查看完整版本: [-- «قۇشلار نېمىشقا ئۇچالايدۇ؟» (دەرس تېكىستى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> «قۇشلار نېمىشقا ئۇچالايدۇ؟» (دەرس تېكىستى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-01-23 22:48

«قۇشلار نېمىشقا ئۇچالايدۇ؟» (دەرس تېكىستى)

nYvkeT  
  
قۇشلار نېمىشقا ئۇچالايدۇ؟
X%B$*y5   
ئابباس بۇرھان①
FlrYXau  
+Oo-8f*  
ئېگىز ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇۋاتقان بۈركۈتنى، يەر بېغىرلاپ غۇيۇلداپ ئۇچۇپ يۈرگەن قارلىغاچلارنى، دېڭىزغا ئوقتەك شۇڭغۇپ بېلىق تۇتۇپ يۈرگەن بېلىقئالغۇچنى كۆرگەن چېغىڭىزدا، ئۇلارنىڭ ئۇچۇشتىكى شۇنچە ئەركىن، شۇنچە تېز ۋە چاققان ماھارىتىگە زوقلانماي تۇرالمايسىز. بەزى قۇشلارنىڭ ھەتتا نەچچە مىڭ كىلومېتىر ئېگىزلىكتە قىتئەدىن - قىتئەگە توختىماستىن ئۇچۇپ بارالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭىزدا بەلكىم تېخىمۇ ئەجەبلىنىشىڭىز تۇرغان گەپ. jzWgyI1b  
قۇشلار نېمىشقا ئۇچالايدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇچۇش ماھارىتى نېمىشقا شۇنچىۋالا يۇقىرى بولىدۇ؟ qa8?bNd'f  
قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا ئىنسانلار قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىغا بەكمۇ قىزىقىپ كەلگەنىدى. كىشىلەر قۇشلارغا ئوخشاش كۆكتە پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇشنى، يىراق جايلارغا بېرىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىشاتتى. «ئۇچار گىلەم»، «ياغاچ ئات» قا ئوخشاش ھېكايىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇشقا بولغان شېرىن ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. كېيىنچە، نۇرغۇن ئالىملار، كەشپىياتچىلار قۇشلارنىڭ ئۇچۇش ھالىتىنى كۆزىتىپ، تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مەخسۇس «قانات» لارنى ياساپ قۇشلارغا ئوخشاش كۆكتە قانات قېقىپ «ئۇچۇش» سىناقلىرىنى ئېلىپ بېرىشقان بولسىمۇ، كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنىدى. پەقەت، يېقىنقى دەۋرلەرگە كەلگەندىن كېيىن، پەن - تېخنىكىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدىلا كىشىلەر ئاندىن «ئۇچۇش» ئارزۇسىغا يەتتى. بىراق، بۇ خىل «ئۇچۇش» ئايروپىلان ۋە باشقا ۋاسىتىلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بولۇپ، قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىغا ئوخشىمايدۇ. nhZ/^`Y<  
قۇشلارنىڭ ئۇچۇش ئىقتىدارى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا ئۇچالايدىغان ھايۋانات (مەسىلەن، ئۇچالايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان − شەپەرەڭ ھەم ھەر خىل ھاشارەتلەر) دىن ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار ھەقىقەتەن ئۇچۇشقا بەكمۇ ماھىر ۋە چىداملىق كېلىدۇ. «قۇشلار نېمىشقا ئۇچالايدۇ؟» دەپ سورالسا، دەرھال: «قانىتى بولغاچقا ئۇچالايدۇ» دەپ جاۋاب بېرىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، قۇشلارنىڭ ئۇچۇش ئالاھىدىلىكىنى تىلغا ئالغاندا، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلاردىكى پەيلەرنىڭ تۆھپىسىنى سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە قۇشلارنىڭ تۇمشۇقى بىلەن پۇتلىرىنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىدىن باشقا، پۈتۈن بەدىنىنى پەيلەر قاپلىغان بولىدۇ. پەيلەر يېپىنچا پەي ۋە مامۇق پەي (يۇمشاق پەيلەر) دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. يېپىنچا پەيلەردە پەي ئوقى بىلەن پەي شاخلىرى بولىدۇ. بۇلار رەتلىك تىزىلىپ يەلپۈگۈچسىمان پەيلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ. o,0 Z^"|  
قۇشلارنىڭ قانات، قۇيرۇقى ئاساسەن يەلپۈگۈچسىمان پەيلەردىن ئىبارەت. يېپىنچا پەيلەرنىڭ ئارىسىدا مامۇق پەيلەر بولۇپ، قۇشلارنىڭ بەدىنىنى تەكشى ھالدا قاپلاپ تۇرىدۇ. مامۇق پەيلەرنىڭ ئاستىدا ئۇششاق ئىنچىكە تۈكچىلەر بولۇپ، تۈكچىلەرنىڭ ئۇچى ئىلمەك بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار بىر - بىرىگە مەھكەم تۇتاشقان ھالەتتە بولۇپ، قۇشلار ئۇچقاندا شامالنىڭ تەسىرىدىن بەدىنى ئېچىلپ قالمايدۇ. ئۇششاق تۈكچىلەرنى ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرۈش مۇمكىن. ئەمما تۈكچىلەرنىڭ ئۇچىدىكى ئىلمەكنى پەقەت چوڭايتقۇچى ئەينەك بىلەن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. قۇشلارنىڭ پېيى مۈڭگۈزسىمان ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئېلاستىكلىقى يۇقىرى بولىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئارقىغا قاراپ ياتقان بولۇپ قۇشلارنىڭ بەدىنىگە چىڭ يېپىشىپ تۇرىدۇ ۋە بەكمۇ سىلىق بولىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر قۇشلار ئۇچقاندا، ھاۋانىڭ قارشىلىقىنى يېڭىشكە ياردەم بېرىدۇ. `@u9 fx.  
قۇشلارنىڭ ئۇچالىشىدىكى ئىككىنچى بىر ئامىل، ئۇنىڭدا قانات ۋە قۇيرۇقنىڭ بولغانلىقىدۇر. قۇيرۇقنىڭ رولى ئاساسەن، قۇشلارنىڭ ئۇچۇش يۆنىلىشىنى توغرىلاپ بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، قۇشلار ئۇچقاندا ئۇ بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر تۆۋەن چۈشۈپ تۇرىدۇ. قانات − قۇشلارنىڭ مۇھىم ئۇچۇش ئەزاسى بولۇپ، قۇشلار ئۇچقاندا خۇددى قېيىقچىنىڭ ئىككى پالىقىدەك يۇقىرى - تۆۋەن ھەرىكەتلىنىدۇ. قۇشلارنىڭ قانىتىنىڭ ئۈستى تەرىپى يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئاستى تەرىپى بولسا، ئىچىگە ئولتۇرۇشقان شەكىلدە بولىدۇ. قۇشلار ئۇچقان چاغدا قاناتنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن ئۆتكەن ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى قاناتنىڭ ئاستى تەرىپىدىن ئوتكەن ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقتىن، بېسىم پەرقى شەكىللىنىدۇ - دە، كۆتۈرۈلۈش كۈچى ھاسىل بولىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۆتۈرۈلۈش كۈچى قۇشنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدىن چوڭ بولغاندا، قۇش يۇقىرى كۆتۈرۈلەلەيدۇ؛ كۆتۈرۈلۈش كۈچى بەدەن ئېغىرلىقىدىن كىچىك بولغاندا، قۇش ئاستا - ئاستا پەسلەيدۇ. قۇشلار قانىتىنى يۇقىرى - تۆۋەن ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق كۆتۈرۈلۈش كۈچىنى ئاشۇرالايدۇ. ئەگەردە كۆتۈرۈلۈش كۈچى قۇشنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن تەڭ بولسا، قۇش قانىتىنى ھەرىكەتلەندۈرمەستىن تەكشى يۆنىلىش بويىچە لەيلەپ ئۇچالايدۇ. قۇشلارنىڭ ئۇچۇش شەكلى ئادەتتە قانات قېقىپ ئۇچۇش، شۇڭغۇپ ئۇچۇش، لەيلەپ ئۇچۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكىلدە بولىدۇ. كەپتەر قاتارلىق ئادەتتىكى قۇشلارنىڭ ئۇچۇشى قانات قېقىپ ئۇچۇش بولۇپ، بۇنداق ئۇچۇش شەكلى بىلەن قۇشلار ئەڭ ئاز ئېنېرگىيە سەرپ قىلىپ ئەڭ يۇقىرى تېزلىككە ئىگە بولالايدۇ. شۇڭغۇپ ئۇچۇش شەكلى قۇشلارنىڭ ئاددىي ۋە ئىپتىدائىي ئۇچۇش شەكلىدىن ئىبارەت. بۇنداق ئۇچقاندا قۇشلار ئاساسەن قانىتىنى ئىككى بىقىنىغا چاپلاپ، ئالغا قاراپ شۇڭغۇپ ئۇچىدۇ ياكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە شۇڭغۇيدۇ. تۇرۇپ - تۇرۇپ قانىتىنى قېقىپمۇ قويىدۇ. ھەر خىل سۇ قۇشلىرى، قارلىغاچ قاتارلىقلارنىڭ ئۇچۇشى مۇشۇ خىل ئۇچۇش شەكلىگە كىرىدۇ. لەيلەپ ئۇچۇش، قۇشلارنىڭ ئالاھىدە بىر خىل ئۇچۇش شەكلىدىن ئىبارەت. بۈركۈت، لاچىن قاتارلىقلارنىڭ ئۇچۇشى مۇشۇ شەكىلدىكى ئۇچۇشتىن ئىبارەت. لەيلەپ ئۇچقاندا، قۇشلار قانىتىنى قاقمايدۇ ياكى يىغىۋالمايدۇ. بەلكى ئۇزاق ۋاقىتقىچە بوشلۇقتا قانىتىنى يېيىپ ئۇچۇپ يۈرىدۇ. قۇشلار لەيلەپ ئۇچقاندا، ئاساسەن يۇقىرى ئۆرلىگەن ھاۋا ئېقىمىنىڭ رولىغا تايىنىدۇ. x~D8XN{  
قۇرۇقلۇقتا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھاۋا ئېقىمى تۇراقلىق بولۇپ، بۈركۈت قاتارلىق قانىتى كۈچلۈك ۋە كەڭ بولغان قۇشلارنىڭ پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. دېڭىز ئۈستىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھاۋا ئېقىمى تۇراقسىز بولۇپ، قانىتى بىرقەدەر ئۇزۇن ۋە تارراق كەلگەن قۇشلارنىڭ پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. دېڭىز بويلىرىدا ياشايدىغان ئالباتروس دەپ ئاتىلىدىغان چوڭراق بىر خىل يىرتقۇچ قۇش بولۇپ، ئۇ بۇنداق ھاۋا ئېقىمى شارائىتىدا نەچچە سائەتلەپ پەرۋاز قىلىپ ئۇچالايدۇ. قارلىغاچنىڭ گەۋدىسى ۋە قانىتى بىرقەدەر كىچىك بولۇپ، شامالغا قارشى ئۇچالىسىمۇ، ئەمما شامال ئاز شارائىتتا پەرۋاز قىلىپ ئۇچالمايدۇ. R 4DfqX  
قۇشلارنىڭ پۈتكۈل بەدەن تۈزۈلۈش شەكلىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئۇچۇپ ياشاشتىن ئىبارەت تۇرمۇش ئادىتىگە لايىقلاشقان نۇرغۇنلىغان فىزىئولوگىيىلىك، ئاناتومىيىلىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. قۇشلارنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى موكىسىمان (ئۇرچۇق) شەكلىدە بولغانلىقتىن، ئۇچقاندا ھاۋانىڭ قارشىلىقىنى كېمەيتىشكە پايدىلىق بولىدۇ. قۇشلارنىڭ سۆڭەك تۈزۈلۈشىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، كۆكرەك قىسمى ئۈچ قىرلىق تۆش سۆڭىكىدىن ئىبارەت، ئۇ ھاۋانى ئىككى تەرەپكە ئايرىش رولىنى ئوينايدۇ، ئاساسلىق سۆڭەكلىرىنىڭ ئىچى كاۋاك بولغانلىقتىن، قۇشلارنىڭ ئومۇمىي بەدەن ئېغىرلىقى يەڭگىل كېلىدۇ. بۇمۇ قۇشلارنىڭ يۇقىرى بوشلۇقتا ئۇزاققىچە ئۇچۇپ يۈرۈشىگە پايدىلىق ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. Z;0 
قۇشلار يۇقىرى بوشلۇقتا تېز سۈرئەتتە ئۇچۇپ ياشايدىغانلىقتىن، كۆپ مىقداردا ھاۋاغا موھتاج بولىدۇ. شۇڭا، بۇنىڭغا ماسلاشقان ھالدا قۇشلارنىڭ ئۆپكىسى ھاۋا خالتىسى بىلەن تۇتاش بولۇپ، نەپەس ئېلىش سىستېمىسى ناھايىتى تەرەققىي تاپقان. ھاۋا خالتىسىنىڭ بولۇشى قۇشلاردىكى بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ، بۇنداق ھاۋا خالتىلىرى قۇشلارنىڭ ھەربىر ئورگانلىرى ئارىلىقىدا بولىدۇ. قۇشلار ئۇچقاندا، قانىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ھەرىكەتلىنىشى بىلەن ھاۋا خالتىسى كېڭىيىپ - تارىيىپ تۇرىدۇ. ھاۋا خالتىسى كېڭەيگەندە، سىرتتىكى ھاۋا ئۆپكىدىن ئۆتۈپ ھاۋا خالتىسىغا كىرىدۇ. ھاۋا خالتىسى تارايغاندا، بەدەن ئىچكى قىسىملىرىدىكى ھاۋا، خالتىدىن ئۆپكە ئارقىلىق سىرتقا چىقىدۇ. يۇقىرىقىدەك ھاۋانىڭ ئىككى قېتىم ئۆتۈشۈشى، ئۆپكىنى تولۇق نەپەس ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، نەپەس ئالغاندا ھاۋا خالتىسىغا كۆپلەپ سوغۇق ھاۋا كىرىدىغانلىقتىن، ئۇچقاندا بەدەندە پەيدا بولىدىغان ئارتۇقچە ئىسسىقلىق تېزلىكتە تارقىلىپ كېتەلەيدۇ. نەتىجىدە، قۇشلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى باشتىن - ئاخىر مۇقىملىقنى ساقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھاۋا خالتىسىنىڭ بولۇشى، قۇشلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى زور دەرىجىدە يەڭگىللىتىدۇ. مانا بۇ قۇشلار ئۇزاق مۇددەت توختىماي ئۇچقاندىمۇ چارچاپ قالمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. -0NkAQrg  
قۇشلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىمۇ تەرەققىي تاپقان. ئۈچەي يوللىرى ھەم چىقىرىش بوشلۇقى يوللىرى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى بەدەن ئىچىدە ساقلىماي قانچىلىكى بولسا، شۇنچلىكىنى دەرھال سىرتقا چىقىرىۋېتەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قۇشلارنىڭ تۇخۇملىرىنىڭ پىشىپ يېتىلىش مەزگىلى بىرلا ۋاقىتتا بولمىغانلىقتىن، تۇخۇم تۇغۇش ۋاقتىمۇ بىرلا ۋاقىت ئىچىدە بولمايدۇ، بۇلارمۇ قۇشلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى كېمەيتىشكە پايدىلىق، يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلىرىدىن باشقا، قۇشلارنىڭ تېرىسى نېپىز ھەم بوش بولغاچقا، مۇسكۇللىرىنىڭ جىددىي ھەرىكەتلىنىشىگە قۇلايلىق بولىدۇ. كۆكرەك مۇسكۇلى ناھايىتى تەرەققىي تاپقان بولۇپ، بۇمۇ ئۇچۇشقا پايدىلىق. قۇشلارنىڭ قان ئايلىنىش سىستېمىسىمۇ خېلىلا تەرەققىي تاپقان، قۇشلارنىڭ يۈرىكى چوڭ ھەم سوقۇشى تېز بولغانلىقتىن، قان ئايلىنىشىمۇ تېز بولىدۇ. بۇ قۇشلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۇچۇش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرەلەيدۇ. Nm%#rZrN~Q  
كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، قۇشلارنىڭ ئۇچۇش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. قۇشلارنىڭ كۆزىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەرقانداق جانلىقلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، سىناق قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۈركۈت 1000 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇۋاتقاندا، يەردىكى كىچىككىنە ئولجىنى كۆرەلەيدىكەن. قارچىغىمۇ ئاشۇنداق ئېگىزلىكتىن ئېتىزلاردا تىمىسقىلاپ يۈرگەن چاشقانلارنى پەرق ئېتەلەيدىكەن. 500 مېتىردىن يۇقىرى ئېگىزلىكتە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ھەر خىل كىچىك قۇشلار دەرەخ شاخلىرىدا ياكى يەردە ئۆمىلەپ يۈرگەن قۇرت - قوڭغۇزلارنى كۆرەلەيدىكەن. ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئوزۇق ئىزدەۋاتقان لاچىننىڭ كۆزى ئادەمنىڭ كۆزىدىن سەككىز ھەسسە ئۆتكۈر بولىدىكەن. M@*Y&(~  
^.~e  
ئىزاھات: t23W=U  
① ئابباس بۇرھان 1932 - يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ «ھاياتلىق سىرى»، «قۇشلار ئىنسانلارنىڭ دوستى»، «ئۆسۈملۈك ئاسراش ھەققىدە»، «مۇھىت ئاسراش ھەققىدە» قاتارلىق ئىجادىي ۋە تەرجىمە كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتى شىنجاڭ ئۇيغۇر، قازاق شۆبىسى 1983 - يىلى نەشر قىلغان «قۇشلار ئىنسانلارنىڭ دوستى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. ? 5OK4cR  
S5UQ   
مۇھاكىمە ۋە مەشىق:   6%wlz%Fp  
1. سىز قۇشلارنىڭ ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئۆز - ئۆزىڭىزگە: «قۇشلار نېمىشقا ئۇچالايدىغاندۇ» ياكى «قۇشلارنىڭ ئۇچۇش ماھارىتى نېمىشقا شۇنچىۋالا يۇقىرى بولىدىغاندۇ؟» دەپ سوئال قويۇپ باققانمۇ؟ تېكىستنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ، قۇشلارنىڭ ھەر خىل شەكىلدە ئۇچالىشىدىكى كونكرېت سەۋەبلەرنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېقىڭ. MvaX>n !o  
2. فىزىكا ۋە بىئولوگىيىگە دائىر چۈشەنچەڭلەرگە ئاساسەن تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلە ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭ. %8YUK/(|n  
1) قۇشلارنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسلىشىدىكى ئەھۋاللاردىن قانداق فىزىكىلىق قانۇنىيەتنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ؟ "\5 T  6  
2) نېمە ئۈچۈن بۈركۈت 1000 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇپ كېتىۋېتىپمۇ يەردىكى بىر پارچە گۆشنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ؟ `/B+  
3. قۇشلار ئۇچالايدۇ، بىراق قۇشلار ئىچىدە تۆگىقۇشى قانىتى تۇرۇپمۇ ئۇچالمايدۇ، سىز بىئولوگىيىگە دائىر بىلىمىڭىزگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئۇچالماسلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ. xjrL@LO#  
kcMg`pJ4<  
( مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەب  تىل- ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 3- كىتابتىن ئېلىندى.  2012-1-23   )  

tunyukuk 2012-01-23 23:01
[attachment=423]   

koksangun 2012-01-23 23:06
تۇنيۇقۇق مۇئەللىمنىڭ يېڭى سوۋغىسىغا مۇبارەك ، قوللىرىڭىزغا دەردلەر كەلمىسۇن ...

tunyukuk 2012-01-23 23:17
  بۇ دەرسنىڭ دېتالىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ. as!P`*@  
/bbs/read.php?tid=2341&fpage=6

ئۇيغۇرجان 2012-01-24 05:16
ھەقاچان بۇ دەرسنى ئۆتكەندە قىيلىنىپ قالمايدۇ.چۇنكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىردەك قۇشنىڭ قانىتى بولغاچقا ئۇچىدۇ دىيشىدۇ..............................ئۇنداقتا توخۇچۇ؟      دەرىسلىكتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز قارشىنى ئاساس قىلغان تۇزۇكمۇ نىمە؟

tawpek 2012-01-24 13:11
خۇددى تولوقسىزدىكى <<گۈل نىمىشقا قىزىل >>  دىگەندەك ئەسەركەن دىسە؟

tunyukuk 2012-01-25 17:00
[attachment=424]    

tawpek 2012-01-26 12:44
13. قۇشلار نېمىشقا ئۇچالايدۇ $9<P3J 1  
ئابباس بورھان .T7S1C $HP  
1. ئاپتورنىڭ ھاياتى ئىجادىي پائالىيتى @ {8x L  
ئابباس بورھان1932-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ «ھاياتلىق سىرى»، قۇشلار ئىنسانلارنىڭ دوستى» «ئۆسۈملۈكنى ئاسىراش ھەقىقىدە » ئىجاىي ۋە تەرجىمە كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشىرىياتى شىنجاڭ ئۇيغۇر، قازاق شۆبىسى 1983-يىلى نەشر قىلىنغان «قۇشلار ئىنسانلارنىڭ دوستى » ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. (k>I!Z/&2  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق: G+jcR; s  
1.قۇشلارنىڭ ئۈچ خىل ئۇچۇش شەكلى قايسىلار؟ U:o(%dk  
جاۋابى: قۇشلار قانات قېقىپ ئۇچۇش، لەيلەپ ئۇچۈش، پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇشتىن ئىبارەت . ^%r>f@h!L  
2. فىزىكا ۋە بىئولوگىيىگە دائىر چۈشەنىڭىزگە ئاساسەن تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلە ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭ. dW8M^A&  
1) قۇشلارنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسلىشدىكى ئەھۋاللادىن قانداق فىزىكىلىق قانۇنىيەتنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ؟ ?nya;Z-~Hc  
جاۋابى: كۈچلەرنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى، ئېقىش تېزلىكى بىلەن گاز بېسىمى ئوتتۇرۇسىدىكى مۇناسىۋەت قارشىلىق كۈچى بىلەن سۈركىلىش يۈزى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىق فىزىكىلىق بىلىملەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلسە بولىدۇ. t$W~X~//  
,,-g*[/3  
2. قۇشلار ئۇزاق مۇددەت توختىماي ئۇچقاندا چارچاپ قالمايدىغانلقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ قۇشلار ئۇچقاندا، كۈچلۈك ھەرىكەت قىلغاندا ئۇلاردىن تەر چىقمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ ma<+ !*|   
جاۋابى: قۇشلار ئۇچقاندا چارچىماسلىقىدىكى سەۋەبنى بەدەن ئېغرىلىقىنى زور دەرىجىدە يەڭگىلىتىدىغان ھاۋا خالتىسىنىڭ بولىشىدىن؛ تەر چىقامسلىقىنى نەپەس ئالغاندا ھاۋا خالتىسىغا كۆپلەپ سوغۇق ھاۋا كىرىدىغانلىقى، ئۇ چاغدا پەيدا بولىدىغان ئارتۇقچە ئىسسىقلىق تېزلىكتە تارقاپ كېتەلەيدىغانلىقى، نەتىجىدە قۇشلارنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسى باشتىن ئاخىر بىردەك مۇقىملىقنى ساقلايدىغانلىقى نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرلىدۇ. ARD&L$AX  
ئەسەردىكى سۆزلەرگە ئىزاھات؛ ) OAd[u<  
موكا – ئىككى ئۇچى ئىنچىكە ئوتتۇرسى تومراق بولغان تۇقۇش سايمىنى . ئورچۇق – ئىگىرىش فافرىكىسىنىڭ مۇھىم دىتالى ، ئۇ پىلتىدىن سۇزۇلغان تالانى ئىگىرىپ پىشىقلاپ بىرىدۇ xgi/,Nk '  
6]=R#d 7U  
=tJ}itcJ'  
سەمەن مۇئەللىمنىڭ تىمىسىدىن كىسىپ ئىلىندى.

tunyukuk 2012-01-26 13:31
  قۇشلارنىڭ ياشاش ئادەتلىرى Z/=x(I0  
قۇشلار ھەر خىل تەبىئىي شارائىتقا لايىقلىشىپ ياشاش داۋامىدا، ئۆزلىرىگە خاس ياشاش ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەندىن باشقا، ئۇلارنىڭ سىرتقى رەڭگى، تەن تۈزۈلۈش شەكلى قاتارلىقلارمۇ ئۇلارنىڭ ياشاش ئادىتى ۋە ياشاش مۇھىتىغا ماسلاشقان بولىدۇ، دالىلاردا ياشىغۇچى ھەر خىل قۇشلارنىڭ رەڭگى سارغۇچ ياكى توپا رەڭدە بولىدۇ. ئوتلاقلاردا ياشايدىغان قۇشلارنىڭ رەڭگى يېشىلغا مايىل، گۈل - چېچەكلەر ئارىسىدا ياشايدىغان قۇشلارنىڭ رەڭگى بولسا ئالا - چىپار بولىدۇ. پاتقاق، سازلىقلاردا سۇ كېچىپ ياشايدىغان قۇشلارنىڭ بوينى ئۇزۇن، تۇمشۇق ۋە پۇتلىرىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. سۇدا ياشايدىغان قۇشلارنىڭ تەن تۈزۈلۈشى قېيىق شەكلىدە بولۇپ، سۇ ئۈزۈشكە لايىقلاشقان. ئۇلارنىڭ پەي، تۈكلىرى يۇمشاق ۋە قويۇق بولۇپ، سۇ يۇقمايدۇ. 0w?\KHT  
تۇمشۇق − قۇشلارنىڭ سىرتقى مۇھىتقا لايىقلاشقانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىسى، قۇشلار ئۈچۈن كۆپ ئىقتىدارلىق قورال. قۇشلار تۇمشۇقىدىن پايدىلىنىپ ئوزۇقلۇق تۇتىدۇ، پەي - قاناتلىرىنى تۈزەيدۇ، ئۇۋا ياسايدۇ ۋە بالىلىرىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، دۈشمەنلىرىدىن قوغدىنىدۇ. OA#AiQUR  
قۇشلارنىڭ ئۇچۇش ئىقتىدارى تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا ئۇچالايدىغان ھايۋانلاردىن ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇچۇشقا ماھىر ۋە چىداملىق كېلىدۇ. <'H^}gQow  
قۇشلارنىڭ پېيى مۈڭگۈزسىمان ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئېلاستىكلىقى يۇقىرى بولىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئارقىغا قاراپ ياتقان بولۇپ، قۇشلارنىڭ بەدىنىگە چىڭ يېپىشىپ تۇرىدۇ ۋە بەكمۇ سىلىق بولىدۇ. بۇ، قۇشلار ئۇچقاندا ھاۋانىڭ قارشىلىقىنى يېڭىشكە ياردەم بېرىدۇ. Cs$wgm*  
قۇشلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئۆتكۈر بولغاچقا، ئېگىزدە ئۇچۇۋاتقاندا، يەردىكى كىچىككىنە بىر پارچە گۆشنىمۇ كۆرەلەيدۇ. بۇمۇ قۇشلارنىڭ ئوزۇق ئىزدەپ ياشىشىشىغا ياخشى ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.

tunyukuk 2012-01-26 13:32
قۇشلارنىڭ تۈك ئالماشتۇرۇشى wJA`e)>  
جىددىي كۆپىيىش باسقۇچىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىسىدا قۇشلارنىڭ پەي، تۈكلىرى تەدرىجىي كونىرايدۇ ياكى سۇنۇپ ئۈزۈلىدۇ. شۇڭا كۆپىنچە قۇشلار بالىلىرى ئۇچۇرما بولغاندىن كېيىن تۈك ئالماشتۇرۇشقا كىرىشىدۇ. O:'UsI1Y  
قۇشلارنىڭ تۈك، پەي ئالماشتۇرۇش جەريانى بەلگىلىك تەرتىپتە بولىدۇ. ئۇلار ئۇچۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويمايدۇ. بىراق بۇ چاغدا كۆپىنچە يوشۇرۇن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. قۇشلارنىڭ تۈك، پەي ئالماشتۇرۇش تەرتىپى ئادەتتە ئالدى بىلەن قۇيرۇق ۋە قانات پەيلىرىدىن باشلىنىپ، ئاخىر باش قىسمىنىڭ تۈكلىرى ئالماشتۇرۇلىدۇ. قۇشلارنىڭ تۈك، پەي ئالماشتۇرۇشى سول، ئوڭ قانات بويىچە بىرلا چاغدا ئېلىپ بېرىلىپ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ. تۇرنا، ئۆردەك، ئاق قۇ قاتارلىق بەزى قۇشلار پەيلىرىنى بىرلا چاغدا تاشلاپ ئۇچۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، توپ - توپ بولۇپ سازلىقلاردا يوشۇرۇنۇپ ياشايدۇ. كۆپىنچە قۇشلار ھەر يىلى كۆپەيگەندىن كېيىن بىر قېتىم تۈك، پەي ئالماشتۇرىدۇ. قارلىغاچ ۋە بەزى يىرتقۇچ قۇشلار قىشتا پەي، تۈك ئالماشتۇرىدۇ. بەزى قۇشلار كۈزدە تۈك، پەيلىرىنى تولۇق ئالماشتۇرغاندىن تاشقىرى كۆپىيىش مەزگىلى ئالدىدا بىر قېتىم قىسمەن ھالدا تۈك، پەيلىرىنى ئالماشتۇرىدۇ.

tunyukuk 2012-01-26 13:35
  قوغدىلىدىغان قۇشلار /MHqt=jP6  
دۆلىتىمىزدە بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇشلارغا ئالاھىدە كەم ئۇچرايدىغان ياكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇشلار كىرىدۇ. بۇ خىل قۇشلار پۆپۈكلۈك شۇڭغۇغۇچ، قىسقا قۇيرۇق ئالباتروس، سۇلا باسانا، ئالباتروس، فېرېگات، ئاق لەگلەك، قارا لەگلەك، قىزىل لەگلەك، قىزىل ئاياغ ئېس، قارا بوي، ئاق ئېس، جۇڭخۇا چېراگى، قىران قارا، ئاق قۇيرۇق سۇ بۈركۈتى، يولۋاس باش سۇ بۈركۈتى، سۇ لاچىنى، ئاق قىرغاۋۇل، قارا ئورمان توخۇسى، كۆك ئۈكە، ئاق بويۇن ئۇزۇن قۇيرۇق قىرغاۋۇل، قارا بويۇن ئۇزۇن قۇيرۇق قىرغاۋۇل، قارا ئۇزۇن قۇيرۇق قىرغاۋۇل، ئۇلار، بوز پۆپۈكلۈك قىرغاۋۇل، سېرىق قورساق پۆپۈكلۈك قىرغاۋۇل، قارا باش پۆپۈكلۈك قىرغاۋۇل، قىزىل بويۇن تۇرنا، قىزىل باش تۇرنا، ئاق تۇرنا، قوڭۇر بويۇن كەركىدان، تاجىلىق تاغىل كەركىدان، قوش پۆپۈكلۈك كەركىدان، ئاق پوكان كەركىدانلاردىن ئىبارەت. _%#Q \ D  
دۆلىتىمىزدە ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇشلارغا سانى ئاز، تارقىلىش دائىرىسى تار، يوقىلىش خەۋپى بار قۇشلار كىرىدۇ. بۇ خىل قۇشلار: قوشۇق بۇرۇن قوشماق ئۆردەك، ئاق تاڭلايلىق ياۋا غاز، قىزىل پوكانلىق قارا ياۋا غاز، ئاق قۇ، قارا قۇر، ئىنچىكە تۇمشۇق ئورمان توخۇسى، گۈل قۇيرۇق ئورمان توخۇسى، ئاق قورساق سېرىق قىرغاۋۇل، قىزىل قورساق سېرىق قىرغاۋۇل، كۆك ئورمان توخۇسى، قان رەڭ قىرغاۋۇل، ئاق قىرغاۋۇل، توز، توز قىرغاۋۇل، ئاق تاجىلىق ئۇزۇن قۇيرۇق قىرغاۋۇل، ئۇلاي، قىزىل پوكانلىق قىرغاۋۇل، قىزىل پۆپۈكلۈك قىرغاۋۇل، خېنىم تۇرنىسى، بوز تۇرنا، چوڭ دوغداق، كىچىك دوغداق، كىچىك قوشۇق بۇرۇن بېلىقچى، كىچىك كۆك پاچاق بېلىقچى، قوڭۇر باش چايكا، تۇتى قۇش ۋە بىر قىسىم يىرتقۇچ قۇشلاردىن ئىبارەت.

tunyukuk 2012-01-26 13:39
تېنى پەي بىلەن قاپلانغان، قاناتلىرى بار، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۇراقلىق، تۇخۇم تۇغىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار − قۇش دەپ ئاتىلىدۇ.

tawpek 2012-01-26 14:29
بىزنىڭ رايۇندا ئۇلا   دىگەن قۇشنى تۇتۇپ تۇتۇلۇپ قىلىپ سولىنىپ كىتىدىغانلار چىقىپ تۇرىدۇ، lC&U9=7W  
+@D [%l|  
ئۇنىڭ نامى بۇلار ئارىسىدا يوقكەنغۇ؟

tunyukuk 2012-01-27 12:02
[attachment=428]    

koksangun 2012-01-27 12:35
引用第12楼tawpek于2012-01-26 14:29发表的 : بىزنىڭ رايۇندا ئۇلا   دىگەن قۇشنى تۇتۇپ تۇتۇلۇپ قىلىپ سولىنىپ كىتىدىغانلار چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ نامى بۇلار ئارىسىدا يوقكەنغۇ؟
=.19 7)e  
    «دۆلىتىمىزدە بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇشلارغا ئالاھىدە كەم ئۇچرايدىغان ياكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇشلار كىرىدۇ. بۇ خىل قۇشلار پۆپۈكلۈك شۇڭغۇغۇچ، قىسقا قۇيرۇق ئالباتروس، سۇلا باسانا، ئالباتروس، فېرېگات، ئاق لەگلەك، قارا لەگلەك، قىزىل لەگلەك، قىزىل ئاياغ ئېس، قارا بوي، ئاق ئېس، جۇڭخۇا چېراگى، قىران قارا، ئاق قۇيرۇق سۇ بۈركۈتى، يولۋاس باش سۇ بۈركۈتى، سۇ لاچىنى، ئاق قىرغاۋۇل، قارا ئورمان توخۇسى، كۆك ئۈكە، ئاق بويۇن ئۇزۇن قۇيرۇق قىرغاۋۇل، قارا بويۇن ئۇزۇن قۇيرۇق قىرغاۋۇل، قارا ئۇزۇن قۇيرۇق قىرغاۋۇل، ئۇلار، بوز پۆپۈكلۈك قىرغاۋۇل، سېرىق قورساق پۆپۈكلۈك قىرغاۋۇل، قارا باش پۆپۈكلۈك قىرغاۋۇل، قىزىل بويۇن تۇرنا، قىزىل باش تۇرنا، ئاق تۇرنا، قوڭۇر بويۇن كەركىدان، تاجىلىق تاغىل كەركىدان، قوش پۆپۈكلۈك كەركىدان، ئاق پوكان كەركىدانلاردىن ئىبارەت.»

رەنا 2012-01-27 19:28
بۇ دەرىس بەك ياخشى تەييارلىنىپتۇ، ئەجىرىڭىزگە ھەشقاللا!

hayatlik 2012-01-29 13:27
قۇشلارنىڭ ئۇچۇش ئىقتىدارى تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا ئۇچالايدىغان ھايۋانلاردىن ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇچۇشقا ماھىر ۋە چىداملىق كېلىدۇ.

kolerkin 2012-02-09 16:37
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

tawpek 2012-02-09 16:51

tunyukuk 2012-02-17 21:47
قۇشلارنى قوغداش ۋە ئاسراش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى. (ئەلۋەتتە قەپەزگە سۇلاپ ئەمەس.)

tawpek 2012-02-17 21:52
ئوڭشاپ قويدۇم فىلىمنى، مۇنبەردە بۇ ھەقتە ساۋات سۆزلەنگەن تىما بار.

erpan0992 2012-03-12 22:21
تۇنيۇقۇق مۇئەللىمنىڭ يېڭى سوۋغىسىغا مۇبارەك ، قوللىرىڭىزغا دەردلەر كەلمىسۇن

tunyukuk 2012-03-30 21:56
بۇ دەرسنىڭ يەنە مۇنداق بىر دېتالىمۇ بار. كۆرۈپ بېقىڭ.  {oS/Xa  
  YhzDw8f  
 /bbs/read.php?tid=5510

erpan0992 2012-03-30 22:37
مەن   ئىزلەپلا يۇرەتتىم

ئاسىيە1 2013-07-23 17:04
رەھمەت~

ئايبىكە 2013-07-23 19:57
ئەجرىڭىزنىڭ ساۋابىنى بەرسۇن.

tiwix 2013-07-23 22:29
قوللىرىڭىزغا دەردلەر كەلمىسۇن ...

koksangun 2013-07-24 00:23
تۇنيۇقۇق مۇئەللىم يوق بولۇپ كەتتىغۇ بۇ مۇنبەردە ؟

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-24 12:57
قۇشلار ھەققىدە خېلى تولۇق چۈشەنچە ھاسىل قىلغىلى بولىدىكەن.

يۈسۈپجان001 2013-12-02 22:31
قوللىرىڭىزغا دەردلەر كەلمىسۇن

تەۋپىقنىسا 2014-04-30 15:38
koksangun:تۇنيۇقۇق مۇئەللىمنىڭ يېڭى سوۋغىسىغا مۇبارەك ، قوللىرىڭىزغا دەردلەر كەلمىسۇن ... (2012-01-23 23:06) 
gG(9 &}@(  
كۆپ ئەجىر قىپسىز،ھارمىغايسىز.


查看完整版本: [-- «قۇشلار نېمىشقا ئۇچالايدۇ؟» (دەرس تېكىستى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled