查看完整版本: [-- ئەتىرگۈل قىسمىتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> ئەتىرگۈل قىسمىتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايزىبا 2012-03-01 00:47

ئەتىرگۈل قىسمىتى

ئەتىرگۈل قىسمىتى <[y$D=n  
(ھېكايە) )}Rfa}MD  
مۇسىبەتتە قالغان دۇنيا، گويا بېشىمدىكى قارا ياغلىقتەك، ،ئۇچامدىكى قارا لىباستەك قارا رەڭدىلا كۆرۈنۈدىغان دۇنيا. يورۇق ئاپتاپلىق ياز كۈنلىرىمۇ، سالقىن، يېقىشلىق كۈز كۈنلىرىمۇ، سوغۇق قوينىغا ئاجايىپ ئەسلىمىلەرنى يوشۇرغان جۇت ئايازمۇ، جىمى ناباتات، جىمى مەۋجۇداتنى كۈلدۈرىدىغان رەڭدار باھارمۇ ئوخشاشلا قارا لىباسقا ئورالغاندەك...كەڭرى دۇنيا، كەڭرى ئالەم، ئەمما يۈرىكىم توختىماي سىقىلىپ جېنىمنى قاخشىتىدۇ. پۈتۈن ئالەمنى توختىماي كەزسەممۇ، جىمجىت، قويۇق ئورمانلارغا بارساممۇ، شاۋقۇنلۇق دەريالاردىن سورىساممۇ، سىرلىق تۈندىكى ئۈندىمەي تۇرىدىغان جىمجىت ئايدىن، جىمجىت يۇلتۇزلاردىن سورىساممۇ، يۈزلىرىمنى سىيلاپ، قۇلاقلىرىمغا نېمىلەرنىدۇر شىۋىرلاپ ئۆتىدىغان ئۇچقۇر شاماللاردىن سورىساممۇ جاۋاپ يوق، پەقەتلا سۈكۈت، چىدىغۇسىز سۈكۈت!    j.;  
  كۈنلەردىن ئايلار، ئايلاردىن يىللار پۈتتى، تىنىمسىز ياش تۆكۈدىغان يۈرىكىمدىكى جاراھەت_ شىپاھسىز جاراھەت ھېچ پۈتەي دېمەيدۇ. تالاي قىزىل ئەتىرگۈللەرنى، بەرق ئۇرۇپ ئېچىلغان، قات- قېتىدىن سۆيگۈ تۆكۈلۈدىغان، قات  قېتىدىن مېھىر تۆكۈلىدىغان  قىپقىزىل ئەتىرگۈللەرنى كەشتىلەپ چىقتىم. قزىل رەڭ شادلىققا بەلگە، ئوخشاشلا يۈرىكىمدىن تامچىۋاتقان قاننىڭ رەڭگىمۇ قىزىل...بەرق ئۇرۇپ ئېچىلىۋاتقان گۈلدەك ۋاقتىمدا، كۆزۈمگە جاھاندىكى ھەممىلا نەرسە گۈلدەك گۈزەل كۆرۈنىدىغان چىرايلىق كۈنلەردە ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقانىدىم، گەپلىرى تىترەپ، ئۈزۈلۈپ – ئۈزۈلۈپ ئېيتىلىدىغان ئاشۇ يىگىت بىلەن... يەردىن ئۈستۈن قارىيالمايتتىم، يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى گويا ئۆزۈمگە ئاڭلىنىۋاتقاندەك ھودۇقاتتىم، تەمتىرەيتتىم... ,u&tB|,W,  
_ بولدى قىلىڭ، بۇنداق توختىماي تىكىۋەرسىڭىز كۆزىڭىزنى ئالدۇرۇپ قويىسىز، قىزىم. '6o`^u>  
  ئاپامنىڭ كىرگىنىنى تۇيماپتىمەن، ئاپام قولۇمدىكى كەشتىنى ئېلىپ نېرىغا قويدى. GDHK.?GY  
_ تۇرۇڭە، قىزىم، چېچىڭىزنى يۇيۇپ، ئۆرۈپ قوياي، يىلىمنىمۇ چىلاپ قويغان، بۇنداق ئولتۇرۇۋەرمەڭ، دوستلىرىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ، ئويناپ كېلىڭ. سىزنىڭ كۈلكىڭىز ئاڭلانمىسا بۇ ئۆيمۇ ئۆيگە ئوخشىماي قالىدىكەن. يۈرۈڭ، گېپىمنى ئاڭلاڭ، قىزىم. $"sq4@N  
  ئاپام قولۇمدىن يېتىلەپ، نېرىقى ئۆيگە ئېلىپ چىقتى. يۇمشاق قوللىرى بىلەن چاچلىرىمنى ئاۋايلاپ يۇدى، يۇمشاق لۆڭگە بىلەن ئاۋايلاپ سۈرتتى، ئاندىن چوڭ چىنىگە لىقلاپ چىلانغان يىلىمنى چېپېپ، قىرىق كوكۇلا ئۆرۈشكە ئولتۇردى. چاچلىرىممۇ ئاپامغىلا كۆنۈپ قالغاندەك پەقەتلا جاھىللىق قىلمايتتى. شۇنچىلىك رايىش ئىدى. ئاپام شۇنچىلىك ئىشتىياق بىلەن ئۆرۇيتتى، جىگدە يىلىمىگە تويۇنۇپ، سەمرىگەن چاچلىرىم گويا بىر تال، بىر تالدىن ساناپ ئايرىلغاندەك تەپتەكشى ئىدى، ماڭلاي چېچىمنىمۇ تەكشىلەپ، تاراپ بولغاندىن كېيىن «ئالتۇن قىزىمنىڭ بۇ چىرايلىق چاچلىرىنى كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن، سۆزى ياماننىڭ سۆزىدىن ساقلىغايسەن، ئىلاھىم » دەپ پىچىرلىدى. L$29L:  
_ ماۋۇ ئەتلەس كۆينىكىڭىزنى تىككۈزۈپ قويۇپ تۈزۈك كىيمىدىڭىز، كۆينەكنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالمىسۇن، قېنى بىر كىيىپ بېقىڭە، قىزىم. +}7E a:K   
_ بولدىلا  ئاپا، كېيىنچە كىيەرمەن،_ دەپ كۆينەكنى نېرىغا قويۇپ قويدۇم. &Y54QE".  
_ گېپىمنى ئاڭلاڭ، ئاپئاق  قىزىم، مۇشۇنداق گۈلدەك چىرايلىق پەسلىڭىزدە قاپقارا كىيىملەرگە ئورۇنۇپ يۈرسىڭىز، قانداق بولىدۇ؟ ھېلىمۇ ئىككى يىلدىن ئاشتى. قارىلىقنى ئۇزۇن تۇتسا بولمايدۇ، چوڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، ئاتىڭىز ھەم قېرىنداشلىرىڭىز سىزگە يۈزتۇرانە دېيەلمەي، قانچە قېتىملاپ ماڭا دېدى. ئەمدى گېپىمنى ئاڭلاڭ، «كەتكەنلەر كېلەر، كەتمەنلەنگەنلەر كەلمەس» دەپتىكىن. رەھمەتلىك پاكىزە، ئوبدان بالا ئىدى، ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي! ھەر ئىش بولسا ياراتقۇچىنىڭ خاھىشى بىلەن بولىدۇ، قىزىم. قانداق قىلىمىز، ئۆمرى شۇنچىلىككەن...بۇنداق روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك سۇلغۇن، مەيۈس يۈرسىڭىز   رەھمەتلىكنىڭ روھى قورۇنۇپ قالىدۇ، ئۇمۇ سىزنىڭ تېتىك، خۇشال يۈرۈشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدۇ. K\{b!Cfr^  
چاناقلىرىمغا كەلكۈندەك يامراپ كېلىۋاتقان ياشلىرىمنى كۈچ بىلەن ئىچىمگە سىڭىرىۋەتتىم... aho'|%y)  
  قاناتلىرىنى كەڭ يايغان توزنىڭ سۇرىتى چۈشۈرۈلگەن، كەڭ پۈرمە ياقىلىق يېشىل ئەتلەس كۆينەكنى كىيىپ، بەل پويىزىنى كەينىمدىن كېپىنەك شەكلىدە چىگىۋالدىم. ئاپام تۆر تامغا ئېسىپ قويغان مارجان دوپپىنى بېشىمغا كىيدۈردى. jWH{;V&ZV  
_ پاھ، پاھ! پادىشاھنىڭ مەلىكىسى بولسىمۇ مېنىڭ مۇشۇ قىزىمچە بولار! r0\cc6  
*********** .:}.b"%m  
توي... ھەممە ئالدىراش، قوشنىلارنىڭ مەن ۋە دوستلىرىم  ئۈچۈن راسلانغان ئۆيىدە  قىپقىزىل ئىگىنلەرگە پۈركىنىپ ئولتۇرىمەن، ئاتا- ئانامنىڭ، دوستلىرىمنىڭ نۇرغۇن نەسىھەتلىرى بىلەن بۇ تويغا ئاخىرى رازىلىق بەرگەنىدىم. ئۇچامدا قىزىل لىباس، كۆڭلۈمدە تۈرلۈك خىياللار غەليان كۆتۈرمەكتە. بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ، تۈرلۈك گۈل- چېچەكلەر، نەغمىچى قۇشلار بىلەن جەلپكار بىلىنىدىغان ئالتۇندەك ياشلىقنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلا- ئاتلىمايلا  يۈرىكىمدە ئاۋايلاپ ئېچىلدۇرغان، تاڭ شەبنىمىدە تىترەپ تۇرغان نازۇك ئەتىرگۈلدەك تۇنجى سۆيگۈمگە جۇت تەگدى، ئەتىرگۈلنىڭ نازۇك، جۇلالىق بەرگىلىرى مۇدھىش جۇتنىڭ زەربىسىدە ئۈششۈپ كەتتى...شۇ قەدەر گۈزەل  دۇنيادا، جەلپكار ياشلىقتا مۇشۇنداق رەھىمسىز زەربىنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن...غۇبارسىز سۆيگۈ گۈلى ئەنە شۇنداق تۇيۇقسىز، شۇنداق تۇيۇقسىز ئۈششۈپ كەتتى. نازۇك غۇنچىدەك قەددىم پۈكۈلدى...گۈزەل ئارمانلىرىم، كۈلكىلىرىم، بۇ دۇنيانىڭ  مەن قاراپ تويمايدىغان گۈزەللىكىمۇ گويا ئۇنىڭ بىلەن بىللىلا ئاشۇ قارا تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كەتكەندەك... 8tb6 gZz  
  قاڭشارلىق، بادام دوپپىسى بۇغداي ئوڭ چىرايىغا خويمۇ يارىشىدىغان ئاشۇ  نەۋقىران يىگىت، «سىز مېنىڭ سۇلماس گۈلۈم، سىزنى بىر ئۆمۈر ئاسرايمەن... » دېگەن سۆزنى تىترەپ تۇرۇپ ئېيتقان ئاشۇ يىگىت شۇنچە تۇيۇقسىز بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالدى، ئارامبەخش سەلكىندەك ئادەمنى پەپىلەپ مەستخۇش قىلىدىغان بۇ ھايات شۇنداق تۇيۇقسىز زەربىسى بىلەن يۈرىكىمنى قان يىغلاتتى، يۈرىكىمنىڭ قات- قېتىدىن ئاچچىق پەريات ئۇرغۇزدى! ئاتا- ئانام رازىلىق بېرىپ بىزگە چاي ئىچۈرۈلگەن شۇ كۈنى كەچتە ئۇنى ئىس ئېلىپ قويۇپتۇ، نەۋقىران بىر يىگىتنى رەھىمسىز ئىس كۆرۈنمەس قوللىرى بىلەن تۇنجۇقتۇرۇپ، ئۇ ئالەمگە ئېلىپ كېتىپتۇ...بەلكىم كۈلىۋاتقان باھاردەك تاتلىق خىياللار ئىلكىدە ئەللەيلىنىپ، تاتلىق چۈش كۆرۈۋاتقاندا كېتىپ قالغاندۇ...«ئاتام بىلەن ئاپام كىچىك ۋاقتىمدا تۈگەپ كېتىپتىكەن، يا ئاتامنىڭ، يا ئاپامنىڭ چىرايىنى ئەسلىيەلمەيمەن» دېگەن ئىدى... $ A-+E\vQ@  
ئاپام، مەن كۈلسەم كۈلۈپ، يىغلىسام مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ يىغلايدىغان ئاپام مەن  بۇ تويغا رازىلىق بەرگەن كۈنى كەچتە يېنىمدا يېتىپ، باشلىرىمنى سىيلاپ نۇرغۇن گەپلەرنى دېدى، توي دېمەك_ بىر ئۈلۈش ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش دېمەكتۇر، يۈرىكىمدىكى بەختسىز سۆيگۈنى تۇپراق ئاستىغا كۆمۈۋېتەي، ئەسلىمىلىرىم بىلەن ئۇ ئۆيگە بارسام گۇناھكار بولىمەن...! fCgBH~w,9  
ئاپام قويۇق يىلىمدا پاتلاپ ئۆرۈپ قويغان ئىككى ئۆرۈمە چېچىم، چىمەن دوپپىنىڭ ئۈستىگە سالغان قىزىل يىپەك رومال، يەرگە تېگىپ تۇرغان ئوتقاشتەك قىزىل ئەتلەس كۆينەك...مانا بۇ مەن، بۇ مېنىڭ تويۇم... Q)09]hP[Xj  
*********** 3gb|x?  
گۈرۈلدەپ كۆيگەن يانغىننى ئەسلىتىدىغان قىپقىزىل شەپەقنىڭ ئاستا- ئاستا ئۆچۈشى بىلەن قارىيىپ كەلگەن گۇگۇم جاھاننى ئىلكىگە ئېلىشقا باشلىدى. نېمىشقىدۇر گۇگۇمنىڭ كېلىشى بىلەن تەڭ يۈرىكىم ئاسىققاندەك بولدى، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يۈرىكىم تۇرۇپ- تۇرۇپلا ئاغىدىغان، يېقىمسىزلىنىدىغان بولۇپ قالغانىدى. گۇگۇم گويا قارا پەردىسى بىلەن جاھاننى ئەمەس، مېنىڭ يۈرىكىمنى چۈمكەۋاتقاندەكلا...ئۇنىڭدىن تېخىچىلا دېرەك يوق، ئوچاقنىڭ ئوتى پەسلەپ قالمىسۇن دەپ بىردەم- بىردەم ئوچاققا قارايمەن، بېشىمدا دېۋىدەك دىۋەيلەپ تۇرۇۋالسا تەمتىرەپ قالماي دەپ، تاماقنىڭ تەرەدۇۇتىنى قىلىپ قويغىلى خېلى بولدى. دەرۋازىنى تاقىۋېتەي دېسەم،« نېمىشقا ۋاقتىدا ئاچمايسەن؟» دەپ ھۈرپىيىشىدىن قورقىمەن، تاقىماي ئولتۇرسام تېخى. e8$l0gzaD  
...ھۆپپىدە ئىسسىق ئۆيدە ئاتامنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرىمەن، قىش ئاخشاملىرى ئاپپاق داستىخان سېلىنغان، قۇرۇق ئۈزۈم، بادام، ياڭاق مېغىزى، يانتاق شېكىرى، ھەسەل، ھەر خىل مۇراببالار  تىزىلغان  يۇمىلاق شىرەنى چۆرەدەپ ئولتۇراتتۇق، خېلى چوڭ بولۇپ قالغان چاغلىرىمدىمۇ ئاتامغا ئەركىلەپ قۇچىقىدا ئولتۇرىۋالاتتىم. ئاتام ناھايىتى پاراڭچى ئىدى، بالىلىقىدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى ھېكايە قىلىپ بېرەتتى، نەسىردىن ئەپەندى، موللا زەيدىن لەتىپىلىرىنى ئېيتىپ بىزنى كۈلدۈرەتتى. بالىلارنىڭ كىچىكى بولغاچقىمۇ ياكى ئاتا- ئانام ماڭا ھەددىدىن زىيادە ئامراقمۇ، ئۆيدە ئالاھىدە «ئىمتىيازلىق» ئىدىم، ئاكام، ئاچىلىرىمنى قەستەن تېرىكتۈتۈرۈپ چىشىغا تەگسەممۇ ئۇلار مەن بىلەن ئارتۇق زاكۇنلاشمايتتى. ئوچاقتا يوپيورۇق كۆيۈۋاتقان ئوت، ئوتنىڭ تەپتىدە ئىسسىپ كەتكەن ئۆي، ئوتنىڭ تەپتىدىنمۇ ئىسسىق بولغان ئاتا- ئانا مېھرى، قېرىنداشلىق مېھرى... Ne3R.g9;Z  
__ ئوھۇي، خىيال دېڭىزىغا چۆكۈپ كېتىپتۇققۇ، قوللىرىدىن تارتىۋالايمۇ – يا؟! uxWFM $  
ئورنۇمدىن قانداقلارچە سەكرەپ تۇرۇپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن، يەنە شۇ قىزارغان كۆزلەر، ئەتىگەندە قاتۇرۇپ كىيگەن كىيىملىرى توپىغا ئېغىنىغاندەكلا، بايا يۈرىكىمنىڭ ئاسىققىنى بىكار ئەمەسكەندە! Z+g1~\  
__ ھە، ئېڭەك تۇتۇپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كىمنى خىيال قىلىۋاتقانتىلە؟ نىمانداق جىن تەپكەندەك سەكرەپ يۈرۈيدىلا؟! J.#(gFBBl\  
سۆڭەكتە تۇرۇپ قالغۇدەك بۇ ئاچچىق گەپكە نېمە دېيىشىمنى بىلمىدىم، تىلىمغا ھېچقانداق گەپمۇ كەلمىدى. <3d;1o   
__ قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ، ئاشنى سالاي، مانا ھازىرلا پىشىدۇ. g %f*ofb  
__ كاللا دېسە پاچاق دەيدىغان قانداق نېمە بۇ؟ مەن ئەتىگەننىڭياقى نېمە دەۋاتىمەن؟! نېمىشقا سورىغان سوئالغا جاۋاپ بەرمەيسەن؟ ئەسلىدىمىغۇ ئەقلى- ھۇشۇڭ تازا جايىدا ئەمەسقۇ سەن دەلدۈشنىڭ! ))!Bg?t-  
مېڭەم غوڭۇلداپ كاتتى، يۈرىكىم گويا سانسىز تىغلار ئارىسىدا قوچۇلۇۋاتقاندەك ئاچچىق ئاغرىدى. مانا بۇ مېنىڭ ئېرىم، تەقدىرىمنى، ھاياتىمنى ئىشىنىپ تاپشۇرغان ئېرىم...! يۈرەك جاراھىتىمنى رەھىمسىزلىك بىلەن تاتىلاپ قانىتىدىغان، ئەركەكلىكىنى ئاجىز ئايال كىشىنى ئاسراشقا، ھىمايە قىلىشقا ئىشلەتمەي، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، تاتىلاپ يۈرۈپ جېدەل چىقىرىدىغان، ئەسلىدە مېھىر- مۇھەببەت بۇلىقى، شادلىق ماكانى بولۇشقا تېگىشلىك بۇ ئائىلىنى تۇتامسىزلىقى، پۈچەكلىكى بىلەن شىۋىرغان ھۇۋلاپ تۇرغان مېھىرسىز ئۇۋىغا ئايلندۇرۇپ قويۇۋاتقان «ئەركەك»... CJJD@=  
__ ئەجەپ مىڭ يىللىق ئاداۋىتى بار ئادەمدەك قارايسەنغۇ؟ يا مەن ساڭا قەرزدارمىدىم- ھە؟! گېپىڭ بولسا دېمەمسەن؟ كۆزۈڭنى پارقىرىتىپ بۇتتەك تۇرماي!  3P1&;  
ئۇنىڭ شەپقەتسىزلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە نەپرەت بىلەن تىكىلدىم، قىپقىزىل قىزارغان بۇ كۆزلەر گويا ھازىرلا قان چاچرايدىغاندەك قورقۇنۇچلۇق ئىدى، قارىشىمغا چىدىماي قالدىمۇ، ئالدىمغا دېۋەيلەپ كەلدى: g& k58{e  
__خىيالىڭدا مۇشۇنداق تۇرىۋالسام ھېچنېمە قىلالمايدۇ دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ سەن گاچىنى سۆزلىتەلەيدىغان ھۈنەر جىق مەندە! ماۋۇنى كۆردۈڭمۇ؟ ['z!{Ez  
ئۇ بازغاندەك يوغان، تۈكلۈك مۇشتىنى كۆزۈمگە تەڭلىدى:  9:5:`' b  
__ خوتۇن كىشىگە مۇشت كۆتۇرىدىغان نامەرد ئەرلەردىن بولغان بولسام، ھەممە قوۋۇرغاڭنى سۇندۇرۇپ، قولۇڭغا ساناپ تۇتقۇزۇپ قوياتتىم! ئېرىڭنىڭ كۆزىگە يەنە شۇنداق قارايدىغان بولساڭ مەندىن يامانلىما جۇمۇ! 3\AM=`  
يا كۆزۈمنى ئەپقاچمىدىم، يا ئۆزۈمنى.يۈرىكى جۇتتا ئۈششىگەن سۆيگۈ گۈللىرىنىڭ خارابىسىگە ئيلىنىپ كەتكەن ئادەملا مۇشۇنداق تۇرالىسا كېرەك. ئالدىمغا دېۋەيلەپ ھېلىلا مېنى يەۋېتىتىغاندەك تۇرغان بۇ ئەر نېمىشقىدۇر يۇۋاشلاپ قالغاندەك ئىدى، بەلكىم ئۇ مېنى ھەيۋەمدىن قورقۇپ قاچىدۇ ياكى ماڭا يالۋۇرىدۇ دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. Bd@'e7{  
__ ئاش ئەتتىم دەپ كەتكىنىنى، يوغان بىرنېمە ئەتكەندەك، ئۆزەڭ يەۋالە شۇ لاۋزا ئېشىڭنى!... @wp4 |G  
ئۇ تام تۈۋىدە تۇرغان ئىۋرىقنى زەردە بىلەن تېپىۋېتىپ، نېرىقى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. vfcb:x  
ئوچاقنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ توختىماي  تىترىمەكتىمەن، سوغۇق سۆڭەك- سۆڭەكلىرىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك پەقەتلا ئىسسىمايتتىم. «ماڭا ئىشىنىڭ، سىزنى ياخشى كۆرىمەن، قەدىرلەيمەن، يازدا ئىسسىقنى، قىشتا سوغۇقنى يېنىڭىزغا يولاتمايمەن، بىز دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك بىر جۈپلەردىن بولىمىز ...»  ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقىنىمدا قۇلىقىمغا شۇنداق دەپ پىچىرلىغان ئادەم مۇشۇمۇ؟  كۆز قارىچۇقۇمدەك ئاۋايلاپ ئۆستۈرگەن، ھاياتىمدەك قىممەتلىك، ئېزىز گۈلۈمنى ئىشىنىپ تاپشۇرغان، تەقدىرىمنى ئىشىنىپ تاپشۇرغان ئەر مۇشۇمۇ؟! بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ قەلبىمنىڭ ئەڭ پىنھانىدا ئېچىلغان سۆيگۈ گۈلۈم خازان  بولدى، ئۇنى يەنە شۇ پىنھانغا دەپنە قىلدىم. كۆز ياشلىرىم بىلەن، نالىلىك ئۆكسۈشلىرىم بىلەن، ئاچچىق پىغانلىرىم بىلەن دەپنە قىلدىم. قەلبىمدە ئەسلىمە، كۆزۈمدە ياش پېتى بىر ئەرنىڭ ئۆيىگە كېلىشنى گۇناھ ھېسابلىغىنىم ئۈچۈن، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش ئاساسىغا قۇرۇلغان بەختىيار بىر ئائىلىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن گۈزەل، ئەمما ئۆمرى قىسقا شۇ بەختىيار مىنۇتلارنى ئەسلەشتىن ئۆزۈمنى قاچۇردۇم. ئەپسۇس، پەيلى ئوسال بۇ ئەر ماڭا تۈزۈك ئاراملىق بەرمىدى. خۇددى مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە شۇ كەچمىشلىرىمدىن ھېساب بېرىش ئۈچۈن كەلگەندەكلا.  مېڭىش- تۇرۇشۇم، ھەتتا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ قېلىشلىرىمنىمۇ ئۆزىچە بىر ئشلارغا جورۇپ كۆزۈمگە كىرىۋالدى... =p@8z /u  
__ ھە، چېچىڭنى ئينىتىپ كىملەرگە چىرايلىق كۆرۈنمەكچىدىڭ؟ تولا پۇلاڭشىتماي يىغىشتۇرە ئۇ نېمەڭنى، يوغان نېمىسى باردەك!... I;7nb4]AmF  
كىچىكىمدىن ئاپام جىگدە يىلىمى چېپىپ ئۆرۈپ قويىدىغان پارقىراق، قويۇق، ئۇزۇن چاچلىرىمنى قاتلاپ چىڭ بوغۇۋالدىم. كىيىنىشتىمۇ تۇغۇشلۇق بولالمايتتىم، رەڭسىز  كىيىملەرنى كىيسەم «نېمە ھازىدار ئادەمدەك بەترەڭ كىيىنىۋالدىڭ؟! كىملەرنىڭ قارىلىقىنى تۇتۇۋاتىسەن؟! يا كىيىم كىيىشنىمۇ بىلمىگەن بۇ دەلدۈش!»  دەيتتى. ئۇنىڭ بىلەن تاكاللىشىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم، توغرىسىنى ئېيتقاندا قورقاتتىم. ھازىرلا ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويىدىغاندەك ئالدىمغا دېۋەيلەپ كېلىدىغان ئاشۇ قىلىقىدىن تولىمۇ بىزار ئىدىم! يېقىشلىق، ئىللىق گەپ – سۆزلەر، مېھىر- مۇھەببەت ىبلەن تويۇنغان ئائىلىدە چوڭ بولغىنىم ئۈچۈنمۇ بۇنداق كۆڭۈلسىز گەپ- سۆزلەر، جېدەللەر كۆڭلۈمنى بەكلا ئاغرىتاتتى. بىر كىم بىلەن يۈزتۇرانە تۇرۇپ تاكاللىشىپمۇ باقمىغانىدىم. k6"KB  
__ ئەجەپ رەڭ تۈزەپ خېنە گۈلىدەك ئېچىلىپ كېتىپتۇققۇ؟ ئۆزىمىزنى كىمنىڭ بازىرىغا سالماقچىدۇق؟! Wkzs<y"  
قىزغۇچ يىپەك كۆينىكىمنى كىيگەن كۈنۈم ئۇ مۇشۇنداق دېگەنىدى، دېگەندىمۇ ھەر بىر سۆزنى چىشلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىپ مەسخىرە بىلەن دېگەنىدى. بارا- بارا ئۆزۈمچىلا خۇدۈكسىرەيدىغان، قەدەملىرىمنىمۇ تۇغۇشلۇق ئالالمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتىم، ئاق، سۈزۈك يۈزلىرىمدىن نۇر قېچىۋاتقاندەك، كۆزلىرىمنىڭ چۆرىسى قارىداپ قالغاندەك ئىدى، ياق، كۆزۈمگە شۇنداق كۆرۈنۈۋاتسا كېرەك... JN'cXZJPn  
ئاپامنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايتتىم، ھويلا- ئارامنى پاكىزە تازىلاپ، ئۆيدىكى ھەر بىر جابدۇقنى سۈرتۈپ پارقىرىۋېتەتتىم. بولۇپمۇ ئاش- تاماققا ئالاھىدە زېھىن قوياتتىم. چىن مېھرىم، پاكىزلىقىم، ھالاللىقىم بىلەن بۇ ئائىلىنى ئىسمى- جىسمىغا لايىق ئائىلىگە ئايلاندۇرۇشنى ئويلايتتىم، ئەپسۇس، مەن قانچە تىرىشقانسېرى بۇ ئەر شۇنچە  كەينىگە تىرەجەيتتى. گاھى- گاھىدا دوستلىرىم يوقلاپ ئويگە كەلسە ئىچىمنى سىقىپ ھەر بىر ئېغىز گەپكە كۆز- قۇلاق بولۇپ ئولتۇرىۋالاتتى، دوستلىرىم بىلەن  ئارامخۇدا ئىككى ئېغىز پاراڭلىشالمايتتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ئىشلارنى باھانە قىلىشىپ كېتىشكە ئالدىرايتتى. ئۇلار كېتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ تۈگىمەس سوئال- سوراققا قالاتتىم، بايا كەلگەن ھەر بىر دوستۇمنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، ئۆيىنىڭ نەدە، نېمىش قىلىدىغانلىقى... قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاب بېرىشىم كېرەك ئىدى! 4 o(bxs"  
__ بوينىغا ئۇزۇن زەنجىر ئېسىۋالغان ھېلىقى دوستۇڭ ئەجەپ سىرلىق گەپ قىلىدىكەنغۇ؟ مەخپىي تىلدا سۆزلىشىپ كەتتىڭلار،   ئىككىڭلارنىڭ قانداق مەخپىيىتىڭلار بار ئىدى؟  مەن گەپ سورىسام ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ گەپ قىلغۇسى كەلمىدا ئۇنىڭ! FJNF%a)x2I  
...ئىچىم توختىماي سىقىلاتتى، ئاسمىنى كەڭ، چەت-چۆرىسىگە كۆز يەتمەيدىغان، كەڭرى يايلاققا، ئادەمزاتسىز بىر يەرلەرگە كەتكىم كېلەتتى، چارچاۋاتاتتىم... ئاپامنىڭ ئۆيىگە ئازنىلاپ بارغان ۋاقتىمدا ئاپام ئۆز قولى بىلەن تېرىپ، تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلغان ئەتىرگۈل، تاجىگۈل، سەبدەگۈللەر ھۆپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن، جەننەتكە ئوخشايدىغان ئاشۇ مېھرى ئىسسىق ئۆيۈمگە بارغىنىمدا، قېنىپ نەپەسلىنىپ،  ئىچ- باغرىم ئازادىلىشىپ قلغاندەك بولۇپ قالاتتىم. ئاپامنىڭ ئوخشىتىپ ئەتكەن تامىقى گېلىمدا تۇرۇپ قالماي ئوبدان سىڭىپ مەڭىزلىرىمگە قان يۈگۈرۈپ قالغاندەك بىلىنەتتى... ئانىنىڭ يۈرىكى تۇيغۇن كېلىدۇ، ئاپام ئاغزىدا ئوچۇق دېمىسىمۇ، ھەرقانچە قىلىپمۇ كۈلەلمەيۋاتقان كۆزلىرىمگە، سۇسىرىغان گۈلدەك سولىشىپ قالغان چىرايىمغا سىنچىلاپ قاراشلىرىدىن، بېشىمنى مېھرى بىلەن سىيلاشلىرىدىن، نېمىدۇر دېگۈسى كېلىپ دىيەلمەي ئېغىر ئۇھ تارتىشلىرىدىن قانداق كۈن كۆرۈۋاتقانلىقىمنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. j>Ag\@2ME  
********** g~S)aU\:,  
__ تېز بول، ئاغىينەم ئەنىۋەر ئۆيىگە مېھمانغا  چاقىرىپتۇ،خېلى كۆپ ئادەملەرنى چاقىرغاندەك قىلىدۇ، ئۇلارنى ساقلىتىپ قويمايلى. چىرايلىق كىيىمىڭنى كىي، مىسىلدىماي تېزرەك بول دەيمەن! 1l8Etp&<  
ئۇ دوستىنىڭ مېھمانغا چاقىرىشىدىن خۇشالمۇ يا باشقا ئىشقىمۇ، ئۆزىچىلا تېرىكىپ، ئۆزىچىلا خۇشال بولۇپ قالىدىغان بۇ ئەرگە ئارتۇق گەپ قىلىشقىمۇ رايىم بارمىدى. ئادەتتە ئاغىينىلىرى ئۆيگە كەلسىمۇ بۇنداق يىغىلىشنىڭ كۆپىنچىسى تۇترۇقسىز جېدەل بىلەن ئاخىرلىشاتتى. مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئوچۇق چىراي بىلەن كىرسەممۇ، تۇتۇلۇپ كىرسەممۇ ئوخشاشلا گەپ ئىشىتەتتىم. ئاغىينىلىرى ئۇزاپ بولغاندىن كېيىنمۇ خېلى بىر چاغلارغىچە سوئال- سورىقى تۈگىمەيتتى. خاھىشىمغا قويسا بۇنداق مېھماندارچىلىقىمۇ بارماي ئۆيدە ئولتۇرسام دەيتتىم. *[+)7  
__ ئۇچامدىكى مۇشۇ كىيىممۇ بولىۋېرىدۇ، بىر ئوبدان تۇرمامدۇ، ماڭايلى،_ دېدىم. 7^*"O&y_al  
__ نېمە دېمەكچى سەن؟ ئېرىمنىڭ ماڭا ئېلىپ بەرگەن تويلۇق كىيىمى مۇشۇ، دەپ خەققە سازايى قىلماقچىمۇ مېنى؟! مېنىڭ يۈزۈمنى چۈشۈرەي دەمسەن؟! تولا چىشىمنى قېرىشتۇرماي ئاۋۇ مومايلارنىككىدەك قىلىۋالغان چېچىڭنى قويۇۋەت، ئۆرۈمەيلا قويۇۋەت! =~KsS }`1,  
جەھلىم قاتتى، قاچانلاردىن بېرى ئۆز خاھىشىم بويىچە يۆتىلەلمەيدىغان بولۇپ قالدىمكىن، ھەتتا چېچىممۇ مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس! ئەمما بۇ ئەر بىلەن تاقارىشىپ تۇرۇۋېرىشنى خالىمىدىم، ئۆرە ياقىلىق ئاق پوپايكا بىلەن بىنەپشە رەڭلىك ساراپانىمنى كىيىپ، ئۈستىگە ئەترەڭ پەلتۇيۇمنى كىيدىم. شارقىراتمىدەك يېيىلىپ چۈشكەن بۇلۇتتەك قويۇق  چاچلىرىم ئەزەلدىن رايىش ئىدى، مۇنداقلا تاراپ قويۇپ ئالدىراپ ماڭدىم. $gpG%Qj  
ساھىپخانلار خېلى ئەتراپلىق تەييارلىق قىلغاندەك تۇراتتى، گىلەملەر بىلەن چىرايلىق بېزەلگەن چوڭ ساراي ئۆيگە باشلاندۇق. ھەممەيلەن ناھايىتى خۇشال ئىدى، مەنمۇ ئۆزەمنى خۇشال تۇتۇشقا تىرىشتىم. كۇلكە- چاخچاقلار ئىچىدە تاتلىق- تۈرۈملەرگە ئېغىز تەگدۇق. >q~l21dUi  
__باشقا يېرىڭىزنى دېمىسىمۇ مۇشۇ سۇمبۇل چېچىڭىزغىلا  جان تەسەددۇق قىلىشقا ئەرزىيدۇ جۇمۇ، نىمانچە قويۇق، ئۇزۇن چاچلار بۇ! X+k}2HvNG  
يېنىمدا ئولتۇرغان ئاقپىشماق چوكان چېچىمنى ئالىقىنىغا ئېلىپ، سىيلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى. @4$\ 5 %j  
__ شۇنى دەڭا، بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە بۇنداق ئەركىن، ساغلام ئۆسكەن گۈزەل چاچنى كۈندۈزى چىراق يېقىپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. خوتۇن- قىزلارغا نېمە بولدىكىن، بىر ئوبدان چاچلىرىنى كېسىپ، ئانا شىرنىڭ بېشىدەك ھۈرپەيتىۋېلىشقان. mo{MR:> )  
چوكاننىڭ قارشىسىدا ئوتۇرغان ئەر ئۇنىڭغا گەپ قاتتى. 6]zd.W  
__ چاچ دېگەن ئايال كىشىنىڭ يارىشىقى، سۆلىتى، شۇڭىمۇ «ئۆزى بىر قىز، چېچى بىر قىز»  دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ، «ئالدىڭدىن قاراپ قاشىڭغا كۆيدۈم، كەينىڭدىن قاراپ ساچىڭغا كۆيدۈم» دېگەن ناخشىلامۇ ر بىكار ئېيتىلمىغان-دە! xM[Vc  
سورۇن ئەھلىنىڭ چېچىم ھەققىدىكى تەرىپلىرى مېنى خۇش قىلماقتا يوق، ئەكسىچە، يۈرىكىمدە ۋەھىمە پەيدا قىلماقتا ئىدى. ئېرىمنىڭ ھېلىلا قارا يامغۇر ياغىدىغاندەك تۇتۇلۇپ كېتىۋاتقان چىرايىغا قاراپ ئەندىكىشكە بدشلىدىم. بۇ ئادەملەرگە باشقا گەپ تېپىلمىغاندەك نېمىشقا مېنىڭ چېچىم بىلەنلا قالىدىغاندۇ ؟! Cxod[$8  
_ۋاقىتسىز كېتىپ قالغان ھېلىقى رەھمەتلىكمۇ چېچىغىلا كۆيگەن بولسا كېرەك بۇ قىزنىڭ. 73#x|lY  
يېنىدىكى ھەمراھىنىڭ ئىتتىك نوقۇشى بىلەن گېپىنى توختىتىۋالغان ئايالغا چۆچۈپ قارىدىم. ۋاراقشىپ قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك  سورۇن ئەھلى جىمىپ كەتتى، يۈرىكىمدىن ئېتىلىپ چىققان پىغان بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالدى، چاناقلىرىمدىن تېشىپ كېتىشكە ئاران تۇرغان ئاچچىق ياشلىرىمنى كۈچ بىلەن ئىچىمگە سىڭىرىۋەتتىم...ئۇ ئايال تۇيالماستىن شۇنداق دېدىمۇ ياكى ئەتەيمۇ بىلمىدىم، بىركىمنىڭ يۈرەك يارىسىنى تاتىلاشتىن خۇشاللىق تاپىدىغان ئادەملەر يوق ئەمەسقۇ بۇ دۇنيادا! vDl- "!G1  
ئىچىمنى سىقىۋاتقان بۇ ئۆيدىن ئىتتىك چىقىپ كەتكۈم بولسىمۇ، ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ ئورنۇمدىن مىدىرلىمىدىم. ئايال ساھىپخان چاققانلىق بىلەن گەپنى يوتكىۋەتتى: `Q3s4VEC  
__ ئېزىز مېھمانلار، ئۇنداق قىلماي مېنىڭ جاپا تارتىپ ئەتكەن تامىقىمنىمۇ ماختاپ قويۇڭلار، مانا پولۇمۇ تازا ئوبدان دەم يېدى. -Y Bd, k3  
__ چاققان ئەكىرمەمسەن پولۇيۇڭنى! g,o?q:FL  
__ خۇدايىم بۇيرۇسا مانا ھازىرلا. /xGmg`g<#  
تاماقتىن كېيىن ئاياللار ئايرىم ئۆيگە جايلاشتۇق. ئۇلار قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى، مەن پاراڭغا ئارىلاشمىدىم. يۈرىكىم ئەنسىز سېلىپ تۇراتتى. m-^ 8W[r+_  
__ خانىم، ئېرىڭىز كېتىمەن دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋېلىۋارىدۇ، شۇنچە تۇتساقمۇ ئۇنىماي قويدى. ac kqH+'  
ساھىپخان ئايال قۇلىقىمغا بوشقىنە پىچىرلىدى، ئورنۇمدىن تۇردۇم. قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئاياللارغا «سىرتقا چىقىپ كىرەي» دەپ قويۇپ ئىشىكتىن چىقتىم. PHA-9\jC{  
كېتىۋاتىمىز، ئۇ گەپ قىلمىغانسېرى پۇتلىرىم پۈكۈلۈپ كېتىۋاتقاندەك، بەدىنىمدىمن ماغدۇر قېچىۋاتقاندەك ئارامسىزلانماقتىمەن. بۇ قورقۇنۇچمۇ؟ قورقۇۋاتامدىمەن؟ قايسى خاتالىقىم، قايسى گۇناھىمغا قورقىمەن؟ 3d 
ئويگە كەلدۇق، ئۇ ئۇزۇن يىللىق قان- قىساسى بار ئادەمدەك ئىشىكنى قاتتىق تەپتى، چوڭ بىر كۆڭۈلسىزلىكنىڭ بولىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى. ئۆزۈمنى سالماق تۇتۇتشقا تىرىشىپ، ئوچاققا ئېڭىشتىم. U9D!GKVp  
__ سوغۇققا ئۆلۈپ قالمايسەن،  ئۆتە ماياققا! كۆزۈمگە قارا، كۆزۈمگە قارا دەيمەن! l]~n3 IK"  
يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى ئىتتىكلەپ نەپىسىم قىسىلغاندەك بولدى. ebPgYxVZR  
__ مەن تامغا گەپ قىلىۋاتمايمەن، سەن بەزگە گەپ قىلىۋاتىمەن! كۆزۈمگە قارا دەيمەن، دەلدۈش! ئاڭلىمايۋاتامسەن؟! h/B>S  
بېشىمنى تىك كۆتۇرۇپ ئۇنىڭ ئوبدانلا قىزارغان كۆزلىرىگە دادىل قارىدىم، نېمىشقا قارىمىغۇدەكمەن؟! z1^gDjkZ  
__ ئەجەپ قارايسەنغۇ؟ ئەجەپ ئەيمەنمەي قارايسەنغۇ دەيمەن؟! Y&/]O$<  
كىرپىكىمنى قېقىپمۇ قويماستىن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم: u%~igt@x  
__ نېمىشقا قارىمىغۇدەكمەن؟ بىركىمگە قارىيالمىغۇدەك گۇناھىم بولمىسا – يە؟! JK.ZdY%  
__ۋۇي، تىلىڭ ئەجەپ ئۇزۇراپ قاپتا؟ كىمگە گەپ قىلىۋاتقىنىڭنى بىلىۋاتامسەن؟! Bz5-ITX   
__كىم گەپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان بولسا شۇنىڭغا ! P-ri=E}>  
يۈرىكىمنىڭ ئەنسىز دۈپۈلدىشىمۇ، پۇت- قولۇمدىكى تىترەكمۇ بېسىقىپ قالغاندەك، بەدىنىمگە ماغدۇر كىرىۋاتقاندەك ئىدى... H,N)4;F 
__ قۇشقاچ تىلىڭ چىقىپ قاپتىغۇ سەن دەلدۈشنىڭ ! qhT@;W/X  
__ مەن دەلدۈش ئەمەس، ئاتا- ئانام ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ، ئەزىزلەپ، پاكىزە  باققاچقا ئەقلى- ھۇشۇم جايىدا، ساق، بېجىرىم! )Tk1 QHU  
ۋاي- ۋۇي، شۇنداقمۇ تېخى؟! كۆڭلۈڭمۇ ساق، بېجىرىم بولسا، نېمىشقا ھەممىلا ئادەم سەن بىلانلا قالىدۇ؟ قاش- كۆزۇڭنى ئوينىتىپ، خۇلق چىقارمىساڭ  ئۇلار سەن بىلنلا قالامتى؟! tU_y6  
خۇدايىم بوي- بەستنى ئايىماي بەرگەن بىلەن، ئەركەكلىكنى بېرىشاە بېخىللىق قىلغان بۇ ئەر بىلەن تاكاللىشىشقا رايىم بارمىدى، «چىرايلىق ياسان، چېچىڭنى قويۇۋەت» دېگەندىلا بىر شۇملۇقنىڭ يۈزبېرىدىغانلىقىنى كۆڭلۈمنىڭ تۇيغانلىقى سەۋەبسىز ئەمەسكەندە! r2k2%nI-J  
__ ھە، زۇۋانىڭ ئۆچۈپ قالدىغۇ ئەمدى؟! بايا شىلتىڭ ئېتىپ كېتىۋىدىڭ، «تازنى تاز دېسە ئۆلگۈسى كېلەر» دەپ تىتاڭ تومۇرۇڭغا تېگىپ كەتتىممۇ نېمە؟!  جىمىپ قالدىڭغۇ، سەكرىمەمسەن دەيمەن! !"eIV@7  
يەلكەمدە يېيىلىپ تۇرغان چېچىمنى تېزلىكتە تۈرمەكلەپ ياغلىقىمنى چىگدىم. ئىچكىرىكى ئۆيگە مېڭىشىمغا ئۇ ياغلىقىمنى تارتىپ ئېلىۋېتىپ، چېچىمنى قاماللاپ تۇرۇپ قاتتىق تارتتى. vap,y $C  
__  ئەرلەرگە كۆز- كۆز قىلىدىغان مۇشۇ دەسمايەڭدىن باشقە نېمەڭ بار سېنىڭ؟! ئوتقا تۇتۇپ كۆيدۇرىۋەتسەمغۇ شىلتىڭ ئاتالماي، شۈمشىيىپ ئولتۇرارسەن!  
ئۇنىڭ ئامبۇردەك قوللىرى بىلەن تارتىشىدىن بېشىم گويا چاچلىرىم ھېلىلا ئاجراپ كېتىدىغاندەك قاتتىق ئاغرىدى. .ny fYa+  
__ ئېيتە، ھېلىقى ئۆلۈمتۈك ئۆلۇپ بېرىپ يوقالمىغان بولسا شۇنىڭغا تېگەتتىڭغۇ- ھە؟ ئېيت دەيمەن! +wkjS r`e  
توغرا دەيسەن، بادام دوپپىسى بۇغداي ئۆڭ چىرايىغا خويمۇ يارىشىدىغان ئاشۇ يىگىت، «سىز قات- قېتىدىن پاكلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان مۇشۇ قىزىل ئەتىرگۈلگە ئوخشايسىز، سىز مېنىڭ سۇلماس گۈلۈم... » دېگەن ئاشۇ يىگىت ھايات بولسا، مەن قىزلىق غۇرۇرۇمنى، ئادەملىك ئىززەت- ھۆرمىتىمنى پايخان قىلغان سەندەك بەتخۇي ئەرگە تېگىپ قالاتتىممۇ؟ ئۇ بەرق ئۇرۇپ ئېچىلغان چوغدەك قىپقىزىل ئەتىرگۈلنى ماڭا سۇنغاندا دۇنيا خۇددى شۇ گۈلدەك گۈزەللىشىپ كەتكەن ئەمەسمىدى؟!  مېنىڭ كۈلكەم، مېنىڭ خۇشاللىقىم، ھاياتتىن تالات ئۇمىدلەرنى كۈتىدىغان، ياشلىقنىڭ جەلپكار، ھوسۇللۇق بېغىدىن تالاي نېمەتلەرنى كۈتىدىغان  يۈرىكىم، مېھىرگە، سۆيگۈگە، پەرۋىشكە تەشنا يۈرىكىم ئىززەتنى، ھۆرمەتنى بىلمەيدىغان سەندەك ئەر بىلەن پۇچۇلىنارمىدى؟! e*L.U~ZR  
ئەلەمدىن، خورلۇقتىن، ھاقارەتتىن قاتتىق مۇجۇلغان يۈرىكىم بىلەن، ئۆكۈنۈشتىن تىترىگەن ۋۇجۇدۇم بىلەن بېشىمنى قاتتىق سىلكىپ ئۇنىڭ قولىدىن بوشىنىپ چىقتىم. كىچىككىنى يۈرىكىمگە پاتمايۋاتقان ئاچچىق ئازاب بىراقلا پارتلاپ چىقتى: 4Z/f@ZD  
__ توغرا دېدىڭ، ئۇ بىر ئۆمۈر بىللە ياشاشقا ئەرزىگۈدەك ئېسىل يىگىت ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەنلا ياشىدىم، روھىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە...قانداق قىلاتتىڭ؟! سەندەك پۈچەك ئەرگە ئۆزۈمنى خار قىلغۇچە ئۇنىڭ گۆرىگە كىرىپ يېتىۋالسامچۇ! ئېسىت، سەندەك نېمىنىمۇ ئەر دەپ يارىتىپتىكەن، ئەمدى سېنى كۆزۈم كۆرمىسۇن! ھەرگىز، ھەرگىز كۆرمىسۇن!!! 9]e V?yoA8  
نازۇك ۋۇجۇدۇمغا نەدىن كەلگەن كۈچكىن، ئالدىمدا دېۋىدەك تۇرغان بۇ ئەرنى كۈچەپ ئىتتىرىۋېتىپ، ئۆزۈمنى ئىشىككە ئاتتىم. قاپقارا ئاسماندا نە ئاي، نە يۇلتۇز كۆرۈنمەيدۇ. سۆڭەكلىرىمنى تېشىپ ئۆتكۈدەك ئاچچىق شامال نە ئارزۇ، نە ئارمان قالمىغان يۈرىكىمنى مۇزلىتىۋەتكەندەك پۈتۈن بەدىنىم تىترىمەكتە! clk[/'1  
...ئوچاقتىكى گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ تەپتىدە ھۆپپىدە ئىسسىپ كەتكەن ئۆيدە ئۇششاق ئۆرۈمە چاچلىق ئوماق بىر قىزچاق بىردە ئاتىسىغا، بەردە ئاپىسىغا ئەركىلەيتتى. ئاتىنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىدىن مېھىر تۆكۈلەتتى، ئانىنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىدىن مېھىر تۆكۈلەتتى، گويا مېھىرگە تويۇنغان ئۆينىڭ تام- تورۇسلىرىدىنمۇ مېھىر تۆكۈلۈۋاتقاندەك... W8]lBh5~:  
ئوتقاشتەك قىپقىزىل ئەتىرگۈل شۈنچە جۇلالىق، شۇنچە خۇشپۇراق ئىدى، قات- قات بەرگىلىرىدىن مېھىر تۆكۈلەتتى، قات- قات بەرگىلىرىدىن سۆيگۈ تۆكۈلەتتى... v'BZs   
0@EwM  
مەنبە: «تۇرپان»  ژورنىلىنىڭ 2011- يىللىق 4- سانىدىن ئېلىندى. ئاپتورى پەزىلەت ئىسرائىل i@4~.iZ8  
         wR^R M(1  
     C[%OkPR,H  
     ZfB " E  
   _N@ro  
     SGe^ogO"v  
     rp0ZvEX  
qcN'e.A  
<^lRUw  

ozqan 2012-03-01 11:16
تىلى نەسىرنىڭكىدەك گۈزەل چىققان ئېسىل بىر ھېكايىكەن بۇ ، ھېكايىنىڭ ئاخىرلاشتۇرلۇشىمۇ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ ، ئۇ نامەرت ئەرگە  شۇنداق بىر ئىسيانكارلىق روھ بىلەن قارشى چىقمىسا يېشىم كۆڭۈلدىكىدە چىقمايتتى . ئوقۇپ بولغۇچە ئىچىم بەك ئاچچىق بولغان ، ئاخىرقى يېشىمنى ئوقۇپ ئۇھ  دەپ قالدىم ...

ئايزىبا 2012-03-01 23:36
ئەسەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ياخشى باھا بېرىپسىز، رەھمەت! بۇ ئەسەرنى بەك ياقتۇرغاچقا يوللىغان ئىدىم.

kamalat 2012-03-24 23:14
شۇنداق ياخشى ھىكايىنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.


查看完整版本: [-- ئەتىرگۈل قىسمىتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled