查看完整版本: [-- توڭلىغان تۇپراق (ھىكايە) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> توڭلىغان تۇپراق (ھىكايە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-03-02 15:00

توڭلىغان تۇپراق (ھىكايە)

توڭ تۇپراق 
 
 (ھىكايە)
 
تۇدىمەمەت سەئدى
 
مىڭ ئەپسۇس، مىنىڭ كىشلىك ھاياتىمنىڭ نەۋباھارى ئۈزۈمنىڭ بىر ئۇغۇل بالىلىق خارەكتىرىمنى غەيرەت ئىشەنچىمنى يۇقۇتۇپ قويۇشۇم بىلەن داۋالغۇش، تېڭىرقاش ئىچىدە ئۆتتى.
تۇرمۇش، ئۇ كەڭ بىر زىمىن، ھېچقانداق ئىنساننىڭ ئانىسى ئۆز بالىسىنى تۇغۇپلا ئالىم تۇغدۇم دىيەلمەيدۇ، ھېچقانداق ئانا تۇغۇپلا، بالام جىنايەتچى دىيەلمەيدۇ.
مىنىڭ جىنايەت بىلەن ئۆتكەن ھاياتىم ئانام سارەمنىڭ ئەمچىگىنى بىر قانچە قېتىم قاتتىق چىشلىگەنلىكىمدىن باشلانغان بولسا كىرەك، ئېسىمنى بىلسەم ئانام سارەم كېلىشكەن ئايال بولغاچقا مەھەللىدىكى ئەرلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىرىۋېتەتتى. دادام سەمەندەر بولسا، ئۆزىنىڭ نامراتلىقىغا تەن بەرمەي، ھە دىسىلا تاپقان پۇللىرىغا ھاراق ئىچىدىغان سېپى ئۆزىدىن ھاراقكەش ئىدى.
ئائىلىمىزدىكى تۈگىمەس جىدەل، دەتالاش، ئانام سارەمنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئاشنىسى بىلەن قېچىپ كىتىشى بالىلىق خاتىرىلىرىمدە تۈگىمەس جاراھەتلەرنى قالدۇرۇپ، مەنمۇ جىدەلخور، مۇتىھەم چوڭ بولۇشقا باشلىدىم. مەكتەپتىن قېچىپ تۈگىمەس ئويۇنلار بار تورخانا، قىمارخانا، بەزمىخانىلار ھەتتا مىنى قانائەت ھاسىل قىلدۇرالمايدىغان ھالەتكە يەتتى. ئۇتقاندا باي بولدۇم، ئۇتتۇرغاندا قەلەندەر بولدۇم. ئەمدىكى ھاياتىم خەقلەرگە زوتالىق قىلىپ ئۇرۇش، پۇلۇم قالمىسا قىمار ئويناش ياكى ئوغرىلىق قىلىش، نەشە چىكىش دىگەنلەر بىلەن ھەپىلىشىپ ساقچىخانا ياكى تۈرمىلەرنى ساياھەت قىلىش بىلەن ئۆتۈشكە باشلىدى. قىز-ئاياللارغا بولغان ئۆچمەنلىكىم ئانام سارەمنىڭ مەن بىلەن سىڭلىم ئەزىزەنى كۆزى قىيغان ھالەتتە تاشلىۋېتىپ، ھاۋايى-ھەۋەسنى دەپ باشقىلار بىلەن قېچىپ كەتكەنلىكىدىن باشلانغان بولسا كىرەك.
مەن مەكتەپتىن قېچىپ ئوقۇشتىن قالغاندىن كېيىن سىڭلىم ئەزىزەنى ھاراقكەش دادام سەمەندەرگە تاشلاپ خۇددى سىگانلاردەك تۇرمۇش كەچۈرۈپ شەھەرمۇ-شەھەر قاتراپ يۈردۈم، قۇلۇم ئىلسا ئوغرۇلۇق، ئىلمىسا مەدىكارلىق قىلىپ جان بېقىپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، مەن تۇرۇپ قالغان شەھەردە بىر نىجادكارغا ئۇچرىدىم، نىجاتكارىمنىڭ ئىسمى باھادىر بۇلۇپ، گەرچە باھادىر بىر قاۋاقخانىنىڭ خۇجايىنى بولسىمۇ، قاۋاقخانا يېنىدا باشقىلارغا ئىجارە بەرگەن ئۆزى ئىلكىدىكى بىر كىچىك دۇختۇرخانىمۇ بار ئىكەن، مەن كوچىدا تۇنۇر ئىچىدە يېتىپ قوپۇۋاتقاندا قاتتىق يامغۇر ياغقانلىقتىن باھادىر مىنى ھۇشۇمدىن كەتكەن يەردىن ئۇچرىتىپ ماشىنىغا سېلىپ قاۋاقخانىسى يېنىدىكى دۇختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى، 2كۈندىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتىم.
-يىگىت، قارىماققا ئەمدىلا 17-18ياشقا كىرىپسەن، بۇ يەرگە مۇساپىر ئوخشايسەن، مىنىڭ قاۋاقخانامدا ئىشلەشنى خالامسەن؟ دىدى باھادىر بېشىمنى سىلاپ.
ئەلۋەتتە ئىشلەيمەندە، چۈنكى مەنمۇ كىچىكىمدىن باشلاپ دادامنى ئىزدەپ قاۋاقخانىلارغا بارغان، كىيىن ئۈزەممۇ پۇل تاپسام شۇ قاۋاقلارنى ئارىلاپ بىر-ئىككى سەر قېقىۋېتىدىغان بولدۇم ئەمەسمۇ، مەن باھادىرغا ماقۇللۇق بىلدۈردۈم، باھادىر دادام سەمەندەردىن خېلىلا ياش ھەم كۈچتۈڭگۈر ئىدى.
توۋا دەيمەن، بۇ يەردىكى قاۋاقلار بىزنىڭ يۇرتتىكى قاۋاقلارغا قەتئى ئوخشىمايىتتى، بىزنىڭ يۇرتتا قاۋاقتا پەقەت ھاراقلا ئىچىلەتتى، بۇ يەردە ھاراق ئىچىلىشتىن سىرت قىزلار شۇنچە كۆپ بۇلۇپ، خۇددى ئايال مۇساپىرلار لاگىرى ياكى ئاياللار تۈرمىسىدەك شۇنچە كۆپ قىزلار ئەرلەرگە ھەمرا بۇلاتتى، مۇنداقچە ئېيىتقاندا باھادىر پاھىشەخانا خوجايىنى ئىدى، مەن نىجىس باسقان بۇ يەردە ئازراق ئىش ھەققى ئېلىپ خىزمەت قىلىشقا باشلىدىم، ئاساسلىق خىزمىتىم باھادىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يولغا چىقىپ خېرىدارلارغا خېرىدار تېپىش ئىدى.
مۇنداقچە ئېيىتقاندا، مەن تۇنۇشتۇرغۇچى يەنى دەللال بولغان ئىدىم، قىزلارنىڭ ئارىسىدا ئىنتايىن ئەسكى، يىرگىنىشلىك، ۋەھشى قىزلارمۇ، يۇۋاش، مۇلايىم قىزلارمۇ بار ئىدى. ھەممىسى يېرىم يالىڭاچ. مەن ئۈچۈن بۇنداق قىزلار يۇۋاش ياخشى بولسۇن ياكى قوپال، يامان بولسۇن ھەممىسى ئوخشاشلا يىرگىنىشلىك ئايال ئالۋاستىلار ئىدى.
-ئەلقەم، ماڭا چىرايلىقراق ئەرلەر كەلسە خېرىدار قىل....
-ئەلقەم، ماڭا نەدىكى بىلى قاتمىغان سويمىلارنى تونۇشتۇرماي، بىلى قاتقان، پۇللىرى كۆپ بايۋەتچە ئادەملەرنى تۇنۇشتۇرغىن...
-ئەلقەمجان، ماڭا مەيدىسىدە تۈكى بار، قېرىراق ئەرلەرنى تونۇشتۇرغىن....
-ئەلقەم، ماڭا قايسى كۈنى نەدىكى مەكتەپ بالىلىرىنى تونۇشتۇرۇپسەن، بۇ يەرنىڭ مەكتەپ ياكى يەسلى ئەمەسلىكىنى بىلىپ قوي....
-مەن خېرىدارلىرىمنى كۈتۈپ بولغاندا سىنى كۈتىمەن جېنىم، مەيلى سەن پۇل بەرمىسەڭمۇ بولىدۇ....
مەن ئەنە شۇنداق قىزلارنىڭ ناز-كارەشمىلىرى، سېسىق گەپلىرى، ئادەمنى يىرگەندۈرىدىغان قىلىقلىرى ئارىسىدا خوجايىن باھادىر ھەر ئايدا بەرگەن پۇللىرىنى يىغىپ ئۆز ئىشىم بىلەن بولدۇم. گاھىدا مەن ساقچىلار تەكشۈرۈپ كەلسە دەرھال ئىسقارتىپ ئۇلارغا بىشارەت بىرەتتىم، بۇنداق چاغلاردا قىزلار ھاپىلا-شاپىلا ئۆزلىرىنى ئوڭشاپ، ئەرلەرگە ھاراق قۇيۇپ بەرگەن قىياپەتكە كىرىۋالاتتى، بۇنداق چاغلاردا باھادىر ماڭا كۆپرەك سۈيۈنچە بىرەتتى، ھەر كۈنى ھەر خىل كۈلكە، ھەر خىل يىغا-زارىلەر كۆز ئالدىمدىن كىنو لىنتىسىدەك ئۆتەتتى.
-ھۇ ئەبلەخ، سەن پۇل بەرمەي ماڭامتىڭ....
-سەن پەقەت مۇشۇ 10يۈەنگىلا ئەرزىيدىكەنسەن جالاپ...
-ئاپپىقىم، ئەجەپ مەرتلىك قىلىپ 500يۈەن بەردىڭ، ئەتە يەنە كەل، ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىمەن...
-نىمە ئۈچۈن مىنى ئۇرىسەن، مەن سىنىڭ ئېلىپ قويغان خۇتۇنۇڭمىدىم؟...
-سىنىڭ بىر كىچىلىكىڭنى پۇلغا سېتىۋالدىم، قانداق قىلسام ئۈزەمنىڭ ئىشى ھۇ پاسكىنا....
شۇنداق، مانا بۇ مەن تۇرۇۋاتقان شەھەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقىقىنىڭ بىر قىسمى ئىدى، مەنمۇ شۇ يەردە ئەشۇنداق رەزىللىك، نۇمۇسلۇقلارغا شىرىك ئىدىم.
قىزلارنىڭ تاياق يىيىشلىرىنى كۈرۈپ بەزىدە ئىچ-ئىچىمدىن خۇشاللىناتتىم، بەزى ئەرلەرنى قىزلارنىڭ ئەخمەق قىلغانلىقىنى كۈرۈپ تازا كۈلەتتىم، گاھ-گاھىدا سىرتلاردىن ئىرىنى ئىزدەپ كىرگەن ئاياللارنىڭ نالىسى نىمىشقىكىن كۆزلىرىمدىن ياش ئاققۇزاتتى.
-سەن بالىلىرىڭنىڭ ئالدىدا نۇمۇس قىلساڭچۇ، نىمە ئۈچۈن بۇ يەردىن مىھرىڭنى ئۈزەلمەيسەن، سىنىڭمۇ بۇ قىزلاردەك قىزلىرىڭ بارغۇ؟...، سەن مىنى قېرىپ چىرايىدىن كەتتى دەپ مۇشۇنداق ناكەستى يەرگە كىلەمسەن؟...
-بىلەمسەن، ئاناڭ شۇنچە ئېغىر كىسەل بۇلۇپ ياتسا، بالىلار مەكتەپتە ئوقۇسا، ئاناڭ بىلەن كارىڭ يوق، بۇ يەردىكى نايناق قىزلار بىلەن ئولتۇرۇپ ئىچسەڭ ۋىجدانىڭ نەگە كەتتى سىنىڭ، سىنىمۇ ئەر دىگىلى بۇلامدۇ؟...
-سەن ئەبلەخ، مىنىڭ ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىمنى سېتىۋېتىپ ئەسلىدە بىر قانچە ئايدىن بىرى مۇشۇ يەردە ئىچىپ-ئويناپ يۈرۈپسەن، ئۇ نەرسىلەرنى مىنىڭ رەھمەتلىك ئاتا-ئانام ئېلىپ بەرگەن، سەن بىلەن ئاجرىشىمەن، مۇشۇ قاۋاقتىكى جالاپلىرىڭ بىلەن بىللە ئۆت، سىنىمۇ ئەر كىشى دەمدىم....
-يۇقال، مىنى بۇ يەرگە نىمىشقا ئىزدەپ كەلدىڭ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالىنى باقساڭ بولمامدۇ، ئەركىشى دىگەن كۆڭلى نەنى خالىسا شۇ يەردە ئوينايدۇ، ئويۇن ئوينىمىغان ئەر كىشى ئەر ئەمەس، يوقىلە، ھېلى سۈزۈڭنى بەرمەي يەنە....
ئاھ، ئاياللار بەزىدە ئاجىز، بىردەم يىغلاپ بولدى قىلىدۇ ياكى ھېچقانداق گۇناھى يوق تۇرۇپ ئەرلىرىدىن تاياق يەپ، يۈزلىرى كۆكىرىپ تالاغا چىقالماي بىر ھەپتە ئولتۇرىدۇ-دە، ئەرلىرىنىڭ يامان ئىشلىرىنى ئۇنتۇيدۇ ياكى مەڭگۈ ئىز قوغلاپ يۈرمەيدۇ.
مەن تۇرۇۋاتقان يەر ئەنە شۇنداق كۈلكىلىك ھەم قاباھەتلىك، مەن ئەنە شۇنداق نەۋقىران، ئەمدىلا بالاغەتكە يىتىپ، قاۋاقتىكى قىزلارنى كۆزلىرىم تاللاۋاتقان ۋاقتىمدا، قاۋاقتىكى قىز-ئەرلەرنىڭ بەزى گەپ سۆزلىرى مىنى تەمتىرىتىپ قويدى.
-ئاپپىغىم، سىنى چوقۇم ئىككىنچى خوتۇنلۇققا ئالىمەن...
-ئەگەر ئۈچىنچىسى بولۇپ قالسامچۇ؟..
-ئۇنداق بولماس، ئىككىنچىسى ساڭا يىتەرلىك....
-ئەگەر ئۈچىنچىسى بولسام ئىككىنچىسىنىڭ يۈزىگە كىسلاتا قويىۋېتىمەن.
-بىراق سىنىڭ 2-خوتۇنۇم بۇلۇشۇڭغا ئىككى شەرتىم بار.
-ئېيتىڭ قانچە شەرتىڭىز بولسا جېنىم پىدا...
-دۇختۇرخانىدا تەكشۈرتىسەن، چوقۇم ئەيدىز كىسىلى چىقماسلىقىڭ كىرەك....
-بۇلىدۇ جېنىم، ئەيدىز دىگەن قانداق كىسەل ئۇ، مىنىڭ كىندىكىمنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ھېچقانداق كىسەل يوق، بولدى تەكشۈرۈشكەماقۇل بولاي، ئىككىنچى شەرتىڭىز؟...
-ئىككىنچى خوتۇنۇم بۇلۇشۇڭ ئۈچۈن مەن ساڭا تۇرالغۇ ئۆي بېرىمەن، سەن چۇقۇم يۈزۈڭنى يۆگەپ شۇ ئۆيدە مىنىڭ تېپىپ بەرگىنىمنى يەپ ئولتۇرۇشۇڭ كېرەك؟...
-نىمە دەۋاتىسىز، مەن مۇشۇنداق يەرلەرگە كۈنۈپ قالغان تۇرسام، مىنى تۈرمىگە سۇلاپ قويىمەن دىگىنىڭىز ئەمەسمۇ بۇ، خۇتۇنىڭىز سىز ئېلىپ بەرگەن ئۆينى تېپىۋالسا، مىنى ئۇرسا بولمايدۇ، مەن ئىككىنچى شەرتكە قەتئى قۇشۇلمايمەن...
-ئەمىسە ئىككىنچى خوتۇنۇم بولمىغىن.
-مەيلى 10-خوتۇنۇڭ بولساممۇ بۇلىۋىرىدۇ، سىنىڭ شەرتىڭگە كۆنەلمەيمەن..
بىر ئايرىمخانىدىكى ئەر ھەم قىزنىڭ يۇقارقى سۆزلىرىنى ئۆز قۇلۇقۇم بىلەن ئاڭلاپ ئەيدىز ھەققىدە باشقا قىزلاردىن سوراپ ئوبدان چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.
قاق سەھەردە قىزلارنىڭ خۇنۇكلەشكەن، سەتلەشكەن چىرايى ھەم چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدىمۇ، تازىلىق قىلىۋېتىپ بەزى گەپ-سۆزلىرى قۇلۇقۇمغا كىرىۋالاتتى.
-ئاداش ئاڭلىدىڭمۇ، بىز بۇرۇن تۇرغان قاۋاقتىكى يۇلتۇز ئۈلۈپ كىتىپتۇ....
-بىرسى ئۆلتۈرۈۋېتىپتىمۇ؟...
-ياق، ئەيدىز بىلەن ئۆلۈپتۇ.
-شۇنچە ئۇماق، كىچىكتى يۇلتۇز، ۋاي ئىسىت...
-ئاداش، ھەرگىز ئاق چىكىدىغانلار بىلەن ئارىلىشىپ قالما، مەنمۇ دىققەت قىلاي..
-ھە راست، بىزنىڭ قاۋاقتىكى شەرىپە ئاقنى ئۇكۇل قىلىپ سالىدىكەن، ئۇغۇللار ئۈگۈتۈپ قوۇپتۇ، ئۇ ئاق چىكىدىكەن....
-بوشراق گەپ قىل، ھېلى تاياق يەپ سالما، ئۇ ساراڭ ئاڭلاپ قالمىسۇن.
-ۋېييەي ئاداش، بىز ئىلگىرى تۇرغان قاۋاقتىكى توختىخاننى تەكشۈرتۈپتىكەن، ئەيدىز چىقىپتۇ ئاداش...
-ئاداش، مىنى تۈنۈگۈن بىر بالا رەسمى خۇتۇن قىلاي، يېزىغا ئېلىپ چىقىپ كىتەي دەيدۇ، بۇ يەردىن قورقۇپ قالدىم، بىزگىمۇ ئۇ نىجىس كىسەل چاپلىشىۋالمىسۇن، ئەتە ئۇ بالا كىلىدىغان بولدى، ئەگەر مەن تەگمەكچى بولغان بالىنىڭ ئادىشى ساڭا ياقسا، ھېچكىمگە دىمەي قالغان ئىش ھەققىمىزنىمۇ ئالماي غىپپىدە قېچىپ چىقىپ ئەرگە تىگىۋالايلىمۇ-يا، دىدى بىر قىز يەنە بىر قىزغا.
-بىر نەرسىلىرىمىزنى دەرھال يۇغۇشتۇرايلى، مەنمۇ يۇلتۇز، شەرىپەلەرنىڭ گىپىنى قايسى كۈنى ئاڭلىغان، قورقۇۋاتىمەن، بىزدىمۇ شۇنداق كىسەل بولسا بىزنى كىيىن كىم ئالىدۇ، سەن تەگمەكچى بولغان بالىنىڭ ئادىشى ماڭا ياقمىسىمۇ مەيلى، قارىغۇ، چۇلاق بولمىسىلا مەن تىگىشكە رازى ئاداش، دەرھال كىتەيلى، بۇنداق يەرلەردە بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتۇق، تۆۋۋە قىلايلى ئاداش... دىدى يەنە بىر قىز پىچىرلاپ.
مەن پەردە كەينىدە يەرنى توبالاۋاتاتتىم.
قىزلار مىنى كۈرۈپ ئەنسىرەپ قالدى.
-ئەلقەم، بىزنىڭ قىلىشقان گەپلىرىمىزنى ئاڭلىمىغانسەن، دىدى قىزلارنىڭ بىرسى.
-ياق، بىلمەمسىلەر، مەن بۇ يەردە بەزىدە قارىغۇ، بەزىدە گاس، بەزىدە گاچا، خاتىرجەم كىتىۋىرىڭلار، مەن ھېچكىمگە دىمەيمەن-دىدىم قىزلارغا.
ئەتىسى بۇ ئىككى قىز قاياقلارغىدۇر يۇقالدى، باشقا قىزلار ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى.
باھادىر چالۋاقاپ سۆزلەشكەباشلىدى.
-ھۇ پاسكىنىلار، قەرىزنى تۈلىۋەتمەي قېچىپ كىتىپتۇ، -خەپ ھەر قايسىڭنى چۇقۇم باشقا قاۋاقتىكىلەر ئازدۇرۇپ كىتىپتۇ، بىر تېپىۋالايچۇ شۇ چاغدا كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن قانجۇقلارنىڭ،-دىدى باھادىر مىنىڭ ئالدىمغا كەلدى.
-ئەلقەم، سىنى قىزلارغا ئوبدان قارا دىمىدىممۇ، قىزلارنى كىم ئېلىپ كەتتى، بىلسەڭ راستىنى دىگىن، ساڭا مۇكاپات بىرىمەن، ھەر بىرسى ئۈچۈن مىڭ يۈەندىن بىرىمەن، دىدى باھادىر.
-بىلمەيمەن خۇجايىن، خەۋىرى بولسا سىزگە ۋاقتىدا ئېيتىمەن، دىدىم. نىمىشقىكىن تاڭ بۇ قىزلارنىڭ قېچىپ كەتكىنىگە ئۈزەمچە ئىچىمدە خۇش بولدۇم.
ئەمدىلىكتە مىنىمۇ غەم بېسىشقا باشلىدى، چۈنكى ھېچكىم مىنى قاۋاقتىكى قىزلارنىڭ يېرىمى بىلەن بىللە بولمىدى دەپ ئېيتالمايىتتى.
قانداق قىلىش كىرەك؟ گادىرماچ خىياللار ئىچىدە نەس باسقان قاۋاقخانىدىن بىردەم بولسىمۇ چىقىپ كاللامنى سەگىتىش نىيىتىگە كىلىپ سىرتقا چىقتىم، سىرت شۇنداق سۇغۇق، مەن سۇغۇقتا بىردەك تىترەپ تۇردۇم-دە، ياندىكى شەخسى دۇختۇرخانىغا كىردىم، دۇختۇرخانىدىكى سىستىرا يىگىت مىنى تونۇيىتتى، بىر قانچە قېتىم بىزنىڭ قىزلارغا ئېغىز تەگكەن بولغاچقا، ماڭا شۇنداق ئامراق ئىدى.
-قانداق، قىزلاردىن زىرىككەن ئوخشىمامسەن؟ دىدى سىستىرا بالا ئۇكۇل تەڭشىگەچ.
-ئۇ يەردىنمۇ زىرىكتىم، دىدىم بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ چىكىۋېتىپ.
-مەنمۇ ئادەمگە شۇنچە ئىھتىياجلىق، قارىمامسەن، ئايال سىستىرادىن بىرنى ياللىۋالاي دىسەم خۇتۇنۇم بەك بىشەم، مىنى كۈنلەپ كۈن بەرمەيدۇ-دىدى سىستىرا بالا.
ئەسلىدە بۇ شەخسى كىچىك دوختۇرخانىنى سىستىرا بالىنىڭ ئاكىسى ئاچقان بۇلۇپ، ئۇ دوختۇر بۇلۇپ كىسەل كۈرۈپ دورا يېزىپ بەرسە، بۇ بالا باشقا ئىشلارنى جۆندەپ كىتىپ باراتتى.
-خۇتۇنىڭىز ياردەملەشسە بولمامدۇ؟ دىدىم ئۇرۇندۇقنى يانغىراق تارتىپ ئولتۇرۇپ.
-خۇتۇنۇم تۇغۇتلۇق، بېشىم قاتتى، زىرىككەن بولساڭ ماڭا ياردەملىشەمسەن يە، ئىش ھەققىڭنى قاۋاقتىن كۆپ بىرىمەن، سىستىرالىقنىمۇ ئۈگۈنۈپ قالىسەن، دىدى سىستىرا يىگىت كۈلۈپ، خاتا چۈشەنمە، مەن سىستىرالىقتا ئوقۇغان، ئەسلىدە سىستىرالارنىڭ كۆپىنچىسى قىز بولىدۇ، ئاتا-ئانام مۇشۇ كەسىپنى تاللاپتىكەن، بۇمۇ بىر ھۈنەر دىگىنە؛ دىدى يىگىت.
مەن قىزىقىپ قالدىم، بىر قانچە كۈن قاۋاققا كىرىپ-چىقىپ يۈرۈپ سىستىرا يىگىتكە ياردەملىشىپ بىمارلارغا دورا بىرىش ئىشلىرىنى قىلىپ قولۇم خېلى ئەپچىللىشىش بىلەن ئۈزەممۇ يىنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم، ئەمدىلىكتە كۈندۈزلىرى دۇختۇرىانىدا ئىشلىسەم، كىچىلىرى قاۋاقتا يۈردۈم.
باھادىر مىنىڭ قوشۇمچە ئىشلىگىنىمنى بىلمەيىتتى.
دۇختۇرخانىدا تۇرغان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە مەختۇمە ئىسىملىك قىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، مىنىڭ ئەمدىلا ئۆزگىرىۋاتقان جىنايەتلىك ھاياتىم شۇ قىز سەۋەبلىك يەنە قاراڭغۇلۇققا يۈزلەندى.
مەختۇمە ئەمدىلا 16-17ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان، قارىماققا جىنسى ھەۋەس، مۇھەببەتتىن يىراق تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدى.
مەختۇمە دادىسىنىڭ يالغۇز قىزى بولسا، ئانىسىنىڭ جان-جىگەر بىر تاللا ئەتىۋارلىق گۈھىرى ئىدى. مەختۇمە تۇغۇلغاندىن كىيىن ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن تۇغماسلىق ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇۋېتىپ، بارلىق ئۈمۈدىنى مەختۇمەگە ئاتىغان ئىدى.
شوخ، چىرايلىق، ئۇچۇق-يۇرۇق مەختۇمەگە ئاتا-ئانىسى نىمە دىسە شۇنى قىلىپ بىرەتتى، ھالاللىق بىلەن ئىشلەپ دىھقانچىلىق قىلىپ كەلگەن مەختۇمەنىڭ ئاتا-ئانىسى 40ياشلاردىن ھالقىغان دىھقانلار بۇلۇپ، مەختۇمە بۇ بىر جۈپ ساددا ئەر-ئايالغىلا ئەمەس، چوڭ ئانىسى زىۋىدىخانغىمۇ ئۈمىت، خۇشاللىق ئاتا قىلغان ئىدى.
-ئوغلۇم، مەختۇمە يالغۇز قىز، بىزنىڭ ئاخىرقى نەسەبىمىز، مەختۇمەنى ئاخىرىغىچە ئۇقۇتقىن، قارىمامسەن ئۇنىڭ چىرايلىقلىقى، پاكىزلىقى، قىزلىق نازاكىتى مىنى ھەرگىزمۇ بىر ئۆمۈر ئۇغۇل نەۋرىلىك قىلماسلىقتىن ئۈمۈتسىزلەندۈرمەيدۇ،-دەيىتتى زىۋىدىخان.
مەختۇمە ئۆيدە يالغۇز بالا بولغاچقىمىكىن ئاتا-ئانىسىدىن قاتتىق تەپتارتاتتى، ئاتا-ئانىسى گەپ قىلسا خىجىل بۇلۇپ يەرگە قاراپ، يۈزلىرى قىزىرىپ كىتەتتى. مەختۇمە ئاتا-ئانىسىدىن قورقاتتى، مەختۇمەنىڭ چوڭ ئانىسى زىۋىدىخان مەن يىڭىلا كىرىپ ياردەملىشىۋاتقان دۇختۇرخانىغا كىرىپ ھەر كۈنى ئوكۇل سالدۇرۇپ چىقىپ كىتىشكە باشلىدى.
مەختۇمەنى كۈرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم، زىۋىدىخاننىڭ يېنىدا سۈرەتتەك، ھەر قانداق كىنو چولپانلىرىدىنمۇ چىرايلىق پەرىزات ئولتۇراتتى.
مەن قاۋاقتا نى-نى قىزلارنى كۆرگەن، لېكىن مەختۇمە ئۇلارغا زادىلا ئوخشىمايىتتى.
-سىلىنىڭ قىزلىرىمۇ چوڭ ئانا؟-سورىدىم زىۋىدىخاندىن.
-ياق بالام، مىنىڭ جاھاندا بىر تاللا نەۋرەم، مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئۆزى شۇنداق يۇۋاش قىز، موماي مەختۇمەنى قۇچاقلاپ بىرنى سۆيۈپ قويدى.
مەن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم، زىۋىدىخان ساقايدى. ئەمدىلىكتە مىنىڭ كۆزلىرىم ھەر كۈنى مەختۇمەنى ئىزدەيدىغان، كىچىلىرى كۈزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدىم، ھەر كۈنى مەختۇمە ئوقۇغان مەكتەپكە بېرىپ ئۇنى ماراشقا باشلىدىم.
كۈتكەن پۇرسەت ئاخىرى يىتىپ كەلدى، ئۇقۇغۇچىلار تېخى مەكتەپتىن قويۇپ بەرمىگەن ۋاقىتتا 2-سائەتلىك دەرستە مەختۇمە مەكتەپ سىرتىدىكى دۇكان يېنىغا چىقتى. ئۇ ئۆزى يالغۇز دۇكانغا كىرىپ دۇكاندىن بىر قەلەم كۆتۈرۈپ يېنىپ چىقتى، مەكتەپ ئالدى خالى بۇلۇپ، ياندا ئازراق ئورمان، ئورمان كەينى ھەممىسى پارنىكلىك ئىدى.
-مەختۇمە، توختىڭا بىر ئېغىزلا گىپىم بار ئىدى، دىدىم قىزنىڭ ئالدىنى تۇسۇپ.
-نىمە گەپ، ھە سىز چوڭ ئانام داۋالانغان دۇختۇرخانىدىكى بالىغۇ؟... تىز بولۇڭ، ھازىرلا دەرس باشلايدۇ،-دىدى مەختۇمە.
-چوڭ ئانىڭىز..... دىدىم قىزنى ئالداپ.
-چوڭ ئانام نېمە بولدى؟ دۇختۇرخانىغا كەلدىمۇ؟ ئەتتىگەن بىر ياخشى قالغان، دىدى مەختۇمە.
-ياق، ئاۋۇ يەردە پارنىك يېنىدا قالدى، پارنىكتىن سەي ئالغىلى كەپتىكەن، جۈرۈڭ كۈرۈپلا چىقىڭ، سىزنى چاقىرغىلى ئەۋەتتى، ئەنە يىراق ئەمەس، ھەي زىۋىدىخاچا....-دەپ توۋلىدىم يالغاندىن ئوخشۇتۇپ.
مەختۇمەنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئورمانغا يۈگۈردۈم.
-قويىۋېتىڭ، مەن رۇخسەت سوراپ چىقاي، چوڭ ئانامغا دەپ قويۇڭ، ساقلىسۇن.دىدى مەختۇمە.
-كىسىلى قوزغۇلۇپ قالدى، يۈرىڭە؛ دىدىم قىزنى سىلكىپ.
مەختۇمەمۇ مەن بىلەن تەڭ يۈگۈردى.
-قېنى يوققۇ؟... مەختۇمە كەينىگە ياندى.
مەن مەختۇمەنى سۆرەپلا ئۈستى قېلىن سۇلياۋ ھەم كۆرپىلەردە يېپىلغان پارنىكلىق ئىچىگە سۆرەپ كىردىم، مەختۇمە توۋلىدى، ئامبۇردەك قوللىرىم مەختۇمەنى توۋلاشقا قويمىدى، مەختۇمە تىپىرلايىتتى، پارنىكنىڭ يان تەرىپىدىكى چوڭ يولدىن ئۈزۈلمەي قىش تۇشۇۋاتقان ماشىنا تىراكتۇرلارنىڭ ئاۋازلىرىدا مەختۇمە ھەر قانچە توۋلىسىمۇ ئاۋازى پارنىك سىرتىغا ئاڭلانمايىتتى.
مەختۇمە مىنىڭ ئىڭىكىمنى تاتىلايىتتى، مەختۇمە قاۋاقتىكى قىزلارغا ئوخشىمايىتتى، تىپىرلاپ قېچىشقا تەمشەلگەن مەختۇمەنىڭ بېشىغا بىرنى سالدىم، مەختۇمە يەنە تىپىرلاۋاتاتتى، پارنىكنىڭ قىشتا تېرىغان شوخلا شاخلىرى سۇندى، مەختۇمەنىڭ پاك ئىپپىتى ئەنە شۇنداق مىنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىم تەرىپىدىن چەيلەندى.
-ئەگەر بۇ گەپنى باشقىلارغا دىسەڭ، مەن مەكتەپكە بېرىپ ھەممە ئىشنى باشقا ساۋاقداشلىرىڭغا دەيمەن، مەن بۇ قىز بۇزۇق، مىنى سىز چىرايلىقكەنسىز، كۈيۈپ قالدىم دەپ كەينىمگە كىرىۋالغان، ماڭا ئېسىلىۋالغان ئىدى شۇڭا بۇزۇۋەتتىم دەيمەن، سەن ئۇ چاغدا ئوقۇش تۈگۈل مەڭگۈ ئەرگە تىگەلمەيسەن، ئەگەر مىنىڭ چېقىلغىنىمنى ئاتا-ئاناڭغا دىسەڭ، ئۇلار سىنى ئۇرىدۇ ياكى سىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، ھېچكىمگە دىمە؛ - دىدىم مەن مەختۇمەگە بىر ھازا تەھدىت سالغاندىن كىيىن پىچىقىمنى كۆرسۈتۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم، مەختۇمە سۇنغان شوخلا شاخلىرىنى تۇتۇپ يىغلاپ قالدى.
سىرت شۇنچىلىك سۇغۇق، مەن قىلغۇلۇقنى قىلىپ بۇلۇپ سىڭلىم ئەزىزە يادىمغا كىلىپ مەختۇمەگە ئىچ ئاغرىتقان بولساممۇ، لېكىن مەختۇمەنىڭ ئادەم چاقىرىپ كىلىشىدىن قورقۇپ قېچىپ قاۋاققا كىرىۋالدىم.
 مەختۇمە يىغلاپ ئولتۇرغاندا پارنىك ئىگىسى رومال ئارتقان ئايال پارنىكلىققا كىردى، مەختۇمەنىڭ ھالىتىنى كۈرۈپ موماينىڭ كۆزىەە ياش كەلدى.
-قىزىم، سىز بەك ساددا ئىكەنسىز، سىزنىڭ بۇ يەردە بۇنداق ھەلەتتىلىكىڭىزنى كۈرۈپ باشقىلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغىنىڭىزنى بىلدىم، ئالدىڭىزدا ھايات مۇساپىڭىز تېخى ئۇزۇن، سىزگە چېقىلغان ئەبلەخ ھامان جاجىسىنى يەيدۇ، قاراڭ، ئاۋۇ پارنىك ئىچىگە قويۇلغان مەشتە ئوت بار، مەن سۇ ئىسسىتىپ بىرەي، مۇشۇ يەردە غوسلى تاھارەت ئېلىڭ، مەن ئۈگۈتۈپ قوياي، خۇداغا نالە قىلىڭ، تۆۋە قىلىڭ، ساق قاپسىز، بىراۋلارغا دىمەڭ، ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، بۇ نەس باسقۇر پارنىكنى ئۇنتۇپ كىتىڭ، ئۇ ئەبلەخ مەيلى كىم بولسۇن ئۇنتۇڭ، قانۇنغا بارماڭ، كىيىنچە ئاتا-ئانىڭىز ھەم باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈزىڭىز سۆرۈن بولۇپ قالىدۇ، بۇ نەس باسقۇر مىنىڭ پارنىكىمنىمۇ ئۇنتۇڭ،-دىدى ئاق چاچلىق موماي.
موماي قورققان ئىدى، چۈنكى بۇ پارنىكلىق بۇ تەقۋادار مومايغا تەۋە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سۆز-چۆچەك قىلىشىدىن قورقتىمۇ ياكى مەختۇمەنىڭ كىيىنكى ئىستىقبالىنى ئويلىدىمۇ موماي بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھەر خىل ئەرلەر توغرىلىق چۆچەك، ھىكايە سۆزلەپ مەختۇمەگە تېخىمۇ كۆپ قورقۇنچ ئاتا قىلدى، مەختۇمە موماينىڭ ئۆزىنى يۇيۇندۇرۇپ پاكلاپ قويغانلىقىدىن مىننەتدار بولۇپ مومايغا رەھمەت ئوقۇپ چىقىپ كەتتى.
مەختۇمە مەكتەپكە باردى-دە، بىردەم تۇرۇپ يېقىلىپ چۈشتى، كىچە-كۈندۈز مەختۇمەنىڭ بېشى ئاغرىپ پات-پات يېقىلىپ قالاتتى، مەن بولسام بۇ ئىشلاردىن خالى ھالدا باھادىرنىڭ قاۋاقخانىسىدا ئىلگىرىكى چۇماقچىلىقىمنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدىم.
مەختۇمەنىڭ مۇئەللىمى ئۇچۇق-يۇرۇق، شوخ بۇ قىزنىڭ بىنۇرمال بۇلۇپ قالغانلىقىدىن ئەنسىرىدى، ھەر قېتىم مەختۇمە يېقىلىپ چۈشۈپلا «ئالۋاستى، ئالۋاستى كەلدى»دەپ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ 5مىنۇت قېتىپ قالاتتى.
مۇئەللىم مەختۇمەنىڭ ئانىسىنى چاقىرتىپ كەلدى:
-مەختۇمە بۇرۇن سىنىپىمىزدىكى قىزلارنىڭ گۈلى، دەرسلەردە ئالدىدا، ئۈگۈنۈش ھەيئىتى ئىدى، بىراق بىر قانچە كۈندىن بىرى ھەر كۈنى دىگۈدەك ھۇشىدىن كىتىپ، چىقىراپ قېتىشىپ قالىدۇ، سىنىپتىكى باشقا قىزلار قورقۇپ دەرسىگە تەسىر يەتتى، قىزلىرىنى مەن ھازىرچە ئوقۇتالمىغۇدەكمەن، ياخشىراق ئارام ئالسۇن، داۋالىتىپ باقسىلا، ساقايغاندا قاچان كەلسە شۇ چاغدا مەن دەرسلىرىنى تۇلۇقلىۋېلىشىغا ياردەملىشەي، مەنمۇ قورقۇپ قالدىم، مەختۇمە ناۋادا مەكتەپتە بىر نېمە بولۇپ قالسا مەن ئىگە بولالمايمەن، مەختۇمە ياخشى قىز، مەن مەختۇمەنى سىنىپتا بار قاتارغا ئالىمەن، ئېلىپ كىتىپ داۋالاپ ئەكەلسىلە، مەن گەپ سورىسام گەپ قىلغىلى ئۇنىمىدى،-دىدى مۇئەللىم.
مەختۇمەنىڭ ئانىسى مەختۇمەنى ئۆيىگە ياندۇرۇپ كەلدى.
مەختۇمەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى خېلى كۆپ دۇختۇرلارغا كۆرسەتكەن بولسىمۇ، دۇختۇرلار ئوبدان ئارام ئالدۇرۇشنى، روھى جەھەتتە بېسىم تۈپەيلىدىن شۇنداق بولغانلىقىنى دىيىشتى.
مەختۇمەنىڭ چوڭ ئانىسى مەختۇمەنى پالچىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ پال سالدۇردى.
-سىلىنىڭ ئائىلىدە ناكەس يەرگە دەسسەپ بەرگەن بىتاھارەت بىرسى باركەن،-دىدى پالچى خوتۇن.
مەختۇمەگە ئوقۇتمىغان داخان، پىرخۇن قالمىدى، ئاران-ئاران بۇ روھى ئازاپقا بەرداشلىق بىرىپ كىلىۋاتقان بۇ كىچىككىنە قىز، ھەر قېتىم كىسىلى تۇتۇپ يېقىلىپ چۈشكەندە باشقىلارنىڭ ئۇقۇغان ئەپسۇنلىرىدىن قورقۇپ كىتەتتى، ئايلار كەينىدىن يىللار ئۆتۈپ مانا ئەمدىلىكتە مەختۇمەنىڭ قۇرسىقى تومپىيىشقا باشلىدى، مەختۇمە ئۆزىنىڭ سەمىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى، قۇرسىقىدا بىر نەرسىنىڭ مىدىراۋاتقانلىقىنى سەزدى، مەختۇمە قورقتى.
-ئالۋاستى، ئالۋاستى كەلدى، قۇرسىقىمغا ئالۋاستى كىرىۋالدى، مەختۇمە قۇرسىقىنى ياغلىقتا چەگدى-دە ئۆي ئىشى، ئېتىز ئىشى، دەرس تەكرارلاش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈۋاتاتتى، مەن تاسادىپىي ھالدا مەختۇمەنى يولدا ئۇچرىتىپ قالدىم.
-سەن ئالۋاستى، قۇرسۇقۇمغا كىرىۋالدىڭ، چىقىرىۋەت، چىقىرىۋەت....-مەختۇمە يالغۇز بولغاچقا ئۇ ھۇشىدىن كىتىشىگە مەن تەرلەپ پىشىپ دىگەندەك ئاران قېچىپ كىتىۋالدىم.
ئەمدىلىكتە قاۋاقخانىدىكى قىزلاردىن، قاۋاقخانىدىن قانداق بىزار بولغان بولسام، مەختۇمەدىنمۇ خۇددى ئالۋاستىنى كۆرگەندەك قورقۇپ قېچىپ يۈرۈيدىغان بولدۇم. بىر سايە قانداقتۇر بىر چوڭقۇر ھاڭ مىنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالىدىغاندەك روھى بېسىم ئىچىدە يۈرمەكتە ئىدىم،
توۋا دەيمەن، تۇغۇلما خۇيۇم شۇنداقمۇ، ئاشىق بىقارارلىقنىڭ ئاجايىپ مەۋسۇمىغا قەدەم قويغاندا، مۇھەببەتنىڭ ئىسسىق دولقۇنى قەلبىمدە يەنە ئۆركەشلەپ مەۋج ئۇرۇشقا باشلىدى. قەددى-قامەتلىك، مەختۇمەدىن سەل چوڭراق بولسىمۇ، خۇددى كىنولاردىكى مودىللارغا ئوخشايدىغان پىگورلۇق خاننىيازنى چىرايىنى تۇلۇق كۆرمەي تۇرۇپ ئاشۇ ئوتلۇق كۆزلىرىدىن ياخشى كۈرۈپ قالغان ئىدىم. مەن مەختۇمەدىن قېچىپ باھادىرنىڭ يېزىدىكى ئۆيدىكى ماللىرىغا قاراۋاتقاندىكى ئىش ئىدى. خاننىياز بۇ كۈنى كۈندىكى ئادىتى بويىچە خىلۋەت ئۆستەڭدە تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن يۈزىدىكى ياغلىقىنى ئېلىپ سۈگەتكە ئىلدۈرۈپ قويدى-دە ئۆستەڭ بويىدا يۈزىنى يۇيدى، مەن ئۆستەڭ باغرىغا قويلارنى قويۇپ بىرىپ سۈگەت يېنىدا ئۆز قەلبىمنى بۇ چىرايلىق روپاش خېنىمغا قانداق ئىزھار قىلىشنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم، مەن باشقىلاردىن سوراپ قىزنىڭ ئىسمىنىڭ خان نىياز ئىكەنلىكىنى بىلىپ شىرىن ئەسلىمىلەر ئىچىدە باھادىرنىڭ يېزىدىكى ئۆيىدە كىچە بىر چاغدا ئۇخلاپ قالدىم. يېقىندىن بىرى مەن توي قىلىش ئۈچۈن خېلى كۆپ قىزلارغا كۆز قىرىمنى سالغان بولساممۇ، لېكىن ھېچقايسىسى كۆڭلۈمگە ياقماي، ئۆستەڭ بويىدىلا خان نىيازنى يەنە قارا ياغلىق ئارتىۋالغان روپاش قىزنى چەنلىدىم.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي باھادىرنىڭ سىڭلىسى دۇختۇرخانىدا يەڭگىدى، مەن باھادىرنىڭ سىڭلىسىغا باھادىر ئاچىقىپ بىرىشنى تاپىلىغان پۇلنى ئېلىپ چىقتىم.
مەن دۇختۇرخانىدا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم، ئاشۇ ئوتلۇق كۆز – خان نىيازنىڭ پەرەنجە ئارىسىدىن چىقىپ تۇرغان، مەن ئاشىق بولغان بۇلاقتەك كۆزلەر باھادىرنىڭ سىڭلىسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى.
ئەسلىدە خان نىيازنىڭ تۇغقىنىمۇ مۇشۇ ياتاقتا يەڭگىگەن بولۇپ، باھادىرنىڭ سىڭلىسى خان نىيازنى تۇنۇيىتتى، مەن باھادىرنىڭ سىڭلىسىغا پۇلنى بەردى.
-ئۇكام، بۇ قىزنىڭ ئىسمى خان نىيازخان بولىدۇ، ساڭا تازا باب كىلىدۇ، ئوبدان خۇتۇن بۇلىدۇ. ئاكام باھادىرنىڭ ئايالى خان ئاچاممۇ پات ئارىدا ئىچكىرىدىن كەلگۈدەك، ئۇلارنىڭمۇ بالىلىرى يوق، پۇللىرى كۆپ، يېزىدىكى ئۆيدە ئىككىڭلار توي قىلىپ ئولتۇرساڭلار خان ئاچام خۇش بۇلار ئىدى، قانداق توي قىلامسەن؟ -دىدى باھادىرنىڭ سىڭلىسى خان نىيازنىڭ ئالدىدىلا.
ئالدىمغا كەلگەن لوق گۆشنى ئەلۋەتتە بىر يالماپلا يەۋېتىمەن-دە، ماقۇل دەۋەتتىم باھادىرنىڭ سىڭلىسىنىڭ گىپى تۈگىمەستە.
خان نىياز كۈلۈپ يەرگە قارىۋالدى، ئەلۋەتتە مىنىڭ قەددى-قامىتىم، چىرايىم خان نىيازنىمۇ ئۆزىگە رام قىلىۋالغان بولسا كىرەك.
-ئەجەپ باھادىر ئاكامنىڭ ئىچكىرىدە خوتۇنى بارلىقىنى دىمەيىتتىڭىزغۇ؟ خام ئاچام قاچان كېلىدۇ؟-دىدىم باھادىرنىڭ سىڭلىسىغا.
-ئىشقىلىپ ئىچكىرىدىكى تىجارىتىنى يىغىپ كىلىدىغان بوپتۇ، خان ئاچام ئاكام باھادىرنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، شۇغىنىسى بالا يۈزى كۆرمىدى ئۇلار، يېشىمۇ بىر يەرگە باردى، ئاچام كىلىپ بولغۇچە نىكاھلىنىپ ئولتۇرساڭلارمۇ بۇلىدۇ،-دىدى باھادىرنىڭ سىڭلىسى.
قەن ناۋاتتەك بۇ گەپ ماڭا تازا ياقتى.
خان نىياز بىلەن بولغان مۇھەببىتىم مانا مۇشۇنداق باشلاندى.
ئەتىسىلا باھادىر يېزىدىكى ئۆيىگە ئاخۇنۇم چاقىرتىپ خان نىيازنى ماڭا نىكاھلاپ قويدى، باھادىر مىنىڭ بارلىق ئىش ھەققىلىرىمنى ھىساپلاپ خېلى پۇل بەردى.
-ئەلقەمنىڭ ئايالى يۈزى يۆگەلگەن رۇپاشكەن...
-چىرايلىقلىقى كۆزىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇ...
-يۈزى يۆگەلگەن خىنىملار شەرىئەت بويىچە توي قىلارمىش، خان نىيازمۇ توي خېتى ئالمايلا نىكاھلىنىپ ئولتۇرۇپتۇ، كىشىلەرنىڭ ئېغىزلىرىدا بىز توغرىلىق ھەر خىل گەپ-سۆزلەر تارالماقتا ئىدى.
مەن خان نىياز بىلەن ئارزۇ-ئارمانلار ئىچىدە شىرىن كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزدۈم.
خۇددى قوينىڭ قوزىسىدەك مۇلايىم، ئىتائەتمەن، كىشىلەردىن يۈزىنى ئېلىپ قاچىدىغان ئايالىم بولغاچقا، مەن خۇشاللانسام، قاۋۇل، مەندەك بەسىتلىك ئەرگە تەگكەنلىكىدىن خان نىيازمۇ مەن بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئۈتۈش ئىستىكىدە شىرىن چۈشلەرنى كۆرەتتى، ئۇزۇنغا بارماي خان نىياز تۇرۇپلا ھۆ قىلىپ قۇسۇشقا باشلىدى، دۇختۇرغا تەكشۈرۈتتۇق، مەن دادا بۇلىدىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشاللاندىم، ئەمەلىيەتتە مەن بۇرۇنلا دادا بۇلۇپ بولغان ئىكەنمەن، بۇنى كىيىن بىلدىم، شۇ ئەسنادا بارلىق شىرىن چۈشلۈرۈم كۆپۈككە ئايلىنىشقا باشلىماقتا ئىدى.
تۇيۇقسىز كەلگەن خان ئاچام مىنى گاڭگىرىتىپ قويدى، باھادىرنىڭ خۇتۇنى ئىچكىرىدىن كەلگەن، بوينىغا توم ئاق ئالتۇن زەنجىر، قۇلىقىغا بىرلىيات مونچاق، قوللىرىغا قاشتېشىغا ئالتۇن يالىتىلغان بىلەيزۈكلەرنى سېلىۋالغان، خۇددى شاھلارنىڭ خانىملىرىدەك ياسىنىۋالغان بۇ خان ئاچا ئەسلىدە مىنىڭ قەلبىمدە ئۆچمەس داغ قالدۇرۇپ ئاشنىسى بىلەن قېچىپ كەتكەن ئانام سارەم ئىدى. ھەر قانداق بىر بالا ئۆز ئانىسىنى بىر قانچە يىلدىن كىيىن راھەت-پاراغەتتىلىكىنى كۆرسە ئۆزىنى ئېتىشى مۇمكىن، لېكىن مەن ئۇنداق بولمىدىم، شۇ تاپتا ئانامنى ئۆلتۈرۈۋېتىش نىيىتىگىمۇ كەلدىم.
-ئاھ، ئوغلۇم. بۇ سەنمۇ؟ مەن سىنى تۇنۇۋالدىم ئەلقەم، خۇدا سىنى ماڭا مۇشۇنداق ئۇچراشتۇرۇپتۇ، كەل بالام باغرىمغا باساي، ئانام سارەم قوللىرىنى كەڭ كەرىپ ئالدىمغا كەلدى، ئايالىم خان نىياز ھەيران قالدى.
-خاتا تونۇپ قاپسىز، مەن سىزنىڭ ئوغلىڭىز ئەمەس، شۇنداق دىسەممۇ خان ئاچا مىنى قۇچاقلىۋالدى، كالپۇكىغا سۈرىۋالغان لەۋ سۇرۇخى ئىڭىكىمگە يېقىلىشى بىلەن بۇ ئايالنى قەھرىم بىلەن ئىتتىرىۋەتتىم.
-ياق! سەن مىنىڭ ئانام ئەمەس، سەن دىگەن باھادىرنىڭ ئاشنىسى، ئىسىت، بۇرۇنراق باھادىرنىڭ سىنىڭ ئاشناڭ ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام سىنى ئۆلتۈرۈشتىن ئاۋال باھادىرنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم. ئىسىت، دادام ھاراقكەش بولسىمۇ خېلى-خېلى سەمەندەر ئىدى، بىچارە سىڭلىم ئەزىز نەلەردە تەمتىرەپ يۈرۈيدىغانسەن، مەكتەپتىن قالغانسەنمۇ، يۇقال! قولۇم سىنىڭ قېنىڭ بىلەن بويىلىپ قالمىسۇن، دىدىم قولۇمغا ئالغان پىچاقنى يەرگە تاشلىۋەتتىم.
شۇ كۈنىلا سارەم، باھادىرلارنىڭ يالۋۇرغىنىغا قارىماي ئايالىم خان نىيازنى ئېلىپ سىستىرا بالىنىڭ يېنىغا كىرىپ شۇ ئەتراپتىن بىر ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇردۇم.
تۇيۇقسىز مەختۇمەنى يولدا يەنە ئۇچرىتىپ قالدىم.
-ئەبلەخ، ئالۋاستى..-مەختۇمە يولدا يېقىلدى، مەن قاچتىم.
مەختۇمەنىڭ قۇرسىقىغا 7ئايلىق بولغان ئىدى، مەختۇمە ئۆزىنىڭ ھامىلدارلىقىنىمۇ بىلمىسە كېرەك، ئۇ بىر ئېلىشىپ قالغان ساراڭغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
-دادا، قورسىقىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى، مەن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن، كېچىدە مەختۇمە يىغلاشقا باشلىدى.
مەختۇمەنىڭ دادىسى، خوتۇنى تۇغقانلىرىنى يوقلاپ كەتكەچكە ئانىسى زىۋىيدىخاننى ئويغاتتى-دە، موتوغا مىندۈرۈپ مەختۇمەنى دۇختۇرخانىغا ئېلىپ چىقتى.
-جېنىم دادا، سەن كىرىپ كەتكىن، ئانام قورقىدۇ، ھازىر ئەھۋالىم ياخشى، چوڭ ئانام ماڭا ھەمراھ بولسۇن-دىدى مەختۇمە، دادىسى سىرتقا چىقىپ كەتتى.
-چوڭ ئانا، مەن ئۈلۈپ كىتىدىغان ئوخشايمەن، ئۈلۈپ كەتسەم سىلەر ھەممىڭلار داغدا قالىسىلەر، ئارماندا قالماڭلار، بۈگۈندىن باشلاپ ئىسىمگە ئازراق كەلدىم، ئەسلىدە مىنى 8ئاي ئىلگىرى سىزنى داۋالىغاندا تۇرغان ئەلقەم دىگەن سىستىرا بالا تۇتۇۋېلىپ باسقۇنچىلىق قىلغان، مىنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغىنىمغا مەكتەپ يېنىدىكى پارنىكلىقى بار موماي گۇۋاھ، ئىسپاتلار شۇ ئايالدا، مەن شۇ چاغدىكى كىيىملىرىمنى ئۇ موماينىڭ دىگىنى بۇيىچە يۇيۇۋەتمەي سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ ساقلاپ قويۇشنى تاپىلىغان. ماڭا ئۇ موماي كىيىم بەرگەن، مەن شۇنىڭدىن كىيىن ئۆزۈممۇ بىلەلمەي كاللامنى شۇ كۈندىكى ئىش چىرمىۋالغان ئىدى، كىيىن قۇرسۇقۇم يۇغىناپ قالدى. مەن پىرخۇنلار جىن چاپلىشىۋاپتۇ دىسە قورقۇپ جىن ئوخشايدۇ دەپتىمەن، قۇرسۇقۇمنى ياغلىقتا چەگدىم، قۇرسۇقۇمدا بىر نەرسە مىدىرلاپ تىپىۋاتىدۇ، مەن ھازىر ئويلىسام بۇ بالا ئوخشايدۇ، مەن سىلەرگە يۈز كىلەلمەيمەن، چوڭ ئانا مەن بىردەم ئىسىمگە كىلىپ بىردەم ئىسىمنى يوقىتىمەن، مەن ئۈلۈپ كەتسەم رازى بولۇڭ، ئەلقەم ماڭا مەجبۇرى ئۇرۇپ چېقىلغان، ئۇ مىنى كاللامغا قاتتىق ئۇرغان. چوڭ ئانا، پۈتۈن بەدىنىمگە بىر نەرسە كەپلەشتى، ئۇكۇلنىڭ تەسىرى بولسا كىرەك، مەن ئۆلدۈم، ماڭا ئەلقەم دىگەن ئەبلەخ زىيانكەشلىك قىلدى، مىنى ساراڭ قىلدى.... تەنلىرى ئاجىزلاپ كەتكەن مەختۇمە شۇ گەپنى قىلدى-دە يەنە ھۇشىدىن كەتتى.
-نىمە كەلگۈلۈك بۇ جېنىم قىزىم، سەن تېخى مۇشتۇمدەك تۇرساڭ....
مەختۇمە تۇلۇق يىتىلگەن ئىككى بۇۋاقنى ئۈلۈك تۇغدى، شۇ كۈنى مەختۇمەنىڭ ئاتا-ئانىسى ساقچىلارغا دىلو مەلۇم قىلدى، ساقچىلار دەرھال دىلو ئېچىپ تەكشۈرۈپ بارلىق ئىسپاتلارنى قولغا چۈشۈرگەندىن كىيىن مىنى ئىزدەپ كەلدى.
ساقچىلار مىنى ئىزدەپ كەلگەندە مەن باھادىر ھەمدە مىنىڭ قاچقۇن ئانام سارەم بىلەن جىدەللىشىپ تۇرۇۋاتقان ۋاقتىم ئىدى.
-بىز قاتتىق جىدەللەشمىدۇق، كىم دىلو مەلۇم قىلدى، ئىرىم باھادىر خىروئىن چەككەن ئوخشىمامدۇ، خىروئىن چەككەنگە جەرىمانە قويساڭلار بولىدۇغۇ؟ بىز ئانا-بالا ئازراق توۋلىشىپ قالدۇق، بۇ ئۆز ئائىلىمىزنىڭ ئىشى. دىدى سارەم، ساقچىلار كىلىپ مىنىڭ قولۇمغا مۇزدەك كويزىنى سېلىۋاتقاندا.
-ئەلقەم، سەن باسقۇنچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن توختىتىپ قويۇلۇپ تەكشۈرۈلىسەن.
-مىنىڭ ئوغلۇم گۇناھسىز، ئۇنىڭ خۇتۇنى تۇرسا، كىمگە باسقۇنچىلىق قىپتۇ-دىدى سارەم.
مىنىڭ كۆڭلۈمگە ھەممە ئىش ئايان ئىدى.
-سەندە ئانىلىق مىھىر نىمە قىلسۇن، سەن مىنىڭ گۇناھىم بار-يوقلىقىنى ساقچىلاردىن سورىماي، ئۆزۈڭ قانداق گۇناھ قىلدىڭ ۋىجدانىڭنى دەڭسەپ باق!
- خاننىياز، كەچۈرگىن، بۇ ئىشلار سەن بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن بولغان، قۇرسۇقۇڭدىكى بالىنى ياخشى تەربىيىلە، خوش، دىدىم مەن سارەمنىڭ يىغىسىغا قارىماي ئايالىم خان نىيازغا تاپىلايدىغانلىرىمنى تاپىلاپ، ساقچىلارنىڭ يالاپ مېڭىشى بىلەن تۈرمىگە يول ئالدىم،
مەختۇمەنىڭ كىسىلىمۇ داۋالاشتىن كىيىن ھەرھالدا ئىسىگە كەلدى. دۇختۇرلار مەختۇمەنىڭ كىسىلىنىڭ باسقۇنچىلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ باھالىدى، مەن قولغا ئېلىنىپ ئۇزۇنغا قالماي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 7يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندىم.
توۋا، مەن كىچىك جىنايەتچىدىن ئەمدىلىكتە باسقۇنچى جىنايەتچىگە ئايلاندىم، ئەمدىلىكتە سىڭلىم ئەزىزەنىڭ قانداق دىشۋارچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكى، دادام سەمەندەرنىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم. چۈنكى ئايالىم خان نىياز ئوغلۇمنى تۇغقىلى ئۇزۇن بولمىغان ئىدى، گەرچە ئوغلۇمنىڭ ئۆزىنى كۆرمەي سۈرىتىنى كۈرۈشكە نىسىپ بولغان بولساممۇ، ئوغلۇم تۇغۇلغاندىن كىيىن مەن باشقىچە ئادەمگە ئايلاندىم. ئۈزۈمنىڭ يۇرتىنى تاشلاپ قېچىپ چىققانلىقىمغا قاتتىق ئۆكۈندۈم. ئانام سارەمنىڭ بىر ئايال تۇرۇپ ئىرى ھاراقكەش بولسا، ئىككى بالا بولغاندا ئۇنى تۈزەتمەي ئۆز ھىسسىياتى، ئۆز نەپسىنى دەپ بىزنى تاشلاپ باھادىر بىلەن قېچىپ باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، باھادىرنىڭ ھەدىسىلا ئاق تاماكا چىكىپ، نەس باسقان قاۋاقتا گىدىيىپ ھارام پۇل تېپىشلىرى، ئانام سارەنىڭ بويۇنلىرىدىكى ئىتنىڭ بوينىغا سالىدىغاندەك توم زەنجىرلەر، سىڭلىمنىڭ دادامنى يۈلەپ يىغلاشلىرى....
قاۋاقخانىدىكى مەن كۆرگەن ئىشلار، مىنىڭ مەختۇمەگە قىلغان زورلۇقلىرىم، مەختۇمەنىڭ ئېچىنىشلىق ھالەتلىرى كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ، ھېچبىر ئارامىمغا قويمىدى.
تۈرمىدىن قويۇپ بىرىلىشكە ئاز قالغاندا، ئايالىم خان نىياز سىڭلىم ئەزىزەنى تەستە تېپىپ ئېلىپ كەلدى، سىڭلىممۇ خېلى چوڭۇيۇپ قالغان ئىدى. دادام سەمەندەر ھاراقنى تاشلاپ سىڭلىمنى ئوقۇتۇپتۇ، كىيىن دادام سەمەندەر كىسەل سەۋەبىدىن ئۈلۈپ كىتىپتۇ، سىڭلىمنى شۇ يەرلىك خەلق ئىشلار تارماقلىرى يىتىم-يىسىرلار مەكتىۋىدە ئوقۇتۇپتۇ. سىڭلىم تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپتۇ، مەن سىڭلىمنى كۆرۈپ قەۋەتلە خوش بولدۇم، بىر قىز بالىنىڭ ئانىسىز ئۆيدە كوچىغا چىقىپ قالماي ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلىكىدىن سۆيۈندۈم، دادام سەمەندەرنىڭ روھىغا مىڭ-مەرتىۋە دۇئا قىلدىم، سارەم تۈرمىگە بىر قانچە قېتىم مىنى يوقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، مەن كۈرۈشۈشنى رەت قىلدىم، باھادىر زەھەرنى كۆپ چەككەچكە، مەن تۈرمىدە تۇرۇۋاتقاندا ئۆلدى.
مەن 7يىللىق تۈرمە ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاخىرى تۈرمىدىن چىقتىم. سىڭلى ئەزىزە تەتىل قىلىپ كەلدى. بىر كۈنى سىڭلىمنىڭ سارەم بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خاپا بولدۇم.
-ئەزىزە، دادامنىڭ روھى بۇ خۇتۇن بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرسەڭ قورۇنۇپ قالمامدۇ، جۈرە ھازىر بىزنىڭمۇ قول ئىلكىمىزدە بار، سىنى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە ئوقۇتقۇدەك مادارىم بار، بۇ خۇتۇندىن سەدىقە تىلىمەيلى...-دىدىم قەھرىم بىلەن
-داداڭدىن سورالمىغان كەچۈرۈمنى سىلەردىن سورىسام بولمامدۇ بالىلىرىم....-دىدى سارەم.
-سەن مەڭگۈ كەچۈرۈمگە ئىرىشەلمەيسەن، سىڭلىم ئەزىزەگە يېقىنلاشما، نىجىس قولۇڭنى تارت، سەن ئانا بۇلۇشقا ھەقلىق ئەمەسسەن، كەچۈرۈمنى تەڭرىدىن سورا، -دىدىم ئاچچىقىمدا.
گەرچە مەن گۈزەل تۇرمۇش سۈپىرىگە قەدەم قويغان بولساممۇ، گەرچە گۈزەل ئارزۇلار مىنى مەپتۇن قىلىپ ئايالىم خان نىيازنىڭ سادىقلىقى، ئىشچانلىقى، ئوغلۇم ئىرپاننىڭ چوڭىيىپ مەكتەپكە بېرىشى، سىڭلىم ئەزىزەنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىپ توي قىلىشى مىنى شاتلاندۇرغان بولسىمۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەن سىرتلارغا تۇلا قاترايدىغان بۇلۇپ قالدىم.
ئەسلىدە، كىيىن بىلسەم بۇ مىنى بىر ئۆمۈر ئوتقا تاشلىغان ۋىجدانىنى يوقاتقان بىر ئانىنىڭ قۇرغان توزىقى ئىكەنلىكىنى كىيىن ھىس قىلىپ پۇشايمان ياشلىرىم تۈكۈلدى.
شۇنداق، سەپەرداشلارنىڭ ھەممىسى مەڭگۈلۈك ھەمرا بۇلۇپ كىتىشى ناتايىن، مەن يەنە بىر قېتىم شەيتاننىڭ كەينىگە كىردىم، مەن رەيھان ئىسىملىك قىزنىڭ قىلتىقىغا چۈشتۈم.
-رەيھان، سىڭلىم، سەن ھەم ياش، ھەم چىرايلىق، پۇل دىسەڭ پۇل، نىمە دىسەڭ مەن بىرىمەن، ئەلقەم بىلەن ئەزىزە مىنىڭ بالىلىرىم، ھازىر خان نىياز دىگەن قانجۇق ئۆزىنىڭ سىھىر-ئەپسۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئەلقەم بىلەن ئەزىزەنى ھەتتا ماڭا قاراپ قويۇشقىمۇ رازىلىق بەرمەيۋاتىدۇ، بالىلىرىمنى مەن ئۇزۇن يىل تاشلىۋەتتىم، سەن قانداق قىلساڭ قىل، ئوغلۇم ئەلقەمنى قولغا چۈشۈرگىن، خاننىيازدىن چۇقۇم ئاجرىشىپ كىتىپ سىنى ئېلىشى كىرەك، ئۆزۈڭنى ھەرەمدىن كەلدىم، دادام ھەرەمدە دە.
-سەندەك چىرايلىق تۇمۇچۇققا ئىرىمەيدىغان ئەرنى بىر كۈرەي... – دىدى سارەم رەيھاننىڭ ئالدىغا بىر باغلام پۇلنى قويدى.
-ھەي يىگىت، ھەرەمگە، چەتئەلگە چىقىشنى ئويلىمىدىڭىزما؟ بىز شىرىكلىشىپ شىركەت قۇرايلى، دادام چەتئەلدە، مەن مۇھاجىر-دىدى رەيھان، سارەم ياسىتىپ بەرگەن يالغان پاسپورتنى ماڭا كۆرسەتتى.
شۇنىڭدىن كىيىن رەيھان بىلەن باردى-كەلدى كۆپەيدى، رەيھاننى ئۆيگە باشلىدىم، رەيھاننى ئايالىم خاننىياز تازا ياخشى كۈتىۋالدى.
بىراق مەن ئەمدى ئۇنداق خاتا يولغا ماڭسام بولمايىتتى، مەن رەيھاننىڭ قولىنىڭ ئۇچچىنىمۇ تۇتمىدىم.
مەن تىجارەت بىلەن ئالدىراش دۇكانغا مال سېلىش ئۈچۈن مەركىزى شەھەرگە كەتتىم.
شۇ ئارىلىقتا سارەم مىنىڭ رەسىمىم بىلەن رەيھاننىڭ رەسىمىنى بىرىكتۈرۈپ بىر يالغان توي خېتى ياساتتى-دە، رەيھانغا بەردى.
رەيھان مىنىڭ يوق ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ ئۈيۈمگە كەلدى.
-ئولتۇرۇڭ سىڭلىم،دىدى ئايالىم خاننىياز.
-ئەمدى مەڭگۈ ئولتۇرغىلى كەلدىم،-دىدى رەيھان يالغان توي خېتىنى خاننىيازنىڭ ئالدىغا تاشلىدى.
-بۇ نېمە؟...
-توي خېتى، سىنىڭ توي خېتىڭ بارمۇ؟ ئەلۋەتتە يوق، سىنى ئەلقەم مۇنداقلا ئېلىپ قويغان، مىنىڭچۇ توي خېتىم مۇشۇ، ئەمدى ئىرىمنى قويۇپ بەر ماڭا قالسۇن-دىدى رەيھان سىرتقا ماڭدى.
-نەرسە-كىرەكلىرىڭنى تەييار قىل، ئەتىلا كۈچۈپ كەت، ئەلقەم مىنىڭ، بىلگەنسەن....
رەيھان سىرتقا چىقىپ كەتتى، خاننىياز ئورنىدا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى-دە، بىردەمدىن كىيىن ئىسىگە كىلىپ ھويلىدا تۇرغان لاخشىگىرنى ئېلىپ رەيھاننىڭ كەينىدىن يولدا يەتى-دە، لاخشىگىر بىلەن رەيھاننى بىر قانچىنى سالدى.
-ھۇ ئائىلە بۇزغۇنچىسى جالاپ...
-جالاپ دىگەن سەن...
خاننىياز لاخشىگىر بىلەن ئاخىرقى قېتىم رەيھاننىڭ ئوڭ كۆزىگە بىرنى سالدى.
بولغۇلۇق بولدى، مانا مىنىڭ كىلىشىمگە خاننىياز چوڭ ئىش تېرىدى.
خاننىيازنىڭ قىلغىنى سەۋەپلىك ئىش بولسىمۇ، لېكىن خاننىياز قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئىدى.
رەيھاننىڭ بىر كۆزى قارىغۇ بۇلۇپ قالدى.
سوت مەھكىمىسى ئايالىم خاننىيازغا 4يىللىق قاماق جازاسى بەردى، ئايالىم خاننىياز تۈرمىگە يول ئالدى، رەيھان بىر كۆزى يوق قارىغۇغا ئايلاندى.
ئۇزۇن ئۆتمەي سارەم ساقچىلار تەرىپىدىن زەھەر بىلەن نەق تۇتۇلدى.
بۈگۈن سوت مەھكىمىسى ئىككى ئايالنىڭ ھۈكۈمنامىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئانام سارەمگە زەھەر ساتقانلىقى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى، شۇنداقتىمۇ ئەزىزەنىڭ يالۋۇرۇشى، ئوغلۇم ئىرپاننىڭ نەسىھىتى بىلەن سارەمنى يوقلاپ بەردىم، ئەلۋەتتە ئاۋال ئايالىم خاننىيازنى يوقلىدۇق.
-ئوغلۇم مىنى كەچۈرگىن...
-تىگىشلىك جازايىڭنى يەپسەن، پۇللۇرۇڭ شۇنچە جىق بولغاندىكىن قانداق قىلاتتىڭ، تويماس نەپسىڭنىڭ كەينىگە كىرىپ خىرويىن يۆتكەپ خوپ بوپتۇ-دىدىم دە كەينىمگە ياندىم،
-بارلىق مىراسلىرىمنى بالاڭ ئىرپان بىلەن سىڭلىڭ ئەزىزەگە قالدۇردۇم-دىدى سارەم، يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىنىڭ يېشىنى سۈرۈتتى.
مەن كەينىمگىمۇ قارىماي مېڭىۋەردىم، كۆڭلۈمگە ئايان، سارەمنىڭ ۋاقتى ئاز قالغان ئىدى، مۆكچىيىپ كەتكەن ھالىتىگە قاراپ ئۇنىڭ ئۇزۇن ياشىيالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم-دە كەينىمگە ياندىم.
-ئىنسان دىگەن ئىنساندەك ياشىغۇلۇق، سىزمۇ ئەسلىدە ھەقىقى ئانىدەك ياشىغان بولسىڭىز بۇنداق كۈنگە قالمايىتتىڭىز...كىيىچە ھايات بولسىڭىز يوقلارمىز...-دىدىم سىرتقا چىقتىم، كائىنات بۈگۈن ئاپئاق قارغا مىلەنگەن بۇلۇپ، سۇغۇق شۇنچىلىك قاتتىق ئىدى.
توڭ تۇپراقنىڭ ئېغىر بېسىمىغا تىز پۈكمىگەن قۇمۇشلا تۇپراقنى يېرىپ چىقالايدۇ، جىرالارنىڭ تارلىقىغا قانائەت قىلمىغان كىچىك ئېقىنلا ئەزىم دەريالارغا قاراپ ئاقالايدۇ، ئەگەر بۇنداق دادىل بۆسۈش بولماي ھازىرقى ھالەتتە قانائەت ھاسىل قىلغان بولسا، قۇمۇشنىڭ ھاياتى نەدىمۇ جۇش ئۇرالايىتتى، كىچىك ئېقىنلار نەدىمۇ بۇنداق شاۋقۇنلۇق دەريانى بەرپا قىلالايىتتى، ئەپسۇس كىشىلىك ھاياتمۇ ئەنە شۇنداق، ھاياتلىقتا نىمىلەرنى كۆرمەيسەن، بېشىمدىن ئۆتكۈزمەيمەن دىيەلەمسەن؟
تۈرمە سىرتىغا چىقتىم، بۈگۈن ئايالىم خاننىيازنى، سارەمنى يوقلاپ يېنىپ چىقتىم، ھاۋا شۇنچە سۇغۇق، تۇپراقمۇ قاتتىق توڭلاپ كەتكەن، ئىرپان ئالدىمدا مېڭىپ يىراقتىن چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەكلەر ئارىسىغا، سۇ توختاپ قېلىپ توڭلىغان مۇز ئۈستىدە تېيىلىپ كىتىپ باراتتى.
-ئەزىزە، ئىرپاننى تۇتۇۋال، توڭ تۇپراققا تېيىلىپ يېقىلىپ چۈشمىسۇن،-دىدىم ھەمدە تىز-تىز قەدەملەر بىلەن ئۇلارغا يىتىشىۋېلىپ سىڭلىم ئەزىزە بىلەن ئوغلۇم ئىرپاننى باغرىمغا باستىم، سىڭلىم بىلەن ئوغلۇمغا بەرگەن ئوتلۇق مىھرى-مۇھەببىتىمنىڭ جاھانغا تەپچىپ پۈتكۈل توڭ تۇپراق ھەم مۇزلارنى ئىرىتىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىۋاتاتتىم.....
T7nX8{l[RG  
/3%xQK>%  
ئاپتۇر: قاراقاش ج خ ئىدارىسىدىن
k(Xv&Zn  
 
\> azY g  


查看完整版本: [-- توڭلىغان تۇپراق (ھىكايە) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled