كەسىپنى قەدىرلەش ۋە كەسپكە ئىشتىياق باغلاش
دەرىس سائىتى ۋەدەرىس مەزمۇنى: (يىراق مۇسپلىق ئوقۇتۇش ئۆيىدە ئۆتىلدۇ،تەھلىل قىلىندۇ.) ئوقۇتۇش نىشانى: 1.بىلىم –ئىقتىدار نىشانى: ①ئوقۇغۇچىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ كەسىپنى قەدىرلەش.ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئادىمىيلىك بۇرچىنى تۇنۇش ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە قىلىش ②نۇتۇق قابىليىتىنى ئۆستۈرۈش توغىرسىدامەلۇم ساۋاتقا ئىگە قىلىش،جانلىق تىل ماھارىتىتنى يېتىلدۈرۈش 2.ئۇسۇل ۋە جەر يان: يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش،مۇستەقىل ئۆگىنىش،ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش 3.ھېسىيات-پوزىتسىيە قىممەت قارىشى نىشانى: ئوقۇغۇچىلارغا كەلگۈسىدە مەيلى قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسۇن ئۆزىنىڭ جەمىيەت ئۈچۈن زور تۆھپە قوشىۋاتقانلىقىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ھېس قىلدۇرۇش مۇھىم نۇقتا: ئەدەبى جانلىق تىل بىلەن بىلەن ئەدەبىي ئېغىز تىلنىڭ پەرقىنى تۇنۇتۇپ ،جانلىق تىلىنى قوللۇنۇش ماھارىتىنى نۇتۇقنىڭ يېزىلىش ئالاھىدىكى ۋە ئېغىز يېتىلدۈرۈش قىيىن نۇقتا: ئوقۇغۇچىلارغا كەلگۈسىدە مەيلى دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشىۇش ئۈچۈن ئۆز كەسپىدىن ۋايسىماسلىق ئىدىيسىنى يېتىلدۇرۈشكە ئاساس تىكلەش دەرىس تىپى 2-سائەت،يېڭى دەرىس ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىلارغا يىراق مۇسپلىق ئوقۇتۇش ئۆيىدە ئېكىران ئارقىلىق سۇئاللار بويىچە دەرىسمەزمۇنىنى تەھلىل قىلىشقا يېتەكلەش،گۇرۇپپىلار بويىچە ئىزدىنىپ كۆز قارشىنى ئوتتۇرغا قويغۇزۇش ئارقىلىق دەرىس مەزمۇنى ئىگەللىتىلدۇ ئوقۇتۇش قوراللىرى: كومپىيوتېر،كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئاپىراتى ئوقۇتۇش جەريانى: يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش ئالدىنقى سائەتتە بىز نۇتۇق ھەققىدە تۇنۇشۇپ چىقتۇق.نۇتۇق ۋە نۇتۇقنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە تۇنۇشىڭىزنى ئوتۇرغا قۇيۇپ بېقىڭ (ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ نۇتۇق توغىرسىدىكى ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەسلەتكۈزۈش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلدۇ.) ئېكىراندا دەرىس تېمىسى كۆرسىتىلدۇ،دەرىسخانا مەشىقى ئېلىپ بېرلدۇ. . كۇڭزى: ‹‹ قورسىقى توق، جاھاندىن غېمى يوق كىشىلەر ياراملىق ئادەم بولالمايدۇ ›› دېگەنىدى. كۇڭزى يەنە: ‹‹ كۈن بويى ئەل- جامائەت بىلەن بىللە بولسىمۇ، بىرەر ئېغىزمۇ ئوڭلۇق گەپ قىلماي، قۇۋلۇق- شۇملۇق قىلىدىغان كىشىلەر ياراملىق ئادەم بولالمايدۇ! ›› دېگەنىدى. ) قانداق كىشىلەرنى ‹‹ قورسىقى توق، جاھاندىن غېمى يوق كىشىلەر ›› دەپ قارايسىز؟ ) سىلەرچە يەنە قانداق كىشىلەر ياراملىق ئادەم بولالمايدۇ، نېمە ئۈچۈن؟ . ‹‹ كىشىلىك ھاياتتىكى ھەممە ئىللەتلەرنى ئوڭششىغىلى بولسىمۇ، پەقەت ئىش خۇشياقماس، بىكار تەلەپلەرنىلا ئەۋلىيامۇ ھېچ نەرسەقىلالمايدۇ ›› دېگەن جۈملىدە ئىپادىلەنگەن پىكىرگە قانداق قارايسىلەر؟ ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟ (‹‹ھۇرۇننىڭ ئاقىۋىتى››دېگەن چۆچەكنى سۆزلەپ بېرىمەن) (ئوقۇغۇچىلارئەركىن ئازادە ھالدا پىكىر قىلىپ ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ جاۋاپ بېرىشكە يېتەكلىندۇ.) . تۆۋەندىكى جۈملە شەكىللىرىگە تەقلىد قىلىپ، ئۆزۈڭلار ئىجادىي ھالدا جۈملە تۈزۈپ بېقىڭلار. ‹‹ ئەخلاقنىڭ ئاۋۋىلى كەسىپ، يامانلىقنىڭ بېشى ھۇرۇنلۇق. ›› ‹‹ كەسپى يوق ھۇرۇن ئادەملەر جەمئىيەتنىڭ مىتىسىگە ئوخشايدۇ. ›› ‹‹ ئىنسانلار بىر تەرەپتىن، تۇرمۇش ئۈچۈن ئەمگەك قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەمگەك ئۈچۈن ياشايدۇ. ›› (ئوقۇغۇچىلاريۇقارقى جۈملە شەكىلگە ئاساسەن قىلىپ،ئىجادى جۈملە تۈزۈشكە يېتەكلىندۇ.) سىلەر پات- پاتلا چوڭلارنىڭ، ئوقۇتقۇچىڭلارنىڭ ئاغزىدىن ‹‹ ياخشى ئوقۇمىساڭ كوچىغا چىقىپ مايلامچىلىق قىلامسەن؟ موزدۇزلۇق قىلامسەن؟ گېزىت ساتامسەن؟ تازىلق ئىشچىسى، ئىشىك باقار بولامسەن؟ پادا باقامسەن...؟ ›› دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىسىلەر. بۇ تېكىستتە ‹‹ ئىشلا بولىدىكەن ماھىيەتتە ئۇنىڭ ھەممىسى قەدىرلىكتۇر ››، ‹‹ مۇقەددەس بولمىغان كەسىپ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىرسىز كەسىپمۇ بولمايدۇ›› دېيىلگەن. يۇقىرىقى قاراشلارغا بىرلەشتۈرۈپ بۇ ھەقتىكى پىكرىڭلارنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنازىرە قىلىپ بېقىڭلار. تېكىستتە ‹‹ سېنىڭ ماڭا، مېنىڭ ساڭا ھەۋەس قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق ›› دېگەن پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. سىزنىڭچە، بۇ ‹‹ئۆزئارا رىقابەتلىشىش ››، ‹‹ باشقىلارنى ئۈلگە قىلىش ›› دېگەندەك قاراشلار بىلەن قارىمۇ قارشى بولۇپ قالامدۇ- قانداق؟ (ئوقۇغۇچىلارئەركىن ئازادە ھالدا پىكىر قىلىپ ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ جاۋاپ بېرىشكە يېتەكلىندۇ.) سىزنىڭ ئۆلچىمىڭىزدىكى ياراملىق ئادەم قانداق بولۇشى كېرەك؟ تەڭداش بۆلەكلەرنى ئايرىڭ: ئېنىق بىر مەيدانى ،غۇرۇرى،ۋىجدانى ،كۆز قارىشى بولمىغان كىشى قۇيۇندا ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن ئەخلەتكە ئوخشايدۇ. ئىنسان روھىدا ۋىجدان،ئىمان،ئارماندىن ئىبارەت ئۈچ گۆھەر بار. (ئوقۇغۇچىلار تەڭداش بۆلەكلەرنى ئايرىشقا يېتەكلەيمەن) تەڭداش بۆلەك ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىلدۇ. دەرىس ئاخردا قىسقىچە خۇلاسە قىلىندۇ. ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ كىشلىك تۇرمۇشتا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى،ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ،جەميەتكە بىر كشلىك تۆھپە قۇشۇشقا بەل باغلاش لازىملىقى توغىرسىدا خۇلاسە قىلىندۇ. تاپشۇرۇق (1)ئۆزىڭىزنىڭ يارامسىز ئەمەسلىكىڭىزنى ئەمەلىي ئىش- ھەرىكىتىڭىز بىلەن ئىسپاتلىغان مەلۇم ۋەقەنى ئاساس قىلىپ بىر پارچە يېزىڭ (2) يۇقىرىقى ئەسەردىكى ‹‹ مەنتىقە ››، ‹‹داۋالغۇش ››، ‹‹ خاراب ›› دېگەن سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى تېپىڭ.ھەر بىرىگە بىردىن جۈملە تۈزۈڭ.
مەنتىقە خاراب
داۋالغۇش
دوسكا لاھىيسى
لىياڭ چىچاۋ(1873~1929)
تەڭداش بۆلەك-جۈملىدە بىر بىرىگە بېقىنمايدىغان ئوخشاش سىنتاكىسلىق ۋەزىپىدە كەلگەن بۆلەك. مەسلەن:مەن مەكتەپكە كېلىپ تاپشۇرۇق ئىشلىدىم،تازلىق قىلدىم،توپ ئوينىدىم. گۈلزىبا،ئاينۈر،شاۋكەتلەر بۈگۈن كەلمىدى.. دەرىستىن كېيىنكى ئەسلىمە
|