ئارامسىز كېچە (ھىكايە)
ئارامسىز كېچە (ھىكايە) تۇدىمەمەت سەئىدىئاينىيازنىڭ ئىمىن توختىغا بولغان مۇھەببىتى مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىنلا ئۆزگىرىپ كىتىدىغان، ياكى بىر دەمدىلا غايىپ بۇلىدىغان مۇھەببەت ئەمەس ئىدى. ئاينىياز ئىمىن توختىنى ھەقىقى ياخشى كۆرەتتى، خېلىلا چوڭ بۇلۇپ قالغان قىزى نەفىسە ئۇلارنىڭ شېرىن مۇھەببىتىنىڭ مىۋىسى ئىدى. ئىمىن توختى بىلەن ئاينىيازنىڭ بىر قانچە يىللىق ئەر-خۇتۇنلۇق تۇرمۇشى تىپتىنىچ كۆل سۈيىگە ئوخشاش ھېچبىر داۋالغۇسىز ئۆتتى، مانا ئاينىيازمۇ 35ياشلارنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالدى، ئۇنىڭ ساقچىلارغا خاس ئاددى ۋە رەتلىك كىيىنىپ يۈرۈش ئادىتىمۇ ئەزەلدىنلا ئۆزگەرگىنى يوق. ئاينىياز ئالدىراش ھالدا موتوسىكىلىتقا مىندى-دە، سەھەردىلا ج خ ئىدارىسىگە ماڭدى، ئىدارە ئالدىدا ساۋاقدىشى خالىدە تۇراتتى، ئۇلار سالاملاشتى... خالىدەمۇ 35ياشلاردىن ھالقىغان بولسىمۇ، كىيىنىپ يۈرۈشلىرى خۇددى ئەمدىلا توي قىلغان قىزلارغا ئوخشايىتتى. -ۋىييەي ئاداش، سىنى باك ساقلاپ كەتتىم، خالىدە يېڭى سېتىۋالغان كىيىملىرىنى كۆز-كۆز قىلغاندەك ئاينىيازغا قارىدى. -ھە، نىمە ئىش ئىدى، تېلىفۇن قىلساڭ بولماسمىدى-دىدى ئاينىياز. -ئاخشامدىن بىرى تېلىفۇنۇڭ توختاپ قاپتۇ، ئالاقىلىشالمىدىم-دىدى خالىدە. ئاينىياز تېلىفۇننى قولىغا ئالدى، دىگەندەك تېلىفۇن ئاخشامدىن بىرى توختاپ قالغان ئىدى. -ھەي ئەخمەق، قارا ئەپتىڭگە، خۇددى ئەرلەردەكلا، ھەر قارىسام فورماڭ بىلەن يۈرۈيسەن، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۈزەڭنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرگىن،-دىدى خالىدە. -ئەپتىمگە نىمە بوپتۇ؟ بىر ئوبدان تۇرمامدۇ مانا، خىزمەتنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن ھەر كۈنى ساقچى فورمىسى كىيىمەن، كىيىملىرىم سىنىڭ نەرىڭگە تاقاشتى، قاق سەھەردىلا مۇشۇ گەپنى دىگىلى مەكتىۋىڭگە بارماي ساقلاپ تۇرغانمىدىڭ؟-دىدى ئاينىياز دوستى خالىدەگە زەردە بىلەن. -مەن دىگەننى كەيمەي، كىيىن ئىمىن توختى سەندىن تېنىپ كەتسە نىمە دەيسەن؟-دىدى خالىدە سومكىسىنى تۈزەشتۈرۈپ. ئاينىيازنىڭ بېشىدىن بىر چىلەك سۇغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك بولدى. -سەن ئىمىن توغۇرلۇق بىرەر گەپ ئاڭلىغان ئوخشىمامسەن؟-دىدى ئاينىياز سەل گۇمانسىراپ. دىمىسىمۇ ئاينىيازنىڭ كېلىشكەن، قامەتلىك ئېرى ئىمىن توختى خالىدە بىلەن بىر سەپتە، مائارىپتا خىزمەت قىلاتتى. -ياقەي، مەن سەن بىلەن يېقىن دوست بولغاندىكىن، شۇنداق كۈنلەر كەلمىسۇن دەيمىنا، ياسىنىپراق يۈرگىن، ئۇنچە بەك تىجەشلىك بولۇپ كەتمە، ئىقتىسادىڭ يار بەرمىسە مەن ياردەم قىلىمەن، شەنبە كۈنى 3مىڭ سوملۇق فىرانسىيە كىيىملىرى كەپتۇ، بىرگە بېرىپ ماگىزىن ئارىلىغاچ بىردىن سېتىۋالىمىز، دىمىسىمۇ چوڭ-چوڭ باشلىقلارنىڭ خوتۇنلىرى ئۇ كىيىملەرنى سېتىۋاپتۇ، بىزنىڭ ئۇلاردىن نەرىمىز كەم؟ مەن بىلەن چۇقۇم بارىسەن!-دىدى خالىدە. -مەن شەنبە كۈنى ئىشلەيمەن، كىيىملىرىڭنى ئۈزەڭ ئېلىۋال، قارىمامسەن، مىنىڭ كىيىملىرىم خېلى بار، سەندەك مودا قوغلاشمىساممۇ بۇلىدۇ خېنىم، خوش!-دىدى ئاينىياز. ئاينىياز ئىشخانىسىغا كىردى، بىردەم ئولتۇرۇپ ىيال دىڭىزىغا غەرق بولدى، ئاينىياز ئۆزىنىڭ ئىمىنگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ بەخىتسىز مۇھەببەت بۇلۇپ قېلىشىدىن، نىكاھىغا چاك كىتىشىدىن ئەنسىرىدى. شۇنداق! ئاينىياز ئۆزىنىڭ چەكسىز بەخىتكە تەلپۈنۈپ خۇشال ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىنىڭ كۈپۈككە ئايلىنىشىنى خالىمايىتتى، دىمىسىمۇ ئاينىيازنىڭ ئالدىغا كەلگەن دىلولىرىنىڭ كۆپىنچىسىدىكى ئەرلەر ئاياللىرىغا ئاسىيلىق قىلغان، ئاياللىرىنڭ ئەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلغان سەۋەپلىك قانلىق ۋەقەلەر، ھەر خىل جىنايى قىلمىشلار شۇ سەۋەپلىك يۈز بەرگەن ئەمەسمۇ... ئاينىياز ئويلاۋىرىپ دىلىغۇل بۇلۇشقا باشلىدى. چۈنكى ئىمىن توختىنىڭ يېقىندىن بىرى خىزمەتلىرى ئالدىراش بۇلۇپ، داۋاملىق سىرتلارغا قاترايدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى. ئاينىياز ئەتتىگەندىلا تېلىفۇننى ئېچىۋەتتى، دىلوغا يازىدىغان خۇلاسە يېزىلىپ تۈگىگەندىن كىيىن دوستى خالىدەگە تېلىفۇن قىلدى. -كىيىم ئېلىش ئىدىيەڭدىن ئۆتتىمۇ ئاداش-دىدى خالىدە تېلىفۇندا. -قويە، مەن سەندىن قاچان لاتا-پۇتا ئالىدىغان ئىش توغرىلىق مەسلىھەت ئالغان؟ ئۇنداق نەرسەڭنى ئۆزەڭ ئېلىۋال، كۇچا خانىشى بولغاندىكىن... مەن سەندىن بىر گەپ سورىماقچى...-دىدى ئاينىياز. -كىم كۇچا خانىشىكەن، بولدى ئەجەپ سېسىق گەپ قىلدىڭا، بولدى ئۇنداق كىيىمنى ئالمايلى. ھە، گەپ بولسا سوراۋەرگىنە، تۇلا گەپ قىلىپ سالسام مىنى يەنە سېسىق گەپلىرىڭ بىلەن تويغۇزمىغىن-دىدى خالىدە ئېغىزىنى ئۈمچەيتىپ. -خالىدە، سەندىن باشقا يېقىنىم يوق، بىرەر گەپ سۆز ئاڭلىغان بولساڭ ئۇدۇللا دەۋەرگىن، ئىمىننىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى يېقىندىن بىرى بۆلەكچىلا بۇلۇپ قالدى-دىدى ئاينىياز. -ساڭا مەن نىمە دىدىم، ئۈزەڭنى تۈزەشتۈرۈپ يۈر دىمىگەنمۇ، ساڭا ئۇدۇللا دىسەم ئېغىر كەلمىسۇن دەپ دىيەلمىدىم ئاداش، سىنىڭ ئىمىنىڭ مىنىڭ يولدىشىم بىلەن بىر قانچە قېتىم ياش خېنىملار بىلەن رەڭلىك ئولتۇرۇپتۇ، مەن ھازىر يولدىشىمنى مارىلاۋاتىمەن، نەق تۇتۇلغان ھامان ساڭا تېلىفۇن قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى ئوبدان بىر بەرمىسەك بولمايدۇ، ئەگەر شۇنداق قىلمىساق بىزدىن تانسا قانداق قىلىمىز؟-دىدى خالىدە. -ئىمىن ئۇنداق رەڭلىك ئولتۇرسىمۇ چاتاق چىقارمايدۇ-دىدى ئاينىياز. -بەز يىمەيدىغان مۈشۈك بارمۇ ئاداش، ئىشقىلىپ مىنىڭ مارىلىغىنىم مارىلىغان-دىدى خالىدە. ئاينىياز تېلىفۇننى قويىۋەتتى، ئاينىيازنىڭ يۈرىكى ئېچىشىشقا باشلىدى. قانداق قىلىش كىرەك؟ ئاينىيازغا ئىمىننىڭ يالقۇنلۇق مۇھەببىتى كىرەك ئىدى، ئىمىننىڭ ھەر قانداق بوران-چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يالقۇنلۇق مۇھەببىتى كېرەك ئىدى. تۇرمۇشنىڭ قايناق ھىسلىرى قايسى كىشىنىڭ يۈرىكىگە غۇلغۇلا سالمىغان؟ قايسى كىشى ئۇيقۇسىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ ۋەسۋەسىگە سالمايدۇ... ئاينىياز تىگى يوق خىياللارغا بەنت بولدى، ئىنسان ھاياتى گۇيا چايقىلىپ تۇرغان دىڭىزغا ئوخشايدۇ، دىڭىزدا ئەرزىمەس نەرسىلەرمۇ، قىممەتلىك بايلىقلارمۇ بولغىنىدەك، بەزى قىزلار ئەرلىرىدىن بىردەملىك مەپتۇن قىلسىمۇ، ئۇلار ئەرلەر خاتىرىسىدىن ئەتىسىلا چىقىپ كىتىدۇ. يەنە شۇنداق مۇھەببەت باركى، ئۇ كۈرۈنمەس غايىۋى روھتەك ئەرلەرگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ ھەم يول باشلىغۇچى بۇلىدۇ، ئاينىيازنىڭ ئىمىنگە بولغان مۇھەببىتى، خەلىققە بولغان مۇھەببىتىدەك چەكسىز ئىدى. بىر قانچە كۈندىن بىر ئاينىياز ئۆيگە كىلىپ تاماق ئىتىپ، ئىشقا بېرىپ دىگەندەك ئالدىراش ئۆتتى، ئاينىياز ئىمىننىڭ ئالدىدا چاندۇرمىدى. -بىرەر يىرىڭىز ئاغرىمدۇ؟-سورىدى ئىمىن توختى. -ئىشلىرىمنىڭ ئالدىراشلىقىنى ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز، قاراڭ ئەپتىمگە، ئۈزەمنى ياخشىراق تۈزەشتۈرۈپ ئارام ئالىدىغان ۋاقىتمۇ يوق، ھارغان ئوخشايمەن-دىدى ئاينىياز. -دۇختۇرغا كۆرسىتەيمۇ يا؟ بۈگۈن مەن ئىشقا بارمايمەن-دىدى ئىمىن توختى ئالدىدىكى تاماقنى يەۋېتىپ. ئاينىيازنىڭ ۋۇجۇدىنى بىر ئىللىق سىزىم قاپلاپ، ئىمىننى قۇچاقلاپ يىغلىغۇسى كىلىپ كەتتى، ئىمىننىڭ بۇنداق كۈيۈنۈشلىرىدىن سۈيۈنگەن ئاينىيازنىڭ گۇمانلىرى تاراپ كەتتى. -بىردەم ئارام ئېلىۋالسام ھارغىنلىقىم چىقىپ قالار-دىدى ئاينىياز. -ئۆي ئىشلىرىغا مەن قارىغاچ تۇراي، چۈشتىن كىيىن ئىشتىن بۇرۇن كەلگىن، سىرتتا بىللە تاماق يەيلى-دىدى ئىمىن توختى. ئاينىياز خۇشال ھالدا ئىشقا ماڭدى. -ھەي خالىدە، يەنە تۇرۇپسەنغۇ؟ تېلىفۇنۇم توختاپ قالمىدى جۇمۇ-دىدى ئاينىياز. -ئاداش، بۈگۈن ئىش چاتاق، يولدۇشۇمنىڭ بىرى بىلەن تېلىفۇندا چۈشتىن كىيىن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىنى دىيىشكەنلىكىنى ئوغلۇم ئاڭلاپ قاپتۇ، شۇڭا مەن بۈگۈن ئۇلارنى مارايمەن، تېلىفۇن قىلغاندا كەلمىسەڭ بولمايدۇ. -خالىدە، ئەڭ ياخشىسى مارىمىغىن، ئۈزەڭنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق يولدۇشۇڭنى ئۈزەڭگە مايىل قىلغىن، مەنمۇ تەربىيە قىلاي-دىدى ئاينىياز. -ئەجەپ ساددا ئىكەنسەن ئاداش، مەن سەن دىگەندەك ساقلاپ تۇرسام رەڭلىك سورۇندىكى تۈلكە جىنلار يولدۇشۇمنى قايرىپ كەتسە قانداق قىلىمەن؟ مەن ھەرگىز بوش قويمايمەن، قاراپ تۇر-دىدى خالىدە. -رەڭلىك سورۇنلارغا، ھازىرلاردا قايسى بىر ئەر بېرىپ باقمىغان دەيسەن، موللام بولسا بارماس، بېرىپ قالغانغا ئائىلىنى تاشلاپ ئۇلارغا دۈم چۈشمەس-دىدى ئاينىياز. -سەن بىلمەيسەن.-دىدى خالىدە. -سانىيەنىڭ يولدىشىمۇ رەڭلىك سورۇنلارغا بېرىپ، كىچىك خۇتۇن ئېلىپ ئايرىلىپ كەتتى، خانقىزنىڭ يولدىشىمۇ خانقىزنى قېرى كۆرۈپ ياش خېنىمنى تېپىۋالدى ئەمەسمۇ؟ ئۇلارغا بۇرۇن دىسەم ئاڭلىماي، كىچىكىپرەك ئەرلىرىنى چىڭ تۇتقاچقا سوتقا چۈشۈپ ئايرىلدى، خالىدەنىڭ غەزەپتىن كۆزلىرى ئىرىنى نەق تۇتۇۋالسا سورۇندىلا يەۋېتىدىغاندەك قىلاتتى. -ئەڭ ياخشىسى، سەن ماراپ يۈرمە، سەن يولدىشىڭغا ئىشەنگىن، سەن ئىشەنسەڭلا ھېچ ئىش يۈز بەرمەيدۇ-دىدى ئاينىياز. خالىدە ھېچ بولدى قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. -بۈگۈن مەكتەپكە بارمامسەن-دىدى ئاينىياز. -دەرىسىم يوق، رۇخسەت سورۇدۇم، مەن تېلىفۇن قىلغان ھامان بارغىن. خالىدە قايتا-قايتا تاپىلاپ ئاينىيازدىن ئايرىلدى. ئاينىياز بۈگۈن ئىشخانىسىدا دىلو كۈرۈپ بىر دىلوغا خۇلاسە يازدى، بىرگە ئىشلەيدىغان ھەمشىرىلىرى سىرتقا خىزمەتكە چىقىپ كەتكەن ئىدى، ئاينىيازنىڭ تېلىفۇنى سايراپ كەتتى. -ۋاي ئاينىيازمۇ؟ دەرھال كەل، مەن نەق تۇتۇۋالدىم، مەن دىمىگەنمۇ؟ ئىرىمنىڭ ئىنىكىگە ئىككىدىن تۆتنى شاپىلاقلىدىم، ئەمدى باشلاپتىكەن ئەمەسمۇ؟ كۆرمەمسەن؟ سىنىڭ بەز يىمەس ئىرىڭ ئىمىنمۇ باركەن، ئۇلار شۇنداق بۇلۇشۇپ ئولتۇرۇپتۇ، سەنمۇ ئىمىننى ئىككى تەستەك سال!، تىز كەل، بۇ سەتچىلىكنى سەنمۇ كۆرۈپ دەردىڭنى چىقىرىۋال! خالىدە تېلىفۇننى قويىۋەتتى. چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئاينىياز ئۆيىگە قايىتمىدى، ئاينىياز ئىشخانىدا ئويلىنىۋاتاتتى، قانداق قىلىش كىرەك؟ «ھەر قانداق كىشىدە يا ئۇنداق، يا بۇنداق خاتالىق سادىر بۇلىدۇ، بۇ خاتالىقلار تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى تۈپەيلىدىن ئۇنتۇلۇپ كىتىلىشى مۇمكىن، ھەر قانداق كىشى بەزىدە بۇ ئىشتا، بەزىدە ئۇ ئىشتا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ روھى گۈزەل بولسىلا ھەر قانداق بۇران-چاپقۇندىمۇ تەۋرەنمەسلىكى مۇمكىن» ئاينىياز بۇ ئىش توغرۇلۇق ئېغىز ئاچماسلىق قارارىغا كەلدى. ئاينىيازنىڭ تېلىفۇنى يەنە سايرىدى. -ۋەي، ئاينىيازمۇ، دوختۇرخانىغا بىر كەلگىن... مەن دوختۇرخانىدا... ئاينىياز خالىدەنىڭ بۇ زەئىپ ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرھال دوختۇرخانىغا چاپتى. خالىدە قاپاقلىرى كۆك ھالەتتە دوختۇر كارىۋىتىدا يېتىۋاتاتتى. -قارىمامسەن؟ مەن نەق تۇتۇۋالغان ئىدىم، ئىرىم مىنى ئۇرۇپ كەتتى، مەنمۇ بوش كەلمىدىم، مەنمۇ ئۇ يەردىكى قانجۇقلارنىڭ چاچلىرىنى يۇلدۇم... يولدىشىنى ئۇردۇم، ئەمدىغۇ ئىرىم رەڭلىك سورۇنغا بارماس.... دىدى خالىدە. -ئىمىن توختىچۇ؟ -دىدى ئاينىياز. -بىچارە مىنى كۆرۈپ جىمىپ كەتتى، ماڭا كۆپ نەرسىلەرنى چۈشەندۈردى. ھە راست، سىنىڭ ئىرىڭ بولمىغان بولسا، ئىرىم مىنى دەسسەپ ئۆلتۈرۈپ قويامتىكىن تاڭ؟...-دىدى خالىدە. -ئىمىن توختى بىر نەرسە دىمىدىمۇ؟-دىدى ئاينىياز. -ئۇ «بىرسى ئايالىدىن ئاجراشماقچى ئىكەن، بۇ قىزلارغا تەربىيە بىرىپ ئائىلىسىنى بۇزماسلىقنى تاپىلاپ شۇڭا كەلگەن» دىدى. سىنىڭ ئىرىڭ تازا يالغانچى ئىكەن، سېرىق چاچلىق قىزنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ گەپ قىلىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن بولساڭ، ئاچچىقىڭ كىلىپ مەندىن قېلىشماي ئۇرۇشاتتىڭ-دىدى خالىدە. -ئەمدى قانداق قىلىسەن؟-دىدى ئاينىياز. -قانداق قىلاتتىم، ئاجرىشىپ كىتىمەن، دىگەنلىرىمنى ئالىمەن-دىدى خالىدە. ئاينىياز ھارغىن ھالەتتە ئۆيگە كەلدى، ئۆيدە ئىمىن توختى بار بۇلۇپ، تاماق تەييار قىلىپ بولغاندىن كىيىن، قىزىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يىتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. -كەلدىڭىزمۇ؟-دىدى ئىمىن توختى. -تاماق تەييار بولدى، بۈگۈن مەن دەم ئالغاچقا تاماقنى تەييار قىلىپ قويدۇم-دىدى ئىمىن توختى. «توۋۋا، بۇ ئەرلەرنىڭ ۋىجدانسىزلىقىنى، گۇيا ھېچ ئىش بولمىغاندەك گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن بىر ۋاق تاماق ئىتىش بىلەنلا ئىش تۈگەمدۇ؟...» دىگەنلەرنى خىيال قىلغان ئاينىياز تىلىۋىزورنى ئاچتى. -ئاينىياز، ئولتۇرۇڭ، سىزگە دەيدىغان گىپىم بار-دىدى ئىمىن توختى. «ئۇنداق گىپىڭىزنى رەڭلىك سورۇنغا بېرىپ قىلىڭ» دىمەكچى بولغان ئاينىياز ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋالدى-دە، ساپادا ئولتۇردى. -خالىدە بىلەن يولدىشى قاتتىق ئۇرۇشۇپ كەتتى، ئۇلارنىڭكىگە بېرىپ تەربىيە قىلىپ كىلەيلى-دىدى ئىمىن توختى. -سىزگە ئۇلار تېلىفۇن قىلدىمۇ؟-دىدى ئاينىياز. -ياقەي، مەنمۇ بار ئىدىم، بىر ئىش توغرىلىق مەسلىھەتلەشكىلى بارغان، خالىدە تۇيۇقسىز كىرىپلا جىدەل قىلدى...-دىدى ئىمىن توختى. «ئۆزىڭىزنىڭ ئاشنىڭىزنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن يالغان سۆزلىمەڭ!» دىمەكچى بولغان ئاينىياز يەنە توختاپ قالدى. -قانداق مەسلىھەتلىشىشتى ئۇ، شۇنچە جىدەل چىقارغىدەك؟-دىدى ئاينىياز. -ئەسلىدە دەسلىپىدىلا سىزگە دەۋىتەي دىگەن، لېكىن خاپا بۇلۇپ قالمىسۇن دەپ دىمەي خالىدەنىڭ يولدىشى بىلەن بىللە بارغان ئىدىم، مۇنداق ئىشتى....-ئىمىن توختىنىڭ سۆزىنىڭ بېشى باشلىنىشى بىلەن ئاينىياز ئورنىدىن تۇردى. -بىلىمەن، ماڭا دىمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، ئاينىيازنىڭ غەزەپتىن قوللىرى تىتىرىدى. «توۋا، بۇ ئەرلەرگە نىمە بولدى، تەپ تارتماي مىنىمۇ شۇ ئاياللار بار رەڭلىك سورۇنغا ئاپارماقچىمىكىنە؟» دىگەنلەرنى خىيال قىلىۋاتقان ئاينىيازنىڭ قولىدىن چىنە يەرگە چۈشۈپ كەتتى. -ئاۋال ئاڭلىمامسىز، قاراڭ چىنىنىمۇ سۇندۇردىڭىز؟...-دىدى ئىمىن توختى. -چىنە سۇنسا كارايىتى چاغلىق، لېكىن ئادەمنىڭ كۆڭلى سۇنسا تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. تۇيۇقسىز ئاينىيازنىڭ تېلىفۇنى سايرىدى، ئەسلىدە قاباھەتلىك بىر دىلو يۈز بەرگەن ئىدى، ئاينىياز نەق مەيدانغا بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ماڭدى. -مەن خىزمەتكە ماڭدىم، كىچىچە ئىشلىشىم مۇمكىن، نەفىسەنى يەسلىگە سىز ئاپىرىڭ، تامىقىنى چوڭلارنىڭ ئۈيىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ...-ئاينىياز ئىمىن توختىغا قاراپمۇ قويماي ئىشىكنى يېپىپ خىزمەتكە يۈرۈپ كەتتى. نەفىسە ئۇخلاپ قالغان ئىدى، ئىمىن توختى گادىرماچ خىياللار ئىچىدە ئۇخلاپ قالدى، تاڭ ئاتتى، ئاينىياز ئىشتىن تېخى كەلمىدى. ئىمىن توختى قىزىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويغاندىن كىيىن سىرتقا چىقتى-دە، بىردەم بازار ئايلىنىپ ئاچچىقىنى بېسىش نىيىتىگە كىلىپ، قايسىدۇر بىر سۇغۇق ئىچىملىك دۇكىنىغا كىردى. ئىمىن توختى ئاينىيازغا بىر قانچە قېتىم تېلىفۇن قىلغان بولسىمۇ، ئاينىياز تېلىفۇننى ئالمىدى. ئىمىن توختى بۇلدۇقلىتىپ پىۋە ئىچىشكە باشلىدى. -ئاكا، بولدى، ئازراق ئىچىڭ، نىمە دەردىڭىز بار؟ -ئىمىن توختىنىڭ ئالدىدا چىرايلىق كەلگەن 18-19ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر قىز تۇراتتى، قىز ئىمىن توختىغا ئۈلپەت بۇلۇپ پىۋا قۇيۇپ بىرىۋاتاتتى. -ئاكا، جەننەتنى كۈرۈشنى خالامسىز؟-دىدى قىز. -نىمە جەننەت دىگەن، ئۆلگەندە كۈرىدىغان جايغۇ؟-دىدى ئىمىن توختى خۇمالاشقان كۆزلىرى بىلەن. -جەننەت مىنىڭ باغرىمدا، مەن سىزگە باغرىمنى كەڭ ئېچىپ جەننەتنى كۆرسىتەلەيمەن، سىز ئايالىڭىزدىن ئاغرىنغان ھامان مىنىڭ يېنىمغا كىلىپ جەننەتنى كۈرۈپ، بارلىق كۈڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇيسىز، كىلىڭ ئاكا، كىلىڭ... ئىمىن توختى ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئۆز باغرىنى ئاچقان بۇ ئۇماق قىزنى قۇچاقلاپ، يېنىش-يېنىشلاپ سۈيۈپ كەتتى. ئاينىياز كىچىدىن بىرى يىراق يېزىدا يۈز بەرگەن باسقۇنچىلىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش دىلوسىنى تەكشۈرۈپ كىرىپ، ھارغىن قىياپەتتە ئۆيگە كىردى-دە، ساپاغا يۈلىنىپ ئۇخلاشقا تەمشەلدى. تۇيۇقسىز ئىشىك قوڭغۇرىقى بېسىلدى، بۇ ئىمىن توختى ئەمەس، ئۇنىڭدا ئاچقۇچ بار ئىدى، ئۇ كەلسە ئىشىك كونۇپكىسىنى بېسىپ ئولتۇرمايىتتى، ئاينىياز ئىشىكنى ئاچتى، ئىشىك ئالدىدا سېرىق چاچلىق كىلىشكەن بىر قىز تۇراتتى. -كىمنى ئىزدەيسىز؟-دىدى ئاينىياز. -ئىمىن ئاكام بارمۇ؟-دىدى قىز. -ئىمىن ئاكىڭىز يوق، بۈگۈن ئىشقا كەتتى، نىمە ئىش بار ئىدى-دىدى يۈرىكى دۈپۈلدەپ كىتىۋاتقان ئاينىياز. -سىز بىلەن كۈرۈشسەممۇ بۇلىۋىرىدۇ-دىدى قىز. ئاينىياز قىزنى ئۆيگە باشلىدى، ئاينىيازنىڭ يۈرىكى شۇ تاپتا تېخىمۇ دۈپۈلدەپ سۇقۇشقا باشلىدى. «خالىدە راست گەپ قىلغانكەندە، بۇ قىز ئىمىنى مەندىن تارتىۋالغىلى كەلدىمۇ ياكى پۇل سۇراپ كەلگەنمىدۇ؟» دىگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن ئاينىياز قىزنى سۇغۇق ھالەتتە ساپاغا تەكلىپ قىلدى. -ئاينىياز ئاچا، سىز مىنى تۇنۇمايسىز، مەن سىزنى تۇنۇيمەن-دىدى قىز. -ئەلۋەتتە مىنى تۇنۇيسىزدە؟ ئىمىن ھەممىنى دەپ بەرگەندۇ، ئېيتىڭا قانداق قىلماقچىسىز؟-دىدى ئاينىياز. -خاتا چۈشىنىپ قالماڭ، ئىسمىم ھەنىپە، مىنىڭ ئەسلىدە سىزنىڭ ئىنىڭىز خەمىتنى ئازدۇرۇش خىيالىم يوق، مەن ئىنىڭىز خەمىت بىلەن ئىلگىرى مۇھەببەتلەشكەن، كىيىن ئۇ توي قلدى، خەمىتنىڭ مەن بىلەن توي قىلماسلىقىدىكى سەۋەپ مەندە، چۈنكى مەن بۇ شەھەرگە يۆتكىلىپ كىلەلمىدىم، ھازىر خەمىت بىلەن خىزمەت ئورنىمىز بىر يەردە بۇلۇپ قالدى، مەن خەمىتنى ياخشى كۆرىمەن، خەمىتكىمۇ ئۇۋال بوپتۇ، ھازىرقى خۇتۇنى بىلەن كىلىشەلمەيدىكەن، خەمىتنىڭ ئايالى ئاجرىشىش باسقۇچىدا تۇرۇپمۇ ئىمىن ئاكامنى ئىزدەپ مىنى «ئائىلەمنى بۇزدى» دىگەچكە، ئىمىن ئاكام ئۈلۈشكۈن مىنى ئىزدەپتىكەن، بىز تاماقخانىدا شۇ گەپلەرنى دىيىشىپ ئولتۇرغاندا دوستىنىڭ ئايالى جىدەل قىلدى، بەك سەت ئىش بولدى، مەن چۈشەندۈرۈپ قويغىلى كەلدىم، خەمىت ئايالى بىلەن ئاجرىشالمىسا، ئايالى ئۇنى بەخىتلىك قىلالىسا مەن بولدى قىلىمەن، ئىدىيەمدىن ئۆتتى...-خوش ئاچا، -دىدى ھەنىپە. -توختاڭە سىڭلىم، ئاينىياز ھەنىپەنى توختاتتى. -ھېلىقى ھەنىپە سىزكەنسىزدە، بولدىلا سىڭلىم، خەمىت ماڭا ئېيىتقان، ئۇ ھازىرقى ئايالى بىلەن كىلىشەلمەيدۇ، قۇدىلار ئارىسىغىمۇ چوڭ زىددىيەت پەيدا بولدى، كۈندە جىدەل، قانداقمۇ بىر ئۆيدە ئولتۇرىدۇ؟ قۇساق كۈتۈرمەستە ئاجرىشىپ كىتىشنى قارار قىلىشىپ بولدى، جۈرۈڭ تاس قاپتۇ چوڭ بالا تېرىغىلى، جۈرۈڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ خالىدەلەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قويۇپ كىلەيلى. ھەنىپە ئاينىيازغا ئەگەشتى، ئۇلار بىردەمدىلا دۇختۇرخانىغا باردى. -مەن كىرمەي، ئۇ ئايالنىڭ مىجەزى بەك قۇپال ئىكەن-دىدى ھەنىپە. -خاتىرجەم بۇلۇڭ، ھازىر چۈشەنچە بەرمىسەك بىر ئائىلە بۇزۇلىدۇ. -ئاينىياز بىر دەستە گۈل كۈتۈرۈپ خالىدەنىڭ ياتىقىغا كىردى. -كىرىڭ!-دىدى ئاينىياز سىرتتا تۇرغان ھەنىپەگە، ھەنىپە ياتاق ئۆيگە كىردى. -ئاشۇ شۇ، شۇ تۈلكە جىن شۇ، ئىمىننىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنى شۇ! تۇنۇتقىلى كەپسەندە؟-دىدى خالىدە. -ئىرىڭ قېنى؟-دىدى ئاينىياز. -ئەتىدىن بىرى قانچە قېتىم كەلدى، مەن تىللاپ كىرگۈزمىدىم، ئايرىلىپ كىتىمەن-دىدى خالىدە يىغلاپ. -مەن ساڭا چۈشەنچە بەرگىلى كەلدىم، سەن ئىرىڭگە ئىشەنگىن، بۇ قىز ھەنىپە، مىنىڭ ئىنىم خەمىتنىڭ بۇرۇنقى يۈرگىنى، يېقىندا بىزگە كېلىن بۇلۇش ئالدىدا، ئەسلىدە ئىمىن توختى خەمىتنىڭ كاللىسىنى بالدۇرراق ئوڭشاپ قويۇش ئۈچۈن ھەنىپەنى ئايرىمخانىغا چاقىرتىپتۇ، يولدىشىڭنىمۇ بىللە ئېلىۋاپتۇ. ھەنىپە قىزمۇ ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىدىن ئىككى قىزنى، بىر ئۇغۇلنى بىرگە ئېلىۋالغان ئەمەسمۇ، مانا ئىشلار ئايدىڭلاشتى.-دىدى ئاينىياز. -جېنىم ئاداش، مەن ئەمدى سىنىڭ گىپىڭنى ئاڭلايمەن، ساقچى دىگەن ساقچى ئەمەسمۇ، تاس قاپتىمەن ئىرىمدىن ئايرىلىپ ئائىلەمنى بۇزغىلى؟ ئىسىت ئوغلۇم، ئىرىمگە ئەمدى نىمە دەرمەن؟-دىدى خالىدە يىغلاپ. ئاينىياز خالىدەنىڭ بوينىغا گىرە سالدى، ھەنىپە ئىككى ئايالنىڭ يېشىنى تۈكۈپ يىغلىغىنىغا قاراپ سەل ئۇڭايسىزلاندى. -ئاچىلار، يىغلىماڭلا-دىدى ھەنىپە ۋە ئۇلارغا قول ياغلىقىنى سۇندى. خالىدەنىڭ ئىرى بىر دەستە گۈل كۈتۈرۈپ كىردى. -بۇنىڭدىن كىيىن ئىرىڭگە ئىشەن-دىدى ئاينىياز. -سەنمۇ شۇنداق قىل ئاداش-دىدى خالىدە، كۆز ياشلىرى قۇرىمىغان چىرايلاردا خۇشاللىق كۈلكىلىرى جىلۋىلىنىشكە باشلىدى. كەچ كىردى، ئاينىياز بىردەم ئۇخلىغاندىن كىيىن ئۆيلەرنى سەرەمجانلاشتۇردى، تاماق تەييار قىلىپ ئىمىن توختىنىڭ كىلىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ، ئىمىن توختى كەلمىدى. تېلىفۇنىمۇ ھېچ ئۇلانمايۋاتاتتى، ئىمىن توختى كەچكىچە بۇ ناتۇنۇش قىز بىلەن ئولتۇردى، قىز خۇش كۈلكىلىرى بىلەن ھاراق قۇيماقتا ئىدى. نازلىق بېقىشلار، لەۋنى لەۋگە يېقىشلار ئىمىن توختى بىر ھازا بۇ گۈزەل قىزغا قارىدى. قىز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى، ئىمىن توختى بۈگۈن بولسىمۇ ئۆيگە كەتمەي قىز بىلەن بۇلۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى. پۇلنى بۇلۇشقا خەجلەشكە باشلىدى. ئىمىن توختىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاينىيازغا ساتقىنلىق قىلىشى مۇشۇ ئىدى. ئىمىن توختى قىزنى قولتۇقلاپ ياتاق ئۆيگە چىقتى. -مەن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقاي، قىز تازىلىق ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئىمىن توختى ساقلىدىيۇ، تاقىتى تاق بولدى، ئىمىن توختى تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قارىدى. قىز خىرويىننى بىلىكىگە ئۇكۇل قىلىپ سېلىۋاتاتتى، ئىمىن توختى كەينىگە داجىپ كەتتى. -كىلىڭ، سىزمۇ ئۇكۇل قىلامسىز، ئەكىلىڭە سېلىپ قوياي... مەن سىزگە جەننەتنى كۆرسىتىمەن دىگەنغۇ، كېلىڭ بودەك جېنىم، تىز كېلىڭە ئەجەپ تاتلىق سۆيىدىكەنسىز، يەنە بىرنى سۆيۈپ قويىڭە.... ئىمىن توختى قىزنىڭ قولىدىكى ئۇكۇل يىڭنىسىنى ئېلىپ يەردە قويدى-دە، قىزنىڭ بىلىكىنى كۆتۈرۈپ قارىدى، قىزنىڭ بىلەكلىرىدە ساق يەر قالمىغان بۇلۇپ، ھەمما جايدا ئۇكۇل ئىزى بار ئىدى. -ھۇ پاسكىنا، بۇزۇق! –ئىمىن توختى قىزنىڭ ئىڭىكىگە كىلىشتۈرۈپ ئىككى تەستەك سالدى. -مەندە نىمە ئامال، مىنى مۇشۇنىڭغا سەندەك ئەرلەر كۆندۈرۈپ قويغان، تۇتۇلدۇم، قۇيۇپ بىرىلدىم، يەنە چەكتىم... ئاخىرى بۇ تەسىر قىلماي ئۇكۇل قىلىپ سالدىم، ئەرلەر مىنىڭ دۈشمىنىم، مەنمۇ ئۆز گۈزەللىكىم ئارقىلىق ئەرلەرنى رام قىلىپ، پۇلىنى ئېلىپ خەجلەپ مۇشۇنداق ئۇكۇل سالمىسام قانداقمۇ جەننەتنى كۆرىمەن ئاكا؟... كىلىڭە، مەندە ئەيدىز يوق دەپ ئويلايمەن، ئۇنداق قورقۇپ كەتمەڭ، كېلىڭە...-ئىمىن توختىنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئەيدىز دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ تىكەنلىشىپ كەتتى-دە، قىزنى ئىتتىرىۋېتىپ يۈگۈرگەن پېتى ياتاقتىن چىقىپ كەتتى. -خۇدايا توۋۋا، مەن نىمە قىلىپ قويدۇم....مەن نىمە قىلىپ قويدۇم...ئىسىت، ئاھ! ئاينىياز جېنىم.... يامغۇر شاقىراپ يېغىپ كەتكەن ئىدى، ئىمىن يامغۇردا بىردەم تۇردى، كىچە سائەت 10بولغان چاغ، ئاينىياز ئىمىن توختىنى كۈتۈۋېرىپ كىچىدىن بىرى ئىشلەپ ھېرىپ كەتكەچكە قىزى بىلەن يېتىپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى. ئەسلىدە ئاينىياز ئىرى ئىمىن توختىنىڭ تېلىفۇنى مۇلازىمەت رايونىدا بولمىغاچقا كەچۈرۈم سورىيالماي ساقلاپ-ساقلاپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى. ئىمىن توختى ئۆيگە كىردى، ئەڭ ئاۋۋال چوتكا ئېلىپ چىشىنى پاكىزە يۇيۇپ، يۈز كۆزلىرىنى يۇغاندىن كىيىن ئاينىيازنىڭ يېنىغا كەلدى، ئاينىياز شىرىن ئۇيقۇدا ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى. ئىمىن توختى ئاستا ياستۇققا يۈلۈنۈپ ياتتى، بېشى قاتتىق ئاغىرىپ كەتكەن ئىمىن توختىنىڭ پۇت-قوللىرىمۇ سىقىراپ ئاغرىماقتا ئىدى. ئىمىن توختى يوتقانغا پۈركۈنۈپ بىردەم يېتىپ باقتى، كۆزىگە ھېچ ئۇيقا كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، بىر چاغدا ئىمىن توختىنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا كەتتى، بۇرانلىق ئاسمان، ئەتىراپ قاراڭغۇ ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايىتتى. ئىمىن توختى بۇراندىمۇ ئۇچۇپ كىتىپ باراتتى، تۇيۇقسىز ئىمىن توختى بىر ئۇچار گىلەم ئۈستىدە شاھزادىلەردەك ياسانغان ھالەتتە چۈشتى-دە، بۇران يېرىپ شىددەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە باشلىدى. بەھەيۋەت ئىگىز تاغلار ئۈستىدىن ئۆتۈپ ياپيېشىللىققا تولغان گۈزەل تاغ باغرىغا كېلىشىگە، تۇيۇقسىز ئۇچار گىلەم غايىپ بولدى-دە، ئىمىن توختى مۇئەللەقتە بىردەم لەيلەپ قېلىپ، خۇددى قارلىغاچتەك قانات قېقىپ بىر تۈپ قارىغاي دەرىخى ئۈستىگە ئىلىنىپ قالدى. پەستە شۇنچە كۆپ سايىپجامال قىزلىرى ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناۋاتاتتى، ئىمىن توختى بۇ قىزلار ئارىسىدا لەرزان ئۇسۇلغا چۈشتى، تۇيۇقسىز يۈزى يېپىلغان بىر قىز ئىمىن توختىنى بىر غارنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ كەتتى، قىز نىقابىنى ئاچتى، بۇ قىز ئىمىن توختى قاۋاقخانىدا بىرگە ئولتۇرغان، بىلىكىگە ئۇكۇل سالغان قىز ئىدى، قىزنىڭ يۈز-كۆزلىرى چاك كەتكەن ئىدى، ئىمىن توختىنىڭ ئاۋازى ھېچ چىقمايۋاتاتتى، ئىمىن توختىنىڭ يۈگۈرگىدەك ھالى يوق ئىدى. -مىنى قويۇپ بەر... ئۈيۈمگە كىتىۋالاي... -سەن مەندىن يىراقلاشماقچىمۇ، ئۇخلاپ چۈشۈڭ... -مەن ساڭا نىمە يامانلىق قىلدىم... -مەن ساڭا جەننەتنى كۆرسىتىمەن... -بولدى مەن جەننەتنىمۇ كۆرمەي، ئۈيۈمگە كىتىمەن، قىزىم يىغلاپ قالدى، خۇتۇنۇم ئاينىياز مىنى ساقلاۋاتىدۇ... قىز مەسخىرىلىك كۈلدى. -ساقلاۋاتىدۇ...، ئۇلار ئەمدى سەندىن مەڭگۈلۈك يۈز ئۆرۈيدۇ، قاراپ تۇر! زەي پۇراپ تۇرىدىغان ئېغىزى تۈمۈر ئىشىك بىلەن ئىتىلگەن بۇ ئۆڭكۈردە ئىمىن توختىنىڭ پۇتلىرىنى چاشقانلار ھەدەپ غاجاۋاتاتتى، ئەتىراپىنى ئىس-تۈتەك قاپلىغان بۇلۇپ قىز ئىمىن توختىنىڭ يۈزلىرىنى سىلاۋاتاتتى. -مىنىڭ يۈزۈمنى سىلىما، نېرى تۇر! -ساڭا جەننەتنى كۆرسىتىمەن جېنىم... -ياق، ماڭا جەننەت كىرەك ئەمەس، مەن دوزاققا كىرىشكە رازى، نېرى تۇر...نېرى تۇر...- بىراق ئىمىن توختىنىڭ پۇت-قوللىرى ھېچ قولاشماي ئۆزىگە بويسۇنماي كېتىۋاتاتتى. -قارا...ئايالىڭ كەلدى، كۆرگەنسەن، مىنىڭ ساڭا چىڭ چاپلىشىپ ئىرماش-چىرماش بۇلۇپ كەتكىنىمنى كۆرسە، ئەلۋەتتە سىنى ماڭا قالدۇرۇپ كىتىپ قالىدۇ، سەن ئەمدى مىنىڭ ھەم مىنىڭ چاشقانلىرىمنىڭ ئۇزۇقىسەن... -ئاينىياز، مىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭ... ئىمىن توختى تۈمۈر رىشاتكا سىرتىدا قۇرال تۇتۇپ تۇرغان ئايالى ئاينىيازنى كۆردى، ئىمىن توختى ۋاقىرايىتتى، لېكىن ئاۋازى سىرتقا چىقمايۋاتاتتى... -چاشقانلار پۇتۇمنى يەپ بولد، ماۋۇ يۈزىدە پەرەنجە بار قىزنى تىز ئېتىۋېتىڭ، ئۇ مىنى يەۋىتەيلا دەپ قالدى، مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن ئاينىياز... -ئەبلەخ! سەن تەپتارتماي مىنىڭ ئالدىمدا بىر قىزبىلەن نۇمۇسسىزلىق قىلىشنى راۋا كۆردۈڭمۇ؟ خوپ بوپتۇ! سىنى چاشقانلار يەپ تۈگەتسۇن... -ئاينىياز، خۇتۇن... ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن...-ئاينىياز تاپانچىنى ئىمىن توختىغا قارىغا ئالدى. -خۇتۇن... مىنى ئېتىۋەتمەڭ....ماۋۇ ئايال بىلەن چاشقانلارنى ئېتىڭ.... -سەن ئۈلۈمگە لايىقسەن...-ئاينىياز قۇرالدىن ئوق ئۈزدى. چۆچۈپ ئويغانغان ئىمىن توختى ئۆزىنى قارا باسقانلىقىنى ھىس قىلدى، ئىمىن توختىنىڭ بېشىدا ئايالى ئاينىياز لۆڭگە بىلەن پىشانىسىنى تۇتۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئىمىن توختى كۆزىنى ئېچىپ قارىدى، ئايالىنى كۆرۈپ كۆزىدىن ياش سىرغىپ چۈشتى... -نىمە بولدىڭىز، بىر يىرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟... مىنى كەچۈرۈڭ، سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن...-دىدى ئاينىياز. -ياق، كەچۈرۈمنى مەن سورىسام بۇلىدۇ، مەن دوزاخ ئالدىدىن قايتىپ كەلدىم، خوتۇن مىنى كەچۈرگىن... بىردەمدە ئىككى تەن بىر گەۋدىگە ئايلاندى. قاراقاش ج خ ئىدارىسىدىن تۇدىمەمەت سەئىدى @WKJ7pt`'N
|