查看完整版本: [-- تارىخ 3-قىسىمدىن ئىمتىھان سۇئالى (ناتىۋان) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> تارىخ 3-قىسىمدىن ئىمتىھان سۇئالى (ناتىۋان) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

natiwan 2012-02-02 13:46

تارىخ 3-قىسىمدىن ئىمتىھان سۇئالى (ناتىۋان)

2011-2012-ئوقۇش يىلى 1- مەۋسۈملۈك 1-بۆلەك ئىمتىھان سۇئالى
تولۇق ئوتتۇرا 2-يىللىق  ئۈچۈن .   پەن تۈرى: (تارىخ)
ئىمتىھان ۋاقتى: (    100  )  مىنۇت .              تۇلۇق نۇمۇر : 100 نۇمۇر

سۇئاللار    Ⅰ    Ⅱ    Ⅲ    Ⅳ    Ⅴ    Ⅵ    Ⅶ    جەمئى نۇمۇر
ئېرىشكەن نۇمۇر                                
   1-سۇئال: توغرا جاۋاپنى تاللاڭ (ھەر بىر تارماققا 3نۇمۇردىن جەمئى 45نۇمۇر )
تۆۋەندىكى 4-خىل  جاۋاپ ئىچىدە پەقەت بىرسىلا توغرا، توغرا دەپ قارىغان جاۋاپنىڭ ھەرپ بەلگىسنى تىرناق ئىچىگە يىزىڭ.
1    2    3    4    5    6    7    8    9    10    11    12    13    14    15                جەمئى نۇمۇر
                                                                        
1)2008-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى،سىچۈەن ۋېنچۈەندىكى زور يەر تەۋرەش خەلقنىڭ ھاياتى،مال-مۈلكىگە زور زىيان ئېلىپ كەلدى،لېكىن بۇ جايدىكى دۇنياغا داڭلىق بولغان كەلكۈندىن مۇداپئىلىنىدىغان سۇغۇرۇش قۇرۇلىشى يەنىلا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. (     )
A .ساۋچۈي ئۆستىڭى              B.جېڭگو ئۆستىڭى
C.بەيچۈ ئۆستىڭى                D .دۇجىياڭ توسمىسى
2)جۇڭگونىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدا بىر خىل ئەرەنچە كىيىم بۇلۇپ جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ كىيىم پوسۇنىنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا لايھىلەنگەن.بۇ كىيىم: (   )
   A.يەكتەك             B.كاستۇم-بۇرۇلكا
C.لېنىن فورمىسى        D. جۇڭشەن فورمىسى
3)ماركىس ئىلگىرى مۇنداق دېگەن:«پار پادىشاھى ئالدىنقى ئەسىردە پۈتكۈل دۇنيانى كېزىپ چىقتى،ھازىر ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىپ،تېخىمۇ زور ھەم تەڭداشسىز يەنە بىر خىل ئىنقىلابىي كۈچ ــــــــــ ئېلىكتىر كۈچىنىڭ ئۇچقۇنلىرى ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلەش ئالدىدا تۇرماقتا.»  «ئېلكتىرنىڭ ئۇچقۇنلىرى»ئىنسانلارنى باشلاپ كىرگەن دەۋر(     )
A.تۇچ دەۋرى             B.پار دەۋرى
C.ئېلىكتىر دەۋرى          D.ئۇچۇر دەۋرى
4)جۇڭگونىڭ ئىدىيە مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ،مۇستەھكەم ئاساس توپلىغان،ئۇنىڭ ئىچىدە كۇڭزى ئىدىيسى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيتىدىكى ئاساسىي ئېقىم.كوڭزىچىلار ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئاساسچىسى كۇڭزىنىڭ ئىدىيە يادروسى:(   )
A.«تەرىقەت»            B.«رەھىمدىللىك»
C.«ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش»     D.قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش
5)باكون مۇنداق دېگەن:«بۇ ئۈچ خىل نەرسە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ قىياپىتى ۋە ھالىتىنى ئۆزگەرتتى:1-خىلى يېزىق جەھەتتە،2-خىلى ئۇرۇشتا،3-خىلى دېڭىز قاتنىشىدا.»بۇ يەردە ئېيتىلغان 2-خىل نەرسە بولسا ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زامانىدىكى:(   )
A .پورۇخ                                B .كومپاس                
C  .مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسى              D.قەغەز ياساش تېخنىكىسى
6)قەدىمكى يۇناندىكى ئاقىللار ئادەم بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئۆلچىمى دەپ قاراپ،ئادەمنىڭ مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرۇشنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيتىنى تەكىتلىدى.بۇ خىل نوقتىنەزەر ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت روھى:(   )
A  .جاھالەتپەرەسلىك              B.تەركىدۇنيالىق       C.گۇمانىزىملىق   D.مۇستەبىتلىك
7)1895-يىلى،ئىمزالانغان جۇڭگو-ياپونىيە«سىمونوسكى شەرتنامىسى»دا،جۇڭگو مىللىي كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلغان مەزمۇن؛(   )
A.ئىچكى دەريادا يېڭى قاتناش لىنيىسى ئېچىپ بېرىش
B.تۆت جايدا سودا پورتىلىرىنى كۆپەيتىپ ئېچىپ بىرىش
C.200مىليۇن سەر كۆمۈش تۆلەم تۆلەش
D.ياپونىينىڭ جۇڭگودا زاۋۇت قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش
8)پېرىكىل دەۋرىدە،بەزىلەر پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېگەن:«مۇبادا ئافېنانى كۆرمىگەن بولساڭ،سەن بىر دۆت،مۇبادا ئافېنانى كۆرۈپ،چەكسىز خوشال بولمىساڭ،سەن بىر دۆت ئېشەك؛مۇبادا ئافېنادىن ئۆزلىكىڭدىن ۋاز كەچسەڭ،سەن بىر تۆگە.»ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ،ئەينى چاغدىكى ئافېنا: (     )
A.ئىقتىسادىي بايلىقى مول،ئادىمى زىچ        B.سىرتقا قارىتىلغان ئۇرۇشلاردا ئومۇميۈزلۈك غەلبە قىلغان
C.زېمىنى كەڭ                               D.دېموكىراتتىك سىياسىسى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن
9)يۇنان ئەپسانىلىرى ئىچىدە،سىفىنكىس دەيدىغان بىر غەلىتە مەخلۇق بولغان.ئۇ بىر تېپىشماقنى ئوتتۇرغا قويۇپ،يولدىن ئۆتكەن يولوچىلاردىن سورىغان،تېپىشماق بولسا«ئەتتىگەندە تۆت پۇتلۇق،چۈشتە ئىككى پۇتلۇق،كەچتە ئۈچ پۇتلۇق ئۇ نېمە؟»دېگەن تېپىشماق.نۇرغۇن كىشلەر جاۋاپ بېرەلمەي غەلىتە مەخلۇق تەرىپىدىن يەۋېتىلگەن،ئەڭ ئاخىردا ياش قەھىرمان ئودىپوس توغرا جاۋاپ بېرىپ ئۇ«ئادەم»دېگەن،سىفىنكىس جاۋاپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،بىر ۋارقىراپلا قىيادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالغان.بۇ ھېكايە قەدىمكى يۇناننىڭ قايسى پەلسەپە ئىدىيسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ:(   )
A.تەبىئەتنىڭ قانۇنيىتىگە ھۆرمەت قىلىش                B.ئادەملەرنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ئىزدىنشكە ئەھمىيەت بېرىشى
C.تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇشقا ئىنتىزار بولۇش             D .دۇنيانى باشقۇرۇشقا بولغان تونۇشنى تەكتلەش
10)ھازىرقى زامانىۋلاشقان شەھەرلەردە،رەڭگارەڭ چىراغ نۇرىنىڭ مەنزىرىسنى كۆرەلەيمىز،بۇ ئەھۋال بىزگە مۇشۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان 100نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۆتكەن بىر نەپەر ئۇلۇغ كەشپىياتچىنى ئەسلىتىدۇ.ئۇ(    )
A.دارۋېن              B.ئېدىسون             C.پىلانىك                    D.ئېينىشتىيىن
11)تۆۋەندىكى ياۋروپادىكى مەرىپەتچى مۇتەپپەككۇرلار ھەمدە ئۇلارنىڭ تەشەببۇسى ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلەردىن توغرىسى(    )
A.ۋولتىر ــــــــــ «تەڭرى بىلەن ئادەم ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ»
B.كانت ـــــــــ «ئىجىتمائىي توختامنامە ھەققىدە»
C. مونتىسكىيۇ ـــــــ «ئۈچ ھوقۇقنىڭ بۆلۈنىشى»
D.روسسۇ ــــــــ«پادىشاھ ھوقۇقى دەخلىسىزدۇر»
12)بىر نەپەر ئالىمنىڭ قەبرە تېشىغا مۇنداق سۆز ئۇيۇلغان:«ئۇ ئىلاھتەك كۈچ بىلەن......تۇنجى بۇلۇپ سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە رەسىمىنى چۈشەندۈردى»بۇ ئالىم ئەلۋەتتە: (    )
A،كوپىرنىك         B .نىيوتۇن               C. گالىلىي               D.لاۋزىر
13)شىياۋما خىزمەت ئىزدەپ تەكلىپ قۇبۇل قىلدىغان چاغدا ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى شەكلى ئارقىلىق مەلۇم شىركەتكە ئۆزىنىڭ بىر پارچە قىسقىچە تارىخىنى يوللىغان.ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزىنىڭ ئېلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقىدىن مەزكۇر شىركەتكە كېلىپ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان.بۇ خىل ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش شەكلى تايانغان تېخنىكا ئەسۋابى(    )
A .پويىز          B.ئايروپىلان         C.تېلفون        D.كومپىيوتىر
14)سېستىمىلىق ھالدا 6-ئەسىردىن ئىلگىركى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىمىدىكى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا تەجىربىسىنى يەكۈنلەپ يېزىلغان ئەسەر بولسا (    )
A .«مېڭ شى خاتىرلىرى»                  B .«فەن شىڭجى قوللانمىسى»
C .«پۇقرالار ئۈچۈن تېرىقچىلىق دەستۇرى»    D.«دېھقانچىلىق قامۇسى»
15)تۆۋەندىكى ۋەشىقىلەر ئىچىدە،غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىكى پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش مەزمۇنىنى بىر قەدەر كۆپرەك ئەكىس ئەتتۈرگەن ئەسەر بولسا (    )
A.«لاۋزى»           B .چىغناق-تارغاق پۈتۈكلىرى
C.«نەزمىنامە»        D .«چۇ نەزمىلىرى»

     2.قىسقىچە جاۋاپ بېرىڭ!(جەمئىي 55نومۇر)
1.تۆت چوڭ كەشپىياتنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرگنلىكىنى سۆزلەپ بېرىڭ؟(15نومۇر)






2.تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ئەدىبلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن قايسىلارنى بىلىسىز؟(10نومۇر)





3.مىڭ سۇلالىسنىڭ ئاخىرى،چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى داڭلىق تۆت رومان ۋە ئاپتورلىرى قايسىلار؟(10نومۇر)



4.كىلاسسىك مېخانىكىنىڭ ئاساسچىسى كىم؟بەرپا قىلغۇچىسىچۇ؟ ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرى نېمىدە ئىپادىلىندۇ؟ ئۇلارغا قانداق باھا بېرىسىز؟(10نومۇر)






5.ئۈچ قېتىملىق پەن-تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە،پەن-تېخنىكىنىڭ يۈكسىلىشىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى بايان قىلىڭ؟(10نومۇر)

ئۇيغۇرجان 2012-02-02 21:42
ياخشى ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلغۇچىلار ئۇچۇن ياخشى ماتىريالكەن

danyar 2012-03-11 22:25
رەھمەت.................

tawpek 2012-08-13 12:34
مۇشۇنداق باشقا پەننىڭمۇ توپلانسا بولاتتىغۇ.

تارىخىمۇ ئۆتىۋاتامدۇق نىمە؟

ئامانشاھ 2013-05-23 19:53
ياخشىكەن  رەخمەت سىزگە


查看完整版本: [-- تارىخ 3-قىسىمدىن ئىمتىھان سۇئالى (ناتىۋان) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled