查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تىبابىتى داۋالاش دەستوردىن تەرمىلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> ئۇيغۇر تىبابىتى داۋالاش دەستوردىن تەرمىلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kokbilyartay 2012-02-11 23:50

ئۇيغۇر تىبابىتى داۋالاش دەستوردىن تەرمىلەر

داغ ۋە سەپكۈن

(تونۇش) بۇ يۈز تېرىسىنىڭ رەڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان چوڭ- كىچىكلىكى، شەكلى ۋە رەڭگى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان، قاننىڭ بۈزۈلىشى ۋە قۇرۇق سوغۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبلىك، بۇرۇن ئەتراپى، كۆز جىيىكى،پېشانە قاتارلىق ئورۇنلاردا رەڭگى سۇس سېرىق ياكى قۇڭۇر رەڭدە پەيدا بولىدىغان تېرە بىلەن بىر تەكشىلىكتىكى چېكىتسىمان داغلاردىن ئىبارەت.

(داۋالاش)

1.      تەرخەمەك (خۇاڭگا)نى ئوتتۇرىسىدىن ئىكى پارچە قىلىپ، كۈندە 15 مىنوت ئەتراپىدا يۈزىگە سۈرتۈشى بىر ئاي ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرسا، يۈزدىكى سەپكۈن يوقىلىدۇ.

2.      چىڭسەينى سىقىپ 40گرام سۈيىنى ئېلىپ، 60گرام ئاكۋا بىلەن تەڭشەپ كۈندە بىر ۋاخ 15كۈن يۈزگە سۈرتسە،سەپكۈن يوقلىدۇ.

3.      يەرلىك سەۋزىنى ئۇششاق توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ،كۈندە بىر قانچە قېتىم سەۋزە قاينىتىلغان سۇ ھورىدا يۈزنى ھورلاندۇرۇلسا، داغنى چۈشۈرۈپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىلىدۇ.

4.      94گرام ئۆرۈك مېغىزى،يېرىم قوشۇق تۇز ئۇپا ھالىتىگە كەلگۈچە سوقۇلۇپ، سۇ بىلەن ئارىلاشتۈرۇلۇپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر ھەپتىدە 3-2 قېتىم يۈزدىكى داغ ئۈستىگە سۈركەپ بېرىلسە، داغنى يوقىتىشتا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

5.      3 قوشۇق چىش پاستىسى، 1 قوشۇق جۇخارگۈلى پاراشوكى، يېرىم قوشۇق ئاچچىقسۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، يۈزدىكى داغ ئورنىغا ھەر 2 كۈندە 1 قېتىم سۈركەپ بەرگەندە، يۈزدىكى داغ يوقىلىدۇ.

6.      چامغۇر ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تۇخۇمنىڭ ئېقىغا ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ، ئاخشىمى ياتار ۋاقىتتا يۈزنى سوپۇنلاپ يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن يۈزگە سۈركەپ بەرسە يۈزدىكى داغنى يوقىتىدۇ.

7.      خولىجاننى سوقۇپ تاسقاپ، زەيتۇن يېغى ياكى ياسىمەن يېغى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، تېرىنى پارقىرىتىپ تېرە يۈزىدىكى ھەر خىل داغلارنى چۈشۈرىدۇ.

8.      قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزىنىڭ ھەر بىرىدىن 60گرام، رەۋەنچىندىن 35گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەسەلدە مەلھەم قىلىپ سۈرسە داغ ۋە سەپكۈننى يوقىتىدۇ.

9.      كۈندە ئەتتىگەن ۋە كەچتە بىر دانە ئالما، بىر دانە ئاپلېسىن ۋە ئون دانىدىن چىلان يەپ بەرسە، داغ ۋە سەپكۈننى چۈشۈرىدۇ.

10.  يەرلىك سەۋزىدىن بىر تال توغراپ قاينىتىپ، كۈندە بىر قانچە قېتىم يۈزى ھورلاندۇرىدۇ. چامغۇر ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، تۇخۇم ئېقى ئارىلاشتۇرۇپ، كەچتە ھورلىىش سۈيى بىلەن ھورلىنىپ بولغاندىنن كېيىن يۈزگە سۈرتىلىدۇ.

11.  توخو تۇخۇمى يېغى بىلەن ئۆرۈك مېغىزىنى مەلۇم مىقداردا ئېلىپ ئۆرۈك مېغىزىنى ئېزىپ تۇخۇم يېغى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەر ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال يۈزگە سۈرتۈپ، ئەتتىگىنى يۇيىۋەتسە، بىر ئايدىن كېيىن داغ، سەپكۈنلەر يوقايدۇ.

 

 

قورۇق چۈشۈش

  (داۋالاش)

 

1.      مۇۋاپىق مىقداردىكى ئۆرۈك مېغىزىنى يۇمشاق يانجىپ تالقان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئاندىن تەڭ مىقداردا ھەسەل قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنى ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە يۈزگە سۈرۈپ بەرسە،قورۇقنى ئازايتىدۇ،شۇنىڭدەك يۈزنى ئاقارتىدۇ ۋە سىلىقلاشتۇرىدۇ.

2.      ھەسەلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، 2  - 3 ھەسسە سۇ ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇقلاندۇرۇپ مەلھەم قىلىپ تەييارلاپ،ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى يۈزنى پاكىز يۇيۇپ، مەلھەمنى يۈزگە سۈركەپ، ھەسەل تېرىگە سىڭىپ كەتكۈچە تەخمىنەن 10 مىنوت ئۇۋۇلاش كېرەك. بۇ مەلھەمنىڭ تېرىنى غىدىقلاش رولى يوق، ھەمدە ئەكس تەسىرىمۇ بولمايدۇ، دائىم ئىشلىتىپ بەرسە، تېرىنى يۇمراق ۋە پارقىراق قىلىدۇ.

3.      ئاق موم، ھەسە، باش پىياز شىرنىسى، پىياز گۈل شىرنىسىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا 30گرامدىن تەييارلاپ ھەممىسىنى ساپال قاچىغا سېلىپ، ئوتنى سۇس قىلىپ قىزىتىپ،ياغاچ تاياقچە بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، سوۋۇغاندىن كېيىن بوتۇلكىغا سېلىپ ئىشلىتىشكە تەييارلاش كېرەك، ھەر كۈنكى ئەتىگەن ۋە كەچتە يۈزنى پاكىز يۇيۇپ،ئاندىن قورۇق يوقىتىش مەلھىمىنى يۈزگە سۈركەپ ئون مىنوتتەك ئاستا ئۇۋۇلاپ،ئاندىن يۇمشاق لاتا بىلەن سۈرتىۋېتىش كېرەك. بۇ خىل مەلھەم قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قورۇق يوقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، دائىم ئىشلەتسە يۈزدىكى قورۇقنى يوقىتىپ،يېڭى قورۇقلارنڭ قايتىدىن پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

4.      كالا سۈتىدىن بىرنەچچە تېمىم تېمىتىپ يۈز ۋە قولغا سۈرتۈپ بەرسە، تېرىنىڭ پارقىراق ۋە يۇمشاق بولۇشىنى ئاشۇرىدۇ.

5.      كۈندە ئەتىگەندە يۈز يۇغاندا داسقا ئىسسىق سۇ قۇيۇپ ئۈستىگە لۈڭگە يېپىپ يۈزنى ھوردىتىپ بەرسە، يۈزگە قورۇق چۈشۈشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

6.      سېرىق پۇرچاقنى قاينىتىپ، قايناتقان سۈيىنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن قول ۋە يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە، يۈزگە قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

7.      تەرخەمەكنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېستىمال قىلغاندا، چىراي گۈزەللىكىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ.

8.      ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە مەرۋايىتنى يۈزگە ئاستا سۈركەپ بەرسە، تېرىنى ئاسراش، ھۆسىن تۈزەش، داغ ، قورۇق يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

9.      قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى،قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى،تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزىنىڭ ھەر بىرىدىن 5گرامدىن ئېلىپ، تازا يانجىپ، 50گرام سىقىلغان پىياز سۈيىدە مەلھەم تەييارلاپ،ھەركۈنى  ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈزنى يۇيۇپ بولۇپ، بۇ مەلھەمنى سۈرتۈپ بەرسە، چىرايىغا قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۆرىنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

10.  ئاياللارنىڭ يۈزىگە تۇغۇتىدا داغ چۈشۈپ قالغاندا، ئالگىت دەپ ئاتىلىدىغان دورىنى زەپەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە،يۈزدىكى داغ يوقاپ كېتىدۇ.

11.  تولۇق پىشقان تاتلىق قوغۇن مېغىزىنى ئېزىپ، شۇ قوغۇننىڭ سۈيىگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، توغۇتتىن كېيىنكى داغنى چۈشۈرىدۇ. چىرايىدىكى قورۇقلارنى يوقىتىپ،يۈز تېرىسىدىكى قورۇقلارنى يوقىتىپ،يۈز تېرىسىنى پارقىرىتىدۇ ۋە سىلغايتىدۇ.

12.  ياڭاق مۇرابباسىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە تاماقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلسا،ھۆسنىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلىنسا ، تېرىنى سىلىق ۋە پارقىراق قىلىدۇ.

 

           چاچ بالدۇر ئاقىرىش

 ئومومەن يېشى 40تىن تۆۋەن كىشىلەر، بولۇپمۇ ئاياللار ھەر كۈنى ئەتتىگەن ناشتىدا 7 دانىدىن 11 دانىغىچە سىياداندىن كاپ ئېتىپ تۇرسا، چېچى ئاقىرىشقا باشلىغانلارنىڭ چېچى ئەسلىگە كېلىدۇ، شۇنداقلا چېچى ئۆلۈك ۋە ئىنچىكە بولغانلارنىڭ چېچى قويۇق ھەم دانلىق بولۇپ، چىرايىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى قانچە بۇرۇن باشلىسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئەگەر چېچىغا ئاق كىرمىگەن ئاياللار بۇ خىل ئۇسۇلنى قانچە بۇرۇن باشلىسا،كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ چاچ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشتىن سىرت، چاچ قويۇق چەم دانلىق بولۇپ ئاسانلىقچە چۈشۈپ كەتمەيدۇ.


ozqan 2012-02-12 14:54
نېمىدىگەن ياخشى ساۋادلار بۇ !  بىز ئاياللار ئىشىلەشنىمۇ ، ئۆزىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈشنىمۇ بىلىشىمىز كېرەك ، رەخمەت ئەجرىڭىزگە ...

tawpek 2012-02-13 16:19
كىسىلىمگە تاپقان شىپانى سىلەرگىمۇ سۇناي:



http://kukyal.blogbus.com/logs/188723179.html



يۆتەل توختاتقۇچى بىر نەچچە رېتسىپلار



ھەببى سىل

تەركىبى:ئاقلانغان  تاتلىق بادام مېغىزى، ئاقلانغان ئاچچىق بادام مېغىزى ،قورۇلغان زىغىر، قورۇلغان چىلغوزا مېغىزى، ناۋات 14 گرامدىن؛ ئەينالۇ، رۇببىسۇس، ئېرسا ئالتە گرامدىن؛ زەفەر، ئەپيۇن تۆرت گرامدىن ؛.

دورىلارنى قائىدە بويىچە سوقۇشقا تېگىشلىكلىرىنى سوقۇپ، قالغانلىرىنى سالايە قىلىپ بەدىيان سۈيىدە يۇغۇرۇپ، نۇقۇت چوڭلۇقىدا كۇمىلاچلىنىدۇ.

گالنى سىلىقلاشتۇرۇپ ئاۋازنى ياخشىلاش،جاھىل ۋە كونا يۆتەلنى توختىتىپ ، ئۆپكە جاراھىتىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى كۈندە ئۈچ ۋاقت، بىر دانىدىن شۈمۈپ بېرىلىدۇ.



لوئوقى كەتان

زىغىر 90 گرام، قەردمانە 30 گرام، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا؛

دورىلارنى تالقانلاپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ لوئۇق تەييارلىنىدۇ.

تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: يۆتەل پەسەيتىپ، كۆكرەكتىكى بەلغەمنى تازىلايدۇ؛دەم سىقىش ۋە كونا يۆتەلگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى : كۈنىگە بىر قېتىم يەتتە گرامنى 55گرام ئەرقى گاۋزىۋان بىلەن ئىستىمال قىلىدۇ.



يەنە بىر نۇسخىسى:

زىغىر شىرىسى، قىزىل شېكەر، ھەسەل تەڭ مىقداردا

ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قاينىتىپ قىيامغا كەلتۈرۈپ تەييارلىنىدۇ.

بۇنىڭ ئىستىمال مىقدارى يۇقىرىدىكىسىدىن ئىككى ھەسسە مىقدارى بولىدۇ.

تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى :ئاساسەن ئوخشاش.



سۇپۇپى تىن



تاباشىر ، ئەرەب يىلىمى، گىل ئەرمىنى، ھەببۇلئاس 18گرامدىن، كۇندۇر ، پىرسىياۋشان 45گرامدىن.

دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ، سۇپۇپ تەييارلىنىدۇ.

تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: يۆتەل توختىتىپ، ئۆپكە جاراھەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەسىرىگە ئىگە.

كۈنىگە ئىككى ۋاقت 6-10 گرامغىچە ئىستىمال قىلىدۇ.





ھەببى سوئال



قاپاق مېغىزى، تەرخەمەك مېغىزى، قۇغۇن مېغىزى، بىھى مېغىزى بەش گرامدىن، ئەرەپ يىلىمى، نىشاستە، كەتىرا، تاباشىر ئۈچ گرامدىن، ئاق خەشخەش ئۇرۇقى ، سىمىز ئوت ئۇرۇقى يەتتە گرامدىن، ناۋات 46گرام.

دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، بىھى ئۇرۇقى شىرىسى بىلەن يۇغۇرۇپ قارىمۇچ چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: بەلغەم بوشىتىش ، يۆتەل توختىتىش، قىزىتما پەسەيتىش؛ يۆتەل ۋە سىل ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ.

كۈنىگە ئۈچ ۋاقت ، ئۈچ دانىدىن شۈمىدۇ.



لوئوقى سوئال

كۈشتە مەرۋايىت ، كۈشتە سەدەپ 18گرامدىن، كۈشتە قەلەي ئۈچ گرام، بىھى ئۇرۇقى لوئابى ھاجەتكە لايىق؛

ئاۋۋالقى ئۈچ خىل دورىنى گىلى ھېكمەت قىلىپ ، ئاندىن بىھى ئۇرۇقى لوئابى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ لوئۇق تەييارلىنىدۇ.

تەسىرى: يۆتەل توختىتىدۇ.

كۈنىگە ئىككى قېتىم ئۈچ گرامدىن ئېلىپ شۈمۈلىدۇ.

لوئۇقى سۇس

پوستى ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، كەتىرا 24گرامدىن،زىغىر ئۇرۇقى 12گرام، قارىمۇچ ئالتە گرام،شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا.

شېكەربىلەن چۈچۈكبۇيا يىلتىزىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ، چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى مۇۋاپىق سۇدا ئۇزاقراق قاينىتىپ، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ ،قالغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ لوئۇق ياسىلىدۇ.

كۈنىگە ئىككى ۋاقت 5 گرامدىن شۈمۈپ بېرىلىدۇ.



ھەببى مىئە



مىئە سائىلە، ئاسارۇن، قۇندۇز قەھرى، ئەپيۇن تەڭ مىقداردا ئېلىنىپ ھەب تەييارلىنىپ شۈمۈلىدۇ.بۇ ھەب زىيانلىك كونا يۆتەلنى توختىتىدىغان مەشھۇر ھەبدۇر(ئەلقانۇندىن)



ئايال كىشىنىڭ يۆتىلى كۆپىيىپ، نەپسى سىقىلىپ، كۆكرىكى چىڭىۋېلىپ بىئارام بولسا قوي كۆزىنىڭ ئېقىنى قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ناۋات بىلەن ھەر كۈنى ئەتىگەندە كاپ ئىتىپ بەرسە يۆتىلى ساقىيىدۇ(تەجرىبىدىن ئۆتكەن-خۇلاسە تىببىيەدىن)



يۆتەل ياكى زۇكامدا ماڭقا بولۇپ قالغان كىشى ئۆچكىنىڭ ئۆتىنى بۇرنىغا تېمىتسا شىپا تاپىدۇ(تەجرىبىدىن ئۆتكەن-خۇلاسە تىببىيەدىن)

تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بلوگى

مەنبەلەر:

سىل كېسەللىكىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش

ئەلقانۇن فىتتىب

مەخزەنۇل مۇرەككىبات

خۇلاسە تېببىيە

ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللەرنى داۋالاش قاتارلىقلار


ساقلىۋېلىش: Del.icio.us

ئەكبەرنىياز 2012-12-09 04:27
بەك پايدىلىق بىلىملەركەن ، ئېسىمدە ساقلىۋالدىم ، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تىبابىتى داۋالاش دەستوردىن تەرمىلەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled