查看完整版本: [--
مەكتەپ گىرىبىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
رەسىم
->
مەكتەپ گىرىبىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
yaxar
2012-02-21 02:06
مەكتەپ گىرىبىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى
مەكتەپ گىرىبىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى:
~8TF*3[}[
قەشقەر شەھەرلىك 23- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ گىرىبىنىڭ ئومومى كۆرۈنىشى چەمبەر شەكىللىك بولۇپ، ئىككى دانە قىزىل رەڭلىك مەرگەزداش چەمبەر، ئىككى دانە ئاق رەڭلىك مەرگەزداش چەمبەر، يىزىق، رەقەم، كۆك ئاسمان، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇز، كۈلرەڭ تاغ، يىشىل دالا، دەستىلەپ قويۇلغان ئىككى پارچە كىتاپ، ۋە يىشىل مايسىدىن تەركىپ تاپقان.
@dl8(ILk'
مەكتەپ گىرىبىدىكى قىزىل رەڭلىك تاشقى چەمبەربولسا جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىگىدىكى ئۇلۇق ۋەتەنگە سىمۇۋۇل قىلىنغان، قىزىل رەڭلىك ئىچكى چەمبەرگە ئاق رەڭدە ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە ئىككى خىل يىزىقتا قەشقەر شەھەرلىك (خاڭدى) 23- ئوتتۇرا مەكتەپ دىگەن مەكتەپ نامى يىزىلغان بولۇپ، قىزىل رەڭ- مەكتىۋىمىزدە پارتىيە ياچايكىسى يىتەكچىلىگىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈرۈمىىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇپ، "ئۈچ تەدبىر" نىڭ ئەمىلىيلەشكەنلىگىگە سىموۋۇل قىلىنغان، ئاق رەڭ- مەكتەپ باشقۇرۇشتا پاك دىيانەتلىك بولۇپ، خەلق رازى بولىدىغان، تەشكىل خاتىرجەم بولىدىغان مەكتەپ قۇرۇش نىشانىمىز ۋە ئىرادىمىزگە سىمۇۋول قىلىنغان، ئىككى خىل يىزىق- قوش تىل ئوقۇتۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مائارىپ فاڭجىنىنى ئومومى يۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش نىشانىنىزغا سىمۇۋول قىلىنغان، ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە ئىككى خىل يىزىقتىكى قەشقەر شەھەرلىك (خاڭدى) 23- ئوتتۇرا مەكتەپ، 喀什市(荒地)第二十三中学 دىگەن خەتلەر مەكتەپ نامىنى ئىپادىلەيدۇ، سىرىق رەڭدە يىزىلغان 1979 دىگەن رەقەم مەكتىۋىمىزنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى ئىپادىلەيدۇ.
b(l0js
كۆك ئاسمان بولسا ئىللىق ۋەتەن قوينىغا سىمۇۋول قىلىنغان، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇز مەكتىۋىمىزدە ئوقۇپ، جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىۋاتقان ئىقتىساس ئىگىلىرىگە سىمۇۋول قىلىنغان، كۈلرەڭ تاغ قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسىغا سىمۇۋول قىلىنغان بولۇپ، مەكتىۋىمىزنىڭ قارا قۇرۇم تاغ باغرىغا جايلاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، دەستىلەپ قويۇلغان ئىككى پارچە كىتاپ ئىلىم مەرىپەتكە سىمۇۋول قىلىنغان، دەستىلەپ قويۇلغان ئىككى پارچە كىتاپ ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان S شەكلى دەرياغا سىمۇۋول قىلىنغان بولۇپ، مەكتىۋىمىزنىڭ تۈمەن دەريا بويىغا جايلاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، يىشىل دالا قارا قۇرۇم تاغ باغرى، تۈمەن دەريا بويىغا جايلاشقان خاڭدى يىزىسىغا سىمۇۋول قىلىنغان، يىشىل مايسا بولسا مەكتىۋىمىزدە تەربىيىلىنىۋاتقان ياش بوغۇنلارغا سىمۇۋول قىلىنغان.
yaxar
2012-02-21 02:15
نۆۋەتتە ئەخلاق تەربىيەدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ بەرپا قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مەكتەپ گىرىبىنىڭ بولىشى تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ، شۇڭا بۇ جەھەتتە باش قاتۇرىۋاتقان مەكتەپلەرنىڭ كۆرۈب بىقىشىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ تىمىنى يوللاپ قويدۇم، بىراق مۇنبەرگە رەسىم يوللاش ئۇسۇلىنى بىلەلمىگەچكە مەكتەپ گىرىبىنىڭ رەسىم ھۆججىتىنى يوللىيالمىدىم. مۇنبەرداشلارنىڭ يارىدىمىدە ئەتىگىچە مەكتەپ گىرىبىنىڭ رەسىم ھۆججىتىنىمۇ يوللاپ قويىمەن.
tawpek
2012-02-21 14:54
ھەقىقەتەن چىرايلىق، مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ،
$ KB
.IgRY\?Q
ھىلىقى 78، 98 دىگەندەك كۆرسەتكۈچلەر شۇمۇ؟
jAC78n,Fi@
jnJZ#=)
بىزنىڭ مەكتەپنىڭمۇ گىربى بارمىدۇ؟ باشقىلارمۇ مەكتىۋىنىڭ گىربىنى يوللاپ باقسا كۆرۆپ باقساق بولغۇدەك.
natiwan
2012-03-07 00:24
بۇ كۆرسەتكۇچتىن ئاران ئۆتكەن دېسە بىز.
xatgvl
2012-03-15 15:59
بەك ئوبرازلىق بۇپتۇ
yawabora
2012-03-24 21:00
ياشارجان رەھمەت سىزگە
tawpek
2012-08-07 12:54
بىز ئۇ كۆرسەتكۈچتىن تىخى ئۆتمىدۇق، بۇنداق گىرىب مەكتەپ ناخشىسى دىگەنلەرنىمۇ ئۇقمايدىكەنمىز.
查看完整版本: [--
مەكتەپ گىرىبىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled