查看完整版本: [-- ۋولتېر ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقىنى .... --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> ۋولتېر ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقىنى .... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

akqolpan 2012-01-28 01:05

ۋولتېر ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقىنى ....

دەرىس مەزمۇنى:

تېكىست ئوقۇش،يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسنى چۈشەندۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىش

ئوقۇتۇش نىشانى:

 1.بىلىم ئىقتىدار نىشانى:

 تېكىسىتنى جانلىق ،ھېسىياتلىق ئوقۇش،يېڭى سۆزنىڭ مەنىسنى چۈشىنەلەيدىغان بۇلۇش؛ۋولتېرنىڭ دۇنيا مەدەنيەت ساھاسىگەقوشقان تۆھپىسنى ئىگەللەش

تېكىسىتتە ئۇچىرغان تەڭداش بۆلەك، سۆز تۈركىمگە ئايرىش ئۇسۇلىنى بىلدۈرۈش

 2.ئۇسۇل ۋە جەر يان:

يېتەكلەش ،رىغبەتلەندۈرۈش،مۇستەقىل ئۆگىنىش،ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش ،مۇلاھىزە قىلىش

3  .ھېسىيات-پوزىتسىيە قىممەت قارىشى نىشانى:

ئوقۇغۇچىلارغا يۇرەكلىك ھالدا ئادالەتسىزلىككە قارىشى تۇرۇش،ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان ۋە كۈرەش قىلدىغان خارەكتىرنى يېتىلدۈرۈش

مۇھىم نۇقتا:

ۋولتېرنىڭ ‹‹كىشلەرنى ھۆرلۈككە مېڭىشقا تەربىيلىگەن››‹‹فىرانسىيە ئىدئولوگىيە شاھى››ئىكەنلىكىنى قايسى نۇقتىلاردىن چۈشەندۈرۈش

 قىيىن نۇقتا:

ئاپتۇرنىڭ تۇلۇپ تاشقان ھېسىياتى،رومانتىك تۈسكە باي نۇتۇق تىلنى بىلىش

دەرىس تىپى

1-سائەت،يېڭى دەرىس

 ئوقۇتۇش ئۇسۇلى

ئوقۇغۇچىلارغا تېكىسىت ئوقۇش ئارقىلىق سۇئاللار بويىچە دەرىس مەزمۇنىنى  تەھلىل قىلىشقا يېتەكلەش،گۇرۇپپىلار بويىچە ئىزدىنىپ كۆز قارشىنى ئوتتۇرغا قويغۇزۇش ئارقىلىق دەرىس مەزمۇنى ئىگەللىتىلدۇ
ئوقۇتۇش قوراللىرى:

مۇناسىۋەتلىك دەرىس ماتىرياللىرى

ئوقۇتۇش جەريانى:

يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش

ساۋاقداشلار سىلەر قانداق داڭلىق شەخسلەرنى بىلسىلەر؟سىز قانداق كىشلەرنى ھۆرمەتلەيسىز؟نېمە ئۈچۈن؟ سىزنى ھەر قايسى جەھەتتە قايىل قىلغان كىشى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنكى ھېسىياتىڭىزنى سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟

ۋېكتور ھىيوگودېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ئۇنىڭ ئەسەرلىرنى بىلەمسىز؟

( يۇقارقى سۇئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئەركىن ئازادە ھالدا پىكىر قىلىشقا يېتەكلەپ يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرمەن.)

بىز ۋولتېر ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى دەرىسنى كۆرۈپ باقايلى.

 دەرىس تېمىسى دوسكىغا يېزىلدۇ.تېكىسىتنى بىر قانچە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇپ چىقىدۇ.تېكىسىت ئوقۇش جەريانىدا چۈشەنمىگەن سۆز جۈمللەرنىڭ ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ئاستىغا سىزىلىپ،ئاخىردا ئىزاھلاشقا يېتەكلىندۇ.

  ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى چۈشەنمىگەن سۆزنىڭ مەنىسنى ئىزاھلايدۇ،كام ياكى خاتا بولغان جايلارنى مەن تۇلۇقلاپ چۈشەندۈرۈپ قويىمەن.

  سۆزنىڭ مەنىسنى ئىزاھلنىپ بولغاندىن كېيىن، تېكىسىتتە ئۇچىرغان تەڭداش بۆلەكنى تېپىپ چىقىشقا يېتەكلەيمەن.

 ئوقۇغۇچىلارنى تېكىسىتتىكى سۆز تۈركىمنىڭ ھەر بىرگە بىردىن مىسال تېپىپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرمەن.

ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر تېپىپ چىقىلدۇ.

   ئاپتۇر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلدۇ.

دەرىس ئاخردا قىسقىچە خۇلاسە قىلىندۇ.

ئوقۇغۇچىلارنى ۋولتىرنىڭ كىشلەرنى ھۆرلۈككە ،ئەركىنلىككە مېڭىشقا يېتەكلىگەن ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر.ئەدىب.پەيلاسوپ ئىكەنلىكىنى بىر قانچە نۇقتىدىن ئەدەبىي مىساللار ئارقىلىق يۇرۇتۇپ بېرىشكە يېتەكلەيمەن.

  تاپشۇرۇق

 1.ۋولتىرنىڭ ھاياتى ،ئىجادىيتى،ئىدىيسىگە ئائىت مىساللارنى توپلاپ كېلىڭ

2.تېكىسىتتىن تەڭداش بۆلەكنى تېپىڭ ھەمدە ئونىڭ قايسى سۆز تۈركىمىگەكىردىغانلىقىنى ئىزاھلاڭ.

   دوسكا لاھىيسى

ۋولتىر ۋاپاتىنىڭ 100يىللىقىنى خاتىرلەش نۇتىقى

          ۋېكتور ھىيوگو

 ۋولتىر(1694-1778) فىرانسىيەمەرىپەتچىلىك دەۋىردىكى ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر.ئەدىب.پەيلاسوپ،تەرەققىيپەرۋەر پادىشاھلىق سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلغان،ھۆرلۈك باراۋەرلىكنى تەكىتلىگەن.

يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات:

ئىدىراك-بىلىش،چۈشىنىش قابىليىتى

ئىدئولوگىيە-مەلۇم سىنىپ ياكى پارتينىڭ مۇئەييەن كۆز قاراش،پىكىر،ئوقۇم،ئىدىيلەر سېستىمىسى

دوگما-ئەمەلىي،كونكىرىت شارائىتقا تەدبىق قىلىنماي،قارغۇلارچە يولغا قۇيۇلغان ياكى قۇبۇل قىلىنغان قانۇن تۈزۈم،قائىدە

دانا-ئىشنىڭ يولىنى بىلدىغان، يىراقنى كۆرەر،ئەتىراپلىق ئويلايدىغان،دانىشمەن

داھى-دۆلەت،سىياسى تەشكىلات،ئاممىۋى تەشكىلات قاتارلىقلارنىڭ يولباشچىسى

روبىرو-مەلۇم بىر نەسىگە ياكى سۆزلىگۈچىەە قارمۇ-قارشى تەرەپ

روھانىي-مۇئەييەن بىر دىنغا چوڭقۇر ئېتقاد قىلغۇچى كىشى،دىنىي يېتەكچىى،دىن پېشۋاسى

تەۋەللۇت-تۇغۇلۇش،تۇغۇت

سۇبات-قەتئىيلىك،ئىرادە،چىدام،شىجائەت

   زاكون تايىغى-كىشلەرنى باستۇرۇشتا ئىشلىتىلدىغان كالتەك

   نۇپۇز-ئىناۋەتلىك

دەرىستىن كېيىنكى ئەسلىمە   


بابۇر0725 2014-03-05 00:39
ياخشى تەييارلىنىپتۇ


查看完整版本: [-- ۋولتېر ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقىنى .... --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled