kumush |
2012-02-15 17:26 |
مەن تۇركىيە فىلىملىرىنىڭ تەسىرىنى يالقۇن روزى ۋە تەۋپىقتەك كۈزىتىپ،تەھلىل قىلىپ ئويلىمىماپتىمەن. بىراق دوستلىرىمدىن نەچچە ئون قىسىم،ھەتتا يۈز قىسىم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ،بۇ فىلىملەردىن بىرىنىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم.چۈنكى كۆرۈشنى باشلاپ كەتسەم ئىككى بالام ھەم يولدۇشۇم بىلەن مۇڭدىشىدىغان بىللە پائالىيەت قىلىدىغان ۋاقىت ئازلاپ كەتكىدەك،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالى مەكتەپكە ئىنتىھان بېرىدىغان چوڭ قىزىمغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويماي دەپ ئەنسىرىدىم. ,Uv8[ci%9 تەۋپىق دىگەندەك سەلبى تەسىرنىمۇ ئويلىمىساق بولمايدىكەن،چۈنكى بۇنىڭ ئەمىلى تەسىرىدىن بەكرەك خىيالى تەسىرى كۆپ بولۇپ كېتەمدۇ-قانداق؟ E~|`Q6&Y مەن نۇرغۇنلارنىڭ بۇ فىلىملەردىكى قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەت،ئەر-ئايال مۇھەببىتى ،مۇئامىلە،سۆز سەنئىتى ھەققىدە ئاغزى قۇرىغىچە سۆزلىگىنىنى ئاڭلىدىم .لېكىن ئۇلار بۇنى خىيالىدا شۇنداق ئويلاپلا قېلىۋېرىدۇ، ئەمىلىيىتىدە بولسائەكسىچە . ئۇلار بۇنداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تۈركىيىلىكلەردەك قىلىپ ئۆزگەرتىپ بېرىدىغان بىرسىنىڭ پەيدا بولىشىنى ساقلايدۇكى،ھەرگىزمۇ ئۆزى ئازراق قۇربان بېرىشنى خالىمايدۇ. L5*,l`lET |
|