查看完整版本: [-- بەزى ئىسىملارنىڭ مەنىلىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> بەزى ئىسىملارنىڭ مەنىلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۆتتاش 2012-01-24 19:51

بەزى ئىسىملارنىڭ مەنىلىرى

بەزى ئىسىملارنىڭ مەنىلىرى 7,MR*TO ,  
"&] -2(  
Pfhmo $  
1.خەنزىرە:چوشقا. "7 yD0T)2  
2.ئەلفىرە:چاشقان. xo)P?-  
3.مەنزىرە:چۈمۈلىنىڭ ئانىسى. 5G#n"}T  
4.نەدىمە:ھەسرەت چەككۈچى. Sdo-nt  
5.سۇدىيە:قارا-ماتاق. #_1`)VS  
6.راھىلە:يۈك ئارتىلغان تۆگە. NbobliC=  
7.ئاسىيە:يۈز ئۆرۈگۈچى. +vH4MwG$.&  
8.ئەنزىرە:ئاگاھلاندۇرۇلغۇچى. c$,P ~W s'  
9.فىلورە:ئاياق ئاستى. sB 
10.مەجنۇن:ساراڭ....قاتارلىقلار. KXy6Eno  
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ تەخمىنەن 50پىرسەنتى ئەرەبچە سۆزلەردىن كەلگەن بولغاچقا،كۆپىنچىمىز مەنىسىنى سۈرۈشتە قىلماستىن قۇلاققا ئالاھىدە پاساھەتلىك ئاڭلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپلا ھەر خىل ئىسىملارنى قويىۋېرىمىز.بۇ بىر تەرەپتىن بىلىمسىزلىكتىن بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئابروي قوغلىشىپ خەق قويۇپ باقمىغان يېڭى-يېڭى ئىسىملارنى ئاختۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولۇپ شاكىلىغا ئېسىلىۋېلىپ مېغىزىدىن يىراقلاشقانلىقتۇر،بۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا. #R"*c hLV  
يۇقارىقى ئىسىملارنىڭ ھەممىسىنى خاتا دەپ ئىنكار قىلىۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ.بۇلاردىن ئالاھىدە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشتە مۇسۇلمانلار قويسا بولىدىغان ئىسىملارمۇ بار.مەسىلەن:ئاسىيەنىڭ مەنىسى گەرچە يۈز ئۆرۈگۈچى بولغان بىلەن بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئايرىم بىر تارىخى ۋەقەلىك بار.يەنى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بولغان فىرئەۋىننىڭ ئايالى_ئاسىيە ئانىمىز فىرئەۋىندىن يۈز ئۆرۈپ مۇسا ئەلەيھىسسالام تەرەپتە تۇرۇپ ھەقىقەتنى ياقىلىغان(شۇ سەۋەبتىن ئاسىيە دەپ ئاتالغان).يەنە بىر ئىسىم راھىلە بولسا_يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى شۇنداقلا ياقۇب پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆيۈملۈك ئايالىدۇر.ئەينى زاماندا قۇملۇقتا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغان ئەرەب_ئىبرايلارغا ئوخشاش قەۋملەر تۆگىنى بەخت_بەرەكەتنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ ،تۆگە بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈرلەنگەن ئىسىملارنى پەرزەنتلىرىگە كۆپرەك قوياتتى .شۇڭا بۇ خىل ئىسىمنىمۇ يامان دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.بىراق ;خەنزىرە،ئەلفىرە،ئەنزىرە،فىلورە،مەجنۇن...;قاتارلىق مەنىسى خۇنۇك،سەت ئىسىملارنى قەتئىي قويماسلىق،ئەگەر بىلمەستىن قويۇپ بولغان بولسا ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ ئېغىر كۆرمەي ئۆزگەرتىۋېتىش كېرەك،چۈنكى قىيامەتتە ئاتا_ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتلىرىگە قويغان ئىسىم سەۋەبلىك ھىساب بېرىشكە دۇچار بولىدۇ. = &]L00u.  
خۇللەس كالام پەرزەنتكە ئسىمنى ئۆز ھېسسياتىمىزغا ئاساسلىنىپ،يېنىكلىك بىلەن قويماستىن ياخشى ئويلاپ ،بىلىملىك ئۆلىمالاردىن كۆپرەك مەسلىھەت سوراپ،ئەستايىدىللىق بىلەن مەنىلىك،گۈزەل ئىسىملارنى تاللاپ قويغىنىمىز ياخشىدۇر.
A<{{iBEI`  
\Z/@C lCm  
مەنبە:ئەلكۈي تورى

istami 2012-01-24 23:25
ئىسىم ئەسلى ئادەم بىلەن ئادەمنى پەرقلەندۇردىغان،مەنىسى چىرايلىق ئاتتۇر.ئات قويۇشنڭ رەسىم-قائىدىلىرى خەلقىمىز ئارسىدا خېلى موكەممەل ساقلانغان.بىر ئسىم بىر ئادەمنىڭ،بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئىسمى شۇ مىللەتنىڭ ئالاھىدە بەلگىسىدۇر.شۇنداقلا مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر.شۇڭا پەرزەنتلەرگە ئسىم قويۇشتا ھەرگىز يەڭگىلتەكلىك قىلىشقا بولمايدۇ.بۇ جەھەتتىن ئالغاندا يۇقارقى يوللانمىنىڭ خېلى قىممىتى بار.يوللىغۇچىغا رەھمەت!

ئۇيغۇرجان 2012-01-25 02:25
ئادەم ئىسىملىرىنىڭ ئاقىغا لەقىمىنى قويۇپ چاقىرىشچۇ تىخى .تىخىمۇ ئۆزگىچە ھە!!!!!!!!!!!!!!!!     

alimnisa 2012-01-25 16:16
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى يوللانما بۇلۇپتۇ.دىمىسىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر مودا ئىسىم دەپ بەك غەيرىلىشىپ مەنىسىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بۇلۇپ كەتتى.

tunyukuk 2012-01-25 18:01
ناھايىتى ياخشى، ئالاھىدە تەۋسىيەلىك تېمىنى يوللاپسىز.  ئەجرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنگەي.

latapatlik 2012-01-25 21:54
ئىسلام دىندىمۇ پەرزەنت تۇغۇلغاندىن كىيىن مەنىسى بار ياخشى ئىسىمنى تاللاپ قويۇش ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ قارىلىدىكەن..        بۇيوللانمڭىڭنىز دەۋرىمىزدىكى مودا قوغلىشىپ ئىسىم قويغۇچىلارغا يېڭى بىلىم بولۇپ قالغۇسى.  رھمەت سىزگە!!!

tawpek 2012-01-26 11:57
ئىسىملىرىمىزمۇ غەرىپلىشىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟ 9 ea\vZ  
PO 7Lf#9]  
مەن ساپ ئۇيغۇرتىلىدىكى سۆزلەرنى ئىسىم قىلىپ تاللاش  تەرەپدارىدا.

ozqan 2012-01-27 12:19
ياخشى تېما يوللاپسىز ،  بالىلارنىڭ ئىسمىنى ئوبدان تاللاپ قويۇش  ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇرچى ، بۇنى بالا ئۆزى بەلگىلىۋالالمايدۇ. مەنىسىنى بىلمەي تۇرۇپ قويغان  ئىسىملار  يۇقىرقىدەك كىشىنى بىئارام قىلىدىغان مەنىلەردە بولۇپ قالسا ئاتا-ئانىمۇ ، بالىمۇ ناخۇش بولۇپ قالىدۇ .

kaqur 2013-07-30 18:28
ئىسىم مەنىلىرى ھەققىدىكى مۇشۇ تېمىلار تازا مودا بولۇپ كەتكەن چاغلاردا دەسلەپ مەنمۇ ھەيران قالدىم ۋە ئەتراپىمدىكىلەرگە مۇشۇ خىلدىكى ئىسىملەرنى قويماسلىق ھەققىدە تەربىيەلەرنى قىلدىم، كېيىن كاللامنى بىر ئاز ئىشلىتىپ باقايچۇ مەنمۇ، دېگەن مەقسەتتە لۇغەت ۋە ماتېرىياللاردىن خېلى كۆپ ئىزدەندىم، اللاھ تىرىشقانلارنىڭ ئەجرىنى بېرىدىكەن، شۇنىڭلىق بىلەن ئاز بولمىغان نەتىجىگە ئېرىشتىم. }\:Nu Tf  
aAMVsE{  
نەدىمە (ئەرەبچە) - 1. پۇشايمان قىلغۇچى، نادامەت چەككۈچى؛ 2. دوست، ھەمراھ M={V|H0  
سۇدىيە (ئەرەبچە) - قارا رەڭلىك، قارىمۇتۇق (بۇ يەردە قارا رەڭ ئۇلۇغلانغان)  %)I{%~u0  
راھىلە (ئەرەبچە) - يۈك ئارتىلغان تۆگە (تېمىدا دېيىلگەندەك، يۈسۈپ پەيغەمبىرنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى) '*w00  
ئاسىيە (ئەرەبچە) - 1. چىقىشقاق؛ 2. دورا، داۋا

پاراسەت 2014-01-02 17:37
kaqur:ئىسىم مەنىلىرى ھەققىدىكى مۇشۇ تېمىلار تازا مودا بولۇپ كەتكەن چاغلاردا دەسلەپ مەنمۇ ھەيران قالدىم ۋە ئەتراپىمدىكىلەرگە مۇشۇ خىلدىكى ئىسىملە .. (2013-07-30 18:28) 
^:* 1d \  
مەنمۇ سىلەرگە  تۆۋەندىكى ئىسىملارنى تەۋسىيە قىلاي:  ئايسۇ،ئايبېكە،ئايدىن،ئايقىن،ئايسىما،ئايتەن،نۇرتەن،نۇربەر،نۇرتاپ،گۈلتەن،كامالەت،پاراسەت،نۇرتارات،نۇرسۆي،


查看完整版本: [-- بەزى ئىسىملارنىڭ مەنىلىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled