查看完整版本: [-- نىكاھ-بىرداستان --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> نىكاھ-بىرداستان [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-03-02 15:05

نىكاھ-بىرداستان

 نىكاھ-بىرداستان 
(ھىكايە)  تۇدىمەمەت سەئىدى
مەن شۇنچىلىك سەمىمى، ساداقەتمەن، راستچىل، ئەدەپلىك، ناتوغرا ئىستىللارغا قارشى كۈرەش قىلىشتا باتۇر، شۇنچىلىك شەخسىيەتسىز ئىدىمكى، خۇتۇن-قىزلار ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن خىزمەت قىلىش ئىستىكىدە يۈرىدىغان بىر ئەر ئىدىم.
ئايالىم بولسا شۇنچىلىك سالماق، بىرەر ئىشقا نىسبەتەن ئىنكاسى ئاستا، كەم سۆز، جىمغۇر، ئۆز كەيپىياتنى ئاسان ئاشكارىلىمايدىغان، سەۋرى-تاقەتلىك، سۇغۇققان، ئەپتى-تۇرقى بىر قەدەر سۇغۇق بولسىمۇ، قەلەمنىمۇ، ئەلەمنىمۇ ئىشقا سېلىشقا ماھىر، چىچەن، قولى ئەپلىك، ھىسسىياتلىق، كۈنلەمچىراق، باشقىلارغا چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر خىل ھىسسىيات بىرىدىغان ئايال ئىدى، مەن ئايالىمنى سۆيەتتىم، ئايالىممۇ مىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتى.
مەن سۆزگە ماھىر ئىدىم، سۆزلىرىم باي، راۋان، جانلىق، تىتىك ھەم قىزىقارلىق ئىدى، مەن مەمەدانلىق قىلمايىتتىم، خۇتۇنۇمنى ئاچچىقى كەلگەندە بىر ئېغىز سۆز بىلەن كۈلدۈرەتتىم ياكى ئاچچىقىم كەلگەندە بىر ئېغىز سۆز بىلەن يىغلىتاتتىم.
مەن ئەنە شۇنداق ئەر ئىدىم، بىراق ھايات، تۇرمۇش مەن ھەمدە سىز ئاڭلىغان مۇھەببەت داستانلىرىدەك ئۇنداق شىرىن بۇلىۋەرمەيدىكەن، بەزىدە بۇ ھايات سىزگە ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ كىتىدىكەن، ئائىلە ئەمگىكى بىلەن خىزمەت، ئۈگۈنۈش، كۈڭۈل ئېچىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇۋاپىق ياخشى بىر تەرەپ قىلالماسلىمىز سەۋەبىدىن بەزىبىر زىددىيەتلەر ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا دەتالاش پەيدا قىلىپ، بىزنىڭ نىكاھىمىزغا دەز كىتىشكە باشلىدى.
بالىلىرىم خېلى چوڭۇپ قالغان بولسىمۇ، ئايالىمنىڭ ئۇرۇنسىز كۈنلەشلىرى تېخىچە بېسىقىپ قالغىنى يوق.
-ئاخشام سەن نەدە قوندۇڭ....
-تېلىفۇنۇڭ بىر كىچە ئىتىكقۇ...
-يانچۇقۇڭدىكى پۇلنى نەگە خەجلىدىڭ...
-قايسى پاھىشە بىلەن بىللە بولدۇڭ...
-ئېيتە قايسى مىھمانسارايدا ياتتىڭ...
ھەر قېتىم بىرەر كىچە بىرەر ئىش بىلەن سىرتتا بۇلۇپ قالسام، ئاڭلايدىغىنىم يۇقارقى سۇئاللار ئىدى.
نىمە دەپ جاۋاپ بىرىمەن، «جىددى خىزمەت چىقىپ قالدى، يېزىدا كەلكۈن كەپتىكەن، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئالدۇق، يانچۇقۇمدىكى پۇلنى ئۆيسىز قالغان بىرسىگە ئىئانە قىلدىم، ئىشەنمىسەڭ ئايال خىزمەتداشلىرىم مەن بىلەن بىللە، ئۇلارمۇ يانچۇقىدا پۇل يوقكەن، قولىقىدىكى ئالتۇن ھالقىلارنىمۇ ئىئانە قىلىپ خىزمەت قىلدى، شۇلاردىن سورا» دەمدىم...
ياق، ئۇنداق دىسەم ئىشنى ئاۋۇتۇپ تېخىمۇ كۆپ سوراققا قالمامدىمەن.
قۇلۇقۇمنى يۇپۇرۇپ ھېچنىمە دىمەستىن ئۇخلىۋالدىم، تاڭ ئاتتى.
-ھەي، كىچىدىن قايسى پاھىشە بىلەن بىللە بولۇپ چۈش كۆردۈڭ؟...
-ئەجەپ جۆيلەپلا چىقتىڭغۇ...
مەن جاۋاپ بەرمىدىم.
شۇنىڭدىن بىرى بارا-بارا كىيىنىش ئادەتلىرىمدە ئۆزگىرىش ياساشقا باشلىدىم، سۇسراق رەڭدىكى كىيىملەرنى كەيدىم، چىرايىم نۇرانە، تىتىك ھەم جۇشقۇن كۈرۈنۈشكە باشلىدى.
-ھەي، سەن كىمگە چىرايلىق كۈرۈنمەكچى، بىرسىنىڭ تويى بوپتۇمۇ...
-ھەر كۈنى كىيىنىشىڭدە ئۆزگىرىش بولدى، كىچىك قىزلارنى كەلتۈرۈۋالاي دەمسەن؟...
-خىجىل بولساڭچۇ، بالىلىرىڭ چوڭىيىپ قالدى، ئاشنىلىرىڭغا چىرايلىق، ياش كۆرۈنەي دەپ ھەر كۈنى خېنىملاردەك ياسىنىپ كىتىشلىرىڭنى..
-خەپ بىر تۇتۇۋالايچۇ قېنى، خېتىمنى ئېلىپ ئاجرىشىپ كەتمىسەم....
ئايالىمنىڭ بۇنداق گەپلىرىگە كۈنۈپ كەتكەن ئىدىم، گاھىدا جاۋاپ بىرىپ كولدۇرلاتسام، گاھىدا جاۋاپسىز قويۇپ يىغلىتىپ قويۇپ چىقىپ كىتەتتىم.
ماڭا نىسبەتەن ۋاقىت – ھايات ھىساپلىناتتى.
كۈندىلىك ۋاقىتنى پىلانلىق ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، پارچە پۇرات ۋاقىتلاردىن تۇلۇق پايدىلىنىشنى ياخشى ئۈگۈنۈۋېلىشقا باشلىدىم.
مەن گاھ-گاھى ئۈزەمنىڭ چىرايلىق، قاۋۇل، سالاپەتلىك بۇلۇشۇمنى ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئەڭ چىرايلىق قىز چوكانلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ماڭا ھەۋەس قىلىشنى، مىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ ئەتىراپىمدا پەرۋانە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولدۇم.
ئاغىنەمنىڭ ھەمراھلىقىدا سورۇن كۆردۈم، پاھ، رەڭلىك سورۇن، جەمئىيەت تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىجتىمائى ئالاقە سورۇن، ئىقتىدارلىرىغا قويۇلغان تەلەپ تېخىمۇ قاتتىق، يۇقۇرى بۇلۇپ كىتىپ بارامدۇ نېمە....
ئۈستەل ئۈستىدىكى ھەر خىل قورۇما سەيلەر، ھەر خىل قىممەت ئىچىملىكلەر....
ئەرلەرنىڭ قىزىقىشى، بىر تېلىفۇن بىلەن كەلتۈرۈلگەن ھەر خىل ياسانغان كارامەت چىرايلىق نازىنىن قىزلار... بىر-بىرىدىن قالتىس ئىدى.
-ئاداش، ماۋۇ ئاكاشلارغا دۇتتارىڭنى چىلاپ بەرگىنە...
ئەتىدىن بىرى ئامۇت ئالغان خوجۇندەك كۆزلىرىنى ھەممىمىزگە تىكىپ پارقىرىتىپ ئولتۇردى بۇلار، بىردەم ناخشا قىلايلى....-دىدى قىزلار ئارىسىدىكى ياشتا چوڭراق قىز دۇتتارنى ئەڭ ياندا ماڭا يېقىن ئولتۇرغان چىرايلىق، ئاق قۇشقاچقا بەردى.
قىز گەپ-سۆزسىز دۇتتارغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى.
«ئانا يەر قۇچاقلاپ ئۆستۈردى مىنى،
پۇراقسىز بىر گۈلمەن چوڭ بولدۇم مانا.
نىمىشقا سۇلغۇندۇر، چىرايىم ھەردەم،
ھەسرەتتە، سەپەردە كارۋانمەن يانا....
...........................»
ئاھ، ھىسسىيات، ئىنتايىن نازۇك قول، كىشىلەر ھەمىشە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بۇرۇنقى كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىپ، مۇھىم تاللاشلارنى قىلىدۇ، بۇ مۇقەررەرلىكنىڭ ئۇشتۇمتۇت پارىتلىشى، ھىسسىيات مىنىڭ قەلبىمدە غايەت زور ئىسسىق ئېقىن بۇلۇپ شەكىللىنىپ، قەلبىمدىكى مۇزلار ئاستا-ئاستا ئىرىپ كىتىشكە باشلىغان ئىدى. مەن ناخشىچى قىزنىڭ ئۆز تۇرمۇشۇمنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالغان ئىدىم. قىزنىڭ يېقىملىق ناخشىسى، قىزنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى توسقىلى بولمايدىغان بىر كۈچكە ئايلىنىشقا باشلىدى.
ناخشىچى قىزنىڭ قولى بىر گۈل، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى قىزنى يىتىشتۈرۈۋاتقان زىمىن، ئاھ!.. ناخشىچى قىزنىڭ مۇھەببەتلىك كۈيلىرى، مەڭگۈ ئۇنى قۇرۇقتىن قۇرۇق خىيال قىلىدىغان ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن تەر ئاققۇزۇشنى خالىمايدىغان ئادەملەرگە مەنسۇپ بولماسلىقى كىرەك، ئۇ ئاجايىپ گۈزەل، مۇھەببەتلىك كۈيلىرىنى چالالىغان ھەم ئېيتالىغان ئىكەن. ئۇ ھەقىقى مۇھەببەتكە، ھەقىقى ھىسداشلىققا ئىرىشىشى كىرەك دەپ ئويلۇدۇم، قىزغا تويماي قاراپ ئولتۇرماقتىمەن، قىز توختىماستىن ناخشا ئېيىتقاچ ساز چالماقتا ئىدى.
قىزنىڭ ھاياتى كۈچكە تولغان ياشلىق باھارى خۇددى يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتتەك سىھرى كۈچكە ۋە قەتئىيلىككە ئىگە ئىدىكى.... ئۆزەمنى قىزنىڭ بىر ئېغىز گىپىنى ئاڭلاپ باقماي تۇرۇپ قىزنىڭ ئاشىقى ھىساپلاپ بولغان ئىدىم، يېقىملىق ناخشا ئادەملەر ئارىسىدىكى يېقىن، مىھرى-مۇھەببەت، ھاياتلىقتىكى تىرىشىشقا ئىلھام بىرىدىغان بىر خىل مەنىۋى كۈچ، مەندە ئىلگىرى كۈرۈلۈپ باقمىغان بىر خىل جاسارەت مەنىۋى كۈچ پەيدا بۇلۇپ تەرەققى قىلىشقا باشلىدى.
ئاھ، ئۇنىڭ ناخشىسى، خۇشاللىق ۋە ئۈمۈتسىزلىك، كۈڭۈل ئازادىلىكى ۋە بېسىم، كۈلكە ۋە قايغۇ قاتارلىق مۇرەككەپ ھىسسىياتلارنىڭ ھەممىسى ناخشا ئارقىلىق ئىپادىلەنمەكتە ئىدى.
كەينى-كەينىدىن ئوقۇلغان ناخشىلار توختىدى، ئۈنلۈك ئاۋازدا ناخشا ئوقۇغان بۇ خان، چۇقۇم سورىغان سۇئاللىرىمغا قوپال، ئۈنلۈك جاۋاپ بىرىدىغۇ دىگەن نىيەتتە سورۇدۇم:
-سىزدە تۇغۇلما تالانت بارمۇ ياكى مۇنتىزىم تەربىيىلەنگەنمۇ...-دىدىم قىزنىڭ قولىدىكى سازنى ئېلىپ چاۋاك توختىغاندىن كىيىن قىزغا قاراپ.
-كىچىكىمدە ئانام بەزى چۆچەك، رىۋايەت، داستانلارنى سۆزلەپ بەرگەن، تەسەۋۋۇرغا باي، گۈزەل داستان-چۆچەكلەر مىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋېلىپ، تەسەۋۋۇرۇمنى بېيىتتى، بارا-بارا ئاۋازىم يەتمىسىمۇ ئاندا-ساندا سايراپ قويىدىغان سېغىزخانغا ئايلىنىپ قالدىم. شاتۇتىدەك ئادەم بولسا سۆزلەيمەن، بولمىسا ئۆز ئىشىم بىلەن – دىدى ناخشىچى قىز قولىغا بىر سىگارىتنى ئېلىپ چىكىشكە باشلىدى. قىزنىڭ سىلىق تەلەپپۇزدا يېقىملىق، ئاستا سۆزلىشى ماڭا شۇنچىلىك يېقىملىق تۇيۇلدى. ھەي، تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ چىكىشلىرى ماڭا ھېچ ياقمىغان بولسىمۇ، مەن ئاستا-ئاستا قىزنىڭ قەلبىنى بىلىشكە، غايىسى، ئەخلاقى پەزىلىتى، ئىدىيىۋى ئىستىلى، قىزىقىشى، ھەۋەسلىرى قاتارلىقلارنى بىلىشكە، قىزىقىشقا باشلىدىم.
-سىز سەھنىلەردە ناخشا ئېيتىپ باققانمۇ؟-سورىدىم قىزلاردىن يېقىنلىشىش نىيىتىدە.
-بىزدەكلەرگە نەدە چوڭ سەھنە دەيسىز، مانا سىز-بىز ئولتۇرغان مۇشۇ كىچىككىنە كاتەكتەك ئايرىمخانىدا مىنىڭ ناخشامنى ئەرلەر زوق-شوق بىلەن ئاڭلايدۇ خالاس...، ناخشام سىزگە يارىغان ئوخشىمامدۇ...-دىدى قىز.
-ئاداش، ناخشاڭلا ئەمەس، بۇ كىشى سىنى ياقتۇرۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ.....
-ساڭا كۈيۈپتۇ....
-قارا، يۈرىكىنى تۇتۇپ باقسام ئوت چىقىۋاتىدۇ....
قىزلار ھەر خىل ھەزىل چاقچاقلار ئىچىدە بىزنى ئايرىم ياتاققا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ سورۇندىن تارقاشتى، شۇنىڭدىن بىرى بىر قانچە كىچىنى مۇشۇ قىز بىلەن ئارىلاپ ئۆتكۈزدۈم.
مەندە ئالاھىدە بىر ئۆزگىرىش بولدىمۇ قانداق، ئايالىم بىر قانچە كۈندىن بىرى ھېچبىر قايسى پاھىشە بىلەن ئۆتتۈڭ، ھەي! قايسى سارايدا تۈنۈدۈڭ ھەي! دىگەندەك سۇراقلارنى سورىمايدىغان بۇلۇپ قالدى.
يۈرىكىم «قارت» قىلىپ دۈپۈلدەپ كەتتى، ئايالىم ئۇقۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ، ھەر قېتىم ئەلەڭ-سەلەڭ كەلسەممۇ ھېچبىر ئاغرىنغاندەك ئەمەس، ئىچىمدە ئايالىمغا ئىچ ئاغرىتقاندەك قىلساممۇ، يەنىلا ئالدىراش ھالەتتە پىنھان جايغا قاچماقتىمەن.
ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا بۇلىدىغان مۇھەببەت ھەم بىر خىل پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىك ھەم بىر خىل فىزولوگىيىلىك ھادىسە، توۋا... بۇ ھەقىقى ئەخلاققا ئىگە مۇھەببەتمۇ ياكى ئەخلاقتىن چەتنىگەن ناشايان ئىشمۇ، مەندە بۇ ناخشىچى قىزغا ئىنتىلىدىغان كۈچ-قۇدرەت ھاسىل بۇلۇشقا باشلىدى...
لېكىنزە، قىزغىن شىرىن مۇھەببەتكە چۆمگەن ناخشىچى قىز بىر كۈنى ئۇشتۇمتۇت ئۆزىنى ئاشكارىلىدى.
-مەن باشقا بىرسى بىلەن يۈرمەكچى...
-قاچان خالىسىڭىز تېلىفۇن قىلىڭ...
-باشقا ئەرلەر بىلەن يۈرسەم كۈنلىمەڭ.....
-بىر كۈنلۈكۈم 200يۈەن، 10كۈن بولدى، ئۆزىڭىزنى بىلىپ ھىساپلاپ بىرەرسىز، ناخشامنى ئاڭلىسىڭىز ھەر بىر ناخشا 50يۈەن، خاتا چۈشەنمەڭ، قاۋاقتا شۇنداقتى، رىستۇران، ئايرىمخانىغىمۇ شۇنداق ئېلىشىم كىرەك..
-پۇلنى جايىدا بەرسىڭىز شۇ چاغدا ھازىر بۇلىمەن، سىزنىڭ ئائىڭىزنى بۇزۇۋەتكەم يوق، سىزنى ئالداشنىمۇ خالىمىدىم..-دىدى قىز.
مەن ھەقىقەتەن چۆچۈپ كەتتىم، مەن قانداق قىلىشىم كىرەك، مەن قىزنىڭ ماڭغان يولىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىنىق بىلسەممۇ، ئۇنى تۇسۇپ قېلىشقا پېتىنالمىدىم.
-سەن بۇنداق يولنى تاللىماي، توي قىلىپ ئۆتسەڭ بولمامدۇ-دىدىم مەن قىزنى توختاتتىم.
-ئايالىڭدىن، بالىلىرىڭدىن كىچەلەمسەن، بارلىقىڭنى مەندەك بىر ناپاك ئايالغا بىرەلەمسەن؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەندىن زىرىكىپ ۋاز كەچسەم پۇشايمان قىلمىساڭ مەيلى...-دىدى قىز.
مەن قىزنىڭ قۇپال جاۋاپلىرىدىن خىجىللىق ھىس قىلغان بولساممۇ يەنىلا سورۇدۇم:
-ئاۋازىڭ شۇنداق ياخشىكەن، ئاۋازىڭنى بارلىق خەلىققە ئاڭلىتىشنى خالىمامسەن؟ دىدىم ئۈنلۈك ئاۋازدا.
قىز جىم تۇرۇپ قالدى.
-مەن ئېيىتقان ناخشىلار ھەرگىزمۇ سەھنىگە مەنسۇپ ئەمەس، سەن سەنئەت ئۆمەكنىڭ باشلىقىمىدىڭ تۇلا گەپ قىلماي پۇل چىقارغىنە خوش...
دىمىسىمۇ بۇ مەسىلە دىمەككە ئاسان، ئىشلەشكە ناھايىتى قىيىن، مەن قىزنىڭ قول چۇمىقى ياكى مۇھاپىزەتچىسىگە ئايلىنىپ قالغاندەك ھىسسىياتقا كىلىپ قالدىم-دە، يانچۇقۇمدىكى بار پۇللارنى ئېلىپ يەرگە تاشلىدىم، قىز ئۆزى ساناپ پۇللار ئارىسىدىن ئۆز نىسىۋىسىنى ئالدى-دە، سومكىسىنى ئېلىپ ماڭا قاراپمۇ قويماي چىقىپ كەتتى.
قىزنىڭ بۇ خىل ئەھۋالى بىر خىل خۇي، پىسخىك خاھىشىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
ئۇ، جاھاننىڭ مۇرەككەپلىكى، ھايات يولىنىڭ ئەگرى-تۇقايلىقىنى بىلمىسە كىرەك، قىزنىڭ نەزەر-دائىرىسى بەك تار بۇلۇپ، يىراق نىشاننى قىلچە كۆزلىيەلمەيىتتى، قىز ئەرلەر ئارىسىدا ناخشا ئېيتىپ كىچىلىك چولپانغا ئايلىنىپ نام چىقارغاچقا مىنى كۆزگە ئىلمىغان بۇلۇشى مۇمكىن، ئۇ ناخشىنى ۋايىغا يەتكۈزگىنى بىلەن بىر نادان، قارا تۈرۈك ئادەمگە ئوخشايىتتى. ئۇنىڭ ياشلىق باھارى بىلەن ھاياتى مانا مۇشۇنداق ئۆز ئۆزىنى ئىنكار قىلىش ھەسرىتى ئىچىدە قىلچە قىممەتكە ئىگە بولالماي مەڭگۈ شۇنداق ئۆتۈپ كىتىدىغاندەك قىلاتتى.
نادان قىز، ھەر ۋاقىت جاپا-مۇشەققەتكە، گاھىدا خەتەرلىك تۇسالغۇلارغا، ئەتىراپتىن كىلىپ تۇرىدىغان مەسخىرە ۋە زەربىلەرگە ھەر ۋاقىت ئۇچراپ تۇرۇشۇڭ مۇمكىن دىدىم ئىچىمدە، ئۆيگە قانداق كىلىپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن، ئايالىم مىنى يۆلەپ كارۋاتقا ئېلىپ چىقتى-دە، ئۈستۈمگە يوتقان ئارتىپ قويدى.
شىرىن چۈش كۆرۈپ ئۇخلىماقتىمەن.....
توۋا دەيمەن، چۈش دىگەن ئاجايىپ نەرسە، مەن شۇ تاپتا چۈشۈمدە ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن بىر گۈزەل قىزغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم...
«قىزلاردا ئالىيجاناپ ئەخلاق-پەزىلەت ۋە گۈزەل قەلىب بۇلۇپ سىز بىلەن ئورتاق تىلغا ئىگە بولسىلا، مەيلى ئۇ ئىپپىتىنى ساقلىغان ياكى يۇقۇتۇپ قويغان بولسۇن، يىگىتلەرنىڭ قوغلىشىشى ۋە ياخشى كۈرۈشىگە ئەرزىيدۇ، بەزى قىزلار مۇھەببەتنىڭ شىددەتلىك دولقۇنى ئالدىدا خۇدىنى يۇقۇتۇپ، جىنسى ھەۋەسنى مۇھەببەت دەپ قاراپ دەرمەھەل ھاياجانلىنىپ كىتىپ، جىنسى ھەۋەسنىڭ چوڭقۇر پاتقىقىغا پېتىپ، شەرمى-ھايا، ئار-نۇمۇسنى يۇقۇتۇپ، ئىپپىتىم بۇزۇلدى دەپ قاراپ ئىپپىتىنى پۇلغا سېتىپ، يىگىتلەرگە تەقدىم ئىتىدۇ... مەنمۇ ئەنە شۇنداق بارسا كەلمەس ھاڭغا دەسسەشكە باشلىدىم.
ئاھ، ئادەم گۈزەللىكتىن ئۇماق ئەمەس، بەلكىم ئۇماقلىقتىن گۈزەل، چىرايلىق قىياپەتلەرنىڭ ھەممىسى قىزلارنى جەلىپ قىلالمايدۇ، كۈرۈمسىز، بەتبەشىرە ئەرلەر مىنىڭ قەلبىمنى گاھ-گاھى كۈچلۈك جەلىپ قىلىۋالاتتى. مەن شۇ تاپتا ھاراق ئىچكەن، نەشە چەككەن، خىرويىن چەككەن، لاۋزا گەپلەرنى قىلىشقا ئامراق ئەرلەرگە تاماشا قىلىپ بەرمەكتىمەن، ناخشا ئېيىتماقتىمەن.
ئۇماق، ئۇماق، ئۇماق.....
شۇنچە سەت ئەرلەرنى ئۇماقلاۋاتىمەن، ئۇسۇل ئوينىماقتىمەن، ئۈستۈمدە يېرىم يالىڭاچ كىيىم، بىردەم ھىندىستان، بىردەم ئەرەپ ئۇسۇللىرى، ئەرلەرنى خۇش قىلماقتا، گۈزەللىكنى سۈيۈش قىزلارنىڭ تەبىئى تالانتى، كۆپىنچە قىزلار كىلىشكەن يىگىتلەرنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھ قىلىشنى خالايدۇ، گۈزەللىك مۇھەببەتنىڭ تەركىبى قىسمى ۋە بىر خىل ئامىلى بۇلۇپ، مەلۇم بويسۇندۇرۇش كۈچىگە ئىگە، لېكىن ماڭا نىسبەتەن پەقەت «قەلب گۈزەللىكى» لا مۇھەببەتنىڭ پاناھ جايى ئىدى.
ئاھ! شۇ تاپتا مەن بىر چىرايلىق يىگىتنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم، بىر قاراپلا ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالدىم دىسەممۇ بۇلىدۇ.
مەن بەرداشلىق بىرەلمىدىم-دە، ئۆز قەلبىمنى ئاشكارىلاپ، ئۈزەمنىڭ ئىلگىرى بىر قانچە يىگىت بىلەن يۈرگۈنۈمنى، دەسلەپتىلا ئۇغۇل دوستۇمنىڭ ئالدىشى بىلەن ئىپپىتىمنى يۇقۇتۇپ قويغانلىقىمنى... ئۇنىڭدىن بىرى سەت بولسۇن، چىرايلىق بولسۇن، بەڭگى بولسۇن، دىھقان بولسۇن ياكى كادىر بولسۇن شۇنچە كۆپ يىگىت بىلەن ئارىلاشقانلىقىمنى ھەقىقى مۇھەببەت قەلبىمدىن چىقىپ كەتكىلى بىر قانچە زامان بولغىنىنى، بۇ يىگىتنى كۆرۈپ ئەسرا بولغانلىقىمنى، بۇ يىگىتنى ئاخىرقى يىگىت دەپ بىلىپ بۇ يولدىن قايتىدىغانلىقىمنى ئېيىتتىم.
يىگىتنىڭ كۆڭلى پاراكەندە بولغاندەك قىلدى، يىگىت ئويغا چۆمدى، ئەسلىدە يىگىتنىڭ چوڭقۇر خىيالغا چۆككەنلىكىنى ئەيىپكە بۇيرۇغىلى بولمايىتتى.
چۈنكى، يىگىتنىڭ نەزىرىدە قىز كۆڭۈلدىكىدەك بولغان تەقدىردىمۇ، ئىپپەت نۇمۇسىنى يۇقاتسىلا بۇنىڭ ئويلانغۇدەك يىرى يوق دەپ قارايىتتى.
مەن ھەقىقى ئىپپىتى بۇزۇلغان، خورلۇق تۈگرۈكىگە مەڭگۈ باغلىنىپ، ھەر قانداق كىشى نەزىرىدىكى ئۆمۈر بويى قەد كۆتۈرەلمەيدىغان بىر پاھىشىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدىم.
مەن تۇنجى سۆيگەن يىگىتىمنىڭ توختىماي بۇزۇقچىلىق قىلىشى بىلەن ئىپپەت نۇمۇسۇمنى يۇقاتتىم، مانا مەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇرۇپ يىگىتىم تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلدىم. مەن يىگىتىمنىڭ، ئائىلەمنىڭ ھىسداشلىق قىلىشىغا مۇھتاج ئىدىم، بۇلۇپمۇ يىگىتنىڭ چۈشىنىشىگە، ئۈزەمنى تەقدىم ئەتكەنلىكىمگە، مۇھەببىتىگە ئىرىشىشىمگە تىگىشلىك ئىدىم. ئەپسۇس، مەن قىممەتلىك قىزلىق ئىپپىتىمنى يۇقۇتۇپ قويغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئازاپ چەكتىم، مەن يىگىتىم تەرىپىدىن شاللىنىپ تاشلىۋېتىلدىم، ئائىلەم تەرىپىدىن ھەيدەپ چىقىلدىم، يىگىتىمنىڭ ھاقارىتى، ئائىلەمنىڭ كەمسىتىشى، مىنىڭ قاتتىق ئېچىشىۋاتقان يارامغا تۇز سەپكەندەك ئىش بولدى. ئەسلىدە، مەن يىگىتىمگە ئۆزەمنىڭ چوغدەك مۇھەببىتىمنى ئىككى قوللاپ تەقدىم قىلغان ئىكەنمەن، ئۇ ئەلۋەتتە ئىككىلەنمەي، تەۋرەنمەي مۇھەببەتنىڭ مۇقەددەس سارىيىغا مەن بىلەن بىللە قەدەم تاشلىشى كىرەك ئىدى، ماڭا ئەڭ شىرىن، ئەڭ مەززىلىك شاراپ تۇتۇشى كىرەك ئىدىغۇ...
مەن شۇ تاپتا سەرسانمەن، يېتىپ قۇپۇشۇم كۇچا، تەنھا مىھمانساراي، يىگىتىمدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يىگىتىمدىن نوچى، گاڭگۇڭ، چىرايلىق يىگىتلەر بىلەن بىر كۈن مۇھەببەتلىشىپ ئەتىسى تاشلاپ، شاللاق بىر ئايالغا ئايلىنىپ كىتىپ باراتتىم.
مەن ئەمدىلىكتە ئەخلاقىم بۇزۇلغان، يولدىن چىققان، ھەر قانداق ئەرنى ئالقىنىمدا ئوينىتىپ، تىنىمنى سېتىپ جاھان سۈرمەكتە ئىدىم. مىنىڭ ئىپلاسلىقىم يالغۇز ئىپپەت-نۇمۇسۇمنى سېتىپ قويغانلىقىمدىلا ئەمەس، بەلكىم روھى دۇنيارىم چىرىكلىشىپ، نەشە چىكىش، خۇتۇن بار ئەرلەرنى ئازدۇرۇش بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى....
مەن گەرچە ئىپپەت-نۇمۇسۇمنى يۇقۇتۇپ پاھىشە كوچىسىغا كىرىپ بىمالال مېڭىۋاتقان بولساممۇ، ئالدىمغا خۇددى قوينىڭ قۇزىسىدەك مۇلايىم، ئىتائەتمەن يىگىتلەرمۇ ئەپتىدىن قاتىللىق پۇراپ تۇرىدىغان لۈكچەك يىگىتلەرمۇ، بويتاق، ئەمدىلا مەكتەپ پۈتتۈرگەن بالىلارمۇ، خۇتۇنلىرى ئۈلۈپ كەتكەن، ساقاللىرىغا ئاق كىرگەن قېرىلارمۇ، خوتۇنلىرىدىن قورقىدىغان سايىم نوچىلارمۇ، گاھ-گاھى مەن ئۈچۈن پەرۋانە بولسا، گاھىدا ئۇلارنىڭ تىل ئاھانەت، تاياق توقماقلىرى ئاستىدا پۇل تېپىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كىتىپ بارماقتىمەن.
مىنىڭ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا، ئۈزەمنىڭ قوغدىشى زۈرۈر بولغان، باشقىلارنىڭ كۈزىتىشىنى بىلىۋېلىشنى خالاپ كەتمەيدىغان بىر مەخپىيەتلىكنى ساقلاپ كىلىۋاتاتتىم.
قەلبىمدە تۇنجى مۇھەببىتىمنىڭ بۇزۇلۇشى قالدۇرغان ئازاپلىق خاتىرىنى مەڭگۈ قەدىرلەپ ساقلىغان ئىدىم، بۇ ئۈزەمگە تەئەللۇق سىر ئىدى، مەن بۇ سىرنى ئۆلگۈچە ساقلاشقا، شۇ يىگىتنى مەڭگۈ قەلبىمدە ياخشى كۈرۈپ ئۆتۈشكە ھۇقۇقلۇقمەن دەپ قارايىتتىم، مىنىڭ بۇ خىل بىنۇرمال ساغلامسىزلىق، نۇمۇسسىزلىق ئىچىدىكى تۇرمۇشۇمدىكى بۇ سىر، تۇنجى سۆيگەن يىگىتىمگە بولغان ئۈزەمنىڭ ئاشىقلىقى بۇلۇپ، ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن بۇ سىرنى ئاياغ ئاستى قىلىۋېتىشكە بولمايىتتى.
مەن گەرچە بىر پاھىشە بولساممۇ، قىلچىمۇ مەخپىيىتى بولمايدىغان قوشۇمچە بۇيۇم ئەمەس ئىدىم.
شۇ كىچە،... تۇنجى سۆيگەن يايرىم شۇ تاپتا ئالدىمدا تۇراتتى.
مۇھەببەتنىڭ مۇقەددەس سارىيى ئەلۋەتتە پاك-پاكىزە، تاۋاپ قىلغىلى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىخلاسمەن مۇرتلىرىدىن بۇلۇشى ناتايىن. مەن يىگىتىم تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كىيىن شاختىن-شاخقا قونۇپ، يىگىتىمگە سەمىمىيەتسىزلىك قىلىپ، مۇھەببەتنى بالىلار ئويۇنى ئورنىدا كۆرۈپ ئىنتايىن بىپەرۋالىق بىلەن مۇئامىلە قىلدىم. كىيىنچە ئۈزەمنىڭ شەخسى ھەۋىسىمنى قاندۇرۇش ياكى پۇل تېپىش، ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىۋېلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۆز كۆڭلۈمدە تۇنجى يىگىتىم تۇرۇپ ساپ مۇھەببەتنى ئالداپ ئازغۇنلۇق يۇلىدا سەرسان بولغان بىر قىز مەن. ئات ئۇزۇن يولدا سىنىلار، ئادەم ئۇزاق يىلدا، ئاھ، مەن تۇتقان گۈلدەستىلەر مىنىڭ ساختا مۇھەببىتىمنى يۇشۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن، پۇلنى كۆزلەيدىغان، سۆيگۈنى، ھىسسىياتنى تاۋار ئورنىدا كۆرىدىغان مەندەك بىر قىزنى بۇ يىگىت يەنىلا ياخشى كۆرەرمۇ؟ مەن مۇھەببەتلىك كۆزلىرىم بىلەن يىگىتكە باقتىم، مەن يىگىتنىڭ قەلبىنى بىردەملىك ئالدىيالىغان بىلەن تۇرمۇشۇمنى ئالدىيالمايىتتىم. كەسكىن تۇرمۇش، خەلقى-ئالەم ئالدىدا تۇنجى سۆيگەن يىگىتىم ئالدىدا ئەپتى-بەشرەم ئاشكارىلاندى.
-ھۇ پاسكىنا، بۇزۇق، پاھىشە... مىنىڭ ئىرىمنى يولدىن چىقارغان سەنكەنسەندە....، ھۇ رەسۋا...
-ئائىلە بۇزغۇنچىسى...
-مىنىڭ ئىرىمدىن باشقا ئەرلەر تېپىلمىدىمۇ؟ ھۇ پاھىشە....
شۇ تاپتا يىگىتىم بىلەن يېرىم يالىڭاچ كارۋاتتىن تۇردۇم.
ئالدىمدە شۇنچىلىك كىلىشكەن بىر توپ ئاياللار، مۇنداقچە ئېيىتقاندا تۇنجى سۆيگەن يىگىتىمنىڭ ئايالى بىر قانچە دوستى بىلەن تۇراتتى.
-ئۇرە ماۋۇ رەسۋانى...
-ئىرىم مىنى ياخشى كۆرسەڭ بۇ پاھىشەنى مىنىڭ ئالدىمدىلا ئۇرۇپ بىرىسەن، بولمىسا سەن بىلەن ئاجرىشىمەن، مىنى ياخشى كۆرمەيدىكەن دەپ قارايمەن.-دىدى ئايالى.
يىگىت ماڭا قارىدى.
مۇھەببەت سەپىرىگە قەدەم قويغان ھەر قانداق ياش، مۇھەببەت سەپىرىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا بەخىت مەنزىلىگە بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ۋاھالەنكى، تۇرمۇشتا كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر يۈز بىرىپ تۇرىدۇ، گەرچە بىز ئايرىلىپ كەتكەن بولساقمۇ، گۇناھ يىگىتىمدە، چۈنكى ئايالىنى تېپىۋالغاندا، مەن يىگىتىمگە يىغلاپ كانىدەك چاپلاشماي قويۇپ بەردىم، تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۈزەمنى قۇربان قىلىپ خاراپ قىلدىم. ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئازراق بولسىمۇ مەن بار، تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن بولساقمۇ، بەلكىم ئۇ ھازىرلا ئايالىنى ئۇرۇپ بۇ ھاقارەتتىن مىنى ساقلاپ ئىشنى تۈگۈتىدىغۇ دەپ ئويلاپ مەنمۇ يىگىتىمگە قارىدىم.
يىگىتنىڭ ئەتىدىن بىرىكى چىھرىدىكى خۇشاللىق ئىزنالىرى يۇقاپ، قەھرى-غەزەپكە ئايلاندى.
-ھۇ پاھىشە...، سەن نىمە ئۈچۈن مىنى ئازدۇرۇپ بۇ يەرگە ئېلىپ كىلىسەن، تېلىفۇن قىلىپ ئۈزەڭچە مەندەك چىرايلىق ئايالى، ئۆيى بار ئادەمنى ئالدامتىڭ، تۈفى.... ئۇرۇڭلار، ھۇ پاھىشە...
يىگىت ئەڭ بۇرۇن خۇتۇنى كىلىشتىن بۇرۇن سۆيگەن لىۋىمگە، تۇتقان بەللىرىمگە قالايمىقان بىر قانچىنى سالدى-دە، توختىماستىن سىلىغان ھەم ئۆرۈپ قويغان چاچلىرىمدىن تۇتۇپ ئاياللار ئالدىغا تاشلىدى.
شۇ تاپتا جاھاندا ھەقىقى يىگىت قالمىغانلىقىنى سەزمەكتىمەن، ئېغىز-بۇرنۇمدىن قان تامچىلىماقتا ئىدى....
-ھۇ پاھىشە....
-يۇقال...
-ئۆلسەڭچۇ...
بىر چاغدا كۆزۈمنى ئېچىپ قارىدىم، دۇختۇرخانىدا ئوپىراتسىيە كارۋىتىدا ياتماقتىمەن، ھۇشۇمدىن كەتكەچكە مىھمانخانا كۈتكۈچى قىزلىرى ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى، دوختۇرخانىدا ياتتىم، تەكشۈرۈلدۈم، تاياق بەك قاتتىق چۈشمىگەن بولسىمۇ، ماغدۇرسىزلىق ھەم كىسەللىك سەۋەبىدىن خېلى ئۇزۇن ياتتىم، 3ئايدا ئاران دوختۇر كارىۋىتىدىن چۈشۈپ دوختۇردىن چىقتىم.
ئاھ! تەقدىر-قىسمىتىم نىمانچە كاجدۇر، دوختۇرنىڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قەغىزىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ دىگەن گەپلىرى قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلىماقتا ئىدى.
-سىز ساقايماس ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپسىز، قەرەللىك تەكشۈرتۈڭ، تەكشۈرۈش، دورا ھەقسىز، باشقىلار بىلەن جىنسى ئالاقە قىلسىڭىز قانۇن، ئەخلاق ئەيىپلەيدۇ....
شۇ تاپتا قوللىرىم تىتىرەپ، پۈتۈن جىسمىم ئۇيۇشۇپ، چاچلىرىمنى قاماللىدىم، يىغلىدىم، يىغلىماقتىمەن.
ئايال بۇلاي دەپ ئايال بۇلالمىدىم، خوتۇن بۇلاي دەپ خوتۇن بۇلالمىدىم، ئاخىرى نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ ئاشنىسىغا، زامانىۋى ماشىنا خۇتۇنلاردەك بۇلۇپ نۇرغۇن ئەرلەرنى خوش قىلىپ بەخىت پەيزىنى سۈرۈپ بىر پاھىشىگە ئايلانغان بولساممۇ، قېرىشقاندەك، تەڭرى ماڭا بۇ نىجىس كىسەلنى ئاتا قىلىپ، ياشلىق باھارىمنىڭ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان شۇ دەقىقىلىرىدە، ھاياتىمنىڭ پات ئارىدا ئاخىرلاشقانلىقىدىن ئىبارەت ئۆلۈم خېتىمنى دوختۇر ئارقىلىق قولۇمغا تۇتقۇزغان ئىدى.
شۇ تاپتا چىقىراپ توۋلاپ يىغلىدىم.
-مەن پاھىشە ئەمەس.
-ياق! مەن پاھىشە ئەمەس....
چۈشۈمدىن قارا بېسىپ ئويغاندىم، يېنىمدا ياتقان ئايالىم بېشىمنى يۈلەپ ئولتۇراتتى، چىكەمدە لۆڭگە، يېنىمدا خوتۇن...
كۆزۈم ئېچىلدى.
-ياق، مەن پاھىشە ئەمەس....
-كىم سىزنى پاھىشە دەيدۇ غۇجام، سىز مىنىڭ ئۇماق ئىرىم، سىز ئەر، سىز ھەقىقى ئەركەك، سىز پاھىشە ئەمەس...
ئۈزۈمنىڭ بىر ئايال كىشى ئەمەس، ئەر بۇلۇپ يارالغانلىقىمدىن خۇشاللاندىم، چۈشۈمدىكى پاھىشە ئايالغا ئىچ ئاغرىتتىم.
ئاساسلىق زىھنى-قۇۋۋىتىم ۋە ۋاقتىمنى ھاياتلىق يولىدا ياشاشقا، ئۈگۈنۈشكە، ئائىلەمگە، ئايالىمغا، بالىرىمغا بېغىشلاشنى، ئۈزەمنىڭ بىر ئەرلىك مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، ئۆز قىممىتىمنى بىلىشكە باشلىدىم. ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشى بىلەن ئايالىممۇ غەلىتە خۇلق-مىجەزىنى ئۆزگەرتىپ غەيرىلكتىن تىتىك، خۇش-خوي، قىزغىن، تېخىمۇ سالاپەتلىك بۇلۇپ ئۆزگىرىپ قالغان ئىدى.
مىنىڭمۇ زىرىكىشلىك تۇرمۇشۇمغا خاتىمە بىرىلگەندەك، ئەنە، ئۈيۈمدە بالىلىرىمنىڭ كۈلكە-سادالىرى، ئايالىمنىڭ ئىللىق چىرايى، روھى ۋە جىسمانى جەھەتتە بۇرۇنقىدىن تىتىك ۋە ساغلام بۇلۇپ قالغاندەك ھىس قىلدىم.
   قاراقاش ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىدىن:
                   تۇردىمەمەت سەئىدى
~E4"}n[3A#  
~Y5l+EF#  
=4C}{IL  

ozqan 2012-03-05 11:29
رەخمەت ،  يوللىغان ھېكايىڭىزگە .    بۇ ھېكايىدە بىر روماندا ئەكس ئەتتۈرۈشكە بولىدىغان مول مەزمۇن تەسۋىلىنىپتۇ . ھېكايدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر رېئال تۇرمۇشىمىزدا بولىۋاتقان ئىشلار .

danix 2012-03-28 18:48
 توغرا دەيسىز قېرىندىشىم ، تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئىش بىر تەجرىبە . بۇ تەجرىبىلەر بەزىدە مۇۋاپىقىيەتلىك چىقسا ، بەزىدە مەغلۇبىيەت ئېلىپ كېلىدۇ . مۇشۇ تەجرىبىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بولغىچە بۇ قىممەتلىك ھاياتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالىدۇ . {*  _ W  
     ئادەمنىڭ ھايات مۇساپىسى يەنى جەمئىيەت شۇنداق زامانىۋى بىر سىتانۇكقا ئوخشايدۇ .  تۇغۇلۇشتا لوم تۆمۈردەك تۈپتۈز تۇغۇلغان ئادەم شۇ زامانىۋىي سىتانۇكقا ئوخشايدىغان جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ ئۇزاق ئۆمەيلا ،  ئەگسە تۆرۈك بولىدىغان ، تۇتسا توختىماي گىلدىللايدىغان  پۇرژىنىدەك بولۇپ قالىدۇ . يەنى كېلىپ ، نىكاھ دېگەن مۇھەببەت بىلەن مەسئۇلىيەتتىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ . نىكاھ داۋاملىشىپ مەلۇم كۈنلەرگە يەتكەندە ، مۇھەببەت سەل سۇزلىشىدۇ . بۇ چاغدا مەسئۇلىيەت كۆچەيگەن بولىدۇ . يەنى مەسئۇلىيەت ھاياتلا بولىدىكەنمىز يوقالمايدۇ . شۇڭا نىكاھتا بىر - بىرىگە يول قويۇپ، بىر - بىرىگە ماسلىشىپ مەڭگۈ بىللە ئۆتۈشكە تىرىشىش كېرەك .


查看完整版本: [-- نىكاھ-بىرداستان --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled