查看完整版本: [-- ئەسكى بالا     چېخوف --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> ئەسكى بالا     چېخوف [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2012-02-28 20:39

ئەسكى بالا     چېخوف

  C>1fL6ct  
                              ئەسكى بالا 3]*_*<D  
9}\{0;9  
                                                                   چېخوف Z(' iZ'55F  
\P3[_kbf1  
   ئىۋان ئىۋانوۋىچ لاپكىن مېھرى ئىسسىق يىگىت، ئاننا شېميۇنوفنا ساھىبجامال قىز، ئۇلار دەريانى بويلاپ كېلىپ، قويۇق تاللىق ئارىسىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. قالتىس بىر يەر ئىكەنغۇ بۇ! ئەگەر سىز بۇ يەردە ئولتۇرسىڭىز، پۈتۈن دۇنيا بىلەن ئالاقىڭىز ئۈزۈلگەندەك، ئۆزىڭىزنى تەنھا ھېس قىلىسىز − سىزنى پەقەت سۇ ئىچىدىكى بېلىقلار، سۇ يۈزىدە ئويناقشىپ ئۈزۈپ يۈرگەن سۇ ئۆمۈچۈكلىرىلا كۆرەلەيدۇ. خۇدا قوشقان بۇ بىر جۈپلەرنىڭ قولىدا سازاڭ قاچىلاش ئۈچۈن ئېلىۋالغان بوتۇلكا، قارماق، تور ۋە بېلىق تۇتۇشقا كېرەكلىك باشقا نەرسىلەر بار ئىدى. ئۇلار ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بېلىق تۇتۇشقا باشلىدى. p4ML } q8  
k8]uy2R6}  
   − مەن بەك خۇشال، ئىككىمىز ئاخىر باشقىلاردىن خالىي بىللە بولالىدۇق، − لاپكىن ئەتراپىغا قارىۋېتىپ سۆز باشلىدى، − سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى، ئاننا شېميۇنوفنا ... بەك جىق سۆز دەڭا ... سىزنى تۇنجى كۆرگەن چېغىمدا ... بېلىق قارمىقىڭىزغا ئىلىنغانىدى ... مەن شۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىم، ئۆزۈم چوقۇنىدىغان مەبۇدەمنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، ئۆزۈمنىڭ پاكلىقى ۋە بارلىقىنى كىم ئۈچۈن تەقدىم قىلىشىم كېرەكلىكىنى ... ھېس قىلغانىدىم ... قارماققا چۈشكىنى چوقۇم چوڭ بېلىق بولسا كېرەك ... سىزنى كۆرگەندىن كېيىن مەن تۇنجى قېتىم بىرىگە ئاشىق بولۇپ قېلىشىم، سىزنى تەلۋىلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالدىم ... سەل تۇرۇپ قارماقنى تارتىۋېلىڭ ... ئۇ قارماقنى چىشلەپ ئۆلۈپ قالدى ... ئېيتىڭا، سۆيۈملۈكۈم، سىزگە قەسەم قىلاي، ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشارمۇ ... ئاھ، مەن بىر - بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشۈپ قېلىشنى ئارزۇ قىلمايمەن، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ... مەن بۇنىڭغا لايىق ئەمەس، ئۇنداق ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن ... ئارزۇيۇم ئەمەلگەئاشارمۇ ... قارماقنى تېز تارتىڭ! '+!@c&d#%o  
F 
   ئانناشېميۇنوفنا قارماقنى دەرھال كۈچەپ تارتىپلا ۋارقىراپ كەتتى، كىچىك بىر پارقىراق بېلىق ھاۋادا پۇلاڭلايتتى. 5 #v  
LD'eq\vO  
   − پاھ، بەك چىرايلىق بېلىقكەن! پاھ، پاھ ... تېز! قارماقتىن چىقىرىۋالايلى! gC}r$ZB(  
2>E.Q@c  
   قارماقتىن چىقىرىلغان بېلىق چۆپلۈكتە توختىماي پىلتىڭلاپ، جېنىنىڭ بارىچە ماكانىغا تاشلاندى، »چولتوك« قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ سۇغا چۈشۈپ كەتتى! LK "47  
;P` z ?>J:  
   لاپكىن دەرھال بېلىقنى تۇتۇۋالماقچى بولۇپ ئېتىلدى، بىراق تۇتالمىدى، قانداق بولغان، ئاننا شېميۇنوفنانىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى، ئۇ يەنە ئىختىيارسىز بۇ قولنى ئاغزىغا ئاپاردى ... قىز دەرھال قولىنى تارتىۋالماقچى بولدى، ئەمما كېچىككەنىدى، ئىككىيلەننىڭ ئوتلۇق لەۋلىرى ئىختىيارسىز جۈپلەشتى. بۇ تولىمۇ تاسادىپىلىق ئىدى. ئۇلار بىر - بىرىگە يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلىشتى ... نېمىدېگەن بەختلىك مىنۇتلار! بىراق ئىنسانغا ھامان مۇتلەق بەخت نېسىپ بولمايدىكەن. بەختنىڭ ئۆزىمۇ زەھەرلىك ئامىل بولىدىكەن ياكى تاشقى دۇنيانىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدىكەن. بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى. ئۇلار قىزغىن مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولۇۋاتقاندا، توساتتىن كۈلكە كۆتۈرۈلدى، ئۇلار دەرياغا قارىغىنىچە تۇرۇپلا قالدى: سۇ ئىچىدە قىپيالىڭاچلانغان بىر بالا تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىسمى كېلىيا، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيتتى، ئۇئاننا شېميۇنوفنانىڭ ئىنىسى ئىدى. كېلىيا ئۇلارغا قاراپ مەسخىرە ئارىلاش كۈلدى: eiL  ;  
|<,!K;@  
   − پاھ! ئىككىڭلار سۆيۈشۈۋېتىپسىلەر - ھە! − دېدى ئۇ، − ياخشى! ئاپامغا دەيمەن! 2#sJ`pdQ  
bt=%DMTn  
   − مېنىڭچە، سەن ياخشى بالا بولغاندىكىن ... − دېدى لاپكىن قۇلاقلىرىغىچە ھۆپپىدە قىزىرىپ، − باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى ئوغرىلىقچە كۆرۈش نومۇس، چېقىمچىلىق قىلىش پەسكەشلىك، ناچار ئادەملەرنىڭ ئىشى ... مېنىڭچە، سەندەك ياخشى بالىلار ... ] ~;x$Z)  
F_m[EB  
   − بىر رۇبلى بەرسىڭىز، ھەرگىز ئېيتمايمەن! − دېدى كېلىيا، − بولمىسا، ئاپامغا دەپ قويىمەن ... &ukYTDM  
dtK[H+  
   لاپكىن يانچۇقىدىن بىر رۇبلىنى چىقىرىپ كېلىياغا ئۇزاتتى. كېلىيا ھۆل بولۇپ كەتكەن پۇلنى مەھكەم سىقىمدىغىنىچە، ناخشا ئېيتقاچ ئۈزۈپ كېتىپ قالدى. ئۇلار ئەمدى داۋاملىق سۆيۈشۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى. MuzlUW]  
"Qf X&'09  
   ئەتىسى، لاپكىن كېلىياغا شەھەردىن رەڭلىك بوياق ۋە بىر توپ ئالغاچ كەلدى. ھەدىسى ئاۋۋال ئۆزىنىڭ بارلىق دورا قۇتىلىرىنى ئۇنىڭغا بەردى، ئاندىن يەنە ئىت كۈچۈكىنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىرنەچچە تۈگمىنىمۇ بېرىۋەتتى. كېلىيا ئۆزىنىڭ بۇ ئىشىدىن خۇشال ئىدى، ئۇ يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلارنى نازارەت قىلىشقا باشلىدى. لاپكىن بىلەن ئاننا قەيەرگەن بارسا، كەينىدىن سوڭدىشىپ باراتتى، ئۇلارنى بىر مىنۇتمۇ يالغۇز قويمايتتى. JLS|G?#0  
M.|@|If4?  
   − ھۇ، شەيتان! − دېدى لاپكىن چىشىنى چىشلەپ، − مۇشتۇمدەك تۇرۇپ يامانلىقىنى قارىمامدىغان! چوڭ بولسا قانداق ئادەم بولار؟ ,KXS6:1%5Y  
= (ULfz[:  
   كېلىيا ئىيۇن ئېيىدا ئۇلارغا بىر ئايدەك ئاراملىق بەرمىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشنى دەستەك قىلىپ، ھەر خىل سوۋغاتلارغا ئېرىشتى. كېيىنچە، ئۇ بۇ سوۋغاتلارنى ئاز كۆرۈپ، ئۇلاردىن يانچۇق سائەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. ھەي، ئامال قانچە؟ لاپكىن ئاخىر ئۇنىڭغا بىر سائەت ئېلىپ بەرمەكچى بولدى. M2UF3xD   
{+CW_ce  
   بىر كۈنى، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا، خىزمەتكار ئۇنىڭغا پىرەنىك ئېلىپ كەلدى، كېلىيا توساتتىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، ئۇ بىر كۆزىنى قىسىپ، لاپكىندىن سورىدى: ~j%g?;#*  
"E4;M/  
   − دەۋېتەيمۇ؟ ھە؟ a[ Pyxx_K  
u9-:/ 
   خىجىل بولغىنىدىن قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتكەن لاپكىن سالفېتكىنى پىرەنىك دەپ قېلىپ چايناپ سالدى. ئاننا ئورنىدىن تۇرۇپ، ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. YNEPu:5J  
60 D0z  
   بۇنداق كۈنلەر لاپكىن ئانناغا توي تەكلىپى قويغان كۈنگە قەدەر داۋاملاشتى. ئاھ، بەختلىك كۈنلەر ئاخىر يېتىپ كەلدى! لاپكىن ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن كېلىيانى ئىزدەپ گۈللۈككە يۈگۈرۈپ كىردى. ئۇنى كۆرۈپ، ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتكىلى قىل قالدى. ئۇ بۇ ”ئەسكى بالا“ نىڭ قۇلىقىدىن سوزدى. ئاننا شېميۇنوفنامۇ كېلىيانى ئىزدەپ يۈگۈرۈپ يېتىپ كەلدى، ئۇ ئۇنىڭ يەنە بىر قۇلىقىنى سوزدى. ئەمدى يالۋۇرۇش نۆۋىتى كېلىياغا كەلگەنىدى: : ,0F_["3  
BSe{HmDq  
  − سۆيۈملۈك ياخشى ئادەملەر، خۇدا قوشقان قوشماقلار، ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن! ۋايجان، ۋاييەي، ماڭا رەھىم قىلىڭلار! {KH!PAh  
y7iHB k"^:  
  بۇ چاغدا، بۇ ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ چىرايىدا مەغرۇرلۇق ئالامەتلىرى ئەكس ئەتتى! bl/tl_.p00  
UbWeE,T~S  
  كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا ئاشۇ ”ئەسكى بالا“ نىڭ قۇلىقىنى سوزغان چاغدىكى ئاشۇ بەختنى، ئادەمنى مەست قىلغۇدەك ئاجايىپ خۇشاللىقنى ئىلگىرى ھېس قىلىپ باقمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتى. w$E8R[J~P  
G54,`uz2  
V_1'` F  
تەرمىلەر“، ئۇيغۇرچە، 2005- يىلى 3 - سانىدىن ئېلىندى

ماھى 2012-02-28 20:57
مەزمۇنى ياخشى ئەسەر ئېكەن،داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى mN!5JZ' 2  
ئۈمىد قىلىمىز.

ozqan 2012-03-01 17:31
ياخشى بىر ئەسەرنى ئوقۇپ چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقىڭىزغا رەخمەت ..

kudrat 2012-04-15 12:51
چىخوفنىڭ ‹‹خامىلىئون ›› ناملىق ئەسىرىنى بولسا يوللاپ بەرسەڭلار بوپتىكەن ،دەرىس تەييارلىقى بولسا تېخى ياخشى

tawpek 2012-04-15 13:00
رەسمىيەت تولوق بولسا ھىچنىمىدىن قورىقمايدىغان گەپ دىسە.


查看完整版本: [-- ئەسكى بالا     چېخوف --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled