاندىن كېيىن، قىز يەڭگىسى(ئاچىسى ياكى ھاممىسى)بىر كىيىملىك رەخت بىلەن كېلىنچەكنىڭ قېيىنئانىسىنىڭ بوينىغا ئېغىزى بىلەن قوشۇپ يۆگەپ قويىدۇ. بۇ «قېيىنئانىسىنىڭ كېلىنچەكگە قاتتىق يىرىك-گەپ سۆزلەرنى قىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش» مەقسىتىدىكى قائىدەبولۇپ «ئېغىز تېڭىش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئېغىز تېڭىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يىگىىتنىڭ ھەدىسى ياكى سىڭلىسى(شۇ دېمەتلىك تۇغقىنى) ئوتتۇرىغا چىقىپ چىرايلىق ئۇسسۇل ئويناپ(ئۇسسۇل ئوينىغاننى دوراپ پىرقىراپ) كېلىنچەكنىڭ يۈزىدىكى ياپقۇنى ئاچىدۇ. (قىزنىڭ يۈزىگە يېپىلغان رەخت يۈز ئاچقان ھەمشىرىگە تەئەللۇق ــ ئا) سورۇندىكىلەر بىردەك «مۇبارەك بولسۇن!» دەپ قۇتلۇقلىشىدۇ. بۇ «يۈز ئاچقۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. يۈز ئاچقۇدىن كېيىن قولىغا سۇ بېرىلىپ، داستىخان سېلىنىپ، كېلىنچەك يەڭگىللىرى بىلەن قولۇم-قوشنىلار كۈتۈۋېلىنىدۇ. كۈتۈۋۋلىشتىن كېيىن «قىز يۆتكەش»كە قاتناشقان قولۇم-قوشنىلار ۋە بىر قىسىم تۇغقانلار تېنچ-ئامانلىق تىلەپ قايتىشىدۇ. ساھىپخان(يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى)لار «كېلنچەك» بىلەن قىز يەڭگىللىرىنى يەنە قايتىدىن كوتۈۋالغاندىن كېيىن قىز يەڭگىسى كېلىنچەكنى ئوغۇلنىڭ ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ قويىدۇ..... ئەتىسى ئەتتىگەندە قىز تەرەپتىن يېقىن بىر ئايال تۇغقىنى كۈيئۇغۇل تەرەپنىڭ ئۆيىگە ئاش-مانتا(پولۇ ۋە پىتىر مانتا)دىن تەييارلانغان داستىخان ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ‹‹ناشتىلىق›› دەپ ئاتىلىدۇ. قىز ئەتتىگەندە ناھايىتى ئوبدان كۇتۈۋېلىنىدۇ. ئاندىن «قىرىق يەڭگە» ئىچىدىكى قىز تەرەپنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن بىر نەچچىسى كېلىنچەك بىلەن قېلىپ قالغان يەڭگىلەر ئۇزايدۇ. چۈشتىن كېيىن كېلىنچەكنىڭ دوستلىرى بىلەن ئاتا-ئانىسى تەرەپتىكى ئەھلى مەھەللە ئاياللرى جەم بولۇپ كۈيئوغۇل تەرەپكە مېھمانغا كېلىدۇ. بۇ «ئسىسقلىق» دەپ ئاتىلىدۇ.

«ئسىسقلىىق» نىڭ ئەتىسى ياكى بىرنەچچە كۈن  كېيىن كېلىن تەرەپ كۈيئوغۇل ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى مېھمانغا چاقىرىدۇ. كۈيئوغۇل دوست-بۇرادەلىرى بىلەن، ئاتا–ئانىسى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، قولۇم-قوشنلىرى بىلەن بارىدۇ. كېلىننىڭ ئاتا-ئانىسى مال (قوي) ئۆلتۇرۇپ كاتتا-داستىخان راسلاپ ئوبدان كۇتۇپ ئۇزىتىپ قويىدۇ. بۇ «چىللاق» دەپ ئاتىلىدۇ. چىللاقتا كۇيئۇغۇل بىلەن قېيىنئانا ئۆز-ئارا داستىخان(قەن-گىزەك، بىرەر كىيىملىك رەخت) ئالماشتۇرۇپ كۆرۈشىدۇ. بۇ بۇندىن كېيىنكى پات-پات تارتىنماي كۆرۈشۇپ تۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى بولىدۇ. «چىللاق»نىڭ ئالدى كەينىدە(كۆپىنچە بۇرۇن) كېلىن تەرەپتىن مەلۇم ئايال ئالايىتەن داستىخان راسلاپ كۈيئوغۇل تەرەپكە كېلىپ ئەھۋال سورايدۇ. بۇ «يوقلاق» دەپ ئاتىلىدۇ. چىللاقتىن كېيىن(كۆپىنچىسى ئەتە) كېلىنچەكنىڭ ئاتا-ئانىلىرى كۈيئوغۇل تەرەپنى يەنە مېھمانغا چاقىرىدۇ. كۈيئوغۇل ئەڭ يېقىن دوستلىرىدىن ئىككى-ئۈچنى ئېلىپ، ئاتا-ئانىسى، ئۆي ئىچىدىكىلەر ۋە يېقىن تۇغقانلاردىن بىر نەچچەيلەن قوشۇلۇپ ئەر-ئايال بىرلىكتە بارىدۇ. ساھىبخانلار بۇلارنى «چىللاق» تىنمۇ كاتتىراق داستىخان سېلىپ كۇتۈۋالىدۇ ۋە ئىززەت-ئىكرام بىلەن ئۇزىتىپ قويىدۇ. بۇ «سالام» دەپ ئاتىلىدۇ. سالام تۈگەپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن كۈيئوغۇل تەرەپ قۇدىلىرىنى(كىېلىنچەكنىڭ ئاتا-ئانىسىنى) «بىر چۆگۈن چېيىمىز بارئىدى، ئىچىپ كېتىشسىلە!» دەپ چىللايدۇ. ئۇلارمۇ ئۇرۇق تۇغقان، قولۇم-قوشنىلاردىن تەركىب تاپقان ئەر-ئايال مېھمانلارنى ئېلىپ بارىدۇ. كۈيئوغۇل تەرەپمۇ كاتتا داستىخان تەييارلاپ، مال(قوي)ئۆلتۇرۇپ قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ئىززەت-ئىكرام بىلەن ئۇزىتىپ قويىدۇ. بۇ «قۇدا چىللىقى» دەپ ئاتىلىدۇ. «قۇدا چىللىقى» قىلىشتىكى مەقسەت مۇنداق:

يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك بەشكېرەمنىڭ توي-تۆكۇن ئادەتلىرىدە ئومۇمەن ئاساسلىق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى قىز تەرەپ ئائىلىسىدە بولغاچقا، كېلىنچەكنىڭ ئاز بىرقىسىم تۇغقانلىرى، يەنى «قىز يۆتكەش»، «ناشتىلىق ئېلىپ بىرىش»، «ئسسىقلىق» ۋە «يوقلاق» قا قاتناشقان ئايال تۇغقانلىرىدىن باشقاتۇغقانلىرى، جۇملىدىن ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى كۈيئوغۇلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ۋە مۇناسىۋەتلىك يىراق-يېقىن تۇغقانلىرىنى ئاساسى جەھەتتىن بىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن ئىككى تەرەپنىڭ بۇندىن كېيىنكى بېرىپ كېلىشىگە «يول ئېچىش»، يىڭى تۇغقانلار بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىق «تۇغقاندارچىلىق»نى كۇچەيتىش زۇرۇر. دەل مۇشۇ زورۇرىيەتتىن «قودا چىللىقى» قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان. ‹‹قۇدا چىللىقى››دىن كېيىن تويغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت ۋە ئادەتلەر ئاساسى جەھەتتىن تۇگەيدۇ.

يۇقىرىدىكىلەردىن باشقا، يېڭى تويلاشقان ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆزىگە يارىشا تەييارلىق قىلىپ، ئىككى تەرەپتىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى ئۆيلىرىگە قىچقىرىپ، جەمەتلەر ئارا بېرىش -كېلىشكە ئاساس سالىدىغان، تويدىن كېيىنكى تۇنجى رامىزان ئېيىدا قىز تەرەپ كۇيئۇغۇل تەرەپنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قىچقىرىپ «ئىپتار قىلدۇرۇش»، تۇنجى ھېيتتا خېلى كەڭ كۆلەملىك «ھىيىت پەتىسى» قىلدۇرۇش، ئىككىنجى ھېيىتتا كىچىكرەك دائىرىدە «ھىيىت پەتىسى» قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ تۇغقاندارچىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆز-ئارا بېرىش كېلىشنى ئىلگىرى سۇرىدىغان ئادەتلەرمۇ بار. ئالاھىدە تىلغا ئىلىشقا تېگىشلىكى، توي باشلىنىپ ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارلىقتىكى بارلىق «بېرىش-كېلىش»لەردە، مېھماندارچلىقلاردا ساھىبخان تەرەپ ئاساسلىق مېھمانلارغا ئۆز لايىقىدا رەخت، كىيىم–كىچەك، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق «كۆڭۇل قۇيۇپ»، ئاندىن ئىززەت-ئىكرام بىلەن ئۇزىتىپ قويىدۇ.

*    *    *    *    *

تويدىن كىېيىن، ئەر-خوتۇنلار ناھايىتى ئىناق ئۆتىدۇ. ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇپ، بىر بىرىنى قوللاپ-قۇۋەتلەپ، ئىشەنچ ۋە مۇھەببەتنى ئاساس قىلىپ مەڭگۈلۈك ئەر-خوتۇن بولۇشقا تىرشىدۇ. ئائىلە ئىشلىرى باغ-ۋاران، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى بىرلىكتە قىلىشىپ تۇرمۇشىغا يېڭى مەزمۇنلارنى قوشىدۇ.

ئېرى ئايالىنى «سەن»، قېيىن ئانىسىنى «ئاچا» ياكى «ئانا»،  قىيىنئاتىسىنى «ئاكا» ياكى «دادا» دەيدۇ. ئايالى ئېرىنى ‹‹سىز›› ياكى ‹‹سىلى››، قېيىنئانىسىنى ‹‹ئانا›› ياكى ‹‹ئاپا››، قېيىنئاتىسىنى بولسا ‹‹دادا›› دەيدۇ. ئەر-ئايال بىلەن قىيىنئانا ۋە قىيىن ئاتا ئوتتۇرسىدا قاتتىق پەردە شەپ(شەرمى-ھايا) بولىدۇ. ئۇلار بىر بىرىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۇچۇن سۆز-ھەركەتلىرىدە ئەدەب-قائىدىگە بەكمۇ ئېتىبار بېرىدۇ.

بەشكېرەملىكلەر پەرزەنتىنى ئۇرۇق جەمەتنى مەڭگۇلۇككە ئىگە قىلىدىغان «كوچەت» دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ئۆزكېلىنىنىڭ ئىككى قات بولغانلىقىنى سەزگەن ھامان چەكسىز شادلىق ئىچىدە ئۇنى ياخشى ئارام ئالدۇرۇشقا ۋە ئالاھىدە ئوبدان ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۆينىڭ ئېغىر-يېنىك ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى چەكلەيدۇ. كېلىنچەكنىڭ تۇنجى پەرزەنتىنى ئۆزئانىسىنىڭ ئۆيىدە يەڭگىشى ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ، ئاي-كۈنى يېقىنلاشقاندا ئانىسى ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنىلاردىن 10-12 ئايالنى ھەمراھ قىلىپ كېلىپ، قىزىنى ئۆز ئۆيىگە يۆتكەيدۇ. قېيىنئانىسىمۇ لايىقىدا تەييارلىق قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى ئۇزىتىپ قويىدۇ. شۇندىن كېيىن كېلىنچەك كۆزى يورىغىچە ئىككى ئارىدا «بېرىپ-كېلىپ» تۇرىدۇ. ساق -سالامەت كۆزى يورىغان كۈنى يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن بوۋاقنىڭ دادىسىغا ۋە چوڭ دادا-چوڭ ئانىسىغا خوش خەۋەر يەتكۈزۈشگە ئادەم ماڭدۇرىدۇ. ئۇلارمۇ چەكسىز شادلىق ئىچىدە خەۋەرچىگە سۆيۇنچە بېرىدۇ. بوۋاق توغۇلۇپ ئەتىسى ياكى ئۆگۈنى (ئۈچ كۇن ئىچىدە) بوۋاقنىڭ دادىسى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەم يېقىن تۇغقانلىرى ئۆزىگە يارىشا سوۋغا-سالام بىلەن كېلىپ، ئەھۋال سوراپ مۇبارەكلەيدۇ. ساھىبخان قۇدىلار خېلى تەييارلىق قىلىپ ئۇلارنى كۇتۈۋالىدۇ. ئاندىن بوۋاقنىڭ چوڭ دادىلىرى ياكى بىللە كەلگەن ئاقساقاللاردىن بىرەرى ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ئاۋۋال تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكەت شۈكۈرى نامىزى ئوقۇغاندىن كېيىن، پاكىز كۆرپىگە زاكىداپ يۆگەلگەن بوۋاقنى «بىسمىللاھىررەخمانىررەھىم» دەپ قولغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا «ئەزان» ئېيتىپ، سول قۇلىقىغا «تەگبىر» ئېيتىپ: «ئۆزلىرىنىڭ ئىسمى ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ گۈۋاھلىقى بىلەن پالانچى ئاخۇن، (گۈل ياكى خېنىم) بولغاي!» دەپ، بوۋاققا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ جاينامازدا يۇمىلىتىدۇ. ئولتۇرغانلار بوۋاقنى ئىسمىنى ئاتاپ ئەركىلىتىپ قويۇپ قايتىدۇ. ساھىبخان كۈيئوغۇل ۋە قودىلارغا ئۆز لايىقىدا «رەخت» قويۇپ، ئىززەت-ئىكرام بىلەن ئۇزىتىپ قويىدۇ. بۇ «ئات تويى» دەپ ئاتىلىدۇ.

بەشكېرەملىكلەر كوپىنچە ھاللاردا پەرزەنىتلىرىگە ئۈيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى بويىچە ئىسىم قويىشىدۇ. يەنى ئوغۇل پەرزەنتلىرىگە ئاللاھنىڭ سۈپەت نامىلىرى(99 گۈزەل ئىسمى)غا «ئابدۇ»نى قوشۇش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئىسىملارنى ۋە ئىسلام تارىخىدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويسا، قىزلارغا ئۈيغۇرچە «خان»(«خېنىم»)، ئەرەبچە «نىسا» ۋە پارىسچە «گۈل» دېگەن سۆزلەر قوشۇلغان گۈزەل، مەنىلىك ئىسىملارنى قويۇشىدۇ. «ئات تويى»دىن كېيىن ئۇرۇق –تۇغقان، قولۇم-قوشنا ئاياللار ئۆزىگە يارىشا سوۋغا ۋە داستىخان راسلاپ بېرىپ، بىرەر كىيىملىك رەخت، كىيىم-كىچەك، بىرەر باش ياغلىق چاغلىق نەرسىلەرنى بوۋاقنىڭ يۇزىگە يېپىپ مۇبارەكلەيدۇ. بۇ «تۇغۇت كورۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. كۆرگىلى كەلگەنلەر بوۋاقنىڭ ئوغۇل-قىزلىقىنى توغرىدىن-توغرا سورىماستىن، «بالىڭىز بۆرىمۇ ياكى تۇلكىمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئانا بالىسى ئوغۇل بولسا «بۆرە»، قىزبولسا «تۇلكە» دەپ جاۋاب بىرىدۇ. تۇغۇت كورۇشكە كەلگەنلەر مۇۋاپىق كۆتۈۋېلىنغاندىن كېيىن ئۈزىتىپ قويۇلىدۇ. (دىققەت! بەشكېرەمدە «تۇغۇت كۆرۇش»كە ئەرلەر قاتناشمايدۇ!).

ئات تويىدىن باشلاپ 40 كۈن ئىچىدەكېلىنچەك ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئوبدان كۇتۈلىدۇ. قېيىنئانىسى داستىخان(ئاش-تاماق،قەن-گىزەك) ئېلىپ بېرىپ پات-پات يوقلايدۇ ۋە شارائىت يار بەرگەن ئاساستا بىر نەچچە كۇن بېقىشىپ بېرىدۇ. ئېرىمۇ(تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ يولدىشى) كاللا-پاقالچاق ۋە گۆش قاتارلىق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يىمەكلىكلەر بىلەن يوقلاپ تۇرىدۇ. بوۋاق تۇغۇلۇپ 40 كۈنلۈك بولغاندا بوۋاقنىڭ چوڭ ئانىسى(ئانا تەرەپ) 40 نەپەر بالىنى (بەش ياشتىن يۇقىرى 12 ياشتىن تۆۋەن) ئۆيىگە يىغىپ ئۇلارغا داستىخان سېلىپ كۇتۈۋالىدۇ. ئاندىن بوۋاقنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تىلەپ تەييارلىغان «ئېقىن سۇ»نى، سۆزى شېرىن ۋە تاتلىق بولۇشىنى تىلەپ تەييارلىغان «ناۋات سۇيى»نى، ئەھلى ئىمانلىق بولۇشىنى تىلەپ تەييارلىغان «سورەھ فاتىھەدېمىدىسى»نى، ئەھلى ناماز، ئەھلى جامائەت بولۇشىنى تىلەپ مەسچىتنىڭ كاكۇلى(سۇۋاق لاي) قوشۇپ تەييارلىغان «كاكۇل سۇيى»نى، ئاچچىقى يامان، غورۇر- ۋىجدانلىق بولۇشىنى تىلەپ شاپتۇل مېغىزىنى قوشۇپ تەييارلىغان «مېغىز سۇيى»نى، پۇلدار، باي، دۆلەتمەن بولۇشىنى تىلەپ تەييارلىغان «ئالتۇن سۇيى» ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك خۇشبۇي تەنلىك بولۇشىنى تىلەپ تەييارلىغان «ئارچا(ئادىراسمان)سۇيى»نى قوشۇپ تەييارلىغان «قىرىق سۇيى» بىلەن بوۋاقنى يۇيىدۇ. (غۇسلى-تاھارەت ئالدۇردۇ). دىققەت قىلىشقا ئەرزىدىغىنى شۇكى، «قىرىق سۈيى» قۇيۇشقا ئۆمرىدە پەقەت بىر نىكاھلىق بولۇپ، كۆپ پەرزەنت كۆرگەن ھەم پەرزەنتلىرى ھايات بولغان، ئاغزىدا ئىلمى بار(ئوقۇمۇشلۇق) بىرەر مۇمىن مۇسۇلمان ئايال تەكلىپ قىلىنىدۇ. قىرىق سۈيى قۇيۇلۇپ بوۋاق يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان قىرىق توقاچنى ھېلىقى قىرىق بالىغا بىرمۇ-بىر تارقىتىپ بېرىدۇ. بۇ«قىرقىنى چىقىرىش» دەپ ئاتىلىدۇ.

بوۋاقنىڭ قىرىقى چىقىرىلغاندىن كېيىن كىلىنچەكنىڭ قېيىنئانىسى ئالدىن كېلىشىۋالغىنى بويىچە ئورۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنىلاردىن بولۇپ 40 ئايالنىڭ ھەمراھلىقىدا تەييارلانغان كىيم-كىچەك، زىبۇ-زىننەت جاپدۇقلىرىنى ئېلىپ، ئۆز لايىقىدا داستىخان قىلىپ «قىزى» («كېلىن بالىسى») بىلەن «نەۋرىسى»نى يۆتكىگىلى بارىدۇ. ساھىبخان قودىلارمۇ ئۆزىگە يارىشا كاتتا تەييارلىق قىلىپ مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. مېھمانلار ئۇزاش ئالدىدا ئۇلار يەنە ئۆزلىرى تەييارلىغان قىزى بىلەن نەۋرىسىنىڭ ئۇستىباش، زىبۇ-زىننەتلىرىنى قوشۇپ، نەۋرىسى ئۈچۈن ئالاھىدە بۆشۈك چاپدۇپ چىرايلىق ئۇزىتىپ قويىدۇ. بۇ «بۆشۈك تويى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئوغۇل پەرزەنتلەرنى ئارزۇلاپ كىچىككىنە سېكىلەك(چاچ) قويۇپ قويىدىغان ئادەتلەرمۇ قىسمەن ساقلانغان. قىزلار يەتتە ياشقىچە بولغان ئارلىقتا قۇلىقى تەشتۇرۇلىدۇ. ئوغۇللار يەتتە ياشقا كىرگەندە «سۈننەت تويى» قىلىنىپ، يۇرتقا ئاش تارتىلىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلار ۋە قۇلۇم-قوشنىلار ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا سوۋغا-سالام بىلەن مۇبارەكلەيدۇ. ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيدۇ.

*                       *                            *

بەشكېرەملىكلەرنىڭ ئادىتىدە ئوغۇللار ئۆيلىنىپ بىرەر پەرزەنت كۆرگۈچە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر قورۇدا تۇرۇپ، ئاش-تاماق ۋە ئىش-ئەمگەكتە بىللە بولىدۇ. پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن چوڭ ئۆيدىكىلەر مەلۇم ئورۇنغا بىر يۇرۇش قورۇ-جاي سېلىپ بېرىپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئەھۋالىغا يارىشا ئائىلە جابدۇقلىرى ۋە ئۆي سايمانلىرى بىلەن ئۆي ئايرىپ بېرىدۇ(ئەگەر يالغۇز ئوغۇل بولسا ئۆي ئايرىماي، ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر قورۇدا تۇرىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېغىرىنى يېنىك، يىرىقنى يېقىن قىلىدۇ. بارلىق باردى-كەلدىسىگە ئىگە بولىدۇ). بۇ «بۆلەك قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۆلەك قىلىنغان ياش ئەر-خوتۇنلار چوڭ-چوڭ ئىشلاردا چوڭ ئائىلنىڭ ھىماتى ئاستىدا ئاتا-ئانا، بىرتۇغقان قېرىنداشلىرىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش قىلسا، ئادەتتىكى ئىشلاردا ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ ۋە ھالال ئەمگىكى بىلەن ھايات كەچۈرۈشكە تىرشىدۇ. ئەر-ئايال ئىككى تەرەپتىكى چوڭ ئائىلە ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ قاراپ تۇرماي، ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ، بەلگىلىك مىقداردا كىگىز-كىچەك، ئورۇن-كۆرپە، چىنە-قاچا، قازان-قومۇچ ۋە باشقا ئائىلە سايمانلىرىنى تاييارلىشىپ، خاسىيەتلىك بىركۈننى تاللاپ «بۆلەك قىلىنغان»لارنىڭ يېڭى ئۆيىگە بارىدۇ ھەم «ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ، ئۆيۇڭلارنى جاپدۇۋېلىڭلار!...» دېيىشىپ كۆڭۈل قويىدۇ. ساھىبخانلارمۇ ئاتا-ئانىسىغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا رەھمەت ئېيتىپ، ئىمكەنىيەتنىڭ بارىچە قىزغىن كۇتۈۋالىدۇ. بۇ «ئۆي مۇبارەكلەش» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يېڭى ئۆي خېلىلا كۆركەملىشىپ، ئۆي سايمانلىرى ۋە ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ خىجالىتىنى تارتمايدىغان بولىدۇ. پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا بۇ «يېڭى ئۆي» تەدرىجى مۇكەممەللىشىدۇ.

*                    *                        *

بەشكېرەمدە قورۇ جاي، ھويلا –ئارام ۋە باغ- ۋارانلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بىر يۈرۈش ئۆي دېگەندە ئاساسەن ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي كۆزدە تۇتۇلۇپ (يېقىنقى يىللاردىن بىرى بىر يۇرۇش ئۆي دېگەندە بەش ئېغىز ئۆي كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولدى)، ئوتتۇرسىغا دالان(«دەلىزە»دەپمۇ ئاتىلىدۇ). بىر تەرەپكە مېھمان ئۆيى، يەنە بىر تەرەپكە تۇرمۇش ئۆيى(ئاشخانا) ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۆيلەرنىڭ تېمى لاي كېسەكلەردىن قوپۇرۇلغان بولۇپ، ئۇستى ئومۇمەن باسما كەۋزىلىك، ۋاسسا جۈپ يېپىلىدۇ. دالان ۋە مېھمانخانا ئۆيگە نەپىس گۈل نەققىشلەر ئويۇلۇپ كۆركەم بوياق بېرلىدۇ، تام-تورۇسلار ناھايىتى سىپتا گەجلىنىدۇ. كۆپۈنچە ئۆيلەرگە سۇپا باغلىنىپ سەرەمجانلاشتۇرۇلىدۇ. ئۆي سەرەمجانلىرى نسبەتەن ئاددى-ساددا بولسىمۇ، چوڭ سۇپەت، ئارتۇقچە ھەشەم-دەرەم جابدۇقلار يوق بولۇپ، كىرگەن كىشىگە بىر خىل ئازادە كەيپىيات بەخىش ئېتىدۇ. ھويلىغىمۇ سۇپا باغلىنىپ، ھەيۋەتلىك پېشايۋان يېپىلىدۇ. ھويلا مەراسى كەڭ ۋە ئازادە بولۇپ، ئالدىغا تال(ئۈزۈم) قويۇلىدۇ. تال ئارتىلىدىغان باراڭ(بېدىش) پېشايۋانغا تۇتاش ياسالغاچقا، ياز كۈنلىرى ھويلىغا ئاپتاپ چۇشمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھويلا ئارامنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى سالقىن بولىدۇ. مۇشۇنداق گۈزەل مۇھىتنى  ئىزچىل كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە باشقا ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بەشكېرەملىكلەر ھەر كۇنى سەھەر تۇرۇپ ئاياللار ئۆي ۋە ھويلا-ئارامنىڭ تازلىقىنى قىلسا، ئەرلەر باغ-ۋاراننىڭ ئىشلىرىنى قىلىدۇ.

باغ-ۋاران پەرپا قىلىش بەشكېرەمنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇزاق يىللىق باغۋەنچىلىك تارىخىنىڭ نەمۇنىىسىدۇر. بەشكېرەمدە ھەرقاندا بىر ئائىلە يېڭىدىن پەيدا بولغاندا ئالدى بىلەن ھويلىسىغا تال(ئۇزۇم)قويۇپ، باغ ئەھيا قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچىدۇ. ئاندىن تالنىڭ كەينىگە ئانار، ئەنجۈر ياكى ئۆرۈك، شاپتۇل قاتارلىق مېۋىلەرنى قويۇش ئارقىلىق بىر كىچىك مېۋىزارلىق بەرپا قىلىدۇ. بارا-بارا ئۆز ئىلكىدىكى يەرلەرنىڭ  تەبىئىي تۇپراق ئەھۋالى ۋە سۇ شارائىتىغا ئاساسەن بولغۇسى باغ قوشنىلىرىنىڭ باغ قورۇلۇشىغا ماسلاشقان ھالدا(ئانار، ئۈزۈم، ئەنجۈر قاتارلىق قىشتا كۆمۈلىدىغان مېۋىلەرنى ئۆرۇك، شاپتۇل، بىھە ياكى ئالما، ئامۇت قاتارلىق قىشتا كۆمۈلمەيدىغان ئۆرە مېۋىلەر بىلەن كىرىشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. شۇڭا، باغۋەنلەر باغ ئەھيا قىلىشتىن ئىلگىرى بولغۇسى باغ خوشنىلىرى بىلەن قانداق مېۋىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ قويۇشنى ئالدىن مەسلىھەتلىشىدۇ ياكى نىسبەتەن بۇرۇنراق باغ قىلىش قەدىمىنى باسقان قوشنىلار قانداق مېۋە قويغان بولسا، كېيىنرەك باغ قىلماقچى بولغان خوشنا شۇنداق مېۋىلەرنى قويىدۇ ياكى شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ  قويۇشلىرى شەرت. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، مېۋىلەردىن مول-ھوسۇل ئالغىلى بولمايدۇ-ئاپتۇر)  ھويلىسىدىكى باغ–ۋاراننى  ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مېۋە تۈرلىرىنى كۆپەيتىدۇ، كۆلەملەشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى 6-ئايدىكى «ئۆرۇك سەيلىسى»دىن باشلىنىپ، ئۆز ئارا ئۇلىنىپ داۋاملىشىدىغان «شاپتۇل  سەيلىسى»، «ئەنجۈر سەيلسى»، «ئانار-ئۈزۈم سەيلىسى» قاتارلىق ئۇزۇن تارىخقا ئىگە «بەشكېرەم سەيلىسى»گە ئاساس سېلىنىدۇ. چۈنكى «بەشكېرەم سەيلىسى» ماھىيەتتە مېۋە سەيلىسى بولۇپ، مېۋە-چېۋىلەر مەي باغلىغان مەزگىللەردە  باغ- ۋارانلار يىراق–يېقىندىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ سەيلىگاھىغا ئايلىنىدۇ.

*                *                  *

يۇرتتا بىرەر كىشى تۈگەپ كەتسە، ئالدى بىلەن  يېقىن تۇغقانلارغا ۋە يۇرتنىڭ ئىمام–مەزىنلىرى قاتارلق ئاقساقاللارغا خەۋەر قىلنىدۇ. يۇرت ئاقساقاللىرى خەۋەر تاپقان ھامان كېچە-كۈندۈز، ئىسسىق-سوغۇق دېمەستىن ئۆلۈم بولغان ئۆيگە كېلىپ، مۇسىبەتدارلارغا تەسەللى بەرگەندىن كېيىن مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرنى تەييارلايدۇ. بىر قىسىم ئۇرۇق-تۇغقانلار   بىلەن قوشنىلارنىڭ ياردىمىدە يىراق-يىقىندىكى تۇغقانلار ۋە يۇرت جامائەتلىرىگە خەۋەر يەتكۈزۈشىدۇ. مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى پۇتكەندىن كېيىن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇق-تۇغىقان، قولۇم-قوشنىلىرى «ھازا ئاچىدۇ». جامائەتلەر بولسا بىر-بىرلەپ كېلىشىپ، ھازىدارلارغا تەسەللى بېرىپ، مەرھۇمنىڭ مىيىت نامىزىغا قاتنىشدۇ. مىيتنى دەپنە قىلىشقا يىراقتىن كەلگەن جامائەتلەر قايتىپ كەتسىمۇ، ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-خوشنا، ئەھلى مەھەللە دېگۈدەك قاتنىشىدۇ. مىيىتنى مەرھۇمنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرى(ئوغۇللىرى ياكى بىر تۇغقانلىرى)دىن بىرى يەرلىكىگە ئەكىرىدۇ. يەرلىكىگە قويۇپ بولغاندىن كېيىن جامائەت مەرھۇمغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ. مېيىت ئۇزىتىلىپ ئۈچ كۇنگىچە ئۇرۇق-تۇغقانلار، قولۇم-قوشنىلار ۋە مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى يېقىنلىرى مۇسىبەتدار ئائىلىگە يىغىلىپ ئولتۇرۇشىدۇ. ئۆلىمالار قۇرئان تىلاۋەت، ئەمىر-مەرۇپ قىلىشىپ ھازىدارلارغا تەسەللى بېرىدۇ. ئۈچ كۇنگىچە مۇسىبەتلىك ئۆيدە قازان ئېسىلمايدۇ. قولۇم-قوشنىلار ھازىدارلارغا تاماق ئېتىپ ئەكىرىدۇ ياكى ئۆيىگە قىچقىرىۋالىدۇ. مېيىت ئۇزىتىلىپ يەتتە كۈن ئىچىدە چوڭ تەييارلىق بىلەن «يەتتە نەزىرىسى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقان ھازىدارلارنى ئۇلارنىڭ قولۇم-قوشنىلىرى ۋە مەھەللە جامائەتلىرى «يۆتكەپ» قويۇشىدۇ.(ئەرلەرنى ئەرلەر، ئاياللارنى ئاياللار ئۆزلىرى يۆتكەيدۇ). مەرھۇمنىڭ قېرىنداشلىرى ياكى يېىقىن تۇغقانلىرى 40 كۈنگىچە ماتەم تۇتىدۇ. (بۇ جەرياندا ئۆز ئۆيلىرىگە بېرىپ-كېلىپ تۇرۇشىدۇ). ھەر پەيشەنبە چۈشتىن كېيىن «ئازنا ئاخشىمى» قىلنىدۇ. ئۇرۇق –تۇغقانلار، مەھەللە جامائەتلىرى كېلىپ قاتنىشىدۇ . ئالتە «ئازنا ئاخشىمى » ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، يەنى مەرھۇم يەرلىكىدە ياتقىنىغا دەل 40 كۈن بولغاندا (بەزى ھاللاردا بىر ئككى كۈن كەم قالسا مەيلى، ئەمما ئېشىپ كەتمەيدۇ). مەرھۇمنىڭ «40نەزىرسى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. چوڭ ھازىدارلارنىڭ «قارسى ئۇشتۇلۇپ›› يۆتكەپ قويۇلىدۇ. 40 كۈن ئېچىدە ھەر جۈمە كۇنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن  ئەرلەر، شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئاياللار تۇپراق بېشىغا چىقىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشپ قايتىدۇ. ئەمما قەبىرىستانلىقتا يىغلاش قەتئىي چەكلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا «چۈشىگە كىرىپ قالغان كۈن»لەردە، ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە تۇپراق بېشىغا چىقىپ زىيارەت قىلدۇ، قەبرىگە دان (بۇغداي، قوناق، تېرىق ...) چېچىلدۇ. بىريىلدىن كېيىن «يىل نەزىرسى» قىلنىدۇ.

*            *             *

بەشكېرەم خەلقى گەرچە ئۇزاق تارىخقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مىللىتىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى تۈرلۈك ئىتقاد ئادەتلىرى ساقلانغان. ئۇنىڭ بىر قەدەر گەۋدىلىكرەكلىرى تۇۋەندىكىچە:

1. «كۆك مۇقەددەسلىكى» ئادىتى ساقلانغان. مەسلەن: «كۆك(ئاسمان)كە قاراپ تۈكۈرسە يامان بولدۇ» دەپ قاراش؛ «كۆك تۇرۇپتۇ»، «ئاي تۇرۇپتۇ» دەپ كۈن بىلەن ئاينى گۇۋاھلىققا تارتىپ قەسەم قىلىش؛ قۇرغاقچىلىق بولغان كۈنلەردە زاراخەتمە قىلىپ كۆكتىن يامغۇر تىلەش ...

2. «سۇنى ئۇلۇغلاش» ئادىتى ساقلانغان. مەسلەن: «سۇنى ئسراپ قىلسا، سۇغا چوڭ -كىچىك تەرەت قىلسا يامان بولدۇ» دەپ قاراش. سۇنى قەدىرلەش توغرىسىدا ئاتا بوۋىلىرىمىز «بەشكېرەمنىڭ سۈينى ئىچىپ ئۆت» دېگەن ماقالنى مىراس قالدۇرۇشقان.

3. «ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلاش» ئادىتى ساقلانغان. مەسلەن: يېڭىدىن ياسالغان قورۇ-جاي، ھەددىدىن زىيادە بولۇق ھەم ئوخشىغان مېۋىلەرگە «كۆز تەگمىسۇن» دەپ ئادىراسمان ئېسپ قويۇش؛ سودا ئشلىرىنىڭ روناق تېپىشنى تىلەپ ئارچا ياغىچى، ئالما قېقى ياكى ئادراسمان قاتارلىقلاردا ئىسرىق سېىلىش ...

4. «ئوتنى ئۇلۇغلاش » ئادىتى ساقلانغان .مەسلەن: «ئوتقا تۈكۈرسە، كۈلگە تەرەت قىلسا يامان بولىدۇ›› دەپ قاراش؛ شۇنڭدەك ئايەم كېچىسى قاپاق كۆيدۈرۈپ «ۋەششەمسى» توۋلاش؛ ئاغرىق-سىلاقلارغا ئاتاپ «ئوت كۆچۈرۈش»، «ئوتلاپ قېىقىش»، «نوكچا قويۇش» ۋە مېيت جان ئۈزگەن ئۆيگە «چىراغ يېقىش››....

5. «تۇتېم مەدەنىيىتى»نىڭ تەسىرى ساقلانغان .مەسلەن: «بۆرە ھوشۇقىنى ئېسۋالغان ئادەمنى قارا باسمايدۇ» دەپ قاراش؛ تۇغۇتلۇق ئايالدىن «بالىڭىز بۆرىمۇ ياكى تۈلكىمۇ؟»(ئوغۇلمۇ ياكى قىزمۇ؟) دەپ سوراش؛ «بۆرە ھوشۇقىنى ساقلىغان ئادەم ئامەتلىك بولىدۇ» دەپ قاراش؛ ھەتتا «بۆرە ھوشۇقىدا قىمار ئوينىغان ئادەم ئۇتۇۋالىدۇ» دەپ قاراش؛ «يەرنى يوغان بىر ئۆكۈز مۈڭگۈزى بىلەن كۆتۈرۈپ تۇرارمىش، بىر مۈڭگۈزى تېلىپ كېتىپ، يەنە بىر مۈڭگۈزىگە ئالغۇچە بولغان ئارلىقتا يەر تەۋرەپ كېتەرمىش...» دەپ قاراش ۋە «يىلان مۈڭگۈزى تېپۋالغان كىشى مەرتىۋىلىك(پادىشاھ) بولىدۇ» دەپ قاراش ...

6. «تۇپراقنى ئۇلۇغلاش» ئادىتى ساقلانغان. مەسلەن: قىلغان سۆزىدىن يېنىۋالماسلىقى ئۈچۈن تۇپراقنى گۇۋاھلىققا تارتىش، يەنى قوللىرىنى يەرگە سۇۋاپ ئاندىن قول بېرىشش؛ خىجالەتچىلىك ئىچىدە قالغاندا «مەن ئۇ ياكى بۇ ئىشنى قىلسام (قىلمىسام) مېنى يەر يۇتسۇن» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ئەھدۇ –پەيمان قىلىش ...

7. «تۇز بىلەن ناننى ئۇلۇغلاش» ئادىتى ساقلانغان. مەسىلەن: نىكاھ فاتىھەسى ئوقۇلغاندا كۆڭۇل رىشتىلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك چېگىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، بىر بۇردا ناننى تۇزغا مىلەپ، ئاندىن ئىككىگە بۆلۈپ نىكاھلانغۇچىلارغا يېگۈزۈش؛ «تۇز تۇرۇپتۇ»، «نان تۇرۇپتۇ» دەپ نان بىلەن تۇزنى گۇۋاھلىققا تارتىش ...

8. «تاق ساننى ئۇلۇغلاش» ئادىتى ساقلانغان. مەسلەن: مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بەرگەندە ئۈچ قېتىم سۇ قۇيۇش؛ ئۆي ياپقاندا سالغان ياغاچلىرى سانى تاق بولۇش (5 ،7، 9، 11 ...)؛ بوۋاقنىڭ «قىرىقىنى چىقرىش» ئۈچۈن تەييارلىغان «قىرىق سۈيى»گە  سېلىنغان نەرسىلەرنىڭ سانى تاق بولۇش ...

9. «قىرىق مۇقەددەسلىك» ئادىتى ساقلانغان. مەسلەن: پەرزەنت تۇغۇلۇپ، قىرقىنچى كۈنى «قىرىق سۈيى» قۇيۇپ، «قىرىقىنى چىقىرىش»؛ تويدا «قىز يۆتكەش»كە كەلگەندە قىزنىڭ ئانىسى «قىرىق يەڭگە›› ئەۋەتىش؛ ئۆلۈپ كەتكەن قېرىنداشلىرى ئۈچۇن «قىرىق كۈن ماتەم تۇتۇش» ۋە قىرىق كۈندىن كېيىن مەرھۇمنىڭ «قىرىق نەزىرىسى»نى قىلىش ...

ئىزاھاتلار:

[1] «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۇك» 73-بەت. مللەتلەر نەشىرىياتى 1986-يىل نەشىرى.

[2] «مۇھەممەد سالىھ: «ئەرەپچە ئۇيغۇرچە قىسقىچە لوغەت » 311-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1992-يىل نەشىرى.

[3] «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۇك» 489-بەت. مللەتلەر نەشىرياتى 1986-يىل نەشىرى.

[4] «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى» 351 –بەت. شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۇرلەر نەشىرياتى 1989-يىل نەشىرى.

[5] «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۈك» 74-بەت. مىللەتلەر نەشىرىياتى 1986-يىل نەشىرى.

[6] سۇلتان مامۇت: «يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر» 49-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1999-يىل نەشىرى.

[7] «كوناشەھەر ناھىيسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرسى» 277-بەت.

[8]  سۇلتان مامۇت: «يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر» 50-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1999-يىل نەشىرى.

[9] مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم 420-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1981-يىل نەشىرى.

[10] يۇقىرىقى ئەسەر، 3-توم 172-بەت.

[11] ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى›› 338-بەت.   شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۇرلەر نەشىرياتى 1989-يىل نەشىرى.

[12] شاھ مەھمۇد جوراس: ‹‹سەئىيدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار›› 42-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988-يىل نەشرى.

[13] موللا مىرسالىھ قەشقەرى: ‹‹چىڭگىزنامە›› 112-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986-يىل نەشرى.

[14] مۇھەممەد سىدىق زەلىلى: ‹‹دىۋان زەلىلى›› 599-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1985-يىل نەشرى.

[15] ئابدۇرېھىم نىزارى: ‹‹نىزارى داستانلىرى›› 75-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1985-يىل نەشرى.

[16] مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق: ‹‹خانئۆي ـــ قەدىمكى قەشقەرنىڭ مەركىزى››، ‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى›› 2002-يىل 5-سان.

[17] مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق: ‹‹چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى مەدەنىيەت ئىزلىرى››، ‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى›› 2003-يىل 4-سان.

[18] ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: ‹‹شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى›› 1010-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىل نەشرى.

[19] ‹‹قورىغار رايونىنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى›› 39-جلد.

[20] ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: ‹‹شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى›› 1010-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىل نەشرى.

[21] غەيرەتجان ئوسمان: ‹‹يۇرت شەجەرىسى ــ يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ بىنا بولۇشى››، ‹‹كوناشەھەر تارىخ ماتېرىياللىرى››دا ئېلان قىلىنغان.

[22] ئىبىراھىم نىياز: ‹‹تارىختىن قىسقىچە بايانلار›› بەت.

[23] ‹‹قەشقەر شەھىرىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى››

[24] ئا. ن كورۇپاتكىن: ‹‹قەشقەرىيە›› -بەت.

[25] ‹‹قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى››گە قاراڭ.

[26] ‹‹ھۇدۇدۇلئالەم›› 95-، 96-بەت. لوندون 1970-يىلى ئېنگىلىزچە نەشرى. ۋېي لياڭتاۋ: ‹‹قاراخانىلار تارىخىدىن بايان›› ناملىق كىتابنىڭ 68-بېتىدە كەلتۈرۈلگەن نەقىل.

[27] ئۇيغۇر تىلىدا بەزى بىر بوغۇملۇق ياكى كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەردىكى بوغۇم ئاخىرىدا كەلگەن ‹‹ر›› تاۋۇشىنىڭ تەلەپپۇز جەريانىدا چۈشۈپ قېلىشى نورمال ھادىسە. مەسىلەن: ئانارلىق ــ ئانا:لىق، ئوغۇرلۇق ـــ ئوغۇ:لۇق، قارلۇق ـــ قا:لۇق..... دېگەنلەرگە ئوخشاش ـــ ئاپتور.

[28] شەرىپىدىن ئۆمەر: ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار›› 300-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىل نەشرى.

[29] مەھمۇد قەشقەرى: ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى›› 3-توم، 30 بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984-يىل نەشرى.

[30] ئابدۇكېرىم راھمان، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا، شېرىپ خۇشتار: ‹‹ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى›› . شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1996-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.



«چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى مەرىپەت بۆشۈكى» ناملىق كىتابتىن



ئاپتۇر : قەشقەر شەھەرلىىك بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپتىن

مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق

sebure 2012-03-03 02:06
قىپچاق ۋە ئۇيغۇر-ئوغۇز تىللىرى ھەققىدە
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن




   تۈركىي تىللار ئائىلىسى تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى سىبىرىيە تىللىرى گۇرۇپپىسى(ياقۇت، دولگان، تۇۋا، خاقاس، ئالتاي، شور )، قارلۇق تىللىرى گۇرۇپپىسى(ئۇيغۇر ، ئۆزبېك)، بىلەن ئوغۇز  تىللىرى گۇرۇپپىسى(تۈركىيە تۈركلىرى، ئازەربەيجان، تۈركمەن، قىرىم تۈركلىرى، قاشقاي، سالجۇق، خۇراسان تۈركلىرى،  سالار، گاگائۇز ) ۋە  قىپچاق تىللىرى گۇرۇپپىسى(تاتار، باشقىرت، قازاق، قىرغىز، قارا قالپاق، نوغاي،  قۇمىق، قاراچاي- بالقار)  بۇلغار(چۇۋاش)  تىللىرى گۇرۇپپىسىغا بۆلىنىدۇ. بۇلارنى چوڭ جەھەتتىن قىپچاق(قىپچاق، بۇلغار،) ۋە ئۇيغۇر ئوغۇز(سىبىرىيە، قارلۇق، ئوغۇز) ئىككىلا تۈرگە بۆلۈش مۈمكىن. يەنە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى قىرىم تۈركلىرى ئەسلىدە ئالتۇن ئوردا خانلىقى تەركىبىدىكى قىپچاق تۈركۈمىگە تەۋە بولسىمۇ 17-ئەسىردىن كېيىنكى تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن تەۋەلىك مۇناسىۋىتى تۈپەيلى ئوغۇزلىشىپ كەتكەن.
  قىپچاق قەبىلىلىرى قەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەر ئىدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى III ئەسىردە ھۇن قوشۇنىنىڭ باتۇر (مەتە، ؟) تەڭرىقۇت باشچىلىقىدىكى جەنۇبىي يۈرۈشلىرىدە دىڭلىڭ، جەنكۇن (قىرغىز)لار بىلەن بىللە چىنسا (؟) قەبىلىسىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغانىدى، بېرنىشتام قاتارلىقلارنىڭ پىكىرىچە چىنسا-قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ قەدىمكى نامى بولغان. بىز قەدىمكى مەنبەلەردە قىپچاقلارنىڭ ناملىرىنىڭ كۆپىنچە قىرغىز، باسمىل، ئوسكاك، سىرغۇچلار بىلەن بىللە يېزىلغانلىقىنى كۆرىمىز. تارىخچىلار ئانتوروپولوگىيىلىك مەلۇماتلار ئاساسىدا ئالتاي تۈركلىرىنى شىمالىي ئالتاي ۋە جەنۇبىي ئالتاي تارماقلىرىغا بۆلىدۇ، ھازىرقى زامان جەنۇبىي ئالتاي تۈركلىرى: چۇي ۋە ئارغۇت دەريالىرى ئېقىنىدىكى تىلېكتىللار (چۇي كرېلىرى)، باش كاۋوس ۋە ئولاگان دەريالىرى ساھىلىدىكى تېلسلار (ئولاگان كرېلىرى)، چىرىك دەرياسى بويىدىكى تېلىۋۇتلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، قىپچاق تىلى گۇرۇپپىسى تەركىبى بويىچە قازاقلار، قىرغىزلار، باشقىرتلار، تۈبورلار، بارابىن تاتارلىرى، قىسمەن (ئەمما دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرى چۈشەنچىسىدىكى) ئەسلىدىكى ئۆز بېكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما، ئۆزبېك خان نامىنى قوبۇل قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆز بېك مىللىتىنى بۇ چۈشەنچىدىن پەرقلەندۈرۈش لازىم.
  ھازىرقى زامان شىمالىي ئالتاي تۈركلىرى، سۇرلار، كەركەنلەر، كوشتىنلار ۋە تۇبالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۇبالاردا شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئارىلاشمىچىلىقى خېلىلا روشەن، تىل گۇرۇپپىسى نۇقتىسىدىن ئالغاندا مانا مۇشۇ شىمالىي ئالتاي تۈركىي خەلقلىرى تىللىرى ئۇيغۇر-ئوغۇز تىل گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئانتروپولوگىيىلىك جەھەتتە ئۇلاردا مۇڭغۇلوئىد ئالامەتلىرى تولىمۇ سۇس. ئۇلار فىن-ئۇگۇر ۋە سامويىدلار بىلەن بىللە ئاسىياچە ئاق جىنس ئالامەتلىرى ئۈستۈن بولغان خەلقلەردۇر. مېنىڭچە، قىپچاق قەبىلىلىرى ئەڭ دەسلەپ تۈركلەشكەن يايلاق قەبىلىلىرى ياكى مۇڭغۇلوئىد تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان تۈركىي خەلقلەر بولۇپ، ئۇلار دىڭلىڭ ۋە باشقا ئۇيغۇر-ئوغۇز تىل گۇرۇپپىسىدىكى خەلقلەرگە بۇ تەسىرىنى يەتكۈزۈش جەريانىغا قاتناشقان.
  قىپچاق قەبىلىلىرى «قەننامە»نىڭ 94- جىلدى بىلەن «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىزىسى»نىڭ 30- جىلدىدا تىلغا ئېلىنىپ قالماستىن، ئورخون مەڭگۈ ئابىدىلىرىمۇ باشقا قەبىلىلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنغانىدى. قىپچاق قەبىلىلىرى قانداق شەكىللەنگەن. ئۇلار مەركىزىي ئاسىيادا ئەسلىدىن بارمىدى ياكى دەشتى قىپچاق دالىسىدىن بۇياققا كەلگەنمۇ دېگەن مەسلىلەرگە كەلگەندە بۇ ھەقتىكى نۇرغۇن كونكرېت تارىخىي تېمىلار تېخى روشەن ئەمەس. شۇنداقمۇ قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ موڭغۇلوئىد تەسىرىگە يېقىن ياشىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. دەشتى قىپچاق قەبىلىلىرىگە كەلگەندە شۇنى ئېيتىش مۇمكىنكى، شىمالىي ئالتاي تۈركىي قەبىلىلىرى يەتتەسۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىغا سۈرۈلگەندە جەنۇبىي ئالتاي تۈركىي قەبىلىلىرى قىپچاق دالىسىغا (قەدىمكى ئوغۇز دالىسىغا) سۈرۈلگەنىدى.
   لوبلوك (Loblok) مەيلى ئورخوندا ياكى جەنۇبىي ئالتايدا بولسۇن قىپچاق قەبىلىرىدە دەپنە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ بىر خىل قائىدە بويىچە ئورۇندالغانلىقىنى، قەبرە توپىسىغا ئۇدۇل قىلىنىپ ياغاچ قونچاق قادىلىپ، بىر دۆۋە توپا ئىچىدە شەرققە قاراپ ياتقۇزۇلغان جەسەتنىڭ قولىدا بىر تاۋاقنى تۇتۇپ ياتىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان. لوبلوكنىڭ ئېيتىشىچە، قىپچاقلار بىردىن «قاپچاق» (قاپچىق) ئېسىۋالىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تېرىدىن ياسالغان قاپچۇققا بىر كىچىككىنە تاش ھەيكەل سېلىنغان. بۇ ئادەت كېيىنچە ئالتايدىكى باشقا ئوۋچى قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ كېڭەيگەن. شۇڭلاشقا كۆپلىگەن تارىخچىلار «قىپچاق» دېگەن نام «قاپچۇق»، «قاپچىق»، «قاپچاق» سۆزىدىن كېلىپ چىققان دەپ ھېسابلىشىدۇ. مۆلدوس ‹؟›لارنىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا، قىپچاقلار ئۇرۇقداشلىق جامائەسىدە بىر قىز ئاغزىغا ئۈچ پارچە مۆلدۈرنى ئېلىشى بىلەن تەڭلا ھامىلدار بولۇپ مۆلدۈسلارنىڭ ئاتا-بوۋىسىنى تۇغقانمىش، ماركوپولونىڭ «ساياھەتنامە»سىدە يېزىلىشىچە، قىپچاقلاردا ناتىگەي (؟؟؟) ئىسىملىك ئىلاھ بولغان. ھەربىر تۈتۈندە بىردىن ناتىگەي نامىغا ياسالغان قونچاقلار ساقلانغان. ناتىگەينىڭ بىر خوتۇنى ۋە بىر قانچە ئوغۇللىرى بولغان. قىپچاقلار تاماق يېگەندە بىر پارچە گۆشنى ئېلىپ بۇ قونچاقلارنىڭ ئاغزىغا سۈركەپ قويۇشنى ئۇدۇم قىلغان. تىلكت قەبىلىسىدىمۇ كېگىزدىن ياسالغان مۇشۇنداق قونچاقلار بولغان. VIII- ئەسىردە قىپچاق يايلاقلىرىغا كەلگەن غەربىي ياۋروپا ساياھەتچىسى لوتانىن مۇشۇنداق ناتىگەي قونچاقلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە «ئەمىدگىل» (ئاتا-بوۋىلار) ناملىق باشقا ئاتىلىشىنىڭىمۇ بارلىقىنى يازغان. XI- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەرەب جۇغراپىيىچىسى ئىبن خەلدات بىگانىڭ يېزىشىچە، بىر قىسىم قىپچاقلار كەمەك (؟؟؟) دەپ ئاتىلىدىكەن. گەردىزى VIII- ئەسىردىلا كەمەكلەرنى قىپچاقلارنىڭ غەربىي تارمىقى بولۇپ، قوي-كالا باقىدىغان، قىمىز ئىچىدىغان خەلق دەپ يازغان.
   «موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخى» دا كەرەي ۋە ئۇنىڭ غەربتىكى قوشنا قەبىلىسى بولغان قەدىمكى نايمانلار موڭغۇل قەبىلىلىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان، «نايمانلار موڭغۇل قەبىلىلىرى ئىچىدە ئەڭ مەدەنىيەتلىك بولغان... ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان» دەپ قەيت قىلىنغان. «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» ناملىق كىتابتا ئالتايغا كىرگەن نايمان قەبىلىلىرىنىڭ تۈركلەشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تۈرك تىلىنى قوبۇل قىلىپ ئالتايغا يەرلىكلەشكەنلىك جەريانى تەپسىلىي سۆزلەنگەن. مەنبەلەردە بۇ بىر قىسىم موڭغۇللار تۇرمۇش جەھەتتە تۈركلەشتى، ئىلگىرى قوينى ياكى قورساقتىن يېرىپ، ياكى قان تومۇرىنى كېسىۋېتىپ ئۆلتۈرەتتى، كېيىن ئالتاي تۈركلىرى يوسۇنىدا قوي بوغۇزلايدىغان بولدى، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى ۋە ئوغۇزلارنىڭ غەربكە سۈرۈلۈشى بىلەن بۇ قىپچاقلاشقان خەلقلەر ئارال دېڭىزىدىن كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان ھازىرقى قازاقستان دالىسىغا قەدىمكى ئوغۇز دالىسىغا يۆتكەلدى، دەپ كۆرسىتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ چوڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ئۇيغۇر-ئوغۇز ۋە ھەرقايسى قىپچاق قەبىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى تەرەققىيات گەۋدىلىنىشكە باشلىدى.
    X-XV ئەسىرلەر ئارىسىدا تۈركىي خەلقلەر بىر پۈتۈن تۈرك مىللىتى بولۇپ شەكىللىنىشكە كىرگەن بىر جەريان ئۆزىنى كۆرسەتكەنىدى. ئەمما چىڭگىزخان قوشۇنلىرىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى بۇ جەرياننى توختاتتى، ئارقىدىنلا ئالتۇن ئوردا خانلىقى ۋە چاغاتاي ئۇلۇسلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەكىللىنىشى بۇ جەرياننى پارچە-پارچە ھاكىمىيەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇۋەتتى. بۇ جەرياننىڭ تارىخىي ئاقىۋىتى نەتىجىسىدە موڭغۇلوئىد تەسىرىگە زور كۆلەمدە ئۇچرىغان ۋە يېڭى ئېتنىك ناملار بىلەن ئاتالغان بىر قاتار قېرىنداش تۈركى مىللەتلەر كېلىپ چىقتى. موڭغۇلوئىد تەسىرىگە ئەڭ كەم ئۇچرىغان خەلقلەرمۇ (مەسىلەن: قەشقەرىيە ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى) كېيىنچە جۇڭغارلارنىڭ بۇنداق تەسىرىدىن خالىي قالالىغان ئەمەس. موڭغۇل ۋە تاتار قەبىلىلىرى موڭغۇلوئىد تەسىرىنى يەرلىك تۈركىي خەلقلەرگە ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، ئاقىۋەت يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن تىل، مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك جەھەتتە ئۆزلەشتۈرۈۋېتىلدى ۋە ھەتتا ۋولگا-قىرىم بويىغا كەتكەن موڭغۇل-تاتارلىرى ئۆز يىلتىزىدىن پۈتۈنلەي باشقىچە بولغان ئېتنىك ئالامەتلەرگە ئىگە بولسى. بۇ رايونلاردا ئەينى زاماندا تۈركىي خەلقلەرنىڭ كۈچلۈك تەسىرى تۈپەيلى، ئۇلار يەنىلا تۈركىي ئالامەتلەردىن ھالقىپ كېتەلمىگەنىدى. XVI ئەسىردە ياشىغان ئەرەب تارىخچىسى جەلىل ئۆمەر ئالتۇن ئوردا خانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: قەدىمدە بۇ قىپچاقلار دۆلىتى ئىدى. تاتارلار بېسىپ كىرىپ قىپچاقلارنى بېقىندۇرۇۋالدى. كېيىنچە قىپچاقلار بىلەن تاتارلار ئۇرۇقلىشىپ، موڭغۇللارنىمۇ قىپچاقلاشتۇرۇۋەتتى، دەپ يازغان.
ئۇيغۇر-ئوغۇزلارنىڭ ئېتنىك گەۋدىسى ۋە تارىخىي قىسمەتلىرىگە باغلىق ھالدا تىل گۇرۇپپىسىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇر-ئوغۇز تىللىرى ئەڭ دەسلەپ تۈركلەشكەن ئاندرونوپ - ئارىيان تىلىنىڭ بىر تارمىقى بولۇشى ئېھتىمال. ئاندۇرونوپ دىڭلىڭلىرى ئەۋلادلىرى سىماچيەننىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر» ناملىق كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان. بەن گۇنىڭ «خەننامە» ناملىق كىتابىنىڭ «سۇئۇ شەجەرىسى» قىسمىدا: «دىڭلىڭلار ھۇنلارنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز (بايقال كۆلىنى كۆرسىتىدۇ- ئاپتور) ساھىلىدا ياشايدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن، «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» نىڭ 30- يىلدىلا شىمالىي دىڭلىڭلاردىن باشقا يەنە يارىش يازىقى (جۇڭغارىيە) ۋە يەتتە سۇدا ياشىغۇچى دىڭلىڭلار توغرىسىدىمۇ بىر قەدەر ئېنىق جۇغراپىيىلىك مەلۇمات بېرىلگەن. «ۋېي خانلىقى تەزكىرىسى» (؟؟؟) «غەربىي بەدەۋىلەر شەجەرىسى» قىسمىدا كانگىيىنىڭ شىمالىدا، يىنسەي دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدا دىڭلىڭلار بار، بۇ «غەربىي دىڭلىڭلار» دەپ يېزىلغان. چاۋاننېس (chavannes) دىڭلىڭلارنى شىمالىي دىڭلىڭلار ۋە غەربىي دىڭلىڭلار دەپ ئاتاش سۈنئىي بولۇپ، ئەسلىدە ئۇلار بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ كۆرسەتكەنىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخېئولوگلىرى جەنۇبىي سىبىرىيىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى تاش قورال دەۋرىدىن باشلاپ ئۇگلا دەرياسىدىن يىنسەي دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىغىچە بولغان جايلاردا دىڭلىڭلار ياشىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ تارىخىي مەنبەلىرىدىكى «شىمالىي دىڭلىڭ» ۋە «غەربىي دىڭلىڭ» قەبىلە ناملىرى ئەسلىدىن بىر خەلقنىڭ نامىدىن ئىبارەت ئىدى. ئامېرىكا تارىخچىسى مىكگوۋېرننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئېگىز ھارۋىلىقلار ‿خۇيخېلار (؟؟؟) دەپ ئاتالغان خەلقنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بولغان دىڭلىڭلار «ھىند ‿ياۋروپا تىلى» دا سۆزلىشىدىغان ئارىيانلاردىن ئىدى. ئۇلار كېيىن تۈركىي تۈس ئالغان. «خەننامە» نىڭ 94- جىلدىدا گۇاجۇ (؟؟؟ داش ئاتا) نىڭ غەربىي شىمالىدا خۇجيە (قوجۇ ئۇيغۇرلىرى)، ئۇسۇندىن ئىبارەت ئۈچ ئەلنى بېسىۋالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىنىپ ئانچە ئۆتمىگەندىن كېيىنكى ئىش. «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» نىڭ 98- يىلدىلا دىڭلىڭلار بىلەن خۇجيەلەرنىڭ بىر پۈتۈن خەلق ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ ئېگىز ھارۋىلىقلار دەپ ئاتالدى. «يېڭى تاڭنامە» نىڭ 217- جىلدىدا گاۋجۈي گاۋگۇي (ئېگىز ھارۋىلىقلار)نىڭ VII ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
    ھازىرقى كۈندە ئۇيسۇن قەبىلىلىرىنى ھۇنلار تەسىرىدىكى «ھىندى-ياۋروپا تىلى» دا سۆزلەشكۈچى خەلق ئىدى دېگۈچىلەر كۆپەيمەكتە. كىرائۇسي، چارپنېتىر قاتارلىقلار «خەننامە» دە ئۇسۇنلار «كۆك كۆز، قوڭۇر چاچ» ئىدى دېگەن مەلۇماتقا ئاساسلىنىپ، ئۇلارنى كاۋكاز تىپىدىكى ئاق جىنىس خەلق بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلىشماقتا. «خەتنامە، غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە ئۇسۇنلار ئۇلۇغ ياۋچىلار بىلەن بىللە دۇنخۇاڭ (داش ئاتا) ئەتراپىدا ياشىغان دەپ يېزىلغان. شۇ كىتابنىڭ «ھۇنلار تەزكىرىسى» قىسمىدا ئۇرۇشقاق دۆلەتلەر دەۋرىدە ئۇسۇنلار گۇاجۇ (دۇنخۇاڭ) دا ياشىغان دەپ تەكىتلەنگەن. ئۇسۇنلارنىڭ بىر قىسمى كېيىنچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كانگىيە، ئوغۇز ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىگە سىڭىپ كەتتى. بىر قىسمى كاڭئەيسەن تاغلىرى بىلەن كىنتى تاغلىرى ئارىسىدىن، ئورخۇن ۋە تورا دەريالىرى ساھىلىدىن جەنۇبىي ئالتايغا يۆتكەلگەن كەرەي، نايمان ۋە باشقا قەبىلىلەر بىلەن قوشۇلۇپ ھازىرقى قازاق مىللىتىنىڭ ئېتنىك مەنبەلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى.
  ياۋچىلار «خەننامە»دە كۆرسىتىلگەن «ئورا كۆزلۈك، بومبا ساقاللىق، ئاق يۈزلۈك» غەربىي يۇرت تىپىدىكى خەلق ئىدى. بەزىلەر ياۋچى-توخارلارنى ئۇلارنىڭ «توخرى» دەپ ئاتىلىشىغا قاراپ «تۇغلى» ئىبارىسىگە ۋە ئۇنى دىڭلىڭ - «تۇغلۇق» ئىبارىسىگە باغلايدۇ. ياۋچىلارنىمۇ ئاندرونوپ - ئارىيان تىپىدىكى خەلق دېگەن كۆز قاراش ھېلىمۇ ئۈستۈنلۈككە ئىگە. كۇشان  ئۇلۇغ ياۋچى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئالتۇن ئاقچىلىرىدا ئىپادىلەنگەن كۇشان خانلىرىنىڭ تۈسىگە قاراپ گاردنېر ۋە كېنېدىلار كۇشانلارنى «تۈرك قىياپەتلىك كاۋكاز تىپىدىكى خەلق» دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. لېكوك تۇرپان يارغۇل قەدىمكى شەھىرىدە ساقلىنىپ قالغان بۇددا تام رەسىملىرىگە قاراپ ئۇنىڭدا «كۆكۈش كۆزلۈك، ئاق يۈزلۈك» كىشىلەر تەسۋىرلەنگەن، دېگەنىدى.
  بېرنىشتام ياۋچىلار بىلەن ئۇيغۇر - ئوغۇزلارنى بىر خەلق دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ تۈركمەنلەر ۋە قىرغىزلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئائىت ماقالىلىرىدە تۈركمەنلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى مەسىلىسىنى ئۇيغۇر-ئوغۇزلار بىر مىللىي ئېتنىك گەۋدە دېگەن قاراش ئاساسىدا ئىزاھلىغان. ئۇ كاۋكاز قەدىمكى قەبرىلىرىدىن تېپىلغان ھۇن ئادەم سۆڭىكىنىڭ تۈركمەنلەرگە يېقىنلىقىنى، ھۇنلاردا باش سۆڭەكنى كىچىكىدە زاكىلاپ ئۆزگەرتىش ئادىتىنىڭ بارلىقىنى، مۇنداق ئادىتى بولمىغان ئۇيغۇرلار كېيىنچە بۇ ئادەتنى قوبۇل قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بېرنىشتام تۈركمەنلەر -ئوغۇزلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ياۋچىلار ۋە ساكلارغا باغلايدۇ. ئۇ تۈركمەن رىۋايەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېپوسى «ئوغۇزنامە» ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، جۈملىدىن «سۈينامە» 84- يىلىدىكى ئوغۇزلارغا ئائىت خاتىرىلەر بىلەن VIII ئەسىردىكى توخارچە ھۆججەتلەرگە ئاساسلىنىپ، تۈركمەنلەرنىڭ كونا يۇرتلىرى ئىسسىقكۆل بويىدا بولغانلىقى، تۈركمەنلەر بىلەن ئۇيغۇرلاردا ئورتاق ئىسىم ۋە ئورتاق خان _ ئوغۇزخان بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بېرنىشتام تۈركمەنلەرنىڭ بىۋاسىتە ئاتا-بوۋىسى تۈركلەشكەن ئۇيغۇر-ئوغۇزلار دېگەن پىكىرگە كېلىدۇ. بېرنىشتام ئوغۇزخان ئوبرازىنى باتۇر تەڭرىقۇت ۋاقتىدىمۇ مەۋجۇت بولغان قەدىمكى ئوبراز ئىدى، دەپ كۆرسەتسە، تولىستوف «ئوغۇز شەھەرلىرى» دېگەن ماقالىسىدە سىر دەريا بويىدا ئوغۇزلار ھۇن _ ياۋچىلار زامانلىرىدا (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى III - VI ئەسىرلەر) پەيدا بولغان دەپ كۆرسىتىدۇ.
  شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئورخۇن  -يەنسەي ئابىدىلىرى ئۇيغۇر-ئوغۇز تىل گۇرۇپپىسى لەھجىسىدە يېزىلغان. كۆكتۈرۈك خانلىرى ھەشەمەتلىك شەھەر-قەلئە مەدەنىيىتى مۇھىتىدا تۇرغان زامانلىرىدا ئۇيغۇر  - ئوغۇز تىلىنى خانلىق تىلى قىلغان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار سەلتەنەت سۈرگەن ۋاقىتلاردىمۇ ئەھۋال مۇشۇنداق ئىدى. مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتتىت تۈرك» ناملىق تىل خەزىنە كىتابىنىمۇ ئاساسلىقى ئۇيغۇر - ئوغۇز  - تۈركمەن تىللىرىنى سېلىشتۇرۇپ يازغان. «ئوغۇزنامە»، «قۇتادغۇبىلىك»، «ئەتەبۇتۇل ھاقايىق» داستانلىرىمۇ ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر-ئوغۇز تىلى بويىچە، باشقىچە ئېيتقاندا ئۇيغۇر  -قارلۇق تىلى بويىچە يېزىلغان. بىز تەڭرىتاغلىرى ئېتىكىدىكى قەدىمكى قەبىلىلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر  -ئوغۇز -قارلۇق ئېتنىك ناملىرىنىڭ بىردەكلىكىنى كۆرىمىز. پۈتكۈل چاغاتاي دەۋرى ئەدەبىياتى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تەرەققىياتىنىڭ بىر دەۋرىنى تەشكىل قىلدى. بۇ دەرۋردە ئالتۇن ئوردا تۈركىي ئەدەبىياتىدىمۇ «ئۇيغۇرىزىم» (سامايلوۋىچ سۆزى) ئۈستۈنلۈكنى ئالغان بولۇپ، مۇھەممەت خارەزمىنىڭ «مۇھەببەتنامە» داستانى، رابغوزىنىڭ «قىسسەسۇل ئەنبىيا» نەزمە-نەسرى ئەسىرى، ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ «ھېكمەتنامە» ناملىق ئەسىرى ئۇنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. موڭغۇل خانلىرى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىغا ھېرىسمەن بولغانىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتى سۈپىتىدە بىر قىسىم موڭغۇل ئەۋلادلىرى تۈركلىشىپ كەتتى. تۈركلەشمىگەن موڭغۇللار تاكى كەڭ موڭغۇل يايلاقلىرىغىچە ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلىشتى.
  تېلى بىلەن تۆلۆس ئىبارىسىنىڭ بىر ياكى بىر ئەمەسلىكى ھېلىمۇ ئېنىقلانمىغان بىر سىر. رادلوف ۋە يامسۇنلار ئۇنى بىر دېسە، بارتولد ۋە مىلۇرانسكي مۇنداق دېيىشتىن شۈبھىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ما چاڭشۇ «كۆكتۈركلەر ۋە كۆكتۈرك خانلىقى» ناملىق كىتابىدا: «دىڭلىڭ، سۇلى (؟؟؟)، ئېگىز ھارۋىلىقلار، تېلىلار دېگەن ناملار بىر نەرسىنى كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ. «سۈينامە، پېيجۈ (؟؟؟) تەزكىرىسى» دا ئېگىز ھارۋىلىقلار دۆلىتى «تېلى دۆلىتى» دەپ ئېلىنغان. ئورخۇن ئابىدىلىرىدە «تېلېس» سۆزى ئىشلىتىلگەن.
  ھازىرقى ئۆزبېك مىللىتىنىڭ ئېتنىك نامى موڭغۇل نەسەبىدىن بولغان ئۆزبېك خاننىڭ نەۋرىسى مۇھەممەت شەيبانخان باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم قوراللىق دەشتى قىپچاق ئۆزبېكخان قوۋمىنىڭ ماۋەرائۇننەھر ۋە شىمالىي خوراساننى ئىستېلا قىلىشى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزبېك مىللىتىنىڭ ئېتنىك گەۋدىسى يەنىلا قىسمەن سوغدى  -توخار، ئاساسەن ئوغۇز  -تۈركىي خەلققە مەنسۇپ ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تىلى ئۇيغۇر-ئوغۇز تىلى گۇرۇپپىسىغا تەئەللۇق ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تۈركى خەلقلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يېقىنلىقى روشەن. ئەگەر كېيىنكى زامانلاردا يەتتە سۇ ۋە قىپچاق دالاسىدىكى قىپچاق تىللىرى موڭغۇل ۋە ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ تەسىرىگە كۆپ قېتىم ئۇچرىغان بولسا، ئۆزبېكخان قىپچاقلىرى ئېتنىك جەھەتتە پۈتۈنلەي يەرلىك «كونا ئۆزبېك» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر  - ئوغۇز تىلىدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەرگە سىڭىپ كەتتى. دەرۋەقە، مۇستەقىل ئۆزبېك خانلىقى ۋە قازاق خانلىقىنىڭ شەكىللىنىشى، خۇددى ۋىلادىمىرزوف ئېيتقاندەك چىڭگىزخان ئىستېلاسىدىن كېيىنكى ھادىسە بولدى.
  شۇ نەرسىنى تەكىتلەش ھاجەتكى، قىپچاق ۋە ئۇيغۇر  -ئوغۇز تىللىرىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېتنىك گەۋدىسى ھېچقانداق ئەۋزەلىيلىككە ئىگە ئەمەس. ئۇ تارىخىي يوسۇندا ئۆزگىرىپ بارغان كۆپ قاتلاملىق ئۇزاق جەرياننىڭ مەھسۇلى. بۇ خەلقلەرنىڭ ئاساسىي ئورتاقلىقىنى، قىسمەن پەرقلىرىنى، مۇنداق ئورتاقلىق ۋە پەرقلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. مىللەتلەر تارىخى، بولۇپمۇ قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى ئۆزگەرمەس قېلىپتىن چىققان خىش بولماستىن، بەلكى ھەمىشە ئارىلىشىپ تۇرىدىغان كۆپ قاتلاملىق تارىخىي ئېقىندىن ئىبارەت
مەنبە:تەڭرىتاغ مۇنبىرى

sebure 2012-03-03 02:11
قارخانىيلار خانلىقى_ ئورخۇن دەريا ۋادسىدىن غەرىبكەكوچكەن ئۇيغۇر ياغما قەبىلسى تەرپىدىن قۇرۇلغان مەشھۇر خانلق بولۇپ، 9-ئەسرنىڭ ئوتتۇرلىردىن 13-ئەسرنىڭ باشلىرغىچە جەمئي ئۇچ ئەسىردىن كوپرەك ۋاقىت ھوكۈم سۇرگەن.
1.بىلگە كۆل قادىرخان
مىلادىيە 880-ياغما قەبىلسىنىڭ ئاقساقىلى بىلگە كۆل قادىرخان بالاساغۇن شەھرىنى ئشغال قىلىپ، قارخانىيلار خانلىقنڭ رەسمي قۇرۇلغانلىقنى جاكارلىغان.
2.بازىر ئارسلانخان
بىلگە كۆل قادىرخانىڭ ئوغلي. ئۇ بەزى مەنبەلەردە «بارلىقخان»،«قاراخان»دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان.مىلادىيە914-يىلى بالاساغۇن شەھرىدە ۋاپات بولغان.

3.ئوغۇلچاق بۇخراخان
بازىر ئارسلانخانىڭ ئنىسى.مىلادىيە915- يىلىدىن 932-يىلىىغچە تەخىتتە ئولتۇرغان ئەسلي قائدە بويىچە، قارخانىيلارنىڭ تەخىتتىگە بازىر ئارسلانخانىڭ ئوغلى ساتۇق تىكېن ۋارسلق قېلشى كېرەك ئىدى،بىراق ئۇ ئۆز دەۋرىدە تېخى يېشىغا يەتمىىگەن بالا بولغاچقا، تەخىتتكە ئوغۇلچاق بۇخراخان ۋارسلق قىلغان. خاقان ئوغۇلچاق بۇخراخان ئۆز ئورنىنى پەيدىنپەي مۇستەھكەملەپ، جىيەنى ساتۇق تىكېننى چەتكە قاققان. بۇ ھال 16ياشلارغا بېرىپ قالغان ساتۇق تىكېنڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. دەرۋەقە، مىلادىيە932-يىلى ئۇ بىر قاراڭغۇ كېچىدە ئۆز يېقىنلىرىدىن 40 كىشىنى باشلاپ ئوردىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ تاغىسى ۋە ئۇنىڭ بارلىق تۇقانلىرىنى ئۆلتۇرگەن ھەمدە قارخانىيلارنىڭ تەختىنى تارتىۋىلغان.

4.ساتۇق بۇغراخان
ساتۇق بۇغراخان قارخانىيلار خاقانلىرى ئىچىدە تۇنجى بۇلۇپ ئسلام دىنى قۇبۇل قىلغان كىشى. مىلادىيە 933-يىلىدىن 955-يىلىغىچە تەخىتىە ئولتۇرغان. ئسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىىلىپ بەلگىلىگەن ھەم بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان. «قاراخان»، «سۇلتان ساتۇق بۇغراقارخان ئابدۇلكەرىم»دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. مىلادىيە955-يىلى ئاتۇشنىنڭ سۇغۇندا ۋاپات بولغان. سۇلتان ساتۇق بۇغراقارخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن 37مىڭ مۇسۇلمان كاتتا مۇراسىم ئۆتكۇزۇپ ئاستىناتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىغا دەپنە قىلغان.

5.مۇسا تىكىن
سۇلتان ساتۇق بۇغراقارخانىڭ ئوغلى. ئۇ بەزى مەنبەلەردە «مۇسا تۇڭا ئېلىگ»، «بايتاش تېكىن»، «مۇسا ئىبنى ئالدۇلكەرىم»،«مۇسا بۇغرا قاراخان» دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان. مىلادىيە 956-992يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. ئۇ تەخىتكە چىقاندىن كېيىن ئاتىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىىلىپ، پۇتكۇل خاندانلىقتا ئسلام دىىنىنى كۇچەپ يولغا قويغان ھەمدە غەيري ئسلام دىنىدىكى ئدىقۇت خانلىقى ۋە ئۇدۇن بۇددسىت ئۇيغۇر ھاكىمىتىگە قارشى قانلىق جەڭلەرنى ئېلىپ بارغان. .ئۇ ھۇكۇمرانلىق قىلغان دەۋىردە 200مىڭ چىدىر تۈرك ئسلامدىنىغا كىرگەن. مىلادىيە 922-يىلى قەشقەر شىەھەردە ۋاپات بولۇپ، ئاتۇشنىڭ ئازغان يېزىسىغا دەپنە قىلىنغان.

6.ھارۇن بۇغراخان
مۇسا تىكىنىڭ ئىنىسى سۇلايمان ئارسىلانخانىڭ ئوغلى. مىلادىيە993-998-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.«ئەبۇ مۇسا ھەسەن ئەلھارۇن بىننى سۇلايمان» دەپ ئاتالغان.(ئەسلي تەخىتتكە مۇسا تىكىنىڭ ئوغلى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك ئىدى، بىراق مۇسا تىكىنىڭ ئوغلى ئۇدۇن بۇددسىتلرىغا قارشى ئۇرۇشتتا قۇربان بولغان. ) 998-يىلى 11-ئايدا سەمەرقەندن قەشقەرگە يول ئالغاندا يول ئۇستىدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى.ئاستىناتۇشىقا دەپنە قېلىندى.

7.تۇغانخان
مۇسا تىكىنىڭ نەۋرىسى.«تۇغانخان ئەۋۋەل»دېگەندەك نام بىلەن ئاتالغان.مىلادىيە999-1018-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. 999-يىلى سامانىيلار خانلىقىىنى يوقاتقان.1008-يىلىنڭ ئاخىرلىرى ئۇدۇن بۇددسىسلىرىنى تولۇق ئسلاملاشتۇرغان. 1018-يىلى تۇغانخان كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
8.مەنسۇر ئارسىلانخان
تۇغانخانىڭ ئىنىسى.مىلادىيە1019-1024-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.1024-يىلى خانلىقتىن ۋاز كېچىپ تەخىتتنى يۈسۇپ قادىرخانغا ئۆتكۈزۇپ بەرگەن.

9.يۈسۇپ قادىرخان
.قارخانىيلار خاقانلىرى ئچىدىكى باتۇر ھەم ئىستىداتلىق كىشى بۇلۇپ،تارىختا «مەلىكۇل مەشرىق» (شەرىق پادىشاھى) دېگەن نام بىلەن تۇنۇلغان.مىلادىيە 1025-1032-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. مىلادىيە1032-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. مىيتى بوۋىسى سۇلتان ساتۇق بۇغراقارخان بىلەن ئاتىسى ھارۇن بۇغراخاننىڭ ئايقىغا دەپنە قىلىنغان.

10.سۇلايمان ئارسىلانخان

يۇسۇپ قىدىرخاننىڭ چوڭ ئوغلى.مىلادىيە1033-1056-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.مىلادىيە 1056-يىلى ئىنىسى مۇھەممەد بىننى يۇسۇپ بىلەن بولغان جەڭدە ئەسىرگە چۈشۈپ، ئۆلتۇرۇلگەن.

11.مۇھەممەد بىننى يۈسۇپ

ئاكىسى سۇلايمان ئارسىلانخاندىن كېيىن تەخىتتكە چىققان. مىلادىيە1056-1058-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. ئاران 15ئاي خاقان بۇلۇپ، 1058- يىلى تەختتىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن (ئالىم مەھمۇد كەشغارينىڭ ئاتىسى)گە ئۆتۇنۇپ بەرگەن.

12.ئىبراھىم بىننى مۇھەممەد

مۇھەممەد بىننى يۇسۇپنىڭ يەنەبىر ئوغلى. ئۇمىلادىيە 1058-يىلى ئانىسىنڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئوردا سىياسى ئۆزەۇرۇش قوزغاپ،تەختتنى تارتىۋالغان. 1058-1059-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. ئىنكال تېكىن تەرىپىدىن ئۆلتۇرۇلگەن.

13.مەھمۇد بىننى يۈسۇپ

ئبراھىم بىننى مۇھەممەدنىڭ تاغىسى.مىلادىيە1059-1074-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. مىلادىيە1074-يىلى ۋاپات بولغان.

14.ئۆمەر بىننى مەھمۇد

مەھمۇد بىننى يۈسۇپنىڭ ئوغلى.خاقانلىق ئۇنىڭغا ئاران ئككى ئايلا نىسىپ بولۇپ، ھەسەن بىننى سۇلايمان تەرىپىدىن تارتىۋىلىنغان.

15.ھەسەن بىننى سۇلايمان

مەھمۇد بىننى يۈسۇپنىڭ جىيەنى بۇلۇپ، تارىختا <ھارھۇنⅡ>دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. 1075-1102-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. ئۇ باتۇر ھەم ناھايتتى پاراسەتلىك كىشى بۇلۇپ،خانلىقنى ۋە پەن-مەدىىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۇل بۆلگەن.شۇڭا قەشقەردە مىسلسز گۇلۇنۇش بارلىقا كېلىپ،<قۇتادغۇبىلىگ>،<قەشقەرىيە تارىخى>غا ئوىشاش مەھشۇر ئەسەرلەر يېزىلغان.ئۇلۇغ ئالىم يۈسۇپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئەسىرىنى دەل مۇشۇ خاقانغا تەقدىم قىلغان.1102-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.

16.ئەھمەد بىننى ھەسەن

ھەسەن بىننى سۇلايمانىڭ ئوغلى. مىلادىيە 1103-1128-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.1128-يىلى ۋاپات بولغان.

17.ئبراھىم بىننى ئەھمەد

ئەھمەد بىننى ھەسەنىڭ ئوغلى.مىلادىيە 1129-1158-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.1158-يىلى ۋاپات بولغان.

18.مۇھەممەد بىننى ئبراھىم

ئبراھىم بىننى ئەھمەدنىڭ ئوغلى. 1159-يىلى تەخىتتۆە چىققان. [قولىمىزدا ئۇنىڭ ئاخىرقى سەلتەنەت دەۋرى توغۇرلۇق ئشەنچىلىك مەلۇمات يوق.]

19.مۇھەممەد بىننى يۈسۇپ

مۇھەممەد بىننى ئبرايىمنڭ نەۋرىسى.مىلادىيە 1204-1211-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. 1209-يىلى نايمان قەبىلىسىنىڭ شاھزادىسى كۈچلۈك قىتاننلار تەختتنى تارتىۋىلىپ ، قەشقەر ۋە خوتەن رايۇنىنى زورلۇق بىلەن ئىگەلىۋالغان.بۇنىڭ بىلەن قارخانىيلار نامىدا بار ئەمەلىيەتتە يوق خانلىققا ئايلىنىپ قالغان.1211-يىلى بىننى يۈسۇپ يەرلىك ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۇرۇلگەن.

20.مۇھەممەد

قارخانىيلار خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خاقانى.مىلادىيە 1211-يىلى خاقانلىق تەختىگە چىققان.سەلتەنەت دەۋرى ھەمدە مۇھەممەد بىننى يۈسۇپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. ئۇ تەخىتگە چىقىپ بىر يىلدىن كېيىن نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك قارخانىيلار خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.

نەتىجىدە،قارخانىيلار خانلىقىنىڭ ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك داۋاملاشقان ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى.

مەنبە:خاقانىيە مۇنبىرى

kapqigay 2012-03-03 14:17
ناھايىتى كۆپ ئەجر قىپسىز

natiwan 2012-03-04 11:09
ناھايتى ياخشى ئۈچۈر بوپتۇ.

gulhan 2012-03-05 01:59
ئەجرىڭىزگە رەخمەت . بەك ياخشى ماتىرياللارنى يوللاپسىز...

koksangun 2012-03-05 13:42
سۇلۇن قىز ، بىر يىللىق يوللانمىنى بىر يوللىدىڭىزمۇ نېمە ؟
بۇنىڭ ئىچىدە پايدىلىنىش قىممىتى زور ماتېرىياللار كۆپكەن ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت .

tax 2012-03-05 16:09
بىر بىرىدىن ېسىل ئەسەرلەر ئىكەن. كۆپ جاپا تارتىپسىز، رەخمەت

laziya 2012-03-05 21:03
يېڭى تەۋپىقداشنى قارشى ئالىمىز. ھەقىقەتەنمۇ قىممەتلىك ماتېرىياللارنى سۇنۇپسىز . ھارمىغايسىز

gulhan 2012-03-06 00:55
بۇ تېممىلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئىكەن. مۇنبەر باشلىقلىرى نادىرلاپ قويسا بولغىدەك...

nihmat 2012-05-06 20:51
ناھايىتى  ياخشى !

akida228 2012-05-06 21:53
كۆپ ئەجىر سىڭدۇرۇپسىز ،پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى ماتىرىياللار ئىكەن كۆپ رەھمەت سىزگە

danix 2012-05-07 15:09
     نۇرغۇن ئىزدىنىشلىرىڭىزنىڭ مەھسۇلى بولغان ئوبدان تېمىلارنى
يوللاپسىز . بولۇپمۇ 12 مۇقام ھەققىدە يوللىغان تېمىڭىز ماڭا بەك ياقتى .
رەھمەت سىزگە ! ھېرىپ قالمىغايسىز .

koksangun 2012-05-07 15:58
سۇلۇن قىز بۇ ماتېرىيالنى يوللاپ بولۇپلا ئۈچەككە كىرىپ كەتتى - دە . قايتا كورمىدۇققۇ سىزنى .
بۇ ماتېرىياللار بىزگە بەك زۆرۈركەن ، بەزىلىرىنىڭ مەنبەسى ئېنىق ئەسكەرتىلمىدىمۇ قانداق؟
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدىكى پايدىلانمىنىڭ قىممىتى ھەقىقەت زوركەن ، مەنبەسىنى ، پايدىلانغان ماتېرىياللارنى قوشۇپ يوللاپ قويسىڭىزچۇ ؟

ياسىنجان510 2013-11-17 17:56
بۇ تارىخىي ماتىريال ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن،ئەتىراپلىق ئىزدىنىپسىز ،رەھمەت...

ياسىنجان510 2013-12-29 15:21
ياخشى يازما ئىكەن،رەھمەت سىزگە.


查看完整版本: [-- 12مۇقام ناملىرىنىڭ مەنىسى ۋە تارىخى .. --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled