查看完整版本: [-- مۇنبەرنى قايتىدىن پەنلەر بويىچە ...... --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تورداشلار تەكلىپ-پىكىرلىرى -> مۇنبەرنى قايتىدىن پەنلەر بويىچە ...... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۇيغۇرجان 2012-02-03 18:37

مۇنبەرنى قايتىدىن پەنلەر بويىچە ......

مۇنبەرنى قايتىدىن پەنلەر بويىچە رەتلەپ قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   مۇنبىرىمىز يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۇرگەن تەۋپىق ئەپەندى،قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا تەۋپىق تورىدا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مائارىپى ئۈچۈن  بارلىقىنى بىغىشلاۋاتقان مىھنەتكەش باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلە!
تەۋپىق تورىمىز قۇرۇلغاندىن تارتىپ مائارىپىمىز ئۇچۇن ئۆزنىڭ بارلىقىنى بىغىشلاۋاتقان مىھنەتكەش ئۇستازلار ھەم قوللۇغۇچىلارنىڭ ياردىمىدە  ھازىرغىچە بولغان ئارلىقتا يوقلىقتىن بارلىققا كىلىپ،تىز زورىيىپ بۇگۇنكىدەك نەتىجىلەرگە ئىرىشتۇق.تەۋپىق تورىدا مەن مۇشۇ موناسىۋەت بىلەن تەۋپىق تورىنى قۇرۇپ بىزلەرنىڭ سورىنىمىزغا ئايلاندۇرۇپ بەرگەن جاپاكەش تەۋپىق ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمەت ئىتىمەن.ھەمدە ئۆزۇمنىڭ كىچىككىنە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن.
ئالدىنقى قىتىم بىرەيلەن تەۋپىق تورىدا ماتىريال ئامبىرى قۇرۇش توغرىسىدا تىما يوللىغان ئىكەن. راسىت ھازىر توردا بار ئۇيغۇرچە ماتىريال(دەر دىتالى ياكى دەرىس تەييارلىقى) ناھايتى كەمچىل. مومكىن بولسا تەۋپىق تورى ئەدىبىياتتىن باشقا پانلارگە باسقۇچلار، پەنلەر  بويىچە ئايرىم ئىنىق قىلىپ سەھىپە قۇرۇپ بۇنىڭغا مەخسۇس دەرىس تەييارلىقى ھەم دىتالى يوللىساق شۇ ئارقىلىق تەۋپىق تورىنى موكەممەل ئۇيغۇرچە يىزىقتىكى ماتىريال ئامبىرى قىلىپ قۇرساق تورىمىزنىڭ كەلگۇسى تىخىمۇ ياخشى بولاتتى!قالغىنى تەۋپىقتىكى باشقا ئۇستازلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقايلى!

xayda 2012-02-03 22:26
مۇنبەردە تەبئىي پەن دەرسلىك دېتالى كەمچىلمۇ قانداق؟ شۇڭا پەنلەر بويىچە مەخسوس سەھىپە قۇرۇلسا، باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ مۇنبەرگە جەلپ قىلغىلى، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئاكىتىپلىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

natiwan 2012-02-04 17:58
ماتېرىيال ئامبىرى ھەققىدىكى تېمىنى مەن يوللىغان ئىدىم. تەۋپىق ئەپەندى بىلەن پىكىرلەشتۇق. بۇمۇ پات ئارىدا روياپقا چىققۇسى.

nadiraay 2013-02-18 22:41
تەۋپىق مۇنبىرىدە ھەقىقەتەن ئەدەبىياتقا دائىر ماتىرىياللار كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەزالىرى ئاساسەن ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئىكەن. شۇڭا باشقا پەنلەرگىمۇ ئەھمىيەت بېرىلسە ھەقىقەتەن بۇ مۇنبەرنى ئۇيغۇر مائارىپ مۇنبەرلىرىنىڭ كۆزنىكىگە ئايلاندۇرغىلى بولاتتى.


查看完整版本: [-- مۇنبەرنى قايتىدىن پەنلەر بويىچە ...... --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled