查看完整版本: [-- ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك 100 جۈملە سۆز --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇراقلىق ئىبارىلەر -> ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك 100 جۈملە سۆز [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-02-29 15:24

ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك 100 جۈملە سۆز

1. ھەر كۈنى ئۆزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!» دەڭ. x#EE_i/W  
2. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر. [f_^B U&  
3. قۇياشقا يۈزلىنىڭ، شۇندىلا ئۈمىدسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يوقىلىدۇ. [=>=5'-  
4. سىز ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋارايىغا بولغان بىزار بولۇش كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز. ;d6Dm)/(  
5. ئوي - پىكىرىڭىز ھەرىكىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ھەرىكىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ئادىتىڭىز مىجەز - خاراكتېرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، مىجەز - خاراكتېرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. F0<)8{s  
6. ئېرىشكەنلىرىڭىز بىلەن ھېسابلاشماي توختىماي تەر تۆكۈۋېرىڭ، بىر كۈنى پايدىسىنى كۆرىسىز. ]@#9B>v=  
7. قىش كەلدى، شۇنداقلا باھار بىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى. ZA(u"T~  
8. ئىلكىڭىزدە بارىدا قەدىرلەڭ، ئايرىلىپ قالغاندا پۇشايمان قىلماڭ. sUG!dwqqd  
9. ھەر ۋاقىت كەينىڭىزدىكى ئىشىكنى يېپىپ مېڭىڭ. (يەنى بۇرۇنقى نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۆتمۈشكە مەنسۇپ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ). 9^}&PEl  
10.ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا، ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. l8oaDL\f  
11. ئەگەر ئايدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭىزغا يىغلاپ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز، ئۇنداقتا يۇلتۇزلاردىنمۇ قۇرۇق قالىسىز. ab6I*DbF  
12. تىرىشىپ ئۆگىنىڭ، بىلىملىك بولىسىز. تەنقىدتىن قورقماڭ، غەيرەتلىك بولىسىز. ئويلاپ سۆزلەڭ، ئىناۋەتلىك بولىسىز. بىرسىنى تاللاڭ، خاتىرجەم بولىسىز. 4CM'I~  
13. دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر خۇشال ئۆتىسىز. جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆتىسىز. كەسپىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت ئىچىدە ئۆتىسىز. <O1R*CaP  
14. نۇر چېچىش پەقەت قۇياشقىلا خاس ئەمەس، سىزمۇ نۇر چاچالايسىز. 1@|+l!rYF  
15. ئەخمەقلەر تېنى ئارقىلىق روھىنى باشقۇرىدۇ، دانالار روھى ئارقىلىق تېنىنى باشقۇرىدۇ. ,Pa*; o\  
16. ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ. u !BU^@P  
17. خۇشاللىق بىر خىل پوزىتسىيە، بىر كىشى خۇشال يۈرۈشنى چىن دىلىدىن نىيەت قىلسىلا چوقۇم خۇشال يۈرەلەيدۇ. )J 'F]s  
18. خۇشال ئۆتۈشنىڭ سىرى: ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ. باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكى AY52j  
ئۈچۈن باشقىلارنى جازالىماڭ. 1?.CXq K  
19. بىزنىڭ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلىرىمىزنىڭ مەنبەسى: ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن، يەنى سېلىشتۇرغاندا ئۆزىمىز ئىگە بولالمىغان نەرسىگىلا A"7YkOfwH  
ئېسىلىۋېلىپ، ئېرىشكەنلىرىمىزگە سەل قارىغانلىقىمىزدىن كېلىدۇ. #2^0z`-\_z  
20. ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتمەڭ، ھاياتىڭىزدا مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇش ــــ بەلكىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر. ئېزىپ قېلىش ــــ بەلكىم يېڭى يول ئىزلەشتۇر. v`oilsrc  
21. ئاچچىقلىنىش ــــ باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتۇر. j/TnKO  
22. بەختكە ئېرىشىشنىڭ چارىسى ــــ ئىلكىدە بارىنى قەدىرلەش، ئىلكىدە بولمىغانلارنى ئۇنتۇپ كېتىش. }vZfp5Y  
23. سىز مۇھەببەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشەلەيسىز، شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىلىپ قالىسىز. NW wKp?  
24. ئاچكۆزلۈك ــــ ئەڭ ھەقىقىي نامراتلىق. قانائەت بولسا ئەڭ ھەقىقىي بايلىق. 4EeVO5  
25. ئەتىكى ئۈمىد بىزگە بۈگۈنكى ئازابنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. NxH%%>o>  
26. خۇشاللىقتىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىلەنگەندىلا تېخىمۇ خۇشال بولغىلى بولىدۇ. O?# 
27. خۇشاللىق ئېرىشكەنلىرىڭىزنىڭ كۆپلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ھېسابلاشقانلىرىڭىزنىڭ ئازلىقىدىندۇر. ) fuAd G  
28. ئادەمنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرىغان ئاشۇ قىسقىغىنە مىنۇتلاردا بەلگىلىنىدۇ. j%S} T)pX  
>.g T9  
29. بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە ئۆزۈڭنىڭ خۇي - پەيلىدىن كۆر. KWVl7Kw#e  
30. مەيلى قايسى ۋاقىتتا باشلاڭ، ئەڭ مۇھىمى باشلىغاندىن كېيىن توختاتماي داۋاملاشتۇرۇڭ. 3 lKBwjW  
31. مەيلى قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرۇڭ، ئەڭ مۇھىمى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلماڭ. {b NKyT  
32. ئادەم ئەگەر قورقۇنچاق بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولىدۇ. ئادەم ئەگەر باتۇر بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولالايدۇ. t%s(xz#1  
33. ئەڭ زور ئۈمىد ۋە بارلىق كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ، ئەمما ئەڭ يامان ئاقىۋەتكىمۇ تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ. Q=498Y~x  
34. ھۇرۇنلۇق، ئىرادىسىزلىك ۋە بىكارچىلىقئەقىلىنى داتلاشتۇرىدۇ. ]E vK.ORy  
35. ھەربىر ئىشنى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش، شۇنداقلا ھەر ۋاقىت ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلىنىپ بېقىش كېرەك. l !R >I7  
36. ئۈمىدلىك ئادەم ئازابنى خۇشاللىققا، «دوزاخ» نى «جەننەت» كە ئايلاندۇرالايدۇ. u85Uy yN  
37. بارلىق غەلىبىلەر ئۆزىنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ غەلىبىنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. بارلىق مەغلۇبىيەتلەر ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. MclW!CmJ  
38. خۇدا كىشلەرنىڭ ئەخمەقلىقىدىن ئەسلا ئاغرىنمايدۇ، ئەمما كىشىلەر دائىم خۇدانىڭ تەڭسىزلىكىدىن ئاغرىنىدۇ. 5R}K8"d  
39. دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ ھارغۇزىدىغىنى كۈنلەرنى بىكارچىلىقتا مەنىسىز ئۆتكۈزۈشتۇر. Ehw2o-s^  
40. ھاياتىڭىزدىكى بىرىنچى ياشلىقنى خۇدا ئاتا قىلىدۇ، ئىككىنچى ياشلىقنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىسىز. T-a [  
41. ئوي - پىكىر ئۈشكىگە ئوخشايدۇ، كۈچنى مەلۇم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرگەندىلا ئاندىن تېشىپ ئۆتكىلى بولىدۇ. 31 &;3?3>  
42. ئادەم ئۆزىنىڭ نىشانىنى يوقىتىپ قويمىسىلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ. >J) 9&?  
43. ئەگەر تاڭنى مەدھىيەلىگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا قاراڭغۇ كېچىنىمۇ قۇچاقلاپ قويۇڭ. j.kv!; Rj=  
44. ھاياتلىقتا مۇھىمى تۇرغان ئورنىڭىز ئەمەس، يۈزلەنگەن نىشانىڭىز. Xmw%f[Xl  
45. ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ، سۆيەلەيدىغان ۋاقتىڭىزدا سۆيگۈدىن ۋاز كەچمەڭ. C;0VR  
46. ھاياتلىق بەك قىسقا، بۈگۈن ۋاز كەچكەنلىرىڭىزگە ئەتە ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن. i hcSSUm  
47. تالانت بىر پىرسەنت ئىلھام بىلەن 99 پىرسەنت تىرىشچانلىقنىڭ يىغىندىسىدۇر. 4}-G<7*  
48. بىز ئادەملەر بەك ئەخمەق، دائىم ئېرىشكەنلىرىمىزنى قەدىرلىمەي ئەكسىچە ئېرىشەلمىگەنلىرىمىز ئۈچۈن ھەسىرەت چېكىپ يۈرىمىز. Ac'pu,v  
49. ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز كۆزگە ئىلغاندىلا، ئاندىن باشقىلار سىزنى كۆزگە ئىلىدۇ. y#FFxSH>  
50. ئۈمىدلىكلەر ئاپەت ئىچىدىكى پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ، ئۈمىدسىزلەر پۇرسەت ئىچىدىكى ئاپەتنى كۆرىدۇ. gI00@p:m  
51. باتۇرلۇق قورقۇنچنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى قورقۇنچقا توغرا مۇئامىلە قىلالىغانلىق ۋە قورقۇنچنى يېڭەلىگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. hcoZ5!LvT  
52. خاتالىقىنى تونۇغانلىق ــــ خاتالىقنى يېرىم تۈزەتكەنلىك. n7.85p@ua  
53. ياشلىق ئەگەر گۆرۈگە قويۇلىدىكەن، مەڭگۈ قايتۇرۇۋالالمايسىز. {a ]u  
54. بارلىق ئالداشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى ــــ ئۆزىنى ئالداش. بارلىق خاتالىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى ــــ توختىماستىن ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەش. 84coi  
55. تەجرىبە ئازابلىق كەچۈرمىشلەردىن كېلىدۇ. ^ywDa^;-  
56. بىر بالاسى بولمىسا تاشتا قۇيرۇق نە قىلۇر؟ بەدەلسىز ھوسۇل نەدە بولسۇن؟ gHFQs](G.  
57. غايىنىڭ يولى ئىشەنچكە تولغانلارغا تەييارلاقلىق. مەغلۇب بولۇشتىن قورقۇپ قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرمىسىڭىز مەڭگۈ غەلىبە قازىنالمايسىز. :3{n(~  
58. ئىشلەش ياكى ئىشلىمەسلىكنى تاللاش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدا، ئەمما قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرمىسىڭىز مەڭگۈ پۇرسەتكە ئىگە بولالمايسىز. Awr(}){  
59. ئەگەر كەم - كۈتىسىز دوست ئىزدىسىڭىز مەڭگۈ دوست تاپالمايسىز. F $i 6  
60. ئۆزىڭىزنى ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز چاغلاپ بىلمىگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى خىجىل بولماي سوراپ بىلىۋېلىڭ، شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايسىز. #CcEI  
61. باشقىلارنى تۈزىتىشتىن ئىلگىرى ئۆزىڭىزدە خاتالىق بارمۇ - يوق؟ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. 0sH~H[ap  
62. ئۆزىڭىز قىلىشقا مۇۋاپىق بولغان ئىشلارنى قىلىپ ئۆز رولىڭىزنى ياخشى ئېلىڭ، ئەڭ ياخشى ئۆزىڭىز بولۇڭ. v+o6ZNX  
63. تۇرمۇشتىكى بىئاراملىق ۋە ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ خوجايىنى بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. U.h2 (-p  
64. يەككە - يىگانىلىق ۋە ئەلنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قېلىش ـــــئەڭ قورقۇنچلۇق نامراتلىقتۇر. H[}lzL)  
65. بارلىق ئۇلۇغ ھەرىكەت ۋە ئىدىيەلەرنىڭ بىرەر ئەرزىمەس باشلىنىشى بولىدۇ. CugZ!>;^  
66. ھەر قانداق نەرسىنى ئۆگەنگەندە، جاپالىق بولسىمۇ تەرتىپ بويىچە باشتىن ئالدىرىماي، ئاساسنى پۇختا سېلىپ ئۆگىنىڭ، ئالدىراقسانلىق قىلىپ ئاسانلا ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماڭ. PF#<CF$=  
67. ئىلگىرى ئېرىشكەنلىرىڭىزنى ئۇنۇتماڭ. ھازىر ئىلكىڭىزدە بولغانلىرىنى قەدىرلەڭ. ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغانلىرىدىن ۋاز كەچمەڭ. ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىز ئۈچۈن بار كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ. قولدىن بېرىپ قويغانلىرىڭىزنى ئەسلىمە ئورنىدا كۆرۈڭ. \En"=)A  
68. پۇرسەت تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ. Vbe@S?u-  
69. ھېسسىيات ئەقىلنى ئەمەس، ئەقىل ھېسسىياتنى باشقۇرۇشى كېرەك. pvb&vtp  
70. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى: سىز ئەڭ قىزىقىدىغان، سىز قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان ئىش سىزنىڭ خىزمىتىڭىز بولۇشى كېرەك. شۇندىلا سىز خىزمەتتىن ھەر ۋاقىت خۇشاللىق تېپىپ، خىزمەت ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنى بەختىيار ھېس قىلىسىز - دە، خىزمەت ئۈنۈمىڭىز تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. !aKu9SR^e  
71. بىز خۇدا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيمىز. ئەمما ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇد بولغانلىقىدىن بۇ دۇنيانى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلالايمىز. 6R guUDRQ  
72. بەرىبىر قىلغاندىن كېيىن چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك. oI'& &Bt  
73. ئوقۇش، خىزمەت، نىكاھ،، ئائىلە ــــ ھاياتنىڭ تۆت چوڭ مەزمۇنى، ھەممىسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. قايسى بىرسىگىلا كۈچەپ، قالغانلىرىنى تاشلاپ -7'|&zP  
قويۇشقا بولمايدۇ. hc3tzB  
74. ئەگەر بىز ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، كەينىمىزگە قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە +u*Pi  
بولغان ۋاقتىمىزنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇنى بىلىپ تۇرۇپ بىز يەنە ئۆزئارا ئازارلىشامدۇق؟ 0rz1b6F5,  
75. مەسلىك ــــ نەسلىك، ئاقىۋىتى ــــ پەسلىك! -iY-rzW  
76. دۇنيادا گۈزەللىك كەم ئەمەس، كەم بولغىنى گۈزەللىكنى بايقايدىغان بىر جۈپ نۇرلۇق كۆز. .MRN)p  
77. باشقىلار مېنى ھۆرمەتلىسۇن دېسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق ئادەم بولۇڭ. Bha("kG  
78. بىر بالا ئەگەر تەنقىد ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئەيىبلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. 6 C O5:\  
79. بىر بالا ئەگەر دۈشمەنلىك ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ كۈرەش قىلىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. IVZUB*wv)b  
80. بىر بالا ئەگەر ۋەھىمە ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ غەم - قايغۇنى ئۆگىنىۋالىدۇ. &|}QdbW  
81. بىر بالا ئەگەر ئىچ ئاغرىتىش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنى ئەيىبلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. K(lSR  
82. بىر بالا ئەگەر مەسخىرە ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ يۈرەكسىزلىكنى ئۆگىنىۋالىدۇ. MUv#8{+F'/  
83. بىر بالا ئەگەر ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ قىزغانچۇقلۇقنى ئۆگىنىۋالىدۇ. M  |h B[  
84. بىر بالا ئەگەر ھاقارەت ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ جىنايەت تۇيغۇسىنى ئۆگىنىۋالىدۇ. H~vrCi~t"  
85. بىر بالا ئەگەر رىغبەتلەندۈرۈش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئىشەنچنى ئۆگىنىۋالىدۇ. EmrkaV-?k  
86. بىر بالا ئەگەر سەۋرى - تاقەت ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ سەۋىرچانلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ. P7,g^:$  
87. بىر بالا ئەگەر تەقدىرلەش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ مىننەتدارلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ. ];6955I!  
88. بىر بالا ئەگەر رازىمەنلىك ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز - ئۆزىنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. S2E z}*plp  
89. بىر بالا ئەگەر تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ مەردانىلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ. 'N CqI  
90. قارىغۇنى كۆزدىن ئايرىغان خۇدا ھاسىدىن ئايرىماپتۇ. خۇدا ئىشىكنى تاقاپ قويغان بىلەن تۈڭلۈكنى ئېچىپ قويىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ھامان ئامال تېپىلىدۇ. l-v m`-_#  
91. تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىز، ئەمما چوقۇم غەلىبە قازىنالىشىڭىز ناتايىن، بىراق ئەگەر ۋاز كەچسىڭىز چوقۇم مەغلۇب بولىسىز. *U$]U0M  
92. نىكاھ بىر جۈپ ئۆتۈك. پۇتنى قىستىغان ياكى قىستىمىغانلىقىنى پەقەت كىيگەن ئادەم بىلىدۇ. !DSm[Z 1  
93. نىكاھ - ئائىلە تۇرمۇشىدا، ھەر ۋاقىت قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنغاندىن كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ قارشى تەرەپكە ماسلىشىش ئەڭ ئاقىلانىلىقتۇر. T!y 9v5  
94. ھەممە ئىشنى ياخشى تەرەپكە تارتىپ ئويلاڭ، ئىش بەلكىم سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئوسال بولماسلىقى مۇمكىن. bsU$$;  
95. سىزنىڭ توغرا بولغاندىن كېيىن ئاچچىقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، سىزنىڭ خاتا بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاچچىقلىنىشقا تېخىمۇ ھەققىڭىز يوق. ئۇنداقتا يەنە نېمىشقا ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋالالمايسىز؟ C^4,L \E  
96. باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلغانلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئاسرىغانلىق. ^c}3o|1m(  
97. تاللاش خۇشاللىق ئىش، چۈنكى تاللاش ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغىنىغا ئېرىشەلەيسىز، شۇنداقلا تاللاش يەنە ئازابلىق ئىش، چۈنكى تاللاش جەريانىدا ئۆزىڭىز تاللىغانلىرىدىن باشقىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ. 579D  
98. ئامال بار ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەننى تاللاڭ، شۇنداقلا تاللاپ بولغان ئىكەنسىز، چوقۇم ئۆزىڭىز تاللىغىنىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ. ^VMCs/g6  
99. بىز ئۆزىمىز تۇرغان مۇھىتنى ئۆزگەرتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەمما بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇ ناچار مۇھىتقا بولغان قارىشىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز. d1c+Ii%  
100. ئەڭ ئاز پۇشايمان بىلەن ئۆتمۈشىڭىزگە يۈزلىنىڭ. ئەڭ ئاز ئىسراپخورلۇق بىلەن بۈگۈنىڭىزگە يۈزلىنىڭ. ئەڭ كۆپ ئارزۇ - ئۈمىدلەر بىلەن كەلگۈسىڭىزگە يۈزلىنىڭ.

tunyukuk 2012-03-01 21:20
ھەقىقەتەن ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك دۇردانە سۆزلەر ئىكەن.

koksangun 2012-03-02 11:27
مەن باستۇرۇپ ئوقۇغۇچىلىرىمغا بەردىم ، ھەقىقەتەن ئېسىل دۇردانىلەردىن توپلانغانكەن . 6 ~{'\Z  
ئاپتۇرى يوق دۇردانىلەرمۇ بۇ ؟ ئەگەر ئاپتۇرى بولسا شۇ بۇيىچە رەتلىسەك ياخشى بولار ئىدى . بىزدە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ ئەشەددىي كەمچىلىك باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭغا ئىزاھ بەرمەسلىكمىكىن دەيمەن ...

diltikin 2012-03-27 13:28
ماقالە يېزىقچىلىقىدا ئەسقاتقۇدەك


查看完整版本: [-- ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك 100 جۈملە سۆز --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled