پەرەنجە ئارىسىدىكى نەپرەت
پەرەنجە ئارىسىدىكى نەپرەت (ھىكايە) تۇدىمەمەت سەئىدى مەرۋانە، چىلتەك تارتىلغان ئۇزۇن كۆڭلەك، بېشىغا چاچلىرىنى ئىچىگە تىقىپ يارىشىملىق قىلىپ يېشىل ياغلىق چىگىۋالغان بۇلۇپ، قويۇق سەھرا قىزلىرىغا خاس كىيىنگەن ئىدى. ئۇ ئۆيى ئالدىدىكى تال باراڭلىرى ئارىسىدىن يولغا چىقتى. مەھەللە يولىغا سېلىنغان قاپاق تىرەكلەر سەپ تارتقان قاراۋۇللاردەك يېزا ئۆيلىرىنىڭ ئالدىدىن ئۇرۇن ئالغان ئىدى. -سەپەر قاياققا؟.... مەرۋانىنىڭ ئالدىدا بىر چىپتىدا ئوت كۆتۈرۈۋالغان قوشنىسىنىڭ قىزى تۇراتتى. -تۆۋەنكى مەھەللىدىكى توختىخاننىڭ تويىغا كىتىۋاتىمەن، سەنمۇ بارامسەن؟ دېدى، مەرۋانە توختىدى. -سەن خۇددى پەرىزاتتەك ياسىنىۋاپسەن، بىردەم ساقلا، مەن كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇۋېتەي بىرگە بارايلى،-دىدى قىز كۈلۈپ قويۇپ بوم ئاۋازى بىلەن. بۇ قىزنىڭ چىرايى مەرۋانىگە يەتمىسىمۇ چىرايلىق قىز ئىدى، بىراق ئاۋازى قوپال، بومراق چىقاتتى، كىشىلەر ئۇنى بوم ئاۋاز دەيىتتى. -ساڭا كۆزۈم تەگمىسۇن مەرۋانە، قارا مەن شۇنچە كۆپ كىيىم كېيسەممۇ يەنىلا ساڭا يەتمەيدىكەنمەن، سەن نېمە دىگەن چىرايلىق، كىيىملىرىڭ شۇنچە ياراشقان، دىدى بوم قىز ۋە ئالدىراش كىيىم ئالماشتۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى. -ۋاي-ۋۇي، نىمانچە ياسىنىش بۇ، خۇددى توي باشقىلارنىڭ بولماي مۇشۇ ئىككىڭلارنىڭ تويى بولىدىغانغا ئوخشاش كارامەت ياسىنىپسىلەرغۇ؟ سىلەرنى يەڭگە قىلغان ئوخشىمامدۇ-دىدى يولدا ئۇچرىغان قىزلار. -شۇنداق، بىز قىز قولداش بولماقچى، توختىخاننىڭ بىزدىن باشقا يېقىنلىرى يوق، دىدى مەرۋانە. -يىگىت خاتا تۇنۇپ سىنى يۆتكەپ كەتمىسۇن؟... -ئىككىڭلارنىڭ ياسىنىشىغا قاراپ توختىخان يىغلاپ تاشلايدىغان بولدى دە.... -توختىخاننىڭ تويىدىكى بويتاق يىگىتلەر ئەپ قاچمىسۇن يەنە.... قىزلار يولدا ماڭغاچ كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن مېڭىشتى. -توينىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن يىڭى كىيىم كەيدۇق، باشقا ئالاھىدە ياسانغان ئەھۋال يوق، سىلەر كۈرۈپ تۇرۇپسىلەر مەنمۇ، ماۋۇ بوم ئاۋازمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش تۇرۇۋاتىمىزغۇ مانا...- دىدى مەرۋانە خىجىل بولۇپ. توختىخاننىڭ تويى راسا قىززىدى، قىزلار قانغىچە ئۇسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىشتى، توختىخان يىگىتنىڭ ئۆيىگە يۆتكەلدى. مەرۋانە، قوشنىسى بوم ئاۋاز بىلەن تارقاپ ماڭدى. -مەن ئۆيۈڭلارغا ئاپىرىپ قويسام بۇلامدۇ، موتوغا چىقىڭلار قىزلار، -مەرۋانە موتوكەش يىگىتكە قارىدى، بەسىتلىك، قامەتلىك، پىگورى كىلىشكەن، مۇسكۇللىرى تەرەققى قىلغان، كۆرۈنۈشتە خېلى كۈچلۈك كۆرۈنىدىغان، قارىماققا قىزلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان بىر يىگىت قىزلارنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. -كىرا قىلامسىز؟ - سورىدى بوم ئاۋاز قىز. شۇنداق دىسەممۇ بۇلىدۇ، لېكىن ھازىر ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىمەن. قارىسام پىيادە قاپسىلەر،-دىدى يىگىت. مەرۋانە ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن بۇلۇپ، مەرۋانىنىڭ تەڭتۈشلىرى كەينى-كەينىدىن توي قىلىشقا باشلىغان ئىدى. مەرۋانە ھازىرغىچە بىرەر يىگىتكە كۆز قىرىنى سالمىغان بۇلۇپ، نىمىشقىكىن-تاڭ مەرۋانە گەپ-سۆزسىزلا يىگىتنىڭ موتوسىغا چىقىپ ئولتۇردى. -ناتۇنۇش ئادەمنىڭ موتوسىغا بۇ كەچتە چىقساق ياخشى بولماسمىكىن....؛ دىدى بوم ئاۋاز پىچىرلاپ. -ئۈيۈڭگە پىيادە كەتكۈڭ بولسا چىقما، بولمىسا چىقىپ جىم ئولتۇرە، قارىماققا بۇ يىگىت ئادەم يەيدىغاندەك ئەمەس، قارىمامسەن شۇنچە كېلىشكەن، شۇنچە مۇلايىم تۇرسا؛-دىدى مەرۋانە بوم ئاۋازغا پىچىرلاپ، بوم ئاۋاز قىز مەرۋانىنىڭ يېنىغا چىقىپ ئولتۇردى. -ئۇستام ھەيدەڭ، يۇقۇرى مەھەللىگە ھەيدەڭ، -دىدى مەرۋانە. موتوسىكىلىت چىرىغىنى ياندۇرۇپ يېزا يولىنى بويلاپ سىلكىنمەي بىر ئىزدا ماڭماقتا ئىدى. -مەرۋانە مەن چوڭ ئانامنىڭ ئۈيىگە باراتتىم، توختىخان يۆگەپ بەرگەن ماۋۇ توي پولوسىنى شۇ يەرگە ئاپىرىپ بىرەي دىگەن، مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالسام بۇلارمۇ؟ سەن قورقمايدىغانسەن؟-دىدى بوم ئاۋاز قىز قورقۇمسىراپ. -ئۇستىلار موتونى توختىتىڭ، دوستۇم مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالىدىغان بولدى، لېكىن مەن بارىدىغان يەرگە خېلى بار، جاپا تارتىدىغان بولدىڭىز، -دىدى مەرۋانە. يىگىت موتوسىكىلىتىنى يول ياقىسىدا توختاتتى، بوم ئاۋاز قىز موتودىن چۈشۈپ مەرۋانە بىلەن خوشلۇشۇپ بىر تار كۇچا ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتى. قېرىشقاندەك يىگىت ھەيدىگەن موتوسىكىلىتنىڭ مېيى تۈگەپ توختاپ قالدى، يىگىت موتودىن چۈشۈپ 3چاقلىق موتونىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرى بىلەن ھەپىلەشتى، ھەقىقەتەن موتونىڭ مېيى قالمىغان ئىدى. -ئەستا، سەت بولدى، قەستەن توختاتمىدىم، موتونىڭ مېيى قالمىدى، موتونى توختۇتۇپ قويۇپ سىزنى يولدىن ئۆتكەن قاتناشقا سېلىپ قوياي،-دىدى يىگىت ئۇڭايسىزلىنىپ. -ئۆزىڭىزگە ئەپ كەتمەڭ، ھېچقىسى يوق، سىزنى تاشلاپ قويۇپ يېرىم يولدا ئۈزەم كەتسەم سەت تۇرمامدۇ، مەيلى موتونى سىز يىتىلەڭ، مەن ئىتتىرەي، مەھەللىگە ئەكىرىپ بىزنىڭ قوشنىمىزنىڭ ئۈيىدە ماي بار، قاچىلاپ كىتەرسىز،-دىدى مەرۋانە. -ئىسمىڭىز نېمە؟ مەرۋانىنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ ئاران تەستە يىگىتنىڭ ئىسمىنى سوراىۋالدى. -ئىسمىم سەدىردىن،- دىدى يىگىت يانچۇقىدىن چاقمىقىنى چىقىرىپ بىر تال تاماكا چەكتى. ئوت يۇرۇقىدا مەرۋانە سەدىردىننىڭ شۇنچىلىك سۈزۈك، كىلىشكەن يۈزىگە، ئەمدىلا خەت تارتقان بۇرۇتىغا قاراپ ئۈلگۈردى. شۇ تاپتا مەرۋانە بۇ موتوسىكىلىتنى تاڭ ئاتقۇچە ئىتتىرىپ يىگىت بىلەن پاراڭلىشىپ ماڭغۇسى بار ئىدى. سەدىردىن، مەرۋانىنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىگە قارىدى، چىھرىدىن سەبىلىك چىقىپ تۇرغان بۇ قىز ھەقىەقتەن يۈرەكنىڭ تارىنى چىكەتتى. ئۇلار خېلى ئۇزۇن موتوسىكىلىت ئۈستىدە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، يولدىن ھېچقانداق قاتناش ئۆتمىدى. -سىز ئاڭلاپ باققانمۇ مەرۋانە، بىر كۈرۈپلا كۈيۈپ قېلىشقا ئىشىنەمسىز؟-دىدى سەدىردىن. مەرۋانە كۈلدى، سەدىردىن ئىشنىڭ پۈتكەنلىكىنى ھىس قىلدى-دە، دادىللىق بىلەن مەرۋانىگە توي قىلىش تەكلىۋىنى قويدى. -سىز تازا بىمەنىلىك دەپ قارارسىز ھەقاچان، مەن سىزدەك تۈز كۈڭۈل قىزنى تۇنجى قېتىم ئۇچراتتىم، بىز توي قىلايلى،-دىدى سەدىردىن. مەرۋانە، سەمىمى-سادىق، ساپ مۇھەببەتكە مۇھتاج، ئۆزىگە مەڭگۈ سادىق بولغان چوغدەك يۈرەككە مۇھتاج ئىدى. سەدىردىننىڭ ئىللىق چىرايى، مەرۋانىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، ئۆزىگە چەكسىز كۈچ-قۇۋۋەت قۇشۇشقا باشلىدى، ھەر قانداق بىر قىز كىشىگە كۈيۈنۈشنى بىلىدىغان ئەزىمەتنى ياخشى كۆرىدۇ-دە. چۈشەنمەي ياكى كۆزەتمەي تۇرۇپ مەرۋانىنىڭ سەدىردىننىڭ توي تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلىشى ھەقىقەتەن تۇلىمۇ ئالدىراڭغۇلۇق ئىدى. ئۇ، بۇ تۇنجى مۇھەببەت سەپىرىدە ئۇڭۇشلۇق ھالدا بەخىت مەنزىلىگە بېرىشنى ئارزۇ قىلدى. ئۇلار تىزلا توي قىلدى، مانا ھەش-پەش دىگۈچە 8يىل ئۆتۈپ كەتتى، مەرۋانە ئۆزى ئارزۇ قىلغان، ئۆزى خالاپ تەگكەن سەدىردىننىڭ ئۆيىدە شۇ يىللار ئىچىدە تۈگىمەس دەرد-ئەلەملەرنى چەكتى، قېيىن ئانىسىنىڭ تىللاشلىرى، سەدىردىننىڭ نەششە چىكىپ مەرۋانىنى ئۇرۇشى.... مەرۋانە ھەر كۈنى سەدىردىندىن تاياق يەيىتتى، نىمە ئامال، ئۇ ئارزۇلاپ، ياخشى كۆرۈپ تەگكەندىكىن ئۆزەمنىڭ شورى دەپ ئويلايىتتى. -ھۇ يۈزى قېلىن قېچىر خوتۇن... -تۈلكە جىندەك ئوغلۇمنى ئازدۇرۇپ تەگدىڭ، يا تۇغمايسەن، نېمەڭنى كۆز-كۆز قىلىسەن، چىرايىڭنىمۇ؟ ھۇ پاسكىنا... -چېچىڭدىن تۇتۇپ سۆرەپ سىرتقا ئاچىقىۋەتسەممۇ يەنە كىلىۋاپسەنغۇ؟... مەرۋانىنىڭ قېيىن ئانىسى ھەر كۈنى مەرۋانىنى دۈشكەللەيىتتى. -مەن سەدىردىن بىلەن نېمىلا بولمىسۇن بىر قانچە يىلدىن بىرى ياخشى ئۆتتۇق، ماڭا ئۇنداق زۇلۇم سالمىسىلا، سىلىنىڭمۇ قىزلىرى بار،-دىدى مەرۋانە. -قېيىن ئاناڭغا گەپ ياندۇرامسەن؟ مىنىڭ قىزلىرىمچۇ سەندەك تۇغماس قېچىر ئەمەس، ھەر بىرىنىڭ سەندىن كىچىك تۇرۇپ نۇرغۇن بالىلىرى بولدى، سەنچۇ؟ بىرەر مۈشۈكمۇ توغالىدىڭمۇ؟... ئەڭ ياخشىسى كۈزىمىزگە كۈرۈنمەي بۇ يەردىن كەت ياكى زەھەر ئىچىپ ئۈلىۋال...-، مەن ئوغلۇمغا تىرناقتا توختىغۇدەك تۇغىدىغان قىز ئېلىپ بىرىمەن،-دىدى قېيىن ئانىسى. مەرۋانە ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن قېيىن ئانىسىنىڭ تىل-ئاھانەتلىرىگە مەيلى دىدى-دە، ئۆيگە كىرىپ تاماققا تۇتۇش قىلدى. -ھەي، نىمە قىلىۋاتىسەن؟ سۇيۇقئاش ئەتمەي لەڭمەن ئەتكىنىڭ نېمىسى؟- سەدىردىن خۇمالاشقان كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ مەرۋانىنى بىرنى سالدى. -نىمە، مەن ھەي بۇلۇپ قالدىممۇ؟ ئىلگىرىكى سىنىڭ ماڭا كۆيدۈم-پىشتىم دىگىنىڭ نەگە كەتتى، بىكارغا ئادەم ئۇرامسەن؟ مەن سىنىڭ تايىقىڭنى يىيىش ئۈچۈنلا يارالغانمۇ؟-دىدى مەرۋانە قەتئى نىيەتكە كېلىپ. -قانداق قىلىمەن؟ بىر قانچە يىل بولسا تېخى تۇغمىدىڭ، سەدىردىن مەرۋانىنى يەنە بىرنى سالدى. -تۇغمىسام مەندىن كۆرەمتىڭ، مەن تەكشۈرۈتتۈم، مەن نۇرمالكەنمەن، ئۈزەڭ بىر تەكشۈرتۈپ باققىنە، ياخشى كۆرىدىكەنمەن، مەيلى ئەل-كۈننىڭ ئالدىدا ھەي-ھەي بولمىسۇن دىسەم، نىمىشقا مىنى ئۇرۇۋىرىسەن ئەبلەخ... بولدى مەن سەندىن ئاجرىشىپ كىتىمەن-، مەرۋانە ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى. -ئاجرىشىپ كەت ئوغلۇم! –ئىشىك تۈۋىدە قېيىن ئانا تۇراتتى. تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمايدۇ، مەرۋانە ئويلا-ئويلا ئاخىرى قېيىن ئانىسىنىڭ دەشناملىرى، سەدىردىننىڭ تاياقلىرى، غوتۇلدۇتۇپ چەككەن نەششە ئىس-تۈتەكلىرى ئارىسىدىن قۇتۇلۇپ ئۇزاق مۇددەتتلىك ھىسسىياتتىكى ئازاپلىنىشى بىلەن قۇتۇلغۇسىز ئازاپ دىڭىزىنى شەكىللەندۈرگەندىن كۆرە ۋاقتىدا نىكاھتىن يەنە ئاجرىشىپ كىتىش نىيىتىگە كەلدى. ئۇلار ئاجراشتى، مەرۋانە مۇھەببەت قولۋىقىنىڭ تىز سۇدىكى لايداڭغا چىقىپ قالغانلىقىدىن ھەسرەتلەندى. بىراق قىرغاقتا تۇرۇپ مەڭگۈ كۆز يېشى قىلىپ ھەسرەت چىكىپ ئولتۇرۇۋەرسە بولمايدۇ-دە، ئۇ كۆز يېشىنى سۈرتۈپ سەدىردىننى مەڭگۈ ئىسىدىن چىقىرىۋەتتى-دە ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى. ئاجرىشىپ كەتكەن ئىرى ئۈچۈن پاكلىق ساقلاش تۇلىمۇ بىمەنىلىك، ئۆيلەنمەي ئولتۇرۇۋىرىش بىر ئايال ياكى بىر ئائىلىنى يۇقۇتۇپ قويغانلىق بولماستىن، ھاياتنىڭ يېرىمىنى يوقۇتۇپ قويغانلىق بولىدۇ. مەرۋانە ئانىسىنىڭ زورلاپ تۇرۇۋېلىشى بىلەن تۆۋەندىكى مەھەللىدىكى قاسىم بىلەن توي قىلىش قارارىغا كەلدى. تەڭرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىمۇ ياكى سەدىردىن قەستەن شۇ كۈننى تاللىدىمۇ، ئىشقىلىپ مەرۋانىگە نىسبەتەن بۇ ئىش نامەلۇم ئىدى. مەرۋانە بىلەن قاسىمنىڭ تويى بولىدىغان كۈنى سەدىردىن بىلەن مەختۇمنىڭ تويى بولدى. مەختۇمنىڭ بويى سەل پاكارراق بولغىنى بىلەن ئاچچىقى يامانراق چوكان ئىدى. ئالدىنقى ئەرلىرىدىن كەينى-كەينىدىن بىر قانچىنى تۇغقان بۇ چوكان ئاخىرقى ئىرىدىن ئاجرىشىپلا سەدىردىننى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى. چېچىنى سېرىق رەڭدە بوياپ، يېزا قىزلىرىدىن پەرقلىق ياشاشنى ياخشى كۆرىدىغان مەختۇم سەدىردىننىڭ ئۆيىگە خوتۇن بۇلۇپ كىردى. ئەتىسى ئىككى بالىسىنى بىرگە ئېلىپ كەتتى. -ھوي قېيىن ئانا، ئىككى بالا سىلىگە قالدى، مەن بازارغا ماڭدىم. -ھوي ئانا، بالىلارنىڭ قۇرسىقىنى تويغۇزۇۋېتىپ ئاندىن تاماق يەلا.... -قېيىن ئانا، بازارغا بارسىلا مىنىڭ بالىلىرىمغا نەرسە-كىرەك ئېلىشنى ئۇنتۇمىسىلا.... مەختۇمخان بىر ھەپتىگە قالماي ھازازۇل قېيىن ئانىسىنى ئەنە شۇنداق ئىشقا بۇيرۇشقا باشلىدى. -خېنىم، سىلە تېخى تۇغمىدىلا، سىلەر بالىلىق بولغاندا ئاندىن باقساممۇ بۇلار...-، دىدى قېيىن ئانا. -ئېغىزلىرىنى ئۈششۈتمىسىلە، مەن ئوغۇللىرى بىلەن مىنىڭ بالىلىرىمنى ئۆز بالىلىرىدەك باقىدىغان بولغاچقا توي قىلغان، ئالدىرىمىسىلا، مەن كىيىنچە سىلىنى نەۋرىگە كۆمۈۋېتىمەن، ئاڭغىچە ئۆمۈرلىرى بارمۇ-يوق، شۇڭا ھازىرچە مىنىڭ ئىككى بالامنى باققاچ تۇرسىلا، كىيىنچە بىر گەپ بۇلار...-دىدى مەختۇمخان. -توۋا خۇدايىم، نىمە گۇناھ قىلغان بولغۇيىتتىم، سىز نىمانداق بىشەم....-قېيىن ئانا ياقىسىنى چىشلىدى. -يۇۋاشلىق بىلەن بالا باقمىساڭ ئوغلۇڭغا سىنى چېقىشتۇرۇپ ئاراملىق بەرمەيمەن. بۇ ئۆيدىچۇ تاماقنى ئىشلىگەنلەر يەيدۇ، ئۆيدە بىكار ئولتۇرسىلا بولمايدۇ، بۇنىڭدىن كىيىن ئېغىزلىرىنى يۇيۇۋېتىپ گەپ قىلسىلا، بولمىسا كۆرگۈلۈكلىرى ئالدىلىرىدا. يامان يىرىگە كەلسە بىلىپ قويسىلا، سىلىنىڭ ئۇغۇللىرىدىن باشقا قارىغۇچىلىرى يوق، قىزلىرى ھەممىسى ئەرنىڭ قولىدا، بۇ ئۆيدە مىنىڭ دىگىنىم ھىساپ بۇلۇشى كىرەك، خوش، مەن ئېتىزلىققا ماڭدىم، بالىلىرىمغا ياخشى قارىغايلا....،-مەختۇمخان چىقىپ كەتتى. مەختۇمخان ئېتىزلىققا باردى-دە، ئېتىز ئۈستىدە لاپسىيىپ ئولتۇرغان سەدىردىننى گۈشۈپ تۇرغۇزدى. -سەدىردىن جېنىم، چەككۈڭ كەپ كەتكەن بولسا ماڭ بېرىپ نەششىدىن ئىككى قاپاق تارتىپ كەل، مەن ئېتىز ئىشىنى قىلغاچ تۇراي...-دىدى مەختۇمخان ئەركىلەپ. سەدىردىن مەختۇمخاننىڭ مەڭزىگە بىرنى سۆيدى-دە ئورنىدىن تۇرۇپ بۇ كۈيۈمچان خۇتۇنىغا مىڭ رەھمەت ئوقۇپ ماڭدى. مەنە بۇ سەدىردىننىڭ مەرۋانىدىن ئايرىلىپ مەختۇمخان بىلەن باشلىغان ھايات يولى ئىدى. مەرۋانىنىڭ ئېرى قاسىم بولسا بۇرۇنقى خوتۇنىدىن 5بالىسى بار، ئايالى ئۈلۈپ كەتكەن ئادەم بۇلۇپ، تۇرقىدىن يوۋاش تۇرغىنى بىلەن مەيدىسىدىكى تۈكلەر ئىشقىۋاز ئەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. سەمىمىيەت ۋە ئىشەنچ قاسىمنىڭ يۈرەك قېتىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ، بالىلىرى كۆپ بولسىمۇ ئىمىدىغان بالىسى بولمىغاچقا مەيلى، كىيىنكى تۇرمۇشۇم باياشات ئۆتسىلا بولىدىغۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلغان مەرۋانە مانا ھەش-پەش دىگۈچە قاسىم بىلەن ئالدىراشچىلىقتا بىر يىلنى ئۆتكۈزدى. ئۆزىدە غەيرىي ئالامەتلەر سىزىلىشكە باشلىغاندا مەرۋانە تەكشۈرتۈپ، قۇرسىقىغا ئاللىقاچان 6ئاي بولغانلىقىنى سەزدى. مەرۋانە ئۆزىنىڭ كەمتۈك ئەمەسلىكىنى، مۇكەممەل بىر ئايال، بىر ئانا ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتى-دە، قاسىمغا تەگكىنىگە مىڭ شۈكرى قىلدى. بىراق ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي قالدى. -خېنىم، كۈرۈپ تۇرۇپسىز، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، مىنىڭ 5بالام بار، سىز تۇغسىڭىز چوڭ بالام مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ، كەينىدىن كىچىكى، ئەڭ ئاخىرىدا قاسىم دادامنىڭ مىراسلىرىنى كۆزلەپ تىگىپتۇ دىگەن ئاتاققا قالىسىز، ئەڭ ياخشىسى قۇرسىقىڭىزدىكى بالىنى تۇغماڭ...، تەييار 5بالىغا ئانا بولسىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ؟ -ئەر دىسىڭىز مانا ئالدىڭىزدا تۇرۇپتىمەن، مەڭگۈ سىزنىڭ ئىرىڭىزمەن، باشقىسىغا قارىمايمەن. مەرۋانىنىڭ كاللىسىدىن بىر چىلەك سۇ قۇيۇلغاندەك بولدى. مۇھەببەت، نىكاھ سىمفونىيىسىدە ئەرنىڭ ئايالىغا ساداقەتسىزلىك قىلىشى، ئايالىنى ئازابلايدىغان قايغۇ مۇزىكىسى ئەمەسمۇ؟ مەيلى مەن بۇنداق قايغۇ مۇزىكىسىنى تۇنجى نىكاھىمغا ياڭراتقانىكەنمەن، ھېلىھەم شۇنداق مۇزىكىنى مەڭگۈ ياڭرىتىپ ئۆتۈشكە رازىمەن دىگەنلەرنى خىيال قىلغان مەرۋانە، كۆزى قىيمىسىمۇ قاسىمدىن دەرھال ئاجرىشىپ كىتىپ ئۆزىگە ئالەمچە خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن قۇرسىقىدىكى بالىسىنى تۇغۇش قارارىغا كەلدى. -سۈزۈمنى بىرىڭ، تىز بولۇڭ، مەن كېتىمەن... -توختاڭ جېنىم، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. -تارتىڭ ئۇنداق ياخشى كۆرۈشلىرىڭىزنى، مەن ھېچنىمە ئالمايمەن، مۇشۇ تۇرقۇمدا چىقىپ كىتىمەن... مەرۋانە قاسىمدىن ئەنە شۇنداق ئايرىلدى. مەرۋانەمنىڭ ئوغلى خېلى چوڭۇيۇپ قالدى، گەرچە مەرۋانىنىڭ ھازىرچە ئېرى بولمىسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئېغىزلىرىدىكى قېچىر، تۇغماس خوتۇن دىگەن لەقەملەر ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتتى. مەرۋانىنىڭ ھاياتى تۇلچىلىقتا ئۆتكەن بولسىمۇ، مانا ئەمدىلىكتە ئوغلى مەكتەپكە باردى، چىرايىدىن كەتمىگەن بىر چوكان ئىلگىرىكىدەكلا چىرايلىق ياسىنىپ، تارىنىپ ھەممە كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتىپ يۈرۈيدىغان بولدى. ئەمدىلىكتە تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمىدە كىرا ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، ئوغلى مەكتەپتىن كەلگۈچە ھەر كۈنى ناھىيە مەركىزىگە كىرىپ كىراكەشلىك قىلدى. نەششە چىكىپ سارغىيىپ كەتكەن سەدىردىن بىر كۈنى مەرۋانىنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ قالدى. بۈگۈن سەدىردىن ناھىيە مەركىزىگە خوتۇنىنى ئالماي يالغۇز ماڭغان ئىدى. ماشىنا بىكەتكە كەلدى، ماشىنىدا باشقا يۇلۇچىلار بولغاچقا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ماڭغان سەدىردىن يولۇچىلار چۈشۈپ كەتكەندە ماشىنىدىن چۈشمىدى. -مەن سىنى ئۇنتۇيالمىدىم مەرۋانە، سەن ئەسلىدە ماڭىلا تەۋە بۇلۇشۇڭ كىرەك ئىدى، سەن نېمە دىگەن چىرايلىق...-، دىدى سەدىردىن. -كەچۈرۈڭ، سىزنىڭمۇ چىرايلىق خوتۇنىڭىز بار بولدى، ماڭا گەپ قىلماڭ، چۈشۈپ كىتىڭ، خەقلەر كۈرۈپ قالسا نىمە دەيدۇ؟ خوش!-، دىدى مەرۋانە. سەدىردىن كىرا ئۈچۈن پۇل ئۇزاتتى، مەرۋانە كىرانىمۇ ئالماي ماشىنىنى ھەيدەپ يۈرۈپ كەتتى. چىڭقى چۈش ۋاقتى، مەرۋانە شەھەر مەركىزىدىن يېزىغا قاراپ مېڭىشىغا تەمشىلىۋاتقاندا ماشىنىغا سەدىردىن چىقتى. -تىز ھەيدەڭ، ماشىنىڭىزنى كۆتىرە ئالىمەن، ئانام كىسەل، تىزراق چىقمىسام بولمايدۇ، سەدىردىن 50يۈەن پۇل چىقىرىپ مەرۋانىنىڭ پۇل سالىدىغان جايىغا سالدى. -باشقا ماشىنىغا چىقىڭ،-دېدى مەرۋانە. -ئۆي يېنىغا ئاپارغىلى ئۇنىمايدۇ، تىزرەك بولسىڭىز.... ھەرنېمە بولسىمۇ ئانام سىزگە بىر قانچە يىل قېينا ئانا بولغانغۇ، سەدىردىننىڭ تۇرقىدىن يالۋۇرغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. مەرۋانە ماشىنىنى ھەيدىدى. سەدىردىن يالغان گەپ قىلغان ئىدى. -مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، مەرۋانە. -چۈشۈپ كەت، سېنى توشۇمايمەن... -بولدى، ئېغىزىمنى يىغاي... مەرۋانە ماشىنىنى ھەيدىدى. -سىز شۇنچىلىك چىرايلىقكى، توۋا مەن كىيىنكى ئۆمرۈمدە سىزنى ئەمرىمگە ئېلىپ قاراپ ئولتۇرسام دەيمەن... -مەھەللىگە كەلدۇق، چۈشۈپ قېلىڭ... -ئازراق ھەيدەڭ... مەرۋانە ماشىنىنى توختاتتى. -بۇنىڭدىن كېيىن مىنىڭ ماشىنامغا چىقماڭ، شوپۇر شۇنچە كۆپ تۇرسا، ئاڭلىسام خوتۇنىڭىز بەئەينى ئالۋاستىنىڭ ئۆزىمىش، بىكار خوتۇنىڭىزنىڭ ئاھانىتىگە قالماڭ، مىنىڭ تۇرمۇشۇمدىن سىز ئاللىقاچان چىقىپ كەتكەن، خوش...-مەرۋانە ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ سەدىردىننىڭ ماشىنىدىن چۈشۈشىگە ساقلاپ تۇردى. -مىنى بىرنى سۆيۈپ قويساڭ چۈشىمەن،-دىدى سەدىردىن ھىجىيىپ. مەرۋانە غەزەپلەندى-دە، توۋلاشقا باشلىدى. -ئەبلەخ، سەن نېمىتىڭ، مەن سىنىڭ كونا چاپىنىڭمىدىم، خالىساڭ كىيىپ خالىساڭ سېلىۋېتىدىغان، چۈشۈپ كەت!-، دىدى قەھرى بىلە. -سەن ئىلگىرى مىنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرەتتىڭ، ھەتتا مەن شۇنچە ئۇرساممۇ يېنىمدىن كەتمەيىتتىڭ، ماڭا كۆيۈنەتتىڭ، نېمە ئۈچۈن ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قالدىڭ، مەن سىنى ھەر كېچە ياد ئېتىمەن...-سەدىردىن يىغلاشقا باشلىدى. مەرۋانە سەدىردىننىڭ زەھەر سەۋەبىدىن ساراڭغا ئايلىنىپ قالغىلى ئازلا قالغانلىقىنى ھىس قىلدى-دە، سەدىردىنگە ئىچ ئاغرىتىپ قالدى. ئۆز ۋاقتىدىكى قامەتلىك گەۋدە، چىرايلىق بۇلاقتەك كۆزلەر، ئەمدىلا خەت تارتقان بۇرۇتلار ئورنىغا ئىگىلىپ قالغان بەل، خۇنۇك كۆز، شاپ ئۇزۇن بۇرۇت ئالماشقان ئىدى. -سەدىردىن، نەششە چەكمىسىڭىز بولمامدۇ، ئايالىڭىز تۇغمىدىمۇ، نېمانداق ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتتىڭىز، بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتسىڭىز بولمامدۇ، چۈشۈڭ، ئانىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ-دىدى مەرۋانە سەدىردىنگە ئىچ ئاغرىتىپ. -ھۇ پاسكىنا، مەن تۇغۇپ بەرمىسەم سەن تۇغۇپ بىرەمتىڭ جالاپ، نىمە ئېرىمنى ئالداپ ياغلىما گەپلەرنى قىلىسەن؟ ماشىناڭ پاھىشىخانىمۇ، ئىرىمنى يولدىن چىقىراي دەمسەن؟ -ھەي سەدىردىن، قوپا ئورنۇڭدىن، ھە، كونا يەرنىڭ ئوتى تۇتۇشۇپتۇ-دە... -خەپ، ھەي پاسكىنا.... مەختۇمخاننىڭ نەشتەردەك تىل-ھاقارەتلىرىدىن مەرۋانە چۆچۈپ كەتتى. مەختۇمخان مەرۋانىنىڭ چېچىدىن تۇتۇۋالدى. - خالايىق، مىنىڭ ئىرىمنى بۇ پاسكىنا ئازدۇرغىلى تۇرۇپتۇ، كۈپكۈندۈزدە ماشىنىسىدا تۇتۇۋالدىم... -توۋلىما مەختۇم! –دىدى سەدىردىن. -ئىشىڭنى قىل، ناكەس، ئۆتەپ بارە!-دېدى مەختۇمخان سەدىردىننىڭ مەيدىسىگە قاتتىق بىرنى تەپتى. مەختۇمخان مەرۋانىنىڭ چېچىدىن قويۇپ بىرىدىغاندەك ئەمەس. مەختۇمخان ئەسەبىيلەشكەن ئىدى، يانچۇقىدىن بىر تال ساقال تىغىنى ئالدى-دە، مەرۋانىنىڭ يۈزلىرىنى تىلىشقا باشلىدى. -تويە، چىرايلىقلىقىڭغا تويە، نېمە ئۈچۈن ئىرىمنىڭ كۆڭلى مەندىن قاچتىكىن دىسەم، ئەسلىدە ئىرىمنى مەپتۇن قىلغان مۇشۇ چىرايىڭكەن ئەمەسمۇ؟ تويە، مانا مۇشۇنداق تىلىمەن... مەرۋانىنىڭ يۈزىگە خۇددى ئاچچىق لازا ياكى كۆزلىرىگە قۇم چېچىلغاندەك ھىس قىلدى. -ئادەم بارمۇ، ھوي ئادەم ئۆلدى...، -سەدىردىننىڭ ئانىسى توۋلاشقا باشلىدى. -توۋلىما قېرى، ماڭە ئۆيگە كىرىپ مىنىڭ بالىلىرىمنىڭ كىيىمىنى يۇيۇپ بەر، مەن تېخى ئادەم ئۆلتۈرمىدىم، مانا تويە قانجۇق... قۇلۇم-قوشنىلار مەختۇمخاننى تۇتۇۋالدى. سەردىردىن يەردە ياتقان مەرۋانىنى يۆلىدى. -ھوي ناكەس ھېجىقىز، قولۇڭنى تارت، تېخى تويمىدىڭمۇ؟ مەختۇمخان قوشنىلىرىنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ سەدىردىننىڭ چېچىدىن ئالدى. -ئاھ خۇدا، مەن نىمە گۇناھ قىلغان بولغۇيىتتىم، قېيىن ئانامنى مەن بۇنداق خارلىمىغانغۇ؟...-سەدىردىننىڭ ئانىسى يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئاھ ئۇرماقتا ئىدى. -جېنىم مەرۋانە ئادىشىم، سىنى نېمە قىلىپ قويدى ماۋۇ پاسكىنا قېرى، ئۇماق ئادىشىم...-بوم ئاۋاز قىز يۈگۈرەپ كىلىپ مەرۋانىنى يۆلىدى، يۈزلىرىدىكى قاننى سۈرتتى. مەرۋانىنىڭ چىرايلىق يۈزىدىكى سىزىلغان خەرىتىگە قاراپ بوم ئاۋاز قىز بوم ئاۋازى بىلەن يىغلاشقا باشلىدى. -ھەي سەت خوتۇن، سەن نىمانداق رەزىل، نىمە ئۈچۈن مەرۋانىنىڭ يۈزىنى تىلىسەن؟ ھەر قانچە بولسىمۇ مەرۋانە سىنىڭ بەڭگى ئېرىڭنى سەندىن تارتىۋالمايىتتىغۇ؟... ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئەنسىز سىگىنالى پۈتۈن مەھەللىنى بىر ئالدى. مۇزدەك سۇغۇق كويزا مەختۇمخاننى ئازراق سەگىتتى، مەختۇمخان تۈرمىگە يول ئالدى، مەرۋانە دوختۇرخانىدا داۋالاندى. ھەيۋەتلىك سوت زالى، زال ئىچى جىمجىت ئىچى، سوتنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى. جاۋاپكار مەختۇم مەرۋانىنى ئىرىدىن ئۇرۇنسىز كۈنلەپ، ساقال تىغى بىلەن يۈزىنى زەخمىلەندۈرگەن. قانۇن دوختۇرى مەرۋانىنىڭ زەخمىسىنى باھالاپ «زەخمىلەنگۈچى سىرتقى بىسلىق قۇرال تەسىرىدىن قاپاق، بۇرۇن، يۈز قىسىملىرى تىرە تۇقۇلمىسى يېرىلىپ زەخمىلىنىپ، داۋالاشتىن كىيىن جەمئى 25.4سانتىر چوڭلۇقتا تاتۇق قالغان بۇلۇپ، زەخمىلەنگۈچىنىڭ چىراي گۈزەللىكىگە روشەن ھالدا تەسىر يەتكۈزگەن، زەخمە دەرىجىسى ئېغىر زەخمە»دەپ باھالىغان. جاۋاپكار مەختۇمنىڭ قىلمىشىدىن جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 234-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى «باشقىلارنى قەستەن ئېغىر زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق، گەرچە زەخمىلەنگۈچى مەرۋانە باشقا پىكىرى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، پۇقرالارنىڭ قانۇنى ھۇقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن جاۋاپكار مەختۇمغا يىنىكلىتىپ 6يىللىق قاماق جازاسى بىرىلسۇن، زەخمىلەنگۈچىنىڭ بارلىق داۋالاش چىقىملىرى تۈلىتىلسۇن! سوت تامام..... مەرۋانە سوت سىرتىغا چىقتى، يۈزىنى يېپىپ روپاش بۇلۇۋالغان مەرۋانە دادىل قەدەملەربىلەن مېڭىپ ماشىنىسى يېنىغا باردى. -مەرۋانە، مىنى كەچۈرۈڭ قىزىم. مەرۋانىنىڭ ئالدىدا سەدىردىننىڭ ئانىسى تۇراتتى. مەرۋانە بىر دەم جىم تۇردى. بۇرۇنقى ئوتلۇق كۆزلەردىن نەپرەت جۇلاسى جۇلالىنىپ يانماقتا ئىدى. -كەچۈرۈڭ مەرۋانە، ھەممىگە مەن ئەيىپلىك...-دىدى سەدىردىن. مەرۋانە نەپرەتلىك كۆزلىرى بىلەن سەدىردىنگە تىكىلىپ قاراپ قويدى-دە، ماشىنىنى ھەيدەپ يۈرۈپ كەتتى. مەرۋانىنىڭ بارلىق گۈزەل لاتاپىتى، شىرىن ئارزۇ-ئارمانلىرى ئەنە قاپقارا پەرەنجە ئىچىگە دەپنە قىلىندى. مەرۋانە تەگسىز خىياللار ئىچىدە مەكتەپ دەرۋازىسى يېنىدا ماشىنىسىنى توختاتتى. -بالىنى مەن ماشىنىغا سالدىم، خالىسىڭىز مەنمۇ سىز بىلەن ئۆيىڭىزگە كىتەي، -ماشىنىغا قاسىم چىقىپ ئولتۇردى. -كەچۈرۈڭ، يولىمىز بىر ئەمەس، خاپا بولماي بالامنى ماشىنىڭىزدىن چۈشۈرىۋېتىپ مىنىڭ ماشىنامغا چىقىرىپ قويۇڭ، قاراڭ، مەندىن يىرگىنىپ كىتىسىز، كۆرمىدىڭىزمۇ؟ ئەمدى سىز ياخشى كۆرىدىغان چىرايىم يوق، خوش بۇلاي، ئەمدى مىنى ئاۋارە قىلماڭ، يولىڭىزغا مېڭىڭ قاسىم-دىدى مەرۋانە. -گەرچە يۈزىڭىزگە خەرىتە سىزىلغان بولسىمۇ، لېكىن سىز يەنىلا سىز، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن...، بولدى، بالىلىرىمنىڭ ئىدىيىسىدىنمۇ ئۆتتى، بالىنى بىر ئۆيدە باقايلى، چوڭ شەھەرگە بېرىپ يۈزىڭىزنى ھۆسۈن تۈزىتىپ كىلەلى جېنىم، مىنى ئەمدى قىينىماڭ...-دىدى قاسىم. پەرەنجە ئىچىدىكى نەپرەتلىك كۆزلەردىن ياش تامچىلىدى. ئەنە، قاسىم بىلەن مەرۋانە ئالى دەرىجىلىك ماشىنىنى ھەيدەپ ئۇچقاندەك مەركىزى شەھەرگە قاراپ ماڭماقتا.... مەرۋانە پەرەنجىسىنى ئېلىۋېتەمدۇ ياكى مەڭگۈ پەرەنجە ئىچىدە ياشامدۇ بۇنىسى نامەلۇم... قاراقاش ناھىلىك ج خ ئىدارىسىدىن تۇدىمەمەت سەئىدى w&p+mJL.
|