查看完整版本: [-- ئارمان سۆيگەن تىنىقلار(گۈلخان) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> ئارمان سۆيگەن تىنىقلار(گۈلخان) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gulhan 2012-02-27 00:01

ئارمان سۆيگەن تىنىقلار(گۈلخان)

كېتىۋاتىمەن ئۆزەمنى ئىزدەپ. ھەربىر قەدىمىمدە ئۆزلۈكۈم ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ. M!/Cknm  
gLE:g5v6  
   ئاياللىق بۇرچ،كەسپى مەسئولىيەت باسقان يەلكەمگە قۇنىۋىلىشتى يەنە ئادەمگەرچىلىك، تۇققاندارچىلىق،...چىلىك..چىلىق... }\%Fi/6Z{  
U&Wt%U{  
ئۇلاردىن بىرەرسىنى چۆرۋىتىشكە ئامالسىزمەن ھازىرقى دەۋىردە. مەيلىم ئۆزەمنىڭ ئەمەس،كېتىۋاتىمەن بۇھاياتلىقتا ئېغىرلاشقانلىقتىن «دوك» بولۇپ قالغان «مەجروھ» تېنىمنى ئېلىپ. eM$sv9?  
N>XS=2tzN  
بەزىدە ئارمانلىرى بوغۇلغان يۈرىكىم دۈپۈلدەپ ،ئۆپكەم تىقىلىپ، كۆز ياشلىرىم سەل بولۇپ ئىقىشقا ھازىرلىنىدۇ.بۇنداق چاغلاردا لەۋلىرىمنى چىڭ چىشلەپ ياشلىرىمنى توسۇيمەن قەيسەرلەشكەن كىرپىكلىرىمدە. ھەي، يىغلايمەن دەپمۇ يىغلىيالمايمەن. قانغۇدەك يىغلىۋالىدىغان ئورۇنمۇ يوق ماڭا. « نىمىگە يىغلايسەن ، بەخىت ئىچىدە تورۇپمۇ رازى بولمىدىڭمۇ؟»دەپ چەكچىيەر ئېرىم.« ئېرىدىن كۈڭلى رەنجىپتۇ-دە» دەر دوستلىرىم.« بىچارە...» دەپ باش چايقىشار زامانداشلىرىم... ' 0J1vG~c  
$6mX  
  چۆل گۈللىرى رەڭدار ئىچىلغان باھار پەسلىدە تەبىئەت قوينىدىن قانغۇدەك بەھىرلىنىپ،روھ قەسىرىمگە ئۇلاردىن ئابىدە تىكلەي دەيمەن،بىراق پۇرسەت يوق ماڭا پەقەت بىركۈنمۇ... YL]Z<%aKt  
.#rJ+.2  
  كۆك رەڭگە ئاشىق قەلبىم بىلەن دىڭىز دۇلقۇنلىرى سۆيگەن قۇملۇق ساھىلدا يۈگرەپ،گۈزەل كۆك قوينىغا سىڭسەم دەيمەن بىرقىتىم. ئاھ، بىراق پۇرسەت كېلەرمۇ ماڭا،ھېچ بىر كۆزۈم يەتمەس ئەتەمگە... wgamshm"d  
)L#i%)+  
 كۈندە پەقەت ۋە پەقەتلا ئۆزەمگە تەۋە ئۈچ سائەت خالى ۋاقتىم بولسا، ئارزويۇم بويىچە تىل دېڭىزىدىن ئۇچۇملاپ ئېلىپ ئەدەبىيات قوينىدا ئۈزسەم دەيمەن بەختتىن تېلىقىپ.بىراق... h|,:e;>}  
jz qyk^X  
  تۈگمەس ھايات كويلىرى سېلىۋالغان ئالدىغا مېنى،ھەر بىر كۈننىڭ ئۆزەمگە قالغان خالىي ۋاقتىدا بولسا رەھىمسىز سائەت قولى بىلەن كىچە 12نى كۆرسىتىپ تۇرۋالىدۇ بېزىرىپ.شۇنداقتىمۇ ئەمدىلا تىنچلانغان خانەمدە كىتاپلىرىمنى ئاچىمەن زور ئۈمۈت بىلەن. ئاھ،بىراق ئۇزۇنغا بارماي قۇلۇمدا قەلەم تۇتقان ھالىتىمدە مۈگدەپ قالىدۇ چوڭ مىڭەم. +kzo*zW$L  
7R6ry(6N  
   تۇنجۇققان ئارمانلىرىم ئاتار شۇ چاغ نەيزىنى يۈرىكىمگە:« قاچانمۇ ئالتۇن ۋاقتىڭنى ئاجرىتارسەن ئارمانلىرىڭغا!!!» زەخىم يېگەن يۈرۈكۈم يىغلامسىرايدۇ ئامالسىزدۇر جاۋاپ بېرىشكە. قان تامچىلغان كۆزلىرىمدە ئۇيقۇ ھۈكۈمران. ?QFpv #4  
v":x4!kdX  
ئاھ، ئارمانلىرىم قاچانمۇ مەن سېنى، سەن مېنى چىڭ قۇچاقلايدىغان كۈنلەر كېلەر... ]sE?ezu  
>zXsNeGQR  
كېتىۋاتىمەن،ئۆزلۈكۈم ئۈچۈن ھەر بىر قەدىمىمدە مىڭ بىر توسۇلۇپ.ئۈمۈت قۇياشتەك پارلاپ ئارمانلىرىمنى بىرلىيارتتەك چاقنىتار دائىم.شۇ يورۇقلۇقنى كۆزلەپ كېتىۋاتىمەن ئۆزۈمنى ئىزدەپ. ھەر بىر قەدىمىمدە قالار قانلىق ياشقا تولغان ئىز... KG|n  
(مەنبە_ ئۆز ئىجادىيىتىم) ^,/RO5  
  ;C3US)j  
q*_/to  
n%-R[vW  
بۇ نەسىر 2013-يىللىق تۇرپان ئەدەبىياتىدا ئېلان قىلىندى.

koksangun 2012-02-27 00:28
نېمە دېگەن پاساھەت ، نېمە دېگەن چىن ھېسسىيات ! ++6`sMJ  
تېمىلىرىڭىزئۈزۈلمىگەي ... بەزى تەۋپىقداشلىرىمىزدەك نۇر چاقنىتىپ قويۇپلا غايىپ بولماڭ ، دائىم يېزىڭ ۋە يوللاپ تۇرۇڭ ...

gulhan 2012-02-29 20:29
كۆك سانغۇن مۇئەللىم، مىنى ئىلھاملاندۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت. 2NC.Z;  
سىزدەك پىداكار ، مەسئۇلىيەتچان مۇئەللىملەرنىڭ ئىزىدىن مىڭىش بىزنىڭ بۇرچمىز...

gulhan 2012-10-18 12:20
ئارمانلىرىم يۇلتۇز بولۇپ، ئېزىپ كىتۋاتقان كۈنلىرىمگە نىشانە بولغىن!!!!

ماھى 2012-10-18 12:31
مۇشۇنداق نادىر ئەسىرىڭىزنى مۇشۇ ۋاقىتقىچە كۆرمىگىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. hIy~B['  
بۇ نەسىرىڭىزدە(مەن نەسىر دەپ ئاتىدىم)ئىشلەتكەن تىللار نېمىدىگەن پاساھەتلىك.ماڭا بەرگەن بەدىئىي زوقىمۇ شۇنداق يۇقىرى بولدى. D{GfL ib"U  
بىز ئاياللار ئەنە شۇنداق،ئارمانلىرىمىزنىڭ ئوتىدا داۋاملىق ئوت بولۇپ يانىمىز.شۇ ئارمانلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىرى يوق دىيەرلىك. شۇنداقتىمۇ ئۈمىدسىزلەنمەي داۋاملىق ئالغا قاراپ ماڭايلى.بەلكىم بىر كۈنلەردە سىڭدۈرۈۋاتقان ئەجىرلىرىمىزنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ قالساق، ئۆتكەن ھەر بىر كۈنىمىزدىن سۆيۈنەرمىز. t;W0"ci9  
مۇشۇنداق تويۇنغان تەپەككۇرلىرىڭىز توختاپ قالمىغاي.قەلىمىڭىزگە دەرد كەلمىسۇن. ?zh9d%R  
سىزنىڭ ھەر بىر تېمىڭىزدىن ئۆزگىچە زوققا ئېگە بولىمەن.ھارماڭ دوستۇم...

danix 2012-10-18 16:22
     شۇنداق ، ھەممىمىزدە ئارمان بار . لېكىن ، شۇ ئارمانلارغا يېتىدىغان دەرمانلىرىمىزنى سىز ئېيتقاندەك « ... چىلىق - چىلىقلار » خورىتىپ ، بىزنى ھالسىزلاتماقتا . لېكىن ، بىزنى ئۈمىد ، نىشان داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەشكە دەۋەت قىلماقتا . بىز ئىلگىرلەيلى ، ھال - ھۇلىمىزدىن كەتسەكمۇ تىرىشىپ ، تىرمىشىپ ئىلگىرلەيلى ! ئىلگىرلەش بىزنىڭ مىللەتكە ، خەلقىمىزگە بەرگەن ۋەدىمىز ئەمەسمۇ ؟ كېلىڭ ، قولنى - قولغا تۇتۇشىپ ، تەڭ ئىلگىرلەيلى ! بىرىمىز ھارساق ، بىرىمىز يۆلۈشۈپ ئىلگىرلەيلى ! ئىزىمىز ئۇزۇن - ئۇزۇن يوللاردا قالسۇن ! ئىزىمىزدىن گۈلخانلار يېقىلىپ ، ئىزباسارلىرىمىزغا پارلاق يول ئاچىلسۇن !!!

gulhan 2012-10-18 20:51
قەدىناس مۇنبەرداش دۇستۇم ، ئۇستازىم ئاق گۈلنىڭ بۇ نەسىرىمگە بەرگەن باھاسىدىن بەكمۇ سۈيۈندىم. h,QKd>4:CF  
كۆپ رەھمەت سىزگە، ئاق گۈل. سىزدەك تىنىمسىز ئىزدىنۋاتقانلار روھىدىن تەسىرلىنۋاتقان ، مەندەك ئاران-ئاران يىلىنجىۋاتقان گۈلخان ئۇلغۇيىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

gulhan 2012-10-18 20:53
دانىش مۇئەللىم، ۋۇجودىڭىزدىكى ئەستايىدىللىق، تىرىشچانلىق، ئىزچىللىق مىنى تەسىرلەندۈرگەن. مىنى يىتەكلىگەن ئۇستازىمدۇرسىز. k2E0/ @f{k  
  ساقلىق يار بولسۇن سىزگە.

ئەكبەرنىياز 2012-12-20 23:18
گۈلخان ھەر رەت يالقۇنجىغاندا ، >AC]#'  
كۆيدۈرىدۇ دىلداش دىللارنى . CF&NFSti^  
«ئارمان سۆيگەن تېنىقلىرى» دا ، M=.:,wRm  
سېغىنىدۇ گۈلگۈن يىللارنى  .

akida228 2012-12-20 23:48
گۈلخاننىڭ  يالقۇنلىرى مەندىن قەدەممۇ قەدەم يىراقلاپ كىتىۋاتقان ئارمانلىرىمنى ، مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشماس ، مېنى ئۆز قوينىغا ئالماس ئاشۇ ئارمانلىرىمنى  تولۇقى بىلەن ھىس قىلدۇردى، ھارمىغايسىز دوستۇم  

gulhan 2013-07-18 01:07
بۇ نەسىرىم تۇرپان ئەدبىياتىنىڭ 2013-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىندى.

چېچەك 2013-09-15 14:09
پاھ نېمە دېگەن ئېسىل ئەسەر بۇ. ھارمىغايسىز!      

گۈلنىھال 2014-01-06 16:57
ھەر بىر سۆزىڭىزدىن ئىپار ھېدى كېلىدىكەن جانىم !ھارمىغايسىز !

گۈلنىھال 2014-01-06 17:57
گۈل پۇرايسەن ، پۇراق چاچقان رەيھانسەن ، 0B3 Q Vbp'  
ھارمىغايسەن ، ئەل ئىشقىدا گۈلخانسەن . e)pTC97^L  
ئىپار ھېدى كېلەر ھەر -بىر سۆزۈڭدىن ، INLf#  N  
يۈرەكلەرگە شىپا بولغان  شەربەتسەن ! Oje|bxQ  
1*R_"#  
=jIxI,  
ياكى b:x7)$(  
دەرتكە داۋا ، سۈيى تاتلىق  كۆلچەكسەن . ... دىسە بولارمۇ يا؟

گۈلنىھال 2014-01-06 18:00
تازا قاملىشىپ كەتمىدى ،  دەردكە داۋا ، ئېقىپ تۈگمەس بۇلاقسەن  ، دىسەم بولارمۇ يا؟ ياردەم قىلىڭلار ئ

مىېھرىما 2014-01-20 18:09
مۇشۇنداق ئېسىل يازما بىلەن بىزنى ئۇچرىشىشى پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقىڭىزدىن بەكمۇ سۆيۈندىم ، رەھمەت سىزگە . بۇ ئېسىل يازمنى يازغان شۇ قوللىرىڭىزغا دەت بەرمىسۇن.

زۇبەيدە 2014-03-14 11:38
مۇشۇنداق نادىر ئەسىرىڭىزنى مۇشۇ ۋاقىتقىچە كۆرمىگىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. 56e r`=ms   `WraOsoY  
بۇ نەسىرىڭىزدە(مەن نەسىر دەپ ئاتىدىم)ئىشلەتكەن تىللار نېمىدىگەن پاساھەتلىك.ماڭا بەرگەن بەدىئىي زوقىمۇ شۇنداق يۇقىرى بولدى. ME;n^y\8   bnA T,v{  
بىز ئاياللار ئەنە شۇنداق،ئارمانلىرىمىزنىڭ ئوتىدا داۋاملىق ئوت بولۇپ يانىمىز.شۇ ئارمانلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىرى يوق دىيەرلىك. شۇنداقتىمۇ ئۈمىدسىزلەنمەي داۋاملىق ئالغا قاراپ ماڭايلى.بەلكىم بىر كۈنلەردە سىڭدۈرۈۋاتقان ئەجىرلىرىمىزنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ قالساق، ئۆتكەن ھەر بىر كۈنىمىزدىن سۆيۈنەرمىز. N;A@' tu8   \.K\YAM<  
مۇشۇنداق تويۇنغان تەپەككۇرلىرىڭىز توختاپ قالمىغاي.قەلىمىڭىزگە دەرد كەلمىسۇن.  }8@M@   P@^z:RS*{  
سىزنىڭ ھەر بىر تېمىڭىزدىن ئۆزگىچە زوققا ئېگە بولىمەن.ھارماڭ دوستۇم...

مىېھرىما 2014-03-14 11:40
بۈگۈنمۇ ئىختىيارسىز ئوقۇپ كېتىپتىمەن يەنە . ئوقسام ئوقۇغۇم كەپلا تۇردۇ . رەھمەت سىزگە.


查看完整版本: [-- ئارمان سۆيگەن تىنىقلار(گۈلخان) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled