查看完整版本: [-- «ئانا تىلىم» (تىيىپجان ئېلىيېف شېئىرى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> «ئانا تىلىم» (تىيىپجان ئېلىيېف شېئىرى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-01-23 13:38

«ئانا تىلىم» (تىيىپجان ئېلىيېف شېئىرى)

r1atyK  
تولۇق ئوتتۇرا تىل- ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 1-كىتابتىكى ئەخمەت ئىمىننىڭ «ئانا تىلىم» ناملىق نەسىرىنى ئوقۇتقاندا دەرسلىك بايلىقى بولىدىغان مۇھىم ئەسەر:   O8o18m8UH  
تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ «ئانا تىلىم» ناملىق شېئىرى gMn)  
tH(#nx8  
ئانا تىلىم E5Jk+6EcMa  
مۇھەببەت بابىدا چەكسىز يېقىملىق، .X1niguXH  
جىلۋىدار تىلىم. 2Wtfx" .y  
نەپرەت بابىدا شۇنچە شىددەتلىك، bxq`E!]  
زۇلپىقار تىلىم. kq-RM#Dj:  
مىللىتىمىزنى، pE N`&'4  
خىسلىتىمىزنى،  P_g  
ئىززىتىمىزنى gEu\X |7'  
ساقلاپ كەلگەن تۆھپىكار تىلىم. }=FQKqtC  
K<tg+(3  
ئانا تىلىم، < n{9pZ5.  
سەن ئاچقان ئەقىل كۆزىمىزنىمۇ. DJ^JUVi  
سەن بىلەن چۈشەندۇق مۇشۇ دۇنيانى R?Qou!*]  
ھەم چۈشەندۇق، VK#zmEiB  
چۈشەندۈردۇق ئۆزىمىزنىمۇ. Jo0x/+?,+  
سەن بولغاچقا، >smaR^m  
ئۇزاق تارىخمۇ شۇنچىلىك يېقىن. \!3='~2:=o  
سەن بولغاچقا، AdNsY/Y(  
نەچچە مىڭ يىللىق ئابىدىلەردىن $B2@mC([S  
ياڭرايدۇ سادا T$e_ao|  
چاقنىغاندەك گوياكى چېقىن. :>k\uW  
سەن بولغاچقا، J98K:SAR  
ئالدىمدا ھازىر ھايات ئادەمدەك YAo g;QL  
شېئىر ئوقۇيدۇ ئاپرىنچۇر تېگىن y ~fy0P:T  
 e(^O8  
سېنىڭ بىلەن >Vvc55z  
ئالەمشۇمۇل سۆز قىلالىدى ;#due  
ئۇيغۇر بالىسى. *K;~V  
سەندە جەملەنگەن جەۋھەرلەر بىلەن >&R|t_ypw  
ئىلىم دۇنياسىنى ھەيرەتكە سالدى R~i<*  
«قەشقەرى» نىڭ ئۇلۇغ قامۇسى. Vk"QcW  
سېنىڭ جىلۋىدار نەقىشىڭ بىلەن = U5)m  
يارالدى نەزملىك ئىنسانىي دەستۇر − ]WG\+1x9  
بوۋام يۈسۈپنىڭ بەختنامىسى h5JXKR.1]c  
سېنىڭ «فۇسەھا»، «بۇلەغا» لىرىڭ 6=   
سېنى مىسرالارغا تىزىپ ياراتتى wv<"W@& 9  
ئۇيغۇرچە غەزەلنىڭ نەمۇنىسىنى. yVL~SH|  
سېنىڭ بىلەنمۇ Y9WH%  
نەۋائىي قېزىپ بەخش ئەتتى ئەلگە ;23F8M%wH  
ئېسىل مەنىلەرنىڭ خەزىنىسىنى ،  oDC3AK&  
نامايىش قىلدى يۈكسەك چوققىدا Q~9:}_@  
داستانچىلىق تەنتەنىسىنى. D526X0  
PtHT>  
سەن بولغاچقا n8?gZ` W  
تۇغدى زەلىلىنى يەكەن دىيارى.  
(ئۇنىڭ غەزىلىگە تالاي شائىرنىڭ 9+L! A  
مۇخەممەس باغلاشقا تۇتتى خۇمارى.) vs.q 
سەن بولغاچقا، $rdA0%;  
نۆۋبىتى شۇنداق گۈلدەستە تۈزدى، ^,?]]=mE  
خۇش بۇيى خوتەن ئىپارى. ?-(E$ll  
r`" ?K]rI  
سەن بولغاچقا، s|q B;  
ھىرقىتىنىڭ سولمىدى گۈلى، 50 CU|  
قالمىدى سايراشتىن توختاپ بۇلبۇلى، 5:O"T  
گۇم بولمىدى گۇمنام مۇنارى. B=9|g1e  
سەن بولغاچقا، C7PHZ`<  
ماڭدى ئۇلاپ داستان يولىنى TVKuvKH8U  
نازىم بىلال ھەمدە نىزارى. 4j/8Otn  
H]YPMG<  
سەن بولغاچقا، L7 qim.J  
مىللەت نامىنى ياڭراتقان «ئۇيغۇر»، :)bm+xWFF  
سايرامنىڭ پۇشتى ئەرمىيا YwEXTy>0  
مەرىپەتكە ئۈندەپ يۇرتىنى، jiz"`,-},O  
يېقىپ جاھالەتكە ئىسيان ئوتىنى، oT.g@kf=H  
ئاچتى شېئىرىيەتنىڭ يېڭى بېتىنى. %J7 ;b<}To  
سەن بولغاچقا، =p:D_b  
خانتەڭرىنىڭ بۇلبۇلى لۇتۇن Kp8!^os  
كۈيلىدى باھار ئەلچىسى بولۇپ jbGP`b1_  
ماركسىزم ھەقىقىتىنى ... Tw);`&Ulo  
%jim] ] 
ئەي بىباھا ئانا تىلىمىز، rx CSs  
سەندىن ئاڭلىدۇق 7xz|u\?_2  
دانالارنىڭ نەسىھىتىنى، &AG,]#  
ئەجدادلارنىڭ ۋەسىيىتىنى، 1Y_Cd  
سەن ئارقىلىق چۈشەندۈردۇق ئېنىق &+u) +<&;(  
تارىخنىڭ قانۇنىي بېشارىتىنى ,:yv T6)p  
ۋە ئىنقىلابقا دالالىتىنى. *2M M   
شۇڭا قوغلىدۇق زۇلمەتنى سۆكۈپ |12Cg>;j*n  
ۋە سەن بىلەن ئالقىشلار تۆكۈپ، h& |wqna  
قۇچتۇق ئازادلىق پاراغىتىنى. ucm 3'j  
/m,0H)w1  
ئانا تىلىم، p%304oP6  
ئۆمۈر كۆردۈڭ شۇنچە كۆپ يىل سەن، .K![<e Z  
بەردىڭ بىزگە نۇرغۇن ئەقىل سەن. KZ ezA4  
ئەزەلدىن بېرى 6T6 S9A*nT  
قەلبىمىزنىڭ ئەزىز ۋەكىلى ئىدىڭ، NN5V|# P}  
بىز مەۋجۇت ئىكەنمىز DQg:W |A  
يەنىلا شۇنداق ئەزىز ۋەكىل سەن، oRM EC7!A0  
مەۋجۇتلۇقىمىزغا ئەڭ چوڭ دەلىل سەن. ? WWnt^  
بىز بۈگۈن يېڭى مەنزىلگە ماڭدۇق، 7BCCQsz <  
سەنمۇ جەۋھەر ئېلىپ جىمى زۇۋاندىن، Gy[;yLnX  
بېيىپ، تېخىمۇ بولغىن ئېسىل سەن! 9vL`|`Vau  
/_rAy  
ئانا تىلىم، aKaqi}IT  
سۆيىمەن سېنى، .LafP}%  
سەن ئۆمرۈمنىڭ جېنى - زىننىتى. 'DF3|A],  
يايرايدۇ جېنىم، '9GHmtdO,  
ئاڭلىسام سېنى باي، ئۇز، پاك پېتى. %Zx/XMs}e  
قاقشايدۇ جېنىم /exV6D r  
يېپىشسا ساڭا مايمۇن ئىللىتى. k(\HAIW  
تېخىمۇ ھار كېلىدۇ ماڭا، FqsG#6|x  
تاپسا ئىناۋەت ئورىلىپ ساڭا ,{itnKJC  
كاززاپلارنىڭ ئىغۋا - تۆھمىتى، yqlkf$?  
بېشەملەرنىڭ ئازازۇللۇقى، 7H[ #  
ئالدامچىلارنىڭ ساختا ھىممىتى، =DE5 Wq19  
ئوغرىلارنىڭ ھارام ئوقىتى. ezwcOYMXK  
p(nC9NGB  
لېكىن بىز يەنە ئەمىن شۇنىڭغا: ,a$LT   
ئىنسانىيەت تاپار كامالەت. "5XD+qi  
دەيدىغىنىنى ھامان دەپ بولۇپ، bL *;N3#E  
ئۇجۇقىدۇ ئاخىر لەت بولۇپ plfz)x3  
ئەقىل ئالدىدا خۇنۈك جاھالەت، H W.S~eLw*  
پاكلىق ئالدىدا مەشئۇم قاباھەت. s.zH.q,  
ئەنە شۇ چاغدا sS5#Q  
قىلار تەنتەنە !n uXK  
ئىنسان تىلىدا راۋان لاتاپەت. Bu!Gy8\  
*WMcE$w/D  
ئانا تىلىم، V7rcnk#  
چىللايدۇ سېنى Zls4@/\Q  
تىل دۇنياسىنىڭ بەس - بەس مۇنبىرى. C?hw$^w7T  
يىلتىزىڭ چىڭ سېنىڭ، 0dIJgKanGP  
زېمىنىڭ مۇنبەت، d54>nycU~N  
مېۋەڭگە تېخىمۇ تولىدۇ شەربەت AFMAgf{bD  
قانچە پەرۋىش ئەيلىگەنسېرى، O^:Rm=,$  
ئۆسكەنسېرى ئەقىل - زوقىمىز، ;! CQFJ=  
ئۆچۈپ نادانلىقنىڭ غەلدە - غەشلىرى،  d(v )SS  
جىلۋىلىنىدۇ سەندە مۇكەممەل W*U\79H  
dnNc,l&g  
سەمىمىيەتنىڭ سۈزۈك ساداسى، "2=v?,'t  
پەن ئىپادىسى، &p4q# p7,  
سەنئەت تەسۋىرى ... [ 8v)\lu  
ئاھ، ئۇنداق بولمىسا، L"('gc!W  
نېمە دېگۈلۈك، vx-u+/\  
ياراتمىسا تارىخ مۇھەررىرى؟ o.k#|q  
بۇ بىز ئۈچۈن ئۆلۈم ئەمەسمۇ ~'T]B{.+J  
ۋە  «نەس باستىمۇ سېنى» دېمەسمۇ S!g&&RDx  
قەبرىدە تولغىنىپ مەھمۇد قەشقەرى ... M)3h 4yQ  
                                  1985 - يىل ئاپرېل 1S_ KX.  
&|9?B!,`  
ئىزاھات: /nC"'d(#  
«فۇسەھا» − (تىل ساھەسىدە) گۈزەل ئۇسلۇبقا ئىگە، «بۇلەغا» − توشۇق، كامالەتكە يەتكەن دېگەن مەنىدە. ئەلىشىر نەۋائىي ئۆز ۋاقتىدا سەككاكى ۋە لۇتفىلارنى «ئۇيغۇر ئىباراتىنىڭ فۇسەھاسى، تۈرك ئەلفازىنىڭ بۇلەغاسى» دەپ ئاتىغانىدى. &O!d!Pf  
بۇ يەردە نەۋائىنىڭ «خەزائىنۇلمەئانى» ناملىق دىۋانى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. (S(=WG  
شائىر زەلىلىنىڭ بىر قىسىم غەزەللىرىگە ئۆز دەۋرىدە بىرقانچە ئۇيغۇر، ئۆزبېك شائىرلىرى مۇخەممەس باغلىغان. iAXx`>}m  
sQt@B#;  
(مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا تىل- ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 1-كىتاب «ئوقۇتقۇچىلار پايدىلىش قوللانمىسى» دىن ئېلىندى. 2012-1-23  )  

tunyukuk 2012-01-23 13:46
ئەخمەت ئىمىن يازغان «ئانا تىلىم » ناملىق نەسىرنىڭ تېكىستىنى بۇ ئادرېستىن كۆرۈڭ. !9V_U  
/bbs/read.php?tid=2962&fpage=8

ئۇيغۇرجان 2012-01-24 05:18
مۇشۇنداق ياخشى تىمىلار بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت     

tawpek 2012-01-24 13:08
تور دۇنياسىدىكى يوق ماتىرىياللارنى تولوقلاۋاتقىنىڭىزدىن ھەربىر تورداش دىللىرى سۆيۆنمەي قالمايدۇ. RW4,j&)  
xf4CM,Z7 (  
5HC5   
مۇنبەر ئاستىكى دوسىتلۇق ئۇلىنىشى قىسمىدا ئىزدەش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان بىرنەچچە ئىزدەش تور بىكىتى قوشوپ قويولدى، بەزى ماتىرىياللارنى يوللاشتا ئالدى بىلەن ئىزدەپ بىقىپ يوق بولسا ئاندىن بىسىپ كىرگۈزسىڭىز ۋاقىت ۋە زىھنىڭىز تىجىلىپ قالامدىكىن دەيمەن.

blk 2012-01-25 19:21
«ئانا تىلىم »دەرسىنى ئۆتۇشتە ھەقىقەتەن ياردىمى زۆر بولغۇدەك ، رەھمەت سىزگە  

tunyukuk 2012-01-25 20:56
قاقشايدۇ جېنىم O31.\ZR2  
يېپىشسا ساڭا مايمۇن ئىللىتى. ~+CEek  
تېخىمۇ ھار كېلىدۇ ماڭا، 6\vaR#  
تاپسا ئىناۋەت ئورىلىپ ساڭا 0t2n7Y?N  
كاززاپلارنىڭ ئىغۋا - تۆھمىتى،  G|.6%-  
بېشەملەرنىڭ ئازازۇللۇقى، $nr=4'y Z  
ئالدامچىلارنىڭ ساختا ھىممىتى، <7_s'UAL!  
ئوغرىلارنىڭ ھارام ئوقىتى.

tawpek 2012-01-26 12:14
ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى _0"s6D$  
روھى باي گاداي باي گاداي ، روھى گاداي باي گاداي باي ! {JQCfs  
  }h1y^fuGi  
jx14/E+^  
ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار X8y :=k,E  
0( q:K6zI}  
ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇرنىڭ قېنى. ;e6L@)dp9  
قېنى نېمە؟ ھاياتلىقى، بارلىقى، جېنى. Pye/o  
V-dyeb  
مىنىڭ تىلىم مېنى تەۋەللۇت قىلغان، تەمتەم قەدەملىرىمدە مۇزىكا كۈيلىرىدەك زۇۋان ۋە ھېس-تۇيغۇ، ئىزگۈ ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلغان خاسىيەتلىك تىل. ئۇ ئانام روھىدەك پاك ۋە غۇبارسىز تىل. ئۇنىڭ مەنە كەڭلىكىدە خۇددى دېڭىزدىكى يەلكەندەك ئەركىن ئۈزگىنىمدە، ئۆزۈمنى گويا كۆكتىكى قىران بۈركۈتتەك چەبدەس ۋە غالىب ھېس قىلىمەن. ئۇنىڭ بىلەن نەپەسلىنىمەن، ئوزۇقلىنىمەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۈزۈمنى ۋە كەڭ دۇنيانى كۆرىمەن. خىيال يىپلىرىمنى كەشتە قىلىپ توقۇيمەن. چۈنكى ئۇ مىنىڭ سۆيۈملۈك تىلىم ۋە دىلىم. 1>L8EImx]V  
$bl 
مىنىڭ تىلىم مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ كاپالىتى ۋە ھىمايىچىسى. ئۇ خۇددى كەلكۈن سۈيىدە كۆڭۈل ئېتىزىمغا قۇيۇلۇپ، مېنى قاغجىراق جەزىرىدىن كۆكلەم بەزمىسىگە ئېلىپ كېلىدۇ. مىنىڭ ئەمەس قوۋم-قېرىنداشلىرىمنى ئۆزگىچە ئاھاڭى بىلەن بېزەيدۇ. گويا دۇنيا سەھنىسىدىكى مەشھۇر سەنئەتكارلاردەك خەلقى ئالەمگە تونۇتىدۇ. چۈنكى مىنىڭ تىلىم سەنئەتلىك، مۆجىزىلىك تىل. ئۇ بىر قارىسا تاغ سۇيدەك شوخ ۋە ئويناق تىل. بىر قارىسا تاغ لەيلىسىدەك گۈزەل ۋە سىپايە تىل. بىر دالا تورغىيىنىڭ ناۋاسىدەك يېقىملىق ۋە ساددا تىل. شۇڭىمۇ ئۇنىڭسىز بۇ جاھان ماڭا زۇلمەت تۈن. ئۇنىڭسىز مەن پاڭ. ئۇنۇڭسىز مەن توكۇر. ئۇنۇڭسىز مەن گاچا. ئۇنىڭسىز مەن بىر يېتىم. ئۇنۇڭسىز مەن… m= rMx]k  
`#4q7v~>oe  
مىنىڭ تىلىم مىنىڭ يىلتىزىم. ئۇنۇڭدا ئەجدادلىرىمنىڭ تەۋەررۈك روھى دۇنياسى يىللار پايانىدا ئاقار يۇلتۇزدەك يېيىلىپ، كۆكلەم جىلۋىسىنى كۆرسەتسە، رېئاللىقىمدا خۇددى بۇلبۇل كەبى يېقىملىق ناۋا ۋە ئاھاڭنى، چۈچۈك تىللىرى بىلەن قۇشلار دۇنياسىنىڭ نەزمىگاھىغا ھۆسن قوشۇپ، ئالەمچە شۆھرىتى ۋە ھېكمىتىنى نامايان قىلىدۇ. ئەۋلادلارغا تارىخنى، ئاتا-ئانىنى، ئىنساننى ۋە ھەممىنى تونۇتىدۇ. بىلمىگەننى بىلدۈرىدۇ، ئۆگىتىدۇ. ئۇلارغا تۈن قوينىدىكى نۇرلۇق ماياكتەك يول كۆرسىتىدۇ. قەلبلەردىن قەلبلەرگە يول ئېچىپ، رىشتىلەرگە مېھىر سۈيىدىن ئابى زەمزەم ئىچكۈزىدۇ.  
u Au'2M,_  
مىنىڭ تىلىم، شۇنداق بىر قۇدرەتلىك تىلكى، ئۇنۇڭدا ئوغۇز خاندىن تارتىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقىرى، ئەلىشىر نەۋائى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگىچە… ھەممە، ھەممە ئەقىل-ھىكمەت نۇرلىرىنى دۇنيا مەدەنىيىتىگە چاچقۇ قىلىدۇ. شۇ تىل بىلەن خسراۋ دېھلىۋى، شەيخ سەئىدى… لەر سېپىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شۇ تىل بىلەن تۈندەك دىللارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلسا، كۆڭلى قارىلارنىڭ زۇلمىتىگە تەۋپىق، ھىدايەت نۇرىنى سېپىدۇ. شۇ تىل بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنى، دىيانەتنى، ساداقەتنى ۋە ساپ ھېس-تۇيغۇنى كۈيلەيدۇ، ئۇلۇغلايدۇ، رەزىللىك، ئىپلاسلىق ۋە پاسىقلىقنىڭ گۆرىنى قازىدۇ. يىراقنى يېقىن، دۈشمەننى دوست قىلىدۇ. شۇ تىل بىلەن خەلقىم ئانا تۇپراق قوينىدا يىلتىز تارىتىپ، كۆككە بوي سوزغان كاتتا قامەتلىك دەرەختەك باراقسانلايدۇ، قۇياشقا يېقىنلىشىدۇ. چۈنكى بۇ مىنىڭ تىلىم، روھۇم ۋە دىلىم. B]I*ymc#  
M[P1hFuna  
ئۇيغۇر تىلى مەن دېمەك، مەن ئۇيغۇرنىڭ ۋارىسى، E Q]>^VE2B  
ئۇيغۇر تىلى روھ مۈلكۈم، قارىچۇقۇمنىڭ قارىسى. IV~5Y{(l  
`NfwW:  
مېنىڭ تىلىم بالىغا ئوخشاش تاتلىق تىل. ئۇنۇڭدا بوۋاي، مومايلارمۇ، ئوتتۇرا ياشلىقلارمۇ، بالىلارمۇ، دېھقان-چاۋىچىلار ۋە زىيالىيلارمۇ پىچىرلىشىدۇ. كۆڭۈللىرىدىكى مەقسەت-مۇدىئالىرىنى بىر-بىرىگە ئىزھار قىلىدۇ. ئاشىق-مەشۇقلار ئەڭ يوشۇرۇن، پىنھان ئىچكى سىرلىرىنى كۆڭۈل كۆلىگە تۆكەلەيدۇ. دەردمەنلەر تاغدەك دەرد-غېمىنى، ئىزگۈ تىلەكلىرىنى، مۇڭىنى ساتارنىڭ ئاۋازىدا تىڭشىيالايدۇ. مۇشۇ تىلىم يۇمشاق ۋە مېھرىبانلىق بىلەن، ھۈرپىيىشىپ تۇرغان رەقىبلەرنى پەسكويغا چۈشۈرەلەيدۇ. رەقىبلەرنىڭ قىلىچىنى قېنىغا سولىيالايدۇ. تاشتەك دىللارنىڭ باغرىنى ئېرىتىپ يۇم-يۇم يىغلىتالايدۇ. مۇزلاپ كەتكەن كۆڭۈللەرنى ھارارىتى بىلەن ئىللىتالايدۇ. يېقىشلىقى بىلەن دۇنيانى ئۆزىگە رام قىلالايدۇ. مانا بۇ مىنىڭ تىلىم. شۇڭىمۇ مەن ئانا تىلىم-ئۇيغۇر تىلى بىلەن پەخىرلىنىمەن، سۆيۈنىمەن. ئۇنى قۇياشتەك بۈيۈك ۋە يۈكسەك ئورۇندا كۆرىمەن. جىمى مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقات ئۆزىنىڭ سۈر-ھەيۋىسى، شان-شەرەپلىرى بىلەن ماختانسا، مەن ئانا تىلىم بىلەن ماختىنىمەن. ئۇنى دۇنيادىكى ھەر قانداق نەرسىگە تەڭ قىلمايمەن. ھەتتا بىر تاۋۇشىنىمۇ تۇتىيا بىلىپ كۆزۈمگە سۈرىمەن. Vi#[k n'  
A3|2;4t  
مىنىڭ تىلىم بارلىقىم، ھاياتىم ئۇ ماماتىم، sl`?9-_[  
ساما ئارا ئۇچۇشتا گويا ئىككى قانىتىم. #'. '|z  
مىنىڭ تىلىم مېنى بۈگۈنگە ئۇلىغان ئۇلۇغ ۋە ھىممەتلىك تىل. ئۇنۇڭدا ئۆتمۈشمۇ، بۈگۈنمۇ، كەلگۈسىمۇ بار. [8>#b_>  
#vc!SI  
ئېھ جانىجان ئانا تىلىم، پاسىبان ئۇيغۇر تىلى. مەن سېنىڭ كېسەلچان ھالىتىڭنى كۆرگىنىمدە نېمىشقىدۇر پىچاق يېگەن ئۆكۈزدەك، قۇمدا قالغان بېلىقتەك تېپىرلاپ كىتىمەن. سىنى سۆيمىگەن، قەدىرلىمىگەن، ئىززەت-ئىكرامىڭنى قىلمىغان تۇزكورلارنىڭ نادانلىقىغا ئېچىنىمەن. ئۇلارنىڭ دۆتلۈكىگە نەپرەتلىنىمەن. چۈنكى ئۇلار ئانىنىڭ قەدرىنى بىلسە ئىدى-ھە، سېنى ھەرگىزمۇ نا ئۈمىدتە قۇيمىغان بولاتتى. ئەمەلىيەتتە ئانا تىلنى سۆيۈش ۋە قوغداش ئۆزىنى سۆيگەن، قوغدىغان بىلەن باراۋەر ئەمەسمۇ؟ pm2]  
XB a^ A  
ئەگەر بىز سەندىن ئايرىلساق نېمىگە ئوخشاپ قالارمىز؟ بىلىمەن: شاتۇتى دوراش بىلەن بۇلبۇلنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ. سىنىڭ گۈلىستانلىقىڭدا بۇلبۇللار يەنىلا سەن ئۈچۈن ئۇۋا ياسىماقتا. سەن ئۈچۈن خەندان ئۇرماقتا. ئىپتىخار بىلەن سىنى چاقىرماقتا. مانا بۇ مىنىڭ روھۇم. مانا بۇ مىنىڭ تىلىم، مانا بۇ ئۇيغۇر تىلى. N'0nt]&a  
$."F z x  
ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرغا ئەڭ قەدىمى ئانا تىل. hqV_MeHv'  
تارىخ بىلەن بۈگۈننى چېتىشتۇرغان، ئۇلىغان. [AYJ(H/  
قەدرىنى بىلسەك ئەسلىدە جاھان ئەھلى بىزلەرنى_ 5 BeU/  
شەۋكىتىڭدىن، شانىڭدىن، ئۇلۇغلىغان، تونۇغان . GC|V>| tz#  
Wu/:ES)C  
«ئاسماننىڭ ئاۋازى»دېگەن كىتابتىن ئېلىندى `JyI`@,!  
uX6p^KNm5  
مەنبە : ئۇيغۇرلار تورى

tunyukuk 2012-02-20 19:59
ئانا تىل بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن. ئانا تىلىمىزنى قوغداش ۋە يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشايلى.

halida 2012-03-28 19:54
تىل ئاخىرىقى ۋەتەن.

murasileli 2012-10-12 21:38
مۇشۇنداق ياخشى تىمىلار بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت                

ئابلىكىم 2013-05-15 13:41
بۇ ھەقىقەتەن دەرس بايلىقىغا ئەرزىگۈدەك ماتېرىيال ئىكەن رەھمەتسىزگە

ئابلىكىم 2013-05-15 13:43
تېخمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشڭزغا تىلەكداشمىز

نازۇك701 2013-05-17 22:10
رەخمەت سىزگە. قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

tawpek 2013-07-22 12:29
بۇ قوشتىل تولوقسىز 3-يىللىق بىرىنجى ماۋسۇم بىرىنجى دەرىسكەنغۇ.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-22 23:19
بەكمۇ ياخشى تېما بىلەن تەمىن ئېتىپسىز

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-07-22 23:23
ئوستازنىڭ ئەجرىدىن بەكمۇ سۈيۈندۇم ،شۇنداق ئىسىل تېمىنى بىزگە يەتكۈزگىنىڭىزدىن بەكمۇ  خۇرسەنمەن     

ئايبىكە 2013-07-23 00:31
يازما يوللىغان قوللىرىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن.

ئاتۇش 2013-07-23 10:54
قۇتلۇق شەۋقىنىڭ شېئىرىنى ئەسلىدىم.

تەۋپىقئاي 2013-10-21 09:50
تىل مىللەتنىڭ مەنىۋىي ۋەتىنى.ئانا تىل ئۇ ئۇيغۇرۇمنىڭ جېنى،مەۋجۇتلۇقى.


查看完整版本: [-- «ئانا تىلىم» (تىيىپجان ئېلىيېف شېئىرى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled