查看完整版本: [-- «بىر فىزىكنىڭ تەربىيىلىنىش جەريانى»(تېكىست) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> «بىر فىزىكنىڭ تەربىيىلىنىش جەريانى»(تېكىست) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-01-25 17:47

«بىر فىزىكنىڭ تەربىيىلىنىش جەريانى»(تېكىست)

                               
بىر فىزىكنىڭ تەربىيىلىنىش جەريانى
    
Daq lL  
كاكۇ مىچىئو① UaBNoD  
\jr-^n]  
    مەن پەقەت تەڭرىنىڭ بۇ دۇنيانى قانداق ياراتقانلىقىنىلا بىلمەكچى، بۇنداق ياكى ئۇنداق كونكرېت ھادىسىلەرگە ئانچە قىزىقمايمەن. مەن پەقەت دۇنيانىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنىلا بىلمەكچى، ئۇنىڭدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەھمىيەتسىز ئىشلاردۇر. qdo_YPG  
− ئېينىشتېين jvhD_L/  
83F]d+n  
بالىلىق چاغلىرىمدىكى ئىككى قىزىقارلىق ئىش مېنىڭ دۇنياغا بولغان چۈشەنچەمنى زور دەرىجىدە چوڭقۇرلاشتۇردى ھەمدە مېنىڭ فىزىك بولۇپ قېلىشىمغا سەۋەبچى بولدى. Ct]?  /  
ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئۇ چاغلاردا ئاتا - ئانام پات - پات مېنى سان فرانسىسكودىكى داڭلىق ياپونىيە چايزارلىقىغا ئويناتقىلى ئاپىرىپ تۇراتتى. مەن ئۇ جايدىكى كۆلچەك بويىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغىنىمچە سۇدىكى نېلۇپەرلەر ئارىسىدا ئۈزۈپ يۈرگەن رەڭگارەڭ بېلىقلارغا مەپتۇن بولۇپ قاراپ كېتەتتىم. بۇ مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدىن قالغان ئەڭ كۆڭۈللۈك ئەسلىمەم. $]MOAj"LH  
ئاشۇ تىمتاس مىنۇتلاردا مەن چەكسىز خىياللارغا چۆمەتتىم. ئۆز - ئۆزۈمگە، كۆلچەكتىكى سازاڭ بېلىقلار ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى قانداق كۆزىتىدىغاندۇ، دېگەندەك بالىلارچە ئەخمىقانە سوئاللارنى قوياتتىم ھەمدە ئۇلار چوقۇم ئاجايىپ - غارايىپ خىياللارنى قىلسا كېرەك، دەپ ئويلايتتىم. g{JH5IZ~  
سازاڭ بېلىقلارنىڭ ئاشۇ تېيىز كۆلچەكتىن چىقىپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار پۈتكۈل ئالەم مۇشۇ قاراڭغۇ كۆلچەك بىلەن نېلۇپەرلەرلا دېگەنگە ئىشىنەتتى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچە ۋاقتى سۇ تېگىدە ئاستا ئۈزۈش بىلەن ئۆتىدىغان بولغاچقا، سۇ سىرتىدا باشقا بىر دۇنيانىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى پەقەت غۇۋالا ھېس قىلالايتتى. ماڭا خاس دۇنيانىڭ ماھىيىتى ئۇلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەنىدى. سازاڭ بېلىقلارغا شۇنچە يېقىندىن قارىساممۇ، لېكىن نېمىشقىدۇر بىزنى ناھايىتىمۇ كەڭ ھاڭ ئايرىپ تۇراتتى. مەن ۋە سازاڭ بېلىقلار پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان باشقا - باشقا ئىككى دۇنيادا ياشايتتۇق. ئارىمىزنى سۇ يۈزىدىن ئىبارەت بۇ نېپىز «پەردە» ئايرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما بىر - بىرىمىزنىڭ دۇنيايىمىزغا كىرەلىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. B-V   
ئۇ چاغلاردا سۇ تېگىدىكى ئاشۇ بېلىقلار ئىچىدە «ئالىم» بېلىقلارمۇ بار، دەپ ئويلايتتىم. مېنىڭچە بۇ «ئالىملار» ئاشۇ كۆلچەكتىنمۇ باشقا دۇنيانىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغۇچىلارنى مەسخىرە قىلاتتى. ئۇلار بىردىنبىر مەۋجۇت نەرسە بېلىقلار كۆرەلەيدىغان ھەمدە تۇتالايدىغان نەرسىلەردىن ئىبارەت، دۇنيادا كۆلچەكتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق، كۆلچەك سىرتىدىكى كۆرگىلى بولمايدىغان دۇنيانىڭ قىلچە ئىلمىي قىممىتى يوق، دەپ قارايتتى. vH@$?b3VP  
بىر كۈنى بورانلىق يامغۇردا قالدىم. ساناقسىز يامغۇر تامچىلىرى كۆلچەككە شىددەتلىك تۆكۈلمەكتە ئىدى. سۇ يۈزى توختىماي داۋالغۇپ، سۇدىكى نېلۇپەرلەر شاش دولقۇنلارنىڭ زەربىدىن ھەدەپ ئىرغاڭشىيتتى. يامغۇردىن دالدىلىنىپ تۇرغان چېغىمدا، سازاڭ بېلىقلارنىڭ ئۆز ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قانداق قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ باققۇم كەلدى. ئۇلار نېلۇپەرلەرنى ئۆزلىرى ئىرغاڭلاۋاتىدۇ، ئۇلارغا ھېچقانداق نەرسە چېقىلغىنى يوق، دەپ ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى. چۈنكى، خۇددى بىز ئەتراپىمىزدىكى ھاۋا ۋە بوشلۇقنى كۆرەلمىگەندەك، سازاڭ بېلىقلارمۇ ئۆزلىرى ياشاپ كېلىۋاتقان سۇنى كۆرەلمەيدۇ، شۇڭا نېلۇپەرلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۈ سىر.  uzL|yxt  
ئۇ چاغلاردا مەن، «ئالىم» بېلىقلار ئەقىل ئىشلىتىپ مەلۇم بىر يالغان نەرسىنى توقۇپ چىقىرىدۇ، ئۇ نەرسە «كۈچ» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئەنە شۇ نەرسە بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى يوشۇرىدۇ، دەپ ئويلايتتىم. مېنىڭچە، ئۇلار كۆرۈنمەس سۇنىڭ يۈزىدىكى دولقۇنلارنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، نېلۇپەرلەر كۆرگىلى بولمايدىغان بىر خىل سىرلىق كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ھېچنېمە تەگمىسىمۇ ھەرىكەتلىنىۋېرىدۇ، دېگەن خۇلاسىگە كېلىشكەنىدى. ئۇلار بۇ خىل خاتا تۇيغۇغا ناھايىتىمۇ چۈشىنىكسىز ئىسىم قويۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن. m}+_z^@j9  
ئۇ چاغلاردا مەن ناۋادا كۆلچەكتىن بىرەر «ئالىم» بېلىقنى تۇتۇپ سوراپ باقسام قانداق بولار، دەپمۇ ئويلاپ قالغانىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىمگە قارىغىنىچە تېپىرلىشى تۇرغان گەپ. ئۇنداقتا، باشقا بېلىقلار بۇ ئىشقا قانداق قارايدىغاندۇ؟ ئۇلارغا قارىتا بۇ ئىش ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق. بۇ چاغدا ئۇلار «ئالىم» بېلىقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالىمىدىن ھېچقانداق ئىز قالدۇرماي، ئاسانلا يوقالغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىشىدۇ. ئۇلار، ئەمدى ھەرقانچە ئىزدىگەن بىلەنمۇ بۇ «ئالىم» بېلىقنى مەڭگۈ تاپالمايمىز، دەپ قارىشىدۇ. لېكىن، بىرنەچچە سېكۇنتتىن كېيىن بۇ «ئالىم» بېلىقنى كۆلچەككە قويۇپ بەرگىنىمدە، ئۇلار ئۇنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈشۈپ، بۇنى ئاجايىپ مۆجىزە دەپ بىلىشىدۇ. -v=tM6  
ئۇلار ئۆزلىرىگە قايتىشقاندىن كېيىن، بۇ «ئالىم» بېلىق ئۇلارنى ھەقىقىي ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان ئاجايىپ قىزىقارلىق ھېكايىنى سۆزلەشكە باشلايدۇ. «تۇيۇقسىزدىنلا، نېمىشقىدۇر كۆز ئالىمىمدىن (كۆلچەكتىن) تارتىپ چىقىرىلىپ، − دەيدۇ ئۇ، − غەلىتىلا بىر دۇنياغا چىقىپ قالدىم. ئۇ جايدا كۈچلۈك نۇرلار كۆزنى چېقىپ، ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان غەلىتە مەخلۇقلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ئەڭ غەلىتە يېرى، مېنى تۇتۇۋالغان جانىۋار بېلىقلارغا ئازراقمۇ ئوخشىمايدىكەن. مېنى تېخىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرغىنى، ئۇ  بىرەر تال قانىتى يوق تۇرۇقلۇقمۇ ھەرىكەت قىلىۋېرىدىكەن.  بىزگە تونۇشلۇق بولغان تەبىئەت قانۇنىيىتى ئۇ يەرگە قىلچە ماس كەلمەيدىكەن. كېيىن قارىغۇدەك بولسام، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنياغا يەنە قايتىپ كەپتىمەن.«(ئەلۋەتتە، ئالەمنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەلگەنلىك ھەققىدىكى بۇ ھېكايە سازاڭ بېلىقلارغا غەلىتە تۇيۇلىدىغانلىقى تۇرغان گەپ، كۆپ سانلىق بېلىقلار بۇنى جۆيلۈگەنلىك دەپ قارايدۇ.) )6 K)UA  
ئۇ چاغلاردا مەن بىز كۆلچەكتە ئۆزىچە كۆرەڭلەپ ئۈزۈپ يۈرگەن ئاشۇ بېلىقلارغا ئوخشايدىكەنمىز، دەپ ئويلىغانىدىم. مېنىڭچە، بىز ئۆمۈر بويى ئۆزىمىزنىڭ «كۆلچىكىمىز»دە ياشاپ، ئالەمنى ئۆزىمىز كۆرەلىگەن ۋە تۇتالىغان نەرسىلەرلا دەپ قاراپ كەلگەنىدۇق. خۇددى ئاشۇ سازاڭ بېلىقلارغا ئوخشاش بىزمۇ ئالەمنى بىزگە كۆرۈنۈپ تونۇش بولۇپ كەتكەن شەيئىلەردىنلا تەركىب تاپىدۇ، دەپ قارايتتۇق. بىز ياشاۋاتقان ئالەمدىنمۇ باشقا پاراللېل ئالەم ۋە كۆپ ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمايتتۇق. يەنە كېلىپ بۇ ئۆزگە ئالەم بىزنىڭ چۈشىنىش دەرىجىمىزدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەنىدى. بىزنىڭ ئالىملىرىمىز ئەتراپىمىزدىكى كۆرگىلى بولمايدىغان ھەر خىل تەۋرىنىشلەرنى كۆز ئارقىلىق تەكشۈرۈپ چىقالمايدۇ،  شۇڭا ئۇلارمۇ كۈچكە ئوخشاپ كېتىدىغان مۇشۇنداق ئۇقۇمنى كەشىپ قىلغان بولسا قانداق بولار - ھە. بەزى ئالىملار تەجرىبىخانىدا ئىسپات تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك دۇنيا ھەققىدىكى تەلىماتقا سەل قارىشىدۇ. y2Vc[o(NP  
شۇنىڭدىن كېيىن مەن يۇقىرى ئۆلچەملىك دۇنيانىڭ مەۋجۇت بولۇش مۇمكىنچىلىكىگە بەكلا قىزىقىپ قالدىم. نۇرغۇن بالىلارغا ئوخشاشلا بۇ ھەقتىكى قورقۇنچلۇق ھېكايىلەرنى دۈم يېتىپ ئوقۇشقا باشلىدىم. بۇ ھېكايىلەردە ۋاقىت سەيياھلىرى باشقا كۆپ ئۆلچەملىك  بوشلۇقلارغا كىرىپ، بىز كۆرەلمەيدىغان پاراللېل ئالەمنى قىدىرىشقا باشلايتتى. ئۇ جايدا ئادەتتىكى فىزىكىلىق قائىدىلەر ئاسانلا ئۆز رولىنى يوقىتىپ قوياتتى. ئۇ چاغلاردا مەن چوڭ بولسام بېرمۇدادىكى خەتەرلىك ئۈچ بۇرجەك رايوندا سىرلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن پاراخوتنىڭ راستتىنلا بىر ئۆڭكۈردە مۇئەللەق تۇرۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ بېقىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم ھەمدە ئاسىموفنىڭ ئەسەرلىرى② نى ئوقۇپ تولىمۇ ھەيران قالغانىدىم. كىتابتىكى ئالاھىدە ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى سەپەر سامانيولى ئىمپېرىيىسىنىڭ گۈللىنىشىگە سەۋەبچى بولغانىدى.  XQcE  ZJ2  
بالىلىق چاغلىرىمدا ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان يەنە بىر ئىش بار. سەككىز ياش مەزگىلىمدە بىر ھېكايە ئاڭلىغانىدىم، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھېكايە زادىلا كاللامدىن چىقمىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچۇم سىنىپتا بىزگە مەرھۇم بۈيۈك ئالىم ھەققىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. مۇئەللىم ئۇ ئالىم ھەققىدە چوڭقۇر ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن سۆزلەپ كېلىۋېتىپ، ئۇنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۈيۈك ئالىم دەپ ئاتىغانىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئالىمنىڭ ئىدىيىسىنى چۈشىنىدىغانلار بەك ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بايقاشلىرى پۈتكۈل دۇنيا ۋە ئەتراپىمىزدىكى بارلىق نەرسىلەردە ئۆزگىرىش ياسىغانىكەن. مۇئەللىمنىڭ بىزگە ئېيتماقچى بولغان نۇرغۇن سۆزلىرىنى چۈشىنەلمىسەممۇ، ئەمما مېنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى، بۇ ئالىم ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار بايقىشى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى ئاياغلاشتۇرماي تۇرۇپلا، بۇ ئىشتىن قول ئۈزگەنىدى. مۇئەللىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئالىم بۇ جەھەتتىكى نەزەرىيىسىگە نۇرغۇن يىل ئەجىر قىلغان، لېكىن ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، پۈتمەي قالغان قوليازمىلىرى ئۆزىنىڭ ئىش ئۈستىلىدە شۇ پېتى قويۇپ قويۇلغانىكەن. }R`}Ey|{  
مەن بۇ ھېكايىگە رام بولۇپ قالغانىدىم. مەندەك بىر بالىغا قارىتا، بۇ ھەقىقەتەنمۇ سىرلىق ئىش. ئۇنىڭ پۈتكۈزەلمىگەن ئىشى زادى نېمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىلىگە قويۇپ قويۇلغان قوليازمىغا زادى قانداق مەزمۇنلار يېزىلغاندۇ؟ يەشمەك شۇنچىلىك تەس ھەم شۇنچىلىك مۇھىم بولغان، مۇشۇنچىۋالا بۈيۈك ئالىم بارلىق ئۆمرىنى ئاتاپ تەتقىق قىلغۇدەك زادى قانداق مەسىلە بولغىيتى ئۇ؟ بۇ ئىشقا قىزىقىپ قالغانلىقىمدىن، ئېينىشتېيننىڭ مەن تېخى ئۆگىنىپ بولالمىغان بارلىق نەزەرىيىسىنى ھەمدە تېخى تاماملاپ بولالمىغان بۇ نەزەرىيىسىنى بىر باشتىن ئۆگىنىپ چىقىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. ھېلىمۇ ئېسىمدە، بۇ بۈيۈك زات ۋە ئۇنىڭ نەزەرىيىسىگە ئائىت تاپالىغانلىكى كىتابنى قويماي ئوقۇپ چىقتىم. بۇ ئىشنى ئەسلىسەم، ھېلىمۇ كۆڭلۈم ئىللىق سېزىمگە تولىدۇ. مەن ئۆز جايىمىزنىڭ كۇتۇپخانىسىدىكى كىتابلارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، شەھەردىكى بارلىق كۇتۇپخانا ۋە كىتابخانىلارنى ئارىلاپ، ئالاقىدار يىپ ئۇچلىرىنى تەقەززالىق بىلەن ئىزدەشكە كىرىشتىم. ئۇزاق ئۆتمەي، بۇ ھېكايىنىڭ ھەرقانداق سىرلىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھېكايىلىرىدىنمۇ قىزىقارلىق، مەن ئويلىغان باشقا ھەرقانداق ئىشتىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ سىرنى تولۇق قېزىپ چىقىش قارارىغا كەلدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشقا توغرا كېلەتتى. ^ ?T,>ZI  
ئۇزاق ئۆتمەي ئېينىشتېيننىڭ ئۈستىلىدە تاماملانماي قېپقالغان قوليازمىسىدا يازغانلىرىنىڭ ئۇنىڭ بارلىققا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان بىرلىككە كەلگەن مەيدان نەزەرىيىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. بۇ نەزەرىيە كىچىككىنە ئاتوم يادروسىدىن تارتىپ بىپايان يۇلتۇزلار تۈركۈمىگىچە بولغان بارلىق تەبىئەت قائىدىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئەمما، تېخى كىچىك بولغانلىقىم ئۈچۈن، ھېلىقى كۆلچەكتىكى سازاڭ بېلىق بىلەن ئېينشتېيننىڭ ئۈستىلىگە قويۇپ قويۇلغان تېخى پۈتمىگەن ماقالە ئارىسىدا زادى قانداق باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى زادىلا چۈشىنىپ يېتەلمىدىم. تېخىمۇ يۇقىرى  ئۆلچەم سانىدىن پايدىلىنىشنىڭ  بىرلىككە كەلگەن مەيدان نەزەرىيىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى  تېخىمۇ چۈشەنمەيتتىم. F2v9 XMi  
كېيىنچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا نۇرغۇن جايلاردىكى كۇتۇپخانىلارغا بېرىپ بۇنىڭغا ئائىت كىتابلارنى كۆردۈم ھەمدە ستامفورد  ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكاشۇناسلىق كۇتۇپخانىسىغا پات - پات بېرىپ تۇرىدىغان بولدۇم. ئۇ جايدا ئېينىشتېيننىڭ ئانتى (تەتۈر) ماددا  دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددىنىڭ پەيدا بولۇشىغا نەزەرىيىۋى ئاساس سېلىپ بەرگەنلىكىنى بىلدىم. بۇ خىل ماددىنىڭ تەسىر شەكلى  ئادەتتىكى ماددىلار بىلەن ئوخشاش، ئەمما ئادەتتىكى ماددىلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن مەڭگۈلۈككە يوقىلىدۇ ھەمدە شىددەتلىك ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ. ئالىملار «ئېلېكترون توقۇنۇشتۇرغۇچ» دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنى ياساپ چىقىشتى. بۇ خىل ئۈسكۈنىلەر تەجرىبىخانىدا ناھايىتى ئاز مىقداردا بۇ خىل ئانتى ماددا دەپ ئاتىلىدىغان غەلىتە ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. A&_v:z4y/  
ياشلارنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۆرپ - ئادەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئانچە ئۇچراپ كەتمەيدۇ. ئەمما، چوڭلارنىڭ بۇ خىل چەكلىمىدىن ھالقىپ كېتەلىشى ئىنتايىن تەس. شۇڭا، مەن مېنى قانداق قىيىنچىلىقلارنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئويلىشىپ ئولتۇرمايلا ئۆزۈمنىڭ ئېلېكترون توقۇنۇشتۇرغۇچىمنى ياساشقا تۇتۇش قىلماقچى بولدۇم. پەن - تېخنىكىغا ئائىت نۇرغۇن ماتېرىياللارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاخىر ئىندۇكسىيىلىك ئېلېكترون تېزلەتكۈچتىن بىرنى ياساپ چىقالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچ باغلىدىم. بۇ خىل تېزلەتكۈچ ئېلېكتروننىڭ سۈرئىتىنى مىليون ئېلېكتروۋولتقا يەتكۈزەلەيتتى. $'bb)@_  
مەن ئاۋۋال ناترىي22دىن ئازراق سېتىۋالدىم، بۇ تەبىئىي يوسۇندا مۇسبەت ئېلېكترون قويۇپ بېرەلەيدىغان (ئانتى ئېلېكترون) بىر خىل رادىئوئاكتىپ ماددا. ئاندىن مەن تۇمانلىق كامېرادىن بىرنى ياسىدىم، چۈنكى تۇمانلىق كامېرادا سۇب ئاتوم زەررىچىسى قالدۇرغان ئىزنى كۆرگىلى بولاتتى. شۇنداق قىلىپ ئانتى ماددىنىڭ تۇمانلىق كامېرادا قالدۇرغان ئىزنالىرىدىن نەچچە يۈز پارچە ئېسىل كۆرۈنۈشلەرنى تارتتىم. ئاندىن شۇ ئەتراپتىكى رايونلاردىكى ئېلېكترون ئامبارلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تەييارلىدىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە نەچچە يۈز قاداق (1 قاداق = 454 گرام) كېرەكسىز پولاتمۇ بار ئىدى. ئۆز سېخىمدا 2 مىليون 300 مىڭ ئېلېكتروۋولتلىق ئىندۇكسىيىلىك ئېلېكترون تېزلەتكۈچتىن بىرنى ياساپ چىقتىم. بۇ تېزلەتكۈچ ئانتى ئېلېكترون ھاسىل قىلىشقا تامامەن يارايتتى. ئىندۇكسىيىلىك ئېلېكترون تېزلەتكۈچكە لازىملىق زور ماگنىت مەيدانىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ئاتا - ئانامنى مەن ئوقۇغان ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پۇتبۇل مەيدانىغا 22 مىل(1 مىل = 1.61 كىلومېتىر) ئۇزۇنلۇقتىكى مىس سىمنى ئايلاندۇرۇپ تارتىشىمغا ياردەملىشىشكە ماقۇل كەلتۈردۈم. بىز مىلاد بايرىمى كۈنى تولۇق كۈن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ ئاخىر 50 يارد (1 يارد = 0.91 مېتىر) ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ يولغا ناھايىتىمۇ كېلەڭسىز سىم چەمبىرەكنى تۇرغۇزۇپ بولدۇق. بۇ خىل سىم چەمبىرەك يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك ئېلېكتروننىڭ ھەرىكەت يولىدا ئېگىلىش ھاسىل قىلالايتتى.  kLbo |p"cT  
300 قاداق ئېغىرلىقتىكى، ئالتە كىلوۋاتلىق بۇ ئىندۇكسىيىلىك ئېلېكترون تېزلەتكۈچ ئاخىر پۈتتى. ئۇنى توكقا ئۇلىشىم بىلەنلا بىخەتەرلىك سىمىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، ئۆيۈم قاپقاراڭغۇ بولۇپ قالدى. بۇ ئىش تەكرارلىنىۋەرگەنلىكتىن، ئاپام بېشىنى چايقىغىلى تۇردى(قارىغاندا ئاپام مېنىڭ بۇ ئىشىمنى چۈشەنمىسە كېرەك). ئەمما، ئاخىر كۆڭلۈمدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشتىم. بۇ  ئەسلىدىكى ماگنىت مەيدانىدىن 2 مىليون ھەسسە كۈچلۈك بولغان ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلدى. مانا بۇ تېزلەتكۈچ ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغان شەرت ئىدى. `(8RK  
sE0,b  
ئىزاھاتلار: PAu/iqCH  
① كاكۇمىچىئو − ياپون قان سېستىمىسىدىكى ئامېرىكىلىق فىزىك. /7C %m:  
②ئاسىموفنىڭ ئەسەرلىرى يۈرۈشلەشكەن فانتازىيىلىك رومانلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئالدىنقى قىسمى «بازانىڭ مۇقەددىمىسى»، «بازىغا يۈرۈش» ناملىق ئىككى قىسىم كىتاب، «بازا»، «بازا ۋە ئىمپېرىيە»، «ئىككىنچى بازا» ناملىق ترىلوگىيە، داۋامى «بازا قىرغاقلىرىدا»، «بازا ۋە يەر شارى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  =[o/D0-Kn  
;sd] IZ$#  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق: 1. سىز تەبىئەت دۇنياسىغا قىزىقامسىز؟ ئىلىم - پەنگە ئىشتىياقىڭىز بارمۇ؟ تېكىستنى ئوقۇپ، سازاڭ بېلىقلار دۇنياسى ھەققىدىكى قىياس بىلەن ئېينېشتېيننىڭ تاماملانمىغان ئىشىغا بولغان ئىنتىلىشنىڭ ئاپتورنىڭ ئىلىم - پەن يولىدا ئىزدىنىشىگە قانداق تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلىپ بېقىڭ. n/IDq$/P  
2. فىزىكلارنىڭ نەزەرىيىلىرى ھەرقانچە چوڭقۇر بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدىكى قائىدىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تەسىراتلار بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇ تېكىستتە تەسۋىرلەنگەن سازاڭ بېلىقتىن قانداق ئىلھام ئالدىڭىز؟ سىزدىمۇ مۇشۇنداق ئاجايىپ خىياللار بولغانمۇ؟  Fr9_!f  
3. ئاپتورنىڭ «ئالىم» بېلىق ھەققىدىكى خىياللىرى تولىمۇ قىزىقارلىق. ناۋادا بىز ئىنسانلارنى ھايۋانلارنىڭ نەزىرىدە كۆزىتىپ باقىدىغان بولساق، بۇمۇ قىزىقارلىق بولامدۇ، قانداق؟ مەسىلەن، ناۋادا بىرەر ھايۋان (ئىت، مۈشۈك، توخۇ ياكى قارلىغاچ دېگەندەك) «ئالىم» مەخسۇس ئىنسانلارنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىدىكى سىرلار ھەققىدە بىرەر پارچە «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسىرى» يازماقچى دەپ قارايلى. سىز ئاشۇ «ئالىم» ھايۋاننىڭ ئورنىدا قەلەم تەۋرىتىپ باقالامسىز؟ HO;,Ya^l  
}ABHGr5[  
(مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 3-كىتاب 76 –بەتتىن ئېلىندى. 2012-1-25   )    

tunyukuk 2012-01-25 18:09
بۇ تېكىستنىڭ دەرس لايىھەسىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ.   9 ~$' ?  
/bbs/read.php?tid=2487&fpage=8

tunyukuk 2012-01-25 18:34
[attachment=425]    

tunyukuk 2012-01-25 18:39
  加来道雄(Michio Kaku),美籍日裔物理学家,毕业于美国哈佛大学,获加利福尼亚大学伯克利分校哲学博士学位,后任纽约市立大学城市学院理论物理学教授。主要著作有《超越爱因斯坦》(与特雷纳合著)《量子场论》《超弦导论》。

tawpek 2012-01-26 12:31
. بىر فىزىكنىڭ تەربىيلىنىش جەريانى +=/FKzT<  
كاكومىچىئو 0cwb^ffN  
1. ئاپتۇر ھەققىدە: NJ;D Qv  
كاكو مىچىئو ياپون قان سىستىمىسدىكى ئامرىكلىق فىزىك بولۇپ ، ئامرىكا خارۋارد ئونۋېرسىتىتنى پۈتتۈرگەن. كالفورنىيە ئونۋېرسىتىتىي بۇركىلى تارمىقنىڭ پەلسەپە پەنلىرى بۇيىنچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. كىيىن نىيويورىك شەھىرلىك ئونۋېرسىتىيتىنىڭ شەھەر ئىنىستوتىنىڭ نەزەرىيە فىزىكا فىراپىسورى بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئېينىشتىيىندىن ھالقىش» ‹تىلىنا بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن›، «كۇۋانتلىق مەيدان نەزەرىيسى»، «سۇپىر يىپ نەزەرىيسى» قاتارلىقلار بار. 2yyJ19Iul  
2.        ئەسەر مەزمۇنى : |9F^"7Q~C  
ئەسەردە ئېىق، چۈشىنشلىك تىل بىلەن بىر فىزىكنىڭ تەربىيلىنىش جەريانى،يەنى ئۇنىڭ فىزىك بۇلۇپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن سازاڭ بېلىقلار ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر بىلەن ئېينىشتىيىن ھەققىدىكى ھېكايە سۆزلىنىش ئارقىلىق ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازنىشىدا تەبىئەت سىرلىرىغا قىزىقىش، تەسەۋۋۇر قىلىشقا ماھىر بۇلۇش، بايقاشقا ئەھمىيەت بىرىش ھەمدە سۇنماس ئىرادە ، چىدام غەيرەت بىلەن بايقىغان مەسىللەر ھەققىدە ئىزدىنىش، تەجىربە ئىشلەش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى كۆرسىتىلىپ بىرىلگەن . yR Zb_Mq9U  
مۇھاكىمە ۋەمەشىق v{Rj,O u  
3.ئاپتۇرنىڭ فىزىك بۇلۇپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىككى مۇھىم ئىش قايسى؟ {v,O  
⑴سازاڭ بېلىقلار ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر ⑵ئېينىشتىيىن ھەققىدىكى ھېكايە . )\bA'LuFy  
4. «سازاڭ بىلىق ئالىمى»نىڭ «دۇنيا» ھەققىدىكى تونۇشى قانداق؟ Y'YvVI  
ئاسالىقى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىدا ئىپادىلىنىدۇ:بىرىنچى، «كۆلچەك سىرتىدىكى كۆرگىلى دۇنيانىڭ قىلچە ئىلمىي قىممىتى يوق» ئىككىنچى؛ ئۇلار نېلۇپەرنى ئۆزلىرى ئىرغاڭلاۋاتىدۇ، ئۇلارغا ھېچ نەرسە چېقىلغىنى يوق-ئۇ نەرسە كۈچ» دەپ ئاتايدۇ. ئۇلار ئەنە شۇ نەرسە بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى يوشۇرىدۇ. ئۈچىنچى؛«ئالىم» بېلىقنىڭ «يوقالغانلىقى» بىلەن «قايتىدىن پەيدا بولغانلىقى-ئاجايىپ بىر مۆجىزە»«قورقۇنۇچلۇق ئىش دەپ قاراپ تەتقىق قىلماسلىقنىڭ سەۋەبى. تۆتىنچى؛«ئالىم» بېلىقنىڭ «ئاجايىپ قىزىقارلىق ھېكايىسى» يەنە بىر دۇنيانىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكىنىھەقىقىي ئىسپاتلايدۇ. ئەمما سازاڭ بېلىقلا بۇنى جۆيلۈەەنلىك، تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ قارىشىدۇ. Vg 6/1I  
5. ئاپتور «ئالىم» سازاڭ بېلىق ئارقىلىق دۇنيا ھەققىدىكى قانداق تونۇشنى ئىسپاتلىماقچى؟ F.s*^}L[  
ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدىغان ئىنسانلار بىلەن «ئالىم» سازاڭ بېلىقنىڭ ئوخشاش تەرىپىنى چۈشەندۈرۈش، بىرىنچى؛ ئىنسانلار« بىز ئۆمۈر بويى ئۆزىمىزنىڭ (كۆلچىكىمىزدە) ياشاپ» ئۆزلىرىمىزنىڭ چۈشىنىش دائىرىمىزدىن ھالقىغان تەبىئىي مەۋۋجۇتلۇقلارنى ئېتىراپ قىلغۇمىز كەلمەيدۇ. ئىككىنچى، «ئىنسانلار كۈچ دېگەندەك ئۇقۇملارنى بايقىدى...»ئۇلار كۆرگىلى ۋە تۇتقۇلى بولىدىغانلار شەيئىلەرنىلا ئېتىراپ قىلىپ، مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى خالاشمايدۇ. ئۈچىنچى، «تەجربىخانىدا ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان پاكىتلار» ھەققىدىكى نەزەرىيەلەرنى كەمسىتىش، ئىدىيىسىدىكى قاتماللىق ۋە جاھىللىقلارنى ئىپادىلەش؛ ZB)`*z>*  
%[<@$qP  
xp!M A  
=i4%KF9 x  
y_>l'{w3^  
سەمەن قىرىندىشىمىزنىڭ يوللىمىسىدىن كىسىپ ئالدىم.

alkut 2012-02-29 21:34
تۇلۇق 1-يىللىق تىل –ئەدەبىيات ئايلىق ئىمتاھان سۇئالى: Bb,l.w  
ئىسىم فامىلىسى:                             سىنىپى: I%^Bl:M  
Ⅰتاللاش سۇئالى:  (30نۇمۇر ) :7WeR0*%  
1. «دېڭىز سەپىرى»ناملىق ئەسەر ھەققىدىكى جاۋابلاردىن خاتاسى:(            ) yHXQCWY{8;  
A.بۇ بىر پارچە ئىپىك نەسىردۇر.     S%^*h{9u"  
B. بۇ ئەسەردە ئىنساندىكى غېرىپلىق ھېسياتىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. X,] E {  
C.بۇ ئەسەردە ئادەم بىلەن تەبىئەت جانلىقى بولمىش ھايۋانلار ئوتتۇرسىدىكى قىزغىنلىق، دوستلۇق مەسلىسىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.               M$jU-;hRH  
   D.    بۇ ئەسەردە مۇھىت تەسۋىرى يوق دېيەرلىك. 0^0 Q0A  
2. «يەلپۈگۈچۈمگە»دىگەن سۆز ھەققىدىكى توغرا ھۆكۈم  (      ) R{3?`x!fY  
A.تۆت مورفېما  بولۇپ،،بۇنىڭ ئىچدىكى ئۈچى مۇستەقىل مورفىما،بىرى ئەگەشمە مورفىمىدۈر. #OQT@uF!  
B.تۆت مورفېما بۇلۇپ،بۇنىڭ ئىچدىكى ئىككىسى مۇستەقىل مورفىما،ئىككسى ئەگەشمە مورفىمىدۈر. G~VukW 
C.تۆت مورفىما بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچدىكى بىرى مۇستەقىل مورفىما،ئۈچى ئەگەشمە مورفېما + a,x  
D.ئۈچ مورفېما بۇلۇپ،بۇنىڭ ئىچدىكى بىرى مۇستەقىل مورفىما،ئىككىسى ئەگەشمە مورفىما. iI]E %H}  
3.تۆۋەندىكى بىرىككەن سۆزلەردىن توغرايېزىلغنى:(                ) R v/=bY  
A.تۆمۈر يول  ، تاش پاقا                               B.   رەيھانگۈل  ، قاراماي 7)i6L'r  
C.ئىشلەپچىقىرىش  ، دۆلەتباغ                        D.    قارىمۇچ،   ئاش كۆكى ![ce=9@t<  
4.«بىراۋ ئورۇنسىز ماختىسا،سەن بەك زېرەك بول،ئۇ بىر تۈلكە؛ ئارقاڭدىن يامان گىپىڭنى كۆپ قىلسا ،بەك ئەنسىرەپ كەتمە ، ئۇ بىر توخۇ.(   ) \FL`b{!+ N  
A.بىرىنچى ئاددىي جۈملە تەركىبىدە سۇزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسسى كۆرۈلگەن سۆز يوق،ئەمما ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش ھادىسسى كۆرۈلگەن سۆزدىن بىرى بار. ta*6xpz-\Q  
B.ئۈچىنچى ئاددىي جۈملىدە بىر سۆز تەركىبىدىكى سۇزۇق تاۋۇشلارتىل ئورنى جەھەتتىن تىل ئالدى بويىچە ماسلاشقان. >.76 
C.تۆتىنچى ئاددى جۈملە تەركىبىدىكى ئىككى سۆزگە قۇشۇمچە ئۇلانغاندا ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ جاراڭلىق بويىچە ماسلىشىشنى سۈرۈشتە قىلغان ھالدا ئۇلانغان. (2l?~CaK  
D.بەشىنچى،ئالتىنچى ئاددىي جۈملىلەردە سۇزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسسى كۆرۈلگەن سۆزدىن بىرى بار،بۇ بىر سۆزدە سۇزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسسى كۆرۈلگەن. \7d T]VV  
5.سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ۋە كۆچمە مەنىسى ھەققىدىكى تەھلىلەردىن توغرا ئېيتىلغىنى:(        ) ssx #\  
A.«ئىشەنچكە چۈشكەن داغ_ھەسەتنىڭ غەلبىسى»دېگەن جۈملىدىكى ئۈچ سۆز كۆچمە مەنىدە كەلگەن. ?r%kif)  
B. «ھاراق،تاماكاۋە ئاچكۆزلۈك _دوزاخنىڭ ئاچقۇچى،يول خېتى ، سوۋغىسىدۇر. {S Oy-  
C.«ۋاقىت مىنىڭ تەلەپچان ئۇستازىم» دېگەن جۈملىدە كۆچمە مەنىدە كەلگەن سۆز يوق. ?j:g.a+U  
D.«تۇرمۇش گويا يۈگەنسىز ئاتقا ئوخشايدۇ،ئۇنى ئەقىل ۋە تەدبىر بىلەن كونتىرول قىلغاندىلا ،بۈيۈك مەقسەتلەرگە يەتكىلى بۇلىدۇ. dBG5IOD  
6.تۆۋەندىكىلەردىن« كۈچ ئۇلاپ يۇگۈرۈش كالتىكى» ناملىق ئەسەردىكى « مەن» ئوغلىغا يەتكۈزگەن چىمەن دوپپىنىڭ سىموۋوللۇق مەنىسىنى توغرا ئېيتىپ بىرەلىگەن تۈر(      ) PX$_." WA  
A.سەنئەت مىراسلىرىنى ئەۋلاتلارنىڭ قولىغا توغرا، تۇلۇق يەتكۈزۈپ بېرەلىگەنلىكىگە سىموۋول قىلىنغان. *@-a{T}  
B   .ئىلىم-پەننى ئەۋلاتلارغا تۇلۇقى بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىشتەك مەسئۇلىيەت مەسلىسىگە سىموۋول قىلىنغان. m+LP5S  
C.مىللى مەدەنىيەت خاسلىقىغا،ۋە رىقابەت دەۋرىدىمۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتمىغانلىقىغا سىموۋول قىلىنغان. ro8c-[ V  
D.مىللى مەدەنىيەت بىلەن مىللى ئەنئەنىنىڭ رىقابەت دەۋرىدە بۇيۇن قىسىپ قېلىۋاتقانلىقىغا سىموۋول قىلىنغان. bPL.8hX   
7«بىز غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە كەلدۈق»دىگەن جۈملە ھەققىدىكى توغرا ھۆكۈم    (           ) $;Nw_S@   
A.بۇ جۈملە ئىچىدە سۆز ياسغۇچى قۇشۇمچە يوق،سۆز تۈرلگۈچى قۇشۇمچدىن تۆتى بار. iYR`|PJi  
B.سۆز ياسغۇچى قۇشۇمچدىن بىرى،سۆز تۈرلىگۈچى قۇشۇمچدىن بىرى بار. -NL=^O$G  
C. سۆز ياسغۇچى قۇشۇمچدىن ئۈچى،سۆز تۈرلگۈچى قۇشۇمچدىن بىرى بار. enB 2-)< K  
D. سۆز ياسغۇچى قۇشۇمچە يوق،سۆز تۈرلگۈچى قۇشۇمچدىن ئۈچى بار. } >z l  
8.«ياخشلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدا»دىگەن شېئىرغا مۇناسۋەتلىك بايانلاردىن توغرا جاۋاب:(            ) yM`QVO!;  
A.بۇ شېئىر_ئەھمەد يەسسەۋنىڭ«دىۋانى ھۆكمەت»دېگەن توپلىمىدىن ئېلىنغان،شېئىر شەكلى –مۇرەببە. T{B\1|2w  
B   .يۈسۈپ خاس ھاجپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»ئەسىردىن ئېلىنغان،شېئىر شەكلى –مەسنەۋى 3zsjL=ta  
C.«مۇھەببەتنامە»دىگەن ئەسىردىن ئېلىنغان،ئاپتۇرى-ئاپرنىچۇر تېگىن،شېئىر شەكلى-غەزەل 7c>{og6  
D.«تۈركى تىللار دىۋانى»دىن ئېلىنغان.شېئىر شەكلى-مەسنەۋى )ipTm{  
9.«ئۇ يەردە جەڭ دۇمبقنىڭ ئاۋازنى ئاڭلىغان ئارغماقتەك چاپچىپ-كىشنەپ،كۈچ ئۇلاش كالتكنى تاپشۇرۋالىدىغان نۆۋەتچى تۇرۇپتۇ»دىگەن جۈمىلدە قوللىنىلغان ئىستىلىستىكلىق ۋاستە:(               ) CWx_9b zk  
A  .سېلشتۈرۈش         سۇپەتلەش                           B   . ئوخشتىش       سۈپەتلەش     جانلاندۈرۈش ELa:yIl0  
  C. مۇبالىغە،ئوخشتىش،جانلاندۈرۈش                 D.   تەسۋىر،سۈپەتلەش،سىموۋول _fmOTz G  
10.«يەسسەۋى،خاس ھاجىپ،كاشغەرىي،يۈكنەكى»دىگەن تەخەللۇسلارنى رېتى بۇيچە قويساق ماس كىلدىغان تۈر:(     ) =Dc9|WuHN  
A  .يۈسۈپ ،  ئەھمەد ،   مەھمۇد  ،  ئەھمەد      B.ئەھمەد،يۈسۈپ،مەھمۇد،ئەھمەد 1_RN*M +#  
C.مەھمۇد،يۈسۈپ،مەھمۈد                              D  .ئىبراھىم،ئابدۇقادىر،مۇھەممەد سادىق،ئەلشىر &:}}T=@M1  
Ⅱبوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ:(30نۇمۇر) F0 ^kUyF|  
1.«كۈچ ئۈلاپ يۈگرەش كالتكى»دىكى بوۋاي___،«مەن»نىڭ ئوغلى____نىڭ سىموۋولى. :(Uz`k7   
2.«ئەردەملىگ كىشى ئەردنى بىرلە تۈز ئول،ئەردەمسىز كىشى ئەتۈك ئىچندەكى ئۇلياق بىرلە تۈز ئول»دىگەن بۇ مىسسرالار______دىگەن ئەسەردە ئۈچرايدۇ. بۇ ئەسەر______ ?I}0[+)V  
_____________دىگەن كىتاپتىن ئېلىنغان. v3Xt 
3.«قۇتادغۇبىلىك» __باپ__بېيت ___مىسسرا. OaCp3No  
4.«قۇشلار ئوزۇقلىرىنى چىشلىشىپ ئوۋىلىرغا قايتىدۇ،مەنمۇ ئىلىم-ساۋاق ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم»بۇ پارچە___دىگەن ئەسەرنىڭ___دىگەن  بۆلىكىدە ئۈچرايدۇ.بۇ پارچىدا ___دىن ئىبارەت ئىستىلىستكلىق ۋاستە بار دىيشكە بۇلدۇ. ^/_1 y[j  
Ⅲتەھلىل قىلىڭ :  
1.«يۇغانچى،تەكەببۇر تېتىقسىز بولۇر،ئۇنى كىبىرسى كۈنمۇكۈن پەس قىلۇر»(6نۇمۇر) ~h@<14c{X  
تەلەپ:1)بۇ پارچە قايسى ئەسەردىن ئېلىنغان؟ hJasnY7  
ptvM>zw'~g  
2)نېمىشقا يۇغانچى،تەكەببۇر كىشنى ئۇنىڭ ئىللىتى كۈنمۇكۈن پەس قىلدۇ؟ ~vv\A5O[|  
;VI W/  
3)ئۇنداقتا قانداق ئادەم ئەزىزلەشكە ۋە ھۆرمەتلەشكە ئېرشدۇ؟ ZW>?y$C+  
~ @Au<   
2.«بىز ھەمىشە بۇ دۇنيا ۋە كىشىلەر رەزىللىشىپ كېتىۋاتىدۇ،دەپ قاقشغان ۋاقىتتا،ئۆزىمىزنىڭمۇ بۇ رەزىلىكلەرگە قانچىلىك ‹تۆھپە› قوشىۋاتقانلىقىمىزنى ئويلاپ قۇيايلى.»( 5نۇمۇر) .X(*mmH  
تەلەپ: xulwn{R s  
پارچىدىكى ھەر بىر سۆزلەرنى مورفېمىغا ئاجرىتىڭ.(قانچە مورفېمىدىن تۈزۈلگەن،باش مورفېما قايسى،ئەگەشمە مورفىمىلار قايسى) {nl 4(2$  
L?~- 
Ⅳجاۋاب بىرىڭ:(9نۇمۇر) Tx!c }  
1.«ئۇزۇمچىل قىلىق »قانداق قىلقنى كۆرستىدۇ؟بۇ قىلىقنىڭ كىشگە ئېلىپ كەلگەن بالايى ئاپىتى نېمە؟ FMBzTD  
Gkq 
M.QXwIT  
c7$U0JO  
2.«كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالىتىكى»دىگەن ئەسەردە «مەن »ھىس قىلغان بۇرچ تۇيغۇسى نېمنى كۆرستىدۇ؟ &:ib>EB03=  
Q?\rwnW?U  
5 LZ+~!2+  
3.سۆزلەر تۈزۈلىشىگە قاراپ قانچە تۈرگە بۈلىنىدۇ؟ھەر بىر تۈرىگە 4تىن مىسال كەلتۈرۈڭ h0)Wy>B=,  
B{0m0-l  
HBc^[fJ^-  
Wi?37EHr  
,Uh7Q-vd  
يېزىقچىلىق سۇئالى(20نۇمۇر) tE: m& ;I  
« كونىلاردا «ئۈمۈد ئادەمنى ياشنىتىدۇ،غەم قاقشىتىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. لۈشۈن ئەپەندىمۇ «ئۈمۈتسىز شەيتان» دېگەن .سەن ئۈمۈتسىز بولساڭ ھايات سەپىرىڭد نۇرغۇنلىغان كۈلپەت –مۇشەققەتلەرگە يۇلۇققاندا بەرداشلىق بېرەلمەيسەن.ئىشەنچىڭ ئاجىزلاپ ھەتتا يوقاپ كېتىدۇ......ئارزۇ ئىشقىدا ئۇلۇغۋار ئىشەنىچ بىلەن گۈپۈلدەپ سۇقۇپ تۇرغان يۈرىكىڭ سىنى تىلسىم-مۈشكۈلاتلارنىڭ قاراڭغۇ چاڭگىلىدىن يىتىلەپ ئېلىپ چىقىپ كۆزلىگەن مەنزىلگە يەتكۈزىدۇ.....»      تەلەپ: يۇقارقى ماتىرىيالنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن« ئۈمۈد ۋە ئارزۇ» دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ؛

erpan0992 2012-03-12 22:01
  بۇدەرىسنىڭ پ پ  ت     سىنى  مەن   چۈشۈرەلمەيدىكەنمەن،نومۇرۇم  يەتمەيدىكەن ،،،ئاۋارە  بولماي  ماڭا  ئەۋەتىپ بەرسىڭىز [Yzh(a8  
چچ:314347393

tunyukuk 2012-03-12 22:24
引用第6楼erpan0992于2012-03-12 22:01发表的 :   بۇدەرىسنىڭ پ پ  ت     سىنى  مەن   چۈشۈرەلمەيدىكەنمەن،نومۇرۇم  يەتمەيدىكەن ،،،ئاۋارە  بولماي  ماڭا  ئەۋەتىپ بەرسىڭىز چچ:314347393
`iYiAc  
&~ of]A  
o$]wd*+  
بۇ دەرسنىڭ  پ پ ت سىنى تېخى مەنمۇ يولۇقتۇرمىدىم.


查看完整版本: [-- «بىر فىزىكنىڭ تەربىيىلىنىش جەريانى»(تېكىست) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled