查看完整版本: [-- لوڭقا شەكىلدىكى ماقال - تەمسىللەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇراقلىق ئىبارىلەر -> لوڭقا شەكىلدىكى ماقال - تەمسىللەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2012-03-01 11:42

لوڭقا شەكىلدىكى ماقال - تەمسىللەر

سۇغا سالساڭ سۇ كۈتۈرەلمەس مىسقال تۈمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى . 'A,)PZL9i  
ئادەم قېرى بولغان بىلەن كۆڭلى قېرىماس، دەرەخ قېرى بولغان بىلەن يىلتىزى قۇرۇماس. H @te!EE  
ئادەم كۆركى يۇزدۇر، يۇزنىڭ كۆركى كۆز، ئېغىز كۆركى تىلدۇر،تىلنىڭ كۆركى سۆز. >uxAti\  
ئەسكى چاپان كىيگەندە ياخشى، يامان تۇققان ئۆلگەندە. $|N\(}R  
ئالتۇنچىنىڭ بىر ئۇرغىنى، تۆمۈرچىنىڭ مىڭ ئۇرغىنى. 7u:QT2=&  
مەنمۇئىدىم سېنىڭدەكسەنمۇ بولارسەن مېنىڭدەك. [ @2$W?0i  
باي ماختانسا تېپىلىدۇ، يوق ماختانسا چېچىلىدۇ. <`u_O!h  
بىر سەر ئالتۇنۇڭ بولغىچە، بىر سەر ئەقلىڭ بولسۇن. fX2OH)6U  
ئاتمىش ياشلىقتىن سورىما، ئالتە ياشلىقتىن سورا. }qR6=J+Dx  
جان چىققاندىن كېيىن، ياسىننىڭ نېمە ھاجىتى. <`?%Cz AO  
ئاچلىقتا تۇتقان قاچاڭنى، توقلۇقتىمۇ ئۇنۇتما. J Is i  
كۆپ ئوقىغان كۆپنى بىلۇر،ئوقۇمىغان نېمىنى. [,{Nu EI  
چوڭ ھۆرمەت قىلسا، كىچىك خىزمەت قىلىدۇ. g+7j?vC{'  
ئۆزۈڭنى ئەرچاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا. J/3$I  
ئاچچىقنى كۆرمەي تاتلىقنى بىلمەيسەن. m/;fY>}3  
بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ياخشى. sk*vmxClY  
ئادەمنىڭ تېشىغا باقما، ئىچىگە باق. PIdGis5G  
ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويماس. $=`d[04  
ئەجەل يەتمەي جان چىقماس. E}THG =6  
ياخشى سۆز تاشنى ئېرىتىدۇ. #k[Y(_  
ئاتقا مىنسەڭ ئاكاڭغا باقما. a*:GCGe  
ھەر كىشىنىڭ دەردى ئۆزىگە چوڭ. ReL+V  
تىكەنسىزگۈل بولماس ,جاپاسىز راھەت. Rha|Rk~  
ئارقىدا قالغان ئىشىڭغا، قار ياغىدۇ بېشىڭغا. }B!io-}  
ئاتلىق پىيادىنىڭ ھالىغا يەتمەپتۇ. K5t.OAA :  
ئاچچىق يۈتۈش تاغ يۈتۈش. R@/"B?`(f  
نە ئاغرىساجان شۇ يەردە. wO`G_!W9  
ساندا بار، ساناقتا يوق. oA7|s1  
ئەرنىڭ غېمى ئەلدە. _-^mxC|M  
چىراق تۈۋىقاراڭغۇ. DUH_LnHw)  
يول ئازاۋى، گۆر ئازاۋى. B., BP  
ئاچ قورساققا ئاچچىق سۇ. mH5>50H;  
سەۋر قىلساڭ غورىدا ھالۋا پىشار. 'zT7$ .L  
ياغاچ قازاندا ئاش بىر قېتىم پىشىدۇ. {4f%UnSz(  
ئويلىماي سۆزلىسەڭ، ئاغرىماي ئۆلىسەن. 9F6dKPN:  
تاما - تاما كۆل بولار، تامماي قالسا چۆل بولار. !W0JT#0  
كۈننىڭ پىلانى سەھەردىن، يىلنىڭ پىلانى باھاردىن. ^^tTA^  
ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى، مەن ئالدىرايمەن كەتكىلى. '"rm66  
ھاياتلىقىمدا ئەيلىمىدىڭ يات، ئۆلگىنىمد ەقىلمىغىن پەريات. _ D8 zKp  
ئاچ قالمىغۇچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس، پىيادە يۈرمىگۈچە ئاتنىڭ. l 6aD3?8LN  
قارغىلار "قاق" ئېتىدۇ ئۆز كۆڭلىنى شات ئېتىدۇ. قارغىغا ئوق ئاتما يامانغا سۆزقاتما!
مەنبە  : تور دۇنياسى ~HT :BO$  

ozqan 2012-03-01 12:01
بەزى ئادەملەرنىڭ كاللىسىغا ئاجايىپ پىكىرلەر كېلىدىكىنا ، قانداق قىلىپ ، بۇنداق رەتلەپ بېقىش ئويىغا كېلىپ قالغاندۇ ؟  ئىجادىيلىق دېگەن مانا شۇ ... Y(K`3? A  
مەيلى شەكلى مەيلى مەزمۇنى جەھەتتىن ساقلاپ قويۇش قىممىتى بار لوڭقىكەن ئەمەسمۇ بۇ ؟ ! 2@HmZ!|Q  
كۆكسانغۇن ، رەخمەت  ئۇلانمىڭىزغا .

akqolpan 2012-03-04 22:56
سىزنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىڭىز قالتىسكەن جۇمۇ.

tawpek 2012-03-04 23:01
لوڭقا شەكىلدىكى ماقال-تەمسىللەردىن پۈتكەن ھۆسۆن خەتلەر ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ]/[@.   
cBCC/n  
مۇنداقمۇ كارامەتلەر باركەن دەڭ. %UV"@I+  
WaE%g   
V[7D4r.j  
لوڭا شەكىلدە شىئىر پۈتۈۋەتمەمدۇق مۇنبەر شائىرلىرى؟

pawan 2012-03-08 21:38
تىرشچانلىقىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت

شەھىدە 2012-10-21 00:34
  تولىمۇ   ئەھمىيەتلىك  بوپتۇ.  رەھمەت  سىزگە  

tawpek 2012-10-21 12:00
خەتنى سوزاپ قىسىپ چىقارغان لوڭقا بولماستىن تەبىئى ئۇزۇنلىقى بويچە رەتلەپ چىقىرىلغان لوڭقىكەن دىسە.

ناۋاي 2012-10-21 13:35
<<زەرگارنىڭ بىر ئۇرغىنى،تۆمۈرچىنىڭ مىڭ ئۇرغىنى>> نىمە دىگەن جايىدا كەلگەن سېلىشتۇرۇش_ھە!مەقال_ تەمسىللەردىكى مەنالارغا قاراپ  مىللىتىمنىڭ پاراسىتىگە قول قويماي تۇرالمايمەن. ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر!

tawpek 2012-10-21 13:38
زەرگارنىڭ بىر ئۇرغىنى،تۆمۈرچىنىڭ مىڭ ئۇرغىنى o0AT& 
)fo0YpE^|  
دىققەت قىلماپتىكەنمەن يۇقارقىغا، تەشەككۇر ناۋاي. BZLIi O  
o w(9dB&E  
مەنىسىنى بىر شەرھىلىۋەتمەمسىز.

ناۋاي 2012-10-21 20:08
زەرگار بىر ئۈلۈش كۈچ سەرىپ قىلىپ ياراتقان قىممەتنى، تۆمۈرچى مىڭ ئۈلۈش كۈچ سەرىپ قلغاندىلا يارىتالايدۇ دەپ چۈشەندىم.<<ئالتۇنچىنىڭ مىڭ ئۇرغىنىدىن، تۆمۈرچىنىڭ بىر ئۇرغىنى ئەلا>>دىگەن ماقالمۇ باركەن.

ئەكبەرنىياز 2012-11-27 18:50
ھەقىقەتەن ئىجادىيلىق بوپتۇ ، لوڭقا شەكىلدىكى شىئېرلارمۇ بار ئىدى ، پات ئارىدا بۇ خىل شىئېر شەكلى بىلەن مۇنبەرداشلارنى ئۇچراشتۇرىمەن ، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-04 23:11
سىزىپ چىققان تەبئىي،ئىلمىي،قىممىتى بار لوڭقىڭىزغا رەخمەت.تەسەۋۇرىڭىز جۇش ئۇرۇپ تۇرسۇن.

yar130 2013-11-23 16:15
بەك چىرايلىق چىقىپتۇ .

گېرمان 2013-11-24 23:47
ئالاھىدىلىكىڭىزنى داۋاملىق جارى قىلدۇرغايسىز


查看完整版本: [-- لوڭقا شەكىلدىكى ماقال - تەمسىللەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled