查看完整版本: [-- كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ماھى 2012-02-03 12:40

كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى

كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى B@:c 8}2.  
)JO#Z(  
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن E&\dr;{7  
ho1Mo  
مۇقەددىمە CQf 
(x p<@-  
كىتاب _ يۈكسەك ئۇچۇر ۋە مۇقەددەس تامغىدىن ئىبارەت . ئىنسانىيەت يازما تارىخ ۋە كىتاب سەھىپىلىرىگە بىلىش ۋە ئىپادىلەش جەۋھەرلىرىنى يېزىق ئارقىلىق قالدۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۆز تۇرمۇشى ، ئالەم قاراشلىرى ۋە روھىيەت             ئۆركەشلىرىنى قىيا تاشلارغا ، قورچاق ياكى تاش - سۆڭەك ، برونزا بۇيۇملىرىغا ، كاھىش قاچىلارغا ھەر خىل               قىياپەتلىك ياكى سىمۋوللۇق رەسىم ، تامغا - بەلگىلەر بىلەن چېكىشكەن ، ماقال - تەمسىل ، ئەپسانە - رىۋايەت ،  مەسەل - چۆچەك ، ناخشا - قوشاق شەكلىدە ئەقىل دەستۇرلىرى ئۈزۈشكەن . مانا بۇلار كىتاب شەكلىگە كىرمىگەن      كىتابتىن ئىبارەت . -BY'E$]4  
ھازىرغىچە يېزىق شەكلىدىكى ئەڭ قەدىمكى كىتاب _ ئىككى دەريا _ دەجلە ۋە فرات ئارىلىقىغا كۆچۈپ كەلگەن )KZ1Z$<  
خەلقلەرنىڭ مىلادىدىن ئۈچ مىڭ يىللار ئىلگىرىكى لايدىن بىنا ۋە قەسىرلەر ياسىغاندا لاي تاختىلارغا يېزىلغان پايتەخت قۇرغۇچى گىلگامىش داستانىدىن ئىبارەت . بۇ تۇنجى ئۇچلۇق تاياقچە _ قەلەم بىلەن لاي تاختىلارغا يېزىلغان كىتاب dDuT,zP  
تىن باشقا ، يەنە مىلادىدىن 18 ئەسىر ئىلگىرى مىخ يېزىق بىلەن يېزىلغان كىتاب  بابىل شاھى ھاممۇرابىنىڭ 282 U($sH9,  
ماددىلىق قانۇن دەستۇرى ھېسابلىنىدۇ .  0p8Z l  
قەغەزنىڭ ئىختىرا قىلىنىشىغىچە تېرە ۋە مەخسۇس تەييارلانغان تاختا - تارىشىلار كىتابچىلىقنىڭ ئاساسىي i\P?Y(-{  
ۋاسىتىسى بولغان . قەغەزنىڭ ئىختىرا قىلىنىشى كىتابچىلىق تارىخىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى . شۇندىن باشلاپ خانلىق سارايلاردا مەخسۇس مىرزاخانىلار قۇرۇلۇپ ، ئەسەرلەر قەلەم بىلەن كۆچۈرۈلىدىغان بولدى . _eB?G  
كېيىنچە ، ياغاچقا خەت ئويۇش ئارقىلىق كىتاب - رىسالىلەرنىڭ نۇسخىسىنى كۆپەيتىش ، ئارقىدىنلا تاش مەتبەئە /UJ@e  
كەشىپ قىلىندى . مىخ مەتبەئە ھازىرقى زامان كىتابچىلىقىنى رەسمىي نەشرىيات كىتابچىلىقىغا ئايلاندۇردى . so* lV  
كېيىنچە مىخ مەتبەئەچىلىك قوغۇشۇن تاياقچىلىرىغا ئاساسلىنىدىغان بولدى . بۈگۈنكى كۈندە ئېلېكترونلۇق مەتبەئە ?e? mg  
تېخنىكىسى مەيدانغا كېلىپ كەڭ ئومۇملاشماقتا . مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشى خۇددى 2b+0}u>a  
كىنو ۋە تېلېۋىزوردەك جەمئىيەت نەشرىياتچىلىقى بىلەن ئائىلە نەشرىياتچىلىقى بىللە ساقلانغان يېڭى تۈزۈلمىنىڭ 3xhv~be  
يېقىندىلا رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە . بۇ ، ئىنساننىڭ ئۇلۇغ ئۇچۇر ئىقتىدارىنىڭ دولقۇنسىمان E,Q>jH  
تەسىر دائىرىسىنى زامان ۋە ماكان جەھەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرگۈسى . T[w]w  
-Yaw>$nJ  
f%LzWXA  
<1(:W[M  
ئۇلۇغ روھىيەت خەزىنىسى lYlU8l5>  
qyP|`Pm4  
كىتاب _ كەڭ مەنىدە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تارىخى ۋە ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنىڭ سەھىپىلەشكەن شەكلىدىن ئىبارەت . كىتاب ئالدى بىلەن ئىنسان قەلبىدىكى كائىنات . ياخشى كۇتۇپخانا ھەقىقىي مەنىسى بىلەن كائىناتنىڭ &Mset^o  
جاھاننامە ئەينىكى بولۇپ ، بۇ ئەينەكتە ئۆز سەرگۈزەشتىلىرىمىزدىن ھالقىغان دۇنياۋىي ماھىيەتلەر جىلۋىلىنىدۇ . aq[;[$w  
ئىنسان كىتاب ئارقىلىقلا پۈتكۈل تارىخنى قىياسىي ھالەتتە باشتىن كەچۈرىدۇ . ئەنگلىيىلىك مۇتەپەككۇر بېكون Si<9O h  
ئېيتقاندەك :«كىتاب قىممەت باھا يۈكنى ئەجدادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزىدىغان كېمە ». كىتاب بىزنى مۇنەۋۋەر &^e%gU8!\  
مەدەنىيەتنىڭ ئىزاھلىغۇچىسى ، ۋارىسى قىلىدۇ . پۈتۈن ماددىي روزىغارلار ، بىنالار ، بانكىلار ، شەھەر ۋە مەملىكەتلەر ، ھەتتا پۈتۈن سۈرۈك مىللەتلەرمۇ يوقىلىپ كېتىدۇ ، پەقەت كىتاب يوقالمايدۇ . بىز كىتاب شاراپىتىدىن قەدىمكى C.V ")D=  
ئەپسانە - رىۋايەتلەرنى ، خانىدانلىقلار قىسسىلىرىنى ، پەلسەپە جەۋھەرلىرىنى ، ئەدەبىيات - سەنئەت دۇردانىلىرىنى !=@Lyt)_b  
بىلەلەيمىز . ئىنسان ياراتقان مۆجىزىلەر ئىچىدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە مۆجىزە پەقەت كىتابتۇر . كىتاب ئىنسانىيەت D.o|pTZ  
تارىخىنىڭ ئۆلمەس روھى ، ئۇلۇغ تارىخىي سىمالارنىڭ ھەقىقەت يالقۇنلىرىنى تىرىكلىك دەرگاھىدا مەڭگۈ 6Y6DkFdvrZ  
يېلىنجىتىپ تۇرىدىغان مۇقەددەس ئوچاق . ئەگەر كىتاب بولمىغان بولسا ، دۇنيانى مىڭلىغان قۇياشمۇ جاھالەت $5y%\A  
ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى ! مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، پۈتكۈل ئىلىم - پەن ، مەدەنىيەت ۋە zu&5[XL  
تارىخ بىرلا خەزىنىگە ئىگە ، ئۇ بولسىمۇ ئۇلۇغ روھىيەت قەسىرى بولغان كىتابتىن ئىبارەت .  sBY*9I  
كىتاب _ ھەر بىر شەخسنىڭ مەنىۋى فوندى ۋە ئۇنىڭ كامالەت گۇۋاھنامىسى . قەدىمكى رىم ناتىقى تىستىرون : qEr2Y/:i"  
كىتابسىز ئۆي _ جانسىز تەن دەپ توغرا ئېيتقان . كىتابسىز شەخس مەيلى ئۇ باي ، مىراسخور ياكى ئالتۇن خەزىنە BL<.u  
ئىگىسى بولسۇن ، ئۇ بەختسىز ۋە بەختسىزلىكىدىن خەۋەرسىز ناداندۇر ، ئۇ يۈز يىل ياشىسىمۇ ، مەدەنىيەت تارىخىدىن ساۋاتسىز ئۆمرى كوتابەندە ھېسابلىنىدۇ . |t*(]U2O0  
كىتاب ئۆز ئاشىقىغا چىنلىق ، ياخشىلىق ، گۈزەللىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر بەخش ئېتىدۇ . ناداننىڭ بىر ئەسىرلىك ئۆمرى QU^*(HGip  
بىلىملىك كىشىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئۆمرىدىن كۆپ قىسقا ھېسابلىنىدۇ . كىتاب قەلبنى پاكلايدۇ ، ئۇنىڭ ئىنسانغا ! !Z#'Wq  
بېغىشلىغان نۇر - نۇسرىتىنى ھەر قانداق زىننەت بۇيۇملىرىمۇ پەيدا قىلالمايدۇ . ئۇ قەلبنى نۇرلاندۇرۇپ ، كۆزى ۋە 1ael{ b!  
سۆزىگە مۇقەددەسلىك نۇرى ئاتا قىلىدۇ . كىتاب ئاشنالىرى خۇددى ئالماستەك يارقىن بولسا ، نادانلىق ئىجىللىرى xgHR;US H  
بەئەينى گۆشىيىپ تۇرغان قارا تاشقا ئوخشايدۇ . L;zwqdI  
كىتاب _ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت دەرياسى ۋە مەنىۋى قىياپەت مەكتىپى . لابولبى توغرا ئېيتىدۇ : تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ھەر بىر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئوقۇۋاتقان كىتابلىرىنىڭ سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ  نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ K}"xZy Tm1  
يولى پۇل تېجەش ئەمەس ، بەلكى نادانلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە بۇ يولدا كىتاب بىلەن ھەپىلىشىشتۇر . تارىخ ئىسپاتلىدىكى ، مىللەتلەرنىڭ قەلب بايلىقى بىلەن قول ئىلكىدىكى بايلىق توغرا تاناسىپتۇر .  پۇل تاپقاندا ئۆيىنى كۆزنى DhZuQpH  
چاقنىتىدىغان گىلەم ۋە زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلە بىلەن ئۆيىنى كىتاب ئىشكاپلىرى بىلەن بېزىگەن koOkm:(,  
ئائىلىنىڭ قىممىتى پەرقلىقتۇر . تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى ئائىلىلەر ئۆز قىرائەتخانىسىغا ئىگە بولۇپ ، ئۇلار روناق تاپقانسېرى كىتاب سېتىۋالىدۇ ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى كىتاب مۇھىتىدا ئۆسىدۇ ، ئۆرلەيدۇ . قالاق ئەللەردىكى ئائىلىلەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ . ئۆيىنى ئەينەك تام ، رەڭدار گىلەم ۋە ئىشرەت جاھازىلىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلە }a?PB o`  
كىشىلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسى خۇنۈك بولىدۇ ، ئۇلار مەغرۇر ، تەنتەك ، پۇلپەرەس ، سۆلەتۋاز بولۇپ ، ئۆزلىرى ۋە it]im  
پەرزەنتلىرى تېزدىن چۈشكۈنلىشىدۇ . بۇ جەھەتتىكى مىساللار كۆز ئالدىمىزدا تولۇپ يېتىپتۇ ! 873$EiyXR  
كىتاب _ لوقمان ھېكىم ، كىتاب _ رۇستەم پالۋان ، كىتاب _ بەخت قۇشى ئەنقا . بۇ ئاددىي تەسۋىر ئەمەس ، بەلكى e$]`  
مەڭگۈلۈك ھەقىقەت ! F. 5'5%  
كىتاب دېڭىزى ۋە غەۋۋاسلىق ماھارىتى iUSP+iC,  
n@5Sp2p  
دەۋرىمىزدىكى كىتاب شۇ قەدەر كۆپەيدىكى ، ئۇنى رەقەم بىلەن ئىپادىلەشمۇ مۈشكۈل بولدى . ئەمما ھېلىمۇ كىتاب e_'/4 n  
يۈزىگە چىقمىغان بوشلۇقلار ناھايىتى نۇرغۇن . دەرۋەقە ،كىتابنى ئاچسىلا مەنپەئەت بېرىدۇ  ، ئەمما كىتاب دېڭىزىدا pde,@0(Fa  
قانداق جاۋاھىرات يىغىدىغان غەۋۋاس بولۇش ، بۇ مۇھىم ماھارەت . "XPBNv\>_  
كىتابلارنى دېڭىز قىلىۋەتكەن نەرسە ئەسلى مەنبە ، ئاساسىي نەزەرىيە ، مۇتەپەككۇرانە مۇھاكىمە قىلغۇچى s18o,Zs'  
كىتابلارنىڭ كۆپلۈكى بولماستىن ، بەلكى تارماقلاتما ، يەشمە ، ۋەقە بايان ، ئىچ پۇشۇقى ، قۇراشتۇرما كىتابلارنىڭ ^n8ioL\*i  
كىتاب بازىرىغا كەلكۈندەك كىرىپ كېلىشىدىن بولدى . بۇ ھال ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىدىن كىتاب پەرق ئېتىش ۋە كىتاب تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئېيتىش كېرەككى ، ھەقىقىي دانىشمەنلەر كىتابنى ھەممىدىن كۆپ &L7u//  
كۆرگەن كىشىلەر بولۇشى ناتايىن ، ھەقىقىي ئالىملارمۇ ئەڭ نۇرغۇن كىتاب يازغان كىشىلەر بولۇشىمۇ شەرت ئەمەس . |-Rg].  
بۇ بىزگە خۇددى سۇغا تاشلانغان نەرسىلەرنىڭ چۆكۈشى ياكى لەيلىشى ماكان ۋە زامان جەھەتتە بىردەك y?=W  
بولمايدىغانلىقىغا ئوخشاش بىر ھەقىقەتنى ، يەنى كىتابلار بىر قانچە سىزىق ۋە قاتلام ، تۈر ۋە قىممەتكە 5mzOr4*0  
بۆلۈنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ . s P=$>@3  
كىتاب ئوقۇغۇچى كىشى ئۈچۈن ، ئومۇمەن ۋەزىيەت ۋە سىياسەتكە ئائىت كىتاب - ماتېرىياللاردىن تاشقىرى ، ئۈچ خىل 5x$/.U  
كىتاب ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ : 5ggmS<=  
بىرىنچى ، ئاساسىي بىلىم كىتابلىرى . بۇ خىل كىتابلار ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ ، يەنى چوقۇم ئالىي مەلۇماتلىق ~nit~ ;  
سەۋىيىگە ئېرىشىش ئۈچۈن شەرت - بالداق بولغان كىتابلار بىلەن مەلۇم ساھە بويىچە ئىزدىنىش ، تەتقىقات ئېلىپ un*Ptc2%  
بېرىش ئۈچۈن لازىم بولغان كىتاب - ماتېرىياللاردىن ئىبارەت . 0*e)_l!  
ئىككىنچى ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى بېيىتقۇچى كىتابلار . بۇ خۇددى ئاۋىئاماتكىغا يانداش يۈرگەن پاراخوت - كېمىلەرگە ئوخشاش ئالاقىدار ئوبيېكتلاردىن بىلىم ۋە ئۇچۇر بېغىشلىغۇچى كىتابلار بولۇپ ، ئاساسىي بىلىم كىتابلىرىنىڭ تاشقى پوستىنى تەشكىل قىلىدۇ . V[9#+l~#  
ئۈچىنچى ، بەدىئىي لەززەت بېغىشلىغۇچى كىتابلار . بۇ خىل كىتابلارغا ئەدەبىيات - سەنئەتكە ئائىت ئەسەر ياكى cb36~{  
ئويۇن - كۆرگەزمىلەر ، كىشىلىك تۇرمۇشقا ئائىت ئۆرنەك ، قوللانما ، مەسلىھەت بەرگۈچى كىتابلار كىرىدۇ . 01N]|F:  
مېنىڭچە ، كىتابلارنى تاللاپ كۆرۈش بىلەن ئۇدۇل كەلگىنىچە كۆرۈش ، قاتلام ، نۇقتا ، چەمبەر تۈزۈلمىسىگە ئايرىپ CMQlxX?  
كۆرۈش بىلەن خالىغانچە كۆرۈشنىڭ كىتاب كۆرگۈچىگە بېرىدىغان تەسىرى ، بولۇپمۇ نەچچە ئون يىلدا مۇنتىزم ئوقۇتۇپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ چىقىشقا سېلىشتۇرغاندا ھاسىل قىلىدىغان ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ . 'eM90I%(  
كىتاب كۆرۈش ئېغىر زېھنىي ئەمگەك ، شۇنىڭدەك يەنە كۆڭۈللۈك ساياھەت . ھەر خىل كىتابلارغا بولغان كىتاب كۆرۈش تەلىپى ۋە ئۇسۇلى بىردەك بولمايدۇ . بىر قۇر كۆرۈپ قويىدىغان ، مەلۇم باب ۋە سەھىپىلىرىنى تاللاپ كۆرىدىغان ،  uj8G6'm%  
تەپسىلىي كۆرىدىغان ، تەكرار كۆرىدىغان كىتابلار بولىدۇ . بەزى كىتابلارنىڭ پەقەت مۇندەرىجىلىرىنى ۋاراقلاپلا ، ئۇنىڭ ئاپتورىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى نەزەردە تۇتۇپ قويۇپ قويۇلىدۇ . ئومۇمەن تەپسىلىي ۋە تەكرار كۆرۈلىدىغان كىتابلار f82$_1s^  
ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت ، قەلەم - خاتىرە ھازىرلىنىدۇ . ئۇنداق كىتابلارنىڭ بىر قانچىسىنى بىر يۈرۈش قىلىپ ، ]m f I$p%  
سىستېمىلىق كۆرگەن ياخشى . شەخسەن مەن بۇنداق كىتابلارنى رەڭدار قەلەم بىلەن خەت ، بەلگە ، سىزىق قويۇپ {c 82bFiv  
بويىۋېتىشنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇنىڭدىن بىلىم ، ئىلھام ۋە كۆچمە تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولىمەن ، بۇ خۇددى يالقۇندىن q5Bj0r[/o  
ئوت تۇتاشتۇرغاندەك بىر ئىش بۇ خىل كىتابلاردا چۈشىنىشلىك بولمىغان ئاتالغۇ ، مۇھاكىمە ۋە تەبىرلەرنىڭ ئۇچرىشى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال . بۇ ، كىتاب كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىدە يوق يېڭى بىلىمگە دۇچ كېلىشى بولۇپ ، بۇنداق ئەھۋالدا y15 MWZ  
لۇغەت - قوللانمىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ بىلىمنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىش لازىم . سەن ھەمىشە ئاممىباب ، گېزىت tEU}?k+:j)  
سەۋىيىسىدىكى چۈشىنىشلىك ماتېرىياللارنى ياخشى كۆرسەڭ مەڭگۈ ئۆز ئىزىڭغا سەكرەپ قېلىۋېرىسەن . مېنىڭچە ، knX*fp  
تۈگمەنگەن ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ قېلىش ياخشى ئەھۋال ئەمەس ، لۇغەت ئاختۇرۇشقا مەجبۇر بولغىنىڭدا ھورۇنلۇق بىلەن كايىماي يېڭى بىر بالداق كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغاندەك روھلان ! 2yB@)?V/  
مۇئەييەن مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بىر زىيالىي ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش ئالدىدا  ئېھتىمال مېنىڭ خاتا بولۇشى ">8]Oi;g  
مۇمكىن  دېگەن قاراشتا بولۇشنىڭ پايدىسى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ . ئەكسى ھالدا ئوقۇغاندا ئۇ كىتابتىن ھېچنەرسە qw#wZ' 
يۇقماسلىقى ، ھەتتا بۇ ئەرزىمەس ئەسەر ئىكەن دېگەن قاراش تۇغۇلۇشى مۇمكىن . `6R.*hq  
.=~-sj@k  
كىتاب مەدەنىيىتى ۋە مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتى \n&l  
4R c_C0O  
كىتاب ئوقۇش مەقسەت ئەمەس ، ۋاسىتە . بارلىق تەلىم - تەربىيىنىڭ تۈپ مەقسىتىگە ئوخشاشلا ، كىتاب ئوقۇشتىكى jfLkp>2E'  
مەقسەتمۇ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت . تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ eX{: &Do  
ئومۇمىيۈزلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى تۈزەش ۋە يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئاساسلىق بىر x|7vN E=Q  
ھالقىسى . bu2@~  
شۇنى ئېنىق ئېيتىش كېرەككى ، كىتاب ئوقۇشتىن مەقسەت نوقۇل ئالىم بولۇش ئەمەس . مۇھىمى ھەقىقىي ئادەم بولۇش >V01 %fLd  
بولۇپ ، بۇنى ئومۇمىي خەلققە كۆتۈرۈپ ئېيتقاندا ، پۈتۈن مىللەتنىڭ بىلىملىك ، روھىي دۇنياسى باي يېڭى +zl2| '  
ئەۋلادلىرىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت . بۇ ، شەخسنىڭ كىتاب ئوقۇشى ، ئائىلىلەرنىڭ كىتاب زاپىسىغا ئىگە بولۇشى ، مەكتەپلەرنىڭ كىتاب تەربىيىسى ۋە نەشرىياتلارنىڭ كىتاب چىقىرىشى قاتارلىق بىر قانچە تەرەپنىڭ ئورتاق مەقسەت OBCH%\;g  
ۋە غايىدە پائال ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ . ORc20NFy7  
بىز  يېڭى يىپەك يولى  ئېچىلىش ئالامەتلىرى بىلەن تولغان دەۋردە ياشاۋاتىمىز . ئۆسمۈرلەر ، ياشلار ، ياشانغانلار ، fQ[& ^S$  
ئەرلەر ، ئاياللار كىتاب ئوقۇشى ، كىتاب ئۈستىدە پاراڭلىشىشى ، ھەممە ئائىلىلەردە كىتاب ئىشكاپلىرى ، كىتاب ( !THd  
ئۆيلىرى بەرپا قىلىنىشى ، پەرزەنتلەر ئۈچۈن ياخشى كىتاب مۇھىتى يارىتىلىشى ۋە بۇ خىل زۆرۈرىيەت چوڭقۇر ھېس 7CGxM  
قىلىنىشى لازىم . ئۆيگە كىتابنىڭ كىرىشى زىبۇ - زىننەت ۋە پەرداز بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىدىن ئاۋۋال ۋە ئەۋزەل nt5x[xa  
ئورۇنغا قويۇلىدىكەن ، ئىجتىمائىي ۋە ئائىلىۋى بەخت بىزگە تەبەسسۇم قىلىشقا باشلايدۇ . بىزدە نادان ھالەتتىكى as k76  e  
باياشادلىق بىلەن ئەمەس ، مەدەنىي ھالەتتىكى باياشادلىق بىلەن ئىپتىخارلىنىدىغان كەيپىيات تۇرغۇزۇلغىنى _MI8P/  
ياخشى . بىلىش كېرەككى ، مەدەنىيەتسىز ئائىلىلەرگە چۈشكەن ئەنقا ( بەخت قۇشى )نىڭ سايىسى بىردەملىكلا ! }+m")=1{  
نەشرىياتچىلىق مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتى ۋە كامالىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە غايەت مۇھىم مەنىۋى رىزىق دەرگاھى   گېزىت - ژۇرنال ، نەشرىيات مۇھەررىرلىرى مىللىي مەدەنىيەت بىناكارلىقىنىڭ مۇقەددەس بۇرچ ئۆتەيدىغان /A4^l]H;+3  
ئىنژېنېرلىرى . ئۇلار خۇددى دىن قىسسىلىرىدە سۆزلەنگەن مالائىكىلەردەك يىراقنى كۆرەرلىككە ، تەخىرسىز ۋاقىت ^^;#Si  
قارىشىغا ۋە مۇقەددەس پاكلىققا ، دانىشمەنلەردەك خەلققە ، ئەقىلگە ، بىلىمگە ، ھەقىقەتكە بولغان ئوتلۇق y$Y*%D^w  
مۇھەببەتكە ، بىناكارلاردەك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى تاللاش ، ئورۇنلاشتۇرۇش ، نۇرلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ، ?x\tE]  
گېئولوگلاردەك جاپا چېكىپ بايلىق ئىزدەپ تېپىش روھىغا ئىگە بولىدىكەن ، خەلقىمىزنىڭ  مەنىۋى رىزىق دەرگاھى ، q b[UA5S\`  
پىداكار تۆھپىكارلار سارىيىغا ئايلىنىدۇ . `a+"[%  
نەشرىياتچىلىق خەلق تارىخىدا مىڭ يىللار مەدھىيىلىنىدىغان ياكى ھەسرەتلىنىدىغان ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇ cU[^[;4J<  
ئادەتتىكى فېرما ياكى سودا شىركىتى ئەمەس ، خەلقىمىز تارىخىدا خەتتاتلار بىر قانچە ئابىدە ۋە تۇرپان تېكىستلىرىنى `Vf k.OP  
يېزىپ قالدۇرمىغان بولسا ، يۈزلىگەن دىۋانلارنى كۆچۈرۈپ قالدۇرمىغان بولسا بىز قايسى يۇلتۇزلار بىلەن مەدەنىيەت dln1JZ!  
ئاسمىنىمىزنى يورۇتقان بولاتتۇق ! ؟ })#SjFq 
نەشر ئەپكار _ ئىستراتېگىيىلىك بىناكارلىق . ئۇ ئۇل ئاساس ، نۇقتا ، دائىرە ، ئىچكى - سىرتقى چەمبەرنى پەرقلىق q-lejVS(g  
ھەم ئەتراپلىق پىلانلاشنى تەلەپ قىلىدۇ . نەشر ئەپكار _ مىللىي مەدەنىيەتكە تارىخىي خاراكتېرلىك قان 8=T[Y`;x  
ئىشلەپچىقارغۇچى ئورگان . OBm#E}  
'Y;M%  
خاتىمە NE1n9  
-KA Y  
بازار ئىگىلىكىگە يۈزلىنىش مەدەنىيەت ، مائارىپ ، كىتاب ئوقۇش ۋە ئىلىم - پەننىڭ ئەرزىمەسلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ ، ئەھۋال دەل ئۇنىڭ ئەكسىچىدۇر ، بىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتتە ، ئىقتىسادىي ۋە كىتابىي بايلىقتا زامانىۋىي ~B704i  
سەۋىيىگە كۆتۈرۈلۈشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ . باھار ئۆزى شامال ئەمەس ، ئەمما باھار شامال بىلەن كېلىدۇ . يېڭى ,jc')#]9B  
شەيئىلەر تولا ھاللاردا ئۆزىنىڭ دەبدەبىسى ۋە چاڭ - توزانلىرى تەرىپىدىن روشەن كۆرۈنمەيدۇ . ھازىرقى بىر Ix59(g  
مەزگىللىك ھودۇقۇشمۇ شۇنداق . DKnlbl1^?  
كىتاب _ ئىنسانىيەت ئۆز قولى بىلەن بىنا قىلغان ھەقىقىي ۋە بىردىنبىر ئەلئېھرام . ئۇ ھەممىنى ، پۈتكۈل ماھىيەت ۋە ھادىسىلەرنى ئۆزىگە جۇغلىغان . كىتابقا تەڭ كېلىدىغان ئىنسانىيەت جۇغلىغان ئىككىنچى بىر خەزىنە مەۋجۇت xJ(}?0h-X  
ئەمەس ! بۇنىڭدىن خەۋەرسىزلىك كىشىلىك دۇنياسىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ! w40 -K5wt>  
O}Mu_edM  
(aUdPo8H^  
ئەسلى ئىنكاس شەكلىدە يوللانغان ئېدى،دەرس تېكستلىرى بىر جايدا توپلانسۇن دەپ ئايرىم يوللىدىم. _rakTo8BY  

kokyar 2012-02-05 18:25
مۇشۇ دەرىسنى ئوقوغۇچىلارغا بىر ئۆمۈر ئۆتسەممۇ زىرىكمەسمەن.بىراق بۇ دەرىس پەقەت 3 سائەتلىكلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

tawpek 2012-02-06 23:27
كاتتا بىر ئەسەرنى سۇنۇپسىز، {7Qj+e^  
VBq|j"o0"  
مۇشۇ  دەرىستىكى  ئەنزار  دىگەن سۆزنى تاپشۇرۇق دەپتەردە ئەنداز  دەپ  قويوپ  ئوقوتقۇچىلارنى قايمۇقتۇرىۋاتىدۇ.

tunyukuk 2012-02-08 10:26
كىتاب ئوقۇغان ئادەمنىڭ قەلبى گۈلىستان، كىتاب ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ قەلبى زېمىستان. 

tunyukuk 2012-02-08 10:36
«تارىخ ئىسپاتلىدىكى ، مىللەتلەرنىڭ قەلب بايلىقى بىلەن قول ئىلكىدىكى بايلىق توغرا تاناسىپتۇر .  پۇل تاپقاندا ئۆيىنى كۆزنى  چاقنىتىدىغان گىلەم ۋە زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلە بىلەن ئۆيىنى كىتاب ئىشكاپلىرى بىلەن بېزىگەن    ئائىلىنىڭ قىممىتى پەرقلىقتۇر .    تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى ئائىلىلەر ئۆز قىرائەتخانىسىغا ئىگە بولۇپ ،  ئۇلار روناق تاپقانسېرى كىتاب سېتىۋالىدۇ ،   ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى كىتاب مۇھىتىدا ئۆسىدۇ ،  ئۆرلەيدۇ .  قالاق ئەللەردىكى ئائىلىلەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ . ئۆيىنى ئەينەك تام ، رەڭدار گىلەم ۋە ئىشرەت جاھازىلىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلە  كىشىلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسى خۇنۈك بولىدۇ ، ئۇلار مەغرۇر ، تەنتەك ، پۇلپەرەس ، سۆلەتۋاز بولۇپ ، ئۆزلىرى ۋە   پەرزەنتلىرى تېزدىن چۈشكۈنلىشىدۇ .  بۇ جەھەتتىكى مىساللار كۆز ئالدىمىزدا تولۇپ يېتىپتۇ !  ... » j 8W<iy  
بۇ مۇھاكىمىلەر ئادەمنى تولىمۇ چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.     ;r} yeI Sf  
 

لۇتف 2012-03-06 13:25
  كىتاب--_     ئۇ      تۈگۈمەس   بايلىق   . كىتابنى قانچە ئوقۇغانسىرىڭ ،بىلىمىڭنىڭ شۇنچە ئاجىزلىغىنى ھېس قىلىسەن ،،چۈنكى سەن تېخى ئوقۇغان كىتابلىرىڭنىڭ ئەھمىيتىنى تولۇق بىلىپ يەتمىدىڭ. قىممىتىنى  چۇشەنمىدىڭ...

tawpek 2012-08-11 01:18
ۋاقىت يەتمەيدۇ بۇ دەرىسنى ئۆتۆشكە. بىز 2 سائەت توغىرلايدىكەنمىز ئۇنىڭ ئۈستىگە.

نازۇك701 2013-05-17 22:14
مەن بۇ ئەسەرنى ئەزەلدىن ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن .


查看完整版本: [-- كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled