查看完整版本: [-- جىمجىت كېچىدىكى يىغا ئاۋازى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> جىمجىت كېچىدىكى يىغا ئاۋازى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-03-02 13:16

جىمجىت كېچىدىكى يىغا ئاۋازى

جىمجىت كېچىدىكى يىغا ئاۋازى
 
(ھېكايە)
 
تۇرسۇنئاي سۇلتان
 
    نېمە كەچكىچە يىغلاۋىرىسىز؟مەن سىزگە دىدىمغۇ،مەن سىز بىلەن ئاجراشتىم،ئەمدى تولا يىغلاپ بېشىمنى ئاغرىتماڭ!!مەن سىزنىڭ مىچىلداشلىرىڭىزغا ئۆچ بولدۇم،_كۆزلىرىڭدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىپ شۇ قەدەر قەھرىڭ بىلەن ۋارقىرىدىڭكىن ئاۋازىڭدىن ئۆينىڭ تاملىرىمۇ تىترەپ كەتتى.
   _نىمىشقا؟نىمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟مەن ئىشەنمەيمەن،سىز مېنى ياخشى كۆرىسىز،مېنى دىمىسىڭىزمۇ ئوغلىمىزنى ئويلاپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟_يەنە شۇ سەن ئۆچ بولغان ياشلىرىم تاراملاشقا باشلىدى..
  _سىز،سىز.._بىردىنلا چىرايىڭ قورقۇنچلىق تۈسكە كىردى،سەن ماڭا يېقىن كەلدىڭ،قوللىرىڭنى ماڭا سۇندۇڭ،مەن تۇيۇقسىزلا گېلىمدىن چىڭ بوغۇشقا باشلىغان قوللىرىڭنىڭ ئىسكەنجىسىدىن بوشىنالماي تېپىرلاشقا باشلىدىم.
"مېنى ئۆلتۈرىۋىتىش خىيالىغا كەلگەن ئوخشايسەن،بوپتۇلا..سەنسىز قىينىلىپ ياشىغىنىمدىن سېنىڭ قولۇڭدا ئۈلۈپ كەتسەم مەيلى ئەمەسمۇ؟؟"شۇ خىيالدا تېپىرلاشتىن توختاپ سېنىڭ قىينالماي مېنى ئۇزىتىۋىتىشىڭ ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ تۇرغانمۇ بولاتتىم بىراق تۇيۇقسىز كىچىك بالىنىڭ قىرقىراپ يىغلىغان ئاۋازى مېنى سەگەكلەشتۈردى."ياق،ياق..مەن ئۈلۈپ كەتمەسلىكىم كېرەك،ئوغلۇم ئۈچۈن مەن بولمىسام بولمايدۇ،ياق"مەن جان تىكىپ تېپىرلاشقا سېنىڭ ئامبۇردەك قولىرىڭدىن بوشىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتاتتىم،تۇيۇقسىز سېنىڭ قوللۇرىڭ بوشاپ كەتتى .ئېنىقكى ياندىكى ئۆيدىن ئاڭلىنىۋاتقان يىغا ئاۋازىنى سەنمۇ ئاڭلىغان ئىدىڭ،شۇ دەقىقىدە مەن كۆزلىرىڭدىن دۇمىلاپ چۈشكەن ئىككى تامچە ياشنى كۆرۈپ قالدىم.سەن بالا يىغلاۋاتقان ئۆي تەرەپكە قاراپ بىر قەدەم ئالدىڭيۇ يەنە توختاپ قالدىڭ.
_دادا،دادا....
بوغۇلۇپ يىغلاۋاتقان ئوغلۇم دادىسىنى توۋلاۋاتاتتى.سەن ئىتتىك ئارقاڭغا ئۆرۈلۈپ:
_مەن كەتتىم،مەن مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيمەن_دىگىنىڭچە ئىشىكنى ئېچىپ قۇيۇندەك يۈگرەپ چىقىپ كەتتىڭ.
_ياق،ياق،سىز كەتمەڭ،سىز بىزنى تاشلاپ كەتسىڭىز بولمايدۇ،بىزنى تاشلاپ كەتمەڭ!!
_ئاپا،سىزگە نىمە بولدى،مەن بەك قورقۇۋاتىمەن ئاپا،كۆزىڭىزنى ئېچىڭە!!
چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.كۆز ياشلىرىمدىن ياستۇق ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ.7 ياشقا كىرگەن ئوغلۇم لىققىدە ياشقا تولغان ،قورقۇنىچ تۆكۈلگەن كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ يۈزلىرىمنى ھە دەپ سىلاۋاتاتتى.ئۇھ..چۈش كۆرۈپتىمەندە..
_ئاپا سىزگە نىمە بولدى؟؟
_ھىچنىمە ئالتۇنۇم،سېنى قورقۇتىۋىتىپتىمەن ھە،چۈش كۆرۈپ قاپتىمەن.
_دادامنى كۆردىڭىزمۇ؟
_شۇنداق،داداڭ چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ.
_ئۇ سىزنى تىللىدىمۇ؟؟
_ياق قوزام،نىمە بولدى؟؟
-سىز ئۇنداق قىلماڭ،ئۇنداق قىلماڭ،بىزنى تاشلىماڭ دەپ چىڭ ۋارقىراپ يىغلىدىڭىز،مەن ئاۋازىڭىزدىن ئۇيغىنىپ كەتتىم.بەك قورقۇپ كەتتىم ئاپا.
-مېنى كەچۈرگىن قوزام،سېنى قورقۇتىۋىتىپتىمەن،كەل بولدى ئۇخلايلى،ئەتە مەكتەپكە كېچىكىپ قالساڭ بولمايدۇ،-مەن ئوغلۇمنى ئورنىغا ياتقۇزۇپ خۇددى بوۋاق بالىلارنى ئۇخلاتقاندەك يېنىك پەپىلەشكە باشلىدىم.ئۇ نۇرغۇن سۇئاللارغا تولغان قاپ-قارا كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ بىر دەم ياتتى-دە،مىھىرلىك قوينۇمنىڭ سىھرى بىلەن ئاستا-ئاستا ئۇيقىغا كەتتى...
جىمجىت كېچە..ئوغلۇمنىڭ يىنىك پۇشۇلداشلىرىنى تىڭشىغاچ كۆزلىرىمنى ئېچىپ تەگسىز خىياللارغا ئەسىر بولۇپ ياتىمەن.كۆزىرىمدىن تامامەن ئۇيقۇ قاچقان ئىدى.ئاستا ئورنۇمدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتىم-دە، ياندىكى ئۆيگە كىرىپ ئىشكاپتىن ئەلبۇمنى ئالدىم..
بىرىنجى بەتتە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان چوڭايتىلغان بەخىتلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى..ئاھ كۆزلىرىمدىن سانسىزلىغان يىپى ئۈزۈلگەن مونچاقلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى.قارچۇقلىرىمنى تورىغان قېلىن پەردە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك سىماسىنى قېنىپ كۆرۈشۈمگە توسالغۇلۇق قىلىۋاتاتتى.مەن ئۈنسىز يىغلاشتىن ئاستا-ئاستا ئىسەدەشكە ئۆتتۈم..........
قانچىلىك ۋاقىت يىغلىدىم،قانچە قېتىملاپ جانسىز سۈرەتتىكى شۇ سۆيۈملۈك سىمانى سۆيدۈم بىلمەيمەن..بۇندىن بۇرۇنقى نۇرغۇن كېچىلەرگە ئوخشاش بۇ كېچىنىڭمۇ ئۇيقىسىز بولىدىغانلىقىغا بەخىتنى مۇقەددىمە بەخىتسىزلىكنى خاتىمە قىلغان،ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن قىسقىغىنە تۇمۇش كارتىنىلىرىمغا قاراپ ئۇچقان كۆڭۈل كەپتىرىم گۇۋاھچى ئىدى.....
          ...                ...                      ...             ... 
مەن سەن بىلەن دادامنىڭ خىزمىتى ئاشۇ تاغلىق يېزىغا يۆتكىلىپ بېرىپ بىز ئائىلە بويىچە كۆچۈپ سىلەرگە خوشنا بولغاندىن باشلاپ تونۇشقان.ئۇ چاغدا مەن 8 ياش سەن 10 ياش ئىدىڭ.سەن ئاپاڭ ئىككىڭلار ئىككىلا جان ئىدىڭلار.ئاپاڭ چىرايى قارا كەلگەن،ناھايىتى ئاچچىغى يامان،قاپىقىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان ئايال ئىدى.سەن ئاپاڭغا پەقەتلا ئوخشىمايتتىڭ.ئاپاڭنىڭ ئەكسىنچە يۈزلىرىڭ ئاپ- ئاق،قاپ-قارا قاشلىرىڭ ئاستىدىكى قويۇق كىرپىكلىك كۆزلىرىڭ بىلەن بەكلا چىرايلىق قارىماققا قىزلارغا ئوخشاپ قالاتتىڭ.مەكتەپتىن قايتقان ۋاقىتلاردا،دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ ناھايىتى قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئوينايتتۇق.بىراق سەن بۇنداق ئويۇنلارغا كەمدىن-كەم قاتنىشاتتىڭ.نىمە ئۈچۈنكىن ئاپاڭ سېنىڭ بۇنداق كۆپ بالىلار يىغىلىپ بىللە ئوينايدىغان ئويۇنلارنى ئوينىشىڭنى خالىمايتتى.بىر قېتىم سەن بىز بىلەن قىزىقارلىق مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويۇنىنى ئويناپ ئاپاڭنىڭ سېنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىماي قالغىنىڭ ئۈچۈن ئاپاڭ سېنى بىز بىر توپ بالىلارنىڭ قېشىدىلا كاچىتىڭغا بىرنى قويۇپ ئۇرۇپ ئەكىرىپ كەىتكەن ئىدى.شۇ چاغ مەن ئاپاڭدىن بەكمۇ قورقۇپ كەتكەن ھەمدە ئۆيگە كىرىپ ئاپاڭنى ئاپامغا"ياۋۇز ئىسكىلىت شاھ"دەپ تىللاپ بەرگەن ئىدىم.
-ئۇنداق دىمەڭ!!ئۇ بىر تۇرمۇشتا بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغان دىلى سۇنۇق ئايالكەن،_دىگەن ئىدى ئاپام چوڭقۇر خىياللار ئىچىدە ئۇھ تارتىپ تۇرۇپ.
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاستا-ئاستا چوڭ بولدۇق.سەن بۇ يېزىدا تولۇق ئۇتتۇرا بولماسلىق سەۋەبى بىلەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغىلى كەتكەن يىلى بىزمۇ دادامنىڭ خىزمىتى يۆتكىلىش سەۋەبى بىلەن شەھەرگە كۆچۈپ كەتتۇق.شۇندىن كېيىن مەن سېنى ئۇچرىتىپ باقمىغان بولساممۇ پات-پات سېنى ئەسلەپ قالاتتىم.چۈنكى مەھەللىدە سەن باشقىلارغا قارىغاندىمۇ مەن بىلەن يېقىن ئۆتەتتىڭ.بەلكىم بۇمۇ ئاپاڭنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە قارىغاندا بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ ئاپام بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشۇپ چىققانلىغىنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك.مەن ئاشۇ چاغلاردا سېنىڭ ئاپاڭنىڭ ئۆز بالىسى ئەمەس ئىكەنلىگىڭنى،ئۆز ئاتا-ئاناڭنىڭ ئاپاڭنىڭ يېقىن تۇققانلىرى بولۇپ سەن تېخى يېشىڭغىمۇ يەتمىگەن يىلى مەلۇم بىر قاتناش ھادىسىسى بىلەن قازا قىلىپ كەتكەنلىكىنى،ھازىرقى بۇ ئاپاڭنىڭ بىر ئۆمۈر بالا يۈزى كۆرمىگەنلىكى شۇ سەۋەپتىن ئەينى يىللاردا ئاتا-ئانىسىنى زار قاخشىتىپ كۆيۈپ-پىشىپ تەككەن يولدىشىنىڭ تاشلاپ كەتكەنلىكىنى ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى،ئۆزىنىڭ بولسا ئۇلارنىڭ يۈزىنىمۇ كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىغانلىقىنى،بىردىن-بىر قېرىندىشى بولغان سىڭلىسىنىڭمۇ ئاتا-ئانىسىدىن قالغان قورۇ-جاي،مال-مۈلۈكنى سېتىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلىگىنى،شۇندىن بېرى ئۇنىڭ بىر ساڭا ھەمرا بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتقانلىغىنى ئۇقتۇم.مەندە شۇ ۋاقىتلاردىلا بالىلىق قەلبىمدە ساڭا ئاجايىپ بىر خىل ھىسداشلىق قوزغالغان ئىدى.ئاپاڭنىمۇ بۇرۇنقىدەك يامان كۆرمەيدىغان،ئۇنىڭ ھەر قانداق ئادەمگە سۇغۇق تىكىلىدىغان كۆزلىرىدىنمۇ ئۇنچە بەك قورقۇپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.
ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ پىداگۇگىكا ئونۋىرسىتىدىن قەغىزىم كەلگەندە ئاپامنىڭ دادامغا"بەك ياخشى بولدى،قىزىمىزنى ئوقۇتقۇچى قىلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى.ھېلىقى يېزىدىكى خوشنىمىزنىڭ بالىسى جۈرئەتمۇ شۇ مەكتەپكە ئۆتۈپ ئوقۇۋاتقانغۇ.ئىككىسى كىچىكىدە بىللە ئوينايتتى.نىمىلا بولمىسۇن ئۇ بالا بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن بارغاندىكىن قىزىمىزغا قاراپ قويار "دەۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ قالدىم.نىمە ئۈچۈنكىن ئاپامنىڭ ئاغزىدىن سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاڭلاپ بىر خىل ھاياجانلاندىم...
 ھەش-پەش دىگۈچە مەكتەپكە كېلىپ ئورۇنلىشىۋالغىنىمغىمۇ بىر نەچچە ئاي بولۇپ قالدى.دەرۋەقە ئاپام ئېيتقاندەك سەن مەكتەپتە ماڭا بۆلەكچە باش-پاناھ بولدۇڭ.شۇ تەرىقىدە كىچىكمىزدىكى دوستلىق بىزنى ئاستا مۇھەببەت قاينىمىغا سۆرەپ كىردى.كۆڭلۈم سېزىپ تۇرسىمۇ،مېھىرلىك تىكىلىشلىرىڭنىڭ نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ سېنىڭ ئاشۇ كۈنى قىزىرىپ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ:
_دىل،مەن..مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن،_دىگەن سۆزلىرىڭنى ئاڭلىغان ۋاقىتتىكى ھىسسىياتىمنى مەڭگۈ ئۇنۇتالمايمەن.مەنمۇ ئوخشاشلا ،ساڭا ئوخشاشلا شۇ سىرلىق ئايدىڭ كېچىلەردىكى بۇلاق سۇلىرىنىڭ شىلدىرلىشىدەك يېقىملىق،تاڭ سەھەردىكى بۇلبۇلنىڭ ناۋاسىدا مەستخۇشلۇق ئىلكىدە ئېچىلغان گۈلنىڭ بەرگىلىرىدەك نازۇك ھىسسىياتلىرىمنى بىر ساڭىلا ئاتىغان ئىدىم..بىزنىڭ كۈنلىرىمىز رىقابەتكە تولغان قىزغىن ئوقۇش كۈنلىرىمىزنى قايناق مۇھەببەت كۈيلىرى بىلەن تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇۋەتكەن مۇھەببەتلىك سۆيۈنۈش،ئەقىدە،ئارمان ئىسكەنجىلىرىدە كۈنلەرنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلمەي ئاۋال سەن،2 يىلدىن كېيىن مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدۇق.دادامنىڭ شەھەردىن تېپىپ قويغان خىزمىتىگە قاتتىق قارشىلىقلار بىلەن ئۇنىماي تاغلىق يېزىغا ئوقۇتقۇچى سېنى پەقەت سېنى دەپلا قايتىپ كەلگەن ئىدىم،چۈنكى سەنمۇ ئاپاڭنىڭ تەلىۋى بىلەن ئۆز يېزاڭغا قايتىپ كېلىپ ئەينى يىللىرى بىز ئوقىغان ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتىڭ،شۇنداق قىلىپ بىز توي قىلدۇق.تويىمىز كىملەرنىدۇر نارازى كىملەرنىدۇر خۇشال قىلغان بولسىمۇ بىز چەكسىز بەخت ئىلكىدە گويا بۇ دۇنيانىڭ بارلىق خوشاللىقلىرى پۈتۈن بىز ئۈچۈن مىھىرلىك قۇچىقىنى ئاچقاندەك شۇنداق بەختىيار ئىدۇق،بىز ئۆزىمىزنىڭ خىيالىي دۇنيارىمىزدىن رىئاللىقتىكى كىچىككىنە دۇنيارىمىزدا ھەقىقى جەم بولغان ئاشۇ ئاخشىمى سەن مېنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ "دىل.مېنىڭ پەرىشتەم،سىزنى سۆيىمەن،سىزنى مۇشۇنداق بىر ئۆمۈر قۇچاقلاپ يېنىمدىن بىر ئۆمۈر ئايرىمىسام دەيمەن،ئېيتىڭا،سىز مەن بىلەن بەخىتلىكمۇ؟؟"دىگەن ئىدىڭ.مەن بەختىيارلىق ئىلكىدە سېنىڭ سۇئالىڭغا لەۋلىرىم بىلەن جاۋاپ بېرىپ ۋۇجۇدۇڭغا بىرلىشىپ كەتكەن ئىدىم...
         ...            ...           ...     
 ھەش-پەش دىگۈچىلا توي قىلغىنىمىزغىمۇ 8 ئاي بولۇپ قالدى.بەختىيار كۈنلىرىمىز،شادىمان كۈلكىلىرىمىزنىڭ دەل ئەكسىچە ئاپاڭنىڭ مىجەزى بارغانسىرى ئوساللىشىپ كەتتى.ئۇ كۈن-كۈنلەپ ھىچكىمگە گەپ قىلماي يالغۇز ھوجرا ئۆيگە بېكىنىۋالاتتى،بىزنىڭ پەرۋانە بولۇپ سورىغان سۇئاللىرىمىز،كۆيۈنۈشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى جاۋاپسىز قالاتتى.ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈندۇر مېنى ئىچ-ئىچىدىن يامان كۆرىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالاتتىم.بەزىدە ئۇنىڭدىن "ئاپا،نىمە تاماق ئېتەي،كۆڭلىڭىز نىمىنى تارتىدۇ؟"دەپ سورىغىنىمدا ئۇنىڭ ماڭا ئاجايىپ تەننى جۇغۇلداتقۇچى قاراشلىرىدىن پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كېتەتتى.بىر كۈنى ئۇنىڭ مەن ئەتكەن تاماقنى ئۆيۈمدە يەيمەن دەپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن كەينىدىن چىقىپ مەن تاماق ئېتىپ بولۇپ پاكىز سۈرتۈۋەتكەن پولغا تۆكۈۋەتكەنلىگىنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خورلۇق ھىس قىلىپ ئۆزۈمنى باسالماي يىغلاپ كېتىپ ساڭا دەپ سالغىنىمدا سەن ئاچچىق بىلەن ئاپاڭغا قاتتىق ۋارقىرىغان ئىدىڭ.ئاشۇ كۈنى يېنىكلىك قىلىپ ساڭا دەپ سېنىڭ ۋارقىرىشىڭ بىلەن كۆڭلى ئازار يەپ قالغان ئاپاڭنىڭ گەپ قىلماي ھوجرىسىغا كىرىپ كەتكەنلىكىدىن بىئارام بولۇپ پۇشايمان بىلەن كەچتە قېشىغا كىردىم:
_ئاپا،سىز بىلەن پاراڭلىشاي دىگەن ئىدىم.
ئۇ ماڭا دۈمبىسىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ نىمىلەرنىدۇر پىچىرلاۋاتاتتى.مەن گېپىمنى ئاڭلىمىغان چېغى دەپ قېشىغىراق سۈرۈلدۈم.شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ قولىغا نىمىنىدۇر بىر نىمە تۇتۇۋىلىپ غەزەپ بىلەن قولىدىكى بىگىزنى سانجىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ قالدىم."مەن سېنىڭدىن ھامان ئۆچ ئالىمەن،ئۇنى مەندىن تارتىۋالماقچىمىتتىڭ،مەن كىم بىلەمسەن؟؟مەن ھەرگىزمۇ ئۇنى ساڭا بېرىۋەتمەيمەن،ھەرگىز.."
_ئاپا..
_ھە_ئۇ بىردىنلا ئېسىگە كەلگەن ئادەمدەك چۆچۈپ ماڭا قارىدى.شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ قولىدىكى مېنىڭ رەسىمىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم.پۈتۈن بەدىنىمدىن تەر چىقىپ كەتتى.
_ھى،ھى،نىمە بولدى،نىمە ساراڭ ئادەمدەك توۋلايسىز؟؟_ئۇ يېقىمسىز ھىجىيىپ قويۇپ گويا ھىچ ئىش بولمىغاندەك كۆزلىرىمگە بىزارلىق بىلەن تىكىلدى.
"بۇ زادى نىمە گەپ ئەمدى..ئۇ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغاندۇر؟؟"
شۇ ئان يادىمغا بىز توي قىلىپ تېخى بىر ھەپتە بولغاندىكى بىر ۋەقە كېلىپ قالدى.ئۇ كۈنى كۈندىكىدەك كەچلىك تاماقتىن كېيىنكى ھەممە ئىشلارنى بېسىقتۇرىۋىتىپ ئۆيىمىزگە چىقىپ كېتىشكە تەيارلاندۇق.
-ۋاي بېشىم، بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ..ۋايەي..
_نىمە بولدۇڭ ئاپا.بېشىڭ نىمە بولدى،دوختۇرغا ئاپىرايمۇ؟؟
ياق بولدى،بۈزگۈن سەن مېنىڭ قېشىمدا ياتقىن،دىلنار چىقىپ كېتىۋەرسۇن!!
_بۇ..ئاپا..
_نىمە بولدى؟سەن ماڭىمۇ قارشى چىقامسەن؟ۋاي بېشىم ۋايەي بېشىم...
سەن يەنە نىمىنىدۇر دىمەكچى بولۇپ ئېغىزىڭنى ئۆمەللىدىڭ،
_مەيلى جۈرئەت،سىز ئاپامنىڭ قېشىدا يېتىپ قېلىڭ،ھىچقىسى يوق_مەن گەرچە شۇنداق دىسەممۇ يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرىدىن ساڭا تارتىشىپ چىقىپ كەتتىم.بىر ھازادىن كېيىن سەن ئارقامدىن كىرىپ ناھايىتى خېجىللىق بىلەن ئەپۇ سورىدىڭ.ئاپاڭنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى سەن بىلەنلا ياشاپ كەلگىنى ئۈچۈن بۇ ئايرىلىشقا دەماللىق چىدالمايۋاتقانلىغىنى،توغرا چۈشىنىشىم كېرەكلىكىنى،بۇنىڭ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاپاڭنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتىدىغان بىر رىئاللىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتىڭ.مېنى قىيماسلىق ئىچىدە يېنىش-يېنىشلاپ باغرىڭغا بېسىپ،ياخشى چۈش كۆرۈشۈمنى تىلەپ پېشانەمگە سۆيۈپ قويۇپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەن سەن بىلەن مۇھەببەتلەشكەندىن،توي قىلغاندىن بېرىقى تۇنجى ئازاپلىق كېچىنى ،ئۇياققا ئۆرۈلۈپ،بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇيقىسىز ھالەتتە تولىمۇ تەسلىكتە ئاتقۇزغان ئىدىم...
مانا ئەمدى ئاپاڭنىڭ مېنىڭ رەسىمىمگە بۇنچە غەزەپ بىلەن بىگىز سانجىشىنى مەن نىمە دەپ چۈشىنەي؟؟ئۇنىڭ "ساراڭ ئادەمدەك توۋلايسىزغۇ"دىگەن گېپى بىردىنلا مېنى سەگىتكەندەك بولدى.مەن ئاستا قېشىڭغا چىقتىم.سەن مېنىڭ چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ بىئارام بولغان ھالدا:
_ئاپام كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتتىمۇ؟_دەپ سورىدىڭ.
_مەن قورقىۋاتىمەن جۈرئەت،
_نىمىدىن؟؟
_ئاپام..ئۇ..
_تېز دەڭا نىمە بولدى؟؟
_ئاپام راستىنلا غەلىتە بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ ئۇ،ئۇ نېرۋا كېسەل بولۇپ قالمىغاندۇر ھە؟؟
_نىمە دەۋاتىسىز؟؟ئادەم قېرىغاندا شۇنداق غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ قالىدۇ.بەلكىم ئەتكەن تامىقىڭىزنىڭ بىر نىمىلىرى ئۇنىڭغا ياقماي قالغاندۇر،بىر قېتىم تامىقىڭىزنى تۆكۈۋەتكەنگە ئۇنى نېرۋا كېسەل دىسىڭىز...بۇ..ھەي بولدىلا ئۇخلايلى...
بىز توي قىلىپ دەل بىر يىل بولغاندىن كېيىن بىز بەكمۇ ئارزۇ قىلىپ كۈتكەن مۇھەببىتىمىزنىڭ جەۋھىرى بولمىش خۇشخەۋەر"بويۇمدا قالغانلىقى"مەلۇم بولدى.بۇنىڭدىن ئىككىمىز شۇ قەدەر خۇشال بولدۇقكىن سېنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا ھاياجان بىلەن مېنى دەست كۆتۈرۈۋىلىپ پىرقىراپ كەتكەنلىكىڭ خۇددى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.بىراق بىر خۇشلۇقنىڭ كەينىدە ھامان بىر كۆڭۈلسىزلىك سايە بولۇپ تۇرغىنىدەك مەكتەپتىن سېنى يېڭى ئوقۇش ئىسلاھاتى بويىچە بىر يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىدىغان بولۇپ قالدى...بۇ گەرچە ئۇنچىلا كۆڭۈلسىز خەۋەر بولمىسىمۇ بىراق بۇ يىراق تاغلىق يېزىدا سەندىن باشقا دىل ئارامى بولمىغان مەن ئۈچۈن سەندىن ئايرىلىپ بىر يىل ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەن كۆزلىرىمدىن يامغۇر كەبى ياش تۆكۈپ تۇرۇپ قوبۇل ئېتىشقا تېگىشلىك ئىش ئىدى.
يېنىپ-يېنىپ تىلەك تىلەش،قىيماسلىق بىلەن ھىجران ياشلىرىمنى تۆكۈپ تۇرۇپ سېنى ئۇزۇتۇپ قويدۇم.سەنمۇ بارا-بارا غەلىتە مىجەز بولۇپ كېتىۋاتقان ئاپاڭنى ماڭا تاشلاپ،مەن ساڭا تازىمۇ مۇھتاج بولىدىغان مىنۇتلاردا يېنىمدا بولالمىغانلىقىڭدىن ئۆكۈنۈپ قىيالماسلىق ئىچىدە مېنى سەۋر-تاقەتلىك،چىداملىق بولۇشقا ئۈندەپ،قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تارتقان جاپالىرىم بەدىلىگە ھەسسىلەپ جاۋاپ قايتۇرۇدىغانلىقىڭنى سۆزلەپ تۇرۇپ كېتىپ قالدىڭ.ماڭا ئېغىر كېلىۋاتقىنى ھەرگىزمۇ ماڭا قالغان جاپالار ئەمەس..بەلكى سەندىن ئايرىلغاندىكى ھىجران ئازابى ئىدى جېنىم....
شۇنداق قىلىپ مەن قالدىم. سەن كەتكەندىن كېيىن ئاپاڭ تېخىمۇ غەلىتە بولۇپ كەتتى.بىراق بىر يېرى بۇرۇنقىدىن كۆپ جىمغۇرلىشىپ كەتتى.كۈن بويى نىمىلەرنىدۇر دەپ پىچىرلاپ كىملەرنىدۇر تىللاپ يۈرەتتى.ھەر قانچە يالغۇزلۇق تارتساممۇ،ئۇنىڭغا يېلىنساممۇ مەن بىلەن بىللە يېتىشقا زادىلا ئۇنىمايتتى.ئامالسىز خوشنامنىڭ مېنىڭ سىنىپىمدا ئوقۇيدىغان قىزىنى ھەمرا قىلىپ ياتاتتىم.سەندىن كېلىدىغان تېلىفۇنلار،ئوتلۇق مۇھەببەتكە تولغان ئۇچۇرلارلا كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرىدىغان بىردىنبىر خۇشاللىقىم ئىدى.
بارا-بارا كۈنۈم يېقىنلىشىپ قالدى،تەلىيىمگە ئوماق پەرزەنتىمىز يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچىدىغان چاغدا سەن مەلۇم بىر بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن قايتىپ كەلدىڭ....
         ...            ...                        ...
مانا ئوماق ئوغلىمىز 3 ئايلىق بولغان مۇبارەك كۈندە سەن ئوقۇشنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلدىڭ.ئەمدىكى كۈنلىرىمىز تېخىمۇ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتاتتى. ئوغلىمىزنىڭ گۇڭراشلىرى،سېنى ۋە مېنى كۆرگەندە بۆلەكچە بىر خىل تېپىرلاپ تەلپۈنۈشلىرى سەندىكى ئاتىلىق سېزىمنى ھەسسىلەپ كۈچەيتسە مەندىكى ئانىلىق مۇھەببەتنى تېخىمۇ ئۇرغۇتاتتى.ئۇنىڭ مىھرىڭ بىلەن باغرىڭغا بېسىپ،يىرىك ساقاللىرىڭنىڭ يۇمران يۈزلىرىگە سانجىلىپ قىرقىراشلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ چوكۇلدىتىپ سۆيگەن مىنۇتلىرىڭدا مەن چەكسىز مۇھەببەت،سۆيۈنۈش بىلەن ئىچىمدە ئۇلۇغ ئاللادىن بىز ئاتا،بالا،ئانا ئۈچىمىزنىڭ مەڭگۈ ئايرىلماي مۇشۇنداق بەختىيارلىق ئىچىدە ھاياتلىق ئېتىزىنى گۈل-چېچەكلەرگە پۈركەپ ئۆتۈپ كېتىشىمىزنى رەت-رەت تىلەيتتىم.
بىراق..بۇ خۇشال،بەختىيار مىنۇتلارنىڭ كەينىدە بىر قارا كۆلەڭگە ھامان ئەگىپلا يۈرگەندەك قىلاتتى.مېنى تولا قارا بېسىپ قالاتتى.چۈشۈمدە ئاپئاق كىيىم كىيگەن بىر ئايال دېرىزىدىن ئۇچۇپ كىرگىنىچە سېنى سىرتقا سۆرەيتتى.مەن قانچە قېتىملاپ مۇشۇنداق ئوخشاش چۈش كۆرگەنلىكىمنى بىلمەيمەن.شۇ قورقۇنچلىق چۈش ۋەھىمىسىدە چۆچۈپ ئۇيغىنىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمدا قارا باسقان بۇنداق يامان چۈشلەرنى دىسە ئەمىلىيەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ،ھىچكىمگە دىمەي ياخشىلىققا ئۆرۈپ قوپۇش كېرەك دىگەن مومامنىڭ گېپى بويىچە زادىلا ئېغىزىمدىن چىقارمايتتىم. قايسىدۇر بىر كۈنى چۈشۈمدە كۆرگەن ئايالنىڭ ئاپاڭغا ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى بىر دىنلا ئويلاپ قېلىپ يۈرىكىم ئاغزىمغا قاپلىشىپلا قالدى.شۇ كۈنلەردە ئاپاڭ پۈتۈنلەي كونتۇرۇللىقىنى يوقاتقان كەبى توختىماي بۇرۇنقى ئىشلارنى ھازىرقى ۋەقەلىكتەكلا سۆزلەيدىغان،بەزىدە ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتسە بەزىدە يىغلاپ قاغاپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى.سەن ئاپامنى قانچە قېتىملاپ زورلاپ،يىغلاپ-يالۋۇرۇپمۇ دوختۇرخانىغا ئاپىرالمىدىڭ.ئاخىرى دوختۇر تەكلىپ قىلىپ ئۇنى كۆرسەتتۇق."كىچىك مىڭە قورۇلۇش كىسەللىكى"..بۇ دىئاگنۇزنى ئاڭلىغان كۈنۈڭ بىر كۈن يىغلىدىڭ،دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئوتتۇرا مەزگىلى ئىكەن.بارا-بارا ئېغىرلاشقاندا چوڭ-كىچىك تەرەتنى تۇتالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن...بۇ ھەممىمىزنى قايغۇغا سالدى.دوختۇرخانىغا مەجبۇرى ئاپىرىپ ياتقۇزغان كۈنىمىز ئاپاڭ پۈتۈن ھەممىنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ دوختۇرخانىدىن قېچىپ چىقىپ كېتىپ بەكمۇ جاپا سالدى.ئاخىرى ئۆيگە ياندۇرۇپ كېلىشكە مەجبۇر بولدۇق.سەن ماڭا چاندۇرمىساڭمۇ مەن سېنىڭ كېچىلىرى ئۆرۈلۈپ ئۇھ تارتىپ ئۇخلىيالمايۋاتقانلىغىڭنى سېزىپ تۇراتتىم.مەنمۇ ساڭا ئوخشاشلا بەكمۇ ئازاپلاندىم.سەندىن ئايرىلىپ ياشىغان بۇ بىر يىل جەريانىدا مەن سۆيگەن ئادىمىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئازابىنى ھەقىقى ھىس قىلغان ئىدىم. شۇندىلا ئاپاڭنىڭ ئۆزى چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالغان،قەدىردان ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈزىنىمۇ كۆرەلمىگەننىڭ ئۈستىگە بىر تۇققان قېرىندىشىنىڭ ئۇنى رەھىمسىزلىك بىلەن تاشلاپ ھەممە نىمىنى ئېلىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلىگى ئەڭ يېقىن بىردىنبىر تۇققىنى بولمىش سېنىڭ ئاتا-ئاناڭنىڭ سەندەك سەبى ئوغلىنى يىتىم قىلىپ قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلىقىدەك ئېغىر بېسىمنى بىر سېنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ دىلىغا مەلھەم بولغانلىقىڭ،بىراق بۇ جان-جىگەرى بولمىش ئوغلىنىڭ كۆڭلىنىڭ بىر قىزغا بېرىلىپ ئۆزىگە بولغان پەرزەنىتلىك مىھرىگىمۇ باشقىلار تاجاۋۇز قىلىۋاتقاندەك ھىسسىياتلارنىڭ ئەسىرى بولۇپ كېلىۋاتقان ئاپاڭنىڭ قەلبىنى توغرا چۈشەنگەن،شۇنداقلا ئۇنىڭغا چىن قەلبىمدىن ھىسداشلىق قىلىپ ئۇنىڭ مېنى يامان كۆرۈشلىرىنى توغرا چۈشىنىپ،ئۇنىڭ ھالدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئېلىشقا بەل باغلىغان ئىدىم.....
ئاپاڭ بارا-بارا كىچىك تەرەتنى قويۇۋىتىدىغان بولۇپ قالدى.مەن بالىنى ئاپاملارنىڭكىگە ئاپىرىپ قويۇپ تەشكىلنىڭ غەمخورلىقى بىلەن ئورنۇمغا ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ئۆزەم قاراشقا باشلىدىم.بىراق بۇنىڭلىق ئاپاڭنىڭ مېنى يامان كۆرۈشلىرىگە چەك قويۇلمىدى.ئۇ توختىماي مېنى تىللايتتى.سېنىڭ ئىشتىن كېلىشىڭگە ئۈلگۈرتىپ بىز ئويلاپمۇ باقمىغان مېنى ئوڭايسىزلىققا چۈشۈرىدسىغان ئويۇنلارنى ھازىر قىلاتتى.سەن گەرچە بۇلارنىڭ ئاپاڭنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ھەم ئەينى يىللاردىلا ياخشى كۆرگەنلىرىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئايرىلىپ قالغاندىكى ئازابلىق ھىسسىياتلىرىنىڭ ئەسەبىي جەملىمىسى ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرساڭمۇ ،مېنىڭ نەقەدەر ئامالسىز،ئىلاجىسىز ھالەتتە ئاپاڭنىڭ بۇ ئىشلىرىغا زور تاقەت بىلەن چىداپ كېلىۋاتقانلىغىمنى بىلىپ تۇرساڭمۇ يەنىلا بىر-ئىككى قېتىم شۇ سەۋەبلىك كۆڭلۈمگە ئازارمۇ بەردىڭ.خۇلۇم-خوشنىلار يوقلاپ كىرگەندە بولسا ئاپام ساپ-ساقلا بولۇپ قالاتتى،بىراق ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىدىغانلىقىنى مېنىڭ ئۇلارنى ئارامىدا قويۇشۇمنى بۇيرۇيىتتى.،ھالبۇكى مېنىڭ ئۇلارنى بۇنداق ئارامىدا قويۇشۇم مېنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئاچچىق كىنايە،يامان كۆرۈشلەرگە قويدى.ئاپاڭنىڭ ئۇلارغا نىمىلەرنى دەپ نىمىلەرنى قويغانلىقىنى بىلمىسەممۇ بىراق ئۇلارنىڭ چىقىپ كېتىش ئالدىدىكى سېسىق گەپلىرى،بۇرۇن مېنى شۇنداق ئېسىل پەزىلەتلىك دەپ ماختايدىغان چوڭلارنىڭمۇ ماڭا بىر خىل ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراشلىرىدىنلا ئاپاڭنىڭ يەنە كەلسە-كەلمەس گەپلەر بىلەن مېنى يامانلىغانلىقىنى سېزەتتىم.بىراق بۇلارنى ئىچىمگە يۇتۇۋىتەتتىمكىن ساڭا دىيىشنى راۋا كۆرمەيتتىم.چۈنكى بۇ كۈنلەردە سەن ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدىڭ.كۈن بويى ناھايىتى بىر خىل بىئاراملىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتاتتىڭ،بەكمۇ كەم سۆز بولۇپ كېتىۋاتتىڭ،چىرايىڭ قانسىزلىشىپ تاتىرىپ كېتىۋاتاتتى.بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن سېنىڭ ئاپاڭنىڭ كېسىلىنى تولا ئويلاپ قوبۇل قىلالمايۋاتقانقىدىن دەپ كەلگەن ئىكەنمەن.ئاھ،لېكىن شۇ كۈندىكى ۋەقە ھەممىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى...
_مۇئەللىم،تېز،تېز بولۇپ..
-نىمە بولدى؟
-جۈرئەت مۇئەللىم،ئۇ،ئۇ
_نىمە؟ئۇنىڭغا نىمە بولدى؟؟
ئوقۇغۇچىمنىڭ ئارقىسىدىن ئەس-ھوشۇمدىن ئايرىلغان ھالدا يىقىلىپ-قوپۇپ يۈگۈردۈم.ئۇنىڭغا نىمە بولدى؟ئۇنىڭغا نىمە بولدى؟؟؟
ئىشخانىدا يېڭىلا ھوشۇڭغا كېلىپ چىرايلىرىڭ ئاپئاق تاتىرىپ كەتكەن ھالدا ياتاتتىڭ.يېزىلىق دوختۇرخانا مەكتەپنىڭ يېنىدىلا بولسىمۇ مەكتەپ مۇدىرى سېنى ئورنۇڭدىن قوزغاتماي دوختۇر چاقىرىپ كەلگەن ئىكەن.
_جۈرئەت نىمە بولدىڭىز،سىزگە زادى نىمە بولدى؟؟
سەن ھالسىز ھالەتتە بېشىڭنى چايقاپ قويدۇڭ.
-دوختۇر،ئۇ نىمە سەۋەپتىن بۇنداق تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشىدۇ؟ئۇنىڭغا زادى نىمە بوپتۇ؟_دوختۇرنىڭ كۆز ئىشارىتى بىلەنئۇنىڭ كەينىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا تەلمۈردۈم.بۇ ئوبلاسىتلىق دوختۇرخانىدىن پېنسىيەگە چىققان،نۇرغۇن نوپۇزلۇق دوىتۇرخانىلار يۇقىرى ھەق بىلەن تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ قانداقتۇر بىر ئىچكى سەۋەبلىرى بىلەن قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغان ئايالى ۋە بالىسىنىڭ جەسىتى قويۇلغان خىلۋەت تاغلىق يېزىغا قايتىپ كېلىپ يېزىلىق دوختۇرخناىدا قوشۇمچە ئىشلەپ ھەممە ئادەمنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان يات مىللەت دوختۇر ئىدى.
_ئۇنىڭ بۇنداق بولۇۋاتقانلىقىغا قانچە ئۇزۇن بولدى؟
_نىمە بولغانلىقىغا ؟؟
_نىمە..سىز راستىنلا بىلمەمسىز يا؟؟
-ياق دوختۇر ،ئېنىقراق ئېيتسىڭىزچۇ،ئۇنىڭغا زادى نىمە بوپتۇ؟؟
_ئۇنىڭ ئارقا تەرەت يولىدىن قان كېلىۋاتقانلىغىغا قانچە ئۇزۇن بولدى دەيمەن؟؟
_نىمە دىدىڭىز؟؟ئارقا تەرەت يولىدىن قان؟؟_تېخىمۇ قالايمىقانلاشقان ئەسەبىلەشكەن نېرۋىلىرىم بىردىنلا ھەركەتكە كەلدى.توغرا،سەن بىلىم ئاشۇرۇشقا ماڭىدىغان ۋاقىتتا بىر قېتىم سېنىڭ ئارقاڭدىنلا ھاجەتخانىغا كىرىپ قان يۇقىنى بايقاپ قالغان ئىدىم.سەندىن سورىسام سەن گېمىرۇي سەۋەبىدىن شۇنداق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىڭ .سەن ماڭغان ۋاقىتتا مەن ئرۈمچىدە ياخشىراق ۆۆرۈنۈپ بېقىشقا جېكىلىگەن بولساممۇ كېيىن ئىككى قات بولغانلىقىم،ئاپامنىڭ كېسىلى،ئائىلە ئىشلىرى،خىزمەت بېسىمى دىگەنلەرنىڭ تەڭلا مېنى بېسىۋىلىشى بىلەن سېنىڭ ھىچگەپ ئەمەس ئىكەن،دورا ئىچتىم،ياخشى دىگەنلىرىڭگە چىن پۈتۈپ مۇشۇ كەمگىچە سۈرۈشتۈرمىگەنلىگىم كەلدى.
_ھەي،-دوختۇر تەپسىلاتىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىشقا تولغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ بولسا بۈگۈن-ئەتىنىڭ ئىچىدىلا چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتىشىمنى ئېيتتى.يۈرىكىم قاتتىق سوقۇپ پۇت-قولۇمدا جان قالمىدى.سېنىڭ يېقىندىن بېرىقى روھىي ھالىتىڭ،كەمسۆزلىشىپ كېتىشىڭ،كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلاپ كېتىشىڭ...بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئويلىغىنىمدا قانداقتۇر بىر ۋەھىمە يۈرىكىمنى غاجاپ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى..
بىز ئاپامنى ئاپامنىڭ ئۇزۇن يىللىق خوشنىسى ھەلىمە ھەدەمەگ تاپشۇرۇپ قويۇپ ئوبلاستلىق دوختۇرخانىغا تەكشۈرۈنۈشكە كەتتۇق.بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان ئاپام-داداملار ھەممىنى ئالدىنئالا تەق قىلىپ تۇرغان ئىكەن.يۈزەكى تەكشۈرۈنۈشتىن كېيىنلا بىز ياتاققا ئورۇنلىشىپ سېستىمىلىق تەكشۈرۈنۈشكە بۇيرۇلدۇق.سەن بۇنىڭدىن نارازى ئىدىڭ،"مەن ھىچنىمە بولمىدىم،سىز ئىشنى چوڭايتىپ"دەپ مەندىن نارازى بولاتتىڭ،"ئاپام يالغۇز،خەقنىڭ قولىغا قالدى"دەپ قىيدايتتىڭ.مەن بىچارىلەرچە مۆلدۈرلەپ تۇرۇپ سېنىڭ خاپا بولۇش،قىيداشلىرىڭغا تاقەت قىلاتتىم.چۈنكى يېزىدىكى دوختۇرنىڭ چوڭقۇر ئېچىنىش ئارىلاش ماڭا قاراپ بېشىنى چايقىشى ھەر مىنۇت كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى.مانا ئەڭ ئاخىرقى دېئاگنۇز چىقىپ دوختۇر مېنى چاقىرىتتى.مەن قاتتىق غەيرىتىم بىلەن يۈرۈكۈمنى بېسىۋالغان ۋەھىمىلىك خىياللارنى نېرى قوغلاشقا ئۇرۇنۇپ ئىچىمدە مىڭلاپ-يۈزمىڭلاپ ئاللاغا ئىلتىجا قىلىپ تۇرۇپ مەسئۇل دوختۇرنىڭ قېشىغا كىرگىنىمدە مەسئۇل دوختۇر قولىدىكى قانداقتۇر بىر نىمە يېزىلغان قەغەزگە قاراپ تۇرغان ئىكەن.ئۇ كۆزەينىكىنى سەل يۇقىرى سۈرۈپ قويۇپ ماڭا تىكىلدى:
_سىز بىمارنىڭ نىمىسى بولىسىز؟
_ئايالى،_ئاۋازىم تىترەپ چىقتى،
_يولدىشىڭىزنىڭ بۇنداق بولۇۋاتقانلىغىغا قانچىلىك ئۇزۇن بولدى؟؟
مەن يېزىدا دوختۇرغا دىگەن تەپسىلاتلىرىمنى ئېيتىپ بەردىم.
-ئۇ بۇرۇن دائىم قەۋزىيەت بولامتى؟؟
_بەزىدە ھەپتىلەپ ئىچى ئۆتۈپ بەزىدە قەۋزىيەت بولۇدۇ،تۇراقسىز..
_دوختۇر ،ئۇنىڭ كېسىلى.._مەن ئىلتىجا بىلەن دوختۇرنىڭ "چوڭ ئىش يوق"دىيىشىنى كۈتۈپ تەلمۈردۈم.يۈرىكىم قاتتىق سوقۇپ پۇت-قوللىرىم بوشىشىپ پۈتەۈن بەدىنىم چىلىققىدە تەرگە چۆمۈپ كەتتى.
_ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىڭ،بىز ئىمكانقەدەر تىرىشىمىز،ئۇنى دەرھال ئوپراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ،ئۇ "تۈز ئۈچەي راكى"ئىكەن ئوتتۇرا باسقۇچقا قەدەم قويۇپ بوپتۇ.باشقا ئەزالارغا تارقالدىمۇ ،دائىرىسى قانچىلىك بۇلارنى ئوپراتسىيەدىن چىققاندىن كېيىن ئېنىق دىيىشكە بولۇدۇ...
"راك،راك،راك"
ئاھ،قۇلاقلىرىم پاڭ بولۇپ قالسىچۇ..ياق دوختۇر..سىز خاتالاشتىڭىز،،ياق..مۇمكىن ئەمەس..مۇمكىن ئەمەس....
دوختۇرنىڭ ئاخىرقى گەپلىرى قۇلىقىمغا ئاڭلانمىدى.ئۆزۈمنىڭ ھاياتلىقىمنى ئىلغا قىلالمايۋاتاتتىم..كۆزلىرىمگە ھىچنىمە كۆرۈنمەيۋاتاتتى.پەقەت ئالدىمدىكى بوشلۇقتا "راك"دىگەن بۇ خەت پۇلاڭلاپ يېقىمسىز ھىجىيىپ تۇراتتى،ئۇنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتنى يالماپ يۇتۇۋىتىشكە ھېرىس يوغان ئېغىزلىرى مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئادىمىم،ئوماق ئوغلۇمنىڭ تايانچىسى بولغان.ئۆزىنىڭ يېتىملىك كوچىسىدا سەرسان بولۇپ ئۆسكەن قەلبىگە بار مۇھەببىتىنى بېرىپ چوڭ قىلغان ئاپىسىنىڭ كېسىلى سەۋەبىدىن يۈرەكلىرى لەختە بولغان،ئوغلۇم تەۋەللۇت بولغان كۈنى كۆزلىرىدىن ھاياجانلىق ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ "مەن بىر يېتىم،ئاللا خالىسا سېنى ھەرگىزمۇ بۇ يېتىملىك كوچىسىدا سەرسان قىلمايمەن جىگىرىم"دىگەن بۇ سۆيۈملۈك سىماغا قاراپ ئېچىلىۋاتاتتى...ئاھ،،ياق،ياق،مەن قانداقمۇ بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلەي،بۇ كېسەلنىڭ ئىسمى ئاتالغانلارنىڭ قايسىبىرى تۇرمۇشنىڭ كېيىنكى گۈزەللىكلىرىدىن بەھرىمان بولالىدى؟؟مەيلى ئالدىنقى،مەيلى ئوتتۇرا،مەيلى ئاخىرقى مەزگىلى بولسۇن قايسىبىرى ئەجەل چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالىدى..مۇمكىن ئەمەس،،بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس...
دەلدۈگنۈپ،دەلدەڭشىپ چىقىپ ماڭا قاراپ كېلىۋاتقان كىمدۇر بىرسىگە ئېسىلدىم...كېسەلخانا زالى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىچ-ئىچىمدىن يامراپ چىقىۋاتقان پىغانلىق نىدالارنى ئۈنسىز بۇقۇلداپ تۇرۇپ قانچىلىك تۆكتۈم بۇنىسى نامەلۇم....
ئۆزۈمنى تۇتۇۋىلىشقا پۈتۈنلەي ئامالسىز ئىدىم...
...           ...              ...
شۇنداق قىلىپ سېنى ئوپراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇردۇق.ھەممىمىز قايغۇغا چۆمگەن ئىدۇق.ئاپام ئاپاڭنى چوڭ ئۆيگە ئەكىلىۋالغان ئىدى.بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭغا قارىغۇدەك ئادەممۇ يوق.بىز قانچىلىك يۇشۇرساقمۇ سەن بۇ جىددىيچىلىكلەردىن ھەممىنى بىلىپ قالغاندەك قىلاتتىڭ،كەچلىرى كۆزلىرىمگە تەلمۈرۈپ تۇرۇپ كېسىلىڭنىڭ زادى نىمە كېسەل ئىكەنلىگىنى سورايتتىڭ.مەن ئۇنى،بۇنى دىسەممۇ چىرايىمنىڭ زەپىراندەك تاتىرىپ،پات-پات كۆلزىرىمگە بىر نىمە كىرىپ كېتىش باھانىسى بىلەن كۆلزىرىمنىڭ قىزىرىپ كېتىشىدىن سەن قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى ھىس قىلغاندەك ئىدىڭ،سىڭلىمنىڭ بالىنى ئەكىلىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالاتتىڭ،بالىنى ئېلىپ كەلگەندە بولسا سەن تۈزۈكرەك قېنىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن بۇ سەبى يۈرەك پارەڭنىڭ ئاپئاق ئۆي،كېسەل كىيىمى،ئېلىنماي يىرىكلەشكەن ساقال-بۇرۇتلىرىڭنىڭ سانجىلىشلىرىدىن قېچىپ بولالماي قىرقىراپ يىغلاشلىرىغا پىسەنىت قىلماي ئۇنى مەھكەم باغرىڭغا بېسىۋالاتتىڭ،بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرە مېنى تازىلىق ئۆيگە چىقىپ ئۆكسۈپ يىغلاشقا، پەريات ئۇرۇشقا ،باشقىلارنىڭ ئارامى ئۈچۈن لەۋلىرىمنى چىشلەپ بۇقۇلداشقا مەجبۇر قىلسا ياتاقتىكى باشقا كېسەللەر ۋە ئۇلارنىڭ قارىغۇچىلىرىنى ئۈنسىز مىشىلداشقا مەجبۇر قىلاتتى..
سېنى ئەتە ئوپراتسىيە قىلىدۇ دىگەن كۈنى كۆپ ئويلىنىشلار ۋە سېنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىڭ بىلەن ئاپاڭنى ئەكىلىپ سەن بىلەن كۆرۈشتۇردۇق.بىزنىڭ پۈتۈن تىرىشچانلىقلىرىمىز پۈتۈنلەي بەربات بولدى.ھىچنىمە ئاڭلىمىغاندەك،ھىچنىمە كۆرمىگەندەك يۈرگەن ئاپاڭ سېنى كۆرۈپ ئاۋال سېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۈن سېلىپ تازا يىغلىدى،دوختۇر-سېستىرالارنىڭ خاپا بولىشىدىن،سېنىڭ تېخىمۇ ھالسىزلىنىپ ئوپراتسىيەگە بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىشىڭدىن ئەنسىرەپ ئۇنى سەندىن ئاجرىتىشقا قانچە كۈچىسەكمۇ ئامال بولمىدى.تازا يىغلاپ توختىغاندىن كېيىن تىترەڭگۈ ئاۋازدا چاچلىرىڭنى سىلاپ تۇرۇپ"جېنىم بالام،سېنى ئوپراتسىيە قىلىدۇ دەيدۇ،دوختۇرغا دە،ئوپراتسىيە قىلغان يېرىڭنى چىرايلىق تىكسۇن،بولمىسا قورسىقىڭ سەت بولۇپ قالىدۇ،قورۇقما،بۇ راك دىگەن قانچىلىك نىمىتتى..مەنمۇ بۇرۇن ئاسما ئوكۇل سالغۇزۇپ ياخشى بولۇپ كەتكەن "دىدى.ئاھ.مەن سېنىڭ كۆزلىرىڭنى يوغان ئېچىپ "راك،راك"دىگەننى تەكرارلىغىنىڭچە قېتىپ قالغىنىڭنىلا ئىلغا قىلالىدىم.
_ئاپا،-مەن ئاجىز كەلدىم،ئاپاڭ مېنىڭ سوزۇلغان قوللىرىمنى ئىتتىرىۋىتىپ يەنە نىمىلەرنىدۇر دىگىنىچە توختىماي كۈلۈشكە باشلىدى.
قانچىكى تەسەللى،قانچىكى چۈشەندۈرۈشلەر ھەممىسى سېنىڭ ئۈچۈن بىكار ئىدى.مەن سەن بىلەن تەڭ يىغلاپ-قاخشاپ تاڭنى ئاپپاق كۈتۈۋالدىم.
ئوپراتسىيەگە كىرىشنىڭ ئالدىدا بالىمىزنىڭ پىشانىسىگە سۆيدۈڭ،قوللىرىمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ قىيماسلىق بىلەن كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە تەلمۈرۈپ قاراشلىرىڭ كۆز چاناقلىرىمدا قېتىپ قالدى..
بىر ئەسىر..ياق،ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بىلىنگەن ئوپراتسىيە ۋاقتى توشۇپ سېنى ئېلىپ چىقتى.دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە بىز ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇق،باشقا ئەزالارغا تاراپ كېتىپتۇ.ئۈچەيدىكى يارا ئورنى چوڭ بولغانلىقتىن ھەر ۋاقىت چوڭ قاناش يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى بار ئىكەن.ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسابىز ئىدىيەرىمىزدە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك ئىكەن....
...
بېشىڭدا تۇرۇمەن،ھەممە قېرىنداشلىرىم،دادام بېشىڭدا.دوختۇر ئېيتقان ئاقىۋەت دەرۋەقە يۈز بەردى،ئادەم دىگەن شۇنداقمۇ چىداملىق بولىدىكەن.سەن دوختۇرخانىغا كىرگەن كۈندىن باشلاپ تۈزۈككىنە بىر نىمە يىگەنلىگىمنى،تۈزۈككىنە ئۇخلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن،ئاپام،سىڭلىملارنىڭ دىيىشىچە گۆردىن قېزىۋالغاندەك جۈدەپ كېتىپتىمەن.بىراق ئەينەككە قاراپ باقمىدىم،قارىغۇممۇ يوق.كاللام قۇپ-قۇرۇق،ئاڭسىز،تەپەككۈرسىز ھالەتتە ساڭا بىر ساڭىلا سېنىڭ قانسىز ئاقىرىپ كەتكەن يۈزلىرىڭگە،تېخىمۇ قارىداپ ئۇزىرىغان قاش-كىرپىكلىرىڭگە قاراپلا ئولتۇرۇمەن.قەدەممۇ-قەدەم يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان ئەزرائىلنىڭ قەدەملىرىنى توسۇۋىلىش ئىمكانىيىتى بولۇپ قالارمۇ دەپ ھەر بىر كىرىپ نىمىلەرنىدۇر ئۆلچەپ،نىمىلەرنىدۇر يېزىپ چىقىپ كېتىۋاتقان دوختۇر-سېستىرالارغا تەلمۈرۈمەن،شۇ مىنۇتلاردا بۇنىڭ بىر قورقۇنىچلىق چۈش بولۇپ قېلىشىنى،كىمنىڭدۇر قاتتىق چىمدىشى بىلەن سىلكىنىپ ئۇيغىنىپ كېتىشىنى قانچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم-ھە؟؟ئەپسۇس..بۇ رىئاللىق،كۆز يۇمغۇسىز رىئاللىق ئىدى.سەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئىلتىماس بىلەن ئەكەلدۈرگەن ئوغلۇڭنىڭ يۈزلىرىنى ھالسىز قوللىرىڭ بىلەن سىلىدىڭ،دادامغا مېنى،ئوغلىمىزنى تاپشۇردۇڭ،ھەممىسىگە رازىلىق بەردىڭ.ئاپاڭنى ئەكىلىشكە قالغان ئاپامنى سورىدىڭ،نىمىشقا تېز كەلمەيدىغانلىقىغا نارازى بولدۇڭ،قوللىرىمنى ئاستا يوتقان ئىچىدىكى پۇتلىرىڭغا ياقتىم،ئاھ،پۇتلىرىڭ مۇزلاپ كەتكەن ئىدى.سەن قانداقتۇر گەپلىرىڭ باردەك ماڭا قىيالماسلىق بىلەن قارايتتىڭ،دادام نىمىنىدۇر چۈشەندى ئىھتىمال،باشقىلارنى ئېلىپ ئاستا چىقىپ كەتتى.
_دىل،مېنى كەچۈرۈڭ،مېنىڭ سۆيۈملۈك پەرىشتەم..مېنىڭ "ئەسكى خوتۇنۇم"(بۇ گەپنى داۋاملىق دەپ مېنى تېرىكتۈرەتتىڭ)
_نىمىشقا كەچۈرۈم سورايسىز؟؟
_سىزەگ بەرگەن ۋەدەمگە ئەمەل قىلالمىدىم،ئوغلۇمغا بەرگەن ۋەدەمدە تۇرالمىدىم،سىزنى،بالىنى تاشلاپ كېتىدىغان بولدۇم،،يەنە تېخى كېسەلچان ئاپاممۇ بار..سىز مەن بىلەن توي قىلىپ زادىلا بەخىتلىك بولالمىدىڭىز،راھەت كۆرمىدىڭىز،تۈگىمەس جاپا بىلەنلا ئۆتتىڭىز..مەن بەك،بەك خېجىل..
_ئۇنداق دىمەڭ،سىز ياخشى بولۇپ كېتىسىز،بالىمىزنى،ئاپامنى ئىككىمىز يەنە تەڭ باقىمىز..ياق سىز مېنى تاشلاپ كەتمەيسىز..._مەن بۇقۇلداپ يىغلىغىنىمچە ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سىلىدىم.
_ياق،ئۆزۈمگە ئايان..
_بولدى سۆزلىمەڭ جېنىم..مەن ھەرگىزمۇ سىزدىن ئاغرىنىپ باققان ئەمەس..
_ياق،مېنى سۆزلىگىلى قويۇڭ،يەنە بىر ئازدىن كېيىن مەڭگۈلۈك سۆزلىيەلمەس بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن.مەن سىزنى سۆيىمەن،سىزگە راستىنلا قىيالمايۋاتىمەن،بالىمىزنى ياخشى تەربىيىلەڭ،،ھەممە جاپا سىزگىلا قالدى..سىزگە قىيمىساممۇ ئامال يوق،سىز..چوقۇم يەنە ياتلىق بولۇڭ،مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.مەن بىلەن توي قىلىپ تارتقان جاپالىرىڭىزغا خاتىمە بېرىڭ بولامدۇ؟؟سىز..سىز ماڭا ۋەدە بېرىڭ..چوقۇم.._سەن ھاسىراپ كەتتىڭ،تىنىقلىرىڭ ئىتتىكلەپ كەتتى.مەن قورقۇپ دەرھال دوختۇر چاقىرماقچى بولدۇم.
_ياق،توختاپ تۇرۇڭ،ئاستىمدىكىنى ئېلىۋىتىڭە،بەك پېتىپ كەتتى.
قوللىرىمنى سېنىڭ ئاستىڭغا قويۇلغان سۇ سۈمۈرگۈچكە ئۇزاتتىم..قان،،قىپ-قىزىل قان..سۇ سۈمۈرگۈچ ئىچىڭدىن چىققان قاندىن ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئىدى.سەن تۇيۇقسىز سىلكىندىڭ-دە،قوللىرىمنى ئاجايىپ كۈچ بىلەن سىقتىڭ:
_ياق،ياق،،مەن سىزەگ قىيمايمەن،ياق.._ئۈمۈدسىز ھالەتتە نىدا قىلدىڭ،_ئاھ ھايات،مەن سېنى سۆيەتتىم،مەن بۇنداق كېتىپ قېلىشنى خالىمايىتتىم.دوىتۇر چاقىرىڭ،مېنى قۇتقۇزۇۋالسۇن،مەن..مەن..سىز.._قوللىرىمنى چىڭ تۇتۇۋالغان قوللىرىڭ شالاققىدە چۈشۈپ كەتتى.
_ياق..جۈرئەت،،جۈرئەت..غەيرەت قىلىڭ...دوختۇر....
_ئوغلۇم،مېنىڭ ئوغلۇم قېنى؟؟
سەن زارىقىپ كۈتكەن ئاپاڭ دات سالغىنىچە كىرىپ ئۈستۈڭگە تاشلاندى،كىملەردۇر ئۇنى ئۈستۈڭدىن ئاجرىتىۋىتىشكە ھەركەت قىلىۋاتاتتى.
-ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋىتىڭلار!!_زەئىپ ئاۋازدا نىدا قىلدىم.شۇ ئارىدا ئاپاڭ قاتتىق بىر چىرقىرىدە بىر ئىككى خارت قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ جىمىپ قالدى.
_ئاپا،ئاپا،سىزگە نىمە بولدى..تېز دوختۇر چاقىرىڭلار،،تېز...
دوختۇرنىڭ ئۈمىدسىز باش چايقىغانلىقىنى غۇۋا كۆرگەندەك بولدۇم..پۈتۈن دۇنيا..پۈتۈن كىشىلەر پىرقىراۋاتاتتى..سەن كىشىلەر توپى ئىچىدىن چىقىپ كۈلۈمسىرىگىنىڭچە ماڭا قاراپ قول ئۇزىتىۋاتاتتىڭ،ئىھ نىمىدىگەن يېقىملىق كۈلكە،نىمىدىگەن ئىللىق دۇنيا،ئاپئاق كىيىملەر بىلەن چىرايلىرى نۇرلانغان ئاپاڭ ناھايىتى يېقىملىق تەبەسسۇم بىلەن ماڭا قول ئىشارىتى قىلىۋاتاتتى.مەن توي قىلىپ بۇ تۆت يىل ئىچىدە مەيلى قانچىلىك يېقىنچىلىق قىلماي،مەيلى قانچىلىك ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرمەي بۇنداق يېقىملىق كۈلگەنلىگىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم.ئەزىزانە ئادەملىرىنىڭ مىھرىبانىنىڭ كۈلكىسىنى كۆرۈشمۇ قانداق راھەت ھە؟!مەن بار كۈچۈم بىلەن ساڭا قاراپ يۈگۈردۈم،شۇ تاپتا سېنىڭ قېشىڭغا يېتىپ بېرىپ سېنىڭ قولۇڭنى مەھكەم تۇتۇش،سېنىڭ باغرىڭغا بېشىمنى قويۇپ تۇرۇپ بەخىتتىن دۈپۈلدىگەن يۈرىكىمنىڭ تىۋىشلىرىنى ساڭا بىلدۈرۈشتىن ئۆزگە ئارمان يوق ئىدى.بىراق،نىمە ئۈچۈنكىن مىخلىنىپ قالغاندەك جايىمدىن مىدىرالمايىتتىم.سەن نىمىشقا مەن تەرەپكە كەلمەيدىغانسەن؟؟نىمىشقا ماڭا ياردەم قىلمايدىغانسەن؟؟پۇتلىرىمغا ئېسىلىۋالغان نىمىدۇر..بۇ.بۇ كىمنىڭ كىچىك بالىسى؟؟كىم بالىسىنى بۇ يەرگە تاشلاپ قويدىكىنە..ۋۇ تاش يۈرەك نائەھلىلەر..نىمىدىگەن ئوماق بالا بۇ..بۇنداق ئوماق بالىنى تاشلاپ قويغان قايسى تاش يۈرەك نائەھلى ئانا..بۇ قانداق ئىش..بۇ بالا بىر دەمدىلا ساڭا ئوخشاپ قالدىغۇ،بىر چاغدا ئاپاڭ سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ تۈگەپ كەتكەندە سېنىڭ مۇشۇنداق قالغانلىقىڭنى ئېيتىپ بەرگەندەك قىلغان ئىدى،بۇ شۇ ۋاقىتتا ئاپاڭ تەسۋىرلەپ بەرگەن ساڭا نەقەدەر ئوخشايدۇ-ھە؟؟
"بالىمىزنى سىزگە تاپشۇردۇم،ھەممە جاپانى سىزگە قويۇپ قويىدىغان بولدۇم،بالىنى ياخشى تەربىيىلەڭ!!"سەن زادى كىمگە گەپ قىلىۋاتىسەن ئەزىزىم؟؟ بىزنىڭ بالىمىز،بۇ بىزنىڭ بالىمىزمۇ،توغرا ئۇ ساڭا نىمانچە ئوخشايدۇ،ئۇ قۇچىقىمغا چىقىپلا يىغىدىنمۇ توختىدىغۇ.يەنە تېخى ماڭا قاراپ شۇنداق تاتلىق كۈلۈۋاتىدۇ..ئۇھ ئۇنىڭ كۈلكىسى نىمانچە تاتلىق..مەن زادى نەدە،بۇ زادى قەيەر؟؟
_قىزىم،_بۇ ئاۋاز ئاپامنىڭ ئاۋازىغا نىمانچە ئوخشايدۇ؟ئۇ كىمدۇ ،نىمانچە يىغلايدۇ؟؟
_ئۇنداق قىلمىغىن،كۆزۈڭنى ئاچقىن،بالىغا بىزگە سەن بولمىساڭ بولمايدۇ،_ئەمدى بۇ كىمدۇ؟ئۇنىڭ ئاۋازى ئەجەپ مىھرىبان،دادامنىڭ ئاۋازىغىلا ئوخشايدىغۇ؟؟
ۋاي-ۋۇي،بۇ نىمانچە كۆپ كۆلەڭگۈلەر،غۇۋا مېدىرلاۋاتقان كىملەردۇر بۇ؟؟ۋايەي،تامىقىم قۇرۇپ كېتىپتۇ،ماڭا سۇ بەرسە بولمامدىغاندۇ،سۇ..سۇ..
_دوختۇر ئۇ ھوشىغا كەلدى،دوختۇر..!!
    ...     ...             ....
    شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئايلارنى قوغلاپ تۈگىمەس يىغا-زارە،ئازاپلىق تولغىنىش،كېچە-كېچە ئۇيقىسىز تۈننى تاڭغا ئۇلاشلار...ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى.مەن بىرلا ۋاقىتتا سېنى ھەم سېنى بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىقىنىڭ بىردىنبىر تۈۋرىكى قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئاپاڭنى تەڭلا ئۇزۇتۇپ قويدۇم.ئاخىرقى نەپسىڭگىچە مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىمدىن قايغۇرۇپ گەرچە خالىمىساڭمۇ ماڭا بەخىت تىلەپ،كېسەلچان ئاپاڭنىمۇ ماڭا قويۇپ قويغانلىقىڭدىن ئۆكۈنۈپ زارلانغان ئىدىڭ،سەن ئۈچۈنلا بۇ ھاياتلىقنى، سېنى ئەڭ ئاخىرقى خۇشاللىقى قىلىۋالغان ئاپاڭ بۇ زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئىدى.دوختۇرلارنىڭ دىيىشىچە قاتتىق ئەسەبى ئازاپتىن مىڭە قان تومۇرلىرى يېرىلىپ كەتكەن ئىكەن.مەن ھىچنىمىنى بىلمەي،ھىچنىمىگە ئارىلاشماي،سېنىڭ ئاپاڭنىڭ تاۋۇتلىرىنى ئايلىنىپ ھەممە دەرت-پىغانلىرىمنى تۆكۈپ يىغلاشلاردىن مۇستەسنا ھالدا دوختۇرخانىدا ھوشۇمدىن كەتكىنىمچە ئون بەش كۈن ھوشسىز يېتىپتىمەن.دوختۇرنىڭ دىيىشىچە تېنىم قاتتىق ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھىچقانداق ئوشۇق ھاياجانلىنىشلارنى كۆتۈرەلمەيدىكەنمەن،چوقۇم قاتتىق كۈتۈنۈشۈم كېرەك ئىكەن.سېنىڭ ۋە ئاپاڭنىڭ نەزىر-چىراق ئىشلىرىنى داددام باش بولۇپ ئۆتكۈزدى.ھالبۇكى مەن دوختۇرخانىدا يېتىشتىن باشقا ھىچنىمە قىلالمىدىم.مەن قانچىلىك يالۋۇرماي،ئاچچىقلانماي،زارلانماي،دوختۇرخانىدىن چىقىشىمغا دوختۇرمۇ،ئاتا-ئاناممۇ قوشۇلمىدى،شۇنداق قىلىپ مەن سەن ئۈچۈن ياقا يىرتىپ يىغلىيالمىدىم،دات-پەريات بىلەن ئىچىمدىكى دەرت-پېغانلىرىمنى تۆكەلمىدىم.پەقەت دوختۇرخانىدا ئۈنسىز يىغلاشقا،سائەت-سائەتلەپ روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك تامدەك تاتىرىپ يېتىشقا مەجبۇر بولدۇم.دوختۇرلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى،ئاتا-ئانامنىڭ كۆيۈنۈشى بىلەن قىرىق كۈن ئۆپچۆرىسىدە دوختۇرخانىدىن چىقتىم.مۇشۇنچىلىك ياخشى بولۇشۇمغا يەنە سېنىڭ ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن بىردىنبىر ئۈمۈدۈڭ بولغان ئوغلۇم سەۋەبچى ئىدى.دوختۇرخانىدىن چىقىپلا ئۆيدىكىلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا قارىماي ئاشۇ يېزىغا،سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن گەرچە قىسقا ھەم جاپالىق بولسىمۇ مەن ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان خاتىرىلىرىمنىڭ ئۇۋىسى بولغان ئۆيۈمگە كەتتىم.ئاپام بىر يىلغا قەدەر ھەمرا بولدى.كېيىن مەن ئۇنى ئۆزۈم كەتكۈزۈۋەتتىم.چۈنكى ئاپام مېنىڭ يىغلىشىمغا،تاڭ سەھەرلەردە دېرىزىنى ئېچىۋىتىپ سەن ۋە ئاپاڭنى مەڭگۈلۈك قوينىغا ئالغان تاغ باغرىدىن كېلىۋاتقان سەھەر شامىلىدىن قېنىپ-قېنىپ سۈمۈرۈشۈمگە،سەن چۈشۈمگە كىرگەن ئاخشاملىرى ئەلبۇمنى ئېلىپ جانسىز سۈرىتىڭنى كۆز ياشلىرىم بىلەن نەمدەپ،سەن بىلەن خىيالەن پىچىرلىشىپ چالا قالغان ئارمانلىرىمنىڭ،ئارزۇلىرىمنىڭ داۋامىنى ئېيتىشىمغا،تالادا ئويناپ كىرگەن ئوغلۇمنىڭ"ئاپا،دادام كېنى؟؟ئۇ كاچان كېيىدۇ؟؟"دىگەن سەبى سۇئاللىرىغا ئۇنى قۇچاقلاپ بەزلىگەچ،تارام-تارام ياشلىرىمنى يۇشۇرالماي قىينىلىشلىرىمغا ،جىمجىت كېچىلەردە بۇقۇلداپ يىغلاپ "ئەزىزىم،بىزنى تاشلاپ كەتمەڭ!!سىز بىزنى تاشلاپ كەتسىڭىز بولمايدۇ"دەپ نىدالىق جۆيلۈشلىرىمگە،سىرىتتىن"شۇم ئاياغ ئىكەن،ئازغىنە ۋاقىتتا ساپ-ساق ئىككى ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى""ياش،چىرايلىقلا تۇل قالدى،ئەرلىرىمىزگە ھىزى بولايلى"دىگەندەك ئىنسان تەبىئىتىمىزگە سىڭىپ كەتكەن پىتنىخۇرلۇق كىسىلىنىڭ ئاسارىتىدە قالغان ناتىۋانلىرىمىزنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا ئۆيگە كېلىپ بارلىق ئەلەم،نىدالىرىمنى سەن ئۆز ۋاقتىدا بەكمۇ ياىشى كۆرىدىغان"شەھلا كۆز"دەپ ئەركىلىتىدىغان كۆزلىرىمدىن ئېلىشىمغا چىداپ بولالمايىتتى....
شۇندىن بېرى مەن سېنىڭ،مېنىڭ ئىزىم چۈشكەن،بىز تۇنجى تونۇشقان.ئۆزىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىكلەر سېپىغا قوشۇشقا ئاساس بولغان سۆيۈملۈك كىچىككىنە ئائىلىمىز بار مۇشۇ تاغلىق يېزىدا ياشاپ كېلىۋاتىمەن.ناگان-ناگان چۈشلىرىمگە كىرىپ قالىسەن،شۇ كېچە مۇشۇ تاتلىق،ئاچچىق،ئازاپلىق ئەسلىمىلەر كۆزلىرىمدىكى ئۇيقۇ پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلايدۇ،بۇ كارتىنىلار ئىچىدە تىنماي ئايلىنىدۇ،يىغلايدۇ،ئۆكسۈيدۇ،ئەلەملىك ئۇھ تارتىدۇ.....
_ئاپا،مەن ئۇسساپ كەتتىم،
چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇردۇم،تاڭ سۈزۈلۈپ يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ بېتى ۋاراق ئاچقان ئىدى...
 
سۆيۈملۈك ئوقۇرمەنلەر،بۇ بىر راست بولغان ۋەقە.مېنىڭ بۇ پىرسۇناژلىرىم ھېلىمۇ ئاشۇ خىلۋەت يېزىدا ئەسلىمە سېغىنىشنى ھەمرا قىلىپ ياشاپ كەلمەكتە،ھايات ئۇنى ئەلەملىك يىغلىتىپ يېقىن ئادىمىدىن ئايرىغان بولسىمۇ شۇ ئادىمىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن يۈرەك پارىسى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تەسەللىسى.ئۇ مەيلى سىرىتلاردا قانچىلىك پىتنە-ئېغۋالارغا ئۇچرىسۇن،تۇرمنۇشىدا ئەركىشى قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھۆددىسىن يالغۇز چىقىپ نازۇك جىسمى سۇلمىسۇن ئۇنىڭغا ئىمىد بولىدىغىنى يەنىلا يۈرەك پارىسى.ئۇ ھەر ۋاقىت يولدىشىنىڭ"مەن بىر يېتىم،ئەمدى سېنى يىتىملىك كوچىسىدا سەرسان قىلمايمەن جىگىرىم"دىگەن گېپىنى ئەسلەپ تۇرۇدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ تۇرمۇشىدىكى ھەر قانداق ئېغىر مۇشكۇلاتلارنى يېڭىشكە بەل باغلىغان.بىز ئۇنىڭغا جاسارەت،كۈچ تىلەيلى،بەخىت تىلەيلى،ئىشىنىمەنكى ئاللانىڭ ئېغىر سىناقلىرىدىن ئۆتكەن كىشىلا ھەقىقى راھەت ،بەخىتنىڭ ئىگىسى بولالايدۇ.


查看完整版本: [-- جىمجىت كېچىدىكى يىغا ئاۋازى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled