查看完整版本: [-- ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلمىي مۇھاكىمە... --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلمىي مۇھاكىمە... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

akqolpan 2012-01-28 01:08

ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلمىي مۇھاكىمە...

       ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان

 

دەرىس مەزمۇنى:

تېكىسىت ئوقۇش ۋە يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسنى چۈشىنىش

ئوقۇتۇش نىشانى:

 1.بىلىم ئىقتىدار نىشانى:

نۇتۇق تېكىسىتنى جانلىق ،ھېسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان بۇلۇش،يېڭى سۆز ۋە ئوبىرازلىق سۆز-جۈمللەرنىڭ مەنىسنى چۈشىنەلەيدىغان بۇلۇش؛

 ئاپتۇر ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش

2.ئۇسۇل ۋە جەر يان:

يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش،مۇستەقىل ئۆگىنىش،ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش

3.ھېسىيات-پوزىتسىيە قىممەت قارىشى نىشانى:

داڭلىق ئالىم،مۇتەپپەككۇرلارنىڭ ئالىيجاناپ ئىش-پائالىيەتلىرنى ئوقۇغۇچىلارغائۈلگە قىلىپ،ئۇلاردا ئۈزلۈكسىزئىزدىندىغان،ئۆگندىغان ئالىيجاناپ روھنى يېتلدۇرۇش

مۇھىم نۇقتا:

 ئالىمنىڭ ئىش ئىزلىرنى قايسى جەھەتتىن يۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئىگەللۋېلىش

 قىيىن نۇقتا:

تېكىسىتتىكى ئوبىرازلىق سۆز جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنۋېلىش

دەرىس تىپى،دەرىس سائىتى
1-سائەت،يېڭى دەرىس
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى

ئوقۇغۇچىلارغا تېكىسىت ئوقۇش ئارقىلىق سۇئاللار بويىچە دەرىس مەزمۇنىنى  تەھلىل قىلىشقا يېتەكلەش،گۇرۇپپىلار بويىچە ئىزدىنىپ كۆز قارشىنى ئوتتۇرغا قويغۇزۇش ئارقىلىق دەرىس مەزمۇنى ئىگەللىتىلدۇ
ئوقۇتۇش قوراللىرى:

مۇناسىۋەتلىك كىتابلار

ئوقۇتۇش جەريانى:

1.سۇئاللار ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش

ساۋاقداشلار، سىلەر قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان قانداق داڭلىق شەخسلەرنى بىلسىلەر؟داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئىش پائالىيەتلىردىن سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟

ساۋاقداشلار نېمە ئۈچۈن بەزى كىشلەر ئۆلۈپ كەتسىمۇ نام نىشانى كىشلەر قەلبىدىن كۆتىرۈلمەيدۇ؟

(يۇقارقى سۇئاللارغا ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئاساسىدائەركىن ئازادە ھالدا پىكىر قىلىشقا يېتەكلەپ يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرمەن.)

بىزگە ئۆچمەس نادىر ئەسەرلەرنى ،نۇرغۇن تۆھپىلىرنى قالدۇرۇپ خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان مەشھۇر ئالىمىمىز ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇر تۇنۇش ھاسىل قىلماقچى بولساڭلار ،تۆۋەندىكى دەرىسىمىزگە قۇلاق سېلىڭلار.

  دەرىس تېمىسى دوسكىغا يېزىلدۇ.تېكىسىتنى بىر قانچە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇپ چىقىدۇ.تېكىسىت ئوقۇش جەريانىدا چۈشەنمىگەن سۆز جۈمللەرنىڭ ئاستىغا سىزىلىپ،ئاخىردا ئىزاھلاشقا يېتەكلىندۇ.

   ئاپتۇر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلدۇ.

ئوقۇغۇچىلارنى تېكىسىتتىن ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئىش ئزلىرغا ئائىت بايانلارنى تېپىپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرمەن.

دەرىس تۆۋەندىكى سۇئاللار بويىچە  قىسقىچە خۇلاسە قىلىندۇ.

1.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن كىم؟سىز ئۇ كىشىنىڭ قايسى ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان؟

2.ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىنگە بولغان كۆز قارىشىڭىزنى سۆزلەڭ.

3. بۇ دەرسىنىڭ سىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۆگىنىشىڭىزگە تەسىرى بولدىمۇ ياق؟

تاپشۇرۇق:

 

 

 

 

 

 

 

دوسكا لاھىيسى

ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا سۆزلەنگەن سۆز
                       ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان

يېڭى سۆز:

سەرلەۋھە-كىتاب،ئەسەر،ماقالە قاتارلىقلارنىڭ نامى،ماۋزۇسى

مەرىپەت-كىشلەرنىڭ ئاڭ سېزىمى،بىلىمىنى،مەدەنيىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلدىغان تەلىم تەربىيە،ئوقۇ-ئوقۇتۇش مائارىپ،مەرىپەت يۇرتى

جاۋاھىرات-قىمممەت باھالىق ئېسىل تاشلار،ئۈنچە-مارجانلار

ھەقدادىغا-تازا كۆڭۈلدىكىدەك بېجىرىلمەك،قائىدىگە مۇۋاپىق بولماق

تۇتىيا-تېپىلمايدىغان،قىممەت باھالىق نەرسە

 

  دەرىستىن كېيىنكى ئەسلىمە

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 




                                      

                                                    ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان

دەرىس مەزمۇنى:

تېكىسىت ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىش

ئوقۇتۇش نىشانى:

 1.بىلىم ئىقتىدار نىشانى:

ئوقۇغۇچىلارغا ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئەۋلادلارغا قالدۇرغان ئىلمىي ئەمگەكلىرنى ،تۆھپىلىرنى ئىگەللتىش

    نۇتۇق ئورگىنالى يېزىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش

2.ئۇسۇل ۋە جەر يان:

يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش،مۇستەقىل ئۆگىنىش،ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش

3.ھېسىيات-پوزىتسىيە قىممەت قارىشى نىشانى:

ئوقۇغۇچىلارغا ئالىم،مۇتەپپەككۇرلارنى،يازغۇچىلارنى،ئاليجاناپ كىشلەرنى ئۇلۇغلاش، ئالىيجاناپ ئىش-پائالىيەتلىرنى ئۆزلىرگەئۈلگە قىلىپ، ئۈزلۈكسىزئىزدىندىغان،ئۆگندىغان ئالىيجاناپ روھنى يېتلدۇرۇش

مۇھىم نۇقتا:

 ئالىمنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي ئەمگەكلىرنى تۆھپە نەتىنجىلىرنى بىلۋېلىش

 قىيىن نۇقتا:

ئاپتۇرنىڭ ئالىمغا بولغان چوڭقۇر مۇھاببىتى ۋە سېغىنىش ھېسىياتىنى ئىگەللەش

دەرىس تىپى،دەرىس سائىتى
2-سائەت،يېڭى دەرىس
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى

ئوقۇغۇچىلارغا سۇئاللار بويىچە دەرىس مەزمۇنىنى  تەھلىل قىلىشقا يېتەكلەش،گۇرۇپپىلار بويىچە ئىزدىنىپ كۆز قارشىنى ئەركىن ئوتتۇرغا قويغۇزۇش ئارقىلىق دەرىس مەزمۇنى ئىگەللىتىلدۇ
ئوقۇتۇش قوراللىرى:

كومپىيوتېر،كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئاپىراتى

ئوقۇتۇش جەريانى:

يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش

مەشىق ئىشلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلدۇ.

1. تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ.

   1) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن (       )- يىلى (      )دا تۇغۇلۇپ، (      )- يىلى ۋاپات بولغان.

   2) ئۇ ئۆز ھاياتىدا (       ) پارچىدىن ئارتۇق كىتاب، (        ) پارچىگەيېقىن ئىلمىي ماقالە ۋە (         ) پارچىدىن ئارتۇق شېئىر- غەزەللەرنى يېزىپ، (         ) گە تەقدىم قىلغان.

3) بىزنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدىكى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ھەقىقىي مەنىدىكى بىر (      ). زامانىمىزدا (        )گە كۆتۈرۈلگلىگەن ئۇيغۇر ئالىمى.

(يۇقارقى مەشىق سۇئاللىرنى ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئاساسىدا جاۋاب بېرىشكەيېتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرمەن.)

 

ئېكىراندا دەرىس تېمىسى كۆرسىتىلدۇ،دەرىسخانا مەشىقى ئېلىپ بېرلدۇ
دەرسخانىدىكى مەشىق

     ‹‹ نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى مۇشۇ ئون يىلدىن بېرى تەدرىجىي تونۇدى. بارغانسىرى چۈشەندى. ئۇنى ئىلگىرىمۇ تونۇيدىغانلار تېخىمۇ چوڭقۇرراق ۋە تېخىمۇ دۇرۇسراق تونۇدى. ››

    ئاپتور يۇقىرىقى پارچىدا نېمە ئۈچۈن ‹‹ تېخىمۇ چوڭقۇرراق ۋە تېخىمۇ دۇرۇسراق تونۇدى ›› دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ؟ بۇ قايسى جەھەتتىكى تونۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

‹‹ ئۆزى ئويغانماي تۇرۇپ، خەلقنى سۆيىمەن دېمەكلىك بىر قۇرۇق داۋراڭ، خالاس! ››

    سىز يۇقىرىقى قاراشنىڭ راستلىقىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟

 ‹‹ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەش ۋە ئىجاد قىلىش ھۇزۇر ئىدى، دەم ئېلىش ئىدى. ››

   1) يۇقىرىقى جۈملىدىن تەڭداش بۆلەكلەرنى تېپىپ قايسى سۆز تۈركۈمىگە كىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟

 

   2) سىز ئۈچۈن قايسى ئىش ھۇزۇر ۋە دەم ئېلىش ھېسابلىنىدۇ؟ نېمە ئۈچۈنلىكىنى ئېيتىپ بېرىشنى خالامسىز؟

تۆۋەندىكى تاللاش سوئاللىرىنى ئىشلەپ كۆرۈڭ.  بېرىلگەن ئۈچ خىل جاۋابنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرىلا توغرا.

  1) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن  ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:                       (     )

   A. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن  يېتىلگەن ئالىم، تۆھپىكار باغۋەن.

   B. ئۇنىڭ رومان، پوۋېستلىرى خېلى كۆپ بولۇپ، خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

   C. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئىلمىي خاراكتېرىدىكى ئەسەر.

2) تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە ئاشۇرما سۈپەت قوللىنىلغان جۈملە:                  (    )

   A. ئۆزى چوڭ بولسىمۇ، تەپەككۇرى چوڭ بولمىغان ئادەم مەڭگۈ گۆدەك.

   B. ئىنسان ئەقىل ئىشلەتسە ئەڭ كۈچلۈك، ئىشلەتمىسە ئەڭ ئاجىز مەخلۇق.

   C. ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا چالا ساۋات كىشى چەتئەل تىلىدىمۇ چالا ساۋات بولىدۇ.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن  ئۆز شاگىرتلىرىغا نېمىنى تەۋسىيە قىلغان؟ تېكىستتىن  پايدىلىنىپ، ئۆز تىلىڭىزغا ئايلاندۇرۇپ يېزىپ بېرىڭ.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن توغرىسىدا يەنە نېمىلەرنى بىلىسز؟

 

    ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن بەش پارچىنى ساناپ بېرەلەمسىز؟

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى ۋەتەنپەرۋەر، قەھرىمان، پىداكار دەپ قارىساق بولامدۇ؟ ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.

ئاپتور بۇ نۇتۇقتا ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىنگە بولغان ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشتە قايسى نۇقتىلارنى چىڭ تۇتقان؟

دەرىس  قىسقىچە خۇلاسە قىلىندۇ.

ئاپتۇر بۇ تېكىسىتتە پۈتكۈل ھاياتىنى شەخسىيەتسىز ھالدا مائارىپقا،ئىلمىي تەتقىقات،ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تەرجىمە ئىشلىرىغا بېغىشلىغان تۆھپىكار باغۋەن،ئۇيغۇر ئالىمىنى يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن مەدىيلەپ،ئۇنىڭ ھاياتغا،تەتقىقاتغا ،ئىجادىيتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

تاپشۇرۇق:

تۆۋەندىكى ئەسەرنى ئوقۇپ ئاخىرىدىكى تەلەپلەرنى ئورۇنداڭ.

 ئەڭ ياخشى نەرسە

    بىر پەيلاسوپ ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرىنى يىغىپ:

    - دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى نەرسە نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ.

    شاگىرتلارنىڭ ھەربىرى ھەرخىل جاۋاب بېرىپتۇ. بەزىسى: ئەقىل دېسە، بەزىسى ياخشى قوشنا، دەپتۇ. يەنە بىرى: ئالدىن كۆرەرلىك، دەپتۇ. پەيلاسوپ ھەممىسىگىلا بېشىنى چايقاۋېرىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بىر شاگىرت:

    ئەڭ ياخشى نەرسە قەلبتۇر، - دەپتۇ.

    - ناھايىتى توغرا، - دەپتۇ پەيلاسوپ شۇ چاغدا، - شۇلا بولسا، قالغان نەرسىنىڭ ھەممىسى بولىدۇ.

تەلەپ: B گۇرۇپ

 1) ئەسلىي دەرىجىدىكى سۈپەت ــ

          2) ئىسىم ــ

          3) ياردەمچى سۆزلەر ــ

         4) تىنىش بەلگلىردىن ــ

        A  گۇرۇپ

يۇقىرىقى ئەسەردىن ئىلھام ئېلىپ پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىڭ. ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ زىيانلىق نەرسە ياكى ئىنسانغا دۈشمەن بولىدىغان نەرسە نېمە دەپ قارايسىز؟  مۇشۇ ھەقتە نۇتۇق ئورىگىنالى تەييارلاپ كېلىڭ.

    دوسكا لاھىيسى

ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا سۆزلەنگەن سۆز
                               ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان

ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان-1951-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.پروپىىسور،ئەدەبىيات شۇناس

. تۆۋەندىكى سۆز ۋە بىرىكمىلەرنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاڭ:

  1) ئەنزار ــ

  2) ھەقدادى ــ

  3) ئىخلاس قىلىش ــ

  4) مەرىپەت باغۋىنى ــ

 دەرىستىن كېيىنكى ئەسلىمە

 

 

 

 


tunyukuk 2012-01-29 10:49
[attachment=429]    

ماھى 2012-02-01 16:15
ناھايىتى ياخشى،ئەتراپلىق لايىھىلەنگەن دەرس تەييارلىقى بوپتۇ.داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.

بابۇر0725 2014-03-05 00:40
قايتا بىر تەھرىرلەپ ئاندىن يوللاش كېرەككەن


查看完整版本: [-- ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلمىي مۇھاكىمە... --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled