anayurt905 |
2012-02-20 20:17 |
ئۇيغۇرتىلىدىكى جۈملىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن
ئالدىنقى قىتىملىق تەكرار سۇئاللىرىدا جۈملىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن بۆلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردا ئاددى جۈملىلەرنى بايان، بۇيرۇق،سۇئال،ئۈندەش جۈملە نوقتىسىدىن تۈرەە ئايرىپ مىساللار چىققان، بۇ قېتىملىق تەكرار سۇئاللىرىدا (ئۆگەندە) مۇرەككەپ جۈملىلەرنى بايان، بۇيرۇق دەپ ئايرىپ سورىغان جايلار تولاراق ئۇچرايدىكەن. k}18
~cWM مۇرەككەپ جۈملىلەر تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملە نوقتىسىدىن سورىماي، بىراقلا مورەككەپ جۈملە نوقتىسىدىن ھۆكۈم قىلىپ قويۇپتۇ.مەسىلەن: upi\pXv 4fSGc8 دۇرۇس ياشايمەن دېسەڭ،باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرسەڭمۇ،لېكىن ئۆزۈڭنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرمە.(مەزمۇن جەھەتتىن بايان جۈملە، بۇ جۈملىدە جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆز قوللىنىلمىغان، ئەمما ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ئىككى خىل تۈرى قوللىنىلغان دىيىلگەن)ئالدىدىكى ئىككىسى بايان، كەينىدىكىسى بۇيرۇق.كەينىدىكى ئىككى سۆكۈم توغرا. "d"6.ND r?7tI0 كىتاب ئوقۇيالمىساڭمۇ ، يىغىپ ساقلاپ قوي، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىڭ پايدىلىنىپ قالار.(دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە. بۇ جۈملىدە باش جۈملىدىن ئىككىسى بار، ئەڭ ئاخىرقى جۈملىنى بايان جۈملە دېسەك بولىدۇ دىيىلگەن . بۇھۆكۈم توغرا.) 1-جۈملە بايان، 1-جۈملە بۇيرۇق،3-جۈملە بايان،بۇ سۇئال مۇۋاپىق بوپتۇ. zPm|$d \&BT#8ELG دوستلۇق ئالىقاندىكى قۇمغا ئوخشايدۇ، بوش تۇتساڭ، ئالىقاندا تۇرىدۇ، بەك چىڭ تۇتساڭ،بارماقلىرىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ كېتىدۇ. دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن بەش ئاددىي جۈملىدىن تۈزۈلگەن ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە، مەزمۇنىدىن بايان جۈملە. بۇ ھۆكۈممۇ توغرا. ھەر بىر ئاددىي جۈملە ھەممىسى بايان جۈملە yo^M>^P\N _D"V^4^yqu i4Da 'Uk سەن بىر مىنۇتنىڭ قىممىتىنى چۈشىنەي دېسەڭ، پويىز، ئاپتوموبىل، ئايروپىلانغا خاتا ئولتۇرۇپ قالغان ئادەمدىن سوراپ باق. دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە، باش جۈملە تەركىبىدىكى سۆز ھەم بېقىندىلىق، ھەم تەڭداش باغلىنىشتا كەلگەن. بۇ جۈملە مەزمۇنىدىن بايان جۈملە . ئۆلچەملىك جاۋابتا توغرا دەپتۇ. [[s^rC لېكىن ئىككىلا جۈملە بۇيرۇق جۈملە بولىدۇ. aE(DNeG-H jI/#NCKE بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق سۇئاللار ئۇچراپ قالسا قانداق قىلىمىز. مۇرەككەپ جۈملىدە بېشىدىكى جۈملە قانداق بولسا شۇ بويىچە ھۆكۈم قىلامدۇق ياكى باش جۈملە قانداق جۈملە بولسا شۇنداق ھۆكۈم قىلامدۇق. cB0"vbdO
|
|