查看完整版本: [-- «شىراق» (رىۋايەت) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> «شىراق» (رىۋايەت) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-01-21 12:46

«شىراق» (رىۋايەت)

(GVH#}uB  
  
شىراق
KWVEAHIn  
(رىۋايەت) D:9/;9V  
_`>F>aP  
قەدىمكى زاماندا سىر دەريا ۋادىسىدا ياشايدىغان ساك قەبىلىلىرىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈلپەتلەر چۈشۈپتۇ. ئىران پادىشاھى دارا Ⅰ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇنبەت يەرلەرنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن، سان - ساناقسىز ئەسكەرلىرى بىلەن ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپتۇ. ساك ئاقساقاللىرىدىن سەكسىفەر، ئۇمارگ، ئومارس قاتارلىقلار بىر چېدىرغا يىغىلىپ دۈشمەننى قانداق قىلىپ يوقىتىش توغرىسىدا كېڭەش ئۆتكۈزۈشكە كىرىشىپتۇ. شۇئاندا ئەتراپتا بىر ئادەم پەيدا بولۇپ، توپتوغرا ئاقساقاللار ئولتۇرغان چېدىر ئالدىغا كەپتۇ ۋە رۇخسەت سوراپ ئىچكىرىگە كىرىپتۇ. ئۇ شىراق ناملىق ئاددىي بىر ئاتباقار ئىكەن. شىراق نېمە مەقسەتتە بۇ يەرگە كەلگىنىنى كېڭەشچىلەرگە ئېيتىپ، ئۇلارنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپتۇ. ئۇ شۇنداق دەپتۇ: «شەرتسىز ھالدا مېنىڭ بالا - چاقىلىرىمنى ۋە نەۋرىلىرىمنى بېقىش ۋە كىيىندۈرۈشنى ئۈستۈڭلارغا ئالساڭلار، مەن ئۆز جېنىمدىن كېچىپ، ھىيلە بىلەن ئىرانلىقلارنىڭ لەشكىرىنى قىرىپ تاشلايمەن.» B5>1T[T'-  
ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئىستىكىنى قوبۇل قىلىپ، قەسەمياد قىپتۇ. شىراق بىردىنلا يېنىدىن ئۆتكۈر پىچىقىنى چىقىرىپ، قۇلاق ۋە بۇرنىنى شارتلا كېسىپتۇ، ئەزايى بەدىنىنى قىيما - چىيما قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گويا ئۆز ئېلىگە خىيانەت قىلغان كىشى قىياپىتىدە دۈشمەن تەرەپكە قاراپ يول ساپتۇ. Lw 7,[?,Z  
شىراق دارا Ⅰ نىڭ قېشىغا بېرىپ ئۆز قەبىلىداشلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىپتۇ. ئۇ دارا Ⅰ گە شۇ تەقلىدتە سۆز قىپتۇ: «ئى! شاھلار شاھى، مەن سىزگە بولغان خەيرخاھلىقىم ۋە دوستلۇقۇم ئۈچۈن شۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىم. قەبىلىداشلىرىم ئارىسىدا داراۋۇش ھەزرەتلىرىگە بويسۇنايلى دېگەن سۆز چىقىشى بىلەنلا ئۇلار ماڭا چاپلىشىپ رەھىمسىز سۈرئەتتە قۇلاق - بۇرنۇمنى كەستى، دادىمغا يېتىپ، ئۆچ ئېلىشىمغا ياردەم بېرىڭ!» (3YI>/#  
دارا Ⅰ شىراقنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپتۇ. ئۇنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئېچىنىپتۇ. بۇنى كۆرگەن شىراق پۇرسەتنى ئۆتكۈزمەي، دارانىڭ ساكلاردىن ئۆچ ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلىپ، سۇنماس ئاتەش ۋە مۇقەددەس سۇ نامىدىن ئانت ئېچىپتۇ ۋە شۇنداق دەپتۇ: «مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ياردىمىڭلارغا موھتاجمەن. ئۇلارنىڭ قانلىرى كۆز ئالدىمدا دەريا - دەريا بولۇپ ئاقمىغۇچە تىنچىمايمەن. ساكلار بۈگۈن كېچىدىن باشلاپ چېدىرلىرىنى بۇزۇپ، بالا - چاقىلىرى بىلەن سىلەر قوغلاپ يېتەلمەيدىغان ئۇزاق جايغا كۆچۈپ كېتىشكە جەزم قىلغانىدى. ئەگەر خالىسىڭىز مەن سىلەرنى كېسىپ چىقىدىغان يول بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ چىقىمەن. شۇندا بەڭۋاش ساكلارنىڭ يولىنى توسۇپ تۇرساق ئۇلار كېلىشى بىلەنلا تورغا چۈشكەن بېلىقتەك بىرنىمۇ قويماي تۇتۇۋالىمىز. كەمىنە قۇلىڭىز پادىچىلىق قىلغىنىدا يىلقىلارنى بېقىپ يۈرۈپ، ھەممە ياقنىڭ ئېگىز - پەسلىرىنى بىلىۋالغانمەن. سىزنى خالىغان يېرىڭىزگە باشلاپ بېرىش بىمالال قولۇمدىن كېلىدۇ. بىراق، سىز يەتتە كۈنگە يېتىدىغان ئوزۇق - تۈلۈك ۋە سۇ تەييارلاپ قويۇشىڭىز شەرت.» cTO\Vhg  
چوپاننىڭ بۇ سۆزلىرى ئاسانلا غەلىبە قىلىشنى ئىزدىگەن دۈشمەننى غەيرەتكە كەلتۈرۈپتۇ. دارا Ⅰبۇ چوپاننى ئۆز قوشۇنىغا يول باشلىغۇچى قىلىپ تەيىنلەپتۇ. قوشۇن يەتتە كۈنلۈك سۇ، ئوزۇق - تۈلۈك ۋە يەم - خەشەك ئېلىپ ئاتلىنىپ يولغا چىقىپتۇ. ?dJ-g~  
بىرىنچى كۈنى يول يامان بولماپتۇ. تېز - تېز ئوتلاقلار ئۇچراپ تۇرۇپتۇ. ئىككىنچى كۈنى تەبىئەت ئۆزگىرىپتۇ. قاغجىرىغان ئوتلار ئاندا - ساندا يولۇقىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى دەشت - باياۋان باشلىنىپتۇ. ساكلار ھامىيسى بولغان قۇياش كېلىۋاتقان باسقۇنچىلار بېشىدىن ئوت ياغدۇرۇپ تۇرۇپتۇ. لەشكەرلەرنىڭ لەۋلىرى تېز - تېز قۇرۇشقا باشلاپتۇ. كۈندىن - كۈنگە ئەھۋال ئېغىرلىشىپتۇ. ئىران لەشكەر باشلىقى رەناسىبەت تاقىتى تاق بولۇپ، ساكلار مەنزىلىگە قانچە قالغىنىنى شىراقتىن دوق بىلەن سوراپتۇ. ئۇ سوغۇق قانلىق بىلەن مەنزىلگە يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، لەشكەر بېشىنى يۇمشىتىپتۇ. بىراق سەپەرنىڭ يەتتىنچى كۈنى ساكلاردىن يەنىلا دېرەك بولماپتۇ. رەناسىبەت ئالدانغىنىغا ئىشىنىپ، غەزەپكە كەپتۇ: «ۋەدەڭگە ۋاپا قىلمىدىڭ! زاتى پەس بەچچە! بىزنى ئالدىدىڭ. قېنى سەن ئېيتقان ساكلار؟! ھەممە ياق دەشت - سەھرا، بۇ يەرلەردە ئات يۈرسە ئايىغى، قۇش ئۇچسا قانىتى كۆيىدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپسەنكى، بىزدە نە سۇ، نە ئوزۇق - تۈلۈك، نە يەم - خەشەك بار! بۇ مىستەك قىزىپ كەتكەن قۇملۇقتىن نە ئالدىڭغا، بىر قەدەم بېسىپ بولىدۇ، نە ئارقاڭغا قايتىپ بولىدۇ! ئاخىر ئۇلۇغ پادىشاھنى ئالداشقا، شۇنچە بىھېساب ئېگىلمەس قوشۇننى ھالاكەت گىردابىغا ئېلىپ كېلىشكە سېنى نېمە مەجبۇر قىلدى؟» دەپ دېۋەيلەپتۇ. 2IgT B|2  
شىراق لەشكەر بېشىنىڭ قان تولۇپ تۇرغان كۆزىگە مەغرۇرانە تىكىلىپتۇ. ئۇ چاۋاك ئۇرۇپ، قاقاقلاپ قاتتىق كۈلۈپتۇ: «مەن يەڭدىم، يالغۇز ئۆزۈم پۈتۈن قوشۇننى يەڭدىم، − دەپ سۆيۈنۈپتۇ، − جانىجان قەبىلەم ساكلار ۋە ئانا تۇپرىقىم بېشىغا كەلگەن بالانى دەپنە قىلىپ، باسقۇنچى ئىران لەشكىرىنى ھالاكەتكە ئېلىپ كەلدىم. تۆت تاماننىڭ ھەرقايسىسى يەتتە كۈنلۈك يول، ئىزدىگەن تەرىپىڭىزگە كېتىۋېرىڭ، بەرىبىر ھەممىڭلارنى ئاچلىق ۋە تەشنالىق يىمىرىپ نابۇت قىلىدۇ. مېنىڭ قېنىم ھەم ئاشۇ يەرلەرگە تۆكۈلىدۇ.» بۇ ئاچچىق ھەقىقەتەن رەناسىبەتنىڭ يۈرىكىگە نەيزىدەك قادىلىپتۇ. ئۇ ۋەھشىيلىشىپ قىلىچ بىلەن شىراقنىڭ بېشىنى شارتلا ئۈزۈپ تاشلاپتۇ. ئەمما دارا Ⅰ نىڭ لەشكەرلىرى ساكلارغا قارشى سەپىرىنى توختىتىپ، پاراكەندە بولۇپ كېتىپتۇ. MT ZbRi6z  
دىۋە يۈرەك چوپان شىراق قىسسىسى ئەنە شۇنداق ئىكەن. I\JJ7/S`t  
(«يىپەك يولىدىكى ئەپسانە - رىۋايەتلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى)   f\sxx!kt  
   VeixwGZ.  
(مەنبە:  تولۇق ئوتتۇرا تىل- ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 3- كىتاب «ئوقۇتقۇچىلار پايدىلىنىش قوللانمىسى» دىن ئېلىندى.  2012-1-21  )    
h+e Oe}  
Z:VqBqK  

tunyukuk 2012-01-21 12:53
   &V5[Zj|]  
بۇ رىۋايەتكە ئاساسەن يېزىلغان «شىراق » ناملىق ھېكايىنىڭ تېكىستىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ.   KK; 3<kX  
/bbs/read.php?tid=4110&fpage=2

tawpek 2012-01-21 14:56
تەتىلدە تۇنيۇقۇق مۇئەللىمنىڭ پىلانلىرى خىلى بار ئوخشىمامدۇ؟

koksangun 2012-01-21 18:52
«شىراق » رىۋايىتىمۇ تور دۇنياسىدىن ئورۇن ئاپتۇ  مانا ، «تاما تاما كۆل تولار » دەيدۇ دانا خەلقىمىز ... g_lj/u]P  
ئۇزاققا قالماي دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك بارلىق بايلىقلارنى تور دۇنياسىدن بىمالال چۈشۈرۈپ پايدىلىنالايمىز ...

alga~nap 2012-01-22 21:05
ئەمدى شىراقنى تارىخى ھىكايە دېگۈچىلەرنىڭ تىلى كىسىلىدىغان بولدى. بۇ گەپنى مەن دېمىدىم -ھە!

tawpek 2012-01-22 23:09
نۇتۇقلاردا كۆپ ئاڭلىغان شىراق دەپ،  مانا بۈگۈن ئۇ ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە بوپتىمەن. (_S`9Z8=  
\]Nlka  
تىكىسىت ئوقوتوشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەككەن جۇمۇ.

tunyukuk 2012-01-23 09:53
   ^L}ICm _#  
«شىراق» ناملىق دەرس تېكىستى (ھېكايە) نىڭ مۇھاكىمە ۋە مەشىق قىسمىدا مۇنداق تەلەپ بار:   l%vX$Kw  
5. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، خەلق ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلاردىن «شىراق رىۋايىتى» نى تېپىپ چىقىپ ئوقۇڭ ھەمدە ئەسلىي رىۋايەت بىلەن بۇ ھېكايىنى سېلىشتۇرۇپ، بولسا جەدۋەللەشتۈرۈپ ئاپتورنىڭ بېيىتقان جايلىرىنى بىلىۋېلىڭ.

akkax 2012-01-23 11:15
مەن يەنىلا پىكىرىمدە قالىمەن. « شىراق » راستىنلا بىر رىۋايەت. بىراق ئېران بىلەن تۇراننىڭ نەچچە مىڭ يىللىق سۆھبىتى( ئالاقىسى ) دە « شىراق» ، « تۇمارس » لار ئۆتمىگەن دەپ كىم ھۆددە قىلالايــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــدۇ ؟

tawpek 2012-01-23 11:47
لىكىن تارىختا شىراق دىگەن كىشىنىڭ ئۆتكەنلىكى راسىتكەندە.

ozqan 2012-01-27 17:21
بۇ رىۋايەتنىڭ يوللانغىنى بەك ياخشى بوپتۇ ، «شىراق» تېكىستىنى ئۆتۈشتىن بۇرۇن بۇ رىۋايەتنى چوقۇم بىر قېتىم ئوقۇۋېتىش كېرەك ، ئەڭ ياخشىسى ، شىراق ناماىلىق تېكستنى ئۆتۈشتىن ئىلگىرى  ياكى دەرسكە باشلاپ كىرىش قىسمىدا بۇ رىۋايەتنى ئوقۇپ بېرىپ ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنى قېنى ساۋاقداشلار ، تۆۋەندە مۇشۇ رىۋايەت ئاساسىدا يېزىلغان بىر ھېكايىنى كۆرۈپ باقايلى ، دەپ باشلىسا ، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ .   تۇنيۇقۇق ، ئەجرىڭىزگە رەخمەت ...

tunyukuk 2012-01-27 20:29
«شىراق» دېگەن سۆزنىڭ لۇغەتلەردىكى مەنىسى تۆۋەندىكىدەك بولىدىكەن. بۇ يەردە  پەقەت كىشى ئىسمىلا بولۇپ كەلگەنمىدۇ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ باشقا مەنىسى بارمىدۇ؟ }PXtwp13&u  
s||c#+j"8  
[ شىراق ]ئى ① جانلىقلار پاچىقىنىڭ تىزدىن ئوشۇققىچە بولغان ئارىلىقتىكى قىسمى: قوينىڭ شىرىقى.
w61*jnvi@  
 ② مىلتىقنى ئاتىدىغان چاغدا تىرەپ تۇرىدىغان ئاچا ياغاچ ياكى تۆمۈر: ئۇلار ئايلىنىپ يانغا ئۆتتى-دە، مىلتىقلىرىنىڭ شىراقلىرىنى يەرگە سانجىپ، تەپكىنى قايرىپ پىستان باستى. Z,~PW#8<&  
③ گىلەمچىلىكتە دۇكاننى ئېگىزلىتىپ پەسلىتىش ئۈچۈن پاچاقنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چىقىرىلغان، ئۈستى گۇندىغا كىرىپ تۇرىدىغان ئەركەك تۇرۇم. 

erpan0992 2012-03-12 22:26
4دائىم پەخىرلىنىپ ۋە تەسىرلىنىپ يۇرىۋاتىمىز ...

تەۋپىقئاي 2013-10-21 09:54
مۇشۇنداق بىر رىۋايەتنىڭ بولغانلىقىدىن ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە رەخمەت

قاراخان 2014-02-03 11:27
بۇ رىۋايەتنى مەن يوللاي دەپ بېسىپتىكەنمەن، ئىزدەپ باقسام يوللىنىپ بوپتۇ، كاللا ئىشلىمىسە، پۇت-قولغا ئارام يوق دېگەن شۇ دە، بىكار ئاۋارە بوپتىمەن.


查看完整版本: [-- «شىراق» (رىۋايەت) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled