查看完整版本: [-- ئۆزقان بىلەن ئۇزچاقنىڭ سۆھبىتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> ئۆزقان بىلەن ئۇزچاقنىڭ سۆھبىتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ozqan 2012-01-18 01:46

ئۆزقان بىلەن ئۇزچاقنىڭ سۆھبىتى

                                 ئۆزقان بىلەن ئۇزچاقنىڭ  سۆھبىتى  UZ] (X/  
  1^Caz-  
;TW@{re  
__  ئۇزچاق كىم ؟  نېمە ئۈچۈن ئۇزچاق بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئويلاپ قالدىڭ ، ئۆزقان ؟ BO[A1'>  
=_,OucKkYG  
ئۆزۈمگە ئۆزۈم شۇنداق سوئال قويدۇم ۋە  يەنە ئاۋال ئۆزۈم جاۋاب بەردىم : JTs.NY  
sy#Gb#=#  
 ئۇزچاق ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ قۇياشى ، مۇنبەر ئۇنىڭ ھاياتى ... ئۇ ئۇلارسىز نۇرلىنالمايدىغان ئاددىي ، ئاددىي يېتەكلىگۈچى ، ئىزدەنگۈچى ، تىرىشقۇچى  ... ilHj%h*z  
UnMDdJ\  
   ئۇزچاق ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلار بىلەن زىچ ئالاقە ئورناتقان _ «كۇڭيىجى بىلەن سۆھبەت » ئۆتكۈزىدىغان ، «ھاممۇر ئەپەندىگە مەكتۇپ» يوللايدىغان ؛ ھەركۈنى كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن  كەچتە يەنە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە باھا يېزىپ سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان ؛« مەرۋايىتىنى يۈتتۈرۈپ قويغان سەدەپ قۇلىلىرى»غا ھەمدەم بولۇپ مەرۋايىت ئىزدەشكە بىللە چىقىدىغان ، كەسپىدىن  ، كىتابتىن  ، ئانا تىلدىن  ئۆز قەۋمىنىڭ ئۇلار ئالدىدا ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن «تەكشۈرۈشنامە » ئوقۇپ ، تىزلىنىپ تۇرۇپ ئەپۇ سورايدىغان ... شۇنداق «غەلىتە » بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى ... eQeNlCG  
_1hqD EM  
     ئۆزىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا « ئاھ! كەسىپ سېنى شۇنداق سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن بەزىدە ماگمىدەك ئېرىپ،بەزىدە ئوتتەك يېنىپ، بەزىدە قامغاقتەك ئۇچۇپ ،بەزىدە قارىغايدەك تىك تۇرۇپ ياشاشقا مەجبۇر» بولىۋاتقان بىر جاپاكەش ئوقۇتقۇچى ... un\ ^Wmbw  
YA|*$$  
           باشقىلارنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا : 0<)8 ?ow  
"-Ns1A8  
«كۆپ تەشەككۇر، سىزگە قارىسا ئادەم ئۆزىنىڭ ئوقوتقۇچىلىقىدىن سەل ئۇيىلىدۇ،  جۇمۇ» UxW>hbzr&V  
99eS@}RC  
__ تەۋپىق #Q{6/{bM&J  
J3'"-,Hv  
 ... ئۇزچاق دائىم ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ مۇنبەرگە يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ ucn aj|  
]EK"AuEz`  
__ كۆكسانغۇن wF%XM _M  
}Orc;_)r  
;6]+/e7O  
تەسىراتىڭىزنى بايان قىلىشتىكى ئەركىن تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىڭىز، بىر تامچە سۇدىن قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرۈپ يىتىشتەك كۈزىتىش ماھارىتىڭىز، ئەڭ ئادەتتىكى كۈزىتىش نۇقتىلىرىنىمۇ  بىر پەلسەپىۋى پىكىر يۈكسەكلىككە يىتىشنىڭ قاڭقىش تاختىسىغا ئايلاندۇرۇشتەك دىتىڭىز  مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. 8Yj(/S3y  
__ياشار #S1)n[  
7#<|``]zNf  
قۇرۇماس بۇلاق ھارمىغايسىز z~X]v["d  
@5kN L~2  
__ 0997 ئابلەت f9#B(4Tgi  
Pbz-I3+66  
........................  
:* @=px  
ئۇزچاق مانا مۇشۇنداق بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى ... "jb?P$  
T4._S:~  
  f`H}Y!W(  
eDIjcZ  
تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭ«ماڭا نېمە جاپا » ناملىق  ئەسىرىدىن ئېلىنغان ئۈزۈندە ... aCy2 .Qn  
1%EIP -z  
  ماڭا نۇرغۇن بۇيرۇقلار چۈشۈپ تۇرىدۇ :- ماڭا ئىلمىي ماقالە كېرەك...ماڭا دەرس لايىھىسى كېرەك...ماڭا ئۈلگىلىك مىسال كېرەك...ماڭا... ماڭا نېمە جاپا؟  ئۇلارنى قىلىپ نېمە پايدىغا ئېرىشتىم؟ ئۆز-ئۆزەمگە شۇنداق سۇئال قويغاچ بۇيرۇقلارنى بىجا كەلتۈرىمەن. A0o6-M]'0  
      بۈگۈنمۇ ماڭا نېمە جاپا ؟-دەپ ئولتۇرۇپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋەتتىم .كەچلىك مۇزاكىرە ۋاقتى توشقاندا ئاران دىگەندە ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ «ياشاش نىمانچە جاپالىقتۇ؟ » دەپ غۇدۇڭشىغىنىمچە ئۆيۈمگە قاراپ يول ئالدىم ...«ماڭا نېمە جاپا؟» دەپ ئولتۇرۇپ مۇنۇ يازمىنى مۇنبەرگە يوللاۋاتىمەن ~@MIG  
                
...مۇشۇ«ماڭا نېمە جاپا؟» دېگەن ئادەم قايمۇقتۇرىدىغان سۇئالنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇش تەسلىك ئىچىدىن خۇشاللىق تېپىپ ياشاش ، ياشاشنىڭ قىممىتىنى يارىتىش ، ئەتراپىمىزدىكى تەڭ بەيگىگە چۈشۈۋاتقان قەۋىم ۋە ئىرقلار ئىچىدە مەۋجۇت بۇلۇش ئۈچۈن «ماڭا نېمە جاپا؟»نى چۆرۈپ تاشلاش  
زۆرۈرمۇ قانداق؟ بۇ سۇئالغا ئەلۋەتتە 1- دەپ جاۋاپ بېرىشىڭىزدە گەپ يوق! ئۇنداقتا بۇ سۇئال كاللىڭىزدا پەيدا بولغان ھامان ، قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ d V.)+X7<  
          
مېنىڭ بۇ سۇئالغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلۇمنى بىلگىڭىز بارمۇ؟ ئالدىرىماڭ، رىستىپىنى ھازىرلا ئاشكارلايمەن...» X NnsMl  
"JbFbcj  
................................................................................ Kx ?}%@ b  
daY^{u3  
   ۋىجدانى ئويغاق ، مائارىپ سەھنىسى بولغان تەۋپىققە ئۇيۇشقاق بولغان ، بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەنە شۇ «نېمە جاپا»لار ئىچىدە ئوت-چۆپتىن ئاق سۈت ، ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن مەشۇت چىقىرىش يولىدا ئۈمىدنى ھەمراھ قىلىپ كېلىۋاتقان «تەۋپىق»داشلار ئۇزچاقنىڭ رېتسىپلىرىغا قىزىقماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە ... nRb#M  
(:vY:-\ bO  
   ئۇنداقتا ، سۆھبىتىمىز  ھوزوروڭلاردا ... eWW\m[k]}  
`b# w3 2  
  g>T'R Vb  
gMFTZQsP  
  ~~&8I!r e  
!sK{:6 s  
ئۆزقان : ئۇزچاق ، سىزنى مۇنبەر ئەھلى-جامائىتى مۇنبەرگە يوللىغان دەرس دېتاللىرىڭىز ، دەرسخانا كۆرۈنۈشلىرىڭىز ، شېئىرىلىرىڭىز  ۋە تەسىراتلىرىڭىز ، دەرسخانىدىكى ئىزدىنىش خاتىرىلىرىڭىز بىلەن مەۋھۇم دۇنيادىلا تونۇپ كېلىۋاتىدۇ ، رېئاللىقتىكى سىز  كىم ؟   كۆپچىلىككە ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز قانداق ؟  دىدار غەنىمەت ، خەت ئارقىلىق تونۇشۇشمۇ يېرىم غەنىمەت ، شۇ غەنىمەت پۇرسەت بىلەن كۆپچىلىكنى ماددىي ۋە مەنىۋىي دۇنيايىڭىزغا باشلاپ كىرسەك  قانداق دەيسىز ؟  Z  r  
tg7%@SI5^-  
@m<xpe l  
ئۇزچاق : بولىدۇ،ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئالاھىدە ۋاقت چىقىرىپ بۇ سەھىيپىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ماتىريال توپلاپ ئىزدەنگىنىڭىزگە رەخمەت ئېيتىمەن .شۇنداقلا تەۋپىقتىكى كەسىپداشلارنىڭ مېنى قوللاپ كەلگەن ھەم كەڭ پىكىر بوشلۇقى ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەخمىتىمنى بىلدۈرۈمەن. FI Io{ru  
l _d WS9  
  مېنىڭچە "سىز كىم؟ " دېگەن سۇئالغا دۈچ كەلگەن ھەر قانداق بىر ئادەم "مەن كىم ؟ " دېگەن سۇئالنى ئۆزىگە قۇيۇپ باقىدۇ . مەنمۇ بۇ سۇئالدىن سەل مەڭدەپ قالدىم .  zN: VT&  
lm i,P-Q  
 مەن گۇچۇڭ ناھىيە 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ  تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى مەرزۇيە ئابدۇللا بولىمەن.   باشقا بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاشلا  ئاددى خىزمەت ئورنىمدا  ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت ئەمىلىي خىزمەت جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلىق يۈرىكۈم ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەمىليىتىم ، ئوقۇتقۇچىلىق ئىدىيەمنىڭ قوشمىسىدىن پۈتكەن  بىر قىپ قىزىل يۈرەكنى ئۆزەمگە ھەمرا قىلىپ بۇ كەسىپنىڭ جاپاسىنى ھالاۋېتىنى سۆيۈشكە ، ئەگرى –توقايلىقلارنى قۇبۇل قىلىشقا ، ھەمىدىن مۇھىمى خىزمەت ۋە كەسىپتىكى ، كەمچىلىك ۋە نۇقسانلىرىم ئۈستىدە قايتا -قايتا ئويلىنىپ خىزمەتتىكى توغرا تەپەككۈر شەكلى بىلەن ئادەم بولۇشنىڭ توغرا يوللىرى ئۇۈستىدە ئويلىنۋاتقان ئاددى ئىنسان ۋە ئوقۇتقۇچى . ~!;*C  
!}[}YY?',i  
كىملىك مەسلىسى مەلۇم مەدەنىيەتنى ئارقا كۆرىنىش قىلغان ، ئۇنى تەرەقىي قىلدۇرۇش ۋە ۋارىسلىق قىلىش شەكلى ئاساسىدا  بىرەر كەسىپتە نەتىيجە قازىنىش، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەنپەت يەتكۈزۈش بىلەن تېخىمۇ ئىنىق ئىپادىلىنىدۇ ، ھازىرقى زاماننىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلى, تۇرمۇش ئۇسۇلى ، ياشاش ئۇسۇلى ۋە مۇۋاپىقىيەتىرى بىلەن يېقىنلاشقان كىشلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشى ئاندىن قەۋمىمىزنى كىم دېگەن سۇئالغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ .  شۇڭا "كىم" دېگەن سۇئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن. 6?$yBu9l  
{R H&mu  
  d!0iv'^t  
/S 2lA>  
ئۆزقان : ئۇزچاق يىلتىزسىز دەرەخ بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە . سىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىققا باغلانغان رىشتىڭىزنىڭ يىلتىزىنى 1934-يىلى 5-ئايدا گۇچۇڭ ناھىيەسىدە ئۇيغۇر مەكتەپ ئاچقان مۇھەممەت ئىبراھىم ھاجى ئەپەندى بىلەن باغلاشقا بولارمۇ ؟ ئۇ سىزنىڭ نېمىڭىز ئىدى ، مۇشۇ ھەقتە مۇنبەر ئەھلىگە ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز . @n2Dt d  
corNw+|/w  
HQ /D)D  
ئۇزچاق : 'h} (>%  
La>fvm  
بولىدۇ. hGU  m7  
G&Fe2&5!w  
مۇھەممەت ئىبراھىم ھاجى مېنىڭ ئاتا جەمەت بوۋام بولىدۇ. بوۋام ئەينى دەۋىردىكى يەر ئىگىسى  بولۇپ سودا بىلەن روناق تېپىپ گۇچۇڭ ناھىيەسىدە  خېلى يۈز تاپقان كىشىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان . شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ سودا قىلىش بىلەن بىرگە 1930- يىللىرىدىكى يېڭى مائارىپ دولقىنىغا ئاۋاز قۇشۇپ 1934- يىلى 5 – ئايدا  گۇچۇڭ ناھىيەلىك  بازار ئەتراپى تاللىق مەھەلىسىدە (ھازىر شىبىيۋەن يېزا ئەرتۇڭ كەنىتى دەپ ئاتىلىدۇ) ئىككى ئېغىز لىق كېسەك ئوي سېلىپ شۇ يېزىدىكى ئوقۇشسىز قالغان بالىلارنى يېغىپ مەكتەپ ئېچىش بىلەن بىرگە تاللىق مەھەلە مەسچىتىنى سېلىپ جامائەتنى دىننىي پائالىيەت سورىنى بىلەن تەمىنلىگەن . چوڭ دادامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە بوۋام ئوقۇتقۇچى مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خېلى كۆپ جاپالارنى تارتقان . ئاخىرى جامال ئەپەندى (تۇرپاندىن ) ئەخمەتجان ئەپەندى (يۇرتى ئېنىقسىز) ئىككى ئوقۇتقۇچى 30 نەچچە ئوقۇغۇچى (ئەڭ كىچىكى 6 ياش ئەڭ چوڭى 16 ياش) بىلەن ئوقۇتۇش باشلىغان ، ئوقۇتۇشتا گۇچۇڭ ناھىيەسىدە ھازىرمۇ ئەنئەنە سۈپىتىدە ساقلىنۋاتقان چامباشچىلىق (تەنتەربىيە دەرسى) تىل دەرسى ،ماتىماتىكا  قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلغان . كېيىنچە بوۋام زىيانكەشلىككە ئۇچۇراپ ئۆلتۈرۈلگەن . ئەرتۇڭ ئۇيغۇر مەكتەپ تەرەقىي قېلىپ 24 سىنىپى 50 نەچچە ئوقۇتقۇچىسى بار ، نۇقتۇلۇق مەكتەپكە ئايلىنىپ ، ناھىيە ،ئوبلاست ، ئاپتونوم رايۇن بويىچە ئىلغار مەكتەپلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان (مەكتەپ قۇرۇلۇپ 77 يىلدىن كېيىن ،ھازىر بۇ مەكتەپ شىبيۋەن يېزىلىق خەنزۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە قۇشۇلۇپ گۇچۇڭ ناھىيەلىك 7 – ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئاتالدى.تاللىق مەھەلە مەسچىتى قۇرۇلۇش ۋە كۆلەم جەھەتتە يېڭىىنىپ كېلىۋاتىدۇ) . knfEbH  
BOfl hoUX  
  .مەن 1995- يىلى سانجى مائارىپ ئىنىستونى سىياسىي مائارىپ كەسپىنى  پۈتتۈرۈپ دەل مۇشۇ ئانا مەكتىۋىمگە خىزمەتكە بۆلۈندۈم . خىزمەتكە چۈشكەن تۇنجى كۈنۈم بەكلا ھاياجانلاندىم . گەرچە بۇ مەكتەپ بوۋام قۇرغان مەكتەپنىڭ داۋامى يەنى يېڭىلىنىشى بولسىمۇ ،مەكتەپنىڭ تاملىرىنى تۇتۇپ كېسەكلىرىنى ئالقانلىرىمدا سىلاپ كەتتىم .خۇددى بۇ كېسەكلەردە بوۋامنىڭ ئىزلىرى چىقىپ قالىدىغاندەك سىنچىلاپ قاراپ ئۇزاق ئويلاندىم . بۇ تاملار بۇ كىسەكلەر قانچىلىك تەسلىكتە قۇپۇرلىنىپ، قانچىلىغان ئادەملارنىڭ قان – تەر بەدىلىگە مۇشۇنچىلىك بولغان ؟- دەپ ئويلىغاچ مۇنبەرگە قەدەم قويدۇم. شېڭشىسەينىڭ قانلىق قىلىچى ئاستىدا ھاياتىنى  مۇشۇ يېڭى مائارىپ ئۈچۈن تەغدىم ئەتكەن كىشلىرىمىزنى ئەسلەپ ھەر بىر سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئۆتمەسلىككە يۈرۈكۈم چىدىمىدى. بوۋامنىڭ قېنىنى دەسسەپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئەجرىگە تۇزكورلۇق قىلىش ، ئۇ يورۇتقان مائارىپ مەشئىلىنى ئۈچۈرۈپ قۇيۇشنى تەسەۋۇر قىلىش تەس!   XRmE  
X$Shi *U[  
جىسمىي ئۆلگەن بولسىمۇ،لېكىن  مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان بىر ورھ  «تەۋپىق روھى›› مېنى كۈزىتىپ مېنى باھالاۋاتقاندەك بىلىندى. بۇ روھ مېنى يۈلەپ تۇرۇدىغان تۈۋرۈك . روھىمنى تاۋلاپ تۇرىدىغان پېچ. ھەممىدىن مۇھىمى ئوقۇتقۇچىلىق روھىمغا يېڭى مەنە قۇشۇپ مېنى تېنىمسىزلىققا ئۈندەيدىغان يولۇمنى توغۇرلاشنى ئەسكەرتىپ تۇرۇدىغان ماياك. قىسقىسى ؛ مائارىپقا چاقچاق ئارلاشتۇرۋالغان، ئۇنى كۈن ئۆتكۈزىشنىڭ ، يۈز تېپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋىلىش شۇ قان كەچكەن كىشىلىرىمىزنىڭ  روھىنى دەپسەندە قىلغانلىق دەپ قارىدىم . شۇڭلاشقىمۇ خەنزۇلاردىكى «مىڭ يىلدا چېچەكلەيدىغان تۈمۈر دەرەخ ›› ھېكايىسىدىكى ئەۋلاد ۋە ئەجداد روھىنىڭ تۇتۇشۇش نۇقتىسىنى قېزىشتەك روھنى  ئۆگىنىش زۆرۈريىتى بار دەپ قارايمەن . ئەڭ مۇھىمى   قوۋىم ۋە روناق تېپىش، ئىدىيە بىرلىكى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى ، مەدەنىيەت ھەر خىللىقى ۋە مەدەبىيەت خاسلىقىنى ئەكس ئەتتۈرەلمىگەن ۋە ئۇنىڭ بىرلىك مۇناسىۋىتىنى توغرا تەشەبۇس قىلىپ مائارىپنى، ئۆگۈنۈشنى سۆيۈشنى باللار قەلبىگە سىڭدۈرەلمىگەن ئوقۇتۇشنى شەكىلەن ئوقۇتۇش ، روھىنى قاداق باسقان ئوقۇتۇش ، دەرسخانىنى قۇرۇق سۆز سورىنىغا ئايلاندۇرغان ئوقۇتۇش دەپ قارىدىم. بۇ خىل قاراشلارنىڭ يېتىلىشىنى  ئائىلىمىزنىڭ  يىلتىزىدىن ئايرىپ قارىيالمايمەن. بۇ سۇئالغا جاۋاب قاتارىدا «ئاتا،ئاتىلار بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن !›› ناملىق يازمامدىكى مۇنۇ قۇرلارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى ؛« ياز كۈنلىرى بىژغىرىم ئاپتاپتا ھارغىچە ئىشلەيتتىڭ ، ئېتىزدىن قايتىپ كېلىپلا ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ مېنى ماخىتىغان ماختىمىغانلىقىنى سورايتتىڭ ...شۇ ۋاقىتتا بۇنى سوراپ نېمە قىلىدىغاندۇ؟- دەپ ،ئويلىغان ئىدىم ..ئەمدى ئويلاپ باقسام سەن مېنى باشقىلارنىڭ تارازىسى بىلەن ئۆلچەپ كۆرۈشتىن باشقا قانداق ئىشلىگىنىمنى تەكشۈرگەن ئىكەنسەن... تۇنجى قېتىم دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ۋاقتىمدا  ماڭا مەدەت بېرىپ " بىز ياۋا ئوتلارنى يۇلىمىز، شۇنىڭغا ئوخشىغان سەن دەرس ئۆتۈشتىكى كەمچىلىكىڭنى تۈزتەلساڭلا ئۇتۇپ چىقىسەن..بۇ ئاددى قايدە "- دىگەن ئىدىڭ. ئوبلاست تەۋەسىدىن تاللىنىپ ئاپتۇنوم رايوننىڭ مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلغان ۋاقتىمدا دوسكا خېتىڭ سەتكەن-دەپ، كىچىك دوسكىدىن بىرنى ياساپ سائەتكە قاراپ، سائەت بېسىپ خەت يېزىشنى مەشىق قىلدۇرغىنىڭ، دەرس ئاخىرىغا باللارغا سوغا قىل دەپ شېئىر يېزىپ بەرگەنلىرىڭنى ئويلىسام سېنى دىھقان ئەمەس ئەۋلىيا دىگۈم ، روھى ئىنژىنىر دىگۈم ... كېلىدۇ.ئاتا! مۇشۇ ئاددى ئەمىليەتلەر ئىچىگە ئۆلمەس بىر تەربىيەنىڭ ئەۋلادلارغا كۈيۈنىشنىڭ يۇشۇرىنغىنىنى ئەمدىلەتىن ھېس قىلماقتىمەن.. ... سەن ماڭا ئاتا قىلغان خۇشاللىقلارنىڭ، سەن ماڭا ئاتا قىلغان ئەجىر مېھنەتنىڭ زەرىچىسىنى بولسىمۇ ساڭا قايتۇرالىغان بولسام... ئەپسۇس مەن قىلالمىدىم.. ›› d%k7n+ICQ4 "Lyb4#M  
! 
} @ [!%hE  
ئۆزقان: ئەجداد ياققان چىراقنى ئۆچۈرۈش تۇزكورلۇق جۈملىسگە كىرىدۇ ، ئۇنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇش ئەجدادنى سۆيگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ . مىللەتكە يۈز كېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ . سىز بوۋىڭىز باشلىغان يولنىڭ داۋام ئەتكۈچىلىرى قاتارىدا ئۆزىڭىزگە خاس يول تۇتۇپ كېلىۋاتقان مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىكەنسىز ،  سىزنىڭ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ساھەسىدىلا ئەمەس ، ئاپتونوم رايون ۋە ئۆز تەۋەلىكىڭىزدە ئىدىيە-ئەخلاق ، تارىخ ، ئۇنۋىرسال ئەمەلىيەت پەنلىرى بويىچىمۇ ئوقۇتۇش ماھىرى ئىكەنلىكىڭىز مېنى ھەيران قالدۇردى ، شۇنداق ئىكەنلىكى راستمۇ ؟ U\W$^r,  
Lctp=X4  
V6+:g=@U-l  
ئۇزچاق :    راست 1998- يىلى باشلانغۇچ ئىدىيە – ئەخلاق پەن تۈرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش تۈرىدە بىرىنچىلىككە  ئېرىشكەندىن تارتىپ 2007يىلى قۇمۇلدا ئۆتكىزىلگەن ئونۋېرسال پائالىيەت دەرس تۈرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە ماھىر بولۇپ باھالانغۇچىلىك ئارلىقتا ئوبلاست ، ناھىيە ئاپتونوم رايۇن تەۋەسى بولۇپ 30 قېتىمغا يېقىن سەييارە دەرس ئۆتۈش ،ئۈلگە دەرسى ئۆتۈش ۋە چېنىقىش دەرسى ئۆتۈش دېگەندەك ئوخشاش بولمىغان خاراكتىر ۋە شەكىلدىكى دەرس ئۆتۈشلەرگە قاتنىشىپتىمەن. بۇنىڭ ئىچىدە مەن خىزمەتكە قاتنىشىپ 8 يىل ئىدىيە- سىياسىي دەرسنى ۋە 8 يىل تىل – ئەدەبىيات دەرسنى مۇقىم ئۆتتۈم. قالغان تارىخ ، ئىدىيە – ئەخلاق ۋە ئۇنۋېرسال پائالىيەت دەرسىنى ئۈتۈپ باقمىغان. بۇنىڭدىن مۇنبەرداشلار غەيرىلىك ھېس قىلىشى ، بۇنى ئۈتۈپ باقمىغان بىر ئوقۇتقۇچى قانداق قىلىپ ئاپتونوم رايۇننىڭ ئوقۇتۇش ماھىرلىقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ دەپ سورىشى مۇقەررەر . مەن بۇ جەھەتتىكى تەجىربىلىرىمنى سۆزلەپ بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ]k BC,m(  
d|`8\fq  
مەن 1998 يىلى ئىدىيە – ئەخلاق دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن ناھىيە، ئوبلاستتا (8 ناھىيە بويىچە )ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەرگە قاتناشتىم ، شۇ چاغلاردا ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى سەيپىدىن مۇئەللىم ، ۋە 1 –ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مەسئولۇم مەمتىمىن مۇئەللىم قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار يەنە تىلغا ئېلىنمىغان بىرمۇنچە خىزمەتداشلىرىم مېنى يېڭى ئوقۇتۇش قارشى ئىپادىلەنگەن پىلاستىنكا ۋە پايدىلىنىش كىتابلىرى بىلەن تەمىنلىدى. قىزىق يېرى مەن بۇ كىتابلارنى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈنلا خۇددى رومان ، ھېكايە كىتابلارنى قىزىقىپ ئوقۇغاندەك ئوقۇپ  چىقتىم . ئىچىدىكى ئۈلگىلىك مىساللارنى دوراپ باقتىم ، شۇڭا ئادەتتە باشقىلاردىن ئۈلگە ئېلىپ دوراپ بېقىشنى مەن خاتا دەپ قارىمايمەن . دوراش جەريانىدا يول تېپىپ قېلىشمقىمۇ بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا دەرس  لايھىلىرىمنى تەپسىلى يېزىپ ھەتتا بىر باسقۇچ بىلەن يەنە بىر باسقۇچنىڭ ئوتتۇرسىدىكى  ئۆتكىنچى سۆزلەرنى يېزىش بىلەن بىرگە دەرسخانىدا قانداق ئېھتىماللىقلارغا ئۇچراش قاتارلىق مەسىلە تەھلىللىرىنىمۇ يېزىپ چىقاتتىم ، بەزىدە يازغانلىرىم 10 نەچچە بەت بولۇپ كېتەتتى ،ئەينەككە قاراپ سۆزلەپمۇ قۇياتتىم ..مانا بۇ 21 ياشتا خىزمەتكە چۈشكەن مەن ئىدىم. شۇڭا مەن ھازىرغىچە مائارىپ نەزىريىسى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى مەيلى قايسى سورۇن ۋە ئورۇندا بولسۇن ئىزچىل ئەسكەرتىپ تۇرىمەن ، چۈنكى نۇرغۇن يېڭى ئوي پىكىرلەر نەزىريەدىن ، ئۇنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن ئۇنى ئەمىليەت قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىشتىن شەكىللىنىدۇ ، ئەمىليىتىنى نەزىريە بىلەن ئىپادىيەلمىگەن . نەزىريەنى ئەمىليىتىگە تەدبىقلىيەلمىگەن ،ئەمىليىتى جەريانىدا يەنە يېڭىچى ئوي پىكىرگە سېزىك بولمىغان ئوقۇتۇش ۋە مائارىپنىڭ بالياتقۇسى كېسەل بىلەن تولغان بولامدىكىن دەپ قارايمەن. 2007- يىلى  ئۇنۋېرسال پائالىيەت دەرسىدىن ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندە بۇ پۇرسەت ماڭا يەنىلا تاسادىبىي كېلىپ قالغان ، ئەسلىدە نەق مەيدانغا بېرىپ دەرس مۇسابىقىسىغا بارىدىغان ئوقۇتقۇچى ئاغرىپ قېلىپ . ئوبلاستلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى مېنى بېرىپ دەرس ئۆتسۇن دەپلا ئىسمىمنى يېزىپ ناھىيەگە يوللاپتۇ ، ئىشلاۋاتقان مەكتىپىم خەنزۇ مەكتەپ ، ئۆتىۋاتقىنىم ئانا تىل دەرسى بولغاچقا مەكتەپتىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بۇنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمىدى .ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئادەم « نېمىشقا ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى ئونۋېرسال دەرسنى ئۆتكىلى بارىدۇ ›› دەپ سورىشى تەبىئىي.  ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىم نەزىرە تېخى يېشىغا توشمىغاچقا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرۇدۇم . ئاخىرى ناھىيەلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن ئۆزەم ئۈتۈپمۇ باقمىغان بىر دەرسنىڭ ماھىر تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم.  بېرىپ قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئونۋېرسال دەر ھەققىدىكى تەجىربىلىرىنى چۈشەندۈرىشىگە ئاساسەن ،بۇ دەرسىنى سەل چۈشەنگەندەك قىلدىم . دەرس ئۈتۈش چېكىنى تارتقان كۈنى قىزىم قىزىپ قالدى . مەن بىلەن ناھىيەمىزدىن بارغان 17 ئوقۇتقۇچى قىزىمغا نۆۋەتلىشىپ قارىدى... قالغان ئىشلارنى مۇنبەرداشلار تەسەۋۇر قىلالايدۇ ئەلۋەتتە. ماڭا «ئەتراپتىكى مۇھىتنى چۈشىنىش ›› دېگەن دەرس چىققان ئىدى ، دەرسنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۈتۈش ئۈچۈن ئەتراپنى كۈزەتتىم مەكتەپ ئالدىدىكى تازلىق ئىشچىلىرى بىلەن سۆزلەشتىم ، ئاشخانىلارغا كىرگەندە بۇ يەرنىڭ ئالاھىدىلىكى كىشلەرنى مائارىپ ئېڭى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ خاتىرە قالدۇردۇم .  ھەممىدىن مۇھىمى مەن بىلەن تەڭ جاپا تارتىۋاتقان 17 كەسىپدىشىم ،مەكتەپ ، ۋە ناھىيەيىمىزگە ،ئەھۋالىمنى كۆزدە تۇتۇپ كەينىمدىن يېتىپ كەلگەن يولدىشىمنىڭ ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرمىسام بولمايتتى.. . شۇنداق قىلىپ ئۆزەم ئۈتۈپ باقمىغان 3 پەننىڭ ماھىرى بولۇپ قالدىم. شۇ قېتىم مەن مائارىپ نەزىريەسىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم چۈنكى . باشقىلار سۆزلەۋاتقان تەجىربىنى ئاڭلاپ چۈشىنىپ، قىسقا ۋاقت ئىچىدە قۇبۇل قىلالاش، سۆزلەۋاتقان ئادەمنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ  شۇكەسىپ ھەققىدىكى مەلۇم بىلىم قۇرۇلمىسى بولۇش مۇھىم ئەلۋەتتە. شۇڭلاشقىمۇ ھەر قانداق بىر كەسىپتىكى مۇۋاپىقىيەت ئۆزىنى ئۈمۈرلىك تەربىيلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش زۆرۈر دەپ قارايمەن. ھەممىدىن مۇھىمى ھەر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرى شۇ پەن ئوقۇتۇشىغا پارتىلاش خارەكتىرلىك يېڭىلىنىش ئېلىپ كېلەلمىسىمۇ لېكىن ئوقۇتۇشتىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەنى يارتىش ئۈچۈن ئاساس سېلىشى كېرەك دەپ قارايمەن. شۇڭا ھەر قېتىم مۇسابىقىغە قاتنىشىشنى ئۆزەمنى تەربىيلەشتىكى پۇرسەت دەپلا قارىماي باشقىلارنى يېتەكلەشتىكى بىر خىل ئۇسۇل دەپ قارىدىم.قىسقىسى پۇزۇتسىيە – ئادەمنى ۋە كەسىپنى يارىتىدۇ دېگەن سۆز بەكلا توغرىكەن. l%?()]y  
)YZx]6\l)  
  b d C  
X!@ Y ,  
ئۆزقان:   ئوقۇتۇشتىكى ئىسلاھاتنىڭ جېنى  ئوقۇتۇشنىڭ ئۇسۇل جەھەتتىكى ئىسلاھاتى ئىكەنلىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئېنىق ، ئامېرىكىلىق ۋايىن .دېيرنىڭ «سىز راستىنلا 30يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىڭىزمۇ ؟ ياكى ، بىر يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ ئۇنى 30قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ ؟ »دېگەن گېپى بويىچە ئوخشىمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ، ئوخشىمىغان مەزمۇنلارنى  بىر خىل قىلىپ ، بىر خىل ئۆلچەم بويىچە ئۆتۈش ، جانلىق ، پائالىيەتچان ئوقۇغۇچىلارغا ئۆلۈك ھالدا مۇئامىلە قىلىش ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا يېڭىلىقتىن ، ئىجادىيلىقتىن خالىي ، تەجىربە –ساۋاقلار ئاساسىدا ئۆزىنى يېڭىلمايدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇشى ئۇلارنىڭ ، جۈملىدىن مائارىپىمىزنىڭ مەغلۇبىيىتى . سىزچىچۇ ؟ bU/YU0ZIT  
Nx E=^ v  
 ئەدىبلىرىمىز يازغۇچى ، شائىرلىقنىڭ مەلۇم مۇقامىغا يەتكەندە  ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب شەكىللەندۈرىدۇ ، مېنىڭچە ، ئوقۇتقۇچىلىقتىمۇ ئۆزىمىزگە خاس ئۇسلۇب شەكىللىنىدۇ دەپ قارايمەن ، سىزنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۆزىڭىزگە خاس قانداق ئۇسلۇبىڭىز بارلىقىغا كۆپچىلىك چوقۇم قىزىقىدۇ دەپ ئويلايمەن . ،سىزنىڭ سىزگە خاس ئۇسلۇبىڭىزدىن ھەممىمىز خەۋەردار بولۇپ، ئۇنىڭدىن دەرسخانا ئەمەلىيىتىمىزدە ئىجادىي ھالدا پايدىلانساق قانداق دەيسىز ؟ POX{;[SV  
JC;&]S.  
ئۇزچاق :    ھەممىمىزگە مەلۇم مائارىپ قارشى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇدۇ، شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا مائارىپ ئەمىليىتىمىزمۇ ئۆزگىرىپ تۇرۇدۇ ، شۇڭا ئوقۇتۇشتا مۇقىم قىلىپلىق نەرسە بولمايدۇ.  كونىرغان نەرسىلەرنى تازلاپ چىقىرىپ ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېڭى ئۇسۇل چارىلەرنى تېپىپ بېقىش مېنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىمدىكى كەسىپ  ئىستىلىم . ئادەم بىرەر نەرسە ئۈستىدە ئىزدىنىپ بەكمۇ ئۇزاقتىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھېچنىمە ئۈستىدە ئىزدەنمىگەنلىكىنى ،تەكرار  ئەمگەك قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالىدىكەن. مەندە بۇ خىل ھېسىيات ئالدىنقى يىلى مۇنبەردە تۇرغۇنىمغا 10 نەچچە يىل بولغان ۋاقتتا شەكىللىنىپ قالدى. ئۇدۇلدىكى خىزمەتدىشىمغا مەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلماپتىمەن دىدىم . ئۇ گاڭگىراپ ؛«سىز نىمىشقا ئوقۇتقۇچىلىق قىلماپتىمەن دەيسىز ؟›› - دەپ سورىدى.لېكىن مەن جاۋاب ئورنىغا سۈكۈتلىنىپ قالدىم.تىل –ئەدەبىيات دەرسىنىڭ  نەتىجسى چىقىۋاتقان بولسىمۇ تىل – ئەدەبىيات دەرسى ئاتتۇرۇشقا تېگىشلىك ۋەزىپىنى ھەقىقىي ئاتتۇرالماي قالغىنىمدىن ئىچىم ئېچىشىپ قالدى. چۈنكى بالىلىرىمىزدىكى كۆرۈنۈۋاتقان تۈرلۈك روھىي كېسەللەرگە تاقابىل تۇرغۇدەك ،ئۇنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولغۇدەك لايىھە ،پىلاننىڭ كەمچىللىكى ، يەنە نۇرغۇن دەرس بايلىقى بولسىمۇ، پايدىلانماسلىقتەك مەسىللەر ئالدىدا مەن راستلا گۇناھكاردەك، بالىلار چۇقۇم قىلالايدىغان ئىشلارنىمۇ مەن تارتىۋالغاندەك بىلىندى . ھەممىدىن مۇھىمى مەن قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەۋاتقان نەرسىلەر بالىنىڭ كاللىسىدىن ،ئۆزىنىڭ ھەزىم قىلىشىدىن ، تەسىرلىنىشىدىن ئەمەس مېنىڭ تەسىرلىنىشىمدىن ھاسىل بولغان نەرسىلەر ئىدى . بالىنىڭ تەسىرلىنىشى ئۈچۈن ،ئۇنىڭ تەسىرلىنىش نۇقتىسىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟ ئوقۇغۇچىنىڭ 20 ،30 يىلدىن كېيىنكى ھالىتىنى يارىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى تەھلىل قىلىشىمىز كېرەك؟  قانداق قىلغاندا  ئۇلارنىڭ ئۆسۈش قانۇنيىتىگە ئاساسەن ئىلمىي تەھلىل قىلغىلى بولۇدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر مېنى قىيناپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن دەرسخانىنىڭ ئۈنۈم مەسلىسىنى ئويلىشىپ بۇ ھەقتىكى خەنزۇچە ماتىرياللارنى ئاز –تولا كۆرگەن بولدۇم . شۇنىڭ بىلەن مۇنداق يەكۈنگە كەلدىم.  ئالدى بىلەن گۇچۇڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ، تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى. پىسخىكىسىدا ساقلىنۋاتقان كېسەللىكلەرنى يىلتىزىدىن بىلىپ كېتەلمىسەممۇ خۇلاسە قىلاي . ئائىلىلىرىمىزدىكى كېسەللىكلەرنى تېپىپ ئاندىن مەكتەپ ئەھۋالىنى قۇشۇپ ھەر قايسى تېكىستىكى مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ساغلام روھىي دۇنياسىنى يېتىلدۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشىم كېرەككەن دەپ قارىدىم . ئۇ قاراشنى ئەمىللەشتۈرۈش جەريانىدا قوللانغان ئەمىلىي مېسالدىن بىرنى سۆزلەپ بېرەي. « دەرستىن ئاۋالقى 3 مىنوت ›› پائالىيىتىنى تەشكىللەپ 3 مىنوتتا ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپىدا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەشكە يېتەكلەش، تەسىر قىلغان ئەسەرلەر ھەققىدە سۆزلەش، تەسىر قىلغان كىشىلەر ھەققىدە سۆزلەش، پەن يېڭىلىقلىرى ھەققىدە سۆزلەش، جەمىيەتتىكى قىزىق نۇقتا ئۈستىدە سۆزلەش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇردۇم. m1xR uj]  
py'xB i6}v  
ئۇندىن باشقا ئەسەرلەرنىڭ ئارقا كۆرىنىشى ۋە يازغۇچى شائىرلارنىڭ ياشىغان مۇھىتى قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدىغان ماتىريال يىغىشنى كۈچەيتىپ بەزىدە 45 مىنوت ھېچكىم سۆزلىمەي ئېكراندا مۇناسىۋەتلىك ماتىريال كۆرسىتىش ۋە ئوقۇغۇچىلار توپلىغان ماتىرياللارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ كۆرسىتىش .ئىگە بولغان ئۇچۇرلىرىنى خاتىرلەش بىلەن ئۈتۈپ كېتىدۇ. بۇ ئىككى نۇقتا ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئەسەرلەرنى ئۆزلۈكىدىن ئوقۇپ تەھلىل قىلىپ ، دەرسخانىنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلىنىدىكەن.يۇقۇرقى جەريانلار ئەمىلىيەتتە مېنىڭ خاسلىقىم ،چۈنكى ئوقۇتۇشنىڭ جەريانىنى ،ھەقىقىي جەريانغا ئايلاندۇرۇش ،ئوقۇغۇچىنىڭ تەپەككۈرىنى تولغاقلاندۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ياشاۋاتقان شارائىتنى چۈشنەلەيدىغان ئەدەبىياتنى تۇرمۇشقا قايتۇرۇپ كېلىپ تۇرمۇشى ئىچىدىكى ئەدەبىيات ئارقىلىق ، كىتابتىكى ئەدەبىياتنى چۈشىنىدىغان ھالەتكە يېتەكلەش مۇھىمكەن. قىسقىسى ئىجادىيلىق خاسلىقنىڭ جېنى. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ھەر سائەتلىك دەرسنىڭ يېڭى بولۇش ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىشىگە ، بىلىش - تەسىرلىنىش نۇقتىسىغا ئوق ئاتالغۇدەك بىر دەرسنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرشىشنى ھازىرچە خاسلىقىم دەپ تۇراي. مېنىڭ يەنە بىر چىڭ تۇتىدىغان نۇقتام ؛ئادەتتە ئوقۇتقۇچىلار ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدىغان بىر نۇقتا يەنى دەرستىن كېيىنكى ئىنكاس خاراكتىرلىك خۇلاسە .كۆپىنچى ۋاقىتلاردا تاييارلىغان دەرسىمىزدىن باشقا يېڭى ئوي پىكىرلەر دەرسخانە ئوقۇتۇش جەريانىدا پەيدا بولىدۇ . مەن شۇ مەسىللەرنى ئوي – خىياللارنى يېزىپ مېڭىش بىلەن بىرگە ياخشى چىققان دەرسخانە ئەمىليەتلىرىنى يېزىپ قۇيىمەن ، بۇ دەرسنى تەييارلاشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى.  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى يازغان ماقاللىرى ،كۈندىلىك خاتىرلىرىنى يىغىپ توپلاپ ئۇنى كېيىنكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن دەرس بايلىقىغا ئايلاندۇرۇشقاكۈچ چىقىرىمەن. w6pXF5ur>  
R dNL f  
  pbw{EzM  
qdxaP% p2  
ئۆزقان:   ئۇزچاق ، ئاڭلىسام ، يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان مۇشۇ ھەقتە ئاز بولمىغان ئىزدىنىشلەرنى قىلىپسىز ، ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپسىز ، لېكسىيەلەرنى سۆزلەپسىز  ، مۇنبەر ئەھلىگىمۇ مۇشۇ ھەقتە تەۋسىيەلىرىڭىز بولسا ئاڭلاپ باقساق قانداق ؟ ,]]*}4[r  
AWKJ@&pA9m  
'4Fwh]Ee  
ئۇزچاق : ~E!kx  
R= F_U  
بولىدۇ. نەچىنچى يىللىقى ئېنىق ئېسىمدە يوق بىر قېتىم شىنجاڭ ئونۋېرستىتىدا يېڭى دەرس بويىچە تەربىيلىنىشكە قاتنىشىپ، كىملىكىنىمۇ بىلمەيمەن،  مۇنازىرە جەريانىدا بىر ئوقۇتقۇچىنى خاپا قىلىپ قويغانىدىم . چۈنكى ، ئۇ ئوقۇتقۇچى يېڭى دەرسلىكنى ئۈتۈپمۇ باقمايلا دەرسلىكنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ساماندەك سۆزلىۋەتتى. ئۆزەمنى بىسىپ ئولتۇرۇپ باقتىم –يۇ، يەنىلا تاقەت قىلالمىدىم . چۈنكى، سۇغا چۈشۈپ بېقىپ سۇنىڭ چوڭقۇرلىقى ھەققىدە سۆز قىل دەيدىغان گەپ بار . شۇ ۋاقىتتا ئويلىغىنىم. ئەگەر يېڭى دەرس ھەققىدىكى سەلبى ئۇچۇر كۆپلەپ كەتسە ، ئۇنى شۇ سەلبى كاللىمىز ، سەلبى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ قېلىپ يەنە بىر تەرپىنى يۈتتۈرۈپ قۇيۇش مەسلىسىگە ئۇچرايمىز ؛ بۇنى پىسخلوگىيەدە ئالاھىدە ئىزاھلايدۇ. يەنە كېلىپ ئىدىيىۋى تۇنۇش ئايدىڭلاشمىغان ، بىرلىككە كەلمىگەن ئىشتىن چوڭ نەتىجە چىقىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.شۇنداق قىلىپ مەن « يېڭى دەرس بىر دېڭىز ئۇنىڭ قايسى قاتلىمىدا ئۈزسىڭىز ئوقۇتقۇچىلىق كاللىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ›› - دېگەن ئىدىم . ئۇ ئىشلارغا خېلى ئۇزاق  بولغان بولسىمۇ مەن يەنىلا شۇ پىكىرىمدە چىڭ تۇرىمەن. چۈنكى ئوقۇتقۇچىلىق تەدبىر، ئوقۇتقۇچىلىق ئەقىل ،مۇنبەرنىڭ كۈچ – قۇدۇرتىنى بەلگىلەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلارمۇ  ئەمىليىتىدىن يەكۈنلىگەن بولۇشى مۇمكىن؛ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئۇمۇم جەريانى ، دەرسلىكنى يېڭى دەپ قورقۇش، گاڭگىراش، ئىزدىنىش ،قۇبۇل قىلىش، تەجىربىلەرنى خۇلاسلەش، كەمچىلىكلىرىنى ئەمىليەت جەريانىدا خۇلاسە قىلىشتەك جەرياننى باشتىن كەچۈردى ، خۇددى ئالما شېركىتىنىڭ ماركا ئوبرازى، بىر چىشلەم چىشلەنگەن ئالمىغا ئوخشاشلا دۇنيادا مۇكەممەل نەرسە بولمايدۇ . چۇنكى شۇ نەرسىنى ئىجات قىلىۋاتقان ئادەم يارىلىشتىلا مۇكەممەل ئەمەس. شۇڭلاشقىمۇ يېڭى دەرس مەسلىسىدە مائارىپنىڭ ئۇمۇمىي جەريانى بولغان مەسلىنى بايقاش ، ھەل قىلىش، يەنە خۇلاسە قىلىش، يەنە چارە – تەدبىر تۈزۈشتەك ئاكتىپ ھالەتتە تۇرۇپ دەرس بايلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ . يەرلىك دەرس، مەكتەپ دەرسى ، شۇنداقلا مەكتەپ مەدەبىيىتى ، سىنىپ مەدەنىيىتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارنىڭ تەسىر قىلىشىش رولىدىن ئەتراپلىق پايدىلنىش شۇ ئاساستا مۇكەممەللىككە قاراپ تىرىشىش مۇھىممىكىن دەيمەن. قىسقىسى:  ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيەلىنىشى ئاساس ، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق روھى نۇرغۇن كەمچىلىك تەرەپلەرنى تولۇقلاشتىكى يادىرو. ئۆزىنى قۇشۇمچە ئورۇنغا قۇيۇۋېلىش ،باشقىلار تېخى ئىنكار قىلمىغان نەرسىنى ئىنكار قىلىش ھالىتىدە تۇرۇش ، ئۆزىدىكى مەسىلىنى ئويلىماي تۇرۇپ، باشقا نەرسىدىن سەۋەب ئىزدەش بىزنى مەھكۇملۇققا باشلايدۇ. شۇڭا دەرسلىك ئۆزگۈرۈشنى ئاساس قىلغان دەرس ئۆزگىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، دەرسخانىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھەقىقىي باغچىغا ئايلاندۇرۇش دەرس ئالدىغا قۇشۇلغان «يېڭى ›› سۈپىتىنى سۈپەت دەرىيجىسىگە كۈتۈردىغان زۆرۈريەت!   yMTO5~U{  
'tvuw\hhL  
  9dBxCdpu  
&aLTy&8Fv  
  ئۆزقان: }kqh [`:  
@MES.g  
r ;RYGLx  
|Ns4^2  
日期:2011-9-29 ca g5w~Px  
uzqak  8tx*z"2S  
22:24:59 {N4 'g_  
assalamu alaykum, munbar eqilwatamdu ya zm&[K53  
 ozqan  xt^1,V4Ei~  
22:26:07 32ki ?\ P  
we alaykum assalam , eqilmaywatidu . XoKgs,y4  
uzqak  X:W\EeH  
22:26:25 poQ_r <I  
nima bolgandu  MLd; UHU  
uzqak  KrGl}|  
22:31:50 S`s]zdUTP  
man sal ansirap kaldim aran muxunqa bolganda.... 6"Fn$ :l?  
uzqak  `9~ %6N?7#  
22:32:54 5(1:^:LGK  
sizga birar hawiri kalmidimu  zG!nqSDG  
 ozqan  ' W/M>!X  
22:33:01 KWTV!Wxb=K  
 yak  *[Hrbln  
uzqak  )P$(]{  
22:33:48 X/!_>@`7?  
hawiri kelip kalsa manga yollap kuyuxni untup kalmang  8hRcB[F~S  
 ئۇزچاق ، يادىڭىزدا ھەقاچان ، يۇقىردىكى مەزمۇن  سىز بىلەن مېنىڭ تۇنجى قېتىملىق كوت-كوت پارىڭىزمىز ، مەن سىز بىلەن «تەۋپىق» مۇنبىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئىبارەت ئورتاق تېما بىلەن ئالاقىنى باشلىغان  . شۇ چاغدا مەن سىزنىڭ «تەۋپىق»نىڭ كوت-كوت توپىدىن مېنىڭ نومۇرۇمنى تېپىپ تەۋپىقنىڭ ئېچىلماي قالغان ئەھۋالىدىن ئەنسىرىگەن ھالىتىڭىز سىز ھەققىدە مەندە قىزىقىش قوزغىغانىدى ،سىز يەنە بىر ماقالىڭىزدە «بىزنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرى كەسىپلىشىشكە ، ئىلمىيلىشىشكە ، يېڭىلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ قېلىپلىشىشقا ئېھتىياجلىق . بىزنىڭ تورچىلىقىمىزدا مەخسۇسلاشقان دەرس لايىھىسى ، دەرس دىتالى سەھىپىسى ، مەخسۇسلاشقان بالىلار پىراگراممىلىرى، مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سوراش سەھىپىلىرى، بالىلار تەربىيەسى ھەققىدىكى مەخسۇس سەھىپىلەر يوق. تورچىلىقىمىز ئەمدىلەتىن تەمتىلەپ مېڭىۋاتقان بۇۋاققا ئوخشايدۇ .ئۇنى پەپىلەپ ئەللەيلىتىپ چوڭ قىلىش كېرەك ،چۈنكى ئۇ بىزنىڭ زامىنىۋېلىشىشىمىزنىڭ، دەۋىرگە يېقىنلىشىشىمىزنىڭ ئىپادىسى. ئۇيغۇر تىل- يېزىقىمىزغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇشتىكى ۋاستە بۇلۇپلا قالماي، ئۇيغۇر تىل -يېزىقىمىزنىڭ يېڭى دەۋىردىكى يېڭىچە بەيگىگە ئاتلىنىشى »  دەپ يازغانىدىڭىز ... oy+|:[v:Fk  
nF3}wCe)  
 بۈگۈن مەن كۆپچىلىك بىلەن دەرقەمدە تۇرۇپ سىزنىڭ تەۋپىققا نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزنى ،«تەۋپىق» ھەققىدە  نېمىدىن ئەنسىرەپ ، نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ باقسام بولامدۇ ؟ Dfs^W{YA  
C% -Tw]T$_  
  J[lC$X[  
0ix(1`Z  
ئۇزچاق :   بۇ ھەقتە تەۋپېىتىكى كەسىپداشلار بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا بىر ئورتاق تىل بار. ئۇ بولسىمۇ، تىل – ئەدەبىيات دەرسى . نۇرغۇن تىل- ئەدەبىيات دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ زامانىۋىي ۋاستىدىن پايدىلىنىپ بىر يەرگە جەم بولىشى ھەمكارلىشىشىشىنى ئالەمچە ياخشى ئىش دېيىشكە بولىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن ھەر قانداق بىر مەدەنىيەتنى تارقىتىش ھەمكارلىقسىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. تور مەدەنىيىتى  تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مەدەنىيىتىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس،. تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مەدەنىيىتى دېگەن ئاتالغۇنى ئالدىنىقى كۈنى(خەنزۇچە مۇنبەردىن )  كۆرۈپ راستلا سەل ھەيران قالدىم . ھەممىلا ئاتالغۇلارنىڭ ئالدىغا مەدەنىيەتنى قۇشۇۋالسا بولامدىغاندۇ يا ؟-دەپ ياخشاراق ئويلاپ باقسام ئوقۇتۇش راست مەدەنىيەتكەن. ئەمدى تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتىشى مەدەنىيىتىنى قانداق چۈشىنىمىز ؟ ھازىر بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى بەك تېز. بۇرۇن 10 يىلدىن كېيىن ئۈگەنگەن نەرسىلىرىمىزنى كونىردى دەپ قارىساق ھازىر 3 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئۈگەنگەنلىرىمىز كونىرايدۇ. يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا مۇئەللىملەر بىلىمى يەتمەيۋاتقاندەك ،ئوقۇتۇشتىكى مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرالمايۋاتقاندەك ھالەتنىڭ شەكىللىنىشى دەل بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئالدى بىلەن مۇنبىرىمىز ھەرقايسى كەسىپداشلارنىڭ تەجىربىلىرى ئارقىلىق بىزنىڭ بىلىمىمىزنى يېڭىلايدۇ . ئۇ مەدەنىيەت بۆشىكى. v[L+PD U  
@i ~A7L0/  
يەنى بىر جەھەتتىن تىل – ئەدەبىياتنىڭ گۇمانتارلىقى ئادەمنى ئادەم قىلىشقا يېتەكلەيدىغان كۈچ. بۇ كۈچنىڭ مەزمونلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ئادەمنىڭ مەدەنىيەتلىك ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېزىقچىلىق ، تارىخىي بىلىملەر دېگەندەك كۆپ قاتلاملارنى تەھلىل قىلساق تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئوقۇتقۇچىلاردىن مەدەنىيەت تەلەپ قىلىدىغان ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئاشۇرۇش تەلىۋىنى ئىزچىل قۇيۇپ كېلىۋاتقان پەنلەرنىڭ بىرى . ئادەمنىڭ تەرەقىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئادەمنى ئادەم ئورنىدا مۇئامىلە قىلىش، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ قاتلاملىقىنى ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق نۇقتىلاردىن ئالساقمۇ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشنىڭ ئۆزى مەدەنىيەت. ھەمكارلىق بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىشى مەغلۇبىيەتلىك بولىدۇ. شۇ نۇقتىدىن ئالغاندا تەۋپېقتىن ئىبارەت ھەمكارلىق سەھنىسىنىڭ بولۇشى تىل – ئەدەبىيات ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىمىزدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى. ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئوت يۈرەكلەرنىڭ خالىس ئەجرى سىڭگەن. ئەنسىرەيدىغىنىم ؛ يۈزەكى بىلىشتىن ، يۈزەكىي ھېسىيات يەنە ھېسىياتتا كەينىنى ئويلىماي پارتىلاش كۆرۈنىدۇ . شۇنداق پارتىلاش بىلەن يېزىلغان ئىنكاس ياكى يازمىلار بىلەن مۇنبەر تاقىلىپ قالسا بۇ چوڭ بىر يۇقىتىش بولىدۇ.مېنىڭچە :  زىيالىلار ئازار يەيدىغان، ياخشى ئۇچۇرلار كەم تارقىلىدىغان، سەلبىي ئۇچۇرلارنىڭ قاپلاش دەرىجىسى ئېشىپ بۇ ئۇچۇرلارنىڭ راست يالغانلىقىنى ئايرىشقا كۆڭۈل بۆلۈشتىن بەكرەك ، ئىشنىڭ سەلبى تەرىپىنى ئويلاپ ئۆزىدىن ئۆزى ئۈركۈيدىغان ، گۇمانلىنىدىغان ھالەتنىڭ شەكىللىنىشى بەك خەتەرلىك . چۈنكى بۇنداق مۇھىتتا بىلىم ۋە ئىلمىي ئىسپات ئۆز قىممىتىنى كۆرسىتىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. تەۋپىق مۇنبىرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ئۇ ئىلمىي تەتقىقاتنى ئاساس قىلغان ، خەلقىمىزنىڭ روھىغا سەلبى ئۇچۇرنى قاچىلاپ قويمايدۇ .ئۇنىڭ ئەۋزەللىكىنى ۋايىغا يەتكۈزۈش ھەر بىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. b 
,Zmjw@ w  
قىسقىسى، كىمدۇر بىرى ئېيتقاندەك ؛« 80% نامراتلار نامراتلىق تەپەككۈرىدە تۇرۇپ دۇنيانى تەھلىل قىلىدۇ. تەپەككۈردىكى نامراتلىق بىر بىرىنى زەرەتلىگەندەكلا . تەپەككۈردىكى ئۆتكۈرلىكمۇ نۇرغۇن ئادەمنى زەرەتلەيدۇ.››  { Zgd  
 
بۇيەردە ئىلغار ئىدىيە ،ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىدىن زەرەتلىنىشمۇ مەن ئۈچۈن بىر خىل ھۇزۇر. يەنە مۇنداق بىر ئېغىز سۆز بار؛ «مىننەتدارلىقنى بىلگەن ئادەم تەقدىم قىلالايدۇ›› دەيدىغان. مەن تەۋپىقداشلارنىڭ مىننەتدارلىق ئىچىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەقدىم قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن! #@FA=p[%  
  '=0}2sF>  
ZV gfrvZP  
t5{P'v9J  
  ئۆزقان:   تۆۋەندىكى سوئاللارنى سىز ماقالىڭىزدا كۆپچىلىككە قويغان ، مەن بۇ سوئاللارنى سىزدىنمۇ  سوراپ باقسام قانداق ؟ بۇ سوئاللار ئەمەلىيەتتە ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزگە دائىم قويۇپ تۇرىدىغان ، جاۋاب ئورنىغا بىرەر ئەمەلىي ئىش –پائالىيەت ئۈچۈن قەدەم ئالىدىغان ياكى قەلەم ئالىدىغان ئىشلاركەن ، سىزمۇ شۇنداق ئويلىغانمىدىڭىز ، ئۇزچاق ؟ tA#Pc6zBuC  
سىز كۈندە كەسپىڭىزگە دائىر ماتىرىيال كۆرەمىسىز؟ شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى ياكى مائارىپ ژورنىلى كۆرەمسىز؟ توردا كەسىپداشلىرىڭىز بىلەن كەسىپ توغرىسىدا داۋاملىق پىكىرلىشەمسىز؟ ئۆزلىگىڭىزدىن ئۆگىنىش ۋاقتىڭىز قانچىلىك ؟ ھەر سائەتلىك دەرسنى ئوچۇق دەرس قىلىدىغاندەك ھالەتتە ئۆتەلەمسىز؟ بالىلارنىڭ پېسخىكىلىق ئاجىزلىقىنى يېڭىشنى دەرس لايىھىڭىزگە كىرگۈزەمسىز؟ بىر كۈندە ئەڭ كۆپ قىلىدىغان ئىشىڭىز نېمە؟ .... lp}S'^ y  
Gd!-fqNa'x  
  7IxeSxXH  
(H_dZL  
ئۇزچاق :    بۇ سۇئاللارنى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىدىن سوراپ تۇرۇش كېرەك دەپ قاراپ « كەسىپ ›› توغرسىدىكى تەكشۈرۈشنامەمگە كىرگۈزۈپ قويغان ئىدىم . مېنىڭچە يۇقۇردىكى نۇرغۇن جاۋابلاردىن بۇ سۇئالنىڭ جاۋابلىرى چىقىپ بولدى دەپ قارايمەن.ئۆگىنىشنىڭ گېپى چىقسا مەن سەل ئەپسۇسلىنىپ قالىمەن . چۈنكى خىزمەت تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن ئىككى قېتىملىق ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدىم . شۇڭلاشقىمۇ پۇرسەت غەنىمەت دېگەن سۆزگە بەكرەك ئىشىنىمەن.  تۇلۇقلاپ قۇيىدىغانلىرىم . بوش ۋاقتتىن قانداق پايدىلىنىش مەسلىسى جاۋاب تېپىش بىر قەدەر تەس مەسىللەرنىڭ بىرى.  نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ماتىريال كۆرۈدىغانغا ۋاقت يوقلىقىدىن ئاغرىنىدۇ. مەن ئادەتتە كەلگەن گېزىت – ژورناللارنى سومكامغا سېلىپ قۇيۇمەن. دەرسخانىغا كىرگەندىمۇ ئوقۇغۇچىلار ھەمكارلىشىپ ئۆگەنگەندە ماڭا ئېھتىياجى چۈشمىگەندە گېزىت – ژورناللارنى كۆرىمەن. بۇ باللارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈشتىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن. كۈندىلىك دەرسكە تەييارلىقنى ياخشى قىلىشمۇ بىزنى نۇرغۇن ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساس ئامىل . چۈنكى، دەرس بايلىقىنى ھەقىقىي ئېچىش ۋە پايدىلىنىش جەريانى ھەقىقىي بىلىم ئېلىش جەريانى .ئوقۇتقۇچى شۇ دەرسكە تەييارلىق قىلىش بىلەن بىرگە ئىلگىرلەيدۇ. مۇھىم تەۋسىيەيىمدىن بىرى، ئوقۇتقۇچىلار گەرچە ئانا تىل ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ ،خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشنى بوشاشتۇرماسلىقى كېرەك . چۈنكى ئوقۇغۇچىلارنى ئىلغار پەن تېخنىكا ئۇچۇرلىرىدىن ئايرىپ قويغان ، ھەمكارلىق كەيپىياتىنى يېتىلدۈرەلمىگەن .كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىلغارلىقىنى قۇبۇل قىلىش جەريانىدا ئاندىن تەرەقىي قىلىدىغانلىقىنى ،ئاكتىپ روھىي ھالەتنىڭ ھازىرقى مەۋجۇتلىقىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ،كۆپ خىل يوللار بىلەن ئوقۇتۇشقا سىڭدۈرەلمىگەن ئوقۇتۇشنى ئوقۇتۇش دېيىشمۇ سەل ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. necY/&Ld-  
-m@c{&r  
مەن ئۆزەم ياخشىكەن دەپ قارىغان بىر ئەمىلىي مىسالنى كەسىپداشلارنىڭ دېققىتىگە سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ قالدىم.2009 –يىلى دۆلەت دەرىجىلىك تېما تەتقىقاتى گۇۋاھنامىسىنى ئېلىشتا مېنىڭ ئەڭ قىينالغىنىم يەنىلا تىل ئۆتكىلى بولدى. ھەممىمىزگە مەلۇم ،مەلۇم كۆز قاراشنى  قىيداش، داتلاش، ئانچە مۇنچە چۇقۇپ قۇيۇش ھالىتى ھېچكىمنى قايىل قىلالمايدۇ، ئۇنى ھەل قىلىش نۇرغۇن ئىلمىي ئەمگەكنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى، جەريانى، ئاقىۋىتى ياكى نەتىجىسىنى ئىلمىي ئاساسلار بىلەن قايىل قىلارلىق ئىپادلەشتىمۇ يەنە نۇرغۇن ماتىرياللارغا ئېھتىياجلىق بولىمىز. ئىلمىيلىق يولىمىزنى يورۇتۇپ كۈچىمىزگە كۈچ قۇشىدۇ . ئۆزىمىز ئۇچراۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سىياسەت ، تۈزۈملەردىن ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن يەنىلا تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.  مەكتىپىمىزدىكى خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار بۇندىن 3 يىل ئىلگىرى مەملىكەت بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ دو لان كو  مەكتىپىگە ئۈگىنىشكە بېرىپ ئۇ يەرنىڭ تەجىربىلىرىنى ئېلىپ كەلدى. مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىگەنلىرىگە ئاساسەن سىناب باقساممۇ تازا كېلىشتۈرەلمەي قالدىم. شۇنىڭ بىلەن توردىن ئۇ مەكتەپكە مۇناسىۋەتلىك فىلىم ياكى ماتىرياللارنى كۆرۈپ ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. بەزىدە ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش ئۈچۈنمۇ ئۇلارنىڭ فىلىملىرىنى كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدىم .  ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆزىمىز بىلەن بولغان پەرقىمىزنى سۆزلىتىپ ئۇنىمۇ دەرس بايلىقىغا ئايلاندۇرىۋالدىم. قىسقىسى، ئۇچۇر دەۋرىدە ئۇچۇرلىشىش ئۈچۈن ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش كېرەك . ئىلغار ئۇچۇرلارنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنى مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا چۇقۇم كاللىمىزدىكى تەرەقىياتىمىزغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنىڭ ئورنىغا پايدىلىق ئۇچۇرلارنى قاچىلىشىمىز زۆرۈر! كەسىپداشلار ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىق شەخسىيىتىمىزدىن ھالقىغان ھەمكارلىقلا ئاندىن بىزنىڭ يولىمىزنى تېخىمۇ يورۇق قىلىدۇ. ھاياتلىق يەككىلىكنى ئەمەس توپلىقنى ، توپنىڭ ئۇمۇمىي ساپاسىنى بەكرەك تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇڭا ئۆگىنىش – پەرز! ئۆگىنىشنىڭ تۈرى كۆپ خىل . بىز ئادەتتە ئانچە دىقەت قىلىپ بولالمايدىغان بىر ئۆگىنىش شەكلى بار . ئۇ بولسىمۇ باشقىلارنى يېتەكلەپ قۇيۇش، ۋە باشقىلارنىڭ يېتەكلىيەلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئاساسىدىكى ئۆگىنىش شۇڭا تەۋسىيەيىم باشقىلارنى ئېتىراپ قىلىشنى ، باشقىلارنىڭ ئەمگىگىنى ھۈرمەت قىلىشنى ، باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېنىكلىتىشنى ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشنى بىلىش ئۆگىنىشمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنىڭ ئاساسى !  «ئۈچ ئەجدات تىرىشىپ بىر ئەۋلادنى يېتىلدۈرىدۇ ›› دېگەن سۆز بار . قىسقىسى ،بۈگۈنكى تىرىشچانلىقىمىز ئەتىكى نەتىجىنىڭ باشلىنىشى ! ئاخىردا بارلىق تەۋپىقداشلارغا سالامەتلىك ۋە تەۋپېقچە روھ تىللەيمەن! -K/+}4i3N  
+iC:/CJL  
cb_C2+%8NA  
CmB_g?K  
  ئۆزقان: مائارىپ مۇنبىرى بولغان تەۋپىق مۇنبىرىدە سىزدەك ئىزدەنگۈچىلەر بىلەن قىلىشىدىغان پارىڭىمىز ھەرگىز تۈگىمەيدۇ ، مەن ئەسلى سىز بىلەن يەنە مەكتەپلىرىمىزدە تولىمۇ مۇھىم بولىۋاتقان بىر قىسىم تېمىلار ھەققىدە سۆزلىشىشنى ئويلىغانىدىم ، لېكىن پۇرسەتلەر يەنە بارغۇ ، تەۋپىقتە سىز ۋە مەن شۇنداقلا كۆپچىلىك «ئىزچىلىق»تىن ئىبارەت بايراققا چىڭ يېپىشىدىغانلا بولساق ، يەنە پۇرسەتلەر ھەممىمىزگە كۆپ دېگەننى ئويلاپ قالدىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ مۇنبىرىمىزگە يوللىغان «تەتقىقات تېمىسى ھەققىدە » ، «مەكتەپ دەرسى ھەققىدە » ، «كوللىكتىپ دەرس تەييارلىقى ھەققىدە » ، « دەرس ئاڭلاش ۋە باھالاش ھەققىدە » دېگەن ماقالىلىرىڭىزدىن سىزدىن سورىماقچى بولغان نۇرغۇن سوئاللارنىڭ جاۋابى چىققاچ ، كۆپچىلىككە مۇشۇ تېمىلارنى تەۋسىيە قىلغاچ سۆھبىتىمىزنى ھازىرچە ئاخىرلاشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم . Xy(QK2|  
W5u5!L/  
ئۇزچاق ، ئۇزقىزچاق ، ئۇز مۇەللىمىچاق ... ئاخىرىدا سىزنىڭ تېنىڭىزگە سالامەتلىك ، جان كۆيدۈرۈپ قىلىدىغان كەسپىڭىزگە ئۇتۇق ، سىز دەرس بېرىدىغان بالىلىرىڭىزغا داۋاملىق ئامەت تىلەپ ،شۇنداقلا تەۋپىق مۇنبىرىمىز ئورۇنلاشتۇرغان  بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزنى قوللاپ قۇۋەتلەپ بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈرلەر بىلدۈرىمەن . ھارمىغايسىز ... cB,^?djJ3  
.OJG o<#$f  
تەۋپىقتىكى قېرىنداشلار سىلەرگىمۇ سالامەتلىك ، ئىزچىللىق ، ئىزدىنشلەر ھەرقاچان ھەمراھ بولغاي. ئاخىرىدا ئۇزچاق   يازغان تۆۋەندىكى مىسرالارنى كۆپچىلىككە تەقدىم قىلىمەن : <pk*z9   
4(\1z6?D  
يۈكسەك بۇرۇچ ، x[t?hl=:  
يۈكسەك ۋەزىپە، NZ`6iK-V_  
يۈكسەك نىشان، z*nztvY@e  
ئالىي تىلەكلەر! LzXIqj'H7T  
روھنى تاۋلاپ تۇرۇدۇ كۈندە! m";8 nm  
ئۇ ئېيتىپ بەردى ئەۋلادلىرىغا، M]\"]H?  
نۇرغۇن نەرسىنى ،  =L$RY2S"  
ۋىژدانى بىلەن ! w*SFQ_6YE  
سۆزلەپ بەردى ! fv3)#>Dgp>  
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالىي بۇرچىنى! *7Sg8\wDn  
9.goO|~B~  
  YpZ 9h@,  
28+ Sz>SP  

koksangun 2012-01-18 10:46
ئۇزچاقنىڭ ھايات تارىخى تىنىمسىز ئىزدىنىش ، يېڭىلىق يارىتىش ، ئۆز مەۋجۇدلىقىنى ئىپادىلەش ، قىلىۋاتقان خىزمىتىگە مۇھەببەت باغلاپ نەتىجە قازىنىش ، ئەتراپىدىكىلەر ئۈچۈن ئاسانلىق ، قۇلايلىقلارنى يارىتىش ، ئەۋلادلارنى بۈگۈننىڭ تەلەپلىرىگە ماسلىشالايدىغان ، ئىلىم ئارقىلىق قەد كۆتىرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيدىغان قىلىشقا ئاتلانغان ھاياتتۇر . ئۇنىڭ ئۆزى ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان قامۇسقا ئوخشايدۇ . ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزىنى يېڭىلاش ئۈچۈن بەدەللەرنى تۆلەشكە تەييار تۇرىدىغان بىر خىل روھنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس . #ox 9&  
ئۇزچاق مۇستەقىل تەپەككۇرغا ، مەيدانغا ئىگە تەۋرەنمەس زىيالىي . ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىدۇر . يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ھەققىدىكى بايانلىرىدىن ئۇنىڭ مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ، يېڭى مۇساپىسى ، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن زېھىن سەرپ قىلىۋاتقان ھارماس - تالماس سىماسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز . ~5r=FF6  
ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى يېڭىلىقلار ، كىشى دېمىگەننى دەيدىغان دادىل روھى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ . !6lOIgn  
ئۇنىڭ كۆزنەك ، كۆزنەكلەردىن پايدىلىنالايدىغان ئىقتىدارى ، ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈۋاتقان بۇ رىقابەتلىك بىر پەسىلدە ۋاقىتنى ئىلمىي ۋە جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، نۇرغۇن ئىزگۈ ئىشلارغا ھەممىنى يېتىشتۇرۇپ مېڭىۋاتقان ھەرىكىتى ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈپ ، ھاياتنى  بىمەنىلىككە تولدۇرىۋاتقانلارنىڭ روھىدا چالغىتىش پەيدا قىلىدۇ . L/~D 
... B[CA 5Ry  
مەن ھەممىنى دەپ بولالمىغان بولساممۇ ، مېنىڭ نەزەرىمدە ، بۇ مەن بىلىدىغان ئۇزچاقتۇر .

koksangun 2012-01-18 10:47
« تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مەدەنىيىتى » دېگەن ئاتالغۇنى مەن تۇنجى ئاڭلىشىم ، بۇ ئاتالغۇنىڭ قوللىنىلىشىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم ...

maruza 2012-01-18 21:55
ھەقىقەتەن ھەسەل ھەرىسىدەك يىغقان ئەجرىلىرىڭىزگە كۆز يومالمايمىز .ئوقۇتقۇچى ھەقىقەتەن جاپاكەشتۇر.خىزمەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق  تىلەيمەن .

tawpek 2012-01-18 22:25
ئوقوپ شۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتتىم، لىكىن ئۇزچاق زىيارەت قىلىنغان فىلىمنىڭ يوقلىقى سەل كۆڭلۆمنى يىرىم قىلدى. |.U)ll(c  
dh - ,E  
P:xT0g tt  
ئىرىشكەن شەرەپلىرىڭىزدىن ئىشخانىدىكىلەر نىمىشقىدۇر ئۆزلىرىمىزنى بىرخىل بىچارە ھىس قىلىپ قالدۇق. bn9;7`>.  
?h8{xa5b  
ياخشى نەرسىلەرنى تىپىۋالسام پەقەت ئىچىمدە ئوقىيالمايدىغان ئادىتىمنىڭ تەسىرىدە ئۆزقان ھەدىمىزنىڭ باشلىغان بۇ يولى ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە تەسىر قىلىۋاتقىننى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. [tT8_}v$LN  
c7uG9  
قىسقىسى بۇ تىمىدىن ئۆزدىيارىم مائارىپى ھەققىدە ئويلىنىشلىرىمنى ئۇزچاقنىڭ تۆۋەنكى بىر جۈملە سۆزى ئىپادە قىلىپتۇ: ;F:fM!l=  
lJ;J~>  
ئىدىيىۋى تۇنۇش ئايدىڭلاشمىغان ، بىرلىككە كەلمىگەن ئىشتىن چوڭ نەتىجە چىقىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. iO w3MfO  
vYmSKS  
بىزدە مۇشۇ ئىدىيۋى تونوشنىڭ ئايدىڭلاشمايۋاتقىنى ئىنىق. ;#+0L$ 
2/P"7A=<  
بىز ئوقوتقۇچىلاردا بىلىم ئىقتىدار كەمچىل ئەمەسكەن پەقەت ئۆزىنى بىغىشلاش روھى كەسىپتىن مۇھىتتىن قاخشاشنىڭ ئورنىغا دەسسىگەندە مۇشۇنداق روھ ئىگىللىرىگە ئىغزىمىزنى ئىچىپ ھەيران قىلىشلىرىمىز ئازىيدىغان ئوخشايدۇ.

istami 2012-01-18 23:22
 نېمىس پەيلاسۇپى فېدىرىخ نىچىشىنىڭ‹‹مەن ئرادىسىنى ھەركەتكە ئايلاندۇرالايدىغان،ھەركىتى ئرادىسىدىنمۇ چىڭ كىشىلەرنى سۆيىمەن››دېگەن ھېكمىتى مېنى بەك سۆيۈندۈردۇ ھەم ئويلاندۇردۇ.يۇقارقى سۆھبەتتە ئوتتۇرغا قويۇلغان مەسىلىلەر ئارقىلىق ئۆز كەسپىنى سۆيىدىغان،مەسئۇلىيەتچان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى كۆرۈپ يەتكەندەك بولدۇم.مېنىڭچە، ئۈزچاق مائارىپ سېپىمىزدىكى ئرادىسىنى ھەركەتكە ئايلاندۇرالايدىغان،ھەركىتى ئرادىسىدىنمۇ چىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئوقۇتقۇچى ئىكەن.تەۋپىق روھى مانا مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكى بىلەن ئەمىن تاپقۇسى!

nazperwer 2012-01-18 23:32
      نەچچە ئاي ئىگىرى (توغرىسى ئۆتكەن يىلى )ئۆزقان بىلەن ئاتىللانىڭ سۆھبىتىنى ئوقۇۋېتىپ ،ئاتتىللانىڭ ئىش ئىزلىرىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش كەلگەن ئىدى ، بۇ قېتىقى مۇھاكىمە يىغىىنىدا ئاتتىللا بىلەن دىدارلىش نىسىپ بولۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم تېخمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. ئىھ،ئاددىي ئوقۇتقۇچى ، ئېھ ،مېھنەتكەش باغۋەن...دېگەن ئىدىم ئىچىمدە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئۆزىنى مىللىي مائارىپمىزغا بېغىشلاش روھىدىن ،ئاددىي-ساددىيلىقىدىن ،پىكىرنىڭ تېرەنلىكىدىن يەنە بىر قېتىم تەسىرلىنىپ. مۇھاكىمەيىغىنىدىن قايتىپ كېلىپمۇ ئۇزاققىچە ئاتتىللا، كۆكسانغۇن ھەم ئۆزقانلارنىڭ ئادىيلىق ئىچىدىكى مىننەتسىز مېھنەت تۆكۈش روھى، تىنىمسىز ئىزدىنىشتەك خىسلەتلىرى .. قىسقىسى ، مىللىي مائارىپىمىز ئۈچۈن پۈتۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىشتەك پەزىلەتلىرى كۆز ئالدىمدىىن بىردەممۇ نېرى كەتمەي، مېنىڭ روھىمدا بەزەن -بەزەندە باش كۆتۈرۈپ قالىدغان ئۇنۋان ئۈچۈن ئىشلەش،مۇئاش ئۈچۈن ئىشلەش ،ئەلا بولۇش ئۈچۈن ئىشلەش  .. يەنە قانداقتۇر نەپكە ئېرىشىش ئۈچۈنلا ئىزدىنىدىغان چىرىندە پىكىر -خىياللرىم ئۈچۈن مېنى  مىڭلارچە پۇشايمانغا قويغان ،يۈزلىرىمنى خۇددى لازا يەۋالغاندەك قىزارتقان ئىدى ،مانا بۈگۈن ئۆزقان بىلەن ئۇزچاقنىڭ سۆھبىتىنى ئوقۇپ، ئۇزچاقنىڭ ئىش-ئىزلرى ،كەسپكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، تىنىمسىز ئىزدىنىش روھى مېنى تېخىمۇ سەگىتتى. قەلبىم تەسۋىرلىگۈسىز خۇشھاللىقتا   ھاياجان بىلەن سۆھبەت خاتىرىسىنى باشتىن -ئاخىر ئوقۇپ چىقتم . z(RL< N%  
  شۇنداق ئاتىلللا ،ئۇزچاقلار ھەرئىككىلىسى  بىزگە ئوخشاش مائارىپنىڭ نېنىنى يەۋەتقانلار. ئۆخشاش تىلدا سۆزلەپ ،ئوخشاش ھاۋادىن نەپەسلىنىۋاتقان كەسپداشلار . لېكىن،ئۇلار ئۆز كەسپىنى بىر خىل مەجبۇرىيەت ، بىر بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان ھەقىقىي  مېھنەتكەشلەر. بىزگە ئۈلگە دېگەن يېنىمىزدىلا. بىز قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ ، تارىخىي شەخسلەرنىڭ،ناخشا-كىنو چولپانلىرىنىڭ ،باي بولۇپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ ...يەنە قانداقتۇر مۇھىم ساھەلەردە نام چىقىرىرىۋاتقانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بىلىمىزۇ ،ئەمما ئۆز يېنىمىزدىكى مۇشۇنداق تۆھپىكار باغۋەنلىرىىمزىنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن تۆكىۋاتقان ئۈن-تىنسىز ئەجرنى  كۆرمەيمىز.<<تاشمۇ چۈشكەن يېرىدەئەزىز >>.مېنىڭچە يەنىلا <<ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلىدۇ >>. ئۆزىمىزنىڭ قەدرىنى ئۆزىمىز قىلمىساق ،قەدرىمىزنى كىم قىلىدۇ ؟!قەدرىمزنى قىلمىدىڭ دەپ يەنە كىمدىن ئاغرىنىمىز ؟!شۇڭا ، بىز تەۋپىقتە مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلرىمزىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىشىمىز ،ئۇلارنىڭ ئەمگىگىنى مۇئەييەنلەشتۈرىشىمىز ،ئۇلارنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىشمىز،ئۇلارنى تونۇتۇشىمىز بەك زۆرۈر. mwv(j_  
مەن ئۆزقاننىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشىنى توختىتىپ قويماسلىقنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ھەم ئۇنىڭ بىزگە مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك سۆھبەت خاتىرىسىنى سۇنغانلىقىغا چىن دىلىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن .

تۆتتاش 2012-01-19 01:10
ياشاپ كەت ئۆزقان ھىممىتىڭدىن، [./6At&|  
ئۆزگە بال بەرگەن خىسلىتىڭدىن. p1pQU={<  
خىجىل بۇلۇپ چىقالمىدى بۇگۈن كەچ، sKz`aqI  
 ئاي بۇلۇپ قايىلىقتا ، قىممىتىڭدىن. 0.$h n  
=U[3PC-N @  
ZZ QG?("S'  
!8 &=y  
بىزگە خىزمەت ئۇسۇلى،ياشاش ئۇسۇلى ،تەپەككۈر ئۇسۇلىنى توغرا يۇرۇتۇپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

kokbilyartay 2012-01-19 23:31
ئۆزقان بىلەن ئۆزچاقنىڭ سۆھبىتىدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم. ئۆزقان ھەدەمنىڭ يۈكسەك مەسئولىيەت تۇيغۇسىدا  ئۆزچاق مۇئەللىم بىلەن قىلغان سۆھبىتىدىن مىللىي مائارىپىمىز ئۈچۈن مىننەتسىز  ئەجىر تۆكىۋاتقان، ھەقىقىي ئىنسان،ھەقىقىي باغۋەننىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى كۆردۈم، دېمىسىمۇ ھازىر ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى كەمچىل بولىۋاتىدۇ، ئوقۇغۇچىلاردىن ئاغىرىنىش سۆزلىرىنى ھەممىلا يەردە ئاڭلاۋاتىمىز، مېنىڭچە بۇ بىز ئوقۇتقۇچىلارغا ، ئاقارتقۇچىلارغا ياراشمايدۇ، ئەڭ ئەقەللىيسى بىز ھازىر ئاشۇ ھۆكۈمەت بەرگەن مائاشنى ھەقىقىي ۋىجدانى ۋە غۇرۇرى بىلەن ھالاللاپ خەجلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار____ دەل ئۆزچاق مۇئەللىمدەك ئوقۇتقۇچىلارغا ئېھتىياجلىق، ھەممىمىز ئوقۇتقۇچى، ھەممىمىز ئەۋلاد تەربىيلىگۈچىلەردۇرمىز، ئۇنداقتا بۇ سۆھبەت سىزگە ۋە ماڭا تېخىمۇ ئىلگىرلەش يولىنى ئېچىپ بېرىشتىكى ماياك بولغۇسى.  روھىي دۇنيايىمىزدىكى قاراڭغۇلۇقنى يورۇتقۇچى مەشئەل بولغۇسى.

yaxar 2012-01-23 01:04
    مەن ئۇزچاقنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن 2011- يىلى 10- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە بۆرتالادا ئىچىلغان تىل ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۆزقاننىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۇزچاقنىڭ ئۆزى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشكەندىن كىيىن ئۇچراشقان ۋە شۇندىن بىرى ئۇزچاقنىڭ تىمىلىرىنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى بولۇپ كىلىۋاتىمەن. شۇندىن بىرى مەن ئۇزچاقنىڭ روھىيىتىدىكى جۇشقۇنلۇق، تۇرگۈنلۈك، ئۈمىتۋارلىق ۋە ئاكتىپ پوزىتسىيە، پىكىرلىرىدىكى سەگەكلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق، چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭرىلىكنىڭ مەنبەسىگە ھەۋەس قىلىپ ۋە ھەيران قىلىپ يۈرگەن ئىدىم، بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى ئوقۇغاندىن كىيىن ھەيرانلىقىمغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدۇم. ئويلاپ كۆرسەم بۇنداق سەگەكلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق ئەسلى ئۇزچاقنىڭ قىنىدا، گىنىدا بار ئىكەن ئەمەسمۇ. Q)"A-"y  
  

yaxar 2012-01-23 01:08
ئويلاپ كۆرسەم ئائىلە تەربىيىسى، جەمەت ئۇدىمى دىگەنلەرمۇ بىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىگىنىڭ، كەسپىي مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنىڭ يىتىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولسىمۇ، بىراق بىردىن- بىر ئامىل ئەمەس ئىكەن، يەنە كىلىپ بۇلار يەنىلا تاشقى ئامىل ئىكەن، تارىختا بۇنداق ئەۋزەل تاشقى ئامىلنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىغانلىقىغا (ئىسىل جەمەت، ياخشى ئائىلىلەردىنمۇ ناباپ ئادەملەرنىڭ چىقىپ قالغانلىقىغا) دائىر مىساللار ناھايىتى كۆپ، شۇڭا مەن ئۇزچاقنىڭ روھىيىتىدىكى جۇشقۇنلۇق، تۇرگۈنلۈك، ئۈمىتۋارلىق ۋە ئاكتىپ پوزىتسىيە، پىكىرلىرىدىكى سەگەكلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق، چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭرىلىككە تولىمۇ قايىل.

zam-zam 2012-01-24 13:11
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئۇزچاق قېرىندىشىمىز! 8U_{|]M  
بىز سۆھبەت خاتىرىسىنى ئوقۇپ ئېيتقۇسىز ھاياجانلاندۇق. سىزدەك ئويغاق تەپەككۈرلۈك، ئۆتكۈر پىكىرلىك قېرىنداشلىرىمىز بىلەن پەخىرلىنىمىز! بارلىق-بارلىق ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەتلەر تىلەيمىز!

tawpek 2012-01-24 13:18
يىڭى ئەزالار ئۇزچاق ھەدىمىزنى ئانچە بىلىپ كەتمىسە كىرەك، ئەگەر بۇ روھ ئىەىسىنىڭ مۇنبەرگە يوللىغان ئىجاد مىھنەتلىرىدىن بەھىرلىنەي دىسىڭىز  تۆۋەندىكى ئادىرىستىن كۆرۆڭ: 1{r)L{]  
=Yt R`  
/bbs/mode.php?m=o&q=article&u=2808 4zo5}L `Y  
\9g+^vQg  
s=QAO!aw  
بۇنىڭدا ئۇزچاقنىڭ 80 پارچىگە يىقىن ئىلمى ئىزدىنىشلىرى بار.

ماھى 2012-01-30 19:28
بۇ سۆھبەتنى تولىمۇ كىچىكىپ كۆرۈپتىمەن.بەك تەسىرلەندىم،شۇڭا ھېچنىمە دىيەلمىدىم،پەقەت بىھۇدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدىن ئېچىندىم.مۇشۇنداق روھ ھەممىمىزدە بولسا دەيمەن. 7*Ej. HK  
ئۇزچاق مۇئەللىمنىڭ تىنىنىڭ سالامەت،تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ئۆتىشىنى،تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن.

laziya 2012-02-11 19:26
ئۆزقان بىلەن ئۆزچاقنىڭ سۆھبىتىدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم.

litunzira 2012-02-16 19:51
ئۆزچاق ھارمىغايسىز   مائارىپ ۋە بالىلىلىرىمىز ئۈچۈن قەلىمىڭىز گە تېخىمۇ كۆپ كۈچ- قۇۋۋەت تىلەيمەن .

tawpek 2012-02-17 23:37
ئۇزچاق ھەدىمىز مائارىپ گۈلزارى پىروگراممىسىدا مەخسۇس زىيارەت قىلىنىپتىكەن، / zB0J?  
j.w@(<=x  
لىكىن كەمتەرلىك قىلىپ فىلىمنى يوللىماپتۇ. Mc09ES   
\>:CvTzF  
مىنىڭ بەكلا كۆرگۈم بار ئىدى.

ماھى 2012-02-19 22:15
شۇ فىلىمنى ساقلاپ قويغانلار يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن.

tawpek 2012-02-19 23:32
يىراق مۇساپىلىك كومپىيۇتىرىنى ئوڭشاۋاتقاندا كۆرگەندىم، بۇنداق بولىشىنى بىلگەن بولسام ئوغورلىۋالاركەنمەن. dff#{  
8\u;Wf  
_BCT.ual  
بىزدە تورغا كۈندە نەچچە كىنو يوللانغىنى بىلەن ئۇنداق فىلىملەر بەك ئاز يوللىنىدۇ ئەمەسمۇ. _]Z$YM  
\J\vp0[nO}  
ئەگەر مۇشۇنىڭغا ۋاختى يىتىدىغان تەۋپىقداشلاردىن بولسا ئاشۇنداق پىرۇگراممىلارنى يوللاپ ماڭسا تور بىكىتىمىزدىكى يەنە بىر بوشلۇق تولوقلانغان بولاتتى. 1gL8$.B?  
H?ieNXP7{  
شۇنى مەخسەت قىلىپ ئاتايەن تور تىلىۋىزىيسى ئەكىرگەنتىم، ئەپسۇس ئۇيغۇرچە قانال يوقكەن. Q&tFv;1w6  
5 ,g$|,Shv  
ئەپسۇس سىملىق تىلىۋۇزۇر يوقتە.

qalikux 2012-03-01 17:20
ئۇزقان بىلەن  ئۇزچاقنىڭ سۆھبىتىنى ئوقۇپ بەكمۇ تەسىرلەندىم. 20نەچچە يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا ئۆزۈمنىڭ  ھىچقانچە ئىش قىلمىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.ئۇزچاقنىڭ روھىيىتىدىكى جۇشقۇنلۇق، تۇرگۈنلۈك، ئۈمىتۋارلىق ۋە ئاكتىپ پوزىتسىيە، پىكىرلىرىدىكى سەگەكلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق مېنىڭ ئۆگىنىشىمگە ئەرزىيدىكان . سىڭلىم ئۇزچاق ھارمىغايسىز  

koksangun 2012-03-13 16:48
ئۇزچاقنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى بىزگە يېڭى ئۇچۇرلارنى بېرەتتى ، يېزىلمىدىمۇ داۋامى ؟ e /ppZ>  
خۇددى تۈركىيە كىنولىرىغا ئۆرەتتە تۇرغاندەك بىر خىل ھېسسىياتتا كۈندە بىر قېتىم ئۇزچاق خاتىرىلىرى بارمىدۇ دەپ قاراپ باقىدىغان بولۇپ قالدىم ...

gulhan 2012-03-16 00:42
بۇ ئىسىل سۆھبەتنى كىچىكىپ ئوقۇغۇنىمدىن تۇلىمۇ ئەپسوسلاندىم-يۇ،  ئۇزچاق،ئۆزقاننىڭ  ئاددىي جىسىمىدىن بالقىۋاتقان پەزىلەت،خىسلەتلىرى تەسىرىدە ۋۇجودىمدىكى تۇمانلارنىڭ قۇغلانغانلىقىدىن بەكمۇ سۈيۈندىم. 9# .NPfMF  
  ئۇزچاقنىڭ مەرىپەتكە بولغان پاكىزە ئەقىدىسى،ھارماس قەدەملىرى، تىنماس ئىزدىنىشلىرى ،مىنەتسىز بەدەللىرى ۋۇجودىمنى لەرزىگە سالدى. ھەقىيقى ئۇستازنى، چىن مۇئەللىمنى تەۋپىق ئارقىلىق تۇنۇپ ،بىر مۇنبەردە تۇرۇپ ئۇنىڭ قەدەملىرىدىن ئۈلگە، ھايات مىزانلىرىدىن ئۆرنەك ئالالايدىغانلىقىمدىن بەختىيارمەن. _mq*j^u,j  
ئۇزچاق ، يىراقتىكى ھەمشىرىڭىز، دۇستىڭىز  سىزگە ھەرقاچان ئامانلىق تىلەيدۇ...

kumush 2012-03-16 16:14
بۇ تېمىنى ئۇقۇپ كوز ئالدىم پاللىدە يۇرۇپ كەتتى .ساۋاقدىشىم ياتاقدىشىم ئوزقان سىز نىمىدىگەن قالتىس .مەن ئوزەمنىڭ تولىمۇ يىراختا قالغانلىقىمنى ھىس قىلماقتىمەن .سىزنىڭ روھىڭىز ماڭا كۈچ ئاتا قىلدى.مەڭگۈ ھارمىغايسىز،

gulhan 2012-11-11 21:52
بۇ سۆھبەت خاتىرسىنى ھەر ئۇقۇسام بۇرچ تويغۇمنى بىسۋالغان بىر قەۋەت تۇپا توزۇپ كەتكەندەك تويغۇغا كېلىمەن. )Q pP1[  
ئۆزقان ھەم ئۇزچاققا سالامەتلىك تىلەيمەن.

گۇلخان0903 2012-11-11 22:27
ئۇزچاق مۇئەللىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئاجايىپ بىر قىزغىنلىق ئىچىدە ئوقۇپ چىقىپ شۇنچىلىك خىجىللىق ھىس قىلىپ كەتكەنىدىم. E3'6lv'  
مەن قايسى قىلغانلىرىم ئۈچۈن ئۈزۈمنى تىل-ئەدەبىيات مۇئەللىمى دەپ يۈرگەندىمەن.نىمە قىلغىنىمغا مەن باشقىلاردىن ياخشى دەپ يۈرگەندىمەن،شۇ خىجىلچىىلىقتا مۇنبەرگە كىرگىلىمۇ خىجىل بۇلىدىغان بۇلۇپ قالدىم.لېكىن تەۋپىق روھى يەنە مىنى كىرىشكە ،قان تۇلۇقلاشقا،ئويغىنىشقا چاقىرۋاتىدۇ.ئۇزچاق مۇئەللىم،رەھمەت سىزگە،مەنمۇ داۋاملىق تىرىشىمەن.ئۆزۈمگە يۈز كىلىش ئۈچۈن،باشقىلارغا يۈز كىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

tawpek 2012-11-11 22:46
كۈندىلىك خاتىرە 30 غا يەتتى، يەنە بىر كقىتىم سۆبەت ئىلىپ بارىدىغان ېاقىتمۇ بوپ قاپتۇ ئۇزچاقنىى

زۇلماكان 2012-11-12 18:30
ئۆزچاقنىڭ ئېيتقانلىرى بىر ئىلىم سۆيەر مەسئۇلىيەتچان مۇئەللىمنىڭ يۈرەك سۆزى!ئويلاپ قالدىم:‹‹بىزدە مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىدىن قانچىسى باردۇر؟كەسپچانلىق روھى ئۈستۈن،مەسئۇلىيەتچان،ئىزدىنىش روھى كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلاردىن يەنە قانچىسى باردۇر؟!!!!بىز ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولايلى!قېيىداپ مەسئۇلىيەتتىن قاچمايلى!››

ئەكبەرنىياز 2012-11-12 19:09
ئۆزچاقنىڭ ئېيتقانلىرى بىر ئىلىم سۆيەر مەسئۇلىيەتچان مۇئەللىمنىڭ يۈرەك سۆزى!ئويلاپ قالدىم:‹‹بىزدە مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىدىن قانچىسى باردۇر؟كەسپچانلىق روھى ئۈستۈن،مەسئۇلىيەتچان،ئىزدىنىش روھى كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلاردىن يەنە قانچىسى باردۇر؟!!!!بىز ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولايلى!قېيىداپ مەسئۇلىيەتتىن قاچمايلى!›› \HRQSfGt  
%$b 5&>q  
ھاياتلىقتا پۇلدىن ئىبارەت بۇ ۋاستە نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ روھىيىتىدە ئاساسى ئورۇننى ئىگەللەپ بولدى ، ئەمما ئۆزقان مۇئەللىم بىلەن ئۇزچاق مۇئەللىمنىڭ بۇ سۆھبىتى بۇ دۇنيادا پۇلدىنمۇ مۇھىم نەرسىنىڭ بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى . ئىشىنىمەنكى ،ئەقلى ئويغاق ، ۋىجدان - غورۇرى بىلەن ياشاۋاتقان ، نىمە قىلىش كېرەكلىگىنى ئېنىق بىلىدىغان ئۇستازلىرىمىز يەنىلا ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ ، بىزنىڭ ھەر بىر ئەجرىمىز ھامان بىر كۈنى نەتىجە بېرىدۇ ، ھەممىمىزگە ئۇتۇق يار بولغاي !!!

ئئېشەنچ 2013-11-12 22:44
مەن  بولسام   مەرزىيە  مۇئەللىمنىڭ  ئوقۇغۇچىسى . سىزدەك  بىر  ئوقۇتقۇچۇمنىڭ  بولغانلىقىدىن  ئىنتايىن   پەخىرلىنىمەن.  ھېلىمۇ  ھەم   سىزنىڭ   سوزلىرىڭىز  قۇلاق   تۈۋىمدە  جاراڭلايدۇ. سىزنىڭ  ھەر  بىر  ئېيتقان   سوزلىرىڭىزنىڭ  تۇغىرلىقى  ھازىر  مەيلى  تۇرمۇشىمىزدا  بولسۇن  مەيلى  خېزمەتتە  بولسۇن  ھەمىشە   ئېسپاتلاپ  تۇرۋاتىدۇ. سىز  ھەقىقەتەن  ئىنسان  روھىنىڭ  ئېنژىرىسىز!!!

maaripqi 2013-11-12 23:22
تەر ئاچچىق، شۇ تەردىن پۈتكەن نان تاتلىق، GlVq<RG*  
ئاپتاپتا تاۋلانغان ئىنسان قاناتلىق. e;Q~P]x  
ھوسۇلدىن تاغ بىنا قىلىمەن دېمە، eQzTb 91  
سايىدا جان باققان «ھورۇنجان» ئاتلىق. *,mbZE=<  
ئۆزۈمدىن تولىمۇ نۇمۇس ھېس قىلىۋاتىمەن.


查看完整版本: [-- ئۆزقان بىلەن ئۇزچاقنىڭ سۆھبىتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled