查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

istami 2012-01-25 19:12

ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى

ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا M,[u}Rf^w  
                          مەنبە: شەۋقى تورى )2X ng_,  
JL1%XQ i  
        يېقىندىن بىرى بىلىك كۇلۇبىدا سۆز-ئاتالغۇ ياساش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار كۆپىيىپ قالدى. مەنمۇ موشۇ چوڭ ئېقىمغا ماسلىشىش يۈزسىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى ۋە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار توغرىسىدا ئۇزۇن تېمىدىن بىرنى پارچە-پارچە يوللىماقچى. ئاز-تولا پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. Fz+0h"  
ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى مېنىڭ بەش يىل ئاۋالقى ماگىستىرلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمگە موناسىۋەتلىك بولغاچقا، كاللامدا ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۈممۇ ھەل قىلالماي قالغان چىگىش مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆپ، يەنە بەزى نەرسىلەرنى بىر ئاز نەزەرىيىۋىرەك بايان قىلىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىك كولۇبىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كومپىيۇتىر ساھەسىدىكىلەر بولغاچقا بۇ تېما بىر ئاز زېرىكىشلىك تويۇلىشى مۇمكىن. مەن ئامال بار بۇ نوقتىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىمەن. 0|X!Uw-Q%_  
/p') u3  
رەسمىي تېمىغا ئۆتۈشتىن ئاۋال، بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىستۇراي. ئەلۋەتتە بۇمۇ موشۇ تېمىغا ئازدۇر-كۆپتۇر موناسىۋەتلىك. n5_r 3{  
 P9J3Ii!  
جەمئىيەت ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى، سىياسى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ تىلدا ھەر خىل ئۆزگىرىشلەر يۈز بىرىپ تورىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىش تىلنىڭ لېكسىكا قىسىمىدا ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. لېكسىكىدا يېڭى سۆزلەر توختىماي بارلىققا كېلىدۇ، كونا سۆزلەر ئىستىمالدىن قالىدۇ ۋە ياكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.  l;>#O  
يېڭى سۆزلەرنىڭ پەيدا بولىشى ئۈچ خىل يولدا بولىدۇ. 1. تىلدا ئەسلىدىن بار بولغان تىل ماتېرىياللىرى ۋە سۆز ياساش قائىدىسىگە ئاساسەن يېڭى سۆزلەر ياسىلىدۇ. 2. كونا سۆزلەرگە يېڭى مەنالارنى يۈكلەش ئارقىلىق سۆز ياسىلىدۇ. 3. دىئالىكىت ۋە ياكى باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىنىدۇ. [d!C6FT  
بۇ توغرىلىق كۆپ سۆزلىمىسەممۇ ھەممەيلەن بۇنى ياخشى بىلىدۇ. شوڭا ئاۋال سۆز ياساشقا تىرىشىمىز، قاملاشمىسا كونا سۆزلەرگە يېڭى مەنالارنى بىرىپ باقىمىز، يەنە بولمىسا يەرلىك شىۋىلەردىن سۆز ئىزلەپ باقىمىز، يەنە بولمىسا ئالدى بىلەن قېرىنداش تۈركى تىللاردىن، پەقەت بولمىغاندا باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىمىز. ( DwIAO/S  
بۇ يەردە مۇنداق بىر نەچچە نوقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك. h~elF1dG  
1. تىلدا بار بولغان تىل ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ سۆز ياسىغاندا چوقۇم شۇ تىلنىڭ سۆز ياساش قائىدىسىگە ماس كېلىشى كېرەك. ئىخچام بولدى دەپ تىلنىڭ سۆز ياساش قائىدىسىگە توغرا كەلمەيدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن. قىسقارتىش ئۇسۇلى سۆز ياساش ئۇسۇلىغا كىرمىسىمۇ (بۇ توغرىلىق سەل تورۇپ يازىمەن)، لېكىن ئۇنىڭدىمۇ ئەسلى تىلنىڭ قىسقارتىش ئۇسۇلىغا ماس كېلىشى كېرەك. بۇنىڭ مېسالى يېقىندا «ئېلخەت» نىڭ خاتا دېيىلىپ «ئې-خەت» نىڭ توغرا دېيىلىشى. R_*b<~[/  
2. كونا سۆزلەرگە يېڭى مەنە يۈكلەشكە قارىغاندا يېڭى سۆز ياساش (توغرا، ئىخچام، چۈشىنىشلىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا) موھىم ئورۇندا تورۇشى كېرەك. بۇ دېگەنلىك ئىستىمالدىن قالغان كونا سۆزنى قېزىشقا قارشى تورۇش دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى كونا سۆزلەرنى قېزىش تىلنى بېيىتىشنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى. كونا سۆزلەرگە يېڭى مەنا يۈكلەشنىڭ يېڭى سۆز ياساشنىڭ ئارقىدا تورۇشىنىڭ سەۋەبى، كونا سۆزلەرگە يېڭى مەنا يۈكلىگەندە، سۆزنىڭ كونا يېڭى مەنىسى ئوتتۇرىسىدا ئېنىقسىزلىق ۋە بەزى توقۇنۇش يۈز بىرىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. لېكىن بۇ ئەلۋەتتە سۆز قوبۇل قىلغانغا قارىغاندا كۆپ ياخشى. مەسىلەن، «چاشقان» دېگەن سۆز « مائۇس» دېگەنگە قارىغاندا كۆپ ياخشى، لېكىن «چاشقانچاق ياكى چاشقىنەك، تىزگىنەك» كە يەتمەيدۇ دەپ قارىلىشنىڭ سەۋەبى مانا موشۇ. f7X#cs)a  
3. سۆز قوبۇل قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، سۆز ياساش چارىسى بولمىغاندا، كونا سۆزلەرگە يېڭى مەنا بېرىپمۇ قاملاشتۇرالمىغاندا، يەرلىك شېۋە ۋە قېرىنداش تىللاردىن تېپىلمىغاندا، باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىشقا جاھىللىق بىلەن قارشى تورۇۋالماسلىق لازىم. چۈنكى باشقا تىلدىن سۆز قوبۇل قىلىش، ئۆزىمىز ئىجاد قىلغان نەرسە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا چوقۇم باشتىن كەچۈرىدىغان بىر جەريان. جاھىللىق قىلىش بىزنىڭ تىلىمىزدا تىلىمىز بىلەن ھىچقانداق ئوخشاشلىقى بولمىغان خەنزۈچە سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى بىر شەيئى پەيدا بولغانكەن، بۇنىڭغا دەرھال بىر سۆز تېپىلمىغاندا، كىشىلەر تەبىئىي ھالدا ئۆزى كۆپ ئاڭلايدىغان تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىپ تورىدۇ. ئەمەلىيەتتە خەنزۇ تىلى ۋە باشقا تىللاردىمۇ شۇنداق بولغان. ھىچقانداق تىلدا شەيئى پەيدا بولۇشتىن بورۇن ئىسىم پەيدا بولغان ئەمەس. يەنى موشۇنداق جىددى ئەھۋالغا نىسبەتەن مېنىڭ كۆز قارىشىم، ئامال بار ئىنگىلىز تىلى قاتارلىق خەلقئارالىق تىللاردىن قوبۇل قىلىپ تورۇش، يېڭى سۆز ياسىيالىغاندا ئالماشتۇرۇش، ياسىيالمىغاندا خەلقئارا تىللاردىكىسى ساقلىنىپ قېلىش يەنى سۆز ياسىيالمىغاندا خەنزۇ تىلىدىكىنى سىقىپ چىقىرىپ ئىنگىلىز تىلىدىكىنى ئالماشتۇرۇش ئەمەس. FStE/2?  
4. باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلمايمىز دەپ شەيئىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان سۆز-ئاتالغۇلارنى قوللانماسلىق. بۇنى يېزىشىمدىكى سەۋەپ تور دۇنياسىدا بۇنداق ئىشلار سادىر بولغان ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولۇشى مۇمكىن. سۆز ئالدى بىلەن توغرا بولۇشى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىخچام بولۇشى كېرەك. باشقا تىلدىن قوبۇل قىلمايمىز، ئىخچام قىلىمىز دەپ ئەسلى شەيئىنى توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمىسە ئۇنىڭ ئۆز تىلىمىزدىن بولۇشى ۋە ئىخچام بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.بولۇپمۇ يېقىندىن بىرى كومپىيۇتىر ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلاردا موشۇنداق مەسىلە يۈز بېرىۋاتىدۇ. P0Na<)\'Y!  
5. سۆز-ئاتالغۇ ياساشتا تىلشۇناسلارغىلا تايىنىۋېلىش توغرا ئەمەس. ھىچقانداق بىر تىلدا بارلىق شەيئىلەرگە تىلشۇناسلار ئات قويمايدۇ. كومپىيۇتىر ئاتالغۇلىرى، تىببى ئاتالغۇلار......دېگەندەك نەرسىلەرگە شۇ كەسىپنىڭ ئىگىللىرى ئات قويغىنى ئەڭ ياخشى، تىلشۇناسلار ھەممە ساھەدىكى يېڭى شەيئىلەرنى چۈشۈنۈپ كېتىشى ناتايىن، ئۇلار پەقەت يېڭى سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنڭ ئەسلى ئالاھىدىلىكلىرىگە ماس كېلىش-كەلمەسلىكىگىلا بىر قەدەر توغرا باھا بېرەلەيدۇ. شوڭا سۆز ياساشتا ھەممە ساھەنىڭ كىشىلىرىگە تايانماي بولمايدۇ. بۇنى يېزىشىمدىكى سەۋەب، بىلىكتە بىر قىسىم تورداشلار ھەر قېتىم موشۇنداق مەسىلىلەر چىقسا تىلشۇناسلار ۋە تىل-يېزىق كومىتىتىنىلا ئەسلىرىگە ئېلىشىدۇ. لېكىن ئۇلارنى مىڭ قىستىساقمۇ، بىز كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشىشىمىز ناتايىن. ~<, \=;b/  
6. ھە دېگەندىلا تىل-يېزىق كومىتىتىنى تىللاشقا بولمايدۇ. ھەر قېتىم تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلان-تاختايلاردىكى ئىملا مەسىلىلىرى توغرىسىدا گەپ بولۇنسىلا تىل-يېزىق كومىتىتىنى تىللاپ كېتىمىز. تىل-يېزىق كومىتىتىنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بېقىڭلار. ئۇلارغا قانچىلىك ھوقۇق (ئىجرا ھوقۇقى)، قانچىلىك ئادەم كۈچى، قانچىلىك مەبلەغ بېرىلگەنلىكىنى ئويلاپ بېقىڭلار. نورغۇن ئادەم تىل-يېزىق كومىتىتىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. كىملەرنىڭ ئاشۇ ئىدارىدە ئىشلەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. مېنىڭ ھىس قىلىشمچە، تىل-يېزىق كومىتىتى دېگەن مەجبۇرىيەتلا بېرىلىپ، ھوقۇق بېرىلمىگەنلا بىر ئورۇن. سۆز-ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىشخانىسىدىمۇ ئىشلەيدىغان ئادەمنىڭ سانى، ساپاسى تاينلىق. مېنىڭچە بولغاندا ئۇلارمۇ شۇ ئالغان مائاش ۋە تەمىناتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا خېلى تىرىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ. بىزدىن ھەم تىلشۇناسلىق نەزەرىيىلىرىگە پۇختا، ھەم يەرلىك شىۋىلەرنى، قېرىنداش تۈركى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ۋە چەتئەل تىللىرىنى بىلىدىغانلاردىن كىممۇ ئاشۇنداق ئىدارىدا ئىشلەشنى خالىسۇن. مەن موشۇنى يېزىۋاتقاندىمۇ ئويلاپ باقتىم. بىزدە موشۇ خىزمەتنى قىلىشقا ماس كەلگۈدەك ئادەم پەقەت يوقمۇ ئەمەسكەن، لېكىن ئاشۇلاردىن كىم تىل-يېزىق كومىتىتىدە ئىشلەشكە رازى. مەن نورغۇن باللارنى كۆرگەن، ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرۈپ ئوتتۇرا مەكتەپ، مەھەللە باشقورۇش كومىتىتى قاتارلىقلاردا ئىشلەشكە رازىكى، تىل-يېزىق كومىتىتىغا بېرىپ ئىشلەشكە رازى ئەمەس. ھەممىسى ئالىي مەكتەپلەردە ئىشلىسەم بولاتتى دەيدىيۇ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئۈچۈن رولىنى ئەڭ جارى قىلدۇرالايدىغان تىل-يېزىق كومىتىتىغا بېرىپ ئىشلەشنى خالىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قانداق بىر ساھەنىڭ سۆز-ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسى بولسا چوقۇم شۇ ساھەگە پىششىق، نوپوزلۇق ئادەملەرنى ئەكىلىش كېرەك، بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىراش ئىشى بار. داۋاملىق تىل-يېزىق كومىتىتىغا، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كېلىپ بىكارلىق ئىشلەشكە كىممۇ رازى بولسۇن. بىر-ئىككى قېتىم مىللىتىم دەپ كېلەر، بەش-ئالتە قېتىم بولغاندا ئۇلارنىڭمۇ ئىشى چىقىپ قالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شوڭا تىل-يېزىق كومىتىتىدىكىلەرگە ئازراق چاپان يېپىپ قوياي. -7ct+3"J  
Dr`\  
ئەمدى رەسمىي تېىمغا ئۆتسەك، يوقىرىدا يېڭى سۆزلەرنىڭ ئۈچ خىل يول بىلەن پەيدا بولىدىغانلىقىنى دېدۇق. مېنىڭ بۇ تېمىدا يازماقچى بولغىنىم بىرىنچى خىل ئۇسۇل، يەنى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسلى بار تىل تەركىبلىرى ۋە سۆز ياساش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ سۆز ياساش.
  سۆز ياساش ئۇسۇلى دېسە قارىماققا شۇنداق ئاددى، شۇنداق چۈشىنىشلىك بىر مەسىلىدەك تويۇلىدۇ. لېكىن بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى تالاش-تارتىش ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىلا ئەمەس، خەلىقئارادىكى تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىدىمۇ تۆگىگىنى يوق.شۇڭا ھە دېگەندە بۇنىڭ گۇناھىنىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يارامسىزلىقى، تىل-يېزىق كومىتىتىنىڭ ئىشى، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىدىكى بىر نەچچە ھۆكەمەت پۇلىغا تەتقىقات تېمىسى ئىشلەيدىغانلارنىڭ سەۋەبى دەپ تۇرىۋالمايلى.  
ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى دېيىلسە، بىزنىڭ كىتاپلىرىمىزدا قوشۇمچە قوشۇش، بىرىكتۈرۈش، تەكرارلاش ۋە قىسقارتىش ئۇسۇلى قاتارلىق تۆت خىل ئۇسۇل بار دېيىلىدۇ. مېنىڭچە ئالدىنقى ئۈچى توغرا، لېكىن قىسقارتىش ئۇسۇلىنى سۆز ياساش ئۇسۇلى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى: بىرىنچىدىن قىسقارتىلما سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقى مەنىدىكى سۆز ئەمەس، بەلكى سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى. ئىككىنچىدىن، يەنى ئەڭ موھىمى، قىسقارتىش ئۇسۇلى يېڭى سۆزلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ. قىسقارتما ئۇسۇلدا بارلىققا كەلگەن ھەرپلەر ئەسلى سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ «ۋەكىلى». ھەرگىزمۇ قىسقارتىش ئۇسۇلى بىلەن يېڭى بىر سۆز ياسىغان ئىش يوق. ئۇ ئەسلى سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسىدىن ئايرىلغان ھالدا مەۋجۈت بولۇپ تورالمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىدا «چۈشتىن بورۇن»،«چۈشتىن كېيىن» دېگەن سۆز بولمىسا «چ ب ۋە چ ك» لارنىڭ مەۋجۈت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئالدىنقى بىر تېمىدا بەزى تورداشلار تالاش-تارتىش قىلغاندا بىر قىسىم نەرسىلەرنى توغرا چۈشىنەلمىدى دەپ قارايمەن. ئۇبانتۇدا «چ ب ۋە چ ك»نى ئىشلەتكەنلىك ھەرگىزمۇ ئۇنى «چۈشتىن بورۇن ۋە چۈشتىن كېيىن» نىڭ ئورنىغا دەسستىپ، كېيىنكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىق ئەمەس. قىسقارتىلما شەكىل ھامان ئەسلى شەكىلنىڭ مەۋجۈتلىقى ئاستىدا كۈچكە ئېگە بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش خەلىق ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان بىر كۈننى بەشكە بۆلۈش، قىسقارتماي ئىشلىتىش دېگەنلەر بىلەن ھىچقانداق توقۇنۇشمايدۇ. موشۇ يەردە يەنە بىر نەرسىنى قىستۇرسام، «چۈشتىن بورۇن» نى «ب» بىلەن «چۈشتىن كېيىن» نى «ك» بىلەن ئىپادىلەشنىمۇ ھىچقانداق نوقتىدىن ئىلمىي دەپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. ئىخچام قىلدىم دەپ خالىغانچە قىرقىيدىغان ئىش توغرا ئەمەس. تىلمۇ ھەم ئىپادىلەش كۈچى ئۇنداق ئاجىز نەرسە ئەمەس. X3W)c&Pr  
ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇلى قوشۇمچە قوشۇش، بىرىكتۈرۈش ۋە تەكرارلاش قاتارلىق ئۈچ خىل ئۇسۇلنىلا ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ rG\m]C3E  
سۆز ياساش دېگىنىمىزنى تىلدا ئەسلىدە بار بولغان تىل تەركىبلىرى ۋە سۆز ياساش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يېڭى سۆزلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۇسۇلى دەپ چۈشەنسەك، مېنىڭچە ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇلى پەقەت بۇلارلا ئەمەس. مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسىدىممۇ ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكا كىتاپلىرىمىزدا سۆزلەنمەي قالغان سۆز ياساش ئۇسۇللىرىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇش ۋە مۇمكىن بولسا كۆپچىلىكنى سۆز ياساشقا ئىلھاملاندۇرۇش. Vj2GK"$v  
ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى 3$Is==>7  
Y43#];  
1. قوشۇمچە قوشۇش vj^U F(X  
1.1. ئالدى قوشۇمچە قوشۇش ئۇسۇلى 19N:9;Ixz  
بۇ ئۇسۇل تۈركىي تىللاردا ئەسلىدىن بار بولغان ئۇسۇل ئەمەس، شۇڭا بۇ ئۇسۇل ئانچە ئومۇملىشىپ كەتمىگەن ھەم ئۇنۈمدارلىقى يوقىرى ئەمەس. ئۇيغۇر تىلىدا سۆزنىڭ ئالدىغا قوشۇلۇپ سۆز ياسايدىغان قوشۇمچە جەمئىي بەش. :%>8\q>UX  
بى- بىئەدەپ، بىئەجەل، بىباھا، بىپەرۋا ~qqtFjlG^  
نا- ناماقۇل، نامەلۇم، نائىنساپ، نارازى (C3d 
ھەم- ھەمداستىخان، ھەمسورۇن، ھەمسۆھبەت، ھەمنەپەس، :_aY:`  
بەت-بەتنام، بەتخەج، بەتنىيەت، بەتقىلىق ZGbZu  
با\بە- بەھەيۋەت، بەئەينى، بەھوزۇر، بامەسلىھەت = ]@xXVf/  
62 _$O"  
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دىكى پېئلنىڭ دەرىجىلىرى قاتارلىق بىر قىسىم سۆزلەرنى چىقىرىۋىتىپ قپقالغان 35 مىڭدىن ئارتۇقراق سۆزگە سىتاتىستىكا ئېلىپ بارغاندا بۇ خىل ئۇسۇلدا ياسالغان سۆز جەمئىي 130 سۆز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئوسۇلدا ياسالغان سۆزلەرنڭ بىر قىسىمىنى تۈركىي تىللاردا ئەسلىدىن بار بولغان ئارقا قوشۇمچىلەر بىلەن ئالماشتۇرغاندا ھىچقانداق قالايمىقانچىلىق كۆرۈلمەيدۇ.  vXvV5Oq  
بىئەقىل-ئەقىلسىز، بىئەدەپ-ئەدەپسىز، بىپايان-پايانسىز، بىپەرۋا-پەرۋاسىز "_K 6=  
ناقۇلاي-قۇلايسىز، نائېنىق-ئېنىقسىز، نائىلاج-ئىلاجسىز، نائىنساب-ئىنسابسىز ^~aSrREo  
بەتقىلىق-قىلىقسىز، بەتتەم-تەمسىز، بەتئەخلاق-ئەخلاقسىز etoE$2c  
بەدۆلەت-دۆلەتلىك، بەقۇۋۋەت-قۇۋۋەتلىك، بەھەيۋەت-ھەيۋەتلىك q"Md)?5N  
'=H^m D+gl  
1.2. ئارقا قوشۇمچە قوشۇش ئۇسۇلى KR}0( ,Y  
بۇ ئۇسۇل ئۇيغۇر تىلىدا يېڭى سۆز ياساشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇل. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە بۇ خىل ئۇسۇلدا ياسالغان سۆز 13400 دىن كۆپرەك. ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار 100 خىلدىن ئارتۇق. بۇ قوشۇمچىلارنى مەن ئايرىم ئىنكاس سۈپتىدە يوللايمەن. r+\z0_' w6  
بۇ خىل قوشۇمچىلارنىڭ ئارىسىدا پارس تىلىدىن قوبۇل قىلغان قوشۇمچىلارمۇ بار. مەسىلەن:- كار\كەر\گەر، -خور، -ۋاز، -ۋەن، -شۇناس، -زار، -پەز، -پەرەس، -سىتان، -پەرۋەر...... kOCxIJ!Xp=  
ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلىنغانلىرىمۇ بار. مەسىلەن:- ى\ۋى، -ئان\-ئەن ^kr)U8  
روس تىلى ئارقىلىق ياۋروپا تىللىرىدىن كىرگەنلىرىمۇ بار. مەسىلەن: -سىت\ -ىزىم `0i3"06l r  
ئەلۋەتتە، يەنىلا كۆپ قىسىمى تۈركىي تىللاردا ئەسلىدىنلا بار بولغان قوشۇمچىلار. tFaE cP  
9i}D6 te  
1.3 قوشۇمچىلارنىڭ قاتمۇقات قوشۇلىشى X~he36-+<  
بۇ قوشۇمچىلارنى سۆزلەرنڭ ئالدىغا ياكى كەينىگە ئايرىم قوشۇش ئارقىلىق سۆز ياسىغىلى بولۇپلا قالماستىن، بىر نەچچە قوشۇمچىنى تەكرار قوشۇش ئارقىلىقمۇ سۆز ياسىغىلى بولىدۇ. Pp_3 n yQ  
بى+ھۆرمەت+لىك، نا+مەرد+لىك، بى+ھوش+لان، غەيۋەت+خور+لۇق، نۇمۇس+سىز+لار+چە، قىسقا+رىش+چان+لىق $Je"z]cy-  
mRH]'d lD7  
2. تەكرارلاش ئۇسۇلى Sz|CreFK16  
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە بۇ خىل ئۇسۇلدا ياسالغان سۆز جەمئىي 530. &}0wzcMg  
2.1. ئاددى تەكرارلاش p=+*g.,O  
دوقمۇش-دوقمۇش، جۈپ-جۈپ، ئارىلاپ-ئارىلاپ، دانە-دانە، %s2"W~  
2.1. «مۇ» باغلىغۇچىسى ئارقىلىق سۆز ياساش [Z#.]gb  
قولمۇقول، تىغمۇتىغ، قۇرمۇقۇر، لىقمۇلىق H='9zqYZ 
2.3. كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن سۆز ياساش y8hg8J|  
ئوشۇقتىن ئوشۇق، كەينى-كەينىدىن، قولدىن-قولغا، كۈندىن-كۈنگە، ئۈستى-ئۈستىلەپ {9Mdt`WL  
gLaO#cQ%  
3. بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى 5Vqmv 
3.1. تەڭداش موناسىۋەتتە بىرىكتۈرۈش +:"6`um|  
غەم-قايغۇ. ئاچ-يالىڭاچ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ، باغۇبوستان، ئاھۇزار، دەپتەر-قەلەم HcBH!0  
3.2. بېقىندىلىق موناسىۋەتتە بىرىكتۈرۈش 3KG)6)1*  
گۆشگىردە، تۆمۈريول، كۆزەينەك، قولچىراغ lNaez3  
3.3. باشقورۇش موناسىۋىتىدە بىرىكتۈرۈش urrO1  
كۆڭۈل بۆل، قانات يايدۇر، روناق تاپ Ql q#Zdru  
3.4. ئىگە-خەۋەرلىك موناسىۋەتتە بىرىكتۈرۈش T+K` ^xv_L  
گەپساتتى، كىمئارتۇق، كۆتىيوغان، ئېلىپساتار، ئىشلەپچىقىرىش. d(X\B{  
-t%{"y  
4. ئىستىلىستىكىلىق ئۇسۇل PG^  j}  
بۇ ئۇسۇل قورۇلما جەھەتتىن ئالدىنقى ئۇسۇلغا ئوخشىسىمۇ سۆز ياساش نوقتىسىدىن ئالغاندا ئىشلىتىلىدىغىنى ئىستىلىستىكىلىق ئۇسۇللاردىن ئوخشىتىش، مۇبالىغە قاتارلىقلار. سۆزنىڭ قورۇلمىسى بۇلارنىڭ ياسىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىمايدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ ياسىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغنى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر. T .Pklty  
4.1. ئوخشىتىش ئۇسۇلىدا سۆز ياساش <}28=d  
فۇنتانگۈل،
  تاسما بېلىق، شاپاق دوپپا، خالتا كوچا، سەللە يىپ، قالپاق مىخ، قايچىقۇدا، گارمۇن يۇپكا، توققۇز كۆز، قولچۇماق، قاغا تۇمشۇق،  (يېقىنقى يىللاردىن بويان ياسالغىنى ئاق تاماكا، بارماق دېسكا ) u8-a-k5<  
4.2. موبالىغە ئۇسۇلىدا سۆز ياساش 6\,DnO   
سەكسەنپۇت، مىڭئاياغ، سەكسەن خالتا، مىڭئۆي، قىرىققۇلاق ~rgf{oGz  
4.3. گارمۇنىك (ئاھاڭداش، قاپيىداش) ئۇسۇلدا سۆز ياساش 4 ss&'h  
قاچا-قۇچا، ئالدىراپ-سالدىراپ، ئەسكى-تۈسكى، ئەگرى-بۈگرى، hH <6E  
r+t ,J|V  
5. تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى ]LEoOdDN"C  
5.1. ئاۋاز تەقلىد ئۇسۇلى 8O~0RYk  
شىلدىر، بۇلدۇق، پىچىر، گۈلدۈر k0H?9Z4k5  
5.2. ھالەت تەقلىد ئۇسۇلى P7's8KOoS  
پىلتىڭ، يالت، لەپەڭ، Yuwc$Qp)  
5.3. ھىسسىيات تەقلىد ئۇسۇلى nYOY"'z  
لوق، جىغ، زىڭ i~9?:plS  
بۇ خىل ئۇسۇل سۆزلەرنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا تەۋەدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ھازىرقى سۆز ياساشتىمۇ پايدىلىنىشقا بولىدۇ. مەسىلەن. قات-قات، غەر-غەر سۈيى، لۆم-لۆم پالاس، دوق-دوق ماشىنا، تىكتاك توپ دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى موشۇ خىل ئۇسۇلدا ياسالغان سۆزلەر. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىملار «ئۈزچات» نى «چاس-چاس» دېيىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭمۇ تىلشۇناسلىق ئاساسى بار بولۇپ «ۋىكلىيۇچاتىل، كەيگۈەن» دېگەندىن ياخشى ئىدى. bAdiA2VF'  
p={Jf}v  
شۇنداق قىلىپ، يۇقارقىلار مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا ھىس قىلغانلىرىم. بەزىلىرى باشقىلار بورۇن ئوتتۇرىغا قويغان، بورۇندىن شۇنداق دىيىلىپ كىلىۋاتقان گەپلەر. مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئازراق كۆز قارىشىنى قوشتۇم. بۇ يازمىنى يېزىشتا مەن ئاساسلىقى ئىستىلىستىكىلىق ئۇسۇل ۋە تەقلىد ئۇسۇلىنىڭ سۆز ياساشتا موھىملىقىنىمۇ تەكىتلىمەكچى. قوشۇمچە قوشۇش، بىرىكتۈرۈش، تەكرارلاشنىڭ بورۇندىن دېيىلىپ كىلىۋاتقىنىنى ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن ئۇيغۇر تىلىدا سۆز ياساشتا باشقا ئىككى خىل ئۇسۇلمۇ بار بولۇپ بۇ خىل ئۇسۇلدا ياسالغان سۆزلەر ناھايىتى ئوبرازلىق، ئىپادىلەش كۈچى كۈچلۈك بولۇش، ئومۇملاشۇرۇشقا ئاسان، ئەستە قالدۇرۇشقا قولاي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە. d'ZS;l   
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ERF,tLa!  
doBN ghS  
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە 109 سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە بىرىلگەن. مەن ئىزاھلىق لۇغەتتىكى سۆزلەرنى بىرمۇبىر كۆرۈش جەريانىدا يەنە 6 سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار قاتارىغا قوشۇش كېرەكلىكىنى ھىس قىلدىم. تۆۋەندە مەن بۇ 115 سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىنى مىسال بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتىمەن ھەمدە ئىزاھلىق لۇغەتتىكى سۆزلەرنى مەنبە قىلىپ تورۇپ ئېلىپ بېرىلغان ئسىتاتىستىكىغا ئاساسەن ھەر بىر قوشۇمچىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى قوشۇمچە قىلىمەن. (قوشۇمچىلار ئۈنۈمدارلىقىغا ئاساسەن تىزىلدى، بىلىك كولۇبىدىكىلەرنىڭ ئىھتىياجى كۆزدە توتۇلۇپ قايسى سۆز تۈركۈملىرىگە قوشۇلۇپ قايسى سۆز تۈركۈمىگە تەۋە سۆزلەرنى ياسايدىغانلىقى قىسقارتىلدى، لازىم دېگۈچىلەر مەن بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ). 88 {1mA,v  
مەن كۆپچىلىكنىڭ سۆز ياسىغاندا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان «چى، دان» دېگەندەك ئاشۇ بىر نەچچە قوشۇمچە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقىنى ئۆمىد قىلىمەن. 4:D:| r  
j? xk&  
1. لىق\لىك\لۇق\لۈك...4526... تاغلىق، بايلىق، سەزگۈرلۈك، كۆڭۈللۈك \^9pW 2v  
2. لا\لە\دا\دە\شا\شە\قا...959...ئازاپلا، سايىدا، ئىلگىرىلە، گۈلدۈرلە  r@k"4ce-  
3. چى...831...تۆمۈرچى، ئاخباراتچى oCVku:.  
4. سىز...724...مەزگىلسىز، بىلىمسىز، جانسىز }%$OU =T  
5. چىلىق\چىلىك...620...دىھقانچىلىق، ئوقەتچىلىك، قىينچىلىق !{(ls<  
6. لاش\لەش...561...پاراڭلاش، ۋەدىلەش، يىنىكلەش v5T`K=qC  
7. ما\مە ...348... تارتما، كۆرسەتمە، تولغىما، ئۆتۈشمە L+.H z&*@  
8. چە ...247...سىزىقچە، باغاقچە، غەربچە، ھەربىيچە Ns 
9. ىدە...193... ۋىڭڭىدە، لىپپىدە > aG=T{  
10. لان\لەن... 187... قاناتلان، تىنىچلان، ئادەتلەن 99u/fkL  
11. ىلدا\ىلدە\ۇلدا\ۈلدە ...179...پاژىلدا، غوڭۇلدا T@P!L  
12. ق\ىق\ئاق\ۇق\ك\ىك\ئەك\ۈك...157... سىناق، تېڭىق، پارلاق، يۈگۈرۈك @?Zf -.  
13. خانا ...142 ...ئاشخانا، ئىشخانا k!3 cq)  
14. غۇچ\قۇچ\گۈچ\كۈچ...110...ئۇچلىغۇچ، ئاچقۇچ، قاقشاتقۇچ، باشلانغۇچ I\zemW!   
15. ش\ىش\ۇش\ۈش...103...ئالدىراش، جانلاندۇرۇش، ئەسكەرتىش ?pG/m%[  
16. م\ىم\ئام\ئەم\ۇم\ۈم...102...سايلام، كۆكلەم "IFg RaP=  
17. سىمان...99... دولقۇنسىمان، ئادەمسىمان P :k+ y$  
18. يى\ۋى\ىي...96...دۇنياۋى، ئىنسانىي IQnIaZ  
19. غۇچى\قۇچى\گۈچى\كۈچى...86...ئوقۇغۇچى، تۈزگۈچى، قىرغۇچى، ئىرىتكۈچى BStk&b  
20. چان...86... ئەمگەكچان، خىيالچان vzX ag*0  
21. داش...85...ياتاقداش، پىكىرداش، چىگرىداش، مەنىداش 2K{6iw"h  
22. غاق\قاق\گەك\كەك...81...پاتقاق، قىچىشقاق، تېيىلغاق، چاپلاشقاق ~h)&&' a  
23. لارچە\لەرچە ...80... گۆدەكلەرچە، مەردلەرچە A.En+-[\  
24. شۇناس ...72... تىلشۇناس، دىنشۇناس XP3x Jm3  
25. بى...66... بىئەدەپ، بىباھا، بىتۇيۇق gfgn68k  
26. دار ...65... ئەلەمدار، تەرەپدار، پۇلدار، ۋاپادار ,S&z 
27. چاق\چەك\چۇق\چۈك ...64... تايچاق، ئويۇنچۇق، كۆڭۈلچەك، ماختانچاق، ياسانچۇق، ئۇزۇنچاق، ياخشىچاق 1G^#q,%X_v  
28. نامە ...63... توختامنامە، يىلنامە -{jdn%Y7CK  
29. خور ...59... مىراسخور، تۆھمەتخور، پارىخور، ۋىروسخور hdma=KqZ(  
30. غى\قى\گى\كى...57...ئاخشامقى، كۈزگى O7G"sT1Dv  
31. ئانە ...56... دوستانە، ئەخمىقانە، مەغرۇرانە I5ZqBB  
32. كار\كەر\گەر ...54... خىزىمەتكار، مىسكەر، پىداكار، جەلىپكار v|';!p|  
33. غا\قا\گە\كە\غۇ\قۇ\گۈ\كۈ...51... تۇتقا، كۈلدۈرگە، سۆيگۈ، ياڭراتقۇ 5*-3? <)e  
34. دى ...49... توزۇندى، چاچراندى، بېقىندى، ئاسراندى |CFRJN-J"  
35. ئىيات\ئىيەت ...49... كەشپىيات، قانۇنىيەت 7:E!b=o#  
36. باز\ۋاز ...45...كتابباز، دارۋاز، تەرەپباز، سۆلەتۋاز '@nbqM  
37. كەش ...45... ھارۋىكەش، تەخسىكەش، مېھنەتكەش، جاپاكەش K4ZolWbU  
38. چە\ىچە...40...ئارقىچە، بېشىچە C#0Qd%  
39. لاپ\لەپ ...40... دەريالاپ، مىسقاللاپ، مىڭلاپ "2ru7Y"  
40. مان\مەن ...35... ھاجەتمەن، سۆلەتمەن، سۆزمەن، ساداقەتمەن 2BXy 
41. دان ...35... سۇدان، چوكىدان zmuMWT;  
42. شتۇر\شتۈر\ىشتۇر\ىشتۈر...33... باغلاشتۇر، تۈزەشتۈر dq;|?ESP  
43. ماس\مەس ...33... تويماس، يېڭىلمەس O Wp%v_y]  
44. پەرەس ...33... راھەتپەرەس، ئەمەلپەرەس ,8'>R@o  
45. ڭغۇ\ئاڭغۇ\ڭگۈ\ئەڭگۈ...30... ئالدىراڭغۇ، چېچىلاڭغۇ 2NGe C0=  
46. غىن\قىن\كىن\غۇن\قۇن\گۈن\كۈن...30...يانغىن، قاچقۇن، ھارغىن، كەسكىن D B526O* [  
47. سىرا\سىرە...27...سۇسىرا، خەۋپسىرە Vgb *% I  
48. ئەن\ ...27... قىياسەن، شەخسەن QS.>0i/7l  
49. ىست...27... رونامىسىت، ژۇرنالىست <:>SGSE9  
50. گاھ ...25... ئارامگاھ، جەڭگاھ 7tM9u5FF  
51. غۇلۇق\قۇلۇق\گۈلۈك\كۈلۈك...24... قۇتراتقۇلۇق، كەلگۈلۈك vr^~ yEr  
52. قىرا\كىرا\كىرە...24 ... شارقىرا، كوركىرا fA%z*\  
53. نا...24... نائىنساب، ناتونۇش، ناتوغرا، نامەرد c }*2$1  
54. ر\ئار\ئەر\ ي\ئاي\ئەي ...23...قىسقار، ساقاي V=He_9B  
55. ماق\مەك ...22...قىسماق، ئىلمەك W6T|iZoV"r  
56. سىن...21...غەمسىن، خۇدۈكسىن ,/&'m13b/L  
57. پەرۋەر ...20... ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر > oA? 6x  
58. ئات... 19... تەسىرات، ھايۋانات V@7KsB  
59. دەك\تەك... 18... ئوقتەك، ناۋاتتەك، مۇزدەك |4mpohX  
60. چىلاپ\چىلەپ ...17... پاقىچىلاپ، كەينىچىلەپ WwF~d+>|C  
61. ھەم ... 17 ... ھەمسۆھبەت، ھەمنەپەس W3vi@kb]  
62. زار ... 17 ... گۈلزار، چىلانزار ] sz3]"2  
63. لاشتۇر\لەشتۈر
  ...17 ... ئامبارلاشتۇر، زامانىۋىلاشتۇر ;U1UFqZ`  
64. ئا\ئە\ئى
  ... 16 ... قانا، كۈچە، بوشا، تۈزە B63pgPX  
65. بەت ...15 ... بەتتەم، بەتنىيەت \;VhYvEH  
66. دىن
  ... 15 ... تىزدىن، قەدىمدىن i>EgG5iJ  
67. غار\قار\قىر\كىر\قۇر\كۈر
  ... 14 ... سۇغار، باشقۇر w;Q;[:y  
68. چىل
  ...13 ...خەلىقچىل، ئىقتىسادچىل 8Qh#)hiW!  
69. پۇرۇش
  ... 13 ... كىتابپۇرۇش، مەيپۇرۇش ?JV|dM  
70. غۇر\قۇر\گۈر\كۈر
  ... 12. ... ئۇچقۇر، سەزگۈر Ca%g_B0t  
71. چا
  ...11 ... ئۇرۇقچا، قىزىلچا {]z4k[;.h  
72. دارچىلق
  ...11 ... ئاتىدارچىلىق، خوشنىدارچىلق BmHwu{n'  
73. دۇرۇق\تۇرۇق\دۈرۈك ...11 ... شالدۇرۇق، بويۇنتۇرۇق Soie^$ Y  
74. داق\دەك\دۇق\دۈك ...10 ... قونداق، ھاردۇق T#pk]c6Q  
75. مىش\مۇش\مۈش
  ...10 ...قىلمىش، كەچۈرمىش IVr 2y8K  
76. ىزىم ... 10 ... كاپىتالىزىم، بۇددىزىم ++L?+^h  
77. دۇق\تۇق\تۈك
  ... 9 ... ئورۇندۇق، قولتۇق، تاشلاندۇق، كەمتۈك y7KzW*>g :  
78. ڭ\ئاڭ\ئەڭ
  ...9 ... قوزغىلاڭ، ئۆتەڭ DO7W}WU  
79. ئىن\ئۇن\ئۈن
  ...9 ... ئېقىن، يېغىن .qk]$LJF7  
80. شى
  ... 9 ... داقاڭشى، شالاپشى VF&Z%O3n  
81. خان
  ...9 ... كتابخان، غەزەلخان ^I KO2Ft  
82. تاق
  ...8 ... قىلتاق، شالتاق، lyCW=nc  
83. ل\ئىل\ئۇل\ئۈل
  ...8 ... ئاچال، قاتمال s] /tYJYl  
84. چ
  ...8 ... ئىشەنچ، تايانچ t>B^q3\q?  
85. را\رە\ئىرا
  ...8 ... ھاڭرا، مۆرە J/7R\;q`~o  
86. با\بە
  ...8 ... بەقۇۋۋەت، بەھەيۋەت، >r &;3:"  
87. بان\ۋەن
  ...8 ... باغۋەن، ھۈنەرۋەن m~Ld~I"  
88. گۇي
  ...8 ... خوشامەتگۇي، مازارگۇي (]/9-\6(#  
89. چا\ھە
  ...7 ... يېپىنچا، چۈشەنچە ~f|Z%&l|  
90. ۋۇل\ئاۋۇل
  ...6 ... قاراۋۇل، باقاۋۇل {;2i.m1  
91. ق\ئىق\ۈك
  ...6 ...جىمىق، بېسىق &iN--~}!$  
92. ماچ\مەچ
  ...6 ...تولغىماچ، ئەگمەچ 9>/wUQs!]  
93. ت\ئىت\ئەت\ئۇت\ئۈت
  ...6 ...چېكىت، تۇغۇت Bs`$ i ;&  
94. لاق
  ...6 ... ئوتلاق bIt=v)%$  
95. پەز
  ...6 ... ئاشپەز، ساختىپەز H* !EP  
96. غان\قان
  ...5 ... قاملاشقان، چېقىلغان ^"8G`B$r  
97. ئالغۇ\ئەلگۈ
  ...5 ...توسالغۇ، تۇرالغۇ {|9}+ @5Q1  
98. ئىرقا
  ...5 ... ئېچىرقا، يېتىرقا iq?#rb P#I  
99. بەخىش
  ...5 ... راھەتبەخىش، ئىلھامبەخىش -6Tk<W  
100. قىرى\كىرى
  ...5 ... تاشقىرى\ئىچكىرى Y^$HrI(vq  
101. ستان
  ...5 ... قەبرىستان، گۈلىستان ~;-9X|  
102. تاڭ\داڭ
  ...5 ...شورتاڭ، يارداڭ >KG E-Yzj  
103. ۇق\ئىق\ئىك
  ...3 ... يولۇق، ئىچىك zIQzmvf  
104. ئى
  ...3 ... ئاخىرى، ھامىنى x:K?\<  
105.ساز
  ...3 ... كېمىساز، قۇلۇپساز ]/]ju$l9Z  
106. مەل
  ...3 ... سۈزمەل، 1`r| op},  
107. گەرچىلىك
  ...3 ... ئىغۋاگەرچىلىك، ئادەمگەرچىلىك 5?u[XAE  
108. ىيە
  ...3 ... ئاپتونومىيە kv|,b   
109. تاراش\تىراش
  ...3 ...ھەيكەلتاراش، تاشتىراش  mE $dO3  
110. ئاڭغىرا\ئەڭگىرە
  ...2 ... ياشاڭغىرا، ئىسەنگىرە 9$WJ"]  
111. ئەكە\ئەكەش
  ...2 ...چۈشەكەش، ئۆچەكەش ?#[)C=p]z  
112. سىت
  ...2 ... كەمسىت، &{^eU5  
113. گىر
  ...2 ... باجگىر، جاھانگىر 9 pKm*n&  
114. مۇر\مۈر
  ...2 ... ئۆسمۈر cK}Pf+r>  
115. سۇق
  ...1 ... خامسۇق V:^H4WvL\W  
Y}1 P~  
بۇ سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ئىنتايىن تۆۋەن. لېكىن شۇنداقتىمۇ قەدىمدىن تارتىپ ساقلانغاچقا ياكى تىلىمىزدا بىر ئىككى سۆزنىمۇ بولسا ياساشتا ئىشلىتىلىدىغاچقا، كېيىنچە كېڭەيتىش ئىمكانىيىتى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ قاراپ ھەممىنى تەپسىلى كۆرسەتتىم. E2:D(7(;l  
U1\MA6pXW  
S:97B\ u`  
x-~-nn\O  

xayda 2012-01-25 22:58
ياسالما سۆز مەسىلىسىدە ئوقۇغۇچىلار خېلى قايمۇقىدۇ. يەنى تۈپ سۆز بىلەن ياسالما سۆزنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئەسلى سۆز بىلەن ياسالغان سۆز ئوتتۇرىسىدا مەنە باغلىنىشى زىچ بولىدۇ، يەنە بىرى، بىر سۆزدىن يېڭى بىر سۆز ياسالسا،  كۆپىنچە ئەسلى سۆز ئىككىنچى بىر سۆز تۈركۈمىگە كۆچىدۇ. ئالايلى: سەنلە، تىرىشچان، ئويمان، ياخشىلىق، 8>v7v&Bh|  
( ئۇستا + م = ئۇستام )، ( سايلا + م = سايلام ) دېگەندەك ياسالما سۆزلەردە بىر سۆز تۈركۈمىدىن يەنە بىر سۆز تۈركۈمىگە كۆچۈش يۈز بەرگەن. 

akkax 2012-01-26 00:12
  راست، مەن ئۆتكەندە شەخىسىز پىئىللارنىڭ قوشۇمچىسى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىمۇ، ياكى سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىمۇ دېگەن مەسىلە ھەققىدە خېلى دىلغۇل بولغان. « ئالىي مەكتەپ مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئەلى غوجاخۇن مۇئەللىم بۇ مەسىلىگە چۈشىنىشلىك جاۋاب بەردى. W9+h0A-  
  ئىستەمى قېرىندىشىمىز بەك كۆپ ئەجىر قىلىپتۇ.  قەلىمىڭىز ھارمىسۇن، قوللىرىڭىز دەرد كۆرمىسۇن!

tawpek 2012-01-26 02:27
ئىستەمى قىرىندىشىمىزنىڭ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە مۇشۇنداق مول يازمىلار بىلەن يۈز كۆرۆشتىرىۋاتقىنىدىن خۇرسەنمىز.

ozqan 2012-01-27 12:32
ئۇيغۇر تىلىدىكى ناھايىتى مۇھىم نۇقتىلاردىن بىرى بۇ ، رەخمەت ئەجرىڭىزگە ...

laziya 2012-01-27 13:42
قەلىمىڭىز ھارمىسۇن، قوللىرىڭىز دەرد كۆرمىسۇن!

nuzgum 2012-02-08 22:10
ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەخمەت ، كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۇپسىز. مەنمۇ كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم.

tawpek 2012-02-09 17:44
تېمىنى روياپقا چىقارغۇچى ھەقىقەتەن كۆپ ئىزدىنىپتۇ. Bi$ 0{V Z8  
q+r ` e  
بىز بىلەن ئۇچراشتۇرغانلارغىمۇ كۆپ تەشەككۇر.

kaqur 2012-04-14 22:59
« ‹ئۆتمۈش ھەرىكەتچان ئەزىمەتلەرنىڭ ئارامگاھى ئەمەس، كەلگۈسىنىڭمۇ سايىسى ئەمەس› دېگەن جۈملە تۈزۈلىشىدىن مۇرەككەپ جۈملىنىپ تەڭداش مۇرەككەپ تۈرىگە كىرىدۇ. جۈملىنىڭ ئىگىسى (ئۆتمۈش) دېگەن سۆز، جۈملىدە ياسالما سۆزدىن ئىككىسى بولۇپ ئۇلارنىڭ بىرسى (ئېنىقلىغۇچى)، بىرسى (خەۋەر) ۋەزىپىسىدە كەلگەن.» دېدۇق. جۈملىدە ياسالما سۆزدىن ئىككىسى بار دەپ قارالسا جۈملىنىڭ ئىگىسى بولۇپ كەلگەن سۆز «ئۆتمۈش» ياسالما سۆز بولالمامدۇ؟ {d&X/tT  
ئاندىن يەنە «گۈلشەن» سۆزىنىمۇ تۈپ سۆز قاتارىغا كىرگۈزەمدۇق؟

تەشنا005 2014-03-23 12:18
رەخمەت ئەجرىڭىزگە

ياسىنجان510 2014-03-23 14:37
پايدىلىنىش قىممىتى يوقۇرى ماتىريال يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.

ھاتەھاتەم 2014-04-14 17:14
قوللىرىڭىزغا دەت بەرمىسۇن lp37irI:  

مامۇتجان 2014-04-17 17:44
سۆز ياساش ئۇيغۇرتىلدىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇن .سىزگە كۆپ رەھمەت

ئۇيغۇر 2014-05-27 00:48
ياسىغۇچى قوشۇمچىلار نۇقۇل ھالىدا سۆز تۇركۇمىنى ئۆزگەرتىدۇ دېسەك ياخشى بولمايدۇ. مەسىلەن: چاي ، چايدان دىگەن سۆزلەرنىڭ ھەر ئىككىسى ئىسىم، سۆز تۇركۇمىدە پەرق يوق. شۇڭا ،ياسالما سۆزلەر ياكى سۆز مەنىسىنى ئۆزگەرتىدۇ، ياكى سۆز تۈركۈمىنى ئۆزگەرتىدۇ دېسەك بولامدىكىن دەيمەن.ئىككى شەرتنىڭ خالىغان بىرى ، ياكى ئىككىلىسى بولىدۇ.

ھاتەھاتەم 2014-05-29 10:52
تۇپ سۆز بىلەن ياسالما سۆزنى ئوقۇغۇچلار داۋاملىق پەرىقلەندۈرەلمەيدۇ. ~q'w),bE"Q  
تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىك كىتاۋىنىڭ زۆرۈر دەرىسلىك2-قىسىم كىتاۋىدا سۆزلەرنى تۈزىلىشىگە قاراپ ئايرىغاندا،تۈپ سۆزنى«بىرلا مۇستەقىل( باش)مورفېمىدىن تۈزۈلگەن سۆز تۈپ سۆز دەپ ئاتىلىدۇ دەپتۇ.بىز باش مورفېما بىلەن ئەگەشمە مورفېمىدىن تۈزۈلگەن سۆزلەرنىمۇ تۇپ سوز دەپ ئالىمىز. m"?' hR2  
مەسىلەن:ئادەملەر بۇ سۆز تۈپ سۆز بۇلىدۇ.باش مورفېما ۋە ئەگەشمە مورفېمىدىن تۈزۈلگەن.ئەگەر يۇقۇرقى قائىدە بويىچە بولغاندا،بۇ سۆزنى تۈپ سۆز دەپ ئېلىشقا بولمايدۇ. H(5ui`'s  
سۆز ياساش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۇرلۇگىچى قوشۇمچىلارنىمۇ پەرىقلەندۇرالمەي قالىدۇ. Fb\2df{@  
ياخشى تېمىكەن .ھارمىغايسىز.

ئارزۇيۇم 2014-05-30 17:57
ناھايىتى كۆپ ئەجىر قىپسىز. بارىكاللا.

پاراسەت2 2014-06-13 20:30
بۇ يوللانمىڭىزدىن كۆپ مەنپئەت ئالدىم جاپا تارتىپسىز.رەھمەت.

tawpek 2014-06-13 21:02
ھەقىقەت ،  قىسقا   دىگەن سۆزلەر تۈپ سۆزمۇ ياسالما سۆزمۇ؟ g)r ,q&*  
U}vtVvx  
ھەق، ھەقىقى |)P;%Fy9  
BS<>gA R;/  
قىس----------كەمچىل Vo9)KxR  
+[l{C+p  
قىس+قا =قىسقا  دىيىشكە بولامدۇ؟ zKAyfn.A  
DkMC!Q\  
كەچۈرنىڭ ئوتتورغا قويغان سۇئالىدىكى مەسىلىنىڭ ئۆزىدە خاتالىق بار ئوخشايدۇ.


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled