كونا ئۆي (ھىكايە)
كونا ئۆي (.Y
t|
"j (ھىكايە) Z!o&};_j تۇدىمەمەت سەئىدى `Cy-*$$
-1- ئاۋغۇست ئېيى ئاخىرلىشىپ ياڭاقلار ئۆز داغلىرىدىن ئايرىلىشىپ ماك بولىشقا باشلىغان چاغ. كىچىدىن بىرى چىقىۋاتقان قاتتىق بوران، قوناق شاخلىرىنى لەرزان ئىغاڭلىتىپ، ئاجىز قوناق مايسىلىرىنى يەر چىشلىتىپ، قانداقتۇر بىر شۇملۇقنىڭ كىلىشىدىن بىشارەت بەرگەندەك، ياڭاق تۈۋىدىكى غازاڭلارنى ئۇچۇرتۇپ پەسلەشكە باشلىدى. بەللىرى ئىگىلىپ دوڭغاقلاپ قالغان، چىرايىغا يىللار ئىز سېلىپ خۇددى دەرەخ قۇزۇقىدەك قاخشال بۇلۇپ قۇرۇپ قالاي دەپ قالغان بۇسالىخان مۇماي، ھاسىسىغا تايىنىپ ئاران مېڭىپ ئۈيىدىن چىقتى-دە مەسچىت تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. -بۇسالىخاچا، يۈز ياشتىن ھالقىغان تۇرۇپ قاق سەھەردىلا مېڭىپسىزغۇ، تاڭ تىخى تۇلۇق سۈزۈلمىگەن تۇرسا، ئۆيدە يېتىپ ئارام ئالسىڭىز بولمامدۇ:-دىدى مەھچىتكە مېڭىۋاتقان بۇسالىخاننىڭ قوشنىسى تالىپ ئاخۇن. -ۋاي.... بالام...كۆڭلۈم ....بىر... نەرسىنى تۇيغاندەك بولۇپ مىڭ تەستە ئورنۇمدىن تۇردۇم....بالا غېمى.....دەڭا.....بالا غېمى....دىدى بۇسالىخان ھاسىراپ يۈتەلنى توختۇتۇپ. -يۈز ياشتىن ئاشقاندا، سىزگە نىمە بالا غېمى، چوڭ ئوغلىڭىز 70ياشقا بېرىپ قالغان تۇرسا، ئەڭ كىچىكىمۇ 65ياشقا كىرگەندۇ...تالىپ ئاخۇن شۇنداق دىدى دە پۇتلۇشۇپ يىقىلدى، قۇلىدىكى ئىلىكتىر چىراغنى ياندۇرۇپ پۇتلاشقان نەرسىنىڭ ئىڭراپ ياتقان ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆردى. -ئادەمكەن.......ئىڭراۋاتىدۇ........ بۇسالىخان تالىپ ئاخۇننىڭ ياردىمىدە، يەردە سۇنايلىنىپ ياتقان ئىڭراۋاتقان كىشىگە سىنچىلاپ قارىدى. يەردە پۈتۈن بەدىنى قىپقىزىل قانغا مىلەنگەن بىر ئادەم ياتاتتى. -سەن كىم....نىمە بولدى: دىيەلىدى تالىپ ئاخۇن سەل قورقۇمسىراپ. -سەن رەھىمجانكەنسەنغۇ......:بۇسالىخان ئوغلىنى كۈزىدىن تۇنۇپ قالغان ئىدى. -سىنى كىم بۇ........ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى: دىدى بۇسالىخان چىشى يوق ئاغىزىنى ماكتىلداتتى. -سۇ.........سۇ........ تالىپ ئاخۇن يول بۇيىدىكى تاۋۇزلۇقتىن شاخقا ئىلىنىپ قالغان بىر تاۋۇزنى ئۈزۈپلا مۇشىتلاپ پارچىلىدى، دە رەھىمجاننىڭ ئېغىزىغا قوللىرى بىلەن تاۋۇز كاسىسىدىن كوۋلاپ پارچىلاپ سېلىشقا باشلىدى. -رامۇت .....ئوغلى بىلەن ئۇردى...سۇ....سۇ، ئۇسساپ كەتتىم........ - ھەممىسى تۈگىدى....... - ھەممىسى تۈگىدى-:بۇسالىخان قۇرۇق كۈسەيگە ئايلىنىپ قالاي دىگەن قوللىرى بىلەن تاۋۇزنىڭ تالىپ ئاخۇن تۇتقۇزۇپ قويغان كاسىسىنى تۇتۇپ تۇراتتى. بۇسالىخاننىڭ قۇلىدىكى تاۋۇز كاسىسى يەرگە چۈشۈپ كەتتى. -رەھىمجان ..... كۈزۈڭنى ئاچ....تالىپ ئاخۇن شۇنچە توۋلىغان بولسىمۇ رەھىمجاننىڭ كۈزى يۇمۇلدى. رەھىمجان، جان ئۈزگەن ئىدى. بۇسالىخاننىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشقاندەك بولدى. بىر چاغدا بۇسالىخان كۈزىنى ئاچتى. -ئانا ئۆزلىرى 2كۈن ھۇشسىز ياتتىلا، رەھىمجان يەرلىكتە قۇيۇلدى....... بۇسالىخان كۈزىنى ئېچىپ قارىدى دە چاچلىرى قاردەك ئاپپاق كىلىنى سانىخاننى كۈرۈپ ئۈزىنىڭ تىخىچە ھايات ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. «توۋۋا، مەن نىمانچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرىدىغاندىمەن، كىلىنلىرىم، نەرۋىللىرىمنىڭمۇ چاچلىرى ئۇچتەك ئاقىرىپ، ئۇغۇللۇرۇمنىڭمۇ چىشلىرى قالمىغان، خۇدا ماڭا بىر-بىرلەپ كۆرسىتىۋاتامدۇ نىمە، ھايىت-ھۇيىت دەپ بولغۇچە 3ئوغلۇمدىن ئايرىلدىمغۇ .... ئۇلارنى قانداق تەربىيلىگەن بولغىيتتم، راسىت مىنىڭ سۈتۈمدە ئالۋاستى بارمىدۇ يە...... ياق، دادام كىچىك چېغىمدا دەيدىغان، بىزنىڭ ئۆيدە ئالۋاستى ئۇرا قويغان ئىكەنمىش........ئەجەپ ئۇقۇتماپتىمىنا، ئەمدى ئۇقۇتۇپ نىمە قىلاي، داخان-پىرخۇنلارنى چاقىرىپ كەلگۈدەك مادارىم بارمۇ مىنىڭ ... ھەممىسى تۈگىدى...»بۇسالىخان تەگسىز خىياللار ئىچىدە بېشىنى كۈتەردى. -رامۇت چۇ.... -ساقچىلار رامۇت بىلەن ئوغلى ھاشىمنى تۇتۇپ كەتتى....دىدى سانىخان شام ياندۇرۋېتىپ. -نىمە ھاشىم نىمە قىپتۇ....... -رامۇت ئوغلى ھاشىمنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئىنىسى رەھىمجاننى ئۆلتۈرۈپتۇ ........شۇ....:دىدى سانىخان بۇسالىخاننىڭ يېنىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇردى. -ئىسىرىق سال ....... سەندەل كۆيدۈرگىن كىلىنىم......بۇ ئۆيدە ئۇۋا سالغان ئالۋاستىلار كۈچۈپ كەتسۇن.... مىنى يۈلەپ قوي...... دىدى بۇسالىخان كىلىنى سانىخاننىڭ يۈلەپ قۇيۇشى بىلەن ياستۇققا يۈلەندى... -مەن چىقىپ مال-ۋاراننى جايلاشتۇرۇپ قۇياي ......2كىچىك بالىدىن باشقا ئادەم دىدارى قالمىدى بۇ ئاھادىدە.....:دىدى سانىخان. -چىققىن ....ئىككى پەنەرۋىگە ئوبدان قارا......ئۇلار ئاچ قالمىسۇن....ئۇلارنى بۇ ھويلا-ئاراملارغا ئەكىرمە ..... بۇ يەردە ئالۋاستى ئۇۋا راستلاپتۇ.....ئۇلارنى راخماننىڭ يىڭى سالغان ئۆيىگە ئاچىقىۋەت ......... بۇسالىخان كىلىنى سانىخان سۇنغان چاينى قۇلىغا ئالدى دە ياغلىقىنى چوڭقۇر قىلىپ ئارتىپ دۇرۇت ئۇقۇشقا باشلىدى.... -مەن چىقىپ كەتتىم ........يالغۇز قالغان ئىككى پەنەرۋەمگە ياخشى قارا .......ئۇلارنى ئالۋاستى ئۇۋا سالغان بۇ ئاھادىدىن يىراق قىل .....سانىخان چىقىپ كەتتى. بۇسالىخان قۇلىدىكى تەسپىرىنى تاشلىدى دە خىيال دېڭىزىغا غەرىق بولدى ........ -2- بۇسالىخاننىڭ ياشلىق چاغلىرى، چومپەردە ئىچىدە، قەشقەر، خۇتەن ئارلىقىدا ئۆتتى، چۈنكى بۇسالىخاننىڭ ئانىسى خۇتەنلىك دادىسى قەشقەرلىك ئىدى، كىيىنچە بۇسالىخانلار خۇتەندە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. يىللار بىر ئىزدا ئۆتمەكتە ئىدى، كۇچىلاردا خۇددى ئاياللاردەك ئۇزۇن چاچ قۇيۇۋالغان مانجۇ ئەسكەرلىرى، ھەمدە ھەرخىل رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىۋالغان ئەمەلدارلار بىر ئالغان ئىدى. -ئانا، قاراڭ ئاۋۇ چېچى ئۇزۇن ئاياللار ئات مىنىۋاپتىغۇ....... -ئېغىزىڭىزنى يۇمۇڭ، ئۇلار دىگەن يايى بۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بۇ گەپلەرنى قىلماڭ.... -دۇتەي كەلدى.......يولنى بۇشات، بىردەمدە كۇچىدىن تۇپا ئۆرلەپ ئاتلىق يايىلار يول ئېچىپ يولدا تۇرۇپ قالغان كىشىلەرنى قامچىلاشقا باشلىدى. -ئانا، ئاۋۇ 4ئادەم كۈتۈرۋالغىنى جىنازا ئوخشىمامدۇ......... -ياق بالام، ئۇلار ئامبال بۇلىدۇ، ئامباللار ئاشۇنداق تەقدىراۋاندا ئولتۇرىدۇ........ -نىمىشقا دادام ئامبال بۇلالمىغان ........ -بۇنداق گەپلەرنى قىلماڭ ......دادىڭىزچۇ مەدىكارلىققا يارالغان .......دادىڭىز مەدىكارچىلىق قىلىپ بىزنى بېقىۋاتىدۇ....دىدى بۇسالىخاننىڭ ئانىسى، شۇنداق، بۇسالىخان بىر ئىشلەمچى ئائىلىسىدە قېقىلىپ-سۇقۇلۇپ چوڭ بولدى. بۇسالىخاننىڭ رەسسىدە بولغان چاغلىرى، دادىسى بىر باينىڭ ئۈيىدە يىللىقچى بۇلۇپ ئىشلەيتتى، ئانىسى كىر قات يۇياتتى. بۇسالىخان ئەمدىلا يامغۇر يېغىپ پاتقاق بۇلۇپ كەتكەن كۇچىلاردىن ئۈتۈپ ياۋا ئۈرۈك تىرىش ئۈچۈن شەھەر سىرتىغا چىقتى. -نەگە بارىسەن، بۇسالىخان چۈچۈپ كەتتى دە قارا كۈسەيدەك ئۇزۇن مىلتىق كۈتۈرۋالغان قارا كىيىم، قاسقان شەپكە كىيىۋالغان پۇتىغا ئاق پايپاق كىيىپ قارا خەي كىيىۋالغان بۇرىتى ئەمدىلا خەت تارتقان بۇ ئەسكەرنى كۆرگەن بۇسالىخان قورقۇپ كەتتى. -چوڭ ئانامنىڭ ئۈيىگە كىتىۋاتىمەن- دىيەلىدى. بۇسالىخان يۈزىگە يېپىلغان ياغلىقىنىڭ ئۇچچىنى مەھكەم تۇتقۇنىچە -قاراڭغۇغا قالماي تىزراق كەل كىچىدە كەلسەڭ ئۆتكۈزمەيمىز- شەھەر سىرتىدا تۈنەيسەن....دىدى ئەسكەر ھىجىيىپ بۇسالىخاننىڭ ياغلىقىنى قەيرىشكە قۇلىنى ئاپاردى. بۇسالىخان تىز-تىز مېڭىپ تۇساقتىن ئۈتۈپ كەتتى. بۇسالىخان بىر دۆڭلۈككە چىقتى دە ياۋا ئۈرۈككە ئېسىلىپ پۇلۇققا قىزرىپ پىشقان كىچىك ياۋا ئۈرۈكلەرنى ئۈزۈپ سېلىشقا باشلىدى. -خوروت......خوروت...... ئۈرۈكنىڭ يېنىدىكى بىركاتەكتە بىريىگىت ھە دەپ بىر نەرسە شۇراۋاتاتتى. -ۋايجان........... بۇسالىخان بىر بىلىكىدە سۈۋەت دۆڭلۈكتىن دۇملاپ ئەپىيۇن تارتىۋاتقان يىگىتنىڭ قۇچىقىغا چۈشتى. -مىنى قۇيىۋەت........... مىنى قۇيىۋەت........... ئەپيۇن چىكىپ كۆزلىرى خۇمالاشقان يىگىتنىڭ ئىسمى سادىق ئىدى. -سىنى خۇدا ماڭا ئاسماندىن تاشلاپ بەردى......سەن مىنىڭ.....سەن مىنىڭ خۇتۇنۇم بولدۇڭ ..... -ئەبلەغ.....بۇسالىخان يىگىتنىڭ ئىنىكىگە كىلىشتۈرۈپ 2نى سالدى. سادىق، بۇسالىخاننى ھېچ قۇيۇپ بىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. - ۋايجان...ئادەم بارمۇ...... - نىمە تۇۋلايسەن، بۇ دۆڭلۈكتە ئادەم نىمە قىلسۇن..... -ئاياللارنى مۇشۇنداق خورلامسەن......مىنى قۇيۋەت. -ئاللا سىنى ماڭا ئاسماندىن چۈشۈرۈپ بەردى، مەن سىنى نىكاھلاپ ئالىمەن. -ئۇخلاپ چۈشۈڭ......... -مانا.....ئەمسە..... بۇسالىخاننىڭ كىيىملىرى دەرەخكە ئىلىنىپ قالدى. تاڭ ئاتتى.......... بۇسالىخان يالۋۇرۇشقا باشلىدى. -مىنى قۇيۋەت، مەن كىتىمەن........ بۇسالىخان ئاشۇ كاتەكتە 2كۈن دەرەخ يىلتىزىدا باغلاندى. -سىنىڭ شۇراۋاتقىنىڭ نىمەئۇ.... ئادەمنى جىلە قىلىپ........ -سەنمۇ شۇراي دەمسەن....مىنىڭ شۇراۋاتقىنىم ئەپيۇن....كەيپى ياخشى.....جەننەتنى كۈرىسەن......ھى ھى....سادىق ھىجايدى. -مەن دۇزاقنى كۈرىۋاتىمەن، مىنى قۇيۋەت ..... -ماڭا تەگسەڭ قۇيىۋېتىمەن........ -ساڭا 3كۈن بولدى تىگىپ بولدۇمغۇ... -رازىلىق بەر....... -رازىلىق بەردىم:-بۇسالىخان سادىقتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان بولسا كىرەك ئالدىراپلا رازىلىق بەردى. سادىق بۇسالىخاننى يىشىۋەتتى. بۇسالىخان بار كۈچى بىلەن قاچتى...... -توختا..... بۇسالىخان توختىماستىن يۈگۈرەيتتى، سادىقنىڭ ئامبۇردەك قوللىرى بۇسالىخاننى تۇتۇۋالدى. -ئۈيۈڭ قەيەردە........ -نىمە قىلىسەن........ -ئاناڭدىن سىنى سۇراپ خۇتۇن قىلىمەن........ -دەپ بەرمەيمەن.....بەڭگى ........سەندەك ئەپيۇنكەش بەڭگىگە تەگمەيمەن............. -تەگمىگىنىڭنى كۈرەي........ سادىق چەبدەسلىك بىلەن بۇسالىخاننى بىردەمدىلا باغلىدى دە ئېغىزىغا ياغلىقىنى تىقىپ دەرەخ تۈۋىدە تۇرغان چوڭ بىىر خالتىدىكى غازاڭلارنى يەرگە تۆكتى دە، بۇسالىخاننى خالتا ئىچىگە قاچىلاپ دەس كۈتۈرۈپ دۇلىسىغا ئالدى دە قېچىر ھارۋىسىغا بېسىپ تىز-تىز ھەيدەپ يۈرۈپ كەتتى. يىراقتىن بۇ ئەھۋالنى كۈرۈپ تۇرغان قارا كىيىملىك ساقچى تىمسىقلاپ قېچىر ھارۋىسىنىڭ ئىزىغا چۈشتى. سادىق سۇنغان بىر ئاقسۇڭەك ئائىلىسىنىڭ بايۋەتچىسى ئىدى. ئاتا-ئانىسى ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئەپيۇن چىكىپ زورلۇق قىلىپ قىز-ئاياللارنى بۇزەك قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزەتتى. سادىق بۇسالىخاننى ئۈيىگە ئەكىرگەندىن كىيىن خالتىدىن چىقاردى دە كارۋاتقا تاشلىدى. -بۇ ئۆيدىن چىقىپ كىتىمەن دەپ خام-خىيال قىلما، بۇ ئۆي سىنىڭ جەننىتىڭ ھەم دۇزىقىڭ بۇلىدۇ...... -ئادەم بارمۇ.....قۇتقۇزۇڭلار.....ئەبلەغ.....شۇئارىدا قېچىر ھارۋىسىنىڭ كىينىگەچۈشكەن قارا كىيىم، ئاق پايپاق كىيىۋالغان ئەسكەر مىلتىق كۈتۈرۈپ ئۆيگە كىردى. -قۇيۋەت.....بۇ قىزنى قۇيۋەت.....بولمىسا ئوق چىقىرىمەن...... سادىق يېنىدىكى پىچىقىنى ئالدى دە ئەسكەرگە قارىتىپ كۈچەپ ئاتتى. ئەسكەر يىقىلدى. سادىق ئەسكەرنى ئاستىغا بېسىپ پىچاق بىلەن بىر قانچىنى تىقتى. -ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭغۇ....قاتىلكەنسەن. -گىپىمنى ئاڭلىمىساڭ سىنىمۇ ئۆلتۈرەلەيمەن....سادىق جەسەتنى قېچىر ھارۋىسىغا سالدى دە ئورمانلىققا ئاپىرىپ تاشلىۋەتتى. -مەن بىلەن ماڭ، بىز قەشقەرگە بارىمىز، سادىق بۇسالىخاننى شۇ كىچىدىلا قەشقەر تەرەپكە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بۇسالىخاننىڭ تۇرمۇشى مانا مۇشۇنداق باشلاندى ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتتى. بۇسالىخان سادىقنىڭ ھەمرالىقىدا شەھەر تەرەپكە كىردى. -ئىنقىلابى ھەربىيلەر ئەستە تۇتايلى ..... ئۈچ چوڭ ئىنتىزام سەككىز دىققەتنى....... پۈتۈن كۇچا ئۆزگەرگەن ھەتتا شەھەرلەردىكى قارا كىيىملىك ساقچى، ئەسكەرلەرنىڭ كىيملىرىمۇ ئۆزگۈرۈپ سېرىق كىيىم كىيىۋېلىشقان ئىدى. -بىز ئازات بولدۇق..... -ياشىسۇن ماۋجۇشى...... شۇ يىللاردا بۇسالىخان ئېغىر قات ھالدا قەشقەردىن خۇتەنگە سادىقنىڭ ئۈيىگە كەلدى، ھېچكىممۇ سادىقنىڭ قارا كىيىملىك ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمىگەن ئىدى. بۇسالىخان ئاتا-ئانىسىنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئۈلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدى. ئامالسىز سادىقنىڭ ساريىدا تۇرۇپ قالدى. مانا ھەش-پەش دىگۈچە بۇسالىخان سادىققا 3ئۇغۇل تۇغۇپ بەردى. ئەڭ ئاخىرقى قىزىنى تۇققاندا بولسا سادىق ئۆز ئۈيىدە قان قۇسۇپ ئۆلدى. ئەمدىلىكتە بۇسالىخان بۇ ئۆيگە ھەم ئانا ھەم ئاتا بولدى. يولدىشى سادىقتىن قالغان ئاز تۇلا ئالتۇن كۈمۈشنى ئۆز كەپىسىگە تىقىپ قويۇپ ئەمدىلا باللىرى يېنىغا كەلگەن بۇسالىخان قۇرۇسىنىڭ مۇسادىر قىلىنغانلىق قەغىزىنى تاپشۇرۋالدى. سادىقلار ئولتۇرغان ئۆي ئات ئېغىلى قېلىندى. ئەسلىدە شۇنچە كەڭرى ئايۋان سارايلار ئېغىل قىلىشقا زايا كەتكەن بولسىمۇ ھەمدە ئاددى-ساددا ياشاشنى تەرغىپ قىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بۇسالىخان ئۆزلىرىنىڭ تاياق يىيىشىدىن قورقۇپ غىڭ قىلماي ئاتا-ئانىسىدىن قالغان تاملىرى يىقىلۇق كەپىگە بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى. -ئانا، مىنى مۇرات ئۇردى........ -رەھىمجان راخماننى ئۇرغان ئىدى، شۇڭا مەن رەھىمجاننى ئۇردۇم: -ئانا قارىسىلا 3ئۇغۇللىرى توختىماي ئۇرۇشۇپ ئوينايدۇ. ئۇلار ھەتتا مىنى قىز بالا دىمەي مىنىمۇ ئۇرىدۇ...... -قايسىڭ تاياق يىيىشكەن بولساڭ كەچتە تاماق يىمەيسەن.....بۇسالىخان 4بالىنىڭ غەللىسىنى مانا مۇشۇنداق بېسىقتۇردى. -ئانا، راخمان مىنىڭ قۇلۇمدىكى ناننى ئېلىۋالدى. -سەنمۇ يامان بولساڭ ئېلىپ يە، بولمىسا ئاچ ئولتۇر.... ئۇزۇنغا قالماي بۇسالىخانلارنىڭ ئەسلىدىكى ئات ئېغىلى قىلىنغان ئۈيى قايتۇرۇپ بىرىلدى. ئەمدىلىكتە بۇسالىخان بۇ كاتتا سارايغا كىرىپ تىقىپ قويغان ئاز تۇلا پۇللىرى بىلەن غەمسىز تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى. -قاراڭلار، ئاۋۇ بۇسالىخان قورقماي شايى - تاۋاردىن كۆڭلەك كىيىۋاپتۇ.... پۇلنى نەدىن تاپىدىغاندۇ.... -كىم بىلىدۇ، ئەرلەر ئېلىپ بەرگەندۇ......... -ئەجەپ سورۇن تەلەت ھېچقانداق كىشى بىلەن باردى-كەلدى قىلمايدىغان خۇتۇنكىنا بۇ......... -ھېلىمۇ 4بالىنى قاتارغا قوشتى، ئىرى ئۈلۈپ كەتكەن 18يىلدىن بىرى ئەرگە تەگمىدى، بۇ ئايال قاراڭلار يەنە ياپ-ياش تۇرىدۇ. -ئوغلىمۇ ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك كۈرىنىدىكەن. -يېقىندا ئوغلىنى تويلىغۇدەك، سانىخاننى ئېلىپ بىرىدۇ دىيشىۋاتىدۇ....... -كىچىك ئوغلىنى تويلىغۇدەك ئاڭلىسام چوڭ ئوغۇللىرى ئاللىقاچان خۇتۇن ئېلىپ بولغانمىش.......... كىشىلەرنىڭ ئېغىزلىرىدا ھەر خىل گەپلەر بۇلۇشماقتا ئىدى. -3- رامۇت، رەھىمجان، راخمانلار بۈگۈن دەرياغا ھاشارغا چىقتى، نىمىشقىكىن تاڭ بۈگۈن كەنتە باشلىقىنىڭ قاپىقى ئېچىلمىغان ئىدى. -ئەزالارنىڭ ھېچ قايسىسىنىڭ بىر يەرگە كىتىشىگە رۇخسەت يوق.....تاماق ۋاقتى بىر سائەت يىراققا كەتمەڭلار، تاش تىزمىساق بولمايدۇ..... رامۇت، رەھىمجان، راخمانلار يېشى 18دىن يۇقۇرى بولغاچقا ھەر بىرى ئۈزى ئۈچۈن ئەمگەككە چىققان ئىدى. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا راخمان بىلەن رەھىمجان دەريانىڭ تۈۋەن تەرىپىگە باردى دە بىر يارلىقتا سۇغا چۈشكەندىن كىيىن دەرەخ سايىسىغا چىقىپ ئۇخلاپ قېلىشتى. ئۇلار توپتوغرا تۆت سائەت ئۇخلاشقان ئىدى. رەھىمجان كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ ئەمگەك مەيدانىغا كەلدى. -ھەي سەنلەر نەگە قېچىپ كىتىشتىڭ كىلىشە.... كەنتە باشلىقى رەھىمجان بىلەن راخماننى قامچا بىلەن بىرقانچىنى سالغاندىن كىيىن پۈتۈن دىھقانلارنىڭ ئالدىدا قۇيۇپ سەت تىللار بىلەن تىللاپ تەنقىت قىلدى. ھاشارمۇ تۈگىدى. بۇسالىخان ئۆيلىرىنى 3ئۇغۇل بىرقىزغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. -مىنىڭ يېشىم بىر يەرگە باردى، قېرىغاندا خاتىرجەم ياشاي دەيمەن، كىيىنچە تالاشتا قالمىسۇن دىدىم. بۇسالىخان ۋەسىيەتنى ئۇقۇپ ئۆتتى. -ئانا سىز ماڭا ئاز ئايرىپ بىرىپسىز مەن چوڭ ئۇغۇل تۇرسام-دىدى رامۇت. -مەن كىچىك ئۇغۇل تۇرسام ماڭىمۇ ئاز تىگىپتۇ. -مەن بۈلۈپ بەردىممۇ، مۇشۇ ھىساپ قۇشۇلمىساڭلار مىنىڭمۇ ئامالىم يوق، راخماندىن باشقىڭلارنى تويلاپ قويدۇم، بۇساجىتنى تويلاپ قويساملا مەنمۇ بۇ يەردە تۇرماي ئۆز كەپەمگە قايتىپ كىتىمەن.....بىر پۇتۇم گۇرگە ساڭگىلىدى......مىنى تۇلا جىلە قىلماڭلار: دىدى بۇسالىخان. -ئانا، سىز تىخى قېرىپ قالمىدىڭىز، يۈز ياشقا كىرگۈچە ياشايسىز:دىدى بۇساجىت بۇسالىخاننىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ ئەركىلەپ. يىللار بىر تەرقىدە كىتىپ بارماقتا. رامۇت باغدا ياڭاق تۈۋىدە سايىداپ ئولتۇرۇپ راخمان بىلەن رەھىمجاننىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالدى. -راخمان ئۇكام كەنتە باشلىقى بىزنى كۆپ ئادەمنىڭ ئارىسىدا شۇنچە بۇزەك قىلدى.....ئۆچ ئالمامسەن.... -قانداق ئۆچ ئالىمەن، رەھىمجان ئاكا...... -ئەڭ ياخشىسى كەنتە باشلىقىنىڭ كىچىك بالىسىنى ئۆستەڭگە تاشلىۋەت ياكى دەرەخ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ ئىگىز دەرەختىن تاشلىۋەت....شۇ چاغدىلا كاۋاپمۇ كۆيمەيدۇ زىخمۇ كۆيمەيدۇ....... ئەتىسى بۇ گەپنى رامۇت كەنتە باشلىقىغا يەتكۈزدى. -ئوتتۇرانجى ئۇكام رەھىمجان راخمانغا شۇنداق ئۈگەتتى بالىڭىزغا ياخشى قاراڭ......... دەرەخ تۈۋىدە راخمان كەنتە باشلىقىنىڭ ئوغلىنى دەرەخكە ياماشتۇرۇپ ئۈستىگە چىقىپ تۇرغاندا كەنتە باشلىقى ھەم باشقىلار تەرىپىدىن تۇتۇلدى دە ساقچىغا تاپشۇرلۇپ بىر كىچە ياتتى. ئارىدىن 3كۈن ئۈتۈپ راخمان قۇيۇپ بىرىلدى. نىمىشقىكىن تاڭ راخماننىڭ ھاشار ۋاقتىدا كەنتە باشلىقىنىڭ قامچا بىلەن سېلىپ قاتتىق تەنقىت قىلغانلىقى ھېچ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن ئىدى. راخمان كىچە قاراڭغۇلىقىدا كەنتە باشلىقىنىڭ ئېغىلىغا باردى دە ئوت قۇيۇۋەتتى. كەنتە باشلىقىنىڭ 2كالا، 7قوي، بىر ئىشىكى كۈيۈپ كۈلگە ئايلاندى. كەنتە باشلىقىنىڭ بەختىگە يارىشا ئۈيى ساق قېلىپ جېنى ئامان قالغان ئىدى. راخمان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كىتىلدى. راخمانغا سوت ئېچىلىپ 7يىللق ھۈكۈم كىسىلدى. -ئەبلەغ...سەن چېقىپ قويمىغان بولساڭ ئۇكام راخمان تۇرمىغا كىرمەيتتى. كەنتە باشلىقىنىڭ بالىسىدىن ئۆچ ئالسا ئىشى تۈگەيتتى ئەمەسمۇ-: رەھىمجان جان ئاچچىقىدا ئاكىسى رامۇتنىڭ باش بارمىقىنى چىشلىدى دە چىشلەپ سۇڭىكنىمۇ غاجىلىدى. -ۋاي قۇلام..... شۇنىڭدىن باشلاپ رامۇت بىلەن رەھىمجان ئەشەددى دۈشمەنلەرگە ئايلاندى. ئارىدىن 7يىل ئۆتتى. راخمان تۈرمىدىن كىلىپلا ئۈزىگە تەۋەر ياغاچلارنىڭ كىسىلگەنلىكىنى كۆردى. -ياغاچنى كىم كەستى........ -ئاكاڭ رەھىمجان كەستى سەن كىلىپ بولغۇچە يۇغىناپ قالار دەپ يەنە ئورمان سېلىپ قويدىغۇ...دىدى بۇسالىخان. -سەن ياغاچلارنى ساتقان پۇلنى ساقلاپ قويغانسەن دىدى راخمان قەھرى بىلەن. -سىنى يوقلاپ تۈرمىگە بىر قانچە قېتىم باردىم پۇل تۈگىدى. -ئەبلەغ شۇنچە كۆپ ياغاچنىڭ پۇلىسى مىنى 3قېتىم يوقلاپ قويغىنىڭغا تۈگەمتى، پۇلنى بەر..... راخمان بىلەن رەھىمجان چۈجە خۇرازلاردەك سۇقۇشۇپ كەتتى. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتمەي راخمان سوتتا ئۈزى ئۈچۈن ئوت قويغانلىقنىڭ شاھىدى بۇلۇپ گۇۋالىق قىلغانلاردىن 5ئادەمنىڭ ئۈيىگە ئوت قۇيۇۋەتتى. بۇ قېتىم كەنتە باشلىقى، مەھەللە باشلىقى، قوشنىسى قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. راخمان يەنە تۇتۇلۇپ ھۈكۈم كىسىلدى. بۇ قېتىم راخمانغا 8يىللىق ھۈكۈم كىسىلدى. راخمان تۈرمىدىن بىر قانچە قېتىم قاچقانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىم 9يىلدا ئاندىن تۈرمىدىن قايتىپ كەلدى. تۈرمىدىن كىلىپ راخماننىڭ كۆرگىنى ھاسا دېيىنىپ دىڭگوسلاپ ماڭغان ئانىسى بۇسالىخان بولدى. -مەن تىخى ئۆلمىدىم، قارايسەنغۇ، 2ئاكاڭ ئاشقان تاشقاننى ئەكىرىپ بىرىدۇ، شۇنى يەيمەن...سىنى بېقىپ كىتەلەيمەن، ئۈيۈڭنى سۈپۈرۈپ تازلاپ ياتقىن، ئىككى ئاكاڭغا ئېسىلىۋالما، ئۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن..... راخماننىڭ كۈنلىرى تاماق ۋاقتىدا ياكى قۇرسىقى ئاچقاندا ئانىسى بۇسالىخاننىڭ يېنىغا كىرىپ ئاشقان تاماقلارنى يىيىش بىلەن ئۈتۈشكە باشلىدى. راخمان ئاكىللىرىغا كۆز يۈگۈرىتتى، رامۇتنىڭ ئوغلى چۇڭۇپ نەرۋىلىك بۇلۇپ قالغان ئىدى. رامۇت بىر ئۇغۇللۇق بۇلۇپ ئىسمى ھاشىم ئىدى. ھاشىم پات-پات ئۈزى ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغان بۇ تاغىسىغا دادىسىدىن ئوغۇرلۇقچە تاماق تۇشۇيتتى. رەھىمجاننىڭمۇ 2بالىسى بولغان ئىدى. چوڭ قىزى ساھىبە10ياشلارغا بېرىپ قالغان بۇلۇپ مومىسى بۇسالىخاننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ بۇ ناتۇنۇش تاغىسىغا تاماق سۇنۇپ بىرەتتى......... -4- رەھىمجان بىلەن سانىخان ئاخشام دىيىشىۋالغىنى بۇيىچە ئەتتىگەندىلا ئورنىدىن تۇرۇشتى. -سىلە، داستىخانغا نانلىرىڭلار بولسا تىزىپ قىزىمىز ساھىبە بىلەن ئوغلىمىز ئادىلنى .ئويغۇتۇپ تەييا قىلىڭلار، بۈگۈن يەكشەنبە مەن بازارغا كىرىپ ياڭاق سېتىپ سودىلىق قىلىپ چىقاي دىدى رەھىمجان مال ئېغىلى يېنىغا ماللىرىغا ئوت سامان بىرىش ئۈچۈن مېڭىۋېتىپ. -شۇنداق قىلاي...... تۈنۈگۈن تۈگمەنگە ئۇن تارتىش ئۈچۈن بۇغداي ئاپىرىپ قويغان، شۇنى ئەكەلمىسەم بولمايدۇ، بالىلار بىلەن بېرىپ سىلىنى بازارغا ئۈزۈتۇپ قۇيۇپ كىلەي بەرىبىر يۇلىمىز بىر بولغاندىكىن:-دىدى سانىخان كىچىك ئوغلىنى ئېغىل ئالدىدا قۇيۇپ ئولتۇرۋېتىپ. رەھىمجان ئەتتىگەندىلا ناشتا قىلدى دە، بىر چىپتا ياڭاقنى ھارۋىسىغا باستى، بۇ چاغدا ساھىبەمۇ يانچۇقىغا ئازراق گۈلە-قاق سالغاندىن كىيىن مۇمىسى بۇسالىخاننىڭ يېنىغا ئوينىغىلى چىقىپ كەتتى. -ھەي سانىخان بۇلۇڭلار ھارۋىغا چىقىڭلار، سىلەر مىنى ماشىنا بار يەرگىچە ئاپىرىپ قۇيۇپ تۈگمەندىكى ئۇننى ئېلىپ كىلىڭلار دىدى رەھىمجان سانىخاننى ئالدىرتىپ. -ساھىبە........ساھىبە......... سانىخاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ساھىبە مۇمىسى بۇسالىخاننىڭ قۇرۇسىدىن يۈگۈرۈپ چىقتى. قىز تىز يۈگۈرگەن پېتى تىز مېڭىۋاتقان ھارۋا كەينىدىن كەلدى. -ساھىبە بارمىسۇن، ئانام 100ياشتىن ھالقىدى، يالغۇز قالمىسۇن، قىزىم ساڭا مەن بازاردىن ياخشى نەرسىلەرنى ئالغاچ چىقىمەن: دىدى رەھىمجان ھارۋىنى توختۇتۇپ. ساھىبە ئورنىدا توختاپ قالدى.دىمىسىمۇ رەھىمجان قىزى ساھىبەنى جېنىدىن ئەزىز كۈرەتتى. -ئانامغا قارىغاچ تۇرۇڭ ئۇماق قىزىم، ئانىڭىز تۈگمەندىن ھازىرلا كىلىدۇ. مەن بازاردىن ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىمەن:دىدى رەھىمجان ھارۋىنى ھەيدىدى. ئەپسۇس رەھىمجان بۇ خوشلۇشۇشنىڭ قىزى ساھىبە بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلۇشۇش ئىكەنلىكىنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى. سانىخان ھارۋا ئۈستىدە بۇ چوڭ ئاھادە يېنىدىن ئۈتۈپ كىتىۋېتىپ راخماننىڭ ئۈيى ئالدىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۈرۈپ كۆڭلى سەل بىر قىسمى بولغاندەك بولدىيۇ قىزى ساھىبەگە قاراپ قول ئىشارىسى قىلىپ قىزى بىلەن خوشلاشتى. سانىخانمۇ بەلكىم بۇ خوشلۇشۇشنىڭ قىزى بىلەن مەڭگۈلۈك ئايرىلىش بۇلىدىغانلىقىنى سەزگەن بولسا يۈگۈرۈپ مېڭىۋاتقان ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشۈۋالغان بۇلاتتى. ئەسلىدە راخماننىڭ تۈرمىدىن كەلگەندىن بىرى رەھىمجانغا بولغان ئۆچمەنلىكى بىر كۈنمۇ راخمانغا ئارامچىلىق بەرمىىگەن ئىدى. راخمان تۈرمىدىن كەلگەندىن بىرى كۈچتىن قالغان ئىدى. راخماننىڭ ئەمدىلىكتە رەھىمجانغا كۈچى يەتمەيتتى. راخمان رەھىمجاننىڭ ئەڭ ئامراق ئادىمىنىڭ قىزى ساھىبە ئىكەنلىكىنى سەزگەن ئىدى. راخمان ئۈزىنىڭ تۈرمگە كىرىپ بىر قانچە ئون يىل يېتىشنىڭ سەۋەپچىسى رەھىمجان دەپ ئويلاشقا باشلىدى دە، ساھىبەنى ئۆلتۈرۋېتىپ رەھىمجاننى تۈگۈمەس دەرىت ھەسرەتكە قالدۇرۇش نىيىتىگە كەلدى. پەيىت ئاخىرى كەلدى. راخمان ئالدىن تەييارلىغان پىچىقىنى ئالدى دە، ئاتا-ئانىسى ئەمدىلا ئىشەك ھارۋىسىدا سىرىتقا چىقىپ كەتكەن ساھىبەنى ئۆلتۈرۋېتىش نىيىتىگە كىلىپ ئانىسى بۇسالىخاننىڭ ياتاق ئۈيى ئالدىغا باردى. -قىزىم ساھىبە، پۇتۇم ئاغرىپ تۇرىدۇ، سەن ياڭاق تۈۋىگە چىقىپ كۈدىلەردىن ئۇراپ كىرگەن بولساڭ بۇپتىكەن:-دىدى بۇسالىخان پۇتىنى ئۇۋلاۋاتقان ساھىبەگە. -پوشكال سېلىپ بىرەمدىم مۇما:دىدى ساھىبە. -شۇنداق قىل قىزىم، دىدى بۇسالىخان. ساھىبە ياڭاق تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ياپ-يېشىل كۈدىلەرنى ئۇراۋاتقاندا راخمان كەينىدىن كىلىپلا بۇ سەبى قىزنىڭ بىر قانچە يىرىگە پىچاق سېلىپ ئۆلتۈردى دە قۇناقلىققا ئاپىرىپ قۇناق پاسىرىنى ئۈستىگە ئارتىپ قۇيۇپ ئۆز ئىشىنى قىلدى. -5- ساقچىلار تىزلىكتە دىلو پاش قىلىپ راخماننى قولغا ئالدى. كىشىلەرنىڭ نەپرەتلىك كۆزلىرى بۇسالىخاننىڭ ئاھادىسىگە تىكىلدى. -توۋا، شۇنچە سەبى قىزنى، تاغىسى ئۆلتۈرۈپتۇ... -دادىسىدىن ئالالمىغان ئۈچىنى قىزىدىن ئاپتۇ..... -نىمە گۇناھ بار مەسۇم قىزدا.............. -بۇسالىخان دىگەن مۇمايچۇ كونىلىقىنى ياقلاپ بالىلارنى ياخشى تەربىيلىمىگەن گەپ...... ئۇزۇنغا قالماي سوت ئېچىلىپ راخمانغا قەستەن قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئۈلۈم جازاسى بىرىلدى. رەھىمجاننىڭ كۈنلىرى ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ قىزى ساھىبەنى سېغىنىش، ئۈكۈنۈش ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى. ئىنىسى راخماننىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى قوي باققان ۋاقتىدىكى كۈرۈنىشلىرى ئىسىگە كىلىشكە باشلىدى....... -ئاكا.... پۇتۇمغا تىكەن كىرىپ كەتتى....... -خوپ بۇپتۇ، مەن ماڭغان يەردىن ماڭمىغاندىكىن.... -پۇتۇم ئاغرىپ كەتتى..... شۇ قېتىم رەھىمجان ئۇكىسىنىڭ يىغىسىغىمۇ قۇلاق سالماي باشقا تەكتىۋىشلىرى بىلەن سۇغا چۈشكىلى كەتكەن ئىدى...... رەھىمجان خىيالىدىن ھېچ ئۈزىنى تارتالمايۋاتاتتى، ئىنىسى راخماننىڭ ئىككى قېتىم تۈرمىگە بېرىشى، راخماننى يوقلاپ رەھىمجاننىڭ 1-قېتىم تۈرمىگە بىر قانچە قېتىم بېرىشى، راخماننىڭ ئاخىرىدا كىچىككىنە ئۆچمەنلىكنى دەپ ساھىبەنى ئۆلتۈرۋېتىشى .....رېھىمجانغا ھېچ بىر ئارام بىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. رەھىمجاننىڭ كۆز ئالدىغا قىزى ساھىبە كەلدى. -دادا، تاغام راخمان ئانچە بەك ئەسكى ئادەم ئەمەسكەنغۇ........ -نىمىشقا سىلەر گەپلەشمەيسىلەر........... -ئانا، ئاۋۇ چوڭ قاچىغا ئاش ئۇسۇپ بىرىڭ، مەن راخمان تاغامغا ئاچىقىپ بىرەي......... -بىچارىگە بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ، بىرەر بالىسىمۇ يوق، تاماقنى ئۆزى ئىتىپ يەيدۇ.......... رەھىمجاننىڭ كۆز چاناقلىرىدىن ياش قۇيۇلدى. -ئاھ، خۇدا، مەن نىمە گۇناھ قىلدىم، مىنى نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق جازالايسەن.............. رەھىمجان قۇللىرىنى كۆككە كۈتۈرۈپ مۇراجەت قىلماقتا ئىدى. رەھىمجاننىڭ خىيال ئىكرانىدا چوڭ ئاكىسى رامۇت پەيدا بولدى. -دەل رامۇت، ھەممە ئىشنىڭ چىقىشىغا سەۋەپچى بولغىنى رامۇت.......رامۇت كۈشكىرىتمىسە بۇ ئىشلار بولمايتتى........رەھىمجان ئاستا ئۈزىگە پىچىرلىدى دە قۇلىغا پىچاق ئېلىپ رامۇتنىڭ ئۈيىگە چىقتى. -ئەبلەغ مەن سىنى ئۆلتۈرۋېتىمەن، سەن راخماننى كۈشكىرىتمىگەن بولساڭ راخمان قىزىمنى ئۆلتۈرەمتى، مەن سىنى ئۆلتۈرۋېتىمەن......... رامۇت قېچىپ كەتتى، شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئىشلار بىر قانچە قېتىم يۈز بەردى. -دادا، مەن ئايالىم بىلەن ئاقسۇغا چىقىپ پاختا تىرىپ كىرەيمىكىن دەيمەن: دىدى ھاشىم بىر كۈنى كەچتە. -بولمايدۇ، ئەگەر سەن كەتسىەڭ رەھىمجان مىنى ئۆلتۈرۋەتمەمدۇ......... ئاقسۇغا ماڭار بولساڭ رەھىمجاننىڭ ئادەم ئۆلتۈردىغان قۇلنى چېقىۋېتىپ بىرىپ ئاندىن بارغىن......... ھاشىم قۇشۇلدى، ھاشىم دادىسى ئۈچۈن تاغىسىنى ئازراق سەگىتىپ قويماقچى ئىدى. بىراق كالتەك دىگەن ئادەم تۇنىمايدۇ- دە. رەھىمجان مەسچىتكە ماڭغاندا ئاكىسى رامۇت بىلەن رامۇتنىڭ ئوغلى ھاشىم تەرىپىدىن كالتەك بىلەن قاتتىق ئۇرۇلدى. رەھىمجان، جان ئۈزدى....... -6- -تۇۋا، بۇ جاھەن نىمە بولدى..... -قاراڭلار، ئاكىسى بالىسى بىلەن ئىنىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قۇيۇپتۇ....... -بۇسالىخاننىڭ ئۈيىگە ھەقىيقەتەن ئالۋاستى ئۇۋا ساپتۇ....بولمىسا ئۇغۇللىرى بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈپ تۈگۈشەمتى....... كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا ھەر خىل گەپ سۆزلەر بۇلۇشماقتا ئىدى........ بۇسالىخاننى سىرىتتا چېقىۋاتقان ئىزغىدىن شاماللار دەرىزىنى داراقشىتىپ ئېچىۋەتكەچكە خىيال دېڭىزىدىن ئويغاندى دە دەرىزىگە قارىدى. تاملىرى سۇۋاقتىن ئاجراپ كەتكەن كونا ئۆي، كونا ياغاچ دەرىزە، كونا رەخىتلىرىدە كۆركەم قىلىپ تارتىلغان دەرىزە پەردىللىرى بۇ ئائىلىدىكى ئۇغۇللارنىڭ جىنايى قىلمىشىدىن خۇددى تەنتەنە قىلغاندەك لەرزان لەپىلدەيتتى. بۇسالىخاننىڭ كۆز ئالدىدا ئىرى سادىقنىڭ سىماسى نامايەن بولدى، سادىقنىڭ قاقاقلاپ كۈلىشى، چىلمىنى تۇتۇپ تۇرۇپ بۇسالىخانغا مەسخىرلىق قاراشلىرى غىل پال بۇسالىخاننىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتتى. -تۈگىدى.......ھەممىسى تۈگىدى....ئالۋاستى...ئالۋاستى....بۇ ئۆيگە ئالۋاستى ئۇرا ساپتۇ.... -ئالۋاستى ئۇۋا سالغان ئۆي........ -كۈيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەت......... بۇسالىخان قاقاقلاپ خۇددى ساراڭلاردەك كۈلەتتى قۇلىدا شامدانغا قادالغان شامنى كۈتۈرۋالغان بۇلۇپ ئاۋال پەردىلەرگە ئاندىن ئىچكەركى ئۆيلەردىكى ئوت تىز تۇتىشىدىغان جايلارغا ئوت يېقىشقا باشلىدى. گۇم.....قىلغان ئاۋاز بىلەن تاشقارقى ئۆيدىكى بىر تۇڭ ماي دەھشەتلىك پاتلاپ ئوت يالقۇنى ئاسمان پەلەك ئۆرلىدى. بۇسالىخاننىڭ ئاۋازىمۇ ئوت يالقۇنىنىڭ ئۇلغۇيشىغا ئەگىشىپ يۇقالدى.... بىردەمدە بۇ كونا ئاھادە كۈيۈپ كۆككەسۇرۇلدى....... سانىخان ئەتىسى بۇ يەرگە كەلدى، كۆرگىنى ئىس-تۈتەك چىقىپ تۇرغان كۈلگە ئايلانغان ياغاچ تاشلىرى بولدى. -سانىخان ئانا....بۇ يەردىكى كونا ئۆي نەگە كەتتى.....سورىدى يېنىدىكى كىچىك بالا...... -بۇسالىخان چوڭ ئاناڭ كونا ئۆينى بىرگە ئېلىپ كەتتى. -جۈرۈڭلار، ئالۋاستى ئۇۋا سالغان بۇ جايدىن يىراققا كىتەيلى.....دىدى سانىخان ئىككى بالىنى يىتىلەپ يۈرۈپ كەتتى........... h; 105$E1 ئاپتۇر:قاراقاش ج خ ئىدارىسىدىن Stqlp<xy P}B{FIpNG mk#xbvvG
|