koksangun |
2012-02-27 00:58 |
دەرستىن سىرتقى ماتېرىيال ئوقۇشلۇقى
2.مۇقام مۇزىكىسنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكى (سۇلايمان ئىمىن ) 1.مۇقام ئۇرۇنداش سەنئىتى ئۇيغۇرخەلىقىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ئۇن ئككى مۇقام مۇزىكىسى ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەرنى ئۇز بېشىدىن كەچۇرۇش جەريانىدا بارا- بار شەكىللىنىشىش ،راۋاجلىنىش،چۇڭىيىش ،ئىسلاھ قىلىنىپ رەتلىنىش ،سىستېمىلىشىپ مۇكەممەللىشىش قاتارلىق تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتۇپ، ھازىرقى تولۇقلانغان تۇراقلاشقان ھالەتكە كەلدى . تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى ئۇلۇغ ئىجادكار خەلق ياراتقان ناخشىلار ۋە ئەلنەغمىلەر تۇپلىنىپ تاكاامۇللىشىپ ،مۇقاملارنىڭ گەۋدىسىنى تەشكىل قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىىن ،مۇقاملار گەۋدىسىدىن شاخلاندۇرۇلۇپ چىقىرىلغان ناخشا ۋە ئەلنەغمىلەريەنىلا مۇقام ئۇسلۇبىنى يوقاتماي ،ھەرقايسى جايلارنىڭ ،رايۇنلارنىڭ ئۇخىمىغان شېۋە ۋە مۇزىكىلىق ئالاھىدىلىكىرىنى قوبۇل قىلىپ،رەڭگارەڭ خەلق ناخشاـ مۇزىكىلىرى ۋە خەلق ئەلنەغمىلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ،مۇقام مۇزىكىلىرىنى دەۋىر قىلغان ھالدا ياشاپ كەلمەكتە. مۇقام-مۇزىكا،ئەدەبىيات،ئۇسۇلىدىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلنىڭ بىرلىشىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يىتەكچىلىك رول ئوينايدىغىنى يەنىلا مۇزىكىدىن ئىبارەت. مۇ ئۆزىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ قۇدىرىتىنى نامايەن قېلىشتا،ئەدەبىياتتىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان. ئەدەبىياتمۇ، يەنى مۇقام تېكىستلىرىمۇ مۇقام مۇزىكىسى ئۈچۈن غايەت زور سېھرىي كۈچ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان.مۇقام مۇزىكىلىرىنىڭ ئۇسسۇللۇق خارەكتېرىمۇ گەدىلىك.مۇقام مۇزىكىلىرىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مول تۇرمۇش كارتىسىنى،ئەمگەك ھەرىكىتى،ئىجتىمائىي كۈرەش پائالىيەتلىرى قاتارلىقلاردىكى ھەرىكەتلەر ئۇسسۇل سەنئىتى ئارقىلىق تولۇق ئىپادىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن.بولۇپمۇ،مۇقامنىڭ چوڭ نەغمە قىسىمىدىكى جۇلا،سەنەم،چوڭ سەلىقە قاتارلىق بۆلەكلىرى ۋە مەشرەپ قىسىمى ئۇسسۇل سەنئىتىدىكى ئورۇنداش ماھارىتى تولۇق نامايەن بولۇش ئىمكانىيىتى يارىتىلغان قىسىملاردۇر.بۇ قىسىملارنىڭ مېلودىيە راۋاجى،كۈي شەكلى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى،ئاھاڭ شەكلى،رىتىم،ئۇدار شەكلى ۋە سۈرئىتى قاتارلىق مۇزىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىدە ئۇسسۇللۇق خارەكتېر تولۇق ئىپادىلىنەلەيدۇ. مۇقامنىڭ ئورۇنداش سەنئىتى بىر قانچە شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇقامنىڭ يەككە ئورۇندىلىش شەكلى بۇ شەكىل يالغۇز چالغۇ بىلەن ئورۇنلاش،چالغۇسىز يالغۇز ناخشا ئارقىلىق ئورۇنلاش،يالغۇز كىشى ئۆزى ئوقۇپ،ئۆزى چالغۇ چېلىپ تەڭكەش قىلىپ ئورۇنداش قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل ئورۇنلاش شەكلى ئەركىنرەك بولۇپ،مۇقام ئورۇندىغۇچى ئۆز تالانىتى خالىغانچە،تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ.مۇقام ساتار ،قالۇن، چاڭ، تەمبۈر،راۋاب،دۇتار،غېجەك،نەي،داپ قاتارلىقلار بىلەن يالغۇز،يەككە ھالدىمۇ ئورۇنلىدۇ.بۇ خىل شەكىلىدە ئورۇنداش كۆپىنىچە مۇقاننىڭ مەلۇم بۆلەكلىرى بىلەن چەكلىنىدۇ. مۇقامنىڭ قوش كىشلىك ئورۇنداش شەكلى بۇ خىل ئورۇنداش شەكلىدە ئىككى كىشى ئىككى خىل چالغۇ ئارقىلىق بىرلىشىپ ياكى نۆۋەتلىشىپ ئېيتىپ مۇقام ئورۇندايدۇ. بۇ شەكىلدە يەنە بىر كىشى باشلامچى ئورۇندىغۇچى بولىدۇ.بۇ خىل ھالى تېز ئومۇملىشىدىغان، قولايلىق، كەڭ قولىنىلدىغان كلاسسىك ئۇسۇل بولۇپ،مەشھۇر مۇقامچىلار مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ مۇقام ئورۇندىغان، كۆپ ھاللاردا ساتار بىلەن داپ، قالۇن بىلەن داپ، تەمبۇر بىلەن دۇتار، غېجەك بىلەن داپ قاتارلىقلار قوش كىشلىك ئورۇندۇلىدۇ. بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق مۇقامنى تولۇق ئورۇنداشقا بولىدۇ. مۇقامنىڭ ئۈچ كىشلىك ئورۇنداش شەكلى بۇ شەكىلدە 2-خىل شەكىل ئاساسىدا يەنە بىر كىشى قوشۇلغان بولىدۇ. يەنى «ساتار ،قالۇن،داپ»،«تەمبۇر ،ئىسكرىپكا،غېجەك،دۇتار»،«ساتار، تەمبۇر، داپ»،«قالۇن ،غېجەك ،داپ»قاتارلىقلار بىرلىشىپ بىر چالغۇلار گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ،مۇقام ئورۇندايدۇ.بۇ شەكىلنىڭ ئەۋزەللىكى 2-خىل شەكىلدە ئۈستۈنرەك بولۇپ،ئورۇنداش جەريانىدا بېرىدىغان تەسىرىمۇ چوڭقۇر بۇلىدۇ.چۈنكى،بۇ شەكىلىدەمۇقام مۇزىكىلىرىنىڭ ساداسى بىر قەدەر يۇقىرى ،كەيپىيات نىسبەتەن ئۈستۈن بولىدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ خىل شەكىل كلاسىىك مۇقام ئورۇنداش شەكىللىرى بولۇپ، بۇ شەكىللەرنىڭ ئەۋلاتتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشىش ئىمكانىيىتى چوڭ. مۇقام كۆپ كىشلىك ئورۇنداش شەكلى بۇ شەكىل بىر ئۇيغۇر مىللىي چالغۇلار گۇرۇپپىسى بىلەن ئۇنىڭغا قوشولغان مەلۇم ساندىكى ناخشىچىلار گۇرۇپپىسىدىن تەشكىللەنگەن. بۇ كۆپ كىشلىك مۇقام ئورۇنداش شەكلى مۇقام ئورۇنداش ماھىرلىرى بىلەن ئوتتۇرھال ياكى چوڭ تىپتىكى مىللىي ئوركستېر مىللىي چالغۇلار قوشۇلغان سىمفونىك ئوركستېر بىلەن خور ئۆمىكى بىرلەشكەن چوڭ ھەجىمىدىكى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇ خىل شەكىل يېقىنقى زامانلاردىكى ،بولۇپمۇ60-يىللاردىن بۇيانقى مۇقام ئورۇنلاش سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات مەھسۇلى.ئۇنىڭدا گارمۇنىيە،فورمونىيە،ئوركستېرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى قوللىنىش ئارقىلىق ، مۇقام مۇزىكىلىرى كۆپ ئاۋاز قىسىمى قىلىپ كۈچەيتىلىپ،بەدىئىي ئىپادىلەش كۈچى ۋە ئېستېتىكىلىق زوق بېرىش ئىقتىدارى يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلىدۇ.نەتىجىدە، بۇ شەكىل ئارقىلىق مۇقام مۇزىكىسى تولۇق، سىستېملىق ۋە مۇكەممەل يۇقىرى سەۋىيە بىلەن ئورۇندىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.بۇ شەكىلنىڭ ئىسىقبالى كەڭ. مۇقامنىڭ ئۇسسۇللۇق ئورۇنداش شەكلى مۇقامنىڭ ئۇسسۇللۇق ئورۇنداش شەكىلىنىڭ تارىخى ئۇزاق.ئەمما مۇقامغا ئۇسسۇلنىڭ جور بولىشى مۇتلەق ئەمەس، ئىختىيارىي تۈس ئالغان.مۇقام ئورۇنداش شەكىللىرىنىڭ مەيلى 1-خىلى ياكى 2-،3-،4-،5-خلىدىكى ئورۇنداش شەكىللىرىدە ئۇسسۇل ماھىرلىرى،ئۇسسۇللۇق خاراكتېرى گەۋدىلىك مۇقام بۆلەكلىرىگە ئۇسسۇل لايىھىلەپ ئورۇنداش ئارقىلىق،مۇقامنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ۋە ئېستىېكىلىق زوق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرالايدۇ.ئەگەر،ئۇسسۇل لايىھىلەنسىمۇ مۇقام مۇزىكىسىنىڭ ئومۇمىي ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتمەيدۇ.شۇڭا،تارىختىن بېرى بۇ مەسىلە ئەركىن بىر تەرەپ قىلىنغان.بولۇپمۇ مەشىرەپ قىسىملىرىدا شارائىت بولسا ئۇسسۇلچىلار ئۇسسۇل ئوينىغان. شارائىت بولمىسا،ئۇسسۇل ئوينالمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ مۇقام مەشىرەپلىرى يەنىلا داۋاملىشىپ كەلگەن. ئەلۋەتتە،مەشىرەپ قىسمىدا ئۇسۇلنىڭ ئوينىلشى، مەشىرەپ قىسمىنىڭ ئېستېتىك زوق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مۇزىكىلىق ئىپادىلەش ئىختىدارىنى كۈچەيتىپ،ئومۇمىي ھېسىيات ۋە كەيپىياتنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەخسۇس ئۇسسۇل لايىھىسى تۈزۈپ، مۇقام قىسىملىرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇسسۇل سەپلەش،بۇ ئارقىلىق مۇقامنى ناخشا-ئۇسسۇلۇق شەكىلگە كىرگۈزۈش-مۇقام ئورۇنداش سەنئىتىنىڭ 60-يىللاردىن كېيىنكى يېڭى بىر شەكلى. بۇ خىل شەكىلدە ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى ناخشا، مۇزىكا ،ئۇسسۇلدىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ئامىل ياخشى بىرلەشكەنلىكى ئۈچۈن مۇقام ئورونداش سەنئىتىنىڭ بېيىتىپ يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈردى. مۇقام ئورۇنداش سەنئىتى مۇقام ئورۇنلىغۇچىلاردىن يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇزىكىلىق سېزىم ۋە تەربىيە ،چالغۇ ئورۇنداش ماھارىتى ، مۇقام ناخشىلىرىنى ئورۇنداش ماھارىتى،بىر قەدەر پىششىق بولغان مەدەنيىەت،ئەدەبىيات-سەنئەتكە دائىر بىلىملەر ، تۇرمۇش بىلىملىرى،توغرا بولغان ئېستېتىكىلىق كۆز قاراش، كىشلىك قاراش ،ۋە جەمئىيەت كۆز قارشىنىڭ تىكلەنگەن بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇقام ئورۇنداش سەنئىتى ئارقىلىق خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان.خەلق ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقام سەنئەت ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ھەر بىر دەۋرلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، چەكلىك بولغان مەشھۇر مۇقام ئۇستازلىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، شۇلار ئارقىلىق مۇقامدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ھەجىمىدىكى ئۇلۇغ ئەسەر بۈگۈنكى كۈنگىچە يېتىپ كېلەلىگەن.مەسىلەن، 4-ئەسىردە ئۆتكەن كۈسەنلىك ۋيوساكا دېگەن ئاتاقلىق مۇقام ئۇستىسى، 5-ئەسىردىكى كۈسەنلىك مەشھۇر كۈيشۇناس سۇجىۋا، 6-ئەسىردىكى كۈسەنلىك كۈيشۇناس بەگمانتۇر،سۈي -تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە شەكىللەنگەن چوڭ نەغمىلەر،10-ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى مۇزىكاشۇناس ئەبۇ نەسىر فارابى 16- ئەسىردىكى سەئىدىيە خانلىقىدا ياشىغان ئامانىساخان ۋە قېدىرخانلار ،18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ،19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن قەشقەرلىك مۇقامچىلار ھېلىم،سېلىم ۋە يەركەنلىك مۇقامچى سېتىۋالدىلار،1870-يىللىرىدىكى مەشھۇر مۇقامچى تەۋەككۈل ئاخۇن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى، ئىلى رايونىغا مۇقام تارقاتقۇچى قەشقەرلىك مۇقامچى مەھەممەت موللا كارۋۇشاڭ ئاخۇنۇم ،1900-يىلىدىن 1957-يىللارغىچەياشىغان ئىلى رايونىنىڭ مەشھۇر مۇقامچىلىرى ھۈسەيىن تەمبۈر ۋە روزى تەمبۈر ،1881-يىلدىن 1956-يىلىغىچە ياشىغان ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ئاتاقلىق مۇقامچى ئۇستازى تۇرداخۇن ئاكا،1915-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە ياشىغان مەشھۇر مۇقام شۇناس زىكرى ئەلپەتتا ئاكا ۋە باشقىلار مۇقام ئورونداش سەنئىتىنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋىرلىرىدىكى مەشھۇر ۋەكىللىرى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئولوغ تۆھپىللىرىنى قۇشقان. ئۇلار مۇقام ئورۇنداش سەنئىتىنىڭ مەشھۇر ئۇستازلىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار ھەرقايسى تارىخىي دەۋىرلەردىكى خەلىق ۋە تارىخ ئېتىراپ قىلغان ئاتاقلىق مۇزىكا ئالىملىرى، مەشھۇر كومپوزىتور ۋە مۇزىكا نەزىريىچىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىدە خەلقنىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش ئارقىلىق يېتىلگەن يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇزىكلىق نەزىريىۋى بىلىم ۋە مۇكەممەل ئىلمىي تېخنىكىلىق ئاساسلار ئارقىلىق مۇقام مۇزىكىلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىسلاھ قىلىش، رەتلەش شۇنداقلا بىر گەۋدىگە يىغىش، سېستىمىلاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش يولىدا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقان. ئون ئىكى مۇقام مۇزىكىللىرىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس يۈكسەك بەدىئىي كۈچ-قۇدرتىدىن ئۆزىمىزنى، پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا شۇنچە مەغرۇر ۋە شۇنچە تەنتەنىلىك ھېس قىلغان چېغىمىزدا بۇ ئۇلۇغ مۆجىزىنى ياراتقان ئۇلۇغ خەلق، ئۇلۇغ تارىخ، ئلۇغ مۇزىكا شۇناس مۇقام پىشۋالىرىغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز ۋە ئالىي ھۆرمىتىمىز ھەسىلەپ ئاشىدۇ. 1. مۇقام مۇزىكىلىرىدىكى بەدىئىي بىر تەرەپ قىلىش «مۇزىكا ئەڭ يۇقىرى زىرەكلىكنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ھەتتا، ئۇنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئورۇندا بۇلىدىغانلىقىغا ئەقىل يەتكۈزۈش مومكىن ئەمەس. ئۇ پەيدا قىلىدىغان تەسەر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان بولغاچقا، يىشىپ شەرھىلەش مومكىن ئەمەس. شۇڭا، دىننىي مۇراسىملارمۇ مۇزىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. مزىكا كىشىنى ھەيران قالدۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم ۋاستىدۇر.» («سەنئەتنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا» دىگەن كىتابنىڭ مۇزىكا سەنئىتى قىسمى. «گودىنىڭ سۆھپەت خاتىرىلىرى» دىن) ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ جەۋھىرى بولغان ئون ئىككى مۇقام مۇزىكىلىرنىڭ ئاجايىپ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنىڭ بولۇشى ۋە ئۇنىڭ يۇكسەك بەدىىئي كۈچ-قۇدرەتكە تولغانلىقنى ئۇنىڭدىكى بەدىئىي بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئىنتايىن ئىنچىكە ئىشىلنىشىدىن دەپ قاراش كېرەك. مۇزىكىدىكى بەدىئي بىر تەرەپ قىلىش – ئاھاڭ شەكلى ئىچىدىكى مۇزىكىلىق جۈملە، مۇزىكىلىق بۆلەكلەرنىڭ ۋە ھەر خىل مۇزىكىلىق توختاشلارنىڭ مۇزىكا ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىدىيىۋى مەزمۇننىڭ تەلىپى بويىچە روشەن ئىپادىلىنىشى، مۇزىكا راۋاجى جەريانىدا كۈچ مىقدارى، قاتتىق-يۇمشاقلىق، سۈرئەت،يۇقىرى نۇقتا، ئوخشىمىغان ئاۋاز رايۇنلىرى، ئاخىرلىشىش تۈگەللىمىلىرى ۋە تۈگەش قىسملىرىنى ئىنچىكە، ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىپ مۇزىكىلىق ئوبرازنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.بىر مۇقام تولۇق ئورۇندىلىش جەريانىدا،ئۇنىڭ تەركىىبى قسمىدىكى مۇزىكىلارنىڭ بەدىئىي جەھەتتە ئىپادىلىنشىگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر ئوخشاش بولمايدۇ. بىرىنچى مۇقام بېشى(مۇقەددىمە) مۇقامنىڭ يادرو قىسمى بولغاچقا،ئۇنىڭ ئىپادىلىنىشى جەريانىدا، يۇقىرى بەدىئىي ۋە بەدىئىي بىر تەرەپ قىلىش تولۇق ئىزچىللىشىشى لازىم. مۇقام بېشى (مۇقەددىمە) ئۈچۈن تاللىۋېلىنغان تېكىستلەر ،تارىختىكى مەشھۇرشائىرلارنىڭ لىرىك، مەنتىقىلىق ،مەزمۇنى چوڭقۇر شېئىرلىرى بولغانلىقى ئۈچۇن ،تىكىستتىكى بەدىئىيلىك،مۇزىكىلىق يۇقىرى بەدىئىيلىك بىلەن بىرلىشىپ كىشىنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالىدىغان سېھرىي كۈچنى ھاسىل قىلىدۇ .گەرچە،مۇقام مۇزىكىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تېكىستلەر مۇقام ئۇستازلىرىنىڭ تاللىۋېلىشى ئارقىلىق ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ،لېكىن مۇقام مۇزىكىلىرىدىكى ئەسلىي مەۋجۇت بۇلغان زور مىقداردىكى تەبىئىي بەدىئىي كۈچ ئۆز قۇدرىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قالغاچقا ،مۇقام بېشى (مۇقەددىمە) مۇزىكىلىق بەدىئىي زۇق بېرىشتىمۇ ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىك خاراكتېرىنى ھەر ۋاقىت نامايان قىلىدۇ.پۈتۈن مۇقام مۇزىكىسىنىڭ ئومۇمىي بەدىئىي كۈچ مۇقام بېشىدا (مۇقەددىمىدە)ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.شۇڭا،مۇقام بېشىنىڭ بايان قىلىش،راۋاجلاندۇرۇش،قايتىدىن كۆرسىتىش خارەكتېرىدىكى ئورۇندىلىدىغان مۇزىكىلىق تەرەققىياتى جەريانىدا، ئۇنىڭ ماھىتىنىڭ بەدىئىي جەھەتتە قويغان تەلىپىگە ئاساسەن بەدىئىي بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىمۇ چۇقۇم يۇقىرى تەلەپ بۇلۇشى لازىم. مۇقام بېشى(مۇقەددىمە) نىڭ باشلىنىشى قىسىمىدىكى ھېسياتىنىڭ ئېغىر-بېسىق، كەيپىياتىنىڭ تەمكىن بۇلىشى، ئوتتۇرا قىسىمىدىكى يۇقىرى نۇقتىلاردا كۈچ مىقدارى كۇتۈرلۈپ،ھاياجاننىڭ تولۈپ تېشىشى ئارقىلىق مۇزىكىلق بەدىئىي ئىپادىلشنىڭ يۇقىرىغاكۆتۈرلۈشى،ئاخىرىدايەنىلا ھېسسىياتنىڭ ئېغىر-بېسىق، كەيپىياتنىڭ تەمكىن ھالەتكەقايتىشى قاتارلىقلاردىكى ئىنچىكە بەدىئىي ئىپادىلەشلەر تولۇق ئورۇندىلىشى لازىم. ئىككىنچى،چوڭ نەغمە قىسمىدىكى بەدىئىي بىر تەرەپ قىلىش بۇ قىسمدىكى مۇزىكىلىق راۋاجلىنىشقا ماسلىشىىش لازىم.چوڭ نەغمىنىڭ باش قىسىمى-جۇلاغىچە بولغان قىسمى،ئومۇمەن مۇقام بېشىدىكى بەدىئىي بىر تەرەپ قىلىشنىڭ داۋاملىششى بولۇپ،مەرغۇللاردىكى چالغۇ ئورۇنداش تېخنىكسى ئارقىلىق ئۇنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش كۈچىنى تولۇق نامايەن قىلىش،مەرغۇلنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى-چالغۇ ئارقىلىق ئورۇندىلىدىغان ئاھاڭلارنى ناخشا بىلەن ئورۇندىلىدىغان ئۇنىڭ ئاھاڭلاردىن پەرىقلەندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم.جۇلادىن چوڭ سەلىقىغىچە بولغان تېتىك، شوغ،ئۇسسۇللۇق خاراكتېرى گەۋىلىكرەك ئاھاڭلارنىڭ بەدىئىي بىر تەرەپ قىلىنىشى ئەلۋەتتە باشقىچىرەك بولۇشى لازىم.كىشىگە ھېس-تويغۇ جەھەتتە كۆتۈرۈلۈش،كەيپىياتتا ئۆسۈش،روھىي جەھەتتە يەڭگىللىك،كۆڭۈل ئارامىلىق تويغۇسىنى بېغىشلايدىغان بولۇشى كېرەك. كىچىك سىەلىقىدىن باشلاپ چوڭ نەغمە قىسىمى تۈگىگىچە بولغان ئاھاڭلارنىڭ بەدىئىي بىر تەرەپ قىلىشىنى ،چوڭ نەغمە قىسىمىنىڭ باش تەرىتىپىدىكى بەدىئىي بىر تەرەپ قىلىنىشقا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۈچىنىچى، داستان قىسمىدىكى بەدىئىي بىر تەرەپ قىلىش چوڭ نەغمە قىسمىدىكى بەدىئىي بىر تەرەپ قىلىش بىلەن پەرىقلىق بولۇشى لازىم. چۈنكى، داستان مۇزىكىلىرىنىڭ ئۇمۇمىي خاراكتېرى چوڭ نەغمىنىڭ ئاخىرقى قىسمىغا قارىغاندا نىسبەتەن ئېغىر-بېسىق ۋە تەمكىن بولغاچقا، مۇزىكا تەرەققىياتى جەريانىدا ئۇنىڭغا سېلىنغان تېكىسلەردىكى بايانات، شىكايەت، ھېكايەت، نەسىھەت خاراكتېرىدىكى مەزمۇنلار بىلەن زىچ بىرلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، داستان قىسمى چوڭ نەغمە قىسمىدىكى بىر باسقۇچلۇق ھېسسىي تەرەققىياتىدىن كېيىن، ئاڭلىغۇچىلارنى داستان تېكىستلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، ئانالىز قىلىشقا يىتەكلەپ، بىر تۇتاش تەسەۋۋۇر قىلىش، ئويلاش، چۈشىنىش، بىلىش، تەربىيلىنىش باسقۇچىغا ئېلىپ كىرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، داستان قىسمى ئاھاڭلىرىدىكى مۇزىكىلىق جۈملە، بۆلەكلىرىنىڭ ئايرىلىش روشەنلىكى، ئاھاڭ شەكلى ۋە كۈي شەكىللىرىنىڭ ئېنىقلىقى چوڭ نەغمە قىسىم ئاھاڭلىرنىڭكىگە قارىغاندا بىر قەدەر ئوچۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بەدىئىيلىكنى چۈشىنىشمۇ چوڭ نەغمە قىسمىغا قارىغداندا بىر ئاز ئاسانغا توختايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، داستان قىسمىدىكى ھەرقايسى داستانلار ۋە مەرغۇللارنىڭ ئاھاڭ شەكلىنى، كۈي شەكلى ۋە كۈي خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرىنى تېكىستلەرنىڭ مەزمۇنلىرى ۋە رېتىم، ئۇدارلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، سۈرئەت، قاتتىق-يۇمشاقلىق، كۈچ مىقدارى جەھەتلاردىكى پەرقلەرنى، ھەرقايسى داستانلارنى خاراكتېرى، مەزمۇن، ھېسيات، كەيپىيات جەھەتلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى چۈشىنىپ، ھەربىر داستان ۋە مەرغۇلنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئىپادىلەپ داستان قىسمىنىڭ ئومۇمىي بەدىئىي بىر تەرەپ قىلىنىش-ئورۇنلاشتۇرۇلۇش لايھىيىسىنىڭ توغرا ئىزچىللىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. شۇچاغدىلا داستان قىسمىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكىدىن ھەقىقىي زوق ئېلىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. تۆتىنچى، مەشرەپ قىسمىنىڭ بەدىئىي بىر تەرەپ قىلىنىشى خاراكتېر جەھەتتە مۇقام ئومۇمىي بەدىئىي ئالاھىدىلىكىنىڭ ئىخچاملىنىپ، ئەڭ ئاخىرقى قىسمىدا قايتىدىن ئىپادىلىنىشى. بەدىئىي جەھەتتە بىرتەرەپ قىلىشتا مەشرەپ قىسىمىدىكى ئاھاڭ راۋاجى ھېسسىيات ۋە كەيپىيات جەھەتتە پەيدىنپەي كۆتۈرۈلۈشى، ئاخىردا يۇقرى دولقۇندا ئەۋجىگە چىققان جىددىي، قىزغىن، شوخ ھاياجان تولۇق ئىپادىلىنىشى كېرەك. |
|