تاشنىڭ ھىكايىسى
تاشنىڭ ھىكايىسى (ھىكايە) تۇدىمەمەت سەئىدى تۈن كىچە، شىرىن ئۇيقۇدا يېتىپ، ئاجايىپ-غارايىپ چۈشلەر ئىسكەنجىسىگە كىرىپ كىتىپ بارىمەن، تۇۋا، ئىنسانمۇ چۈشىدە نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىكەنغۇ....شۇنداق مەن، چۈشۈمدە سۈپسۈزۈك يالتىراپ تۇرىدىغان بىر قاشتېشىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم. پەس تەرەپ ئەزىم دەريا، ئىككى قىرغاق ئىگىز تاغلار بىلەن ئۇرالغان، سۈرلۈك بىر جايدا شېغىل تاشلار ئارىسىغا كۈمۈلۈپ ياتماقتىمەن، تاغ باغرى يېشىل تون كەيگەندەك مەن ياتقان ئۇرۇننىڭ قېشىدىن پەس تەرىپىدىن دەريا قېنىغىچە ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر بىلەن ئۇرالغان ئىدى، كىچە ھاۋا شۇنچە سۇغۇق، يېقىملىق ئاي نۇرى دەريادىكى سۇلاردىن شولا چىقىرىپ، دەريا لىۋىدىكى تاغلارغا ئىللىق ئاي نۇرى ئاتا قىلغان ئىدى، ئاي نۇرىغا ھەمدەمدە بۇلۇپ يالتىراپ نۇر چىقىرىشقا شۇنچە تىرىشساممۇ ئۈستۈمدە مىنى يېپىپ تۇرغان شېغىللار كۈپەيسە كۈپىيەتتىكى ھېچبىر ئازلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. يەرگە باقسام يەرنىڭ تىگى يوق، بوشلۇقمۇ يوق، كۆككە باقسام شېغىللار ئارىسىدىن يۇرۇقلۇق چۈشمەكتە ئىدى، مەن تۇرۋاتقان تاغلارغا نەزەر سالدىم، توۋا، بەھەيۋەت تاغلار، لەرزىگە كەلگەندەك، ئىدىرلار، مىدىرلاۋاتقاندەك، گۆكىرەپ بۇران چىقماقتا، زىمىندا، ئادەمزات، كۆكتە، ئۇچار قۇشلارمۇ كۈرۈنمەيتتى، بۇ يەر گاھىدا قاتتىق سۇغۇق بۇلىدىغان، گاھىدا ھاۋا ئىللىپ كىتىدىغان، كۈپۈنچە ۋاقىتتا زۇلمەت قاراڭغۇ بۇلىدىغان جاي ئىدى، مەن بىر قاشتېشى، شۇنداق مەن پاكلىقنىڭ بىشارىتى، مۇنداقچە ئېيتقاندا غايەت زور بايلىق ئىدىم. مەن ئۈستۈمدە تۇرغان شېغىل تاشلار، قۇم تۇپىلارنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكمەي، تۇپراقنى يېرىپ چىقىپ دومىلاپ پەستىكى ئەزىم دەرياغا قايتىدىن چۈشۈپ قاشتېشى ئىزدەۋاتقان ياخشى نىيەتلىك، دۇرۇس، بىر كىشىگە ئۇچراشنى ئارزۇ قىلاتتىم... شۇنچە ئۇزۇن تۇپراق ئاستىدا ياتتىم، ئۇزاق داۋاملاشقان قۇرغاقچىلىقنى ئۇزۇتۇپ قويغان خاسىيەتلىك يامغۇر بۇ دەرياغا ئامەت ئېلىپ كەلدى، دەريا سۈيىنىڭ ئۇلغۇيشى ئۈستۈمدىكى شېغىللارنى كۈنسايىن ئازلاشتۇرۇپ، مىنىڭ ئۈستى تەرىپىمنى ئېچىۋەتتى. نەچچە مىڭ يىللار ئادەمزات ئاياغ باسمىغان بۇ جايدا ئەمدىلىكتە پات-پات ناغرا-سۇناي ئاۋازلىرى توختىمايدىغان، كىشىلەر گاھى-گاھىدا ئۇسۇلغا چۈشىدىغان بولدى. -ئاھ خۇدا، مەن بېيىپ كىتىدىغان بولدۇم..... -ماڭا ئامەت ئاتا قىلدىڭ..... -ماڭا خۇدا بەردى.... -ئوغلۇمنى ئۆيلەپ قۇيالايدىغان بولدۇم..... مەن پەسكە قارىدىم كەكە ساقال، بىلىگە پۇتا باغلىۋالغان ئوتتۇرا ياش بىر دىھقان كىشىگە مەندىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى بىر قاشتېشى نىسىپ بولغان ئىدى. بۇۋاي قاشتېشىنى يۈرىكىگە تاڭدى، بۇۋاي ئىرىشكەن قاشتېشى مىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىمغا تەڭ كىلىدىغان تاش بولسىمۇ ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە بۇ تاشمۇ خېلى پۇلغا يارايتتى. بۇۋاي، تاش تېپىلغان شۇ جايدا بىر كۈن تۇردى، خۇداغا ھەمدۇ سانا ئۇقۇپ ناماز ئۇقۇدى. كەچ كىردى، بۇۋاينىڭ قاشتېشى كولىغىلى بىرگە چىققان 5شىرىكى بار ئىدى. بۇۋاي شىرىكلىرىگە قاشتېشىنى كۆرسەتتى. -خۇدا سىلىگە بىرىپتۇ...ياخشى بۇپتۇ ئاسىم ئاخۇن...دىدى بىر شىرىگى قاشتېشىنى سىنچىلاپ كۈرۈپ سىلىغاندىن كىيىن. -ئەمدى، ئوغلۇڭلارنى ئۆيلەش تۈگۈل، قىزىڭلارنىمۇ تويلاپ ئۈيۈڭلارنىمۇ يىڭىلىۋالغۇدەكسىلەر، بۇ تاش خېلى خېلى پۇلغا يارايدۇ...دىدى يەنە بىر شىرىگى ئاسىم ئاخۇننى قۇچاقلىدى. -بۇ تاش بىز 6كىشىگە مەنسۇپ، بىز ھەممىمىز تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن تەڭ چىققان، گەرچە ئايرىلىپ تاش كولىغان بولساقمۇ ھەممىمىز تەڭ بۈلىشىمىز ...دىدى ئاسىم ئاخۇن. كۆپچىلىك شۇنچىلىك خۇشال بۇلۇشتى. -تاشنى شەھەرگە ئەكىرىپ ئاندىن ساتامدۇق يا تاش خۇجايىنلىرىغا مۇشۇ يەردىلا ساتامدۇق : دىدى ئاسىم ئاخۇن شىرىكلىرىگە قاراپ. -ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ يەردىلا ساتساق باھاسى يۇقۇرى بۇلىدۇ، ئۆزلىرى بىر نەرسە دىسىلە: دىدى ئاسىم ئاخۇننىڭ يەنە بىر شىرىگى. -ئەمىسە ساقلايلى، ئەتە تاڭ ئاتقاندا يولدىن ئۆتكەن قاشتېشى خۇجايىنلىرىنى چاقىرايلى دىيىشتى ئۇلار. گۇلخان يېقىپ بىر كىچە ھەمدۇ سانا ئۇقۇپ خۇشاللىقتا ئۇخلاشتى. تاڭ ئېتىشقا يېقىن بۇۋاي بىر شىرىگىنى بىر تۇخۇ ئېلىپ كىلىشكە ئەۋەتتى. تۇخۇ ئالغىلى كەتكەن كىشى تاڭ ئاتارغا يېقىن قاشتېشى ئالىدىغان سودىگەرلەر بىلەن بىرگە بىر تۇخۇنى كۈتىرەپ كەلدى. -پاھ...پاھ...كارامەت تاشكەن..... -بولدى مەنلا ئالاي ئىككىيۈزمىڭ يۈەنگە بىرەملا..... ئاسىم ئاخۇن قاتارلىق ئالتە ئادەمنىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالدى...... -نىمە دىدىڭىز....ئۇكام....دىدى ئاسىم ئاخۇننىڭ شىرىگى دۇدۇقلاپ. -بولدى ئۈچيۈزمىڭ، ئۇنىڭدىن ئاشۇرالمايمەن...دىدى تاش خۇجايىنى. -ئەسلىدە تۇخۇ ئەكەلمەي قوي ئېلىپ كەلسىلە بولماسمىدى قان قىلغىلى، ئاڭلىدىڭلىمۇ، قانداق قىلىمىز: دىدى ئاسىم ئاخۇن شىرىكلىرىگە قارىدى. -ئۆزلىرى چوڭ، ئۆزلىرى نىمە دىسىلە شۇ ھىساپ: دىيىشتى شىرىكلەر. -بولدى، سەن خېلى گاڭ گۇڭ يىگىتتەك تۇرىسەن، پايدا تاپساڭ سەن تاپ، ئاخىرقى قېتىم دىگىنىڭنى بەرگىن ساڭىلا ساتايلى بولدى: دىدى ئاسىم ئاخۇن. ئاسىم ئاخۇن تۇخۇنى ئۆلتۈرۈپ قاشتېشى تېپىلغان جايغا قان قىلدى. ھەش-پەش دىگۈچە قاشتېشى خۇجايىنى 30بۇغام پۇلنى تېلىفۇن قىلىپ ئەكەلدۈردى. ئاسىم ئاخۇن قاشتېشىنى يىگىتكە بەردى، يىگىت كەتتى. -ئاھ، خۇدا، رەخمەت ساڭا: دىدى ئاسىم ئاخۇن ھۆڭىرەپ يىغلاپ كەتتى دە پۇلنى 5بۇغامدىن قىلىپ شىرىكلىرىگە بۈلىشىپ بەردى. شىرىكلىرىمۇ خۇشاللىق ياشلىرىنى تۈكۈشتى. -سىز جىقراق ئېلىشىڭىز كىرەك، ھەر بىر شىرىك بىر بۇغامدىن پۇلنى ئاسىم ئاخۇننىڭ پۇلى ئۈستىگە قويدى. -بۇلىدۇ، ھەر بىرىمىز بىر بۇغامدىن پۇلنى مەھەللىدىكى باققۇچىسى يوق يىتىم يىسىرلارغا بىرەيلى..... -6كىشى خۇشاللىق ئەمما جىمجىتلىق ئچىدە بىر-بىرىنى يۈلىشىپ قايتىپ كىتىشتى. مەنمۇ بىر تاش، ئىنسانلارنىڭ مىھرى-مۇھەببىتىدىن تەسىرلەنگەن بولسام كىرەك يۇقارقى كىشىلەرگە شۇنچە تەلمۈرسەممۇ بىراق ئۇلار مىنىڭ يېنىمدىنلا ئۈتۈپ كىتىشتى، مەنمۇ شۇ كىشىلەرگە نىسىپ بۇلۇشنى، مىسكىننى يۈلەشنى، چىن مۇھەببەتلىك ۋاپادار شۇ كىشىلەرنىڭ قۇلىغا چۈشۈشنى ئارزۇ قىلىشقا باشلىدىم، كۈنلەر ئايلار ئۆتمەكتە ئىدى. ھەر خىل تىپتىكى ماشىنىلار، گاھ مىنى شېغىل ئارىسىغا ئالسا، گاھ تۇپا ئۈستىگە ئېلىپ ئۈزۈم تۇرغان ئۇرۇندىن بىر قانچە قېتىم سۈرگۈن قىلىنغان بولساممۇ مىنى يەنىلا كىشىلەر تاپالمايۋاتاتتى. -مەن چوڭ بىر قاشتېشى تېپىۋالدىم، قاراڭلار... ياش بىر بالا مەندىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىن مىنىڭ يېرىمىمغا كىلىدىغان بىر قاشتېشىنى تېپىۋالغان ئىدى. -ئاكا، قانداق قىلىمىز، ئاۋۇ بالا تېپىۋالغان تاش، ئاز كەم بىر مىلىيۇنغا يارايدۇ، بىز گەرچە شىرىك بولساقمۇ ئۇ بالا بۇنى بىلسە بىزگە پۇل بەرمەيدۇ، ئۇ بالا بىزنى تۇنىمايدۇ، بۇ يەردە قاشتېشى قازغىلى 15كۈن بولدى، يېنىدا ھېچكىم يوق، قاتتىق ئۇرىۋېتىپ تاشنى ئېلىپ كىتەيلى... ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن تاش تېپىۋالغان بالىنى دۇمباللاشقا باشلىدى. -بولدى، مىنى ئۇرماڭلار، قاشتېشىنى مەن سىلەرگە بىرەي، مىنى تىرىك قۇيۇڭلار، مەن خۇش بۇلاي...قېرى ئانام بار باقمىسام بولمايدۇ: قاشتېشى تېپىۋالغان بالا يالۋۇردى. بىردەمدە بالىنىڭ پۇت-قۇلى سۇندى، زۇۋانى پەسلىدى. ئاكا-ئۇكا ئىككىسى قاشتېشىنى چاپانغا يۆگەپ باشقا كىشىلەر كۈرۈپ بولغۇچە غىپپىدە بالىنى تاشلاپ قېچىپ كەتتى. بالا بىر ھازا ياتتى، بىر چاغدا ھۇشىغا كىلىپ ۋايجانلاشقا باشلىدى. بالىنىڭ يېنىغا باشقا كىشىلەرمۇ كىلىشكە باشلىدى. -نىمە بولدى..... -ئىككىسى مىنىڭ قاشتېشىمنى بۇلاپ كەتتى. -جۈرە ئۇكام، ساقچىغا مەلۇم قىلايلى..... بۇ كىشلەرمۇ بۇ يەردىن ئايرىلىشتى. توۋا نىمە ئىش بۇ، بىزنىڭ ئاتىلىشىمىز ئىنتايىن پاك، مەنمۇ شۇنداق، شۇنچە سۈپسۈزۈك، مەن سۈيقەسىت ھەم غەزەپكە تولغان بۇنداق كىشىلەرگە مەڭگۈ ئۇچراپ قالماسلىقنى تىلەپ جىم يېتىشقا باشلىدىم. ئىنسانلار ئاخىرى مىنى تېپىۋېلىشتى. مىنى تېپىۋالغان كىشىنىڭ ئىسمى قادىر ئىدى. قادىر، يۇرۇڭقاش ۋادىسىدىكى دىھقان ئوغلى بۇلۇپ ئۇ ئىنتايىن كەمتەر، 20ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ يىگىتنىڭ ئۈزىنىڭ ئەۋزەل ئورنىغا بولغان قەتئى ئىشەنچىسى بار بولغاچقا پۈتۈن ئائىلىسىدىكى نامراتلىقلاردىن خالى بۇلۇش ئۈچۈن نۇرغۇن كەنىت ھەم جىلغىلاردىن ئۈتۈپ، بۇ يەرگە، ئۈزىنىڭ ئامىتىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن بۇ يەرگە ئەڭ يىراق يەرگە كەلگەن ئىدى، ئازراق پۇللۇق بولسا ھەمدە گۈھەردەك قاشتېشىنى ئۈزى سۆيگەن قىزىغا بىلەيزۈك قىلىپ بەرسە شۇ كۇپايە ئىدى، قادىردا قىلچىمۇ قارا نىيەت يوق، ئۇنىڭ ئارزۇسى پەقەت غەم ئەندىشىسىز تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدى. -ئاھ، خۇدا مىنىڭ رىسقىمنى بەردىڭ، ماڭا ئامەت ئېلىپ كەلدىڭ بىسمىللا... قادىر مىنى كۈرۈپ ئالدىمدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قالدى. چاپىنىنىڭ يىڭىدە ئۈستۈمدىكى تۇپىلارنى سۈرتىۋەتتى. قاشتېشى كولاشقا ماڭغاندىكى ئىشلار قادىرنىڭ كۆز ئالدىدا ناماييەن بۇلۇشقا باشلىدى. -ئوغلۇم توي قىلىش يېشىغا يەتتىڭ، نامرات بولغاچقا سىنى ئاخىرغىچە ئۇقۇتالمىدۇق، ئۈزۈڭ كۈرۈپ تۇرۇپسەن، سەن توي قىلماقچى بولغان قىزنىڭ ئائىلىسى خېلى باي بولغاچقا ئۈيدىكىلىرى بىزنى نامرات كۈرۈپ قىزنى بەرمىدى، بىز نامرات ئەمەس بالام، بىزنىڭ روھىمىز باي، جېنىمىزلا بۇلىدىكەن چۇقۇم باي بۇلالايسەن، مىنىڭ يېشىم بىر يەرگە باردى، سەن تاش كولاپ بايلىق ئىزدىگىلى بارىسەن، مىنىڭ يۈزۈمنى كۈرەلەمسەن، كۈرەلمەمسەن بۇنى خۇدا بەلگۈلەيدۇ، ئاق يول بولسۇن، ئۈزۈڭگە ھېزى بول، يېرىم يولدا قۇشۇلغان ھەمرا ئەمەس، سەن بەك ئاق كۈڭۈل بالام، مۇستەقىل ياشاشنى ئۈگەن، قارار قىلىشنى ئۈگەن، ئاق يول بولسۇن، دىدى ئانا ئوغلى بىلەن خوشلاشتى. قادىر ئانىسىنىڭ كىسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلەتتى. قادىرنىڭ بىردىن بىر ئارزۇسى ئانىسىنى داۋالىتىش ئاندىن توي قىلىش، ئۈزى نامرات دەپ ياراتمىغان بولغۇسى قېيىن ئانىسىغا ئۈزىنى ئازراق بولسىمۇ كۆرسىتىپ قۇيۇش ئىدى. قادىر يول يۈرۈپ بىر قانچە كۈندىن كىيىن ئۈزى يالغۇز تاش كولاۋاتقان بىر يىگىت بىلەن ئۇچۇراشتى. -ئۈزەڭلار يالغۇزمۇ....: دىدى قادىر خورجۇننى يەردە قويدى. -شۇنداق، بىر قانچە يىلدىن بىرى شىرىكلەر كوۋلىغان، بىراق ئامىتىم قاچتى. يېقىندىن بىرى يالغۇز كولاۋاتىمەن، ئامىتىم كىلەرمىكىن دەيمەن: دىدى يىگىت. -ئىسمىڭلار نىمە ئىدى...... -ھە ئىسمىم نامەت.... دىدى يىگىت. نامەت 25ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان، چېقىر كۆز، بىر قاراشتىن خۇددى چەتئەللىك ئەجنەبىلەرگە ئوخشايدىغان تۇرقى، كىلەڭسىز بۇيى، نامەتنى تۈرمىدىن قاچقان جىنايەتچىلەرگە ئوخشىتاتتى. كەچ بولغاچقا قادىر نامەتنىڭ چىدىرىدا يېتىپ قالدى. بىر چاغدا نامەت خورۇلدۇتۇپ قاپاقتا بىر نەرسىلەرنى شۇراشقا باشلىدى. -ھوي، ئاداش، خوتۇلدۇتۇپ تارتىۋاتقىنىڭ قانداق نەرسە...دىدى قادىر. -جەننەتنىڭ ھۇزۇرى....دىدى نامەت. -جەننەتنىڭ ھۇزۇرى دىگىنىڭ نىمەئۇ،زەھەر ئوخشىمامدۇ...دىدى قادىر. -شۇنداق، نەششە.... تارتىپ باقامسەن: دىدى نامەت بۇرۇتلىرىنى بىر قۇلىدا رەتلىگەچ، چىلىم تارتىشقا باشلىدى. -زەھەر ئادەمنى خورىتىۋېتىدۇ، دادام رەھمەتلىك دائىم ماڭا ئۇغۇل بالا ئۈچ ئىشنى قەتئى قىلماسلىقى كىرەك، بىرى زەھەرگە يولىماسلىقى كىرەك، چۈنكى زەھەرگە يۇلىسا ئاخىرى قەلەندەر ياكى ساراڭ بۇلۇپ قالىدۇ: دەيتتى دىدى قادىر، ئەمدىلا گىپىنى داۋاملاشتۇرشىغا نامەت سۆز قاتتى: -قاراپ باقە سەن زەھەر چەكمەيدىكەنسەن قەلەندەردىن نىمە پەرقىڭ، پۇلۇڭ بارمۇ، ئۈيۈڭ ئۆرۈلۈپ كەتكىلى ئاز قالغاندۇ ھە قاچان، خۇتۇنۇڭ بارمۇ، قىزلار پۇلى يوق دەپ ساڭا تەككىلى ئۇنىمىغاندۇ شذ، مەن سەندىن ياخشىرەك تۇرمامدىمەن مانا، ھە سۆزلە ئىككىنچىسىچۇ دىدى نامەت. قادىرنىڭ سەل ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ يانغىراق سۈرۈلۈپ ئولتۇردى. -ئىككىنچىسى، ئۇغۇل بالا ئوغۇرلۇق قىلمىغۇلۇق، ئوغۇرلۇق قىلسا خەلقى ئالەم ئالدىدا يۈزى سورۇن بۇلۇپ قالىدۇ، ئۈچىنچىسى قىمارغا يېقىن بارمىغۇلۇق، قىمار ئائىلىنى خورىتىۋېتىدۇ دەيتتى ئاداش، سەن بىلەن ئەمدى تۇنۇشتۇم، قاپاقنى نېرى تاشلا بىز دوسىت بۇلايلى : دىدى قادىر. -گىپىڭغۇ ئۇرۇنلۇق، مەن كۈنۈپ قاپتىمەن، بۇنى چەكمىسەم دەرتلىرىمنى قانداقمۇ باسالايمەن: دىدى نامەت. -سىنىڭ قانداق دەردىڭ بار:دىدى قادىر قىززقىپ. -مەن بېقىۋالغان بالا ئىكەنمەن، ئاتا-ئانام كىم، نەدىن كەلدىم بۇنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن، مىنى بېقىپ چوڭ قىلغان بېقىۋالغان ئاتا-ئانام مىنى كۇچدىن تېپىۋالغان ئوخشايدۇ، ئۇلار خېلى پۇللۇق كىشىلەر ئىدى، قايناق شەھەر تۇرمۇشى مىنى ئۆزلىكىدىن مەكتەپتىن چىقىرۋالدى. ئاتا-ئانام ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ تەئەللۇقى ماڭا قالدى. مەن خۇتۇن ئالدىم، 1-خۇتۇنۇم مەن بىلەن 1 يىل ئۆي تۇتۇپ پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى سېتىپ بولغاندىن كىيىن باشقا بىرسى بىلەن قېچىپ كەتتى. 2-خۇتۇنۇم مىنى بارا-بارا زەھەرگە خۇمار قىلىپ قويدى، زەھەرگە خۇمار قىلغاندىن كىيىن ئۈزىمۇ زەھەر چىكىپ ئۇكۇل قىلغاچقا ئۆلدى. مەن شۇ ساۋاقلارنى ئىسىمدە ساقلاپ ئاق ئالۋاستىدىن قۇتۇلغان بولساممۇ لېكىن نەششىدىن نېرى كىتەلمىدىم. 3-خۇتۇنۇم مىنىڭ تاياق دەشنەملىرىمگە دال بۇلالمىدى بولغاي ئۇزۇن ئۆتمەي تۇيۇقسىز ئۈلۈپ كەتتى، ئاخىرى خۇتۇنۇمنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزى ئۈستىدە دەۋا قىلىپ يۈرۈپ مىنىڭ ئۆي بىساتىمنى ساتقۇزۇۋالدى، شۇنىڭدىن بىرى مەن شەھەر تۇرمۇشىغا خاتىمە بىرىپ قەلەندەردىن پەرىقلەنمەيدىغان زاھىتلىقنى باشلاپ ئادەمزاتسىز جايلاردا نەششە چەكتىم، قاشتېشى كوۋلىدىم، مانا كۈرۈپ تۇرۇپسەن، مەن كىم، كىم ئىدىم شۇنچە، شۇڭا چىكىمەن، نەششىنىمۇ شۇنچە جاپادا تاپىمەن، كىچىككىنە پۇلغا يارىغۇدەك بىر تاش تاپسام دەرھال كىرىپ نەششە ئاچىقىمەن....نامەت يىغلىدى. قادىر نامەتنىڭ بېشىنى سىلىدى. -خاپا بولما، ياشاش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، نەششىنى تاشلاش خىيالىڭ بولسىلا تاشلىيالايسەن، ئەتىدىن باشلاپ بىز قاشتېشنى بىللە كولايلى، نەچچە ۋاقىتتىن كەلمىگەن ئامىتىڭ مەن بىلەن كوۋلىساڭ كىلەمدۇ تىخى: دىدى قادىر. -دىگىنىڭدەك بولغاي ئىلاھىم.... دىدى نامەت. -لېكىن بىر شەرىت بار، مەن بىلەن شىرىك بولساڭ نەششە چىكىشكە رۇخسەت يوق، پاك جىسمىڭ بىلەن ھالال ئىشلىشىڭ كىرەك، ھالاللىق بىزگە ئامەت ئېلىپ كىلىدۇ: دىدى قادىر. قادىرنىڭ خىيال نەزىرى ماڭا چۈشتى، چۈنكى مەن قادىرنىڭ چىرايىغا پاقىراپ نۇر چاچقان ئىدىم. -ئاھ، ئىگەم شاپائىتىڭگە ھەشقاللا....بۇ رىسىق مىنڭلا ئەمەس، نامەت ئەمدى زەھەر تاشلايدىغان بولدى:دىدى قادىر. -نامەت.... نامەت...ھەي نامەت قېنى سەن: قادىر ئۈنلۈك ۋاقىردى. چىدىردا ئۇخلاۋاتقان نامەت كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ چىدىرنىڭ سىرتىغا چىقتى. -نىمە بولدى، بۆرە كەلدىما...ئەجەپ ئۇيقۇمنى، كەيپىمنى بۇزدىڭغۇ- قاق سەھەردە نىمە بولدى: دىدى نامەت. -بىزنىڭ ئامەت كەلدى، تىز بۇياققا چىق، ماۋۇ دۆڭدىن چوڭ بىر قاشتېشى تېپىۋالدىم، پەسكە ئېلىپ چۈشۈشۈپ بەر....دىدى قادىر. قادىر ئۈزىگە ئامەت ئەمەس بەلكىم ئاپەت كىلىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. نامەت ئىگىز تاغ قاپتىلغا تەستە ياندىكى چېغىر يول ئارقىلىق چىقتى. نامەت مىنى كۈرۈپ مۇغەمبەرلىك بىلەن ھىجايدى. -بۇ راستما.... راستكەن ھەقىقى تاشلار شاھى ئىكەن. ھى ھى ... نامەتنىڭ ماڭا بەرگەن باھاسىغا خۇشال بولغان بولساممۇ لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلىدە قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى پىلانلاۋاتقىنىدىن مەن بىر تاش تۇرۇپ چۈچۈشكە باشلىدىم. -ئىسىل تاش.... -گۈھەر تاش..... نامەت ھەر قېتىم مىنى ماختاپ مىنى سىلىغاندا، پارقىراپ تۇرغان ھالىتىمنى دەرھال كۈمۈرگە ئۆزگەرتىۋالغان بولسام دەپ ئويلاشقا باشلىدىم. نامەت قادىرغا ياردەملىشىپ مىنى تارتىپ ئالدى دە چوڭ بىر داستىخانغا يۆگەپ قويدى. -ئاۋۇ تەرەپتىن چۈشەيلى: دىدى نامەت چوڭقۇر يار تەرەپنى قادىرغا كۆرسەتتى. -ئۈزىمىز چىققان تەرەپ بىلەن چۈشەيلى دىدى قادىر. -ئەخمەقمۇ سەن، ئۇ تەرەپ بىلەن چۈشسەك باشقا كىشىلەرمۇ تاشنى كۈرۈپ قېلىپ شىرىك بۇلىۋالىدۇ، بىزنىڭ نىسىۋىمىز ئاز قالىدۇ، ماۋۇ تەرەپ بىلەن چۈشۈپ ئەگىپ ئۈتۈپ كىتىمىز ماڭ: دىدى نامەت. -چىدىرلارنى قانداق قىلىمىز: دىدى قادىر. -ئەخمەق كىيىنچە كىلىپ ئېلىپ كىتىمىز، چىدىردا خۇتۇنۇڭ بولسىمۇ بۇ تاشنى كۆرمىدىڭما تاشلاپ قۇيۇپ كىتىرۋىرىمىز جۈرە: نامەت قادىرنى ئالدىغا سېلىپ قىيا تاشلار تىك تۇرغان يار تەرەپكە ماڭدى. يار لىۋىگە كىلىشىگىلا نامەت قادىرنى كۈچەپ پەسكە ئىتتىرۋەتتى. قادىر خېلى ئىگىز تاغ ئۈستىدىن دەريا قېنىدىكى بىر ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى، قادىر جىمىپ قالدى، نامەت مىنى بىلىگە چەگدى دە ياندىكى چېغىر يول ئارقىلىق چىدىر يېنىغا چۈشتى. ئەتراپقا نەزەر سالغاندىن كىيىن قادىر يىقىلغان ئۇرۇنغا باردى. قادىرنىڭ بېشى چوڭ بىر تاشقا چۈشكەچكە قادىر جان ئۈزگەن ئىدى. شۇ تاپتا مەن قادىرغا قۇربىم يەتسە جان كىرگۈزۈشنى، مىنى كۈتىرەپ بېرىپ ئۈزىنىڭ سۆيگەن يارىغا سوۋغا قىلدۇرۇشنى ياكى ئانىسىنىڭ كىسىلى ئۈچۈن بىرەر يىرىمنى چېقىپ سېتىۋېتىشنى شۇنداق ئارزۇ قىلاتتىم. بىراق مەندە ئۇنداق قۇدىرەت يوق ئىدى. -ئادەم بارمۇ.... -ئادەم بارمۇ ..... نامەت توۋلاشقا باشلىدى. بىردەمدە يېقىن ئەتراپتىن ئادەملەر كىلىشكە باشلىدى. -ئاھ قېرىندىشىم، نەدىنلىكىڭنى بىلمەيمەن، تاغدىن چۈشۈپ كىتىپسەنغۇ، ئاتا-ئاناڭ نىمە بۇلۇپ كىتەر، ۋاي قېرىندىشىم، خۇدايىم ياتقان يىرىڭ جەننەتتە بولغاي.....نامەت ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى. قادىرنىڭ مەھەللىسدىن ياشتا چوڭراق 2مويسىپىت كىشى قادىرنى ئىزدەپ چىققان ئىدى، ئۇلار قادىرنى تۇنىدى. -ئالتۇندەك بالا ئىدى، رىسقى شۇنچىلىك ئوخشايدۇ، بىچارىنىڭ ئانىسى تۈنۈگۈنلا تۈگەپ كەتكەن، بىز قادىرنى ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن ئىزدەپ چىققان: دىيىشتى ئۇ كىشىلەر، قادىرنىڭ جەسىتىنى ھارۋىغا سېلىپ ئەكىرىپ كىتىشتى. ئاھ، خۇدا، مەن سىنىڭ ئىدىمغۇ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سەندەك ئاقكۈڭۈل بىر ئىنسانغا ئۇچۇراشنى تىلىگەن ئەمەسمىدىم، مىنىڭ سەۋەبىمدىن سەن نامەت تەرىپىدىن شۇنداقلا ئۆلتۈرۈلدۈڭ، بىراق قاتىلىڭ ماڭا ئىگە بولدى، بۇنى مەندىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، مىنىڭ زۇۋانىم بولمىسا ئىنسانلارغا قانداق چۈشەندۈرىمەن، مەن شۇنچە زور قىممەتكە ئىگە، گۈھەر بولساممۇ سەندىن ئاجىز بىر ماددى بۈيۇم خالاس، نامەت مىنى ئۈزىنىڭ قۇرسىقىغا مەزمۇت باغلىدى دە كشىلەر تۇپىغا ئەگىشىپ ماڭدى. بەھەيۋەت ئىگىز تاغلار، بارا-بارا كەينىمىزدە قالدى، ئىشەك ھارۋىلىرى ئورنىغا ماشىنا ئالماشتى. نامەت كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويماسلىقى ئۈچۈن قادىرنىڭ جەسىتىنىڭ كەينىدىن نامازغا قاتنىشىش ئۈچۈن مىنى ئېلىپ بىللە كىردى. -ئاللاھۇ ئەكبەر.....لا ئىلاھە ئىللالا...... مەسچىتتىن چىققان ئاخۇنۇمنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى پۈتۈن مەھەللىنى بىر ئالدى. ئۆمرىدە مەسچىتكە كىرىپ باقمىغان نامەت تاھارەتمۇ ئالماستىن قېلىن چاپىنى ئىچىگە مىنى چىڭ ئۇراپ مەسچىتكە كىردى. نامەتنىڭ بەدىنىدىكى سېسىق ھىد، تەر تامچىلىرى مىنىڭ سۈزۈك يۈزلىرىمنى دۇغا قىلىۋەتكەن ئىدى، مەسچىت ئىچىدە نامەتنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان 2ياش يىگىت سەل يىراقراق سۈرۈلۈپ ئولتۇردى. نامەت يىگىتلەرنى دوراپ سەجدە قىلدى، شۇ تاپتا مەن مەسچىت ئىچىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر كۈنى ئىبادەت قىلىدىغان پاك جايىدا نامەتنىڭ قوينىدىن چۈشۈپ قېلىشنى قانچە تىلىگەن بولساممۇ لېكىن نامەت مىنى چەمبەرچاس بەدىنىگە چىگىۋالغان ئىدى. جامائەت مەسچىتتىن چىققاندىن كىيىن قادىرنىڭ نامىزى ئۇقۇلدى. موللام قادىرغا شۇنداق ياخشى تەرىپلەرنى بەردى. شۇ تاپتا مەن قادىر بىلەن بىللە قادىرنىڭ يەرلىگىگە كىرىپ كىتىشنى شۇنداق ئارزۇ قىلىۋاتاتتىم، لېكىن يەنىلا ئىنسانلاردىن قورقاتتىم، ئەگەر قادىرنىڭ يەرلىگىدە بىللە ياتسام قادىرنىڭ جەسىتىمۇ تىنىچ بۇلالماسمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم، قارا رەڭلىك دۇخاۋىغا ئەرەپچە ئايەتلەر چۈشۈرۈلگەن جىنازا ئۈستىگە قادىرنىڭ قارا رەڭلىك بادام دوپپىسى ئىلدۈرۈپ قۇيۇلغان ئىدى. جىنازا مەسچىت سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ زارەتگارلىققا ئېلىپ مېڭىلدى. يىراقتىن ئاق ياغلىق چەككەن، ئاق كۆينەك كىيىۋالغان چىرايلىققىنە بىر قىز يۈگۈرۈپ كىلىۋاتاتتى. ئۇ قادىرنىڭ سۆيگىنى بۇلۇپ ھېچكىم يىغا زار قىلمىغان جىمجىتلىق سۈرىگەن بۇ مەھەللىنى مۇڭلۇق يىغىسى بىلەن بىر ئالدى، قىز قۇشاق قاتاتتى، يىغلايتتى. قىزنىڭ يېنىدا 2دوستى بۇلۇپ بۇ قىزلارمۇ قارىلىق كىيىم كىيىېۋالغان ئىدى. -سەۋرى قىل ئاداش، قادىر تىنىچ ياتسۇن..... -ئاھ قادىر....بۇ دۇنيادا رىسقىمىز قۇشۇلمىدى، ئۇ دۇنيادا بىللە بۇلايلى...... شۇ تاپتا مەن نامەتنىڭ قوينىدىن يۇلۇنۇپ چىقىپ قادىرنىڭ مەھبۇبىسىنىڭ قۇلىغا چۈشۈشنى ئارزۇ قىلغان بولساممۇ لېكىن ئۇنداق ئىشلار بولمىدى، قادىر كۈمۈلدى، نامەت زارەتگارلىقنىڭ نېرىسىغا بېرىپ بىر ئېرىققا كىردى دە بۇلۇشىغا نەششە چەكتى. -تاشلارنىڭ شاھى تېشىم، تەرلەپ كىتىپسەن، سۈرتۈپ قۇياي، تازا پاقىرا....ئاھ تېشىم....سەن ئەمدى مىنىڭ:نامەت مىنى سېسىق پۇرايدىغان ئېغىزىدا بىر قانچە قېتىم سۆيدى دە ئەمدىلىكتە بىر مەزمۇت سومكىسىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى. نامەت مىنى بۇرۇن كولاپ ئالغان يەرگە ئېلىپ كەلدى، مەن شۇ تاپتا مىنى ئۆز جايىغا قۇيۇپ قۇيىدىغان بولدى، نامەت قادىرنى ئۆلتۈرگىنىگە پۇشايمەن قىلدى دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق ئويلىغانلىرىم خاتا چىقتى. شۇ تاپتا موتوسىكلىتقا مىنگەن سىمىز بىر تاش سودىگىرى نامەتنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. -ماڭا خۇدا بەردى، قاشتېشى چىقتى، نەخ پۇلغا ئالسىڭىز سىزگە بىرىمەن: دىدى نامەت. -شىرىكلىرىڭ بارمۇ: دىدى خۇجايىن. -نەقىگە چىقساڭ يوق، نەقىگە چىقالمىساڭ يۇلۇڭغا ماڭ: دىدى نامەت. خۇجايىن مىنى بىرلا كۈرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. بۇ سىمىز كىشى مەندەك چوڭ تاشنى ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغان ئىدى، ئۇ كىشى ھۈكۈمەت ئادىمى بۇلۇپ قۇشۇمچە تاشچىلىق قىلاتتى. ھەر قانداق تاشلارنى تۇنۇيتتى. -ئۈزەڭ باھا قوي، مەن ئالىمەن:دىدى سىمىز كىشى. -10مىڭ يۈەن بەرسەڭ ھازىرلا بىرىمەن: دىدى نامەت. -بۇلىدۇ دىدى تاش سودىگىرى سومكىدىن 10مىڭ يۈەننى ئېلىپ نامەتكە سۇندى. نامەت پۇلنى ئېلىپ سومكىنى سىمىز كىشىگە بەردى. -ئاكېجاڭ، تاشنى بىر كۈرەيچۇ دىدى كۆز ئەينەك تاقىۋالغان يەنە بىر خۇجايىن يولدىن ئۈتۈپ كىتىۋېتىپ نامەتنىڭ پۇل سانىغانلىقىنى كۈرۈپ ئاكېجاڭ دىگەن سىمىز كىشىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئاكېجاڭ سومكىنى ئاچتى. نامەت 10مىڭ يۈەننى ساناپ ئولتۇرۇپ قالدى. شۇ تەرقىدە بىر قانچە ماشىنا يىغىلدى، بىردەمدە ئاكېجاڭ مىنى ما باشلىق دىگەن كۈزەينەك تاقىغان كىشىگە 1مىلىيۇن يۈەنگە ساتتى دە غىپپىدە تىكىۋەتتى، ما باشلىق مىنى شۇنچىلىك ئاۋايلاپ مەخمەللەرگە ئۇراپ بىخەتەر بىر چامىدانغا سالدى. مىنى مەخسۇس قارا كىيىملىك 4ئادەم قوغدىدى، خۇددى پادىشاھلارنى تەقدىراۋاندا كۈتۈرۈپ ماڭغاندەك ئاۋايلاپ ماشىنىغا سالدى. -ھەي نامەت، سەن 10مىڭ يۈەنگە ساتقان تاشنى ئاكېجاڭ ھازىرلا بىر مىلىيۇن يۈەنگە ساتتى. بىر مىلىيۇن دىگىنە، ھىساپسىز پۇل ظذ، سەن 100يىل ياشىساڭمۇ تېپىش تۈگۈل كۈرەلمەي كىتىدىغان پۇل، بىر مىلىيۇن....بىر مىلىيۇن... دىدى بىر يىگىت نامەتنىڭ يېنىغا كىلىپ. -نىمە، بىر مىلىيۇن.....بىر مىلىيۇن....مىنىڭ بىر مىلىيۇن پۇلۇم قېنى ... بىر مىلىيۇن.....مەن مىلىيونىر بۇلاتتىم ئەمەسمۇ.....ئامىرىكا، ھىندىستانلارغا باراتتىم ئەمەسمۇ...قېنى....قېنى...مىنىڭ بىر مىلىيۇن پۇلۇم....پۇللۇرۇم قېنى سەن....نامەت قۇلىدىكى 10مىڭ يۈەننى ئاسمانغا ئاتتى. تاغنىڭ قاتتىق شامىلى 10مىڭ يۈەننى تەرەپ-تەرەپكە ئۇچۇرۇپ كەتتى. -مىنىڭ پۇلۇم....بىر مىلىيۇن....بىر مىلىيۇن....بىر مىليۇن....ھىندىستاندىن خۇتۇن ئېلىپ پاكىستاندا ساياھەت قىلاتتىم ئەمەسمۇ....ئامرىكىدا شىرىن ئاي ئۆتكۈزەتتىمغۇ....ئاھ بىر مىلىيۇن پۇلۇم....پۇللۇرۇم قېنى سەن.... نامەت ھەقىقى ساراڭغا ئايلانغان ئىدى. نامەت يادىن ئۈزىنى پەسكە تاشلىدى. ئۇ تىگىشلىك جازاسىنى تارتتى، ئەنە قادىرنىڭ قىساسى ئېلىندى. بۇ قىساسنى كىم ئالدى بۇنى ھېچكىم بىلمەيتتى. مەن بىردەمدىلا 2جانغا زامىن بولغىنىمدىن بەك خىجىل بولدۇم. ئەمدىلكتە ما پەمىللىك بۇ چوڭ كاتتا ئەربابنىڭ قۇلىدا نەگە بارىدىغانلىقىمنى قانداق قىسمەتلەرگە دۈچ كىلىدىغانلىقىمنى قىياس قىلالمايتتىم، ئۈزەم ئاپىرىدە بولغان بۇ ئەزىم دەريا كوئىلون تاغلىرىدىن ھالقىپ پويىز بىلەن ئاسمان پەلەك بىنالار سېلىنغان نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەردىن ئۆتتۈم، يەنىلا شاھەنە رەۋىشتە كۈتۈرلۈپ مەخسۇس ماشىنىدا ماڭماقتىمەن، خۇددى مەندەك پاقىراق يوللار بارا-بارا ئارقامدا قېلىپ كىتىپ بارىدۇ. بىر چاغدا ما باشلىق دىگەن كىشى مىنى چىرايلىق سېلىنغان ھەر خىل چوڭ بۇتلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر ھەشەمەتلىك بۇتخانىغا ئېلىپ كىردى. -ساخاۋەتچىمىز، ھارمىغايلا...ئامىن توفۇ باش راھىپ ما باشلىقنى قارشى ئالدى. مەن راھىپنىڭ دىگىنىگە قاراپ ھەقىقەتەن بىر ساخاۋەتلىك كىشگە يۇلۇقۇپ قالغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، چۇقۇم بۇ ساخاۋەتلىك ما باشلىق مىنى پارچىلاپ ئۈنچە مەرۋايىت، گۈھەرلەرگە ئايلاندۇرۇپ ساتىدىغان ئوخشايدۇ، مەيلى گۈزەل قىزلارنىڭ قوللىرىغا بىلەيزۈك، بۇيۇنلىرىغا مارجان بۇلۇپ گۈزەللىك ئاتا قىلىپ چىن مۇھەببەت ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قۇشاي، قادىرنىڭ پاجىئەسىدەك پاجىئەلەرنىڭ شاھىدى بولمىساملا بولدىغۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلدىم. ئىككى بالا راھىپ كۈزىنىمۇ ئاچماستىن توختىماي بىر كوزىغا قولىدىكى ئۇچچى كىچىك توپتەك كويزىنى بىر خىل رىتىمدا مۇشتلاۋاتاتتى. باش راھىپ چىقىپ كەتتى، ما باشلىق چوڭ بىر بۇتنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇردى، مەن بۇ ھەيكەلنىڭ بۇتساتتىۋانىڭ ھەيكىلى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم. -بۇتساتىۋا، مىنىڭ ئىشلىرىمنى ئۇڭۇشلۇق قىلغايسەن، مىنىڭ ئەمىلىمنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت قىلغايسەن، قارا ساڭا ئاتايەن كوئىنلون تاغلىرىدىن چىققان تاشلارنىڭ شاھىن شاھىنى كۆرسەتكىلى كەلدىم: دىدى ما باشلىق سومكىدىن مىنى ئېلىپ بۇتساتىۋانىڭ ھەيكىلى ئالدىغا ئېلىپ كەلدى، مافامىللىك باشلىقنىڭ يۇقارقى ئىلتىجاسىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم غەش بولدى، بۇتساتىۋا ئالدىدا قۇيۇلغان ئىسرىقداندىن چىققان شامنىڭ ھىدى، ھەمدە ئىس تۈتەكلىرى مىنىڭ سۈپسۈزۈك يۈزلىرىمنى يەنە خىرەلەشتۈرۈشكە باشلىدى. مافامىللىك باشلىق مىنى ئاۋايلاپ سۈرۈتتى دە چامدانغا سېلىپ بۇتخانا سىرتىغا چىقىپ قوغدىغۇچىلارغا بەردى، قوغدىغۇچىلار مىنى ئاۋايلاپ كۈتۈرۈپ ماڭدى، مەن چوڭ بىر قۇرۇ جايغا ئېلىپ كىرىلدىم، چوڭ-چوڭ تاشلار ئىچكەركى باغ ئىچىدىكى دەرۋازا يېنىدا قاتار تىزىلىپ قۇيۇلغان ئىدى، مەن ئۈزۈمچە قاشتېشى مۇزيىغا كىلىپ قالغان ئوخشايمەن، بۇمۇ بولدى، مەندىن چوڭ تاشلار بولسىمۇ لېكىن مەن ئەڭ شاھانى ئەڭ ياخشىسىكەنمەن، بۇ مۇزىيدا تۇرۇپ ئىنسانلارغا بەددىئى زوق ئاتا قىلسام ئەجەپ ئەمەس دىگەنلەرنى خىيال قىلدىم. -ئەجەپ كىچىدە كەپقاپسىزغۇ ما ئۇكام دىدى روھلۇق كۈرۈنىدىغان چىغ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغان كىشى يېنىدىكى خىزمەتكار ئايالنى شارەت ئارقىلىق سىرىتقا يولغا سالدى. -مەن سىلىگە گۈھەر ئېلىپ كەلدىم، گۈھەر ھەقىقى گۈھەر دىسىلە، سىلە مال تۇنۇيدىلا قىممىتى 5مىليۇن دىسلە، 5مىليون... بۇ مالنى بۇنداقلا بەرسەم سىلىگە پارە بەرگەن ھىساپلىنىدۇ، لى باشلىق سىلى 2مىلىيوننى ماڭا بەرسىلە، قالغان 3مىلىيوننى مەن ئالماي، شۇنىڭغا مىنىڭ ئەملىمنى بىر بالداق ئۆستۈرۋەتسىلە بولدى، مانا كۆرسىلە: دىدى مافامىللىك باشلىق شۈلگەيلىرىنى ئېقىتىپ مىنى داملىغاندىن كىيىن چامداننى ئاچتى. -پاھ...ھەقىقى شاھىن شاھ قاشتېشىكەن...توۋا گۈھەركەن...تىز بولسىلا مىنى مۇشۇ تاش بىلەن رەسىمگە تارتسىلا : دىدى لى باشلىق مىنى قۇچاقلىۋالدى. -نىمە ئۈچۈن بۇ تاش بىلەن سىلىنى رەسىمگە تارتىمەن، ئاۋال گەپنى بىر قىلىۋالايلى، بۇ تاش يارىدىمۇ، يارىغان بولسا ئاندىن ئۆزلىرى رەسىمگە تارتىۋالسىلا، ئەگەر 2مىلىيون بىرەلمىسىلە مەن تاشنى قايتۇرۋەتسەم بۇلىدۇ: دىدى مافامىللىك باشلىق. مافامىللىك ھەقىقەتەن ھىيلىگەر ئىدى، ئۇ بىر چالمىدا 2پاختەكنى سوقماقچى ھەمدە بىر مىلىيون پايدىغا ئىرىشمەكچى ئىدى. -كىم بەرمەيمەن دەپتۇ، بىرىمەن، 2مىلىيوننى ھازىرلا سىلىنىڭ كارتىلىرىغا يۆتكىۋېتەي، تىز بولسىلا رەسىمگە تارتىپ قويسىلا : دىدى لى باشلىق ئالدىراپ. -نىمىگە ئالدىرايدىلا: دىدى مافامىللىك. -ھەي، بۇ تاش مىنىڭ قۇلۇمدىمۇ تۇرمايدۇ، مەنمۇ بىر يەرگە سوۋغا قىلىشقا مۇۋاپىق بۇيۇم تاپالمىغان، تاشقا ئامراقلىقىمنى بىلىسىز، كۈزۈم قىيمايدۇ، نىمە ئامال مۇشۇ گۈھەر مەن سوۋغا قىلماقچى بولغان 10مىلىيونلۇق يەرگە تازا مۇۋاپىق كەلگۈدەك: مافامىللىك لى باشلىقنىڭ دىگىنى بۇيىچە ئۇنى مەن بىلەن رەسىمگە تارتتى. -تارىختىكى زورۇڭشاڭمۇ مۇشۇنداق قاشتېشىغا ئامراقكەن، سۈرەتكە چۈشۈپتىكەن، مەن سۈرەتكە چۈشسەم نىمە بولغۇدەك: دىدى لى باشلىق. مەن لى باشلىقنىڭ شۇنچىلىك ئاچكۆزلىكىنى ھىس قىلدىم، قاشتېشىغا تولغان بۇ مۇزىيدەك چوڭ ھويلىدىن تىزرەك چىقىپ كىتىشنى ئويلۇدۇم. شۇنداق قىلىپ مەن قولدىن قولغا ئۈتۈپ بىر مەھەل ئۈزۈمنىڭ پاكلىقىنى يۇقاتتىم. نىجىس بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغاندەك ئۈزەمنىڭ قاشتېشى بۇلۇپ يارالغىنىمغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم. لى باشلىقنىڭ قۇلىدىن ئۈتۈپ يەنە سا باشلىققا سا باشلىقتىن ئاندىرى ئىسىملىك بىر چەتئەللىك چوڭ شىركەت باشلىقىنىڭ قۇلىغا ئۆتتۈم. ئاندىرى ھەرخىل تىللارنى بىلىدىغان ياش بىر كىشى بۇلۇپ مىنى خۇددى خۇتۇنىنى قۇچاقلاپ ياتقاندەك بىر كىچە يالىڭاچ بەدىنىگە يەملەپ ياتتى، ئاندىن مىنى سۈيەتتى. توختىماي يېس، يېس، دەپ قۇچاقلاپ سۆيسە شۈلگەيلىرى يۈزلىرىمنى ھۆل قىلىۋەتسە نو نو دەپ لۈڭگىلەردە سۈرتۈپ پارقىرتاتتى. مەن، مىنى قەدىرلەيدىغان، قىزغىن سۈيىدىغان، مۇھەببەتلىك باقىدىغان بۇ چەتئەللىكنىڭ مىنى ئۆز دۆلىتىگە ئېلىپ چىقىپ كىتپ چەتئەل خانىم قىزلىرىنىڭ قۇلاق، بۇيۇنلىرىغا زىننەت بۇيۇمى قىلىپ تارقىتىدىغانلىقىغا كۈزۈم يەتكەندەك بۇلۇپ پۈتۈن دۇنيادىكى خانىم قىزلارنى خوش قىلالايدىغانلىقىمدىن ھاياجانلىنىشقا باشلىدىم. ئاندىدى مىنى مەيدىسىگە چىڭ يېقىپ چوڭ بىر چىركاۋغا ئېلىپ كىردى، چىركاۋدا مۇناخلار ئىنجىلدىكى سۈرىلەرنى يېقىملىق مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇقۇۋاتاتتى. كىچىك سەبى بالىلار شام تۇتۇپ ناخشىغا جۆر بۇلۇپ تەڭرىدىن شاپائەت، مىھرى-مۇھەببەت تىلەۋاتاتتى. ئاندىرىمۇ تەڭرىدىن شۈكۈرى قانائەت تىلىدى، مەن نامەتنىڭ مەسچىتكە ئەكىرگەندىكى ھالىتى، مافامىللىكنىڭ بۇتخانىغا ئەكىرگەندىكى ھالەتلىرىنى يات ئىتىپ ئاندىدىنىڭ شۇنچە پاكىزلىق بىلەن تەڭرىدىن تىلىگەن تىلەكلىرىنى ئاڭلاپ خۇشاللىنىشقا باشلىدىم. -قاشتېشىنى قىزلار تاقىسا چاقماق سوقمايدۇ. -قاشتېشى ئامەت ئېلىپ كىلىدۇ. -قاشتېشىنى يېنىغا ئېلىۋالسا ئىشلىرى ئوڭ بۇلىدۇ. -قاشتېشى ئەڭ پاك نەرسە. -قاشتېشىنى ھاۋا ئانا، ئادەم ئاتا كوئنلونىدا قالدۇرغان ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل مەدھىلىرى قۇلاق تىۋىمدە ياڭرىماقتا ئىدى. ئاندىرى چىركاۋدىن مىنى كۈتۈرۈپ چىقتى دە ئۇدۇل يەنە بىر چەتئەللىكنىڭ دۇكىنىغا باردى. -مۇشۇ تاشقا ئوخشاش قىلىپ يالغان قاشتاشتىن بىرنى ياساپ بەر 1مىليۇن پۇل بىرىمەن: دىدى ئاندىرى چەتئەللىك كىشىگە مىنى قالدۇرۇپ چىقىپ كەتتى. مەن شۇنچىلىك سۈيۈندىم، ئاندىرى ھەر ھالدا نامەت، ئاكىجاڭ، مافامىللىك، لى باشلىق، سا باشلىقلاردەك رەزىل ئەمەسكەن، ئۇ مىنى جاھانغا تارقاتماقچى، ئاھ، نىگىر، ئاق تەنلىك، سېرىق تەنلىك ، قۇڭۇر تەنلىك، يېشىل تەنلىك ھەر خىل خانىم قىزلارنىڭ بۇيۇن قۇلاقلىرىدا جىلۋىلىنىپ ئۇلارغا مەنىۋى زوق ئاتا قىلىدىغان بولدۇم، پارچىلىنىشتىن ئاۋال ئاندىرى ماڭا تەقلىت قىلىپ بىر تاش ياساپ مىنى خاتىرە ئورنىدا مەڭگۈ ساقلىماقچى دەپ ئويلىدىم. چەتئەللىك ئۇستا ماڭا ئوخشۇتۇپ بىر كۈندىلا، خۇددى ماڭا ئوخشايدىغان بىر تاشنى ياسىدى. ئاندىرى كىردى، ئاندىرىنىڭ كۈزى ھەقىقەتەن ئۆتكۈز ئىدى، بىر قاراپلا مىنى تۇنىۋالدى دە مىنى قۇچاقلاپ قايتىدىن سۆيدى. مىنى ئاستىغا، مىنىڭ تەقلىدىمنى ئۆستىگە قاچىلىدى. -توۋا، نەدىدۇ بذ، ھەيۋەتلىك سۈت سالى، ئاندىرى مىنى كۈتۈرۈپ كىرىپ سۈت زالىدا گۇۋاچى قاتارىدا ئولتۇردى. مافامىللىك باشلىق، لى باشلىق، سا باشلىق، قاتارلىقلارنىڭ قوللىرىدا كويزا سۈت زالىغا ھازىر قىلىندى. ئاندىرى ئۈزىگە مىنى پارە ئورنىدا بەرگەنلىكىنى، بىر قانچە مىليۇن ئامىرىكا دوللارلىق پايدا تەلەپ قىلغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. سا باشلىق لى باشلىقنى لى باشلىق ما باشلىقنى سۆرەپ چىققان ئىدى. مەن نەخ مەيداندا باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن باھالاندىم. باھالىغۇچىلار باھالاپ بولغاندىن كىيىن ئاندىرى مىنى ئاۋايلاپ قولغا ئالدى دە چامدانغا سالدى. ئاخىرىدا پارە بەرگۈچىلەر، ئالغۇچىلارغا بىر قانچە 10يىللىقتىن ھۈكۈم قىلىندى. ئاندىرى پارە بۇيۇمىنى سوتقا تاپشۇردىغانلىقىنى دىدى، بىراق مىنى تاپشۇرمىدى. مىنىڭ تەقلىت يالغان نۇسقامنى تاپشۇردى. سوتچىلارمۇ بۇنىڭغا دىققەت قىلمىدى، ئاندىرى مىنى كۈتۈرۈپ تەقلىت نۇسقامنى قالدۇرۇپ گۈلدىراس ئالقىشى سادالىرى ئىچىدە سۈت مەيدانىدىن چىقتى. گادىرماچ خىياللا مىنىڭ پۈتۈن جىسمىمنى چۇلغۇۋالغان ئىدى. ئاندىرىنىڭمۇ ئۈتۈپ كەتكەن ساختىپەز ئالدامچىلىقىنى مەنلا بىلەتتىم، ئەمدىلىكتە قانداق ئىشلار يۈز بىرەر مافامىللىك، لى فامىللىك، سافامىللىكلەرگە يۈز كىلەلمەيدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. ئايرۇپىلان ئاسمانغا كۈتۈرۈلدى، ئاندىرى ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇپ شۇ يېنىش يېنىشلاپ چامدان سىرتىدىن مىنى سۆيمەكتە، مەن چامداننىڭ مەڭگۈ ئېچىلماسلىقىنى، ئاندىرىنىڭ مىنى تۈكلۈك مەيدىسىگە ياقماسلىقىنى تىلەيتتىم، بىر چاغدا ئايرۇپىلان تىنىچ ئوكيان ھاۋا بوشلىقىدىن ئۆتتى. كوئېنلون تاغلىرى، مەن ئاپىرىدە بولغان گۈھەر ماكان يىراقلاردا قالغان ئىدى. مەن دېڭىز ئوكيانلارغا چۈشۈپ ئىنسانلاردىن خالى تۇرۇشنى ئويلاپ ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ كىتىشنى ئويلىساممۇ بىراق ئاندىرى مىنى مەيدىسىگە چىڭ چاپلىۋالغان ئىدى. مەن چۈشۈپ كەتمىدىم. ئەمدى نەلەردە سەرسانىمەن، كىملەرگە ئامەت، كىملەرگە ئاپەت ئېلىپ كىلىمەن ئۈزەممۇ بىلمەيمەن ئۇچۇپ كىتىپ بارىمەن...... چۈشۈمدىن ئويغاندىم، ئۈزەمنىڭ نەپىس، قىممەتلىك گۈھەردەك بىر قاشتېشى ئەمەس ئادەم ئىكەنلىگىمنى بىلىپ خۇشاللاندىم، چۈشۈمدىكى تاشقا ئىچ ئاغرىتتىم. ئاپتۇر: قاراقاش ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىدا |