ئىمتىھان ۋە پۇزۇتسىيە (سىنىپ يىغىنى دەرسى)
ئىمتىھان ۋە پۇزۇتسىيە
( بىر سائەتلىك سىنىپ يىغىنى دەرسى )
دەرس ھەققىدە ؛ سىنىپ يېغىنى دەرسنىڭ ئۈنىمىنى قانداق ئۆلچەيمىز؟ ياكى نېمە بىلەن ئۆلچەيمىز ؟ ئۇ نېمىلەرگە جاۋاب بېرىشى كېرەك؟ قانداق ئۇسۇلدىكى سىنىپ يىغىنى دەرسلىرى سىنىپ كۆللېكتىۋىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدۇ؟ يۇقارقى سۇئاللار ئاساسىدا بۇ بىر سائەتلىك سىنىپ يىغىنى دەرسى، مەكتىۋىمىزدە ئۆتكىزىلگەن سىنىپ يىغىنى دەرسى مۇسابىقىسىگە تەييارلانغان ئىدى . تىل ئۆتكىلى سەۋەبىدىن ئەسلى دەرستە ئىككى نەپەر رىياسەتچىدىن پايدىلانغان . باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشنى ئوقۇتقۇچى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان قىلىپ لايىلەنگەن ئىدى . كەسىپداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ يوللاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئوقۇتۇش نىشانى ؛ ئوقۇغۇچىلاردا ئىمتىھانغا بولغان توغرا پۇزۇتسىيەنى يېتىلدۈرۈش. ئىمتىھان تەھلىلىنى ئىلمىي قىلالايدىغان بولۇشقا يېتەكلەش. ئوقۇغۇچىلارغا توغرا بولغان ئۆگىنىش نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىش، ئىمتىھان نەتىيجىسىنى تەھلىل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تۇنۇپ يېتىش ، توغرا بولغان ئىمتىھان قارشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش.
مۇھىم نۇقتا؛ توغرا بولغان ئۆگۈنۈش نىشانىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش.
قىيىن نۇقتا؛ ئىمتىھان نەتىيجىسى تەھلىلىنى قىلاليدىغان بولۇش. ئىمتىھان نەتىيجىسى بىلەن پوزۇتسىيەنىڭ مۇناسىۋېتىنى توغرا تۇنۇش.
دەرسكە تەييارلىق؛ ئوقۇتقۇچى دەرس دىتالى ئىشلەيدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ، ئىمتىغان توغۇرسىدىكى كۆزقاراشلىرىنى يېزىش، ھېكىمەتلەرنى توپلاش ئوقۇتقۇچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان تاپشۇرۇقىغا ئاساسەن تەييارلىق قىلىش.
دەرس ۋاقتى؛
قاتنىشىدىغان ئوبېكتىپلار؛ ھەر بىر قوش تىللىق سىنىپتىن ئىككىدىن ۋەكىل ھەر قايسى سىنىپ مەسئوللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەھپەرلەر .ئاتا – ئانىلار ۋەكىلى ۋە خەنزۇ سىنىپتىكى يىللىقلار بويىچە نەتىيجىسى بىرىنچى بولۇپ كېلىۋاتقان خەنزۇ ئوقۇغۇچىدىن بىر نەپەر .
دەرس جەريانى؛
دەرس باشلاش سۆزى؛ بىز داۋاملىق ئىمتىھان دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ تۇرۇمىز.ئەمىليەتتە تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىز كۆممسىيە بولۇپ راسچىللىق بىلەن بېرىدىغان بىر ئىمتىھان ،ئۇنىڭ نەتىيجىسىنىڭ قانداق بولىشى بىزنىڭ ئەمىليىتىمىز تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ . بۈگۈن ئوقۇتقۇچىڭلارمۇ سىنىپ يىغىنى مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بىر ئىمتىھانغا يۈزلىنىپ تۇرۇپتۇ . سىلەرنىڭ ماسلىشىشىڭلار ۋە قوللىشىڭلار بولسىلا بۇ ئىمتىھاننى چۇقۇم مۇۋاپىقىيەتلىك بېرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.
ئوقۇتقۇچى ؛ ئالدى بىلەن x xساۋاغداشلارنىڭ « ئىمتىھان باش قىتىقچىلىقى ›› ماۋزوسىدىكى ئېپىزوتىدىن بەھىرلەنگەيسىلەر
ئوقۇغۇچىلار؛ ئىمتىھانغا ياخشى تەييارلىق قىلغان ئوقۇغۇچى بىلەن ياخشى تەييارلىق قىلمىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىمتىھانغا تۇتقان پوزۇتسىيەسى ئىپادلەنگەن ئېپىزوتنى ئويناپ چىقىدۇ .
يۇقارقى باسقۇچتا ئورۇنلىنىدىغان سۇئال تەلىۋى ؛ ئىپىزوتنىڭ سىزگە بەكرەك ياققان تەرىپىنى دەپ بېرەلەمسىز؟ ئەگەر سىز بولسىڭىز يەنە قانداق مەزمونلارنى ئويلاشقان بولاتتىڭىز؟
(سۇئالنىڭ لايىلىنىش مەخسىتى ؛ ياققان تەرپىنى سۆزلەش ئورۇنلىغۇچىلارغا بولغان يۇشۇرۇن ئىلھاملاندۇرۇش، كەينىدىكى سۇئال ئۇلارغا تەپەككۈر بوشلىقى يارتىش بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بىلىپ بېقىش ئىمتىھاننى يەنە نېمىلەر بىلەن باغلىيالايدىغانلىقىنى سېزىۋېلىشقا شارائىت يارتىدۇ ، يەنە كېلىپ ئېپىزوتنىڭ كېچىككىنە تۇرمۇش كارتىنىسى ئۇنىڭغا ھەممىلا ۋەقەنى قىسىپ كىرگۈزىشۆكە بولمايدىغانلىقىدەك ئەدەبىي بىلىمىنىمۇ سىڭدۈرگىلى بولىدۇ )
ئوقۇتقۇچى ؛خۇلاسە قىلىپ ئىككىنچى پائالىيەتكە ئۆتىدۇ .
تۆۋەندىكى گىرافىكنى تولدۇرۇپ بېقىڭلار ؛
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان تەھلىلى جەدۋىلى
تەلەپ؛ گرافىكنى ئالغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۆز ئالدىغا تولدۇرىدۇ ، تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، 4 تىن ئوقۇغۇچى بىر گۇرۇپا بولۇپ گىرافىنى ئالماشتۇرۇش كۆرگەندىن كېيىن ،گرافىك ئىچىدىكى مەزمونلاردىن ھېس قىلغانلىرىنى خۇلاسە قىلىپ يازىدۇ .
(گرافىك لايىلەشتىكى ئارقا كۆرىنىش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇمۇرنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ،ئىمتىھان نەتىيجىسىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنى بىلىشكە يېتەكلەش، ئەڭ مۇھىمى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ كۆرۈش ۋە خۇلاسە قىلىش شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئۆگىنىشتىكى خاس ئۇسۇلنى تېپىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈشكە يېتەكلەش ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىدىن پايدىلىنىپ مۇشۇ يۆلىنىشكە قاراپ يېتەكلىسە بولىدۇ )
ئوقۇتقۇچى ؛ يۇقۇردا سۆزلىگەنلىرىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ ،يەنى ئىزچىل تۈردە يىللىقلار بويىچە بىرىنچى بولۇپ كېلىۋاتقان قوشنا سىنىپتىكى x ساۋاغداشنى نەتىيجە سىرىنى ۋە رېستىپلىرىنى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىمتىھانغا بولغان كۆزقارشى ۋە ئۆگۈنۈش ئۇسۇللىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشىكە تەكلىپ قىلىمىز.
بۇ ساۋاغداشنىڭ سۆزىدىن نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭلار؟ (ئوقۇغۇچىلار سۆزلەيدۇ)
ئوقۇتقۇچى ؛ مەن ئىمتىھان نۇمۇرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر ھېكايىنى ئوقىغان ؛( نېگىرلارنىڭ ئىككى نۇمۇر قۇشۇپ بېرىشكە قارشى نامايىش قىلغانلىقى توغۇرسىدىكى ھېكايە سۆزلىنىدۇ.)
يۇقارقى ھېكايىنى نۇرغۇنلىرىمىز ئاڭلىغان .قىسقىسى .ئىمتىھان ئىززەت ھۆرمەت ، بىزنىڭ ئىچىمىزدىنمۇ پەخىرلىك قىز پەخرىيەدەك نۇرغۇن ئىزباسارلار يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ ھەم چىقىدۇ .
ئوقۇتقۇچى ؛ تۆۋەندە سىنىپىمىزنىڭ ئاتا – ئانىلار ۋەكىلى xنى سەھنىمىزگە تەكلىپ قىلىمىز،مەسئولىيەتچان ئاتا – ئانىلار يەنە بىر تۈركۈم مەسئولىيەتچان ئەۋلادلارنى تەربىيلەشتىكى ئۇل كۈچلەر .
پەرزەنتلەرگە قانداق يۈرەك سۆزىڭىز بار؟ سىز پەرزەنتىڭىزنىڭ ئىمتىھان نەتىيجىسىگە قانداق قارايسىز؟
(ئاتا – ئانىنى تەكلىپ قىلىشتىكى مەخسەت ؛ ئاتا – ئانىلارنىڭ ئىمتىھان ھەققىدىكى قاراشلىرى بىلەن بالىلارنى ئۇچۇراشتۇرۇش، ئاتا – ئانىنىڭ سۆزىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلاردا ئىمتىغان يالغۇز ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش )
ئوقۇتقۇچى ؛ئاتا – ئانىلارنىڭ يۈرەك سۆزىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلغىنىڭلارغا ئىشىنىمەن . ئەمدى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ساۋاغداش x نى «ئىمتىھان ساڭا دەيدىغانلىرىم ›› ماۋزوسىدىكى ماقالىسىنى ئاڭلاپ باقايلى.
(ماقالا مەزمونى ؛ ئىمتىھاننىڭ رولى ۋە ئىمتىھاندا ئۇچۇرغان پىسخىكا بىسىمنى يېڭىشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدە )
ئوقۇتقۇچى ؛ بۈگۈنكى سىنىپ يىغىنى دەرسىگە مەكتىۋىمىزدىكى دۆلەت دەرىيجىلىك ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى x تەكلىپ قىلىندى .قەنى مەرھەممەت ؛
ئوقۇغۇچىلار سۇئال سورايدۇ (سۇئال مەزمونى ؛ ئۈسۈپ يېتىلىش بىلەن ئىمتىھاننىڭ مۇناسىۋېتى ،ساپا مائارىپىدا يەنە نېمە ئۈچۈن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئىمتىھانغا توغرا پۇزۇتسىيە تۇتقىلى بولىدۇ؟ )
(يۇقۇرقى ئىككى پائالىيەت كۆرىنىشى ئارقىلىق ئىمتىھانغا تۇتقان پوزۇتسىيەمۇ كىشلىك تۇرمۇشقا تۇتقان بىر خىل پوزۇتسىيە ئىكەنلىكىنى ، پۇزۇتسىيەنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ،ئادەت ۋە ھەركەتنىڭ مۇۋاپىقىييەتتىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى بىلىشكە يېتەكلەش)
باھالاش ۋە ھاسىلات ؛
ئوقۇغۇچىلارغا گىرافىك تارقىتىپ باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ
يۇقۇرقى گىرافكنى تولدۇرۇپ ئالماشتۇرۇپ كۆرۈپ ،ئوقۇغۇچىلار خۇلاسە قىلىدۇ .
ئوقۇتقۇچى ؛ ھېكەمەتلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا سوۋغا قىلىپ دەرسنى تاماملايدۇ.
(ئالتۇن تولۇق رەڭدار، ئادەم تولۇق مۇكەممەل بولمايدۇ. ئۆزۈڭنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، باشقىلارغا تەنقىد قىلىش پۇرسىتى بېرىشىڭ كېرەك. ئادەم ئۈچۈن كېشىلىك ھايات ھەقىقىتىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ،
ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن يولدىكى قاتمۇ قات توسالغۇ ۋە قۇيۇق تۇمانلارغا قاراشتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك.
بىز ھايات سەپرىمىزدە ھەر خىل ئوڭۇشسىزلىق ۋە قېيىنچىلىقلارغا مۇقەررەر ئۇچراپ تۇرىمىز. بۇ ۋاقىتتا، يۈرىكىمىزدە مۇستەھكەم ئېتقاد بولۇپ، توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا، قېيىن ئۆتكەلدىن چوقۇم ئۆتۈپ كېتەلەيمىز. ئەگەر قېيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۆزۈڭنى تۈگەشتىم دەپ قارىساڭ، چۈشكۈنلۈك ئىچىدە تۈگىشىسەن. ئەگەر ئۆزۈڭگە: «چوقۇم بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك» دەپ مەدەت بەرسەڭ، قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، غەلبىگە ئېرىشەلەيسەن.)
تاپشۇرۇق ؛ ئىمتىھان ۋە پۇزۇتسىيە تېمىسىدا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىپ كېلىڭ ( سىنىپتا ئوقۇپ باھالاش ئېلىپ بېرلىدۇ)
سىنىپ يېغىنى دەرسى ( 班会课 ) دېگەن نامنى تازا مۇۋاپىق ئەمەستەك ھېس قىلىمەن. بۇنى تىلىمىزدا قانداق ئاتىسا تېخىمۇ مۇۋاپىق بۇلار؟گرافىكنى جايىدا يوللالمىدىم دىسە ؟ |