查看完整版本: [-- چۈشۈر:ماتىماتىكا مەشىق باغچىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ماتىماتكا -> چۈشۈر:ماتىماتىكا مەشىق باغچىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۇيغۇرجان 2012-01-30 02:02

چۈشۈر:ماتىماتىكا مەشىق باغچىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
تور داشلارنىڭ ئارامىغا ماتىماتىكا مەشىق باغچىسى (يۇمشاق دىتالى ) نى سوۋغات قىلماقچى . بۇ دىتال گەرچە ئاددى بولسىمۇ ئۇيغۇر دىتالچىلىقى ۋە مائارىپ ماتىماتىكا ئوقۇ -ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ئازراق بولسىمۇ قۇلايلىق يارىتىپ بېرەلىسە دېگەن ئۈمىدتە ھەقسىز تارقىتىلدى .
دىتالنىڭ بۇنەشرى سىناق نۇسقىسى بۇلۇپ ، تورداشلارنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى ، ھەمكارلىشىشى ، مەدەت - ئىلھاملىرى نەتىجىسىدە داۋاملىق مۇكەممەللەشكۇسى .
دىتالغا ھازىرچە باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى ئۇقۇغۇچىلارغا ماس كىلىدىغان ئۈلگە ۋە مىساللار رەسىملىك ، خەتلىك بىرىلگەندىن سىرت ‹‹ دېھقان ئوغلىنىىڭ ھىساب ئۆگىتىشى›› ‹‹سانلار نى تونۇش ›› ‹‹ مەشىق باغچىسى ›› قاتارلىق سەھىپىلەر ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى.
دىتالنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى: دىتال يىشىل دىتال بۇلۇپ بىۋاستە قوزغاتساق بولىدۇ . ئىكراننى مۇمكىن قەدەر 1024-768 قىلىپ تەڭشەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ . دىتال قوزغالغاندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ دىتالغا كىرىشكە بولىدۇ . مەسىلەن : ئىسمى : dihanogli 1- يىللىق 1- سىنىپ okuguqi دىگەندەك .
ئۇچۇرلار تولدۇرۇلۇپ ‹‹ مەرھەمەت›› نى چىكىپ مۇندەرىجىگە كىرىمىز . مۇندەرىجىدە سانلار بىلەن تونۇشۇش ، ئۈلگە ۋە مىساللار ،‹‹ دېھقان ئوغلىنىىڭ ھىساب ئۆگىتىشى›› مەشىق باغچىسى قاتارلىق سەھىپىلەرنى خالىغانچە ئاچساق بولىدۇ .
سانلار بىلەن تونۇشۇش سەھىپىسىدە سانلارنى چىكىپ ئوقۇلۇشىنى ئاڭلايمىز ( ئاۋازنى مەن بەرگەن ئىدىم ، ‹دېھقان سۈپەت› رەك چىقىپ قالدى)
ئۈلگە ۋە مىساللار سەھىپىسىدە ماتىماتىكىنى رەسىمگە قاراپ ئۆگىنىشكە ، ئەمەلى مەشىق قىلىشقا بولىدۇ . ئۇمۇمى 6بەت مەشىققە 103 نۇمۇر بىرىلىدۇ. ئوڭ تەرەپتىكى ( نەتىجەمنى كۆرۈپباقاي ) دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىپ ، نەتىجىڭىزنى سۈرۈشتىرسىڭىز بولىدۇ.
‹‹ دېھقان ئوغلىنىىڭ ھىساب ئۆگىتىشى›› سەھىپىسى 2 گۇرۇپپىغا ماسكىلىدىغان بۇلۇپ ، 12 مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ . مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا قايسى گۇرۇپپىنىىڭ ئالغان نۇمۇرى كۆپ بولسا غەلبەقىلغانلىق ئۇچۇرى بىرىلىدۇ .
‹‹ مەشىق باغچىسى ›› سەھىپىسىدە قۇشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش ۋە ئارىلاش ئەمەللەر نى مەشىق قىلىشقا بولىدۇ . مۇناسىۋەتلىك تۈرگە كىرگەندىن كىيىنن ‹‹ ئىشلەپ باقاي قېنى ، ئاسانراقىنى ئىشلەي ، قىيىن بولسىمۇ ئشىلەيمەن ›› قاتارلىقلاردىن خالىغانچە تاللاپ مەشىق قىلىشقا بولىدۇ . ئىشلەشتە قىينالسىڭىز ‹‹ ھىسابلىغۇچ ئىشلىتەي ›› نى چىكىپ ، ھىسابلىغۇچتا ئىشلەڭ .
دىتال بار مۇندەرىجىگە 125-138 چوڭلۇقتىكى ئۆزىڭىزنىڭ رەسىمىنى dihanogli.jpg نامىدا ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ .
تەكلىپ: مىنىڭ ماتىماتىكا ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا سەۋىيەم بولمىغانلىقتىن ، دىتالنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە بىرقانچە نەپەر ھەمكارلاشقۇچى ئۇستاز تەكلىىپ قىلىمەن . دىتالنى ھەقسىز تارقىتىدىغان بولغانلىقتىن ھەق بىرەلمەيمەن ، خالىس ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا قارشى ئالىمەن . ( 1-2 كۈن ھەمكارلىشىپ يۇقاپ كېتىدىغانلار ئاۋارە قىلماڭلار ) چ چ 1438163277 تېلفۇن : 18799865714

دىتالنىڭ  مەزمۇن كۆپەيتىلگەن1.1 نەشرى پات ئارىدا تورغا يوللىنىدۇ
دىتال كۆرنمە يۈزى  رەسىمى :
چۈشۈرۈش ئادرىسى  : http://www.kiyas.org/Download.as ... ihanogli&Id=112
ياكى  : http://dihanogli.cn/korsitix.asp?ID=227

hayatlik 2012-01-31 14:02
ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ ،بەك قوللىنىشچانلىققا ئىگە ئىكەن.

tawpek 2012-08-15 14:51
دىھقان ئوغلىنىڭ دىتاللىرى ھەقىقەتەن سەرخىل.


查看完整版本: [-- چۈشۈر:ماتىماتىكا مەشىق باغچىسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled