查看完整版本: [-- باراڭ ئاستىدىكى ئايال --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> باراڭ ئاستىدىكى ئايال [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-03-02 16:11

باراڭ ئاستىدىكى ئايال

باراڭ ئاستىدىكى ئايال
 
 
(ھىېكايە)
 
 
  تۇدىمەمەت سەئىدى
 
     خانزەدەمنىڭ ياشلىق باھارى قەشقەر شەھىرىدە، ئاھ ئۇرۇپ ھەسرەت چېكىپ، ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىش ھەسرىتى ئىچىدە قىلچە قىممەتكە ئىگە بۇلالماي ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى. قارىماققا ئىنتايىن كەمتەر، ئەدەپلىك كۆرۈنگەن بۇ ساھىپجامالنىڭ سەل ئاچچىقى يامانراق ئىدى.
   ئاتا-ئانىسىنىڭ رايىنى قايتۇرالماي تۇنجى قتم بىر ئەرگە تەگدى،ئەپسۇس، تەككەن ئىرى بولسا ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشۈنۈش ھاسىل قىلالمايدىغان، ئۆز ئارزۇسىنىلا چىقىش قىلىپ كۆپلىگەن قىزلارغا مۇھەببەت تەلىپى قويۇپ مۇھەببەت تورىنى ھەممە يەرگە تەڭ يايىدىغان، چىرايلىق قىزلارنى كۆرسە ئايالىم يوق دەپ قايناق ھىسسىياتلىق ئىبارىلەر بىلەن ئاغزى بېسىلماي سۆزلەپ كىتىدىغان ھەقىقى مۇھەببەت ئوغرىسى ئىدى.
    خانزادەم ئۆزىنى بىر كۈرۈپلا ئاشىق بۇلۇپ قالغان، دادىللىق بىلەن ئاتا-ئانىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆز كۈچى بىلەن ئۆزىنى مەجبۇرى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان بۇ باي غۇجام ئىرىنىڭ نۇرغۇن يىتەرسىزلىكلىرى بولسىمۇ، يەڭگىللىك قىلماي، ئۆز سەمىمىيىتى ئارقىلىق ئېرىنى باشقا گۈزەللەرگە قاراتماي نىكاھىنى قوغداپ قېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەرنى خاتا تاللىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى-مەن سىنىڭ ئېرىڭدىن ھامىلدار...
تۇساتتىن پەيدا بولغان قۇرسىقى تومپايغان سېرىق چاچلىق، ئەپتىدىن چەتئەللىكتەك ياسىنىۋالغان، تىرناقلىرىنى قارا رەڭدە بويىۋالغان بۇ ئايال بەئەينى بىر قونچاققا ئوخشايىتتى.
-بۇ ئايال نېمە دەيدۇ؟ ساراڭمۇ يا؟-دېدى خانزادەم ئىرىگە قاراپھەيرانلىق بىلەن -راست دەيدۇ، بىر ئەرگە 5خۇتۇن ھالال، مىنىڭ يەنە باشقا شەھەرلەردىمۇ سەندىن باشقا ئېلىپ قويغان خۇتۇنلۇرۇم بار، چىدىساڭ ئولتۇرغىن-دىدى ئېرى ھاياسىزلارچە.
تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمايدۇ. ئەمدىلىكتە خانزادەمنى ئىرى بۇ ئۆيگە مەجبۇرى سۇلاپ قويغان تەقدىردىمۇ بىر مىنۇت تۇرالمايىتتى، خانزادەم قاتتىق خورلۇق ھىس قىلدى، خانزادە م ئۆزىنىڭ نىكاھىنى ئەڭ رومانتىك، كىيىنچە ئەڭ بەخىتلىك قىزلاردىن بولالايدىغان بولدۇم دەپ شېرىن چۈشلەرنى كۆرگەن ئىدى.
خانزادەم داتلاپ قالغان بۇنداق نىكاھ زەنجىرىگە باغلىنىپ قېلىشنى ھەرگىز خالىمايىتتى. تۇنجى ئىرىدىن ھېچنىمە ئالماي ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى تويدا سوۋغا قىلغان زىننەت بۇيۇملىرىنىمۇ قالدۇرۇپ باي غۇجام ئائىلىسىگە باي كىرىپ نامرات پېتى، قول سېلىپ دەرھال ئاجراشقىنىغا خۇش بولغان خانزادە م ئۆزىنىڭ بۇ شەھەردە تۇرالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى-دە، ناتۇنۇش بىر شەھەرگە ئۈرۈمچىگە يۈرۈپ كەتتى.
 خانزادەم ئەسكى قىزلار ماڭغان كۇچىغا كىرمىسىمۇ، لېكىن نامراتلار كۇچىلىرىدا ئۆي ئىجارە ئېلىپ كىشىلەرنىڭ يۈگۈر-يىتىم ئىشلىرىنى قىلىپ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن جېنىنى جان ئىتىپ كىتىپ باراتتى.
خانزادەم ئەمدى توي قىلسا نامرات يىگىتكە تىگىپ جاپا تارتىشقا رازى ئىدىكى، پۇلى كۆپ بايۋەتچىگە تىگىپ خار بۇلۇشنى خالىمايىتتى. نام-ئابرويى يوق مەدىكارغا تىگىشكە رازى ئىدىكى، مەرتىۋىسى، ھۇقۇقى بارلارغا تىگىپ ھۇقۇق-مەرتىۋىسىنى كۆز-كۆز قىلىشنى تېخىمۇ خالىمايىتتى.تاسادىپى تۇنۇشۇپ قالغان قامەتلىك بۇ ئشلەمچى يىگىت زاھىرنىڭ ئىللىق مىھرى، خانزادەمنڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، ئۇنىڭغا ئەمدىلىكتە چەكسىز كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلاپ كىشىلىك ھاياتتىكى بەخىتنى ھىس قىلدۇردى.خانزادەم مانا زاھىردەك قىزلارغا كۈيۈنۈشنى بىلىدىغان ھەقىقى ئەزىمەتلەرنى ياخشى كۆرەتتى. مۇھەببەتنىڭ ئوتلۇق رىشتىسى خانزادەم بىلەن زاھىرنى چېتىپ، ئاجايىپ گۈزەل مۇھەببەت گۈلى ئېچىلىشقا باشلىدى.
-توي خېتى ئالغاندىن كىيىن ئاندىن بىر ئۆيدە تۇرايلى-،دىدى خانزادەم ياتىقىدىن چىققىلى ئۇنىمىغان زاھىرغا قاراپ.
-بۇنداق چوڭ شەھەردە توي خېتى ئالىدىغان يەرنى نەدىن تاپىمىز، ئەتىلا بىر ئاخۇن تېپىپ نىكاھلىنايلى...، كىيىنچە توي خېتى ئالساقمۇ بۇلار جېنىم...
خانزادەم قۇشۇلدى.
خانزادەمنىڭ مۇھەببەتلىك 2-تويى ئاشۇ كاتەكتەك بىر ئېغىزلىق ئىجارە ئۆيدە، ناتۇنۇش بىر ئادەمنىڭ ئاۋازىنى چىقارماي ئىچىدە ئايەت ئۇقۇپ ئالدىلىمۇ؟-تەگدىلىمۇ؟ دىيىشى بىلەن خۇشاللىق ئىچىدە ئۇنتۇغۇسىز ئۆتتى.ئۇزۇنغا بارماي خانزادىنىڭ بۇيىدا قالدى. زاھىرنىڭ ئوتتەك مۇھەببىتى، خانزادەمنىڭ شىجائىتىنى ئۇرغۇتۇپ گۈزەل ھىسلارنى ئويغاتتى.
-خۇتۇن، بويۇڭلاردا قالدى، ئۇزۇن ئۆتمەي تۇغىسىلە، كۈرۈپ تۇرۇپسىلە، بىز بەك نامرات، مەن پۇل تېپىپ بېيىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتىمەن، بالىغا پۇل كىتىدۇ، جاننى جان ئەتمىسەك بولماس، سىلىنى بىللە ئېلىپ كىرەي دىگەن، بۇيۇڭلاردا بار جاپا تارتىپ قالىسىلەر، ماڭا ئىشەنسەڭلا مەن ئىچكىرىگە كىرىپ پۇل تېپىپ چىقاي، سىلەر قەشقەرگە  بېرىپ بالىنى تۇغۇپ تۇرغاچ تۇرساڭلار بۇلامدىكىن، ياق دىسەڭلار خوتەنگە  كىتەيلى، لېكىن ئائىلىمىز نامرات، يۇرتقىمۇ پۇل تېپىپ بارمىساق بولماس؛-دىدى زاھىر سەۋىرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ.
-بىز ئەر-خوتۇن بولدۇق، سىز نىمە دىسىڭىز شۇ ھىساپ بولسۇن، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، ئېزىپ-تېزىپ باشقا خوتۇن ئالمىسىڭىز مەيلى، ئىچكىرىگە كىرسىڭىز كىرىڭ؛-دىدى خانزادەم .شۇنداق قىلىپ بۇ بىر جۈپلەر كۆزى قىيىشمىغان ھالەتتە ئەنە شۇنداق ۋاقىتلىق ئايرىلىشتى.خانزادە بىر ئۇغۇل تۇغدى، بالا 3ئايلىق بولدى، زاھىر خەۋەر تاپقان بولسىمۇ كەلمىدى، خانزادەم تېلىفۇن قىلدى.
-بالا سىزنى سېغىندى، دەرھال كىلىڭ، گىپىڭىزنى ئاڭلاپ سىزنى ساقلىدىم؛-دىدى خانزادەم .زاھىرمۇ ئاخىرى كەلدى، ئوماق ئوغلىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئەركىلەتتى.
خانزادەم زاھىرنىڭ نامرات ئائىلىسىدە بىر يىل جاپا تارتتى، ئەمدىلىكتە خانزادەم نامراتلىقتىن تولا ۋايسايدىغان بولدى.دىمىسىمۇ زاھىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ ياقا يۇرتلۇق كىلىنىنى ئۆچ كۈرەتتى.
-ئوغلۇمنى ئازدۇرۇپ بىر قانچە يىل سەرسان قىلغان خۇتۇن بۇ..
-ئاكامنىڭ بۇرنىدىن يىتىلەپ يۈرۈپ ئاكامنى قاق سەنەم قىلىپ نامرات پېتى ئېلىپ كەپتۇ بۇ قانجۇق...
-ئۇكامدەك چىرايلىق بالىغا خوتۇن بۇلىۋېلىپ ئېتىز ئىشىنى قىلماي ئولتۇرۇشلىرىنى بۇ قاسماقنىڭ...
-ھوي خېنىم كىر يۇيىلى...
-ھەي... مال مەقىرەپ كەتتى، ئوت ئېلىپ كىرىڭ...
-ھەي، قورساق ئاچتى تاماق ئىتىڭ...
-ئۇكامنى بوزەك كۆرۈپ، نىمانداق قىممەت كىيىم كىيىۋالدىڭ، ئۈزەڭنى بازارغا سالامتىڭ خېنىم مەھەللىدە...
-ھەي، ياغلىقنى چوڭقۇر چىگىڭ، نىمە ئۇ، چېچىنى مايلاپ قاۋاقخانا قىزلىرىدەك يۈرۈشىنى بۇنىڭ، بۇ يەر چوڭ شەھەر ئەمەس....
شۇنداق نەشتەردەك سېسىق گەپ-سۆزلەر ئالدىدا ئاچچىقى يامان خانزادەم گاھىدە زاھىرنىڭ توققانلىرى بىلەن يۈزمۇ يۈز توۋلىشىپمۇ قۇياتتى .
بارا-بارا مەھەللە تەۋەسىدە خانزادەمنىڭ تۇرغىدەك رىزاچىلىقى قالمىدى.تۈگىمەس دەتالاش، نامراتلىق، ھەر خىل ئىشلار، خانزادەم ئۆزىنىڭ بىر دىدەككە، نامرات ئائىلىنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدى.«مۇھەببەت، نىكاھنىڭ ئۈزۈلۈشى بېشىمغا بىر قېتىملا كەلمىدىغۇ؟» مەن ئايرىلىشنىڭ تەمىنى تېتىغان، بىرىنچى قېتىم ئايرىلىپ بەختىمنى تاپتىم، ئەمدى ئايرىلىپ ۋاقىتلىق يۇرتۇمغا بالىنى تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتسەم، بالىنى قانچىلىك باقىدۇ كۆرەپ باقاي، كەينىمدىن زاھىر قېچىپ چىقمىسا قۇلۇقۇمنى كىسىپ بىرىمەن، زاھىر مىنى ياخشى كۈرىدۇ، مەن يۇرتۇمغا چىقىپ كىتەي، كەينىمدىن بالامنى ئېلىپ چىقسا، زاھىر بىلەن يەنە بىر مەھەل سەرگەردانلىق تۇرمۇش كەچۈرۈپ ئىككى بالىلىق بۇلۇپ كەلسەم، زاھىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر نېمە دەيدىكىن قېنى؟ كۆرۈپ باقايچۇ! خەپ....-دىگەنلەرنى خىيال قىلغان خانزادەم يۇرتىغا مېڭىشقا تەييارلىق قىلدى.
-يۇرتقا مېڭىشقا پۇل كىتىدۇ، ئاۋۋال خۇتۇنۇڭنىڭ سۆزىنى بەر، ئاندىن يولغا سالايلى-دىدى ھازىرنىڭ سىڭلىسى.
زاھىر خانزادىنىڭ سۆزىنى بەردى.
خانزادە بالىسىغا تارتىشتىيۇ، دىلىغۇل بۇلۇپ قالدى.
ئەگەر بالىنى ئېلىپ كەتسە، زاھىرنىڭ كەينىدىن چىقماسلىقىدىن ئەنسىرىدى-دە، بالىغىمۇ تارتىشماي ئۇدۇل يۇرتىغا چىقىپ كەتتى، خانزادە بىلەن زاھىر ئارىلىقىدا توي خېتى بولمىغاچقا سۆزىنى بىرىپلا نىكاھى ئاخىرلاشتى، خانزادە قەشقەردە  زاھىرنىڭ پۇشايمان قىلىپ بالىنى ئېلىپ ئۆزىنى ئىزدەپ چىقىشىنى كۈتمەكتە ئىدى....
 خانزادە چىقىپ كىتىپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە زاھىرنىڭ كاللىسى ئۇماچ بۇلۇپ كەتتى.
-ئاكا، ساڭا تۇمۇچۇقتەك خۇتۇن تەييار قىلدۇق.
-بالاڭنى ھەرگىز ئۈگەيلىمەيدۇ، ئۆز بالىسىدەك باقىدۇ.
-ساڭا كۆيگىلى خېلى بۇلاپتىكەن...
-قۇلى گۈل، چىۋەر...
-ئائىلىمىزگە ئاپەت ئەمەس، ئامەت ياغدۇرىدۇ...
-بالاڭنىڭ كەلگۈسىنى ئويلا، كۆرگەنسەن ئىككى ياشلىق ئوغلىغا كۆزىنى قىيىپ چىقىپ كەتكەن خانزادەمدەك ئايالنىڭ تارتىشىدىغان نەرى بار.
-بۇ قېتىم پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىساڭ مەڭگۈ پۇشايماندا قالىسەن...
-ياق، توختاشقا، ساقلاشقا بولمايدۇ...
دەرھال توي خېتى ئېلىشىڭ كىرەك، توي قىل...
  ئۇرۇق تۇققانلىرنىڭ ھەر خىل گەپ سوزلىرى زاھىرنى ئارسالدى قلىشقا باشلىدى،زاھىر بىلەن زىننەتنىڭ تويى بولدى، مانا زاھىر زىننەت بىلەن توي قىلىپ بالىسىنى بىرلىكتە بېقىشقا باشلىدى.قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە زاھىر زىننەتنىڭ ئالدىرىتىشى، زىننەتنىڭ ھۈنىرىگە تايىنىپ خېلى پۇل تاپتى، ئۇلار ئۆيلىرىنىمۇ يىڭىلاپ سېلىۋالدى.
خانزادەم زاھىرنىڭ ئۆزىگە يۈزسىزلىك قىلىپ خۇتۇن ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق خاپا بولدى، بىراق ئويلاپ-ئويلاپ بۇنداق نامرات ئەرلەرنىڭمۇ ئاياللىرىنى بەخىتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى، ھەممىسىنىڭ ئوخشاشلا ئۈجمە كۈڭۈل ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئەرلەرگە لەنەت ئوقۇپ بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن بالىسىنى سېغىنىش، بالا ئوتى خانزادەمگە ھېچ ئارام بەرمىدى-دە، ئاخىرى بالىسىنى كۈرۈش ئىستىكىدە، زاھىرنىڭ يۇرتىغا  خوتەنگە پويىز بىلەن كەلدى.پويىزدىن چۈشۈپ زاھىرنىڭ ئۆيىنى تەستە تاپتى، قاراپ ھەيران قالدى.ئەسلىدىكى كونا تاملىققا قىشلاپ سېلىنغان يىڭى ئۆي، ياغاچ غارال دەرۋازا ئورنىغا چوڭ دەرۋازا ئالماشقان ئىدى.ئىشىك نۇمۇرى ئۆزگەرمىگەن بۇلۇپ بۇرۇنقى پېتى تۇراتتى.خانزادەم ئۆيدە ھېچكىمنىڭ يوقلىقىنى كۈرۈپ، ئارقا ئىشىك بىلەن ئۆي ئىچىگە كىردى.خانزادەم ئازاپلىنىشقا باشلىدى.«نىمانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولغان ھە! ئەجەپ ئىش، مەن بار چېغىمدا سالمىغان ئۆي، ياسىمىغان ئۆي، ئالمىغان كىيىم....، ئەمدىلىكتە ئەجەپ ئىش بوپتۇ، تامدىكى كۈلكە يېغىپ تۇرغان زاھىر بىلەن ئايالىنىڭ سۈرىتى، ھەر ھالدا بالىنى ئوتتۇرىغا ئېلىۋاپتۇ....، توۋا زاھىر، ماڭا نىمىشقا ئۆچلۈك قىلىدۇ، مىنىڭ دەردىمنى كىم چۈشىنىدۇ؟ يامانلىقىنى، بالىنى مەن تاشلىۋېتىپ چىقىپ كەتكەن دىگەن قىياپەتكە كەلتۈرۈپ مىنى مەڭگۈ ئۆلسۈن دەمدىغاندۇ؟...ئۆلۈش، ھەممىڭ ئۆلۈش...-خانزادەم ئۆي ئىچىگە كىرىپ گاز ئوچاقنى ئاچتى-دە، ئوت تۇتاشتۇرۇپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى.ئوت ئۇلغۇيۇپ كۈيۈشكە باشلىدى.خانزادە تال باراڭ جاھازىلىرى ئارىسىغا بېرىپ يۇشۇرۇنۇۋالدى.
-ئوت كەتتى....ئادەم بولساڭ يۈگۈر....
كىشىلەر تەرەپ-تەرەپتىن كىلىپ يالقۇنجاپ كۈيۈۋاتقان ئوتنى ئۈچۈرۈۋېلىشتى، خانزادەم ئۆز ئوغلىنى كىشىلەر توپى ئارىسىدا كۆردى، زاھىرنىڭ ئوغلىنى يىتىلەپ، قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ كۆز يېشى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باراڭ ئارىسىدىن چىقىپ يېنىغا بېرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن زاھىرنىڭ خۇتۇنىدىن قورقتى بولغاي كەينىگە يېنىپ ماڭدى.بىردەم ماڭغاندىن كىيىن، ئوغلىنى يەنە بىردەم كۈرۈۋېلىش ئۈچۈن تال جاھازىلىرى ھەم تال باراڭلىرى ئارىسىغا قايتىدىن باردى، ئوغلىغا بىردەم قارىدى.
-تۇتۇۋالدىم، كىلىڭلار، بۇ ئوتنى خانزادەم قاراملىق قىلىپ قويۇپتۇ، مانا...
زاھىرنىڭ قوشنىسى خانزادەمنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋالدى، خانزادەمنى كىشىلەر ئورىۋالدى.خانزادەم تۈرمىگە كىرىپ قالدى، ئۇ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرارقىلدى.
ھەيۋەتلىك سوت زالى . 
سوتچىى جاراڭلىق ئاۋازدا ھۆكۈم ئېلان قىلماقتا ئىدى:
-جاۋاپكار خانزادەمنىڭ ئوت قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىگە دەخلى تەرۇز قىلغان قىلمىشىدىن شەخسلەرنىڭ مال-مۈلكىنى قەستەن ۋەيران قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دىلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسىنىڭ ئاساسى بار، قوللاشقا بۇلىدۇ. جاۋاپكارنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ قويسا دىگەن ئاقلاش پىكرىنىڭ قىسمەن ئاساسى بار، قۇبۇل قىلىشقا بۇلىدۇ.
جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە جىنايەت سادىر قىلىشتىكى مەقسەت، مۇددىئاسى، جىنايى ۋاستىسى، ئاقىۋىتى، كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنى، جىنايى قىلمىشىنى تۇنۇش پۇزىتسىيەسى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ تۈۋەندىكىدەك جازا ئۆلچەندى.
جاۋاپكارغا شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ۋەيران قىلىش جىنايىىت بىلەن 1يىل 6ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلسۇن!
قوشۇمچە ھەق-تەلەپ قىسمىدا 15518يۈەن زىياننى قوشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاگىرىگە تۈلەپ قايتۇرسۇن!
خانزادەمنىڭ كۆزىدىن بىر تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى.
خانزادەم ئوغلىنىمۇ باغرىغا باسالماي، مەھبۇسلۇق ھاياتىنى باشلىدى...
 
 ئاپتۇر: قاراقاش ج خ ئىدارىسىدىن

kabiljan 2012-03-12 01:59
ۋاھ تۇردىمۇھەممەتنىڭ ھىكايىلىرىغا كىرىشىپلا قالدىمغۇ مەن!


查看完整版本: [-- باراڭ ئاستىدىكى ئايال --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled